بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ھېكايىلەر >> تىمتاس مۇھەببەت(ھىكايە)

تىمتاس مۇھەببەت(ھىكايە)

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-26 16:40:03    كۆرۈلۈش سانى : 978  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
تىمتاس مۇھەببەت(ھىكايە) [color=#ff0000]خىيال دەپتەرلىرىمدىن : ئاقسۇ سىرى قەلمى[/color] [color=#ff0066]ھوي ساراڭ ،ھوي ساراڭ قىز ! ئارقامدىن ئەگەشكەن باللاردىن زوقلىنىپ زىمىستان سوغوقلاردا پۇتۇمنىڭ ھۇشۇقىغىچە قېلىن قارغا كىچىپ يالاڭپاچاق كىتىپ بارمەن. ساراڭ ! مىنى دەمدىغاندۇ بۇ بالىلار ؟مەن راسلام ساراڭ بولۇپ قالغاندىمەنمۇ؟چىرايلىق ئەينەكلىك دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۈتۈپ كىتىۋېتىپ تۇساتتىن ئۈزەمنىڭ سىماسىنى ئەينەكتىن كۈرۈپ قالدىم،-توۋا بۇ مەنمۇ؟چاچلىرىم كىگىزچىنىڭ ماتاسىدەك بولۇپ كەتكەن،يۈزلىرىمنىڭ ئازراق پاكىز يېرىدىن مىنى قارا تەنلىك ئەمەسلىكىمنى ھېلىمۇ بىلىۋالغىلى بولاتتى،توۋا ئايگۈل بۇ سەن شۇمۇ ؟بىر چاغلاردىكى داداڭ ۋە ئاپاڭنىڭ ئەركى قىزى ئايگۈل سەن شۇمۇ؟سەبى ھەممە كىشىلەرنىڭ كۈزىگە مۇشۇ بالىلاردەك ئۇماق كۆرۈنىدىغان ئايگۈل سەن شۇمۇ؟ئۆز -ئۆزۈمدىن ھەيرانلىق ئىچىدە سوراپ ئەينەككە قاراپ تۇرۇپلا قالدىم،بۇ قايسى شەھەر بولغۇيتى،بۇ يەرگە قانداقلارچە كىلىپ قالغاندىمەن؟ [s:6] [s:6] ئىچ -ئىچىمدىن ئېزىلىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم ،بالىلارنىڭ قاراڭلار... قاراڭلار ئۇ يىغلاۋاتىدۇ ،ئۇ بەك بىچارە ئىكەن ،ئەمدى تىلىمايلى دىيىشكەن .....تاتلىق دېگەن سۆزلىرى خىياللىرىمنى بۆلۈۋەتتى،باللار ئارىسىدىن بىر ئۇماق ئوغۇلبالا چىقىپ ،مەڭ بۇنى سىزگە بىرەي ئەمدى يىغلىماڭ ،بىزمۇ ئەمدى سىزنى تىلىمايمىز ،ئۈيىڭىزگە كىرىپ كىتىڭ ئاپىڭىز ئەنسىرەپ يىغلاپ كىتىدۇ،ئەمدى تىلىمايمىز سىزنى ھەدە دىگۈنىچە ئىككى تال كەمپۈتنى ئالقىنىدا تۇتقىنىچە ئۇماققىنە خەنزو بالسى يىغلامسىراپ قاراپ تۇراتتى ،ئۇف نىمە دىگەن ئۇماق بالا بۇ،گەپلىرى ئاندىن تاتلىق،،،،كەمپۈتنى ئالدىم دە ئىتتىك-ئىتتىك قەدەملەرنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىن غايىپ بولدۇم..... مەن راستتىنلام ساراڭ بولۇپ قالغاندىمەنمۇ توۋا،ساق بولسام بۇنچە قاتتىق سوغۇقتا ناتۇنۇش بۇ يەردە شۇنچە سوغوقتا يالاڭ ئاياق ،شۇنچە يىلىڭ كىيىنىپ نىمە ئىش قىلىپ يۈردىغاندىمەن؟ساق بولسام -توغرا ھېرلىقى سۈيۈملۈك ئامرىقىمغا ئالدىنىپ ،ئۈزەمنىڭ ھالىغا ئۈزەممۇ ئېچىنغۇدەك بۇ ھالغا چۈشۈپ قالمىغان بولاتتىم.... [/color] ئەسلىمە كىچىكىمدىن دادام ئاپامنىڭ بىرلا قىزى شۇنداقلام يالغۇز پەرزەنتى بولغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن تولىمۇ ئەتىۋارلىق چوڭ بولدۇم،دادم -ئاپام ئاغزىمدىن چىققاننىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بىرەتتى،شۇنداق ئارزۇلاپ باققانلىقى ئۈچۈنمۇ كىچىكىمدىن قىلىمەن دىگەن ئىشىمنى قىلىپ كەلدىم ،مەن دادام ئاپامدىن قورقۇش ئەمەس ،ئالىمىزدە ئاپام -داداملار مىنىڭدىن قورقاتتى دىسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ،دادام -ئاپاملار شەھرىمىزدىكى كاتتا بايلاردىن بولمىسىمۇ ،ھەر ئىككىلىسىلا دۆلەت ئورگانلىردا خىزمەت قىلدىغان بولغاچقا ھال -كۈنمىز يامان ئەمەس دىيىشكە بولاتتى. گەرچە ئاتا -ئانام مىنى بەك ئەتىۋارلىغىنى بىلەن كەلگۈسىدە مەندىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمۇ ناھايتتى چوڭ ئىدى،ئاپام تىنىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مىنى تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن قايتا پەرزەنتلىك بولۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغاچقا دادام -ئاپام ئىككلىسى بارلىق ئارزۇ ئۈمىتلىرنى ماڭا ئاتىۋەتكەن دىسەممۇ بولدۇ،ئۆزلىرنىڭ مۇھەببەتلىشىپ قېلىش جەريانىنى ،ئاپامنىڭ قايتا تۇغالمايدىغانلىقىنى ،شۇڭا بارلىق ئۈمۈتلىرنى ماڭا ئېيتىپ تۇرۇپ ياش يۇقى كۆزلىردە ماڭا ئۈمىت ئۇچقۇنلىرنى چاچرىتىپ باققىنىدا ئۇزەمنىڭ زىمىسىدىكى مەجبۇريەت يۈكىنىڭ تولىمۇ ئېغىرلىقىنى ھىس قىلاتتىم،ئاتا -ئانامنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن مەكتەپتە تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگىچە ئەلا نەتىجىلەربىلەن سىنىپتا بىرىنجىلىكنى قولدىن بەرمەي ئۇقۇدۇم،بېرىنجىلىكنى پەقەت قولدىن بەرگۈم كەلمەيتتى ،كىچىكىمدىن قىلىمەن دىگىنىمنى قىلىپ كەلگەنلىكىم ئۈچۈنمىكىن باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا قېلىشنى زادىلا خالىمايتىم. تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەندىن كىيىنمۇ ئۆز ئارزۇيۇم بۇيىچە شىنجاڭ تىببى ئونۋېرسىتىتىغا دوختۇرلۇق كەسپىگە بېرىنجى تۈركۈمدە قۇبۇل قىلىندىم. ئالى مەكتەپ ھاياتىم باشلاندى ئالى مەكتەپنىڭ بېرىنجى -ئىككىنجى يىللىقىنى تۈگەتكىچە بۇ ئالى بىلىم ئېلىش يۇرتىدا تىرىشىپ ئۈگەندىم ،ئۈچىنجى يىللىقىغا بارغاندا سىنىپتىكى ۋە ياتاقداش قىزلارنىڭ مۇھەببەت قاينىمىغا غەرىق بولغۇنىنى كۈرۆپ مەندىكى بېرىنجىلىكنى قولدىن بەرمەسلىك ئىدىيسى كۈچىنى كۆرسەتتى بولغاي سىلەردىن مەن قالاتتىم دىگەندەك دەسلەپتە قىزىقىش ئىچىدە بىرىنجىلىكنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن ئويناپ يۈرگەن يۈردۈم ،دىمىسىمۇ ئۇلاردىن مىنىڭ نەرىم كام ئىكەن نىمىدەپ ئۇلارنىڭ كەينىدە قالغۇدەكمەن؟مەندە چىراي دىسە بار كىنو ئەرتىسلىردىن قېلىشمايمەن،فىگورۇممۇ مودىللاردىن قالمايدۇ،ئۈگىنىشتىمۇ سىنىپ بۇيىچە بىرىنجىلىكنى قولدىن بېرىپ باققان ئەمەسمەن ،دىگەنلەرنى ئويلايتتىم ،مۇشۇنداق بىرىنجىلىكنى قولدىن بەرمەسلىك شەرتى ئاساسىدا قىزلار ئارىسىدا مودا بولغان ،يۆخۈي دىگەنلەرگە كۆپرەك چىقىشقا تىرىشتىم ئۇلاردىن كىيىن قالسام بولمايتتى ،ئۇلاردىن كىيىن قالمىغاندىلا ئۇلارنىڭ ھۆرمەتلىشىشىگە ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشەتتىم ،ئۇلاردىن كىيىن قالسام مەتو دىگەن نامغا قېلىشتىن بەكمۇ قورقاتتىم،ئوغۇللاردىن قانچىلىك كۆپ سۆيگۈ تەلىپى ئاڭلىغان بولسام ئۇلارنىڭ ئالدىدا شۇنچىلىك كىرىلىپ ماختىنالايتتىم ،ئۈزەمنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلالايتىم ۋە ئۇلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئىرىشەلەيتىم ،شۇڭا ئۇيۇنلارنى، ساختا مۇھەببەتلەرنى زادىلا قولدىن بەرمىدىم،مۇشۇنداق ئويناپ يۈرۈپ ئۈزۈمدىن بىر يىللىق يۇقىرى ئۇقۇيدىغان ئېليار بىلەن مۇھەببەتلىشىپ ئۈزەمنىڭ قاچان قايسى ۋاقىتتا ئۇنى ھەقىقى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىمنىمۇ سەزمەيلا قالدىم،ئۇنى ھەقىقى ياخشى كۈرۈپ قالغان ئىدىم، ئېليار مەن بىلەن بىر يۇرتلۇق بۇلۇپ تولىمۇ كىلىشكەن ماڭا ئوخشاشلا ،بېرىنجىلىكنى قولدىن بېرىشنى خالىمايدىغان جەلىپكار بالا ئېدى ،مىنى قوغلىشىدىغان ئوغۇللار قانچە كۆپ بولسا ،ئۇنى قوشلىشىدىغان قىزلارمۇ شۇنچە كۆپ ئىدى . بىز تۆتىنجى يىللىققا چىققان يىلى ، ئۇ ئۇقۇش پۈتتۈردىغان يىلى سىنىپتا ،ۋە مەكتەپتە ياتاققا كىرمەسلىك قاتتىق مودا بولغان ئىدى ،مىنىڭمۇ ئېليارنىڭمۇ بۇ مودىنىڭ ئارقىسىدا قېلىپ باشقىلارنىڭ كەينىدە قالغۇمىز كەلمىدى،كىچىنى دېسكوخانلاردا،تورخانلاردا ،كىچىلىك كىنوخانلاردا ئكتكۈزدىغان بولۇۋالدۇق،مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بېرىدە ئېليارغا ئۆز ئامانىتىمنى ،ئۆز رازىلىقىم بىلەن ئۇنىڭ بەرگەن تۈگىمەس ۋەدىلىرگە بەدلىگە بېر كىچىك مىھمانخانا ياتىقىدا قىزلىق ئىپپەت نۇمۇسۇم بىلەن ھەدىيە قىلىۋەتتىم،تىزراق ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ ئېليار ئېيتقاندەك بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنىلام ئويلايتتىم ،ئېلياردىن زور ئۈمىتلەرنى كۈتەتتىم،ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۇنىڭدىن ئايرىلالماس بولۇپ قالغان ئىدىم،باشقىلاردىن ياخشى كۈنلەرگە ئىرىشىشنى ئويلايتىم ..... ھەش -پەش دىگۈچە ئىليارنىڭمۇ ئۇقۇشى پۈتۈپ پۈتمەس- تۈگىمەس ۋەدىلەرنى بېرىپ يۇرتقا قايتىپ كەتكىنىچە خەۋرىمۇ بولمىدى ،يا ئۈزى يوق ،يا بىرپارچە خېتى، كۈنلىرىم تولىمۇ مەنىسىز ۋە ئاستا ئۆتەتتى شۇنداق تەستە قىشلىق تەتىلگە ئارانلا ئۇلۇشىۋالدىم ،دە يۇرتقا قاراپ يول ئالدىم ،ماشىنا تولىمۇ ئاستا ماڭغاندەك بىلىنەتتى ،پىيادە ماڭساممۇ بۇ ماشىنىدىن ئىتتىك ماڭاتتىم دەپ غوتۇلدايتتىم ئىچىمدە تىت -تىت بولۇپ ،ئېليارنى تاپسام ،كۈزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ مىنى ھەجەپ قىينىدىڭغۇ ئېليار نىمە بولدى ساڭا ؟دەپ سورسام ،ئۇ بېشىنى ساڭگىلىتىپ تۇرۇپ كەچۈرۈڭ ئايگۈل!شۇ سىزنىڭ ئۈگىنىشىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمەي دەپ....... ئاخىرى يۇرتىمىزغىمۇ يىتىپ كەلدىم ،ماشىنىدىن چۈشۈپلام ئۈيەمگىمۇ بارماي ئۇتتۇرلاپ ئېلىيارنىڭ ئۈيىگە يول ئالدىم ،ئۈيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بىر كىشىدىن ئۇنىڭ بار يوقلىقىنى سوردۇم ،ئۇ كىشى -ھە ئېليارجاننى ئىزدەمسىز ئۇ بايام ئايالى بىلەن بازارغا كەتكەندەك قىلاتتى،،،قايتىپ كەلدىمىكىن تاڭ؟ -نىمە ئايالى خاتالىشىپ قالمىغانىسز ئاكا سىز؟ئۇ قانداقسىگە توي قىلغان بوپ قالدى ئەمدى؟ -ھە ئۇخمايدىغان ئوخشايسىز سىڭلىم ئۇ ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ كىلىپلا شەھەرلىك دوختۇرخانىغا ئىشقا چۈشۈپ دوختۇرغاندىكى ئالىيە قىز بىلەن بىر ئايدىن كىيىن توي قىلغان ،خاتا ئەمەس .... ئۇ ئاكاشنىڭ باشقا گەپ سۆزلىرى قۇلۇقۇمغىمۇ كىرمەيتتى كاللامدا ئاسماندا چاقماق چاققاندەك كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ ئۆز قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم،توۋا ئېليار توي قىلىپ بولدېما بۇ مۇمكىن ئەمەس ،ئېليار توي قىلمىدى ياق ،،،ياق! بۇ لەنەت تەككۈر يەردىن يۈزلىرىمنى ئەتكىنىمچەيۈگۈرگىنىمچە كىتىۋاتمەن،كۆز ئالدىم قۇپ -قاراڭغۇ ،توساتتىن ۋايجان دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ قاتتىق بىرنەرسىگە سۇقۇلۇپ يىقىلىپ چۈشتۈم يېنىمدا قۇرسۇقى خېلىلا تومپىيىپ چىققان ،يىقىلىپ چۈشكەن بىر قىز بىلەن ئۇنى يۈلەۋاتقان ئېليار تۇراتتى ،سەن دېدىم غەزەپ بىلەن ئېليارغا چەكچىيىپ ،ئۇمۇ نىمە دىيىشىنى نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قاققان قۇزۇقتەك ماڭا ھاڭ بېقىپلا قاراپ تۇراتتى ،يۈگۈرگەن پېتى بۇ قاخىشتەككۈر يەردىن ئۈيۈمگە قالاپ يول ئالدىم. رىئاللىققا زادىلا تەن بەرگۈم كەلمەيتتى ،بېرىنجىلىكنى قولدىن بەرمەي كىلىۋتقان مەن ئۈچۈن بۇ رىئاللىقنى قانداقمۇ ئېتراپ قىلغۇم كەلسۇن ،ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم ئۈزەم ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئېليارنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قۇيۇپ ئاشۇ ئالىيە دىگەن نىمىگە ئۇتتۇرۇپ ئېليارنى تارتقۇزۇپ قويغان ئىدىم ،بۇ ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم شۇ ئالىيەگە ئۇتتۇرۇپ قۇيۇشۇم ئىدى،بۇ ئازاپلار ماڭا بەكمۇ ئېغىر كەلگەن ئىدى ،ئۈلۈۋېلىش نىيتىگىمۇ كىلىپ باقتىم ،لىكىن جانمۇ ئۇنچە ئاسان چىقمايدىغاندەك....تەتىل كۈنلىرىم يىغلاپ قاقشاپ ئۆيدىن تالاغا چىقماي تۇشۇپ كەتتى ،قانداق قىلىش توغرۇلۇق قاتتىق ئويلاندىم ،قالايمىقان ئوغۇللار بىلەن ئارلاشماسلىق ئاخىر ئىېليارغا كۆرسىتىپ ئېلياردىنمۇ ئىسىلراق بېرنى تېپىپ ياتلىق بولۇپ ئۇنىڭ كۈزۈدىن ئوت چىقىرۋېتىش نىيتىگە كىلىپ مەكتەپكە يەنە يول ئالدىم. مەكتەپتىكى يۇرتداش باللاردىن ئېليارنىڭ توي قىلغانلىقى ،ئايالىنىڭ كوچىدا نامەلۇم بىر قىز تەرپىدىن قاتتىق سۇقۇۋېتىلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئايالىنىڭ بۇيىدىن ئاجراپ كەتكەنلىكى دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ئەمدى قايتا ھامىلدار بولالمايدىغانلىقى شۇ سەۋەبلىك ئىليارنى ،ئائىلىسىدىكىلەرنىڭو ئاجراشتۇرۋەتكەنلىكىنى ئۇختۇم....توۋا ئەجىبا شۇ كۈنى مەن ئۇنى سوقۇپ بالىسىنى چۈشۈرۋەتكەندىمەنمۇ؟..... بىر مەۋسۇممۇ ھەش -پەش دىگۈچە تۇشۇپ كەتتى ،ئۇقۇش پۈتۈرۈپ ئۇزاققا قالماي بىر يېقىن تۇققىنىمىزنىڭ ياردىمىدە يۇرتۇمىزدىكى ۋىلايەتلىك بىرىنجى خەلىق دوختۇرخانىسىغا ئىشقا چۈشتۈم،ئېليار مەن ئىشقا چۈشكەندىن كىيىن بىرنەچچە رەت كىلىپ مىنى ئىزدەپ سۆيگۈ ئىزھار قىلىپ باقتى ،يالۋۇرۇپ باقتى لىكىن ماڭا قىلچە كار قىلمىدى،چۈنكى مەن ئىككىنجى دىگەن گەپكە تولىمۇ ئۆچ ،ئاشۇ ئالىيەدىن ئاشقان ئېليارنى مەن قانداقمۇ قۇبۇل قىلاي؟چۇقۇم ئۇنىڭدىن ياخشى بېرىگە ياتلىق بۇلۇشۇم كىرەك،ئەينى چاغدا ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلغان ئۇنىڭدەك بىر ئەبلەخكە ئۈزۈمنىڭ بەخىتلىك ياشىغىنىمنى كۆرسىتىپ كۈزىدىن ئوت چىقىرىپ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشىم كىرەك دەپ ئويلۇدۇم. دوخـتۇرخانا باشلىقىنىڭ ئوغلى مۇراتمۇ مەن بار بۈلۈمدە مەن بىلەن بىرگە ئىشلەيدۇ ،گەرچە مۇراتنى ياخشى كۆرمىسەممۇ تۇلۇق چۈشەنمىسەممۇ مۇرات بىلەن توي تەييارلىقى قىلدۇق،مۇشۇ ئارلىقتا ئېليارنىڭ ھاراقنى تولا ئىچىدىغان بولۇۋالغانلىقىنى ،بىر قېتىملىق ئوپىراتسىيىدە چوڭ سەۋەنلىكتىن بىرنى ئۆتكۈزۈپ خىزمىتىدىن توختىتىپ تەكشۈرۈلۋاتقانلىقىنى باشقىلاردىن ئاڭلىدىم،ھە چىدىيالماي قالغان چېغى بايقۇش دەپ توي قىلىشقا تېخىمۇ ئالدىردىم . مۇرات بىلەن ئارلىشىپ بىرئاي بولغاندا كاتتا تۇيۇم بولدى. توي كىچىسى مۇراتنىڭ قاتمۇ- قاتمۇ سوراقلىرغا ئۇچرۇدۇم .تاياق دەستىدە كىچىچە نەچچە ھۇشۇمدىن كىتىپ نەچچە ھۇشۇمغىمۇ كەلگىنىمنىمۇ ئۇخمايمەن،قاتتىق تەككەن مۇش -تېپىكلەرنىڭ دەستىدىن باش قىسىمىم سىزىمىنى يۇقاتقان ئىدى،تەككەن تاياقلارنىمۇ ئاخىرغا بارغاندا سەزمەيلا قالدىم ،سۇئال -جاۋابلار تاڭ ئاتقۇچە تۈگىمىدى ،لىكىن مۇرات جاۋابلىرىمدىن قىلچە رازى بولدىغاندەك ئەمەس،ياپىرىم قىيامەتتىكى سۇئال سوراقلار شۇ بولغىيمىتىكىن دەپمۇ قالمەن ،ئېسىلىپ يالۋۇرۇپمۇ باقتىم،ئاتا -ئانامغىمۇ قىلمىغان خۇشامەتنىمۇ قىلىپ باقتىم، لىكىن قىلچە كار قىلمايتتى ،تىپىك مۇشلار پەقەت بېشىمغىلا تىگەتتى ،باشقا يەرگە ئۇرسام كۈرۈنۈپ قالدۇ چاچنىڭ ئاستىدا بولغاندىنكىيىن ئۆتمەيدۇ دەپ ئويلاپ قالدىمۇ قانداق ئىشقىلىپ تاياقتىن بېشىم ھىچنىمىنى سەزمەسلا بولۇپ قالغان ئىدى.... تاياق دەستىدىن قىلغاننىمۇ ئىقرار قىلدىم،قىلمىغاننىمۇ ئىقرار قىلدىم ،لىكىن مۇرات يەنىلام بولدى قىلمىدى،ئۇنىڭ ساق بىجىرىم ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم دە بىر ئامال قىلىپ بۇ ئۆيدىن قېچىپ چېقىپ كىتىشنىلام ئويلايتىم،تاڭ ئېتىپ تاياقلار ،تاياق دەستىدىن قاتتىق ئىڭراشلار سۇئال-جاۋاب ئاياغلاشمايتتى ....كەچ كىرگەندە ھۇشۇمغا كەلسەم مۇرات كارۋاتنىڭ بىر بۈرجىكىدە قاتتىق ئۇيقۇغا چۈشۈپتۇ ....ئۇخلاش كىيىمىم بىلەنلا تاتمىدىن ئۈچ مىڭيۈەن پولنى ئېلىپ ئۆيدىن چىققىنىمنى بىلىمەن . قالغان ئىشلارنىڭ ھىچقايسىسى ئىسىمدە يوق ،ئەينى چاغدا بەكمۇ قورقۇپ كىتىپدىكەنمەن ،پەقەت بۇ يەردىن بۇ دوزاقتىن يىراقراق كىتىشنىلام ئويلىغان ئىدىم. [color=#0000ff]خاتىمە ئىسىمنى بىلگىنىمدە بولسا مۇشۇ ساراڭ سۈپەت ھالەتتە ئۈزەمنى ئىچكىرى ئۆلكىدە كۆردۈم ،بۇ يەرگە قانداق كىلىپ قالغىنىمنى ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىتلار ئۆتكىنىمۇ بىلمەيمەن. ھەي سۈيۈملۈك ئېلىيار سىز ھازىر نەدە؟نىمىشلارنى قىلىپ يۈرۈيدىغانسىز ھە؟سىزنى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى كۆرگەن ئىدىم ،شۇڭا جېنىمدىنمۇ ئەزىز كۆرگەن قىزلىق ئىپپەت نۇمۇسىمنىمۇ سىزدىن ئايىماي سىزگە قوش قوللاپ بېرىۋېتىپ مۇشۇ كۈنلەرگە قالدىم!ئەپسۇس سىز بۇنى مەڭگۈ بىلەلمەيسىز ھەم مەڭگۈ ھىس قىلالمايسىز !شۇ ئىپپەت نۇمۇسنىڭ بىز قىزلار ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم قانچىلىك قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز ،شۇڭا مىنى قەدېرلىيەلمىگەنسىز! جېنىم دادا قەدىرلىك ئاپا سىلەر نەدە؟ئارزۇلۇق قىزىڭلارنى قانچىلىك سېغىنغانسىلەر ھە؟مەنمۇ سىلەرنى بەكمۇ سېغىندىم .قېشىڭلاغا قانىتىم بولسا ئۇچۇپ بېرىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن ،لىكىن ھازىر يېنىمدا ققورسۇقۇمغا بىرۋاق تاماق ئېلىپ يىگۈدەكمۇ پۇلۇم يوق ھازىرچە ئارزۇلۇق قىزىڭلار قېشىڭلارغا بارالمايدىغاندەك تۇرىمەن ،سىلەرنى بەكمۇ بەكمۇ ئىچ -ئىچىمدىن سېغىنىپ كەتتىم،سىلەر نەدە ئاھ جېنىم دادا ئاپا مىنى قېشىڭلارغا ئېلىپ كىتىڭلار![/color] [color=#ff0000]تۈگدى خىيال دەپتىرىمدىن ؛ئاقسۇ سىرى قەلمى 2009-ي[wmv=314,256,1]https://mp3.ulinix.com/Musicplay/62/../../user/play.asp?id=1033[/wmv] ىل3-ئاي ئاقسۇ[/color]


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  مۇزلىغان دەرىزە(ھى...
●  تىمتاس مۇھەببەت(ھى...
●  پۇل ھەممىدىن مۇھىم...
●  ئەلۋىدا سۇيۇملۇگۇم...
●  كۈنسىرى ئاۋاتلىشۋا...
●  ساۋاقداشلىق مېھرى ...
●  مەن پاھىشە ئەمەس (ھ...
●  ئاخشام كۆرگەن فانت...
●  ئويلاپ كۈرۈڭ؟
●  ھەسرەت(ھىكايە)
●  كۆلچى يازمىسى: كۆيۈ...
●  [ھېكايە] خىيال...
●  خىياللىرىمسەن(ھىكا...
●  مةختۇمسۇلانىڭ  چېچ...
●  پاھىشە قىز ۋە ئوغرى...
●  ساۋاقدىشىم
●  (مېھرىگىيا)سۇلماس گ...
●  (مېھرىگىيا)كەچكۈز ك...
●  تەنھالىق دالاسى
●  [ھىكايە]بالا

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  مۇزلىغان دەرىزە(ھىكايە)
●  تىمتاس مۇھەببەت(ھىكايە)
●  پۇل ھەممىدىن مۇھىممۇ؟؟؟...
●  ئەلۋىدا سۇيۇملۇگۇم پاتى...
●  كۈنسىرى ئاۋاتلىشۋاتقان ...
●  ساۋاقداشلىق مېھرى مەڭگۈ...
●  مەن پاھىشە ئەمەس (ھىكايە...
●  ئاخشام كۆرگەن فانتازەيى...
●  ئويلاپ كۈرۈڭ؟
●  ھەسرەت(ھىكايە)

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى