بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ھېكايىلەر >> پۇل ھەممىدىن مۇھىممۇ؟؟؟؟؟؟

پۇل ھەممىدىن مۇھىممۇ؟؟؟؟؟؟

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-17 22:23:10    كۆرۈلۈش سانى : 609  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
خىيال قىلىپ ئولتۇراتتىم ، ئىشىكنىڭ تۇيۇقسىز چىكىلشى بىلەن خىيالىم بۆلۇنۇپ كەتتى......   ئىشىكنى ئىچىپ قارسام ناھايىتى قىنىق گىرىم قىلۋاتقان ،يوپكىسى تىزدىن ئاشمىغان ،ناھايىتى تار كەلگەن ،يۇزلىرى خۇددى ئۇپىغا دۇم چۇشكەندەكلا ئاقىرىپ كەتكەن بىر قىز تۇراتتى ، ئۇنى تونۇيالماي ھەيران قىلىپ تۇرۇپ قاپتىمەن ،ئۇ مىنڭ بۇ ھالىمنى كۆرۇپ :ئاداش مىنى تونۇمىدىڭمۇ ؟ مەن ئالىيە دىدى...ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشمىگىلى خىلى ئۇزۇن بولغاچقا ئۇنى كۆرۇپ شۇنداق خۇش بولغان بولساممۇ يەنە كۆڭلۇم ناھايىتى يىرىم بولدى كۆڭلۇممۇ بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى.   ئۇنى ئۆيگە باشلىدىم ،چاي قۇيۇپ ئەكەلدىم، ئۇنىڭ كۆزلىرى ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى ،مەن ئۇنىڭدىن ھەيرانلىقتا نىمانداق قارايسەن دەپ سورسام : ئاداش سەن ناھايىتى بەخىتلىك ئىكەنسەن دىدى . ئۇنىڭ نىمە بولغىنى ئاڭقىرالماي ئۇنىڭ بىچچارىلەرچە تىكىلگەن كۆزىگە قاراپ نىمە ئىش بولغىننى سوردۇم..ئۇ چاي ئىچكەچ گىپىنى باشلىدى:     ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى(ئۇ شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىدا مەن تىببى ئۇنۋىرستىتدا ئوقۇيتۇق) ئالى مەكتەپكە بىرىپ ئىككى يىل ئۇدا ئۇچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ ناھايىتى ياخشى ئوقۇدۇم ... ھىلىقى كۇنى ھىلىمۇ ئىسىمدە يەنى مىنىڭ تەقدىرىم ئۆزگىرىشكە باشلىغان كۇنى..ئۇكۇنى ئۆيدىكىلەرنىڭ ماڭا سالغان پۇلى ئاچ قوساقلىقىمنى ئۇنتۇلدۇرۇپ بانكىغا يۇگۇرۇتتى .. پۇلنى ئىلىپ قوساقنى ئەستەلەپ ياتاققا قاراپ يول ئالدىم ، ياتاققا كىرشىمگە دوستۇم ماينۇر 50كوي بىرىپ تۇرە ئاداش ،جىددى لازىم بولۇپ قالدى ، بوپتۇ بىرەي دەپ سومكامنى ئىچىپ شۇنچە ئاختۇرۇپ پۇل قاپچۇقۇمنى تاپالماي پاڭڭىدە يىغلىۋەتتىم ، شۇۋاقىتتىكى ھالەتىمنى بەلكىم سەنمۇ بىلەرسەن ،ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۇچۇن بۇ پۇل ناھايىتى مۇھىم ،مۇشۇ پۇل بىلەن بىر ئاينى ئۆتكىزەتتىم ..شۇ يەردە يىغلاۋىرىپ ئىككى كۇن ئاغرىپ قالدىم ، دوستلۇرۇم تاماق ئەكىرىپ بەردى،خەقنىڭكىنى يىمەك ناھايىتى تەسكەن . بىر كۇنى ياتاقتا يالغۇز ئولتۇرسام  قشنا ياتاقتىكى دوستۇم ئىلنۇر كىرىپتۇ ، ئۇ مىنىڭ ھالىتىمنى كۆرۇپ نىمە بولغانلىقىنى سوردى ، مەن بولغان ھەممە ئىشلارنىڭ ھەممىسنى ئۇنىڭغا دەپ بەردىم.. ئۇگەپنى ئاڭلاپ .ۋاي ئاداش تىز بولە ياسىنىپ چىق  مەن سىنى بىر يەرگە ئاپىرىپ مىھمان قىلىپ كىرەي دىدى،ئاچ قورساق ھالەتتە بۇ گەپ سۇ يىغىدەك خوش ياقتى ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ تەييارلىق قىلدىم.... ناھايتى تىزلىكتە بىر رستۇرانغا يىتىپ كەلدۇق ، بۇگۇن ئىلنۇرنىڭ دوستىنىڭ تۇغۇلغان كۇنى ئىكەن ، سورۇن ناھايىتى قىزغىن ئىدى ، بىز ناھايىتى خۇشال كەيپىياتتا ئولتۇردۇق ، ئىلنۇر ماڭا قاراپ يىنىدىكى يىگىتكە ئاداش تونۇشۇپ قويۇڭلار ،بۇ مىرادىل توپ مال تارقىتىدۇ ، قەيسەرنىڭ يىقىن دوستى(قەيسەر ئىلنۇرنىڭ مۇھەببىتى) ھە دەپلا قويدۇم  ..بىز .ۇيەردە ناھايىتى خۇشال ئويناپ قايتاشىمىزدا مىرادىل بىزنى ماشىنىسى بىلەن ئاپىرىپ قويدى ...ھەم ماڭا  ئىزدىشىپ تۇرايلى ، قانداق ھاجىتىڭىز چۇشسە مىنى ئىزدەڭ دەپ كىتىپ قالدى ..   شۇ ۋاقىتلاردا  مىنىڭ ئەڭ ئازاپلىق ۋاقىتلىرىم ئىدى ، ئەمدى ئويلىسام ئۇ ۋاقىتتىكى ئازاپ ھازىرقى ئازاپ ئالدىدا ھىچنىمە ئەمەسكەن .. بىر كۇنى مىرادىل مىنى تاماققا تەكلىپ قىلدى ،بىللە تاماق يەپ بىللە بازار چۆرگىلدۇق، ئۇناھايىتى خۇشال ئىدى ...ئۇ مىنى پات- پات ئىزدەپ تۇردى .. ئوقۇش پۇتتۇرۇشكە ئاز قالغان ۋاقىتتا ئىككى پەندىن تولۇقلىما ئىمتاھان بىرىشكە 200سوم لازىم بولۇپ قانداق قىلشىمنى بىلمەي تۇرغۇنۇمدا كاللامغا تۇيۇقسىز مىرادىل كەلدى .... ئۇناھايىتى تىزلىكتە يىنىمغا كىلىپ مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلاپ 500سوم بىرپ، يەتمىسە مەن بىرىمەن دەپ كىتىپ قالدى ..شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز يىقىنلىشىپ قالدى ، ئۇ مىنى بازارغا ئىلىپ چىقىپ قىممەت باھالىق كىيىم كىچەكلەرنى ئى؛ىپ بىرەتتى ، ئاداش سەنمۇ بىلسەن قىز بالا دىگەن كىيىم كىچەككە تويماي ئۆتۇپ كىتىدىكەنمىز..   مەن بۇنى كۆرۇپ  مىرادىل مىنى راستىنلا ياخشى كۆردىكەن دەپ ئۇنڭغا ئىشىنىپ يۇردۇم .. ئۇ مەن نىمە دىسەم شۇنى قىلىپ بىرەتتى . مەلۇم بىر كۇنى شەھەر سىرتىغا ئاچىقىپ ئويناتتى ..ھەم مىنى ئوقۇش پتۇتتۇرۇشكە ئاز قالغاندا بەخىت ۋە قىزلىقىمدىن ئايرىلدىم .......ئەسلىدە مىرادىل ئۆز بايلىقى بىلەن مەندەك قىزلارنى .........   ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ئۆكسۇپ يىغلاپ كەتتى ...ئۇنىڭغا قانداق تەسەللى بىرشنى بىلمەيتىم ، پەقەت كاللامدا نۇرغۇنلىغان سۇئال بار ئىدى ..خالاس ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ گەپ قىلمىدىم ... بىر تەرەپتىن دوستۇمغا نەپرەتلەنسىەم يەنە بىر تەرەپتىن مىرادىلغا نەپرەتلەندىم... ھازىر جەمئىيەت زادى نىمەبولۇپ كىتۋاتىدۇ ؟ ھەي قىز سەن زادى نىمىگە ئىرىشتىڭ ؟ نىمىنى يوقاتتىڭ ؟ قىنى سەندىكى ئىسىل ئەخلاق پەزىلەت ،ھايا -نۇمۇس... ھەي سۆيۇملۇك يىگىت مىللىتىمىزنىڭ تۇرۇكى ئەرلەر سىلەر نىمىگە ئىرىشتىڭلار ، بىردەملىك كۆڭۇل ئۇچۇن مىللىتىمىزنىڭ كەلگۇسى ئانىلىرنى قانداق خورلىدىڭلار ،قىنى سىلەردىكى ۋىجدان، قىنى غورۇر..سىلەرنىڭ ئاچا سىڭللىرىڭلار- خوتۇن قىزلىرىڭلار يوقمۇ ...... ئىسىت .............. مەلۇم بىر قىزنىڭ كەچۈرمىشى


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  مۇزلىغان دەرىزە(ھى...
●  تىمتاس مۇھەببەت(ھى...
●  پۇل ھەممىدىن مۇھىم...
●  ئەلۋىدا سۇيۇملۇگۇم...
●  كۈنسىرى ئاۋاتلىشۋا...
●  ساۋاقداشلىق مېھرى ...
●  مەن پاھىشە ئەمەس (ھ...
●  ئاخشام كۆرگەن فانت...
●  ئويلاپ كۈرۈڭ؟
●  ھەسرەت(ھىكايە)
●  كۆلچى يازمىسى: كۆيۈ...
●  [ھېكايە] خىيال...
●  خىياللىرىمسەن(ھىكا...
●  مةختۇمسۇلانىڭ  چېچ...
●  پاھىشە قىز ۋە ئوغرى...
●  ساۋاقدىشىم
●  (مېھرىگىيا)سۇلماس گ...
●  (مېھرىگىيا)كەچكۈز ك...
●  تەنھالىق دالاسى
●  [ھىكايە]بالا

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  مۇزلىغان دەرىزە(ھىكايە)
●  تىمتاس مۇھەببەت(ھىكايە)
●  پۇل ھەممىدىن مۇھىممۇ؟؟؟...
●  ئەلۋىدا سۇيۇملۇگۇم پاتى...
●  كۈنسىرى ئاۋاتلىشۋاتقان ...
●  ساۋاقداشلىق مېھرى مەڭگۈ...
●  مەن پاھىشە ئەمەس (ھىكايە...
●  ئاخشام كۆرگەن فانتازەيى...
●  ئويلاپ كۈرۈڭ؟
●  ھەسرەت(ھىكايە)

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى