بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ھېكايىلەر >> كۈنسىرى ئاۋاتلىشۋاتقان قىمارخانا ۋە چۆلدەرەۋاتقان كىتاپخانا

كۈنسىرى ئاۋاتلىشۋاتقان قىمارخانا ۋە چۆلدەرەۋاتقان كىتاپخانا

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-09 16:10:31    كۆرۈلۈش سانى : 494  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
كۈنسېرى ئاۋاتلىشىۋاتقان قىمارخانا ۋە چۆلدەرەۋاتقان كىتاپخانا تورداشلارغا مەلۇم، ئىلىكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقخانا [ئەمەلىيەتتە پۇل تىكىپ ئوينايدىغان-قىمارخانا] ھازىر كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ ،شەھەر – ناھىيىلەردىن تارتىپ ،ئايىغى تەگمىگەن يېزا-بازار قالمىدى. قارىسىڭىز يانچۇقى پۇلغا لىق تۇشۇپ ،گىدىيىپ يۈرگەن خۇجايىنلارنى ،مىڭ بىر جاپادا تاپقان پۇلىنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇتتۇرۇپ تۈگىتىپ،چىرايلىرىنى سارغايتىپ يۈرۈۋاتقان  دىھقانلىرىمىزنى، داشقازان تامىقى يەيدىغان كادىرلىرىمىزنى،ھەتتا ساقىلى مەيدىسىگە كەلگەن ياشانغانلار،ياشلار، كىچىك بالىلارنىمۇ كۆرىسىز.سىز يەنە سەل دىققەت قىلسىڭىز،قىمار ئويناشقا پۇل تاپالماي ئۇغۇرلۇق،بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتقانلارنى،ئالغان قەرزلەرنى قايتۇرالماي  باشقىلاردىن تاياق  يەۋاتقانلارنى،ھەتتا  نەسىھەت قىلسا ئاڭلىماي ،خوتۇن-بالا،ئاتا-ئانىلىرىنى تىللاپ ئۇرۇۋاتقان،قېيىداپ ئۆيىدىن يامانلاپ چىقىپ كېتىۋاتقانلارنى كۆرىسىز، شۇنداقلا ئىلىم-مەرىپەتنىڭ بۈشۈكى سانالغان كىتاپخانىلارنىڭ چۆلدەرەپ قالغانلىقىنى،نى ئېسىل كىتاپلارنى توپا بېسىپ ،كىم ئۇقاركىن دەپ  بوينىنى  قىسىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز……. مەن بۇ تېمىنى يېزىش ئۈچۈن ناھىيە بازىرىدىكى بارلىق ئىلىكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقخانا ۋەكىتاپخانىلارنى بىر قانچە قېتىم ئارىلاپ چىقتىم.ئىگىلىشىمچە ناھىيە بازىرىدا كىتاپخانىدىن ئاران 2سى،ئەمما قىمار خاراكتىرىدىكى ئويۇنچۇقخانىدىن 7-8 ئورۇندا  بار ئىكەن. مەن كەڭ تورداشلارغا بۇ ئويۇنچۇقخانىلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇش مەقسىتىدە ،بۈگۈن ئەتىگەن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 9 دا ،ناھىيىمىزنىڭ ئاۋات كوچا دوقىسىغا جايلاشقان [---] ئىلىكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقخانىسغا كىردىم. مەن كىرگەندە تېخى ئەتىگەن بولۇشىغا قارىماي،80 گە يېقىن ئويۇنچۇقنىڭ ھەممىسى ئاللىقاچان ئىشقا كىرىشىپ كەتكەن بولۇپ،بىرسىمۇ بوش ئەمەس ئىدى. يەنە تېخى  100گە يېقىن   ئادەم  ئۇلارنىڭ قېشىغا ئولىشىۋالغان بولۇپ قىيا-چىيا ،ۋاراڭ-چۇرۇڭ دەستىدىن كىمنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى پەرق ئەتكىلى بولمايىتتى.خەنزۇ خۇجايىن بولسا بوينىغا ئاسقان سومكىسىنى پومپايىتقىنىچە، ھەدەپ ئۇيۇنچۇققا  پۇل قاچىلاش بىلەن ئاۋارە ئىدى.زالنىڭ ئىچى لىق تاماكا ئىسى بىلەن تولغان بولۇپ، ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن چىققان ئاچچىق تەر پۇرىقى بىلەن قۇشۇلۇپ ،كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرۇپ قۇسقىسىنى كەلتۈرەتتى. مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان يېرى شۇكى ،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 30-35 ياشلار چامىسىدىكى ئۈچ نەپەر ئايالمۇ ئويناۋاتقانىكەن،توۋا دەپ قالدىم،بۇ جاھان نېمە بوپ كەتتى-ھە؟!!! مەن يانچۇقۇمدىن سىپىرلىق ئاپپاراتىمنى چىقىرىپ سۈرەت تارتىشقا تەمشىلىۋىدىم،قاياقتىن پەيدا بولدىكىن،سىمىز خەنزۇ خۇجايىن مېنىڭ سۈرەت تارتىشىمنى توستى.مەن ئامالسىز تېلىفۇندا پاراڭلاشقان بولۇپ ،تۇيدۇرماستىن تېلېفون ئارقىلىق بىر تال سۈرەتنى ئاران تارتىۋالالىدىم ۋە كۆڭلۈم ئېلىشىپ سىرىتقا يېنىپ چقتىم. ئۆيگە قايتىشقا يەنە بىر ئاز ۋاقتىم بولغاچقا بىردەم كىتاب كۆرمەكچى بولۇپ،ناھىيىلىك شىنخۇا كىتاپخانىسىغا كىردىم،كىتاپخانىدا كىچىك 2 بالىنى قوشقاندا جەمئىي 7ئادەم بار بولۇپ،بايىقى ئويۇنچۇقخانىدىكى مەنزىرە بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئىچىم تۇلىمۇ ئاچچىق بولدى،كەچكىچە چىۋىن يەۋالغان ئادەمدەك پەرىشان يۈردۈم……. ھەي؟!!!….. ئويلاپ قالىمەن؛ئاشۇلارنىڭ ئۆيىدە قىلىدىغان ئىشى يوقمىدۇ؟ ياكى پۇلى شۇنچە ئېشىپ-تېشىپ تۇرامدىغاندۇ؟……شۇ قىممەتلىك ۋاقتىنى زايە قىلغۇچە،مىڭ جاپادا قىينىلىپ تاپقان پۇللىرىنى بىكاردىن-بىكار سورۇپ تۈگەتكىچە ، بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا ئىشلەتسە بولمامدىغاندۇ؟!!!... ھەي بۇرادەرلەر،توغرا يولدا مېڭىڭلار،ئۆزەڭلارغا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن!.ئۆزەڭلارنى ئۆزەڭلار ئۇنچە خار قىلماڭلار! بىكار بولساڭلار كىتاب كۆرۈڭلار،ئۆزەڭلار ئوقۇمىساڭلار،ھېچ بولمىغاندا، بالىلىرىڭلارغا ئېلىپ بىرىڭلار،ۋاقتىڭلار چىقسا بالىلىرىڭلارنى يىتىلەپ كىتاپخانىلارنى ئارىلاپ قويۇڭلار،كىتاپخانىلار چۆلدەرەپ قالمىسۇن،كىتاپلارنى توپا بېسىپ كەتمىسۇن،كىيىنكى ئەۋلادلارنىڭ مەنىۋىيىتى سىلەرگە ئوخشاش قۇرۇق قالمىسۇن!!!!........ كۈنسېرى ئاۋاتلىشىۋاتقان قىمارخانا ۋە چۆلدەرەۋاتقان كىتاپخانا تورداشلارغا مەلۇم، ئىلىكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقخانا [ئەمەلىيەتتە پۇل تىكىپ ئوينايدىغان-قىمارخانا] ھازىر كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ ،شەھەر – ناھىيىلەردىن تارتىپ ،ئايىغى تەگمىگەن يېزا-بازار قالمىدى. قارىسىڭىز يانچۇقى پۇلغا لىق تۇشۇپ ،گىدىيىپ يۈرگەن خۇجايىنلارنى ،مىڭ بىر جاپادا تاپقان پۇلىنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇتتۇرۇپ تۈگىتىپ،چىرايلىرىنى سارغايتىپ يۈرۈۋاتقان  دىھقانلىرىمىزنى، داشقازان تامىقى يەيدىغان كادىرلىرىمىزنى،ھەتتا ساقىلى مەيدىسىگە كەلگەن ياشانغانلار،ياشلار، كىچىك بالىلارنىمۇ كۆرىسىز.سىز يەنە سەل دىققەت قىلسىڭىز،قىمار ئويناشقا پۇل تاپالماي ئۇغۇرلۇق،بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتقانلارنى،ئالغان قەرزلەرنى قايتۇرالماي  باشقىلاردىن تاياق  يەۋاتقانلارنى،ھەتتا  نەسىھەت قىلسا ئاڭلىماي ،خوتۇن-بالا،ئاتا-ئانىلىرىنى تىللاپ ئۇرۇۋاتقان،قېيىداپ ئۆيىدىن يامانلاپ چىقىپ كېتىۋاتقانلارنى كۆرىسىز، شۇنداقلا ئىلىم-مەرىپەتنىڭ بۈشۈكى سانالغان كىتاپخانىلارنىڭ چۆلدەرەپ قالغانلىقىنى،نى ئېسىل كىتاپلارنى توپا بېسىپ ،كىم ئۇقاركىن دەپ  بوينىنى  قىسىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز……. مەن بۇ تېمىنى يېزىش ئۈچۈن ناھىيە بازىرىدىكى بارلىق ئىلىكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقخانا ۋەكىتاپخانىلارنى بىر قانچە قېتىم ئارىلاپ چىقتىم.ئىگىلىشىمچە ناھىيە بازىرىدا كىتاپخانىدىن ئاران 2سى،ئەمما قىمار خاراكتىرىدىكى ئويۇنچۇقخانىدىن 7-8 ئورۇندا  بار ئىكەن. مەن كەڭ تورداشلارغا بۇ ئويۇنچۇقخانىلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇش مەقسىتىدە ،بۈگۈن ئەتىگەن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 9 دا ،ناھىيىمىزنىڭ ئاۋات كوچا دوقىسىغا جايلاشقان [---] ئىلىكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقخانىسغا كىردىم. مەن كىرگەندە تېخى ئەتىگەن بولۇشىغا قارىماي،80 گە يېقىن ئويۇنچۇقنىڭ ھەممىسى ئاللىقاچان ئىشقا كىرىشىپ كەتكەن بولۇپ،بىرسىمۇ بوش ئەمەس ئىدى. يەنە تېخى  100گە يېقىن   ئادەم  ئۇلارنىڭ قېشىغا ئولىشىۋالغان بولۇپ قىيا-چىيا ،ۋاراڭ-چۇرۇڭ دەستىدىن كىمنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى پەرق ئەتكىلى بولمايىتتى.خەنزۇ خۇجايىن بولسا بوينىغا ئاسقان سومكىسىنى پومپايىتقىنىچە، ھەدەپ ئۇيۇنچۇققا  پۇل قاچىلاش بىلەن ئاۋارە ئىدى.زالنىڭ ئىچى لىق تاماكا ئىسى بىلەن تولغان بولۇپ، ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن چىققان ئاچچىق تەر پۇرىقى بىلەن قۇشۇلۇپ ،كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرۇپ قۇسقىسىنى كەلتۈرەتتى. مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان يېرى شۇكى ،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 30-35 ياشلار چامىسىدىكى ئۈچ نەپەر ئايالمۇ ئويناۋاتقانىكەن،توۋا دەپ قالدىم،بۇ جاھان نېمە بوپ كەتتى-ھە؟!!! مەن يانچۇقۇمدىن سىپىرلىق ئاپپاراتىمنى چىقىرىپ سۈرەت تارتىشقا تەمشىلىۋىدىم،قاياقتىن پەيدا بولدىكىن،سىمىز خەنزۇ خۇجايىن مېنىڭ سۈرەت تارتىشىمنى توستى.مەن ئامالسىز تېلىفۇندا پاراڭلاشقان بولۇپ ،تۇيدۇرماستىن تېلېفون ئارقىلىق بىر تال سۈرەتنى ئاران تارتىۋالالىدىم ۋە كۆڭلۈم ئېلىشىپ سىرىتقا يېنىپ چقتىم. ئۆيگە قايتىشقا يەنە بىر ئاز ۋاقتىم بولغاچقا بىردەم كىتاب كۆرمەكچى بولۇپ،ناھىيىلىك شىنخۇا كىتاپخانىسىغا كىردىم،كىتاپخانىدا كىچىك 2 بالىنى قوشقاندا جەمئىي 7ئادەم بار بولۇپ،بايىقى ئويۇنچۇقخانىدىكى مەنزىرە بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئىچىم تۇلىمۇ ئاچچىق بولدى،كەچكىچە چىۋىن يەۋالغان ئادەمدەك پەرىشان يۈردۈم……. ھەي؟!!!….. ئويلاپ قالىمەن؛ئاشۇلارنىڭ ئۆيىدە قىلىدىغان ئىشى يوقمىدۇ؟ ياكى پۇلى شۇنچە ئېشىپ-تېشىپ تۇرامدىغاندۇ؟……شۇ قىممەتلىك ۋاقتىنى زايە قىلغۇچە،مىڭ جاپادا قىينىلىپ تاپقان پۇللىرىنى بىكاردىن-بىكار سورۇپ تۈگەتكىچە ، بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا ئىشلەتسە بولمامدىغاندۇ؟!!!... ھەي بۇرادەرلەر،توغرا يولدا مېڭىڭلار،ئۆزەڭلارغا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن!.ئۆزەڭلارنى ئۆزەڭلار ئۇنچە خار قىلماڭلار! بىكار بولساڭلار كىتاب كۆرۈڭلار،ئۆزەڭلار ئوقۇمىساڭلار،ھېچ بولمىغاندا، بالىلىرىڭلارغا ئېلىپ بىرىڭلار،ۋاقتىڭلار چىقسا بالىلىرىڭلارنى يىتىلەپ كىتاپخانىلارنى ئارىلاپ قويۇڭلار،كىتاپخانىلار چۆلدەرەپ قالمىسۇن،كىتاپلارنى توپا بېسىپ كەتمىسۇن،كىيىنكى ئەۋلادلارنىڭ مەنىۋىيىتى سىلەرگە ئوخشاش قۇرۇق قالمىسۇن!!!!........ سۈرەتتە؛ ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇقخانىدىن بىر كۈرۈنۈش. [يوپۇرغا ناھىيە ئاخۇنلۇقۇم يېزا؛ نامانجان ياسىن ئۆزھال] 2009-يىل 5-ئاينىڭ 8-كۈنى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  مۇزلىغان دەرىزە(ھى...
●  تىمتاس مۇھەببەت(ھى...
●  پۇل ھەممىدىن مۇھىم...
●  ئەلۋىدا سۇيۇملۇگۇم...
●  كۈنسىرى ئاۋاتلىشۋا...
●  ساۋاقداشلىق مېھرى ...
●  مەن پاھىشە ئەمەس (ھ...
●  ئاخشام كۆرگەن فانت...
●  ئويلاپ كۈرۈڭ؟
●  ھەسرەت(ھىكايە)
●  كۆلچى يازمىسى: كۆيۈ...
●  [ھېكايە] خىيال...
●  خىياللىرىمسەن(ھىكا...
●  مةختۇمسۇلانىڭ  چېچ...
●  پاھىشە قىز ۋە ئوغرى...
●  ساۋاقدىشىم
●  (مېھرىگىيا)سۇلماس گ...
●  (مېھرىگىيا)كەچكۈز ك...
●  تەنھالىق دالاسى
●  [ھىكايە]بالا

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  مۇزلىغان دەرىزە(ھىكايە)
●  تىمتاس مۇھەببەت(ھىكايە)
●  پۇل ھەممىدىن مۇھىممۇ؟؟؟...
●  ئەلۋىدا سۇيۇملۇگۇم پاتى...
●  كۈنسىرى ئاۋاتلىشۋاتقان ...
●  ساۋاقداشلىق مېھرى مەڭگۈ...
●  مەن پاھىشە ئەمەس (ھىكايە...
●  ئاخشام كۆرگەن فانتازەيى...
●  ئويلاپ كۈرۈڭ؟
●  ھەسرەت(ھىكايە)

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى