تىتوگراد
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-01 15:29:39 كۆرۈلۈش سانى : 43
يۇگوسلاۋىيىنىڭ قارا تاغ جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى. رىملىقلار مىلادى 2 - ئەسىردە ئاھالە پونكىتى قۇرغان بولۇپ، بۇنى دۇكلىيا دەپ ئاتىغان، كېيىن سلاۋىيانلار بۇ جايغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن پودگورىتسا دەپ نام قويغان، بۇ تاغنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى شەھەر دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ شەھەر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يۇگوسلاۋىيە زۇڭتۇڭى تىتونىڭ رەھبەرلىكىدە قايتا قۇرۇلغان. شەھەر نامى 194 - يىلى تىتوگراد )تىتو شەھىرى( دەپ ئۆزگەرتىلگەن. ھازىر بۇ شەھەر خېلى زامانىۋى سانائەت شەھىرىگە ئايلاندى. شەھەردە 100 مىڭدىن ئوشۇق ئاھالە بار. شەھەردە ئاليۇمىن تاۋلاش، توقۇمىچىلىق، تاماكا، مېتالچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەردە يەنە ئالىي مەكتەپلەر، مۇزېيخانىلار، چېركاۋلار، قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى، ئايرودرومى قاتارلىق ئورۇنلار بار. "
|
|