بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> شەھەرلەر >> ئىراننىڭ پايتەختى_ تېھران

ئىراننىڭ پايتەختى_ تېھران

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-29 16:05:33    كۆرۈلۈش سانى : 254  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ئىراننىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. غەربىي ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر. تېھران ئىلبورس تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەھەر جايلاشقان ئورۇننىڭ دېڭىز ئېگىزلىكى  1220 مېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ  8  مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدۇ )1984(. تېھران ئەڭ قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى. مىلادى  9 - ئەسىردە رېي شەھەرلىك بىرلەشمىسى بولۇپ قۇرۇلغان.  1788 - يىلى كاجار پادىشاھلىقى بۇ جاينى پايتەخت قىلىپ تېھران دەپ نام بەرگەن. تېھران پارس تىلىدا پاك جاي، پاكىز شەھەر دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شەھەردە كاجار پادىشاھلىقى دەۋرىدە قۇرۇلغان قەدىمىي ئورۇنلار ناھايىتى كۆپ. تېھران ئىراننىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، بۇ جايغا پۈتۈن دۆلەتتىكى سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ يېرىمى توپلانغان، ئۇنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن دۆلەتتىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ جايغا توقۇمىچىلىق، شېكەر، تاماكا، ئەينەك، فارفور، سېمونت، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، ماشىنىسازلىق، ئاپتوموبىل، نىفىت ئايرىش، ھەربىي قورال - ياراق ياساش، گىلەم توقۇش، يىپەكچىلىك قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى مەركەزلەشكەن. ئىران ھۆكۈمىتى تېھران شەھىرىگە سانائەتنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق مەركەزلىشىپ ئېغىر بۇلغىنىش كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېھران شەھىرىنىڭ 120 كىلومېتر دائىرىسى ئىچىدە زاۋۇت - فابرىكا قۇرۇشنى چەكلىدى. تېھران ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا ئارىلىقىدىكى مۇھىم ئاۋىئاتسىيە نۇقتىسى، ئىراننىڭ تۆمۈريول، تاشيول، ھاۋا يول تۈگۈنى، بۇ جايدىن دۆلەتنڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىگە سوزۇلغان تۆمۈريول، تاشيول، ھاۋا يوللىرى بار. شەھەردە يەنە چوڭ خەلقئارا ئايرودرومى قاتارلىق ئورۇنلار بار."


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تىنىئەن ئارىلى
●  خىروشىما
●  تىتىكاكا كۆلى
●  تىتوگراد
●  تىبېستى ئېگىزلىكى
●  ئىراننىڭ پايتەختى_ ...
●  تېمزا دەرياسى
●  كۇزباس
●  مانقىشلاق
●  مانخاتتان ئارىلى
●  مىچىگان كۆلى
●  تىمبۇ
●  تۇلون
●  تۇلا شەھىرى
●  جەنۇبىي ئاسىيا
●  تۇئامۇتۇ تاقىم ئار...
●  تويوتا شەھىرى
●  توكيو شەھىرى
●  تېل ئاۋىۋ - جافغا
●  گرېنلاندىيە

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تىنىئەن ئارىلى
●  خىروشىما
●  تىتىكاكا كۆلى
●  تىتوگراد
●  تىبېستى ئېگىزلىكى
●  ئىراننىڭ پايتەختى_ تېھر...
●  تېمزا دەرياسى
●  كۇزباس
●  مانقىشلاق
●  مانخاتتان ئارىلى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى