مىچىگان كۆلى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-08 17:36:04 كۆرۈلۈش سانى : 32
ئا ق ش نىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بەش چوڭ كۆلنىڭ بىرى، مەيدانى 58 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەڭ چوڭقۇر يېرى 281 مېتىرغا يېتىدۇ، كۆل سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ كېمىيىپ بارىدۇ. سۇ ي ۈزى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 177 مېتىر بولۇپ، گورۇن كۆلى بىلەن تەڭ كېلىدۇ. ماكىناڭ سۇ يولى ئارقىلىق گورون كۆلى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ئىلىنوس مىچىگان قانىلى ئارقىلىق مىسىسىپى دەرياسى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. كۆلنىڭ شىمالىي قىرغاقلىرى ئەگرى - بۈگرى بولۇپ، قولايلىق پورتلار كۆپ، كۆل بويىدا چىكاەو، مىليوكى، گىرىن - بېي، ماكىنو شەھىرى قاتارلىق چوڭ - كىچىك پورتلار بار. كۆل ئەتراپىدا ئالما، شاپتۇلا، نەشپۈت قاتارلىق مېۋە - چېۋىلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. |
|