مانقىشلاق
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-17 10:42:28 كۆرۈلۈش سانى : 33
كاسپىي دېڭىزىنىڭ شەرقىدىكى يېرىم ئارال. مەمۇرىي جەھەتتىن قازاقىستاننىڭ گورىيېۋ ئوبلاستىغا قارايدۇ. ئارالنىڭ شىمالىي قىسمى بۇزاچى يېرىم ئارىلى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى كاسپىي دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. ئارالنىڭ شەرقىي قىسمىدا ئاق تاغ ۋە قارا تاغ دېگەن تاغلىقلار ئورۇن ئالغان. ئارال دېڭىزغا قاراپ تەدرىجىي پەسلەپ بارىدۇ. يەر ئۈستىنى بور ۋە ئۈچىنچى دەۋر جىنسلىرى قاپلاپ تۇرىدۇئ ئارالدا نېفىت، كۆمۈر، مارگانېتىس، فوسفورت قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. مانقىشلاق رايونىدىن يىلىغا 20 مىليون توننا نېفىت ئېلىنىدۇ. بۇ رايون سوۋېتنىڭ 4 - باكوسى دەپ ئاتىلىدۇ. |
|