تىتىكاكا كۆلى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-19 11:12:34 كۆرۈلۈش سانى : 63
جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى بولىۋىيە بىلەن پېرونىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان كۆل. ئۇ مەيدانىنىڭ چوڭلۇقى جەھەتتە جەنۇبىي ئامېرىكا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ كۆل دېڭىز يۈزىدىن 3812 مېتر ئېگىز بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز تاتلىق سۇلۇق كۆللەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. كۆلنىڭ مەيدانى 8330 كۋادرات كىلومېتر، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 100 مېتر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 273 مېترغا يېتىدۇ. كۆل سۈيىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 13℃. كۆل سۈيى كۆلنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دېساگۇ ئادېرو دەرياسى ئارقىلىق پوپو كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. كۆلدە بېلىق ۋە باشقا جانىۋارلار ناھايىتى كۆپ. تىتىكاكا كۆلى بولىۋىيە بىلەن پېرۇ ئارىلىقىدىكى مۇھىم سۇ قاتناش يولى بولۇپ، بولىۋىيىنىڭ كۇاكى شەھىرى بىلەن پېرۇنىڭ پۇنۇ شەھىرى ئارىلىقىدا يىل بويى قېيىقلار قاتناپ تۇرىدۇ، تىتىكاكا كۆلىدە كۈن ئارىلى، ئاي ئارىلى قاتارلىق كىچىك ئاراللار بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى تىتىكاكا ئارىلى ھىنگا دەۋرىدە مۇقەددەس جاي بولغان. بۇ جايدا ھازىرغىچە ئۆتمۈشتىكى ئىبادەتخانىلار، خان سارايلىرىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلانماقتا. |
|