تېمزا دەرياسى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-24 13:27:12 كۆرۈلۈش سانى : 116
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئەنگلىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ دەريا. ئەنگلىيىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىدىكى كوتسۋولد تاغلىرىدىن باشلىنىپ، ئوكسفورد، لوندون قاتارلىق شەھەرلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، شەرقتىكى شىمالىي دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. باش مەنبەسىدىن لوندون كۆۋرۈكىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 259 كىلومېترغا يېتىدۇ، لوندون كۆۋرۈكىدىن نور ئارىلىقىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 77 كىلومېتر، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 336 كىلومېتر كېلىدۇ. كۆلىمى 11 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، دەريا قىنىنىڭ يانتۇلۇقى چوڭ ئەمەس، سۇ ئورنى مۇقىم، قىش پەسلىدىكى سۈيى كۆپرەك، ناھايىتى ئاز ھاللاردا سۈيى مۇزلايدۇ. ئوكسفوردتىن تۆۋەن ئېقىمىنىڭ دەريا قىنى كېڭىيىپ بارىدۇ، ئوكسفوردتا دەريانىڭ كەڭلىكى 46 مېتر، لوندون كۆۋرۈكىدە 229 مېتر، گراۋسېندتا 640 مېترغا يېتىدۇ. قاتناش مۇساپىسى 280 كىلومېترغا يېتىدۇ. لوندوندىن تۆۋەن قىسمىدا ئوكيان پاراخوتلىرى سۇ كۆتۈرۈلگەن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ لوندونغا كېلەلەيدۇ، لوندون مۇنارا كۆۋرۈكىدىن دەريا ئاغزىغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا 4 تارماق ئاپتوموبىل تۇنېلى بار. مۇنارا كۆۋرۈكىنىڭ يۇقىرى ئېقىم دەريا بويىدا نۇرغۇنلىغان تاشيول، تۆمۈريول كۆۋرۈكلىرى ھەم باشقا دەريالار بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان قاناللار بار. تېمزا دەريا سۈيى لوندون شەھىرى پايدىلىنىدىغان مۇھىم سۇ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ."
|
|