تىبېستى ئېگىزلىكى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-30 13:21:58 كۆرۈلۈش سانى : 98
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئافرىقىدىكى سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان لاۋائېگىز تەكشىلىك. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 480 كىلومېتر، كەڭلىكى 280 كىلومېتر، بۇ ئېگىز تەكىشلىكتە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتر كېلىدىغان 5 يانار تاغ بار. بۇنىڭ ئىچىدە تۇسىير ھەرىكەتچان يانار تېغىنىڭ ئېگىزلىكى 3265 مېتر، كۇسسى ئەڭ ئېگىز ئۆچكەن يانار تاغ بولۇپ 3415 مېتر كېلىدۇ. بۇ ئېگىز تەكشىلىكنىڭ يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 100 مىللىمېترغا يەتمەيدۇ. ياز پەسلى كۆپىنچە گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغىدۇ. بۇ جايدا پەسىللىك دەريالار خېلى كۆپ. بۇ جايدىكى خەلقلەر يېرىم كۆچمەن ھالەتتە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، تۆگە، ئېشەك، قوي قاتارلىقلارنى باقىدۇ. ئايرىم جايلاردا خورما، ئارپا، تېرىق، تاۋۇز، تاماكا قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ. ياۋايى ھايۋانلاردىن تاغ ئۆچكىسى، ياۋا كالا، ياۋا ئىت، بۆرە، چۆل تۈلكىسى، ياۋا مۈشۈك، شىر قاتارلىقلار ياشايدۇ. بۇ جاي چادنىڭ مۇھىم ساياھەت، ئوۋچىلىق رايونى بولۇپ، تاشيول غەربىي تەرەپتە رانوغا قەدەر بارىدۇ. ئىدرالىيىدا ئايرودرومى بار |
|