بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> تارىخ >> ھەقىقى ئانتى سىمىتىزىمنى چۇشىنەمسىز؟

ھەقىقى ئانتى سىمىتىزىمنى چۇشىنەمسىز؟

يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-26 12:30:10    كۆرۈلۈش سانى : 195  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
[size=4][align=center]ھەقىقى ئانتى سىمىتىزىمنى چۇشىنەمسىز؟[/align][/size] سۇئال:(ئامرىكىدىن مۇھەممەد)ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئالىم،ئاتالمىش ئانتى سىمىتىزىمنى قانداق چۇشىنىمىز؟غەرىبتىكى ھەرقايسى ئاخپارات ۋاستىلىرى يەھۇدى قىساسچىلىرىنىڭ(زىئونىزىمچىلار)تەسىرىگە ئۇچراپ يەھۇدىلار بىلەن بىردەك بولمىغان ھەرقانداق ئادەمنى ئانتى سىمىتىزىمچى دەپ قاراۋاتىدۇ،ئۇنداقتا ئانتى سىمىتىزىم زادى نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟ئاللا سىزنى بەخىتلىك قىلسۇن، جاۋاپ؛(شاھۇل ھەمىد)ۋەئەليكۇم ئەسسالام مۇھەممەد،سۇئال سورىغىنىڭىز ئۇچۇن سىزگە كۆپ رەھمەت، ‹‹كامبىرىج ئىلغار ئۇگەنگۇچى››لوغىتى ئانتى سىمىتىزىمغا مۇنداق تەبىر بىرىدۇ؛‹‹ئانتى سىمىتىزىم دىگىنىمىز-يەھۇدى خەلقىگە قاتتىق ئۆچمەنلىك قىلىش ياكى ئۇلارغا ۋەھشىلىك ۋە زالىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش››بىز يۇقارقى تەبىرنى كۆپچىلىك غەرىپلىكلەر ئارىسىدا ئوموملاشقان قاراش دىسەك خاتالاشمايمىز،سىمىت دىگەن سۆز مەنبە جەھەتتىن نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى سامنىڭ نەسلىدىن كىلىپ چىققان خەلىقلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ بۇگۇنكى كۇندىكى ئەرەپلەر ۋە بەزى يەھۇدىلار دەل شۇ خەلىقلەرنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر،بۇ خەلىقلەر قەدىمدە سىمىت خەلىقلىرى دەپ ئاتالغان،چۇنكى ئۇلارنىڭ تىلى بولغان ئەرەب تىلى ۋە ئىبراي تىلى شۇ بىر مەنبەدىن كىلىپ چىققان ۋە ئورتاق تىل گۇرپىسىغا تەۋە،ئەرەپلەر مەيلى ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىرى بولسۇن ياكى خىرىستىيانلىرى بولسۇن ھەممىسىلا سىمىتلاردۇر،مەسخىرلىك ئىش شۇكى ئۇلارغا قارشى ھەركەتلەر ھەقىقى ئانتىسىمىتىزىم دەپ ئاتالمايۋاتىنىڭ ئۇستىگە ئەھۋالدىن خەۋەرسىز خەلىقلەر ياكى بەزىلەر بىلىپ تۇرۇپ قەستەن ئانتى سىمىتزىمچى دىگەن بۇ ئاتالغۇنى ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقوقى ئۇچۇن  يەھۇدى قىساسچىلىرىغا قارشى كۆرەش قىلىۋاتقان پەلەستىنلىكلەرگە ئىشلىتىۋاتىدۇ،ھازىر بۇگۇنكى نۇرغۇن يەھۇدىلارنىڭ بولۇپمۇ گىرمان قان سىستىمىسىدىكى(ئاشكىنانزى)يەھۇدىلارنىڭ سىمىتلاردىن ئەمەسلىلىكى ياكى سىمىت تەركىبىنىڭ ناھايتى ئازلىقىنى ،ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئىتنىك تەركىبى شەرقى ياۋرۇپا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن پاكىتلار بار،ئۇلار پەقەت سىمىت ئىتنىك يىلتىزىنىڭ يۇزە،شاكال مەدىنىيەتلىرىنىلا داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ،لىكىن ئىراق،يەمەن،ماراكەش قاتارلىق دۆلەتلەردىكى يەھۇدىلار ئەلۋەتتە بۇنداق ئەمەس،ئۇلاردىن باشقىلاردا ھەقىقى سىمىت يەھۇدى تەركىبى ئاز،يەھۇدى قىساسچىلىرى(زىئونىزىمچىلار)نىڭ تەشۋىقات ماشىنىسى ئانتىسىمىتىزىم دىگەن بۇ ئاتالغۇنى ئۆزلىرىگە قارشى ئىددىيە ۋە پىكىرلەرنى يوقىتىش ۋە قارىلاش ئۇچۇن قورال قىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ،ۋە ھىلىگەرلىك بىلەن بۇ ئاتالغۇنى ئىسرائىليە يولغا قويۇۋاتقان زالىمانە ھەركەتلەرنى ئاقلاشنىڭ دەستىكى قىلىۋاتىدۇ،ئازراقلا مائارىپ-مەدىنىيەت تەربىيسى قوبۇل قىلغان خەلىقلەرنىڭ ھەممىسىلا ئىسرائىليەنىڭ جەنۋە ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلىپ بىگۇناھ پەلەستىنلىكلەرگە ياۋايىلارچە ئىتنىك قىرغىنچىلىق ئىلىپ بىرىۋاتقانلىقىنى،ۋە ئىسرائىليەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ زىمىنىغا ئاتالمىش‹‹تاللانغان،ئەلا مىللەت››يەھۇدىلارنى تۇركۇم-تۇركۇملەپ ئولتۇراقلاشتۇرىۋاتقان ئوپئوچۇق ئىرقى ئايرىمىچى ‹‹دۆلەت›› ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ،موبادا بىر مۇسۇلمان يەھۇدى قىساسچىلىرى (زىئونىزىمچىلار)نى ئەيىپلىگەنلىكى سەۋەپلىك ئانتىسىمىتىزىمچى دەپ ئاتالسا شۇ ئەيىپلىگۇچىلەرگە پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقى سىمىتلاردىن ئىكەنلىكى بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنى ھەرقانداق ئادەمدىن ۋە بەك ياخشى كۆرىدىغان ۋە ھۆرمەتلەيدىغانلىقىمىزنى ئەسكەرتىپ قويۇشى،بولۇپمۇ ئەرەپ مۇسۇلمانلار ئۇلارنى ئانتىسىمىتىزىمچى دەپ ئەيىپلىگۇچىلەرگە ‹‹ھەي!مانا مەن ھەقىقى سىمىتلاردىن›› دەپ ئىيتىپ قويۇشى كىرەك،دۇنيادا ھەممىلا يەھۇدىلار يەھۇدى قىساسچىلىرى(زىئونىزىمچىلار) پەلەستىندە ئىلىپ بىرىۋاتقان ئىنسان قىلىپىدىن چىققان قانلىق قىرىغنچىلىقلىرنى قوللاپ كەتمەيدۇ،ۋە ئۇلار يەھۇدى قىساسچىلىرى (زىئونىزىمچىلار)نىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ تەۋرات ۋە يەھۇدى دىنىنىڭ ئەسلى ئەنئەنىلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ ئوچۇق ئاشكارا پىكىرلىرىنى بايانمۇ قىلدى،مەسىلەن ئاشۇلارنىمۇ ئانتىسىمىتىزىمچى دەپ ئىيتىش كىرەكمۇ؟يەھۇدى قىساسچىلىرىنىڭ مەنتىقىسى بويچە ئىيتقاندا ئەلۋەتتە شۇنداق،يەھۇدى قىساسچىلىرى(زىئونىزىمچىلار) ئۇلارنىڭ يولغا قويۇۋاتقان زالىم سىياسەتلىرىنى ئەيىپلىگەن ھەرقانداق ئادەمنى مەيلى ئۇ يەھۇدى بولسۇن ياكى يەھۇدى بولمىسۇن ئوخشاشلا ئانتىسىمىتىزىمچى دەپ قارىلايدۇ،شۇ ناھايتى ئىنىقكى مۇسۇلمانلار ھەرگىزمۇ يەھۇدى دىنىغا ياكى يەھۇدى خەلقىگە قارشى ئەمەس،ئۇلار پەقەت ئىرقى ئايرىمىچى يەھۇدى قىساسچىلىرى (زىئونىزىمچىلار)نى ئەيىپلەيدۇ خالاس،ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمانلار يەھۇدىلار بىلەن خىرىستىيانلارنى كىتاپ ئەھلى،ساماۋى كىتاپ بىرىلگەن كىشىلەر دەپ قاراپ ھۆرمەتلەيدۇ،مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى دەپ ئاتالغان مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئاللانىڭ پەيغەمبەرلىرى،ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دىنى ئاللاغا بويسۇنۇش ۋە تىنىچلىق مەنىسىدىكى ئىسلام دىنى دەپ ئىشىنىدۇ ۋە ھۆرمەتلەيدۇ،ئۇنىڭ ئۇستىگە نۇرغۇن يەھۇدىلار يەھۇدى قىساسچىلىرى(زىئونىزىمچىلار) ۋە ئۇلارنىڭ دۆلىتى دەپ قارالغان يەھۇدى قىساسچىلىرى دۆلىتى(ئىسرائىليە)گە قارشى،موبادا ئورۇن چەكلىمىسى ۋە تىمىدىن چەتنەپ كىتىش بولمىغان بولسا مەن سىزگە ئۇلاردىن بىرقانچىنى مىسال كەلتۇرۇپ بىرىشىم مومكىن ئىدى،يەھۇدى قىساسچىلىرى(زىئونىزىمچىلار)نىڭ ھەقىقى ماھىيىتى نىمە؟ۋە يەھۇدىلار ئۇلارغا قارايدۇ؟،،،،،قاتارلىق بىر تۇركۇم مەسىلىلەر توغۇرسىدا تىخىمۇ ئەتراپلىق ئۇچۇرغا ئىرىشەي دىسىڭىز،تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىكى ماقالىلەرنى كۆرۇپ چىقىڭ؛


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تۈرك دۇنياسىغا قىس...
●  ھەقىقى ئانتى سىمىت...
●  مارتىن لۇتېر
●  چاچقۇن پادىشاھ ئىۋ...
●  ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ب...
●  ئىسپان تىياتىرىنىڭ...
●  سېرۋانتس
●  «گىگانت ئادەمنىڭ ت...
●  قەلەندەرلەر قوزغىل...
●  قانلىق پەرمان
●  ئۇتوپىيە
●  «يېڭىلمەس پاراخوت ...
●  قوي، ئادەملەرنى يە...
●  جەنۋە پاپىسى
●  ئۈچ رەڭلىك بايراق
●  توماس ميۇنتسېر
●  رىم پاپىسىدىن ئادا ...
●  بايراققا سىزىلغان ...
●  پارچە - پارچە بەگلى...
●  سان پېتىر ئىبادەتخ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تۈرك دۇنياسىغا قىسقىچە ...
●  ھەقىقى ئانتى سىمىتىزىمن...
●  مارتىن لۇتېر
●  چاچقۇن پادىشاھ ئىۋان
●  ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ باشلىن...
●  ئىسپان تىياتىرىنىڭ ئاتى...
●  سېرۋانتس
●  «گىگانت ئادەمنىڭ تەرجىم...
●  قەلەندەرلەر قوزغىلىڭى
●  قانلىق پەرمان

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى