ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ باشلىنىشى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-30 11:37:18 كۆرۈلۈش سانى : 187
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
كىتاۋىمىزدامىلادى 476 - يىلى غەربىي رىم ئىمپرىيىيىسىنىڭ قۇللارنىڭ قوزغىلاڭلىرى ۋە يات مىللەتلەرنىڭ تاقاۋۇز قىلىپ كىرىشى نەتىجىسىدە ھالاك بولغانلىقى
يات مىللەتلەر ئاساسلىقى كىملەر ئىدى؟ غەربىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي تەرەپلىرىدە يەنى ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسىملىرىدا تارىختىن بۇيان نۇرغۇنلىغان مۇستەقىل قەبىلىلەر ياشاپ كەلگەن ئىدى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ قەبىلىلەردىن بىرى، گېرمان قەبىلىسى ئىدى. ئۇ چاغدا، رىملىقلار ئۆزلىرىدىن باشقا بارلىق مىللەتلەرنى >ۋارۋارلار< )>بەدۋى مىللەتلەر<( دەپ ئاتايتتى. ھالبۇكى، دەل مۇشۇ ۋارۋارلار، ياۋروپا تارىخىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى.
ۋارۋارلار سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتلەردە قالاق بولسىمۇ، ھەربىي كۈچ جەھەتتە ناھاىيىتى قۇدرەتلىك ئىدى. قۇرمىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ھەممىسى جەڭچى بولاتتى، قەبىلىلەر كېڭىشىدە مەلۇم بىر تۈرلۈك ئىشقا قوشۇلىدىغنالىقىنى، قوراللىرىنى جاراقلىتىش بىلەن، قوشۇلمايدىغانلىقىنى، قالايمىقان چۇقان كۆتۈرۈش بىلەن، ئىپادىلەيتتى. ئۇلار ئېتىزلارنى ئوغۇتلاشنى بىلمەيتتى. ھوسۇلنى يىغىۋېلىپ بولۇپلا بۇ يەرنى تاشلىۋېتىپ يەنە باشقا جايلاردىكى يېڭى يەرلەرنى ئېچىپ تېرىپ دېھقانچىلىق قىلاتتى. شۇڭا، ئۈزلۈكسىز تۈردە يەر بۇلايتتى. جەڭگە چىققاندا، قاچقۇنلارنى دارغا ئاساتتى، قورقۇنچاقلارنى دەرياغا تاشلاپ غەرق قىلىۋېتەتتى، شۇڭا، ھەممەيلەن غايەت باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلاتتى.
ۋارۋارلار شەھەرلەرنى كېرەك قىلمايتتى، شۇڭا، ئۇلار غەربىي رىمنىڭ شەھەرلىرىگە باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن، چېركاۋلارنى، ئوردا سارايلار ۋە تىياتىرخانىلارنى بۇزۇپ - چېقىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ تاشلىرىدىن ئۆزلىرىگە ئىمارەت ۋە مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىنى ياسىدى. ئۇلار قاتناش - تىرانسپورتنىڭ رولىنى بىلمىگەچكە، ئىمپېرىيىنىڭ جاي - جايلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئېسىل يوللارنى ۋەيران قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ۋارۋارلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان جايلاردا سودا - سېتىق ئىشلىرى توخtاپ قالدى. ئاۋات يۇرتلار، پىرىستانلار ئاستا - ئاستا بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قاقاس قىشلارقلارغا ئايلىنىپ كەتتى؛ مەكتەپلەرمۇ ۋەيران قىلىنىپ، خەت ساۋادى بارلار بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى. مىلادى 6 - ئەسىرگە كەلگەندە، لاتىن تىلىدا تۈزۈككىنە خەت يتازالايدىغانلارنى ئىزلەپ تېپىش ناھايىتى قىيىن ئىش بولۇپ قالدى …
ئاشۇ تەرىقىدە ئوتتۇرا ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، غەربىي ياۋروپا بىر نەچچە ئەسىرلەپ نادانلىق ھالىتىدە قالدى. بۇ چاغدا ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرنىڭ خارابىلىرى ۋە رىم ۋاداپروۋدىنىڭ قالدۇقلىرىلا كىشىلەرگە كىلاسسىك مەدەنىيەتىنىڭ شەۋكىتىنى ئەسلىتىپ تۇراتتى.
12 - ئەسىرگە كەلگەندىلا، بىر خىرىستىيان دىن تارقاتقۇچىسى ئاشۇ خارابى شەھەر - رىمنى زىيارەت قىلدى ۋە ھەسىرەت بىلەن:> ئەي رىم! سەن پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغان بولساڭمۇ، يەنىلا سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوق. سېنىڭ خاربەڭ سېنىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋرلەردە نەقەدەر ئۇلۇغ ئۆتكەنلىگىڭنى نامايەن قىلىپ تۇرۇپتۇ! ئۇزۇن يىللار سېنىڭ ھۆسنى - جامالىڭنى ۋەيران قىلدى، كايزا قەلئەسى بىلەن ئاسمان خۇداسىغا سېغىنىش ئىبادەتخانىسى ئەنە بىر سازلىقتا تۇرۇپتۇ. ئەمما ئوت يالقۇنلىرى، قىلىچ - خەنجەرلەرنى ھەمرا قىلغان يورغا يىللارمۇ سېنىڭ شان - شەرىپىڭنى قىلچە بۇلغىيالماپتۇ< - دەپ نادامەت قىلغان ئىدى.
ئەمما، قالاق ۋارۋارلار، غەربىي ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈمىنى ئۆزگەرتتى، ياۋروپانى قۇللۇق ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، تەدرىجى ھالدا فېئوداللىق تۈزۈمگە ئۆتكۈزدى.
بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟
ئەسلىدە ۋارۋار جەڭچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى قوراللاندۇراتتى، ئۇلارنىڭ دۆلىتىدە تەمىناتلىق ئارمىيە قۇرۇش ھاجەت ئەمەس ئىدى. ۋارۋارلارنىڭ دۆلىتىدە دۆلەت غەزنىسى تەرىپىدىن بېقىلىدىغان ئەمەلدارلار، ھەتتا كۆپلەپ دەپى - دۇنيالارنى سەرپ قىلىدىغان ئوردا ـ سارايلارمۇ يوق ئىدى. ئاقسۆڭەكلەر بولغان تەقدىردىمۇ يەنىلا قىشلاق ئادىتى بويىچە ئاددى ياشاپ، رىم بايلىرىدەك ئەيشى - ئىشرەت، كەيپ - ساپا ئىشلارغا زادىلا بېرىلمەيتتى. ئۇلارغا كۆپلەپ باج - سېلىق يىغىۋېلىش ھاجەت بولمايتتى. شۇڭا، ۋارۋارلار، رىم پادىشاسى ۋە قۇلدارلىرىنىڭ يەر - مۈلۈكلىرىنى ئىگەللىۋالغاندىن كېيىنلا دۆلەت پۇقرالىرىغا تەقسىملەپ بەردى. ئادەتتىكى جەڭزىلەر بالا - چاقىلىرىنى باققۇدەك زىمىنغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، ئەسىلىدىكى قۇللار ۋە كانلارغىمۇ خوجايىنلىرى يەر تەقسى قكىلىپ بېرەتتى. بۇنىڭ بىلەن بۇلار يەنىلا قۇل بولۇۋەرمەستىن، يەر ۋە دېھقانچىلىق سايمانلىرىغا ئىگە يانچىلارغا ئايلاندى. بۇ - ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ كاتتا ئازاتلىقى ئىدى. غەربىي ياۋروپا فېئوداللىق تۈزۈمى مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا دۇنياغا كەلدى.
ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ باشلىنىشى مۇقەددەم ھەم پارلاق رىم مەدەنىيىتىنى يىمىرىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ، ئىنسانىيەت تارىخىدا زور بىر قەدەم ئىلگىرىلەش بولدى.
شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن، تارىخ سەھنىسىدە يېڭى بىر پەردە ئېچىلدى ۋە ئارقا - ئ.ارقىدىن دەبدەبىلىك يېڭى كۆرۈنۈشلەر كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئەمدى سىلەرگە ھون چەۋەندازلىرى ياۋروپاغا باستۇرۇپ كىرگەن زور تارىخىي ۋەقەنى مۇقەددىمە قىلغان ھالدا، ئوتتۇرا ئەسىردە بارلىققا كەلگەن خىلمۇخىل قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىمىز.
|
|