بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> تارىخ >> تۈرك دۇنياسىغا قىسقىچە نەزەر

تۈرك دۇنياسىغا قىسقىچە نەزەر

يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-26 15:14:09    كۆرۈلۈش سانى : 1029  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: بۇ ھەپتىكى پروگراممىمىزنى رۇسىيىگە مۇناسىۋەتلىك بىر خەۋەر بىلەن باشلايمىز. تۈركمەنىستان دۆلەت رەئىسى قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ، 25 – مارت كۈنى موسكوۋادا زىيارەتتە بولدى. زىيارەت دائىرىسىدە بەردىمۇھەممەدوۋ، رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىن، دۆلەت دۇماسى باشلىقى بورىس گرىزلوۋ ۋە رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشتى. دىمىترى مېدۋېدېۋ، تۈركمەنىستان دۆلەت رەئىسى قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، ئۇچرىشىشلارنىڭ ئۆزئارا ئىشەنگەن بىر خىل كەيپىياتتا ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە – تۈركمەنىستان دىئالوگىنىڭ ئاساسىنى بۇ كەيپىيات تەشكىل قىلىدۇ. بىز بۇنىڭغا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىمىز.» ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىمزالانغان ئورتاق خىتابنامىنىڭ، خىزمەتلەرنىڭ ناھايىتى روشان نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان مېدۋېدېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «سودا، ئىقتىساد ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلى سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. سودىمىزدا ئۆتكەن يىلى مۇھىم دەرىجىدە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى تونۇپ يەتتۇق. بۇنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن يېتەرلىك شەرت – شارائىتىمىز بار. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ، بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا مەبلەغ سېلىشنى ئىزچىل جارى قىلدۇرۇشى ۋە تەشۋىق قىلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە بىز ئىمزالىغان ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىم ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.» مېدۋېدېۋ، مۇزاكىرىلەردە نېفىت ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق مەسىلىسى ھەققىدىمۇ سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى. مېدۋېدېۋ، كۆرۈشۈشتە رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ كۆز قارىشىنىڭ زور دەرىجىدە بىر – بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. رۇسىيىنىڭ تۈركمەنىستان بىلەن خەۋپسىزلىك ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مېدۋېدېۋ، «خەۋپسىزلىك ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز. بولۇپمۇ بۇ، تۈركمەنىستاننىڭ خەلقئارا تەبىئىي گاز يۆتكەش سىستېمىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىم بىر شەكىلدە پائالىيەت ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان پىلان - لايىھىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك، دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. رۇسىيە بۇ پىلان لايىھىسىنى قوللايدۇ ۋە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كاپالەتلىك قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى. بەردىمۇمھەممەدوۋمۇ بەرگەن باياناتىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشتا ھېچقانداق بىر مەسىلە يوقلۇقىنى بىلدۈردى. تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى قەيت قىلغان بەردىمۇھەممەدوۋ، «خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى تەربىيىلەش مەسىلىسىدە بىر تۈركۈم كېلىشىمنامىلەر ئىمزالىغانلىقىنى ئېيتتى. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۇچرىشىشلاردا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردە ھەقىقىي رەۋىشتە ئىلگىرىلەش خاھىشى بار. تىجارەت ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىمىز %45 لىك ئىلگىرىلەش بىلەن 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى» دېدى. بەردىمۇھەممەدوۋ زىيارىتى دائىرىسىدە يەنە سانت پېتېردبۇرگ شەھرىنىمۇ ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، شەھەر ۋالىسى ۋالېنتىنا ماتۋىئېنكو بىلەن بىرگە ئاشىقئابات – سانت پېتېرسبۇرگ ھاۋا قاتنىشى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رايونلۇق بىخەتەرلىكى ئۈچۈن «خېمىيىلىك قورال – ياراغلارنى ئىشلەتمەسلىك» توغرىسىدا كېلىشىمنامە ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغان قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئۆزئارا 21 – مارتتىن ئېتىبارەن «خېمىيىلىك قورال – ياراغلارنى ئىشلەتمەسلىك» كېلىشىمنامىسى ئىمزالىدى. قىرغىزىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئاخبارات مەركىزىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە ئۆزئارا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىپ «خېمىيىلىك قورال – ياراغلارنى ئىشلەتمەسلىك» توغرىسىدا كېلىشىمنامە ئىمزالىغان. 5 ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى تەرىپىدىن ئىمزالانغان «خېمىيىلىك قورال – ياراغلارنى ئىشلەتمەسلىك» توغرىسىدىكى كېلىشىمنامە، كېلىشىمنامىنى ئىمزالىغان دۆلەتلەردە ھەر تۈرلۈك خېمىيىلىك قورال – ياراغلارنىڭ ئىشلىتىلىشى، خېمىيىلىك قورال – ياراغلارنى سېتىۋېلىشنى مەنئىي قىلىدۇ. كېلىشىمنامىنى ئىمزالىغان دۆلەتلەر يەنە، دۇنيادا رەسمىي خېمىيىلىك قورال – ياراغلارنى ئىشلىتىۋاتقان جۇڭگو، رۇسىيە، ئەنگىلىيە، شىمالىي كورىيە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىمۇ بۇ كېلىشىمنامىنى ئىمزالاشقا چاقىرىق قىلماقتا. رادىئو ئاڭلىغۇچى ئېزىز دوستلار! ئاڭلاۋاتقىنىڭلار تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى. ئەمدى دىققىتىڭلار، ئۆزبېكىستانغا مۇناسىۋەتلىك خۇش خەۋىرىمىزدە بولسۇن. تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدا ساياھەت ساھەسىدە يېڭى بىر ھەمكارلىق قەدىمى تاشلاندى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقان كېلىشىمنامە تاشكەنتتە ئىمزالاندى. كېلىشىمنامىنى تۈركىيىگە ۋەكالىتەن ئىزمىر شەھەرلىك پارلامېنت ئەزاسى بىلال دوغان، ئۆزبېكىستانغا ۋەكالىتەن ئۆزبېكىستان ساياھەت ئاگېنتلىقى باشلىقى زەفەر ھاكىموۋ ئىمزالىدى. مۇراسىمدا نۇتۇق مۇنبىرىگە چىققان ھەيئەت باشلىقى دوغان: «بىز بۇ يەرگە، ساياھەت جەننىتى بولغان تۈركىيىنى، ئىزمىرنى ۋە چەشمىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن كەلدۇق» دېدى. دوغان: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدىغان كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلەر، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنى تېخىمۇ قىسقارتىدۇ ۋە بىر – بىرىمىزنى تېخىمۇ يېقىندىن تونۇش ئۈچۈن بىزگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ» دېدى. مۇراسىمغا قاتناشقان تۈركىيىنىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەسلىھەتچىسى ئەردوغان تولان بولسا، يېڭى كېلىشىمنامىنىڭ ساياھەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش جەھەتتىن تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. نۆۋەتتىكى خەۋىرىمىز، قازاقىستان – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا داۋاملىشىدۇ: «قازاقىستان – ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتى، قازاقىستاندا جامە سالماقچى.» قازىنفورم ئاگېنتلىقىنىڭ قازاقىستان – ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئاساسلىنىپ بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جامە، ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ياردىمى بىلەن سېلىنىپ، قازاقىستان مۇسۇلمانلىرىغا ھەدىيە قىلىنىدىكەن. ئامېرىكىلقلارنىڭ ئىلگىرى باشقا دۆلەتلەردە جامە سالمىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن خەۋەردە، قازاقىستانغا جامە سېلىشنىڭ «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تارىخىدا تۇنجى قېتىم يېڭى بىر سەھىپە ئاچىدىغانلىقى» ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، بۇنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسى بىلەن يېقىنلىشىشقا قارىتا يولغا قويماقچى بولغان يېڭى سىياسىتى ۋە ئستراتېگىيىسىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى. ئاخىرقى خەۋىرىمىز ئۆزبېكىستانغا مۇناسىۋەتلىك سۆيۈملۈك دوستلار! باھار ئايلىرى كىرىش بىلەن تەڭ يېڭى يەرمەنكىلەر باشلىنىپ كەتكەن ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنت بىرلا ۋاقىتتا ئىككى يەرمەنكىگە ساھىبخانلىق قىلدى. 9 - «غىزا» ۋە 4 - «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەسمىسى» 25 – مارتتىن 27 – مارتقىچە تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلدى. ئۆزبېكىستان بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يەرمەنكە مەركەزلىرىنىڭ بىرىدە ئايرىم – ئايرىم ساھەلەرگە دەرۋازىلىرىنى ئاچقان يەرمەنكىگە تۈركىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گېرمانىيە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ، ھىندىستان، ئىتالىيە، رۇسىيە، جۇڭگو، سىنگاپۇر قاتارلىق 27 دۆلەتتىن 90 غا يېقىن كارخانا ئىشتىراك قىلدى. يەرمەنكىدىكى كۆرگەزمىخانىلاردا غىزا ۋە يېزا – ئىگىلىك ساھەسىدە خىلمۇ خىل مەھسۇلاتلاردىن سىرت يەنە، مۇشۇ ساھەدە ئىشلىتىلىۋاتقان تۈرلۈك تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار ۋە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمە قىلىندى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تۈرك دۇنياسىغا قىس...
●  ھەقىقى ئانتى سىمىت...
●  مارتىن لۇتېر
●  چاچقۇن پادىشاھ ئىۋ...
●  ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ب...
●  ئىسپان تىياتىرىنىڭ...
●  سېرۋانتس
●  «گىگانت ئادەمنىڭ ت...
●  قەلەندەرلەر قوزغىل...
●  قانلىق پەرمان
●  ئۇتوپىيە
●  «يېڭىلمەس پاراخوت ...
●  قوي، ئادەملەرنى يە...
●  جەنۋە پاپىسى
●  ئۈچ رەڭلىك بايراق
●  توماس ميۇنتسېر
●  رىم پاپىسىدىن ئادا ...
●  بايراققا سىزىلغان ...
●  پارچە - پارچە بەگلى...
●  سان پېتىر ئىبادەتخ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تۈرك دۇنياسىغا قىسقىچە ...
●  ھەقىقى ئانتى سىمىتىزىمن...
●  مارتىن لۇتېر
●  چاچقۇن پادىشاھ ئىۋان
●  ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ باشلىن...
●  ئىسپان تىياتىرىنىڭ ئاتى...
●  سېرۋانتس
●  «گىگانت ئادەمنىڭ تەرجىم...
●  قەلەندەرلەر قوزغىلىڭى
●  قانلىق پەرمان

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى