بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> تارىخ >> ئىسپان تىياتىرىنىڭ ئاتىسى

ئىسپان تىياتىرىنىڭ ئاتىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-28 14:07:58    كۆرۈلۈش سانى : 55  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
ۋېگا كۆرەڭلەپ نېمە قىلىۋاتىسەن؟ - ئون ياشلىق بوس ئەجەبلىنىپ سورىدى. ۋېگا دەپ ئاتىلىۋاتقان بالا ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن ئىدى. ئۇ چىلگە بېشىنى لىڭشىتقان ھالدا شەرقتىكى شەپەققە تەلپۈنۈپ ھەدەپ، بىرنېمىلەرنى زىكرى قىلماقتا ئىدى؛ ئۇ بىراۋنىڭ چاقىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئىتتىك قارىدى. - سۆيۈملۈك بوس، مەن شېئىر ئوقۇۋاتىمەن، قارا ئاۋۇ شەپەق نېمە دېگەن گۈزەل! - خەت يېزىشنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ، شېئىر ئوقۇيالامسەن، تېخى! - دەپ قاقاقلاپ كۈلدى بوس. - بوس - دېدى ۋېگا ئەستايىدىللىق بىلەن، - مەن ئوقۇغان شېئىرلارنى يېزىپ بېرىشنى خالامسەن؟ ئۇنداقتا مەن ساڭا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. - ئەلۋەتتە خالايمەن! نېمە بىلەن مىننەتدارلىق بىلدۈرىسەن؟ ۋېگا يانچۇقىدىن ئارىسىغا سېرىق ماي سېلىنغان بىر بولكىنى ئالدى - دە، ئوتتۇرىدىن ئۇشتۇپ يېرىمىنى بوسقا تەڭلىدى ۋە: -بۇ مېنىڭ ئەتىگنلىك تامىقىم ئىدى، ساڭا يېرىمىنى بەرسەم بولامدۇ؟ - دېدى. بوس بولكىنى ئېلىپ،  خۇشاللىق بىلەن ۋېگانىڭ شېئىرلىرىنى خاتىرىلەشكە باشلىدى. بەش يېشىدىلا شېئىر يازالايدىغان بۇ بالا _ ئەدەبىيات - سەنئەت گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئىسپانىيىنىڭ ئۇلۇغ دراماتورگى لوپى دې ۋېگا ئىدى. ئۇ ئۆمرىدە 2000 پارچىغا يېقىن سەھنە ئەسىرى يازدى. ئۇ ئىجات قىلغان ئەسەرلەرنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئەدەبىيات تارىخىدا كەم كۆرۈلگەچكە كىشىلەر ئۇنى «ئىسپان تىياتىرىنىڭ ئاتىسى» دەپ تەرىپلىدى. 1562 - يىلى 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ۋېگا ئىسپانىيىنىڭ پايتەختى مادرىدتا دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ بوۋىسى ئاددىي دېھقان ئىدى. ئاتىسى ئوردىنى زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان قول سانائىتى بىلەن شۇغۇللانغاچقا، بىر ۋاراقى ھاللانغان ۋە كېيىنچە بىر ئاقسۆڭەك ئايالغا ئۆيلىنىپ، ئاقسۆڭەكلىك ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان ئىدى. ۋېگا ئون يېشىدا سەھنە ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش ۋە تەرجىمە قىلىش كىرىشتى. كېيىنچە بىر ئېپىسكوپقا ھەمرا بولۇپ، ئۆزىنىڭ 1 - ئەسىرى _ ئۈچ پەردىلىك كومېدىيە يازدى. بۇ شۇ چاغدا تازا يېڭىلىق بولۇپ، ئوينالغاندىن كېيىن، تاماشىبىنلارنىڭ تازا قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. شۇنىڭدىن  باشلاپ، ئۇ كۆپلەپ سەھنە ئەسەرلىرىنى يازدى. بىر قانچە يىللار داۋامىدا كوچىلارغا چاپلىنىدىغان تىياتىر ئېلانلىرىدا پەقەت ۋېگانىڭ ئىسمىلا كۆزگە تاشلىنىپ تۇردى، ئۇنىڭ سەھنە ئەسەرلىرى ئالاھەزەل ھەركۈنى دېگۈدەك سەھنىلەردە ئوينىلىپ تۇردى. 1588 - يىلى، ۋېگا، ئىسپانىيىنىڭ «يېڭىلمەس پاراخوت قوشۇنى» غا قاتنىشىپ ئەنگلىيە بىلەن جەڭ قىلدى. نەتىجىدە «يېڭىلمەس پاراخوت قوشۇنى» يىمىرىلدى. ۋېگا، دېڭىزدا بىرنەچچە ئاي سەرسان بولۇپ يۈرۈپ، بېلىقلارغا يەم بولغىلى تاس - تاس قالدى. لېكىن ئۇ گۆر ئاغزىدىن قايتىپ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق خەتەرلىك ھاياتىدىمۇ ئىجادىيەتنى ئۇنتۇماي، بىر باللادانى كاللىسىدا پىشۇردى. ۋېگانىڭ كاللىسى ئۆتكۈر، ئىجادىيەت سۈرئىتى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە تېز ئىدى. بىر قېتىم، ئۇ بىر مەشھۇر كومېدىيىچى بىلەن ئۈچ پەردىلىك كومېدىيە يازدى. ۋېگانىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرى 1612 - يىلىدىن 1613 - يىلىغىچە «قويبۇلاق» تا يېزىلدى. بۇ _ 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا ئىسپانىيىدە يۈز بەرگەن بىر قېتملىق دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن تارىخىي دراما ئىدى. بۇ ئەسەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى مۇنداق ئىكەن: قويبۇلاق، ئىسپانىيىنىڭ بىر كىچىك كەنتى ئىكەن، بۇ يەردىكى چەۋەندازلار گۇرۇھى ھەمىشە ئەسكىلىك قىلىپ، خوتۇن - قىزلارنى خورلايدىكەن. بىر قېتىم، بۇ گۇرۇھنىڭ بىر ئادىمى مۇشۇنداق جىنايى شۇملۇق قىلغاندا، بىر قىز خورلۇققا چىداپ تۇرالماي، جان - جەھلى بىلەن چۇقان كۆتىرىپ، كۆپچىلىكنى قارشىلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان دېھقانلار توپلىشىپ ھېلىقى بۇزۇقنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاپتۇ. كېيىنچە، قويبۇلاق كەنتىدىكى خوتۇن - قىزلار، بالىلاردىن تارتىپ ھەممەيلەن قولىغا قورال ئېلىپ، ئەزگۈچىلەرگە قارشى تۇرۇپتۇ. 15 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئىسپانىيە پادىشاھى فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنى ئاجىزلىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، شەھەر ۋە يېزا - قىشلاقلار قوزغىلىپ خوجىلارنىڭ قانۇنلىرىغا قارشى تۇرۇشقا ھوقۇقلۇق، دەپ ئېنىق جاكارلىغان ئىكەن. ۋېگانىڭ بۇ سەھنە ئەسىرى _ دېھقانلار فېئوداللىق زۇلۇمغا قارشى تۇرۇپ، ئەركىنلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرىشىنى قوللىغان، دېموكراتىك روھقا باي ئۇلۇغ ئەسەر. تاكى 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىللىرىگىچە، ئىسيان خەلقى ئۇنى داۋاملىق سەھنىلەشتۈرۈش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ فاشىزىمغا قارشى كۈرەشلىرىگە ئىلھام بېرىپ كەلدى. ۋېگا، 2000 پارچىگە يېقىن - سەھنە ئەسىرى يازغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپ ساندىكىلىرى زامانىمىزغا يېتىپ كېلەلمىدى. ئۇ 42 ياشقا كىرگەن چاغدا. كىشىلەر ئۇنىڭ سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە، ئارقا - ئارقىدىن سەككىز توم نەشر قىلىندى. 9 - تومىغا كەلگەندىلا تۈزۈشكە ئۇنىڭ ئۆزى نازارەت قىلىشقا مۇيەسسەر بولدى. بۇ چاغدا ئۇ 55 ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى، 63 ياشقا كىرگەندە، جەمئىي 20 توم نەشر قىلىندى، 1635 - يىلى 73 يېشىدا، ۋېگا دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى. ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۈيئوغلى يەنە بەش توم چىقاردى. بۇ 25 توم سەھنە ئەسەرلەر توپلىمىغا 462 خىل سەھنە ئەسىرى ۋە 48 خىل دىنىي ئويۇن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، قالغان 1000 پارچىدىن كۆپرەك سەھنە ئەسىرى ساقلانمىغان. ۋېگا دىنغا ئىشىنەتتى، ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا پوپ بولدى، ھەتتا مەھكىمە شەرئىنىڭ ئەزاسى بولغان ئىدى. ۇ، ئۇنىڭ ئۆز زامانىسىنىڭ ئىلغارلىرىدىن بولسىمۇ، يەنىلا فېئودالىستىك كاتولىك ئەنئەنىلرى بىلەن خالاسلىشالمىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئەمما، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىسپان ئەدەبىيات - سەنئەت گۈللىنىشنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىككە بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەپ، «ئىسپان تىياتىرىنىڭ ئاتىسى» بولۇشقا مۇناسىپلاشقان.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تۈرك دۇنياسىغا قىس...
●  ھەقىقى ئانتى سىمىت...
●  مارتىن لۇتېر
●  چاچقۇن پادىشاھ ئىۋ...
●  ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ب...
●  ئىسپان تىياتىرىنىڭ...
●  سېرۋانتس
●  «گىگانت ئادەمنىڭ ت...
●  قەلەندەرلەر قوزغىل...
●  قانلىق پەرمان
●  ئۇتوپىيە
●  «يېڭىلمەس پاراخوت ...
●  قوي، ئادەملەرنى يە...
●  جەنۋە پاپىسى
●  ئۈچ رەڭلىك بايراق
●  توماس ميۇنتسېر
●  رىم پاپىسىدىن ئادا ...
●  بايراققا سىزىلغان ...
●  پارچە - پارچە بەگلى...
●  سان پېتىر ئىبادەتخ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تۈرك دۇنياسىغا قىسقىچە ...
●  ھەقىقى ئانتى سىمىتىزىمن...
●  مارتىن لۇتېر
●  چاچقۇن پادىشاھ ئىۋان
●  ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ باشلىن...
●  ئىسپان تىياتىرىنىڭ ئاتى...
●  سېرۋانتس
●  «گىگانت ئادەمنىڭ تەرجىم...
●  قەلەندەرلەر قوزغىلىڭى
●  قانلىق پەرمان

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى