بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> تارىخ >> «گىگانت ئادەمنىڭ تەرجىمىھالى» ۋە رابلې

«گىگانت ئادەمنىڭ تەرجىمىھالى» ۋە رابلې

يوللانغان ۋاقتى : 2008-11-03 09:32:50    كۆرۈلۈش سانى : 211  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
«گىگانت ئادەمنىڭ تەرجىمىھالى» نى ئوقۇمىغانمىدىڭىز؟ 16 - ئەسىردىكى فرانسىيىنىڭ مۇشۇ رومانىنى ئوقۇسىڭىزلا، ئوتتۇرا ئەسىردىكى دىنىي جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇلۇقى ۋە مائارىپنىڭ چىرىكلىكىنى كۆرۈۋالالايسىز. ئەدەبىيات - سەنئەت گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئىنسانپەرۋەرلەرنىڭ بۇرژۇئا شەخسىيەت ئازاتلىقىغا بولغان ئىنتىلىشىنى كۆرۈۋالالايسىز. بۇ كىتابنىڭ بىر مەزگىل ھۆكۈم سۈرۈپ، ئىككى ئايدا سېتىلغان سانىنىڭ «ئىنجىل» نىڭ توققۇز يىلدا سېتىلغان ئومۇمىي سانىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن 400 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان تۈرلۈك تىللاردا 200 نەچچە خىل نەشر قىلىنغانلىقىدىن ئەجەبلەنمەيسىز. «گىگانت ئادەمنىڭ تەرجىمىھالى» جەمئىي بەش توم بولۇپ، 1 - تومىدا مۇنداق بىر قىزىقارلىق ھېكايە سۆزلەنگەن: پادىشاھنىڭ ئوغلى دۇنياغا كەپتۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن تۇغۇلۇپتۇ. بالا ئانىسىدىن تۇغۇلۇپلا «ئىڭە! ئىڭە!» دەپ سۈرەن ساپتۇ. ئۇنىڭ ئاۋازى قوڭغۇراقتەك جاراڭلىق بولۇپ، ئەتراپنى تىترىتىۋېتىپتۇ. پادىشاھ مەي ئىچىپ كۆڭۈل ئېچىۋاتقان ئىكەن. ئوغلىنىڭ كىشىنى چۆچىتىدىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئىختىيارسىز ھالدا: «گارگانتيۇنا!»، «ئاۋازى ئەجەپ چوڭغۇ!» بۇنىڭ دەۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ ئىسمى گارگانتيۇنا ئاتىلىپتۇ. گارگانتيۇنانىڭ تېنى غايەت چوڭ بولۇپ، ئىڭىكى 18 قەۋەت ئىكەن. ئۇنىڭ ئىشتىھاسى ھەيران قالارلىق بولۇپ، ھەركۈنى 17 مىڭ كالىنىڭ سۈتىنى ئىچىدىكەن. 1700 مېتىر رەختتە بىر كۆينەك كىيىدىكەن، 1100 كالىنىڭ تېرىسىدە بىر جۈپ كەش كىيىدىكەن. بوينىغا 5800 كىلوگرام كېلىدىغان مارجان ئاسىدىكەن. ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە پادىشاھ نەيرەڭۋازلىق كاتتا دوكتۇرىنى گارگانتيۇنانى تەربىيىلەشكە تەكلىپ قىلىپتۇ. بۇ كاتتا دوكتۇر، گارگانتيۇناغا خەتلەرنىڭ باسما شەكلىنى ئۆگىتىشكە كىرىشىپ، بەش يىل ئۈچ ئاي ئۆتۈپتۇ. گارگانتيۇنا ناھايىتى تىرىشىپ ئوقۇپتۇ، ئەمما كۈندىن كۈنگە دۆتلىشىپ كېتىپتۇ. بىر قېتىم، پادىشاھ گارگانتيۇنانى بىر ھەقەمسايىسىنىڭ بالىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپتۇ. ئۇ بالا بىر مۇئەللىمنىڭ تەربىيىسىدە ئىككى يىللا ئوقۇغان بولسىممۇ، گارگانتيۇنا بىلەن سۆزلەشكەندە، ناھايىتى ئەقىللىق ۋە چىچەنلىك بىلەن سۆزلىشىپتۇ؛ ئەمما، نەچچە ئون يىل ئوقۇغان گارگانتيۇنا گالۋاڭلىق قىلىپ بىر ئېغىزمۇ جاۋاب قايتۇرالماپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا خۇددى كالىدەك ھۆكىرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ. پادىشاھنىڭ جېنى چىقىپتۇ - دە، ئادەم ئاۋارە قىلىدىغان دوكتۇرنى ھەيدىۋېتىپ، ئوغلىنى ئاشۇ ئوبدان مۇئەللىمدە ئوقۇتۇپتۇ. يېڭى مۇئەللىم، گارگانتيۇنانىڭ نەزەر دائىرىسىنى ئېچىش ئۈچۈن، ئۇنى پارىژغا باشلاپ چىقىپتۇ، گارگانتيۇنا، پارىژلىقلارنى ئۆزىگە ئەگىشىۋالغانلىقىدىن ئەخمەق ھېسابلاپ يىرگىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر چامداپلا مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن كىشىلەر باش ئۇرۇپ سەجدە قىلىدىغان پارىژ مارىيە ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۈستىگە چىقىپتۇ - دە، گۈمبەزنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ سىيىپ 200 نەچچە مىڭ كىشىنى غەرق قىلىۋېتىپتۇ ۋە 20 نەچچە مىڭ كىلوگرام كېلىدىغان ئىككى قوڭغۇراقنى ئېلىپ، دۇلدۇلىنىڭ بوينىغا ئېسىۋاپتۇ. يېڭى مۇئەللىم، گارگانتيۇنانى بىر نەچچە كۈن ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرگەندىن كېيىنم ئاتاقلىق بىر دوختۇردىن بىر كورسلۇق دورا ئېلىپ گارگانتيۇناغا ئىچكۈزۈپ، ئۇنىڭ كاللىسىدىكى بارلىق كونا قالدۇقلارنى چىقىرىپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ھەرخىل پەننىي بىلىملەرنى ئۆگىتىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ئوۋ ئوۋلاش، سۇ ئۈزۈش، تەنتەربىيە ئويناش قاتارلىقلارنى ئۆگىتىپ، تەدرىجىي ھالدا ئۇنى ئوقۇمۇشلۇق بىر شاھزادىگە ئايلاندۇرۇپتۇ. گارگانتيۇنا تازا تىرىشىپ ئوقۇۋاتقاندا، ئۇنىڭ ۋەتىنى باشقىلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئۇ دەرھال ۋەتەن ئۇرۇشىغا قاتنىشىش ئۈچۈنم سەپەرگە چىقىپتۇ ۋە يول ئۈستىدە جون ئىسىملىك بىر مۇناخ بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ، جون دېگەن موناخ كىشى راھىب بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىدىيىسى يېڭى بولۇپ، ئەركىنلىكنى قىزغىن سۆيىدىكەن ھەمدە باتۇر، كەسكىن، جاسارەتلىك بولۇپ، ئادەتتىكى راھىبلارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن. گارگانتيۇنا ئۇنىڭغا تازا قول قويۇپتۇ - دە، ئۇنىڭ بىلەن ئاغىنە بوپتۇ. مۇناخ جوننىڭ ياردىمىدە گارگانتيۇنا ئاخىرى قوشۇنغا باش بولۇپ تاجاۋۇزچىلارنى مەغلۇپ قىپتۇ. جونغا تەشەككۇر بىلدۈرۈش ئۈچۈن، گارگانتيۇنا ئۇنى دەرۋىشخانىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىپتۇ. ئەمما، جون بۇ قارارنى رەت قىپتۇ ھەمدە توغرىدىن توغرا جاۋاب بېرىپتۇ: _ مەن ئۆزەمنىمۇ باشقۇرالمايدىغان ئادەم تۇرسام، باشقىلارنى قانداق باشقۇرالايمەن؟ ئەگەر سىز مېنى ئاز - تولا كۈچ سەرپ قىلدى دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا مېنىڭ پىلانىم بويىچە بىر دەرۋىشخانا سالدۇرۇپ بېرىڭ. گارگانتيۇنا، جوننىڭ تەلىپىگە خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولۇپ ئۇنىڭغا بىر پارچە يەر بۆلۈپ بېرىپتۇ ۋە: - ئالدىنقى ئىش شۇ بولسۇنكى، دەرۋىشخانا قورغانغا ئېلىنمىسۇن، چۈنكى باشقا دەرۋىشخانىلارنىڭ دەرۋازىلىرى قاتتىق تاقىۋېلىنغان، - دەپتۇ. - ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىمىز، - دەپتۇ جون - چۈنكى، تام بىلەن قورشالغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە غەيۋەت، ھەسەتخورلۇق ۋە ئۆزئارا پۇت تېپىشمەك پەيدا بولىدۇ، مېنىڭ بۇ دەرۋىشخانامدا ئۆمۈرۋايەت دىن تارقاتقۇچى بولۇش بەلگىلىمىسى بىكار قىلىنىدۇ، مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن، دەرۋىشخانىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۆز رىزالىقى بولسىلا ھەرقاچان چىقىپ كېتىشكە يول قويۇلىدۇ، ئىشلار پۈتۈنلەي ئەركىنلىك بىلەن بولىدۇكى، مەجبۇر قىلىنمايدۇ؛ ئۇلار ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا نىكاھلىنالايدۇ، ئەركىن - ئازادىلىك بىلەن باي بولالايدۇ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تۇرغۇزالايدۇ. گارگانتيۇنا، جوننىڭ پىكرىنى تامامەن قۇۋۋەتلەپتۇ ۋە يەنە: - دەرۋىشخانىغا كىرگەن مۇناخلار ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئەركىن تەشەببۇسلىرى بويىچە ياشىسۇن، ئۇلار قايسى ۋاقىتتا ئورنىدىن تۇرۇشنى ياخشى كۆرسە، شۇ چاغدا تۇرسۇن، يېمەك - ئىچمەك خىزمەت، ئۇخلاشقا ئوخشاش ئىشلاردىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارىغا قارالسۇن، - دەپ قوشۇپ قويۇپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار: «ھەركىم خالىغىنىنى قىلىش، ھەركىم ئۆز كىشى بىلەن مەشغۇل بولۇش» تىن ئىبارەت بىر تۈرلۈك نىزام بەلگىلەپتۇ. يېڭى دەرۋىشخانا ئىنتايىن تېزلىكتە ياسىلىپتۇ. ئۇنىڭدا كۈتۈپخانا، تەنھەرىكەت مەيدانى، قارىغا ئېتىش مەيدانى، تىياتىرخانا قاتارلىقلار بار ئىكەن. مۇناخلار ئەركىن - ئازادە ئۆگىنىدىكەن، ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنلىرىغا قاتنىشىدىكەن، توپ ئوينايدىكەن، سۇ ئۈزىدىكەن، سىرتقا چىقىپ ئوۋ ئوۋلايدىكەن. نەتىجىدە، بۇ دەرۋىشخانىغا كىرگەن ئەر - ئايال مۇناخلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇيالايدىغان، يازالايدىغان، ناخشا ئېيتالايدىغان، چالغۇلارنى چالالايدىغان، بەش - ئالتە خىل تىل بىلىدىغان بولۇپ چىقپتۇ. ئۇلار باتۇر، ئەدەپلىك، پاك، تېتىك بولۇپ، ئەرلەر، قورال - ياراقلارغا، ئاياللار، قول ھۈنىرىگە ئائىت ئىشلارغا ماھىر راھىبلارغا ئايلىنىپتۇ. دەرۋىشخانىدىن چىقىپ كېتىپ نىكاھلانغانلار تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە، ھەر ئىككى تەرەپ خۇددى توي قىلغان كۈنىدىكىدەك ئىناق ئۆتۈشۈپتۇ. مانا بۇ _ «گىگانت ئادەمنىڭ تەرجىمىھالى» نىڭ 1 - تومىدىكى ھېكايىلەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى. ناھايىتى روشەنكى، بۇ رومان، فېئودالىزم جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ تۈۋرىكى بولغان كاتولىك دىنىي جەمئىيىتى تەرغىپ قىلغان ئىلاھى ھاكىمىيەت ۋە خۇراپاتلىققا قارشى تۇرغان، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيە باش ئۇرىدىغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە پەننى تەشەببۇس قىلغان. بۇ، شۇ چاغدىكى ئىلغارلىق ئىدى. بۇ رومان تىغ ئۇچىنى كاتولىك سىنى جەمئىيىتىگە قاراتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاپتورى دەل كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىدە مۇناخ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى فرانسوۋا رابلې ئىدى. رابلې 1494 - يىلى فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بىر ئادۋوكات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۆسمۈر چاغلىرىدا، ئۇ ئاتىسىنىڭ قورۇقىدا ئەركىن - ئازادە تۇرمۇش كەچۈردى. ئن نەچچە يېشىدا دىنىي جەمئىيەت مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، كۈن بويى ئۆلۈك دىنىي تەربىيىنى قوبۇل قىلدى. كېيىنچە يەنە دەرۋىشخانىغا كىرىپ مۇناخ بولدى. ئاسمان، پەلەك تام بىلەن ئورالغان دەرۋىشخانىدا مۇناخلىق تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش، دىنىي جەمئىيەت مەكتىپىدە ئوقۇغاندىنمۇ مەنىسىز بولۇپ، كىتاب - نامىلەرنى ئوقۇش، تائەت - ئىبادەت قىلىش، تاماق يېيىش، ئەمىر - مەرۇپ ۋە نەھى - مۇنكىرلارنى بىجا كەلتۈرۈشتەك بىر يۈرۈش قائىدىلەر تېتىك ھەم كۆڭلى ئوچۇق رابلېنى بىزار قىلدى. ئۇ مۇنداق تۇرمۇشنىڭ زۇلمەتلىكلىكى ۋە مەنىسىزلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالغاچقا، كەينى - كەينىدىن ئىككى دەرۋىشخانىغا ئالماشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا گرېك يېزىقىنى ئۆگىنىپ، شۇ ئارقىلىق قەدىمكى مەدەنىيەتكە ئائىت كىتابلارنى ئوقۇشقا كىرىشتى. ئۇ چاغدىكى دەرۋىشخانىلار ئەركىن تەتقىقات روھىغا قارشى بولغاچقا، گرېك يېزىقىنى ئۆگىنىشىنى غەيرىي دىننىڭ ئېزىتقۇ تەلىماتلىرىغا مەستانە بولۇش دەپ قارايتتى. شۇڭا، دەرۋىشخانا رىياسەتچىسى رابلېنىڭ كىتابلىرىنى يىغىۋېلىشقا بۇيرۇق قىلدى. رابلې بۇ دەرتكە چىداپ تۇرالماي، يەنە بىر دەرۋىشخانىغا ئالماشتى. يېڭى دەرۋىشخانانىڭ رىياسەتچىسى بىر ئېپىسكوپ بولۇپ، ئۇ رابلېنىڭ كونا تونۇشى، شۇنداقلا ئىنسانپەرۋەر ئالىم ئىدى. يېڭى ئىدىيىلەرنى قوبۇل قىلىشقا خۇشتار ئىدى. ئي رابلېنى ئۆزىنىڭ كاتىپلىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، دىنىي رايوننى كۈزىتىشتە ئۆزىگە ھەمرا قىلدى. بۇ مەزگىلدە، رابلې بىرمۇنچە ئالىملار بىلەن تونۇشتى، ئىستىلىستىكا، دىن تارىخى، پەلسەپە، ماتېماتىكا، قانۇن، مۇزىكا، ئاسترونومىيە، ئارخىلوگىيە قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ئىنتايىن بىلىملىك بىر ئادەم بولۇپ يېتىشتى. ئۈچ يىلدىن كېيىن، رابلې، دەرۋىشخانىدىن چىقىپ كېتىپ، پوپلۇق سالاھىيىتى بىلەن فرانسىيىنىڭ يېرىمىنى ئايلىنىپ چىقتى. بۇ قېتىمقى ئۇزاق يوللۇق سەپىرى ئارقىلىق، كېيىنكى كۈنلەردە يازغان «گىگانت ئادەمنىڭ تەرجىمىھالى» ئۈچۈن ئىدىيە ۋە ماتېرىيال جەھەتتىن تەييارلىق قىلدى. 1530 - يىلى، رابلې پارىژغا قايتىپ كېلىپ، بىر ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىپ قېتىرقىنىپ تىبابەتچىلىكنى ئۆگەندى. بۇ چاغدا ئۇ 36 ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى. كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، پەقەت ئىككى ئاي ئىچىدىلا، ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى ئېلىپ، باكلاۋىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. كېيىنچە ئۇ ۋىراچ بولۇپ، لىئوندا دوختۇرلۇق قىلدى. 1532 - يىلى 8 - ئايدا، لىئون كىتاپخانىسىدا توساتتىن «پانتاگرىيوئىل» ناملىق ئاجايىپ قىزىقارلىق بىر رومان پەيدا بولۇپ قالدى. ئاپتورى ئۇنى ناشىئېر تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلغان ئىدى. رومان ئىنتايىن تېزلىكتە پاك - پاكىز سېتىلىپ بولدى. ناشىئېر تەخەللۇسىنى قوللانغان ئاپتور باشقا كىشى ئەمەس، دەل رابلې ئىدى. بىر يىلدىن كېيىن، ئۇ يەنە ئاشۇ تەخەللۇس بىلەن روماننىڭ 2 - تومى «گارگانتيۇنا» (كېيىنكى كۈنەردە كىتاپنى نەشر قىلدۇرغاندا «گارگانتيۇنا» نى 1- تومى قىلغان) نى نەشر قىلدۇردى. بۇ ئىككى رومان نەشردىن چىققاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن، شەھەر بۇرژۇئازىيىسى ۋە جەمئىيەتتىكى تۆۋەن قاتلام خەلقنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشسە، يەنە بىر تەرپتىن، دىنىي جەمئىيەت ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىنتايىن ئۆچ كۆرۈشىگە ئۇچرىدى. ئۇزاق ئۆتمەيلا، پارىژ سوت مەھكىمىسى بۇ ئىككى روماننى مەنئىي قىلىنغان كىتابلار دەپ جاكارلىدى. 1535 - يىلى، رابلې، لىئوندىن چىقىپ كېتىپ، رىمنى ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئۈچ قېتىم ئايلىنىپ چىقتى. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇ يەنە بىر قېتىم پارىژغا كېلىپ، تىبابەتچىلىك ئۆگەندى ۋە ئۇزاققا قالمايلا ماگېستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالدى. ئۇ پارىژ ئەتراپىدا دوختۇرلۇق قىلىپ ناھايىتى زور شۆھرەت قازاندى ۋە تۇرمۇشىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى. ئەمما، ئۇ روماننىڭ 3 - تومىنى يېزىشنى ئۇنتۇمىدى. ئۇ، 3 - تومنى ئىنتايىن تېزلىكتە يېزىپ چىقتى. لېكىن ئۇنى قانداق نەشر قىلدۇرۇش كېرەك! كۆپ تەرەپلىمە تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق، ئاقىۋەت پادىشاھتىن تارقىتىشقا بولىدۇ دەيدىغان ئالاھىدە رۇخسەت خېتىنى ئالدى؛ چاتاق چىقماسلىقنى نەزەردە تۇتۇپ، كىتابنىڭ بېشىغا خانىشقا بېغىشلىغان بىر كۇپلېت نەزمىنى كىرگۈزدى. شۇنداق قىلىپ، 3 - تومىنى 1545 - يىلى نەشر قىلدۇردى ۋە ئۈستىگە ئۆزىنىڭ راست ئىسىم - فامىلىسىنى يازدى. كۈتۈلمىگەندە، پادىشاھ ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن دىنىي جەمئىيەت ۋە ئاقسۆڭەكلەر يەنە قوزغىلىپ بۇ رومانغا قارشى تۇردى. ئەڭ ئاخىرىدا پارىژ پارلامېنتى قارار قىلىش ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم مەنئىي قىلىنغان كىتابلار قاتارىدا ئەنگە ئېلىندى. نەشر قىلغۇچى سودىگەر كۆيدۈرۈپ تاشلاندى، رابلې چەتكە قېچىپ كېتىپ قۇتۇلدى. 1550 - يىلىغا كەلگەندە، يېڭى پادىشاھ ئوغۇل يۈز كۆردى، بىراۋلارنىڭ تەكلىپى بىلەن رابلې بىر مەدھىيە شېئىرى يېزىپ بېرىپ، فرانسىيىگە قايتىپ كېلىشكە مۇۋەپپەق بولدى. رابلې ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەنە دىنىي دۇنياغا كىرىشكە مەجبۇر بولدى ۋە ئىككى كىچىك ئىبادەتخانىغا پوپ بولدى. ئۇ، دىنىي ۋەزىپىنى ئادا قىلىش داۋامىدا يوقسۇللارنىڭ كېسىلىنى داۋالىدى، ئىشلىرىدىن ئېشىنغان ۋاقىتلىرىدا روماننىڭ 4 -، 5 - توملىرىنى پۈتتۈردى. ئۇ بەش توم كىتابنى بىرلەشتۈرۈپ «گىگانت ئادەمنىڭ تەرجىمىھالى» دەپ نام قويدى. بۇ رومان ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ 20 يىلدا پۈتۈپ چىقتى. 1553 - يىلى 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، رابلې پارىژدا ۋاپات بولدى. ۋاپات بولۇش ئالدىدا، ئۇ ئۈنلۈك كۈلۈپ: «ئويۇن تۈگىدى، پەردىنى چۈشۈرۈڭلار!» دېدى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تۈرك دۇنياسىغا قىس...
●  ھەقىقى ئانتى سىمىت...
●  مارتىن لۇتېر
●  چاچقۇن پادىشاھ ئىۋ...
●  ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ب...
●  ئىسپان تىياتىرىنىڭ...
●  سېرۋانتس
●  «گىگانت ئادەمنىڭ ت...
●  قەلەندەرلەر قوزغىل...
●  قانلىق پەرمان
●  ئۇتوپىيە
●  «يېڭىلمەس پاراخوت ...
●  قوي، ئادەملەرنى يە...
●  جەنۋە پاپىسى
●  ئۈچ رەڭلىك بايراق
●  توماس ميۇنتسېر
●  رىم پاپىسىدىن ئادا ...
●  بايراققا سىزىلغان ...
●  پارچە - پارچە بەگلى...
●  سان پېتىر ئىبادەتخ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تۈرك دۇنياسىغا قىسقىچە ...
●  ھەقىقى ئانتى سىمىتىزىمن...
●  مارتىن لۇتېر
●  چاچقۇن پادىشاھ ئىۋان
●  ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ باشلىن...
●  ئىسپان تىياتىرىنىڭ ئاتى...
●  سېرۋانتس
●  «گىگانت ئادەمنىڭ تەرجىم...
●  قەلەندەرلەر قوزغىلىڭى
●  قانلىق پەرمان

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى