بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> تارىخ >> قوي، ئادەملەرنى يەپ كەتكەن ئاپەت

قوي، ئادەملەرنى يەپ كەتكەن ئاپەت

يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-29 13:49:24    كۆرۈلۈش سانى : 104  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
قوينىڭ ئادەم يىگىنى قانداق گەپ؟ مەسەل ۋە ھېكايىلەردىمۇ مۇنداق گەپ كەمدىن كەم ئۇچرايتتىغۇ؟ ئەمما، بۇ ئەنگلىيە تارىخىدا يۈز بەرگەن چىن ۋەقە. 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئارىلىقتا تۈمەنلىگەن ئادەملەرنى راستتىنلا قوي «يەپ كەتكەن» بولۇپ، بۇ - تارىخىي خاراكتېرلىك بىر قېتىملىق ئاپەت ئىدى. بۇ ۋەقەنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن، گەپنى ئەنگلىيىنىڭ شۇ چاغدىكى يەر تۈزۈمىدىن باشلاش كېرەك. ئوتتۇرا ئەسىردە، ئەنگلىيىنىڭ يەرلىرى پۈتۈنلەي ئاقسۆڭەكلەر، دىنىي جەمئىيەتلەر ۋە كىنەزلەرنىڭ قولىدا ئىدى. ئۆمۈرۋايەت يەر ئىگەللەيدىغان ياكى ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ يەرلىرىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان دېھقانلارمۇ ئاقسۆڭەك ۋە پومىشچىكلارغا ئىجارە تاپشۇرۇپ يەر تېرىش ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلاتتى. يەردىن ئايرىلىش تىرىكچىلىك يولىنىڭ ئۈزۈلۈشى ئىدى. 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، ئەنگلىيىنىڭ يۇڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى تېزدىن تەرەققىي قىلغانلىقتىن، قوي يۇڭىغا بولغان ئېھتىياج زور مىقداردا ئېشىپ كەتتى، قوي يۇڭىنىڭ باھاسىغىمۇ توختىماي ئۆرلىدى. ئاقسۆڭەك ۋە پومىشچىكلار قوي يۇڭىغا كېتىدىغان ئەمگەك كۈچىنىڭ يەر تېرىشقا كېتىدىغان ئەمگەل كۈچىدىن ئازلىقىنى ۋە پادىچىلار ئىش ھەققىنىڭمۇ ناھايىتى تۆۋەنلىكىنى، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرغاندا تېرىقچىلىقتىن بىر ھەسسە ئارتۇق نەپ ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ كۆرۈشتى - دە، بۇنداق نەپ تېگىۋاتسا نېمىشكە قوي باقمايمىز؟ دېگەن يەرگە كەلدى. بىراق قويچىلىق كەسپىنى كەڭ كۆلەمدە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، زور تۈركۈمدىكى يەرلەرنى چارۋىچىلىق مەيدانلىرىغا ئايلاندۇرۇشقا توغرا كەلدى. دېھقانلار ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا تېرىقچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان يەرلەرنىمۇ قورال كۈچى بىلەن مەجبۇرى ئورىۋالدى. 16 ئەسىردە ئورىۋېلىنغان يەرلەرنىڭ كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەت يېرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىگەللىدى! مانا بۇ ئەنگلىيە تارىخىدىكى «يەر ئورىۋېلىش ھەرىكىتى» ئىدى. بۇنىڭ بىلەن مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن دېھقانلار يېڭى ئاپەتكە يولۇقتى. بىر ئوبدان ئۆي - ۋارانلار چېقىپ تاشلاندى، تۈركۈم - تۈركۈملەپ كىشىلەر ھەيدىۋېتىلدى. ئۇلار يۇرت - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ سەرسان - سەرگەردانلىقتا ئاچ - يالىڭاچ يۈردى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر شۇ تۈپەيلى ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلۈپ كەتتى. شۇ زامانلاردا ياشىغان مىسون مولل ئۆز ئەسىرىدە: «قوي، ئەسلىدە ئەڭ ئىتائەتمەن ھايۋان ئىدى، بىراق ئۇ شۇنداق ۋەھشىيلىشىپ كەتتىكى، ھەتتا ئادەمنىمۇ يەپ تۈگىتىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى. دېمەك «قوي، ئادەملەرنى يەپ كەتكەن» دېگەن سۆز، ھەقىقەتەن رىئال ئېيتىلغان. ئاپەت بۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشمىدى. تۈركۈم - تۈركۈملەپ دېھقانلار سەرگەردانچىلىقتا يۇرتمۇ - يۇرت قاتىراپ يۈرۈپ، پۈتۈنرەك كىيىم، قورسىقى تويغۇدەك تاماققا ئېرىشكۈدەك ئىش تېپىش كويىدا يۈرۈشتى، ئەمما نەدىمۇ بۇنچىۋالا كۆپ ئىش بولسۇن! شۇڭا، ئۇلار ئىنتايىن تېزلىكتە قەلەندەر ۋە قاراقچىلارغا ئايلىنىپ كەتتى، جەمئىيەت تەرتىپىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتتى. ئەنگلىيە پادىشاھى مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئىشنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن قورقۇپ، پەرمان جاكارلاپ يەر ئورىۋېلىشقا بىرئاز چەك قويدى. لېكىن، چارۋىچىلىق مەيدانى قۇرۇش ئارقىلىق بېيىش كويىغا چۈشكەن ئاقسۆڭەك بايلار بۇنىڭدىن قانداقمۇ قولىنى تارتسۇن! شۇڭا پادىشاھ بىر قاتار پەرمانلارنى جاكارلاپ، دېھقانلارنىڭ سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كېتىشىنى زورلۇق بىلەن مەنئىي قىلدى. سەرگەردان دېھقانلارنى جازالاش ھەققىدىكى قانۇن - پەرمانلار قان ھىدى بىلەن سۇغىرىلغان بولۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى. قانۇندا: ياقا يۇرتلاردا دىۋانىچىلىق قىلغانلار قېرىسا ۋە ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقانلار بىلەن چەكلىنىدۇ، ئۇلاردا ھۆكۈمەتتىن تارقاتقان پەۋقۇلئاددە گۇۋاھنامە بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ. قاۋۇل سەرگەردانلارغا بىردەك قاماق جازاسى ۋە ئاتقا سۆرىتىش جازاسى ياكى قان چىققۇچە دەرە ئۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ. دەپ بەلگىلەندى. بۇنداق خورلۇق كۈنلەرگە قانداق چىداپ تۇرغىلى بولىدۇ دەيسىلەر؟ شۇنىڭ بىلەن «قوينىڭ ئادەملەرنى يەپ كېتىشى» دىن ئىبارەت يەر ئورىۋېلىش ھەرىكىتىگە قارشى قوزغىلاڭلار ئىچىدە ئەنگلىيىنىڭ جاي - جايلىرىدا پارتلىدى. بۇ قوزغىلاڭلار ئىچىدە شەرق تەرەپتىكى نورفولك ۋىلايىتىدە كۆتىرىلگەن كېت قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى ئەڭ زور بولدى. 1549 - يىلى 6 - ئاينىڭ بىر كېچىسىدە، نورفولك ۋىلايىتىنىڭ بىر بازىرىدىكى ۋەيران بولغان دېھقانلار، بىر باينىڭ ئورىۋالغان يەرنى قاشالاپ قويغان ۋادىگىنى بۇزۇپ تاشلىدى. 2 - كۈنى، ئۇ باي، دېھقانلارنى كۈشەندىسى روبېرىت كېتنىڭ ۋادەكلىرىنى بۇزۇشقا كۈشكۈرتتى. كۈتۈلمىگەندە روبېرىت كېت، دېھقانلارغا: مېنىڭ يەرلەرنى ئورىۋېلىپ ۋادەك بىلەن قاشالىشىم توغرا ئەمەس، جامائەتنىڭ بۇزۇپ تاشلىغىنى توغرا؛ يالغۇز مېنىڭكىنى بۇزۇپ تاشلىماي، بارلىق قاشالارنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك، دېدى. دېھقانلار ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن كۆپچىلىكنىڭ ئاقسۆڭەك ۋە بايلارنىڭ يەر ئورىۋېلىشىغا قارشى تۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىشىنى ئۆتۈندى. كېت، كىچىك ئاقسۆڭەك بولۇپ، تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىدى. ئۇ تېزلىكتە دېھقانلار قوشۇنىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، نورفولك ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى نورۋىچقا قاراپ ئاتلاندى. 7 - ئاينىڭ باشلىرىدا، كېت قوشۇنلىرى نورۋىچ شەھىرىنىڭ يېنىغا يېتىپ باردى. مەركىزىي شەھەر مەمۇرىيىتى دائىرىلىرى قورقۇپ كېتىپ، شەھەر دەرۋازىسىنى مەھكەم تاقىۋېلىپ، ئۇلارنى كىرگۈزمىدى. بۇنىڭ بىلەن كېت، قوشۇنلىرىنى نورۋىچنىڭ سىرتىدىكى دەرەخلىككە جايلاشتۇردى. شەھەردىكى يوقسۇللار ۋە جاي - جايلاردىكى ۋەيران بولغان دېھقانلار، قول سانائەتچىلەر ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ بۇ سەپكە قوشۇلدى. ئۇزاققا بارمايلا قوشۇن تەرەققىي قىلىپ 20 مىڭ كىشىگە يەتتى. باراقسان دەرەخلىكتە قوزغىلاڭچىلار ئەمدى قانداق قىلىشنى كېڭەشتى. كېت يەر ئورىۋېلىشقا قارشى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بەرىبىر ئاقسۆڭەك بولغاچقا، قارشىلىق كۆرسىتىشتە ئۈزۈل - كېسىل بولمىدى. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ گەپ - سۆزلىرىدىكى جىددىيلىكنى كۆرۈپ، شۇ ھامانلا: «بىزنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىمىزدىن مەقسەت يەر ئورىۋېلىشقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈنلا بولمىغاندىكىن، تەلەپنامە يېزىپ پادىشاھ ئالىيلىرىدىن يەر ئورىۋېلىشنى توختىتىشنى، دېھقانلارنىڭ جامائەت يەرلىرىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشىنى، يەر ئىجارىسىنى تۆۋەنلىتىپ، قورۇقلار سوت مەھكىمىسىنى بىكار قىلىپ، بىزنى بۇندىن كېيىن يانچىلىق تۇرمۇش ئۆتكۈزمەيدىغان قىلىشنى تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك. ھەددىدىن زىيادە تەلەپلەر مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، شۇنداقلا ئىشقا ئاشمايدۇ» دېدى. قوزغىلاڭغا قاتناشقانلاردىن بىرنەچچىسى كىچىك ئاقسۆڭەك ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېتنىڭ تەشەببۇسىنى قوللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر پروگرامما تۈزۈپ، پادىشاھقا سۇنماقچى بولدى. مەركىزىي شەھەر مەمۇرىيەت دائىرىلىرى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ ھەيۋەتلىكىنى كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن، دېھقانلارنىڭ بىر قىسىم تەلىپىنى قاندۇرۇشقا ۋەدە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، تېزلىكتە ئادەم ئەۋەتىپ پادىشاھقا مەلۇم قىلدى. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەيلا، پادىشاھ ئومۇمىي كەچۈرۈم قىلىش بۇيرۇقىنى يەتكۈزۈشكە ئادەم ئەۋەتىپ، قوزغىلاڭچى دېھقانلارنى دەرھال تارقىلىپ يۇرتىغا قايتسۇن دېدى. دېھقانلار، پادىشاھنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئارقا - ئارقىدىن: «بىز گۇناھسىز ئادەملەر، ھەققانىي ئادەملەر، ھەرقانداق ئادەمنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىشى ھاجەتسىز!» دەپ توۋلاشتى. كېت، ئاممىنىڭ كەيپىياتى ئۆرلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، نورۋىچ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق بەردى. 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى مەركەزگە ھۇجۇم قىلىپ كىردى. ئەنگلىيە پادىشاھى، نورۋىچنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى بىلىپ، دەرھال بىر بەگ باشچىلىقىدا شەھەرنى تارتىۋېلىشقا 1200 ئەسكەر ئەۋەتتى. نەتىجىدە قوزغىلاڭچىلار تارمار بولدى. ئارقىدىنلا يەنە بىر بارون باشچىلىقىدا گېرمانىيە ۋە ئىتالىيىلەرنىڭ 15 مىڭ كىشلىك ياللانغان قوشۇنىنى ئەۋەتىپ، قوزغىلاڭنى باستۇردى. 8 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى باروننىڭ ياللانما قوشۇنلىرى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلدى. بۇ چاغدا قوزغىلاڭچىلار ئېغىر بىر خاتالىق ئۆتكۈزدى: دەرەخلىكتىكى مۇداپىئەلىنىدىغان قارارگاھنى تاشلاپ، بىر سايغا چىقىپ ياللانما قوشۇن بىلەن جەڭ قىلدى. ياللانما قوشۇننىڭ ئاتلىقلىرى يەر شەكلىنىڭ ئەپچىللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇرۇش تەجرىبىسى يوق قوزغىلاڭچى دېھقانلارنى بولۇشىغا قىرغىن قىلدى. ئىككى كۈنلۈك شىددەتلىك جەڭ ئارقىسىدا قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى پۈتۈنلەي تارمار قىلىندى، جەڭدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3500 گە يەتتى. ئۇرۇش ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، كېت، ئۇرۇش مەيدانىدىن ئات مىنىپ قېچىپ كەتتى. ئاقىۋەتتە تۇتۇپ كېلىنىپ دارغا ئېسىپ ئۆلتۈردى. 300 دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى دېھقانمۇ تۇتۇۋېلىنىپ دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلدى. نورفولك ۋىلايىتىدىكى ئاقسۆڭەك ۋە بايلار، ئەسلىدە قوزغىلاڭدىن قورقۇپ يۈرىكى چىقىپ كەتكەن بولسا، ئەمدىلىكتە كەڭ كۆلەمدە قىرغىن قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار باروننىڭ قىرغىن قىلىشى ناھايىتى ئاز بولدى دەپ قارىدى. بارون نائىلاجلىقتىن ئۇلارغا: دېھقانلار ھەممە بايلىقنىڭ مەنبەسى، ئۇلارنى قىرىپ تۈگىتىۋېتىشكە بولمايدۇ، دېدى ۋە ئۇلارغا: «سىلەر دېھقان بولۇپ ئۆز يەرلىرىڭلارنى تېرىماقچىمۇ؟» دېگەن چوڭقۇر مەنىلىك گەپنى قىلدى. بۇ گەپ بىلەن ئاقسۆڭەك ۋە بايلار ئەقلىنى تېپىۋالدى. كېت قوزغىلىڭى، 1381 - يىلىدىكى ۋات تىلېر قوزغىلىڭىدىن بۇيانقى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق دېھقانلار قوزغىلىڭى بولدى. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەر ئورىۋېلىش ھەرىكىتىنى بىر مەھەل توساپ قالدى. 17 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا، يەر ئورىۋېلىش ھەرىكىتى يېڭى باسقۇچقا كىرىپ، بۇرۇنقى خۇسۇسىيلار ئورىۋېلىشتىن پارلامېنت تەستىقلايدىغان قانۇنىي ھەرىكەتكە ئاتلاندى. قوي بېقىشتىن يەر ئورىۋېلىشقىچە، دېھقانلارنىڭ خانىۋەيران بولۇشىدىن قوزغىلىپ ئىسيان كۆتىرىشكە مەجبۇر بولۇشىغىچە، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە زور تۈركۈملەپ ئۆلتۈرگىچە بولغان ۋەقەلەر «قوي، ئادەملەرنى يەپ كەتكەن» ئاپەتنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى بولماي نېمە؟ كاپىتالىزىمنىڭ تەرەققىياتى دەل مۇشۇ «قوي، ئادەملەرنى يەپ كەتكەن» ئىسسىق قانلار ئاساسىغا قۇرۇلغان.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تۈرك دۇنياسىغا قىس...
●  ھەقىقى ئانتى سىمىت...
●  مارتىن لۇتېر
●  چاچقۇن پادىشاھ ئىۋ...
●  ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ب...
●  ئىسپان تىياتىرىنىڭ...
●  سېرۋانتس
●  «گىگانت ئادەمنىڭ ت...
●  قەلەندەرلەر قوزغىل...
●  قانلىق پەرمان
●  ئۇتوپىيە
●  «يېڭىلمەس پاراخوت ...
●  قوي، ئادەملەرنى يە...
●  جەنۋە پاپىسى
●  ئۈچ رەڭلىك بايراق
●  توماس ميۇنتسېر
●  رىم پاپىسىدىن ئادا ...
●  بايراققا سىزىلغان ...
●  پارچە - پارچە بەگلى...
●  سان پېتىر ئىبادەتخ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تۈرك دۇنياسىغا قىسقىچە ...
●  ھەقىقى ئانتى سىمىتىزىمن...
●  مارتىن لۇتېر
●  چاچقۇن پادىشاھ ئىۋان
●  ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ باشلىن...
●  ئىسپان تىياتىرىنىڭ ئاتى...
●  سېرۋانتس
●  «گىگانت ئادەمنىڭ تەرجىم...
●  قەلەندەرلەر قوزغىلىڭى
●  قانلىق پەرمان

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى