بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> تارىخ >> چاچقۇن پادىشاھ ئىۋان

چاچقۇن پادىشاھ ئىۋان

يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-07 13:22:10    كۆرۈلۈش سانى : 142  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
«داڭ! داڭ! داڭ!» قىش كۈنلىرىنىڭ بىر ئەتىگىنى، موسكۋادىكى چېركاۋلارنىڭ قوڭغۇراقلىرى بىردەك ئۇرۇلۇشقا باشلىدى. كەينى - كەينىدىن ئۇرۇلغان قوڭغۇراق سادالىرى پۈتۈن شەھەرنى ۋەھىمىگە سالدى. كىشىلەر زىمىستان سوغۇققا قارىماستىن كوچىلارغا يۈگۈرۈپ چىقتى - دە، ھەدەپ چوقۇنۇشۇپ، قانداق دەھشەت يۈز بەرگەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىشتى. ئاخىرى كىرىمىل سارىيىدىن تارقالغان خەۋەرنى ئاڭلىدى: پۈتۈن روسىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كىنەز ۋاسىلى ئالەمدىن ئۆتتى! «ئەلھۆكمىلىللا!» ئۇ ھەممەيلەننىڭ ھاياتىغا ھۆكۈمران ئىدى، ئەمما ئۆز ھاياتىغا ھۆكۈمران بولالماپتۇ! ئۇ روسىيىمىزنى مىسلىسىز قۇدرەتكە ئىگە قىلغان ئىدى، ئۇنىڭغا كىم ۋارىسلىق قىلار، ئەمدى؟ «شاھزادە ئەمدى تېخى ئۈچ ياشقا كىرىپتۇ. دۆلەتنى قانداقمۇ ئىدارە قىلار؟ ھەي ئىست! ھەي ئىست!» كىرىمىل سارىيى پاتىپاراق بولۇپ كەتتى. كىنەزنىڭ رەپىقىسى يېلىنا كۆز يېشى قىلغان ھالدا ئوغلى ئىۋانغا: «ئاتاڭ ھايات ۋاقتىدا پۈتۈن روسىيە زىمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان شاھلارنىڭ شاھى ئىدى. ئۇنىڭ ئىرادىسى ئاللانىڭ ئىرادىسى ئىدى، ھازىر نۆۋەت ساڭا كەلدى، ئۇقتۇڭمۇ بالام! ئۇقتۇڭمۇ؟» دېدى. ئىۋان ئاڭقىرالماستىن بېشىنى چايقىدى. ئۇ ئانىسىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىدىكى چوڭقۇر مەنالارنى زادىلا بىلمەيتتى. ئەمما، بۇ ئۈچ ياشلىق بالا يەنىلا تەختكە چىقىپ، ئىۋان IV دەپ ئاتالدى. دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ئانىسى باشقۇردى. ئۆلۈپ كەتكەن كىنەزنىڭ بىر نەچچە ئىنىسى بولۇپ، ئەسلىدە ھەممىسى سۈيۈرغاللىقنىڭ بەگلىرى ئىدى. ئۇلار ئىۋاننىڭ كىچىكلىكى ۋە سىياسىنى باشقۇرۇۋاتقان يېلىنانىڭ ئايال كىشى ئىكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ مۇستەقىل بولۇۋېلىشقا ئۇرۇندى. ئۇلار نەدىن بىلسۇن، يېلىنا قولىدىن ئىش كېلىدىغان چىچەن ئايال بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىسيانلىرىنى كەسكىنلىك بىلەن بېسىقتۇردى. ئىۋان كىچىك بولغىنى بىلەن، كىنەزگە مۇناسىپ ئىززەت - ئىكراملارنىڭ ھەممىسىدىن بەھرىمەن بولۇۋەردى. ئۇ ھەر قېتىم ئىبادەتخانىغا چىققان، چەتئەل ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلغان ياكى تەنتەنىلىك مۇراسىملارغا قاتناشقان چاغدا، ۋەزىر - ۋۇزۇرالار ھەرقاچان ئۇنىڭغا باش ئېگىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپ تۇردى. بۇ سورۇنلار ئارقىلىق كىنەز ئىۋان نامىنىڭ كىتاب ئوقۇشنى باشلاپ، نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇدى. ئۇ كىتابلارنىڭ تەسىرىدە، پادىشاھلار يۈكسەك ھوقۇققا ئىگە بولۇش شەرت دېگەن ئىدىيىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. مىلادى 1538 - يىلى ئىۋان سەككىز ياشقا كىرگەندە، يېلىنا ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كەتتى. شۇئان ئىككى شاھزادە ھوقۇق تالىشىپ شىددەتلىك ئېلىشتى. بىر شاھزادە ئۆكتەملىك بىلەن ئوردىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ رەقىبلىرىنى پۈتۈنلەي قولغا ئالدى. ئەمما يېڭىپ چىققان بۇ شاھزادە ھاكىمىيەتنى ئۇزاق تۇتۇپ تۇرالمىدى. 1543 - يىلى، 13 ياشقا كىرگەن ئىۋان، تاغىسىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە بۇيرۇق قىلىپ ئۇ شاھزادىنى ئۆلتۈردى. شاھزادىنى ئۆلتۈرۈش تاغىسىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئىۋان كىنەزلىك چوڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزدى. ياش ئىۋان مانا مۇشۇنداق ئۆزئارا دۈشمەنلىشىپ، ئاشكارا ھەم يوشۇرۇن ئېلىشىپ تۇرىدىغان بىر مۇھىتتا رەھىمسىز بىر ئادەم بولۇپ چىقتى. 1547 - يىلى، ئىۋان 17 ياشقا تولۇپ، تاج كىيىپ ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئېلىش قورامىغا يەتتى. ئۇ كىنەز دېگەن نامغا قانائەت قىلماي، ئۆزىنى ھوقۇقنىڭ چەكسىزلىكىنى ئىپادىلەيدىغان چار پادىشاھ دېگەن نام بىلەن ئاتىدى. «چار» دېگەن سۆز لاتىنچە «كايزا» (رىم پادىشاھىنىڭ ئۇنۋانى) دېگەن سۆزنىڭ روسچە تەلەپپۇزى ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئىۋان IV روسىيە تارىخىدىكى 1 - چار پادىشاھ بولۇپ قالدى. ئىۋان IV ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئېلىپ يېرىم يىل ئۆتمەستىنلا، موسكۋادا چوڭ ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، شەھەرنىڭ خېلى كۆپ ئىستىھكاملىرىنى ۋەيران قىلدى. بۇ، خەلق ئاممىسى ئىۋاننىڭ تاغا جەمەتىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قويغان ئوت ئىدى. ئۇلار ھەيۋەتلىك سەپ تارتىپ چىقىپ قوزغىلاڭ كۆتىرىپ، چار پادىشاھتىن بۇ جەمەتتىكى باش جىنايەتچىنى چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ باش جىنايەتچى ئاخىرى جازالاندى. ئىۋان بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭدىن: چوڭ ئاقسۆڭەكلەرگە تايىنىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلغىلى بولمايدىكەن، دېگەن ساۋاققا ئىگە بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي ئىسلاھات يۈرگۈزۈپ، چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەپ، ئوتتۇرا، كىچىك ئاقسۆڭەكلەر ۋە شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئىقتىسادىي ھەم سىياسىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتەردى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قانۇنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتتى. ئەمما، ئوتتۇرا، كىچىك ئاقسۆڭەكلەر ۋە شەھەر ئاھالىسىنىڭ يەر، بايلىق ھەم ئەمگەك كۈچىگە بولغان مۇھتاجلىقىنى قانداق قىلىپ قاندۇرۇش كېرەك؟ ئىۋان، ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىغا جايلاشقان قازان خانلىقىنى ئىستىلا قىلىشنى قارار قىلدى. قازان خانلىقىنى ئىستىلا قىلىش ئۈچۈن ئىۋان تازا باش قاتۇردى. دەسلىپىدە، ئۇ ئەسكەر چىقىرىپ جازا يۈرۈشى قىلىپ مەغلۇپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ خانلىقنىڭ پايتەختى قازاننىڭ غەربىدىكى دەريانىڭ يېنىدىكى تاغقا قورغان سالدۇردى. بۇ قورغان ئارقىلىق قازان شەھىرىگە بارىدىغان يوللارنى قامال قىلدى ۋە يەرلىك خەلقنى قاقتى - سوقتى قىلدى. روسلار بىر تەرەپتىن، بۇ يەرگە ئەسكەر تۇرغۇزۇپ ئاشلىق توپلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، قازاندىن چىققان ساتقىنلارنى توپلىدى. كېيىنچە ئاشۇ ساتقىنلار ئارقىلىق قازاننىڭ خانىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، بىر قورچاقنى خانلىق تەختىگە يۆلەپ چىقاردى. ئەمما قازان خەلقى ئۇزاققا قالمايلا ئۇ قورچاقنىمۇ ئاغدۇرۇۋەتتى. ئىۋان IV ئىزا تارتقانلىقىدىن غەزەپكە كېلىپ، شەخسەن ئۆزى قوشۇن باشلاپ، قازانغا ئاتلىنىشنى قارار قىلدى. 1552 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، 22 ياشلىق چار پادىشاھ قوشۇن باشلاپ قازان شەھىرىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئىۋاننىڭ قوشۇنىدا 150 مىڭ ئەسكەر، 150 توپ، بىرمۇنچە جەڭ ھارۋىسى ۋە شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش مۇنارلىرى بار ئىدى. قازاننى ساقلاۋاتقانلار پەقەت قولىغا قارا مىلتىق ئالغان 30 مىڭ كىشى بولۇپ،  قورال - جابدۇقلىرى ناھايىتى ناچار ئىدى، شەھەرنىڭ سېپىلىمۇ ياغاچتىن ياسالغان ئىدى. دېمەك، ھۇجۇم قىلغۇچىلار بىلەن مۇداپىئە قىلغۇچىلارنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسى پەۋقۇلئاددە پەرقلىق ئىدى. چار پادىشاھ ئەسكىرىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىگە ئاساسەن قازان خانىنى تەسلىم بولۇشقا چاقىردى. قازان خانى روسلارغا تىز پۈكۈشنى راۋا كۆرمەي رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن چار پادىشاھ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق بەردى. «گۈمبۈر - گۈمباڭ! گۈمبۈر - گۈمباڭ!» روس قوشۇنىنىڭ توپلىرى شەھەر ئۈستىگە ئېتىلدى. ياغاچ سېپىللار يالقۇنجاپ كۆيۈشكە باشلىدى. ئەمما قازان ئارمىيىسى ۋە خەلقى پىداكارلىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، پوزىتسىيىنى قەتئىي قوغدىدى؛ پارتىزانلار روس قوشۇنىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن كېلىپ تويۇقسىز زەربە بېرىپ تۇردى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. قازان شەھىرى يېڭىلمەستىن يەنىلا مەزمۇت تۇردى. ئىۋان، سەركىلىرىگە چىچاڭلاپ ۋارقىرىدى: «تىرىك ئادەملەرنى تۇتۇپ ئالدىمغا كەلتۈرۈڭلار، مەن شۇلارنى گۆرۈگە قويۇش ئارقىلىق ئۇلارنى تەسلىم قىلىمەن!» روس قوشۇنىدىكىلەر ھاپىلا - شاپىلا شەھەر سىرتىدىكىلەردىن 300 - 400 كىشىنى تۇتۇپ كەلدى. ئىۋان بۇلارنى شەھەر يېنىغا بېرىپ، قازان ئارمىيىسى ۋە خەلقىنى تەسلىم بولۇشقا قىستاشقا بۇيرۇدى. بۇ تەلەپمۇ رەت قىلىندى. «پۈتۈنلەي ئېتىپ تاشلاڭلار!» - ئىۋان ۋەھشىيلىك بىلەن بۇيرۇق قىلدى. ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تەڭلا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېتىپ تاشلاندى. قازان ئارمىيىسى ۋە خەلقى ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ كۆزى دۈشمەنگە ھەممە بىردەك لەنەت ياغدۇردى ۋە تاجاۋۇزچىلار قوشۇنى بىلەن ئاخىرىغىچە قانلىق ئېلىشىشقا بەل باغلىدى. ئىۋان، قازان مۇداپىئەچىلىرىنىڭ يەنىلا تەسلىم بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرغەزەپكە كەلدى - دە: «ئۇستىكارنىڭ قوماندانلىقىدا ئەسكەرلەر يەر ئاستى يولى كولىسۇن، پارتلاتقۇچ دورا بىلەن شەھەرنىڭ سۇ يوللىرىنى پارتىلىتىڭلار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇسسۇزلىقتىن ئۆلسۇن!» - دەپ بۇيرۇق بەردى. بىر تۈركۈم روس، گېرمان ئۇستىكارلىرى دەرھال بىر ھېساب سوقتى - دە، ئەسكەرلەرگە قوماندانلىق قىلىپ، ئاكوپتىن باشلاپ، يەر ئاستى يولى كولاشقا كىرىشتى؛ ئارقىدىنلا ھەرىكەتچان ھۇجۇم قىلىش مۇنارىسىنىمۇ سېپىلنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، سېپىلنىڭ تېگىنى تەشتى. «گۇمباڭ!» قىلغان قاتتىق ئاۋاز بىلەن تەڭ شەھەرنىڭ سۇ يولى پارتلىدى. قازان مۇداپىئەچىلىرىنىڭ سۇ مەنبەسى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاندى. بۇ دەل ياز پەسلى ئىدى. قازان ئارمىيىسى ۋە خەلقى مەينەت سۇ ئىچىشكە مەجبۇر بولسىمۇ، ئاخىرىغىچە چىڭ تۇردى. 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، شەھەر سېپىلىدىن پارتلاتقۇچ ئارقىلىق شورا ئېچىلدى. روس قوشۇنى تېزلىكتە بۆسۈپ كىردى، قازان ئارمىيىسى ۋە خەلقى بالا - چاقىلىرىنى تارتىپ بىرلىكتە ئوتتۇرىغا چىقىپ، كوچىلاردا روس قوشۇنى بىلەن تالىشىش جېڭى قىلدى. بۇنىڭ بىلەن روس قوشۇنى شەھەرنى ئىشغالىيەتكە ئالالمىدى. ئىۋان، قازاننى شۇنچە ئۇزاقتىمۇ ئالالماي، قازان مۇداپىئەچىلىرىنى 3 - قېتىم تەسلىم بولۇشقا ئۈندەپ: يەنىلا تەسلىم بولمىساڭلار، شەھەرنى قولغا ئالغاندىن كېيىن پۈتكۈل شەھەردىكى ئارمىيە ۋە خەلققە ئەڭ قاتتىق جازا قوللىنىلىدۇ، - دېدى. قازاندىكى ئارمىيە ۋە خەلق ھەر بالا كەلسە پىسەنت قىلماي كۈرەشكە تەييار تۇراتتى. ئۇلار: «ھەرگىز تەسلىم بولمايمىز! بۇ سېپىلنى ئىگەللىۋالساڭلار. يەنە بىرنى ياسىيالايمىز! ھەمدەمچى قوشۇن كەلگىچە شەھەرنى قوغدايمىز ياكى شېھىت بولىمىز!» - دەپ جاۋاب بەردى. «توپقا تۇتۇڭلار! بارلىق توپلار ۋە پارتلاتقۇچلارنى ئىشلىتىپ پارتلىتىڭلار! - ئىۋان توختىماستىن چىچاڭلاپ ھۆكىرىدى، - شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن قورال ئالغان ھەرقانداق ئادەم ئۆلتۈرۈلسۇن! خوتۇن - قىزلار ۋە بالىلار تولۇقى بىلەن تۇتۇلسۇن!» 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، قازان ئاخىرى قولدىن كەتتى. ئىۋاننىڭ قانلىق بۇيرۇقى ئىجرا قىلىندى. پۈتۈن شەھەردە ئىس - تۈتەكلەر ئۆرلەپ، جەسەتلەر ساينىڭ تېشىدەك يېتىپ كەتتى، ئاھالىلەرنىڭ مال - مۈلۈكلىرى تۈگەل بۇلاندى. قازان خانلىقى ھالاك بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ زىمىنى چارروسىيە خەرىتىسىگە قوشۇۋېلىندى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئىۋان ئۆزىگە يەنە قازاننىڭ چار پادىشاھى دېگەن يېڭى ئۇنۋاننىمۇ قوشۇۋالدى. قازان خانلىقىنى كاپ ئېتىۋەتكەندىن كېيىن، ئىۋان IV يەنە ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى ئاستىرراخان خانلىقىنىمۇ قورال كۈچى بىلەن ئىستىلا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن قالماي، بالتىق دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، 1558 - يىلىدىن باشلاپ، پولشا، شىۋېتسىيە قاتارلىق پادىشاھلىقلار بىلەن ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇشلارنى ئېلىپ باردى. بىر ئۇرۇشقانچە 25 يىل توختىماي ئۇرۇشۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا مەغلۇپ بولدى. بۇ جەرياندا يەنە يىراققا يۈرۈش قوشۇنى تەشكىللەپ، شەرقتىكى سىبىرىيە خاندانلىقىغا تاجاۋۇز قىلدى ۋە سىبىرىيىنىڭ غەربىگە قاراپ كېڭىيىشكە باشلىدى. ئىۋان IV تەبىئىتىگە زالىملىق سىڭىپ كەتكەن پادىشاھ ئىدى. ئۇزاق مۇددەتلىك دەھشەتلىك كۈرەشلەر داۋامىدا، ئۇنىڭ گۇمانخورلۇق كېسىلى ئەدەپ تۇردى، ھەتتا ئەقلىدىن ئېزىپمۇ قالدى. بىر قېتىم دەرغەزەپكە كەلگىنىدە، قاراپ تۇرۇپ ۋەلىھەھىد شاھزادىسىنى ھاسىسى بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇڭا، تارىختا ئۇ يەنە «چاچقۇن پادىشاھ _ ئىۋان» دەپمۇ نام ئالدى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تۈرك دۇنياسىغا قىس...
●  ھەقىقى ئانتى سىمىت...
●  مارتىن لۇتېر
●  چاچقۇن پادىشاھ ئىۋ...
●  ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ب...
●  ئىسپان تىياتىرىنىڭ...
●  سېرۋانتس
●  «گىگانت ئادەمنىڭ ت...
●  قەلەندەرلەر قوزغىل...
●  قانلىق پەرمان
●  ئۇتوپىيە
●  «يېڭىلمەس پاراخوت ...
●  قوي، ئادەملەرنى يە...
●  جەنۋە پاپىسى
●  ئۈچ رەڭلىك بايراق
●  توماس ميۇنتسېر
●  رىم پاپىسىدىن ئادا ...
●  بايراققا سىزىلغان ...
●  پارچە - پارچە بەگلى...
●  سان پېتىر ئىبادەتخ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تۈرك دۇنياسىغا قىسقىچە ...
●  ھەقىقى ئانتى سىمىتىزىمن...
●  مارتىن لۇتېر
●  چاچقۇن پادىشاھ ئىۋان
●  ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ باشلىن...
●  ئىسپان تىياتىرىنىڭ ئاتى...
●  سېرۋانتس
●  «گىگانت ئادەمنىڭ تەرجىم...
●  قەلەندەرلەر قوزغىلىڭى
●  قانلىق پەرمان

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى