بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> مۇزېي >> مېكسىكا دۆلەتلىك ئىنسانشۇناسلىق مۇزېيى

مېكسىكا دۆلەتلىك ئىنسانشۇناسلىق مۇزېيى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-13 09:54:21    كۆرۈلۈش سانى : 155  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
بۇ ئىندىئانلارنىڭ4000  يىلدىن بۇيانقى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلايدىغان، تەتقىق قىلىدىغان ۋە كۆرگەزمە قىلىدىغان ئىنسانشۇناسلىق مۇزېيىدۇر. ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر مېكسىكىغا بېرىپ ئىنسانشۇناسلىق مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلمىغانلىق خۇددى مىسىرغا بېرىپ ئەلئېھرامنى كۆرمىگەندەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش، دېيىشىدۇ. مۇزېينىڭ كۆرگەزمە مەزمۇنى «قەدىمكى مەدەنىيەت مىراسلىرى»، «ھازىرقى زامان ئىندىئانلىرىنىڭ تۇرمۇشى» دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېكسكۇرسىيە لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. يەنە كېلىپ كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ مىقدارى كۆپ، مەزمۇنى مول بولۇپ، بارلىق كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى كۆرۈپ چىقىشقا توپتوغرا بىر كۈن ۋاقىت كېتىدۇ. قەدىمكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قىسمىدا12  كۆرگەزمىخانا بار. بىرىنچى كۆرگەزمىخانىدا ئىنسانشۇناسلىققا دائىر ئادەتتىكى بىلىملەر تونۇشتۇرۇلىدۇ. ئىككىنچى كۆرگەزمىخانىدا ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى قەدىمكى مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي خاراكتېرى تونۇشتۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭ مەزمۇنى قەدىمكى ھەر مىللەت ئىندىئان خەلقىنىڭ تاش ھەيكەل، تاش ئويمىچىلىق، ئۆي - ئىمارەت، تام رەسىمى، ئاسترونومىيە، كالېندارچىلىق، دەپنە قىلىش تۈزۈمى قاتارلىق ۋەكىللىك خاراكتېرگە باي ئەمەلىي بۇيۇم ۋە مودېللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچى كۆرگەزمىخانىدىن12  كۆرگەزمىخانىغىچە بولغان توققۇز كۆرگەزمىخانىنىڭ ھەممىسىگە قەدىمكى مېكسىكىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىنىڭ مەدەنىيىتىگە دائىر كۆرگەزمە بۇيۇملىرى قويۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئوۋچىلىق، تېرىقچىلىق، ئولتۇراقلىشىش، ئىبادەتخانا ئىمارەتلىرى، مەركىزىي شەھەرلەرنىڭ شەكىللىنىشى قاتارلىق ھەر خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنچىكىلىك بىلەن ئويۇلغان تاش ئابىدە، تاش ئويمىلار، شەكلى ھەر خىل، قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولغان ھەر خىل ئىبادەتخانىلار، داڭلىق كوكۇلگان تاش ھەيكىلى ۋە خىلمۇخىل ساپال قورچاق، ساپال بۇيۇملار سىرلىق مايا مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىپ، ئادەمنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدۇ. ئېغىرلىقى24  توننا كېلىدىغان قۇياش كالېندارى ئويۇلغان تاش «پۈتكۈل مۇزېينىڭ كۆزى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇ ئازتىك مەدەنىيىتىنىڭ بىردىنبىر سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مۇزېيغا يەنە ھەر مىللەت ئىندىئان خەلقىنىڭ مىللىي كىيىم - كېچەكلىرى ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى قويۇلغان بولۇپ، ئىندىئانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە ئۆي - ئىمارەتلىرى نامايان قىلىنغان. كىشىلەر مېكسىكا دۆلەتلىك ئىنسانشۇناسلىق مۇزېيىنى مېكسىكىنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشتىكى كۆزنەك، دەپ قارايدۇ. پەقەت مۇشۇ مۇزېي ئارقىلىقلا قەدىمكى ئىندىئانلار ياراتقان پارلاق مەدەنىيەتنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  بۇنداق پۇللارنى كۆ...
●  كروران مۇزېيى قۇرۇ...
●  مېكسىكا دۆلەتلىك ئ...
●  ئامېرىكا چوڭ شەھەر ...
●  ۋاتىكان مۇزېيى
●  ئامېرىكا چوڭ شەھەر ...
●  مېكسىكا دۆلەتلىك ئ...
●  ۋاتىكان مۇزېيى
●  فرانسىيە لۋر گۈزەل ...
●  تەيبېي خان ئوردىسى ...
●  جۇڭگو گۈزەل سەنئەت ...
●  بېيجىڭ خان سارىيى م...
●  ئامېرىكا ئىزدىنىش ...
●  بېيجىڭ ھايۋانات با...
●  فرانسىيە بايقاش سا...
●  بېيجىڭ گېئولوگىيە ...
●  ۋاشىنگتون ئالەم بو...
●  نيۇ يورك تەبىئەت تا...
●  بېيجىڭ تەبىئەت مۇز...
●  ميۇنخېن پەن - تېخنى...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  بۇنداق پۇللارنى كۆرۈپ ب...
●  كروران مۇزېيى قۇرۇلىدۇ
●  مېكسىكا دۆلەتلىك ئىنسان...
●  ئامېرىكا چوڭ شەھەر رايو...
●  ۋاتىكان مۇزېيى
●  ئامېرىكا چوڭ شەھەر رايو...
●  مېكسىكا دۆلەتلىك ئىنسان...
●  ۋاتىكان مۇزېيى
●  فرانسىيە لۋر گۈزەل سەنئ...
●  تەيبېي خان ئوردىسى مۇزې...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى