بېيجىڭ تەبىئەت مۇزېيى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-03-24 00:21:17 كۆرۈلۈش سانى : 27
بېيجىڭ تەبىئەت مۇزېيى تيەنتەن باغچىسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، ئۇ تەبىئەت ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىپ ساقلايدىغان، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيىسى ئېلىپ بارىدىغان، ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇزېي بولۇپ، كىشىلەرگە تەبىئەت دۇنياسىنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش تارىخىنى تونۇشتۇرۇپ، ھاياتلىقنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، تۆۋەن دەرىجىدىن يۇقىرى دەرىجىگە تەرەققىي قىلىش، ئادەمسىمان مايمۇندىن ئادەمگە ئۆزگىرىش تارىخىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.
قەدىمكى ھايۋانلار كۆرگەزمىخانىسىدىكى تامغا دىنوزاۋر ئاياغ ئىزلىرىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن چوڭ خەتلەردىن بۇنىڭ تارىختىن ئىلگىرىكى ھاياتلىقنىڭ ئىزناسى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە كەم ئۇچرايدىغان قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ تاش قاتمىسى ۋە ھەر خىل دىنوزاۋرلارنىڭ تاش قاتلىمىلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە تۇرقىدىن يىرتقۇچلۇقى چىقىپ تۇرغان تىراننوزاۋر، تەقى - تۇرقى گومۇش كۆرۈنىدىغان ئۆردەك تۇمشۇق دىنوزاۋر، جۇغى كىچىك، قۇيرۇقى ئىنتايىن چوڭ تۇتى دىنوزاۋر بار. بۇنىڭدىن نەچچە يۈز مىڭ يىل ئىلگىرى يەر شارىدا ياشىغان بۇ ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، كۆرگەزمىخانىغا قويۇلغانلىرى پەقەت ئۇلارنىڭ تاش قاتمىسى ياكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن مودېلىدىنلا ئىبارەت.
ئىنسانلار تارىخىغا دائىر كۆرگەزمىخانىدا بېيجىڭ مايمۇنسىمان ئادىمىنىڭ مەشئەلنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرغان ھەيكىلى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇ ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ ئېكسكۇرسىيىچىلەرنى قارشى ئالىدۇ. بۇ كۆرگەزمىخانىدا قەدىمكى ئىنسانشۇناسلىق، ئاناتومىيە، ئارخېئولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ماتېرىياللار ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى ۋە تەرەققىي قىلغانلىقى چۈشەندۈرۈلىدۇ. كۆرگەزمە قىلىنغان ئادەم بەدىنى ئىسكىلىتلىرى ۋە ئىچكى ئەزالىرى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭكىگە ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇنى كۆرگەنلەر ئىنسانلارنىڭ ھايۋاندىن ئۆزگەرگەنلىكىگە قايىل بولماي تۇرالمايدۇ. بېيجىڭ مايمۇنسىمان ئادىمى كۆرگەزمىخانىسى بىلەن تاغ ئۆڭكۈرى ئادىمى كۆرگەزمىخانىسىدا ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ جاپالىق ئەمگەك قىلغانلىقى، تەبىئەت بىلەن باتۇرانە كۈرەش قىلغانلىقىدەك تەسىرلىك كۆرۈنۈش ناھايىتى ئوبرازلىق نامايان قىلىنغان.
ئۆسۈملۈك كۆرگەزمىخانىسىغا خىلمۇخىل چىرايلىق سىلىق تاشلار، يۈسۈنلەرنىڭ تاش قاتمىسى قويۇلغان بولۇپ، خەلق سارىيىدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاش تۈۋرۈكلەر ۋە يەرگە ياتقۇزۇلغان تاشلار دەل مۇشۇ سىلىق تاشلارغا ئىش قوشۇش ئارقىلىق ياسالغان. تاش قاتمىلار ئىچىدىكى يۈسۈنلەر بۇنىڭدىن1 مىليارد800 مىليون يىلدىن600 مىليون يىلغىچە بولغان ۋاقىتتىن ئىلگىرى دېڭىز - ئوكيانلاردا ياشىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن400 مىليون يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقا كەلگەندە، يۈسۈنلەر تەرەققىي قىلىپ پتېرىدلارغا ئايلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە يالىڭاچ پاپوروتنىك ئەڭ ئاۋۋال قۇرۇقلۇققا چىقىپ، بىپايان زېمىنغا تۇنجى قېتىم يېشىل تون كىيدۈرگەن. پتېرىدلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى ئەڭ دەسلەپكى سازلىق ئورمىنىنى شەكىللەندۈرگەن. بىرمۇنچە كۆمۈرلۈك دەل قەدىمكى پتېرىدلارنىڭ يەر ئاستىغا چوڭقۇر كۆمۈلۈشىدىن پەيدا بولغان. بۇ يەرگە يەنە ئەينەك قۇتىغا سېلىپ قويۇلغان، دائىم ئېچىلىپ تۇرىدىغان گۈللەر قويۇلغان بولۇپ، قىزغۇچ ئەتىرگۈل، ئۇزۇن يوپۇرماقلىق ئاق گۈلسامساق، ئاچ قىزىل تاجىگۈل ۋە بىنەپشە كۆك قوڭغۇراقگۈللەر ئادەمنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدۇ. بۇ گۈللەرگە ۋائوكوم ئارقىلىق سۇنى چىقىرىۋېتىش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولغاچقا، ئۇلار يىل بويى ئەسلىدىكى رەڭگى ۋە شەكلىنى ساقلىيالايدۇ. |
|