ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> مۇزېي >> ئامېرىكا چوڭ شەھەر رايونى سەنئەت مۇزېيى
ئامېرىكا چوڭ شەھەر رايونى سەنئەت مۇزېيى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-08 10:25:45 كۆرۈلۈش سانى : 84
دۇنياغا داڭلىق شەھەر نيو - يوركنىڭ مانخاتتان رايونىغا جايلاشقان چوڭ شەھەر رايونى سەنئەت مۇزېيى كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ قىممەتلىك، ئەتىۋارلىقلىقى ۋە تۈرىنىڭ موللۇقى بىلەن دۇنياغا داڭلىق. مۇزېيدا بىرنەچچە سەنئەت كارىدورى بار بولۇپ،365 مىڭدىن ئارتۇق سەنئەت بۇيۇمى ساقلانغان. ئۇلار قەدىمكى سەنئەت ساقلانمىلىرى، شەرق سەنئەت ساقلانمىلىرى، ياۋروپا سەنئەت ساقلانمىلىرى ۋە ئامېرىكا سەنئەت ساقلانمىلىرىدىن ئىبارەت تۆت خىلغا ئايرىلغان.
قەدىمكى سەنئەت ساقلانمىلىرى كۆرگەزمىخانىسىدا مىسىرنىڭ تارىختىن ئىلگىرىكى ساپال بۇيۇملىرى، تام رەسىملىرى، ھەيكەلتىراشلىق بۇيۇملىرى، ئۈنچە - مەرۋايىت ۋە مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى2460 - يىلىدىكى بىر قەبرە، يۇنان ۋە رىمدىن ئېلىپ كېلىنگەن سەنئەت بۇيۇملىرىدىن لوڭقا، تاش ئويما، مىس قوراللار، گۆھەر، ئەينەك، تام رەسىمى؛ قەدىمكى ئىتالىيىنىڭ سەنئەت بۇيۇملىرىدىن قىزىل ساپالدىن ياسالغان بۇيۇملار، مېسوپوتامىيە بىلەن قەدىمكى پارسنىڭ فارفور بۇيۇملىرى، پىل چىشى، مېتال قورال - سايمان قاتارلىقلار بار. شەرق سەنئەت ساقلانمىلىرى ئاساسلىقى جۇڭگو، ھىندىستان ۋە ياپونىيىدىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە رەسىم، ھەيكەل، ساپال بۇيۇملار، سىرلانغان بۇيۇملار ۋە قاشتېشى بۇيۇملىرى ھەممىدىن داڭلىق. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە گىلەم، ئەينەك، ياغاچ ئويما بۇيۇملىرى قاتارلىق ئىسلام سەنئەت بۇيۇملىرىمۇ بار. ياۋروپا سەنئەت ساقلانمىلىرى ئىچىدە13 - ئەسىردىن ھازىرغىچە بولغان رەسىملەر ۋە ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى ھەيكەل، ئۆي جاھازلىرى، گىلەم، ئەينەك بۇيۇملىرى قاتارلىقلار بار. ئامېرىكا سەنئەت بۇيۇملىرى ئىچىدە رەسىم ئەسەرلىرى بىلەن ھەيكەلتىراشلىق بۇيۇملىرى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. يەنە17 -،18 - ئەسىرلەردىكى ئۆي جاھازلىرى ۋە زىننەت بۇيۇملىرى، سەنئەت بۇيۇملىرىمۇ بار.
مۇزېينىڭ جەنۇب تەرىپى بالىلار مۇزېيى، يەنى بالىلارنىڭ پائالىيەت مەركىزىدۇر، ئۇنىڭ ئىچىدە مەخسۇس كۆرگەزمىخانا، كۇتۇپخانا، زال ۋە سەنئەت ئىشخانىسى بار. كىيىم - كېچەك كۆرگەزمىخانىسىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن400 يىلدىن بۇيانقى15 مىڭ كىيىم بار. يېقىن ئەتراپتا يەنە مۇزېينىڭ تارماق ئاپپاراتى بولغان بىر موناستىر بار بولۇپ، ئۇنىڭدا فرانسىيە، ئىسپانىيىدىكى قەدىمكى موناستىر، قەدىمكى چېركاۋلارنىڭ ئەسلىدىكى بۇيۇملىرى بار، موناستىرنىڭ ئەتراپىغا يەنە چىرايلىق گۈللۈك بەرپا قىلىنغان، بۇلار موناستىرنىڭ ئۆزگىچىلىكى ھېسابلىنىدۇ. مۇزېينىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى شىمالىي زالدا جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە سۇجۇنىڭ باغ - ئورمانلىق ئۆيلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ قويۇق مىللىي تۈسكە ئىگە بۇ قەدىمىي ئىمارىتى چەت ئەللىكلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. |
|