تەيبېي خان ئوردىسى مۇزېيى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-22 11:55:14 كۆرۈلۈش سانى : 35
بۇ مۇزېي تەيبېي شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بۈك - باراقسان دەل - دەرەخلەرگە پۈركەلگەن تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان. ئۇدۇلدىكى چوڭ زالدا سۇن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ئولتۇرغان ھالەتتىكى مىس ھەيكىلى بار، ھەيكەلنىڭ ئەتراپىغا داڭلىق ھۆسنخەت، رەسىم ئەسەرلىرى قويۇلغان. كارىدورنىڭ ئىككى تېمىغا ئىككى پارچە ناھايىتى چوڭ رەسىم − «چوكانتال مەزگىلىدىكى دەريا» بىلەن «قاتناش يولىنى تازىلاش» قويۇلغان بولۇپ، بۇلار جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شانۇ شەۋكىتىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.
مۇزېيدا ئېلىمىز تارىخىدىكى620 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق قىممەتلىك سەنئەت ئەسەرلىرى قويۇلغان. بۇنىڭ240 مىڭ پارچىسى ئەسلىدە بېيجىڭدىكى خان ئوردىسىنىڭ بولۇپ،1933 - يىلى ياپونىيە باسقۇنچىلىرىنىڭ تالان - تاراج قىلىشىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نەنجىڭ، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلارغا يۆتكىتىۋېتىلگەن،1949 - يىلى تەيۋەنگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن.
بۇ بۇيۇملار ئىچىدە ھەممىدىن بەك ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغىنى دۆلەت گۆھىرى ھېسابلىنىدىغان غەربىي جۇ سۇلالىسىگە تەۋە ماۋگۇڭ داڭقىنى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى8 .53 سانتىمېتىر، ئېغىز دىئامېتىرى9 .47 سانتىمېتىر كېلىدۇ، ئۈچ پۇتى، ئىككى قۇلىقى بار، تاشقى قىياپىتى ئاددىي. داڭقاننىڭ ئىچىدىكى بىر يادنامە497 خەتلىك بولۇپ، مىس بۇيۇملار ئىچىدە ئەڭ كۆپ خەت ئويۇلغان بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ. بۇ داڭقان چىڭ سۇلالىسى داۋگۇاڭنىڭ ئاخىرقى يىللىرى شەنشىنىڭ چىشەن دېگەن يېرىدىن قېزىۋېلىنغان بولۇپ، ئەينى چاغدا قەدىمكى ئاسارە ئەتىقە سودىگەرلىرى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنى يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ تالىشىش ئوبيېكتى بولۇپ قېلىپ، يىراق - يېقىنغا نامى تارقالغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە لياڭگۇاڭنىڭ ۋالىيسى دۇەن فاڭ بۇ داڭقاننىڭ نامىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال ئۇنى تېپىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان. چىڭ سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ماۋگۇڭ داڭقىنى بىر مەزگىل شياڭگاڭغا ئېلىپ كېتىلگەن، ئەينى چاغدا ئامېرىكىلىق سىمپسون50 مىڭ دوللارغا سېتىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن قولغا چۈشۈرەلمىگەن. ياپونىيە باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيىلىكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن. چىن فامىلىلىك بىر جۇڭگولۇق ئۇنى قىممەت باھادا ياپونىيىلىكنىڭ قولىدىن سېتىۋېلىپ، مەخپىي ساقلاپ قويغان، ياپونىيە باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، بۇ دۆلەت گۆھىرىنى ھۆكۈمەتكە قايتۇرۇپ بەرگەن.
بۇ يەردە يەنە نۇرغۇن ئۆزگىچە، جەلپكار كۆرگەزمە بۇيۇملىرى بار. مەسىلەن، خېنەننىڭ ئەنياڭ دېگەن يېرىدىن قېزىۋېلىنغان ھۇۋقۇش شەكىللىك تىك ھەيكەل يۈننەننىڭ پۈتۈن مەرمەر تېشىدىن ئويۇپ ياسالغان بولۇپ، ئىنتايىن غەلىتە، يەنى ئۇنىڭ كۆزى ھۇۋقۇشنىڭكىگە، بۇرنى ئادەمنىڭكىگە، مۈڭگۈزى ھايۋاننىڭكىگە، قاسىرىقى بېلىقنىڭكىگە، پۇتى پىلنىڭكىگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا مۇنداقلا قارىسا غەلىتە مەخلۇقتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئىنچىكىلەپ قارىسا، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان جانىۋار ئىكەنلىكىنى بايقىغىلى بولىدۇ.
داڭلىق رەسسام، خەتتاتلارنىڭ رەسىم، ھۆسنخەت ئەسەرلىرى تەيبېي خان سارىيى مۇزېيىنىڭ جەلپكارلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان. مەسىلەن، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن رەسسام لى گۇڭلىننىڭ «دۇبۇلغا - ساۋۇتنى ئېلىۋېتىش» دېگەن رەسىمىدە، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى داڭلىق سەركەردە گوزىيىنىڭ دۇبۇلغا - ساۋۇتلىرىنى سېلىپ تاشلاپ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغانلىق كۆرۈنۈشى تەسۋىرلەنگەن؛ چېن جۈجۇڭنىڭ «ۋېن جىنىڭ قايتىپ كېلىشى» دېگەن رەسىمىدە سەي ۋېنجىنىڭ ئوغلى بىلەن خوشلىشىپ سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدىكى خۇشاللىق بىلەن قايغۇ ئارىلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ ھېسسىياتى تەسۋىرلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە چۇ يىڭنىڭ ئوردىدىكى غۇنچىلارنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن «خەن ئوردىسىدا باھار» ناملىق رەسىمى؛ ۋاڭ شىجىنىڭ «قار» ناملىق شېئىرى؛ ۋۇ جۈنىڭ يەتتە بوغۇملۇق شېئىرىنىڭ تېز يازما نۇسخىسى قاتارلىقلارمۇ چىن ھېسسىياتقا تويۇنغان نادىر ئەسەرلەردۇر. |
|