بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> مۇزېي >> ئامېرىكا چوڭ شەھەر رايونى سەنئەت مۇزېيى

ئامېرىكا چوڭ شەھەر رايونى سەنئەت مۇزېيى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-05-07 11:24:05    كۆرۈلۈش سانى : 55  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
دۇنياغا داڭلىق شەھەر نيو - يوركنىڭ مانخاتتان رايونىغا جايلاشقان چوڭ شەھەر رايونى سەنئەت مۇزېيى كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ قىممەتلىك، ئەتىۋارلىقلىقى ۋە تۈرىنىڭ موللۇقى بىلەن دۇنياغا داڭلىق. مۇزېيدا بىرنەچچە سەنئەت كارىدورى بار بولۇپ،365  مىڭدىن ئارتۇق سەنئەت بۇيۇمى ساقلانغان. ئۇلار قەدىمكى سەنئەت ساقلانمىلىرى، شەرق سەنئەت ساقلانمىلىرى، ياۋروپا سەنئەت ساقلانمىلىرى ۋە ئامېرىكا سەنئەت ساقلانمىلىرىدىن ئىبارەت تۆت خىلغا ئايرىلغان. قەدىمكى سەنئەت ساقلانمىلىرى كۆرگەزمىخانىسىدا مىسىرنىڭ تارىختىن ئىلگىرىكى ساپال بۇيۇملىرى، تام رەسىملىرى، ھەيكەلتىراشلىق بۇيۇملىرى، ئۈنچە - مەرۋايىت ۋە مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى2460  - يىلىدىكى بىر قەبرە، يۇنان ۋە رىمدىن ئېلىپ كېلىنگەن سەنئەت بۇيۇملىرىدىن لوڭقا، تاش ئويما، مىس قوراللار، گۆھەر، ئەينەك، تام رەسىمى؛ قەدىمكى ئىتالىيىنىڭ سەنئەت بۇيۇملىرىدىن قىزىل ساپالدىن ياسالغان بۇيۇملار، مېسوپوتامىيە بىلەن قەدىمكى پارسنىڭ فارفور بۇيۇملىرى، پىل چىشى، مېتال قورال - سايمان قاتارلىقلار بار. شەرق سەنئەت ساقلانمىلىرى ئاساسلىقى جۇڭگو، ھىندىستان ۋە ياپونىيىدىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە رەسىم، ھەيكەل، ساپال بۇيۇملار، سىرلانغان بۇيۇملار ۋە قاشتېشى بۇيۇملىرى ھەممىدىن داڭلىق. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە گىلەم، ئەينەك، ياغاچ ئويما بۇيۇملىرى قاتارلىق ئىسلام سەنئەت بۇيۇملىرىمۇ بار. ياۋروپا سەنئەت ساقلانمىلىرى ئىچىدە13  - ئەسىردىن ھازىرغىچە بولغان رەسىملەر ۋە ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى ھەيكەل، ئۆي جاھازلىرى، گىلەم، ئەينەك بۇيۇملىرى قاتارلىقلار بار. ئامېرىكا سەنئەت بۇيۇملىرى ئىچىدە رەسىم ئەسەرلىرى بىلەن ھەيكەلتىراشلىق بۇيۇملىرى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. يەنە17  -،18  - ئەسىرلەردىكى ئۆي جاھازلىرى ۋە زىننەت بۇيۇملىرى، سەنئەت بۇيۇملىرىمۇ بار. مۇزېينىڭ جەنۇب تەرىپى بالىلار مۇزېيى، يەنى بالىلارنىڭ پائالىيەت مەركىزىدۇر، ئۇنىڭ ئىچىدە مەخسۇس كۆرگەزمىخانا، كۇتۇپخانا، زال ۋە سەنئەت ئىشخانىسى بار. كىيىم - كېچەك كۆرگەزمىخانىسىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن400  يىلدىن بۇيانقى15  مىڭ كىيىم بار. يېقىن ئەتراپتا يەنە مۇزېينىڭ تارماق ئاپپاراتى بولغان بىر موناستىر بار بولۇپ، ئۇنىڭدا فرانسىيە، ئىسپانىيىدىكى قەدىمكى موناستىر، قەدىمكى چېركاۋلارنىڭ ئەسلىدىكى بۇيۇملىرى بار، موناستىرنىڭ ئەتراپىغا يەنە چىرايلىق گۈللۈك بەرپا قىلىنغان، بۇلار موناستىرنىڭ ئۆزگىچىلىكى ھېسابلىنىدۇ. مۇزېينىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى شىمالىي زالدا جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە سۇجۇنىڭ باغ - ئورمانلىق ئۆيلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ قويۇق مىللىي تۈسكە ئىگە بۇ قەدىمىي ئىمارىتى چەت ئەللىكلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  بۇنداق پۇللارنى كۆ...
●  كروران مۇزېيى قۇرۇ...
●  مېكسىكا دۆلەتلىك ئ...
●  ئامېرىكا چوڭ شەھەر ...
●  ۋاتىكان مۇزېيى
●  ئامېرىكا چوڭ شەھەر ...
●  مېكسىكا دۆلەتلىك ئ...
●  ۋاتىكان مۇزېيى
●  فرانسىيە لۋر گۈزەل ...
●  تەيبېي خان ئوردىسى ...
●  جۇڭگو گۈزەل سەنئەت ...
●  بېيجىڭ خان سارىيى م...
●  ئامېرىكا ئىزدىنىش ...
●  بېيجىڭ ھايۋانات با...
●  فرانسىيە بايقاش سا...
●  بېيجىڭ گېئولوگىيە ...
●  ۋاشىنگتون ئالەم بو...
●  نيۇ يورك تەبىئەت تا...
●  بېيجىڭ تەبىئەت مۇز...
●  ميۇنخېن پەن - تېخنى...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  بۇنداق پۇللارنى كۆرۈپ ب...
●  كروران مۇزېيى قۇرۇلىدۇ
●  مېكسىكا دۆلەتلىك ئىنسان...
●  ئامېرىكا چوڭ شەھەر رايو...
●  ۋاتىكان مۇزېيى
●  ئامېرىكا چوڭ شەھەر رايو...
●  مېكسىكا دۆلەتلىك ئىنسان...
●  ۋاتىكان مۇزېيى
●  فرانسىيە لۋر گۈزەل سەنئ...
●  تەيبېي خان ئوردىسى مۇزې...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى