بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> مۇزېي >> فرانسىيە لۋر گۈزەل سەنئەت سارىيى

فرانسىيە لۋر گۈزەل سەنئەت سارىيى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-26 13:10:29    كۆرۈلۈش سانى : 35  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
فرانسىيە دۆلەتلىك گۈزەل سەنئەت مۇزېيى پارىژدىكى سېنا دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىغا جايلاشقان. بۇ مۇزېينى1204  - يىلى فىلىپ Ⅱ سېلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە ئۇ پەقەت خان ئوردىسىنىڭ ئارخىپلىرى ۋە قىممەتلىك نەرسە - كېرەكلىرىنى ساقلايدىغان قورغان ئىدى، كېيىن نەچچە قېتىم كېڭەيتىپ سېلىنىپ ناپولېئون Ⅲ دەۋرىگە كەلگەندە بىر يۈرۈش ھەيۋەتلىك ئوردا - سارايغا ئايلانغان. لۇف سارىيى دەل ئاشۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بىر ئىمارەتتۇر.16  - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ فرانسىيە پادىشاھلىرى ئۇنىڭدا قىممەتلىك گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرىنى يىغىپ ساقلاشقا باشلىغان. گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرى باشتا ساراينىڭ كارىدورىغا قويۇلغان، كېيىن ئۇلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ پۈتكۈل ساراي مەخسۇس خان جەمەتىنىڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى قىلىپ ئاجرىتىلغان. ناپولېئون شەرققە ھەربىي يۈرۈش قىلغان، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ غوجائاكىسى بولغان مەزگىللەردە، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەر ئۇنىڭغا ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ئولپانلار ئاساسلىقى ماي بوياق رەسىم ۋە ھەيكەل بولۇپ، ئۇلار لۋر گۈزەل سەنئەت سارىيىنىڭ ساقلانمىلىرىنى تېخىمۇ موللاشتۇرغان. لۋر گۈزەل سەنئەت سارىيى يۇنان ۋە رىم سەنئەت سارىيى، شەرق سەنئەت سارىيى، مىسىر سەنئەت سارىيى، ياۋروپا ئوتتۇرا ئەسىر، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش مەزگىلى ۋە ھازىرقى زامان ھەيكەلتىراشلىق سارىيى، سەنئەت سارىيى ۋە تارىخىي رەسىملەر سارىيىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ قىسىمغا بۆلۈنگەن. ھازىر سەنئەت سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان بۇيۇملار400  مىڭغا يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مېكېلانگېلونىڭ «غالىب ئايال ئىلاھ، سۆيگۈ - مۇھەببەت ئىلاھى، قۇل»، داۋىنچنىڭ «موننالىزا، قىيا تاش ئارىسىدىكى بۈۋىمەريەم«، مىللېتنىڭ «باشاق تېرىش» ۋە ئايال ئىلاھ ۋېناسنىڭ ھەيكىلى قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق قىممەتلىك بۇيۇملار بار. لۇف سارىيى نادىر ئەسەرلەر ۋە ئېسىل بۇيۇملارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى گۈزەل سەنئەتچىلەر ۋە گۈزەل سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ «مۇقەددەس جايى» غا ئايلىنىپ، ھەر يىلى نەچچە مىليون ئېكسكۇرسىيىچىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە. ئىلگىرى ئېلىمىزدىكى گۈزەل سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياشلار ئارىسىدا: پارىژغا بارمىساڭ، ماي بوياق رەسىمنى ھەقىقىي ئۆگەنگەن ھېسابلانمايسەن، دەيدىغان گەپ بار ئىدى. ئۇلار دەۋاتقان پارىژ ئەمەلىيەتتە دەل لۇف سارىيىدۇر. لۋر گۈزەل سەنئەت مۇزېيى ساقلانمىلىرىنىڭ موللۇقى بىلەن داڭلىق.1982  - يىلى فرانسىيە ھۆكۈمىتى لۋر سارىيىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشنى قارار قىلدى ھەمدە ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق بىناكار بېي يۈيمىڭنىڭ كېڭەيتىپ قۇرۇش لايىھىسىنى تاللىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن20  مىڭ كۋادرات مېتىرلىق يەر ئاستى ئۆيى سېلىنىپ، يەر ئۈستىدىكى يېتىشسىزلىك تولۇقلاندى. مۇزېي ۋە مەدەنىيەت سارايلىرى


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  بۇنداق پۇللارنى كۆ...
●  كروران مۇزېيى قۇرۇ...
●  مېكسىكا دۆلەتلىك ئ...
●  ئامېرىكا چوڭ شەھەر ...
●  ۋاتىكان مۇزېيى
●  ئامېرىكا چوڭ شەھەر ...
●  مېكسىكا دۆلەتلىك ئ...
●  ۋاتىكان مۇزېيى
●  فرانسىيە لۋر گۈزەل ...
●  تەيبېي خان ئوردىسى ...
●  جۇڭگو گۈزەل سەنئەت ...
●  بېيجىڭ خان سارىيى م...
●  ئامېرىكا ئىزدىنىش ...
●  بېيجىڭ ھايۋانات با...
●  فرانسىيە بايقاش سا...
●  بېيجىڭ گېئولوگىيە ...
●  ۋاشىنگتون ئالەم بو...
●  نيۇ يورك تەبىئەت تا...
●  بېيجىڭ تەبىئەت مۇز...
●  ميۇنخېن پەن - تېخنى...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  بۇنداق پۇللارنى كۆرۈپ ب...
●  كروران مۇزېيى قۇرۇلىدۇ
●  مېكسىكا دۆلەتلىك ئىنسان...
●  ئامېرىكا چوڭ شەھەر رايو...
●  ۋاتىكان مۇزېيى
●  ئامېرىكا چوڭ شەھەر رايو...
●  مېكسىكا دۆلەتلىك ئىنسان...
●  ۋاتىكان مۇزېيى
●  فرانسىيە لۋر گۈزەل سەنئ...
●  تەيبېي خان ئوردىسى مۇزې...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى