ۋاتىكان مۇزېيى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-27 23:12:10 كۆرۈلۈش سانى : 55
ۋاتىكان مۇزېيى ئىتالىيىدىكى ساندپېتىر چېركاۋىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە پاپانىڭ ئوردىسى ئىدى. ئەتىۋارلىق مەدەنىي يادىكارلىقلار ۋە قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇملىرى ساقلانغان بۇ سەنئەت خەزىنىسى لوندون بۈيۈك برېتانىيە مۇزېيى ۋە پارىژ لۇف گۈزەل سەنئەت سارىيى بىلەن گۈزەللىك تالىشالايدۇ.
ۋاتىكان مۇزېيىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى55 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، ھەر خىل تىپتىكى12 كۆرگەزمىخانا ۋە بەش سەنئەت كارىدورىغا بۆلۈنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە دۇنياغا داڭلىق شىستىن كىچىك چېركاۋى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش مەزگىلىدىكى ئۈچ سەنئەت پىرىنىڭ بىرى لاففېلنىڭ ئەسەرلەر كۆرگەزمىخانىسى بار.
پىئۇس - كلېمنت سارىيىغا تۈرلۈك ھەيكەلتىراشلىق ئەسەرلىرى قويۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مىلادىيە2 - ئەسىردىكى داڭلىق ھەيكەل − قۇياش ئىلاھى ئاپوللو بىلەن توققۇز ئايال ئىلاھنىڭ تاش ھەيكىلى بار. بەدىنى ناھايىتى تولغان، بەزىلىرى ئولتۇرغان، يەنە بەزىلىرى ئۆرە تۇرغان، بەزىلىرى ئۇسسۇل ئويناۋاتقان، يەنە بەزىلىرى مېڭىۋاتقان، قوللىرىدا ھەر خىل چالغۇ ئەسۋابلارنى تۇتۇۋالغان ھالەتتىكى ئايال ئىلاھ ھەيكەللىرى ھەر خىل سەنئەت ئېقىملىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مۇزېيدا بېشى، ئىككى بىلىكى، ئىككى پۇتى ساپلا كەمتۈك بىر تاش ھەيكەل بار بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەت ئاساسىي گەۋدىسىلا ساقلىنىپ قالغان، شۇنداقتىمۇ ئۇ نەپىس ئويۇلغان بولۇپ، مۇسكۇللىرى بۆرتۈپ چىققان، بەدەن قۇرۇلمىسى مۇكەممەل. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ ھېراكلېس دېگەن پالۋاننىڭ ھەيكىلىمىش. ھايۋانات ھەيكەللىرى كۆرگەزمىخانىسى خۇددى سۈنئىي ھايۋانات باغچىسىغا ئوخشايدۇ، بۈركۈت، شىر، ئىت، قۇش قاتارلىق خىلمۇخىل ھايۋانلارنىڭ ھەيكەللىرى خۇددى راستتەكلا كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭ ئارىسىدا يەنە ئات تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك بىر مەخلۇقنىڭ بىر توشقاننى تۇتۇۋېلىپ ناھايىتى كۆرەڭلەپ تۇرغانلىقى تەسۋىرلەنگەن بىر ھەيكەل بار. سەنئەت كارىدورىدىكى تام رەسىملىرى، تورۇس رەسىملىرى، نەقىش ۋە گىلەم نۇسخىلىرى ئادەمنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.
داڭلىق ئېقىم رەسساملىرىنىڭ رەسىم سىزىش ئۆيى ياكى كۆرگەزمىخانىسىغا ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى قويۇلغان. لاففېل رەسىمخانىسى مۇزېينىڭ يەنە بىر گۈلتاجى بولۇپ، ئۇ1508 - يىلىدىن1518 - يىلىغىچە جەمئىي10 يىل ۋاتىكانغا تام رەسىمى سىزىپ بەرگەن. بۇ تام رەسىملىرىنىڭ ئومۇمىي نامى «دىنىي ھوقۇقنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە مۇستەھكەملىنىشى» بولۇپ، دىنىي تېمىلارغا گۇمانىتار مەزمۇنلار سىڭدۈرۈلۈپ، رېئالىزملىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق جانلىق ئۆرپ - ئادەت تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئىمزا - تامغا زالىنىڭ سول تېمىغا لاففېلنىڭ «مۇنازىرە يىغىنى» دېگەن تام رەسىمى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا قەدىمكى پەيلاسوپ، ئاقىللارنىڭ چوڭقۇر ئويغا چۆمگەن ياكى ئۆزئارا مۇنازىرە قىلىشىۋاتقان كۆرۈنۈشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇدۇلدىكىسى «ئافىنا ئىنستىتۇتى» ناملىق يەنە بىر تام رەسىمى بولۇپ، بىر توپ قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپلىرىنىڭ يىغىلىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇلارنىڭ ئوبرازى خىلمۇخىل، تەبىئىي، جانلىق بولۇپ، يورۇق، ئازادە قەدىمكى ئىمارەت ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش مەزگىلىدىكى ئۆزگىچە ئۇسلۇب گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
|
|