روھ ئۇقۇمى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-07 17:53:06 كۆرۈلۈش سانى : 383
روھ كاتېگورىيىسى پۈتكۈل دۇنيانىڭ پەلسەپە تەرەققىياتى جەريانىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپ كەلدى، ئوتتۇرا ئەسىردىن ئىلگىرىكى بىرەر پەيلاسوفنىڭ روھ ھەققىدىكى قاراشلىرىغا ئاساسەن ئۇنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسىنى بىۋاسىتە بېكىتكىلى بولاتتى. نۇرغۇن پەيلاسوپلار روھ ھەققىدە مەخسۇس ئەسەرلەرنى يازدى. مەسىلەن، ئارىستوتېل، فارابىلارنىڭ روھ ھەققىدە دېگەن ئەسەرلىرىگە ئوخشاش. مەزكۇر ماقالىدە ئىبىن سىنا ئىسىملىك بىر پەيلاسوپنىڭ روھ ۋە بىلىش نەزەرىيىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىدىيىلىرى غەرب ئەللىرىدە زور تەسىرگە ئىگە بولۇپ، دۇنيا پەلسەپە تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دۆلىتىمىزدە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ.
ئوتتۇرا ئەسىردىن ئىلگىرىكى پەيلاسوپلار ئۆسۈملۈك، ھايۋانات، ئادەم قاتارلىق جانلىقلارنىڭ ھەممىسىدىلا روھ بولىدۇ دەپ قارىغان بولسىمۇ، بىراق روھ دېگەن نېمە؟ دېگەن سوئالغا نۇرغۇن مۇتەپپەككۇرلار توغرا جاۋاب بېرەلمىگەنىدى. ئىبىن سىنا روھ ئۇقۇمىغا قارىتا ئېنىق قىلىپ مۇنداق تەبىر بېرىدۇ: بەزىدە بىرەر شەكىللىك جىسىملارنى كۆرگەندە بىزدە شۇ جىسىمغا قارىتا تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ ھەمدە ئاشۇ تۇيغۇ ئىختىيارسىز تۈردە ھەرىكەت ھالىتىدە تۇرغان بولىدۇ. يەنە بەزى جىسىملارنىڭ ئوزۇق ئېلىپ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى ھەم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆپىيىش تۈرىدىكى نەرسىلەرنى كۆرىمىز. ئۇلاردا شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر رول بولىدۇكى، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز جىسمىغا تايانغانلىقىدىن ئەمەس. بۇ روللار ئۇلارنىڭ ماھىيىتىدە، ئۇلارنىڭ شەكلىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىر خىل ئاساسىي سوبىستانسىيىسىدە مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. مۇشۇنداق رول )بارلىق مۇشۇنىڭغا ئوخشاش رولغا ئىگە ئاساسىي سوبىستانسىيىلىك نەرسىلەر، ئۇلاردىكى روللار بىردەك يېرىم ئىدارىگە بېقىنىدۇ |
|