مىسىرلىق خىسلەتلىك ئادەم پويىزنى ئۆرىۋىتەلەيدىكەن
يوللانغان ۋاقتى : 2008-11-09 12:26:13 كۆرۈلۈش سانى : 792
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
يېقىندا نەشىر قىلىنغان<<ياشلار>>ژۇرنىلىدا، مىسىرلىق ئاجايىپ ئادەم توغرۇسىدا <<ئۇنىڭ كۈچى 160 ئاتنىڭ كۈچىگە باراۋەر،ئۇ 28 قېتىم ئۆيلىنىپ،35ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان>>دىگەن تىمىدا ماقالە بىرىلدى.
بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى مۇھەممەد ئەھمەد ئابدۇللا بولۇپ، 50ياشتىن ئاشقان. ئاللا تائالا ئاجايىپ كۈچ ئاتا قىلغاچكىمىكىن ،ئۇ تۈمۈر پارچىسنى يېيەلەيدىكەن، كۆزى ۋە تىلى بىلەن تەڭگىلەرنى سۇندۇرالايدىكەن، ئەقىلگە تېخىمۇ سىغمايدىغىنى شۇكى، ئۇ 70 توننىلىق پويىزنى سۆرىيەلەيدىكەن ، كۆتىرەلەيدىكەن ۋە ئۆرىۋىتەلەيدىكەن. ئۇ ھەربى سەپكە قاتنىشىش ئۈچۈن سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە ، مىسىر ھەربى دوختۇرخانىسنىڭ سالاھىيەت مۇتخەسسىسى ئۇنىڭ گۇۋانامىسىگە <<بۇ كىشىنىڭ 160ئاتنىڭ كۈچىگە باراۋەر كۈچ بار>>دەپ يازغان.
ئابدۇللانىڭ نىكاھ تۇرمۇشىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، ھازىرغىچە 28 قىزغا ئۆيلىنىپ 35 ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان. ھازىر ئۇنىڭ ئەمرىدە تۆت خۇتۇن بار ئىكەن. قالغان 24ى تالاق قىلنىپتۇ. ئۇنىڭ ئوغۇللۇرنىڭ كۆپىنچىسى قوش-كىزەك ئىكەن. بەش بالىسى 5-سىنىپتا ئوقۇيدىكەن. ھازىر ھەربى سەپتىن چىكىنگەن ئابدۇللا يۇرتىدىكى بولكىخانىدا تۇرمۇشىنى قامداۋىتىپتۇ.
ئابدۇللا<<مەن ئەزەلدىن كىسەل بولۇپ باقمىدىم، ھازىرقى تۇرمۇشۇممۇ ناھايىتى رىتىملىق يىمەك-ئىچمىكىممۇ باشقىلاردىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، پىشلاق ، كالا، قوي، گۆشىنى ياخشى كۆرىمەن. تەن قۇۋۋىتىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بەزىدە تېخى تۈمۈر پارچىللىرىنىمۇ يەپ قۇيىمەن. باللىرىمنىڭ ئىككىسى ئالاھىدە كۈشلىك، ئۇلار مىنىڭ پەۋقۇلاددە تەن قۇۋىتىمگە ۋارىسلىق قىلغانبولۇشى مۈمكىن>>دېگەن.
(<<يەر شارى ۋاقىت گېزىتىدىن>>)
|
|