بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> غارايىبات >> روھ ئۇقۇمى

روھ ئۇقۇمى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-03 22:22:47    كۆرۈلۈش سانى : 295  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
روھ كاتېگورىيىسى پۈتكۈل دۇنيانىڭ پەلسەپە تەرەققىياتى جەريانىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپ كەلدى، ئوتتۇرا ئەسىردىن ئىلگىرىكى بىرەر پەيلاسوفنىڭ روھ ھەققىدىكى قاراشلىرىغا ئاساسەن ئۇنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسىنى بىۋاسىتە بېكىتكىلى بولاتتى. نۇرغۇن پەيلاسوپلار روھ ھەققىدە مەخسۇس ئەسەرلەرنى يازدى. مەسىلەن، ئارىستوتېل، فارابىلارنىڭ روھ ھەققىدە دېگەن ئەسەرلىرىگە ئوخشاش. مەزكۇر ماقالىدە ئىبىن سىنا ئىسىملىك بىر پەيلاسوپنىڭ روھ ۋە بىلىش نەزەرىيىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىدىيىلىرى غەرب ئەللىرىدە زور تەسىرگە ئىگە بولۇپ، دۇنيا پەلسەپە تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دۆلىتىمىزدە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىن ئىلگىرىكى پەيلاسوپلار ئۆسۈملۈك، ھايۋانات، ئادەم قاتارلىق جانلىقلارنىڭ ھەممىسىدىلا روھ بولىدۇ دەپ قارىغان بولسىمۇ، بىراق روھ دېگەن نېمە؟ دېگەن سوئالغا نۇرغۇن مۇتەپپەككۇرلار توغرا جاۋاب بېرەلمىگەنىدى. ئىبىن سىنا روھ ئۇقۇمىغا قارىتا ئېنىق قىلىپ مۇنداق تەبىر بېرىدۇ: بەزىدە بىرەر شەكىللىك جىسىملارنى كۆرگەندە بىزدە شۇ جىسىمغا قارىتا تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ ھەمدە ئاشۇ تۇيغۇ ئىختىيارسىز تۈردە ھەرىكەت ھالىتىدە تۇرغان بولىدۇ. يەنە بەزى جىسىملارنىڭ ئوزۇق ئېلىپ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى ھەم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆپىيىش تۈرىدىكى نەرسىلەرنى كۆرىمىز. ئۇلاردا شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر رول بولىدۇكى، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز جىسمىغا تايانغانلىقىدىن ئەمەس. بۇ روللار ئۇلارنىڭ ماھىيىتىدە، ئۇلارنىڭ شەكلىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىر خىل ئاساسىي سوبىستانسىيىسىدە مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. مۇشۇنداق رول )بارلىق مۇشۇنىڭغا ئوخشاش رولغا ئىگە ئاساسىي سوبىستانسىيىلىك نەرسىلەر، ئۇلاردىكى روللار بىردەك يېرىم ئىدارىگە بېقىنىدۇ


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئىككى كۆزى ئايرىلى...
●  ئامېرىكىدا بېشىنى ...
●  روھ ئۇقۇمى
●  روھ ئۇقۇمى
●  مىسىرلىق خىسلەتلىك...
●  روھلارنى چاقىرىپ ك...
●  ئىنسانىيەت ئەقىل - ...
●  جىن - ئەرۋاھلار دۇن...
●  قوۋۇچ - جىن تەككانل...
●  ئاز ئۇچرايدىغان ك...
●  ئەيدىز (HIV) كېسىلى س...
●  قۇلباق
●  يات - يادا
●  قورۇق - پەرھىز
●  شامان ۋە تويۇنلۇق
●  ئۆز - روھىي قۇۋۋەت
●  روھ - مانا
●  چۈر - چور
●  روھنىڭ شەكلى
●  روھ بىلەن تەن

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئىككى كۆزى ئايرىلىپ تۇر...
●  ئامېرىكىدا بېشىنى ئوق ت...
●  روھ ئۇقۇمى
●  روھ ئۇقۇمى
●  مىسىرلىق خىسلەتلىك ئادە...
●  روھلارنى چاقىرىپ كەلتۈر...
●  ئىنسانىيەت ئەقىل - پاراس...
●  جىن - ئەرۋاھلار دۇنياسى
●  قوۋۇچ - جىن تەككانلىق ئە...
●  ئاز ئۇچرايدىغان كۆرنىش...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى