بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> غارايىبات >> روھلارنى چاقىرىپ كەلتۈرۈش ئىلمى

روھلارنى چاقىرىپ كەلتۈرۈش ئىلمى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-03 11:34:23    كۆرۈلۈش سانى : 869  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
روھلارنى چاقىرىپ كەلتۈرۈش ئىلمى يەر يۈزىگە ئىنسانلار پەيدا بولۇشى بىلەن تەڭ مەيدانغا كەلگەن. بۇ ئىلىم دۇنيادا سانسىز ئەسىر ئىنسانلار بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. تەۋرات نىڭ سەپەر بابىدا شاۋۇلنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا مۇنداق بايانلار بار. )قۇرئان كەرىم دە مەزكۇر شەخسنىڭ ئىسمى تالۇت دەپ تىلغا ئېلىنغان(. ئاللاھ تائالا يەھۇدىيلارغا بىر پادىشاھنى نېسىپ قىلدى، ئۇنىڭ ئىسمى شاۋۇل ئىدى، ئاللاھ تائالا ئۇنى پەلەستىنلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىشقا بۇيرىغانىدى. كېيىن ئۇلار ئامالىقە ئاھالىلىرىنى زوراۋانلىق بىلەن بۇلاڭ - تالاڭ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدىن چۈشتى. ئۇ چاغلاردا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئاشمۇئىل ئىسىملىك پەيغەمبەر دۇنيادىن كەتكەن بولۇپ، روھىي يېتەكچىسىدىن ئايرىلىپ قالغان مەزگىلى ئىدى. ئالدىن كۆرەر ئالاھىدە ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى ئۆلتۈرىۋەتكەن بولۇپ، ھايات قالغانلىرىمۇ پەلەستىن تەرەپكە قېچىپ كەتكەنىدى. پەلەستىنلىكلەر ئۇرۇشقا ھازىرلاندى. ئۇلار سان جەھەتتە يەھۇدىيلاردىن كۆپ ئۈستۈن بولغانلىقتىن شاۋۇل قورقۇپ قالدى. بۇ توغۇرلۇق كىمگە مەسلىھەت سېلىپ كېڭىشىشنى بىلمەي بېشى قاتتى. پەيغەمبەر ۋاپات بولغاندىن كېيىن راست چۈش كۆرۈلمىدى. قول ئاستىدىكىلەرگە روھ چاقىرغۇچى تېپىشنى بۇيرىدى، ئۇلار مەلۇم بىر يۇرتتىن بىر نەپەر ئايال پېرىخۇننىڭ خەۋىرىنى ئەكەلدى. شاۋۇل ئىككى نەپەر ئادەمنىڭ ھەمرالىقىدا پۇقراچە ياسىنىپ ئايال پېرىخوننىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇ پېرىخونغا ئاشمۇئىل ئىسىملىك پەيغەمبەرنىڭ روھىنى چاقىرىپ بېرىڭ دېدى. ئايال پېرىخون ئاشمۇئىل پەيغەمبەرنىڭ روھىنى كۆرۈش بىلەنلا سەن )پادىشاھ( شاۋۇل ئىكەنسەن، نېمىشقا كۆز بويامچىلىق قىلدىڭ دېدى. شاۋۇل قورقما! ساڭا زىيان يەتكۈزمەيمىز. نېمىنى كۆردۈڭ؟ - دەپ سورىدى شاۋۇل، ئايال پېرىخۇن - پەرىشتىدەك ھەيۋەتلىك، بېشىغا بۆك )يەھۇدىلارنىڭ باش كىيىمى - ت( كىيگەن بىر مويسىپىتنى كۆردۈم، ئۇ يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا پەيدا بولدى - دەپ جاۋاپ بەردى. شاۋۇل ئاشمۇئىل پەيغەمبەرنىڭ روھىنى ئاللاھ ئېۋەتكەنلىكىنى بىلدى. مېنى نېمىشقا ياندۇردۇڭ )چاقىردىڭ(؟ دەپ سورىدى ئاشمۇئىل. شاۋۇل پەلەستىنلىكلەر ئۇرۇشقا قىستىغانلىقتىن يەر يۈزى ماڭا تار كەلدى، نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم دېدى. ئاشمۇئىل پەيغەمبەرنىڭ روھى ئېيتتى - سەن ئادالەت يولىدىن چىقىپ كەتتىڭ! شۇ سەۋەبتىن پادىشاھلىق دەۋرىڭ )ئامىتىڭ - ت( ئاخىرلاشتى! پادىشاھلىقنى داۋۇدغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ئەتىسى ئۇرۇشقا قاتنىشىسەن! ئوغۇللىرىڭ بىلەن بىرگە جەڭدە قۇربان بولۇپ مېنىڭ يېنىمغا كېلىشىسەن! - دېدى. شاۋۇل ھوشىدىن كېتىپ يىقىلدى. گېلىدىن تاماق ئۆتمىدى، كېيىن سۈرلەنگەن تورپاق گۆشىدىن يېدى. ئاشمۇئىل پەيغەمبەر دېگەندەك، جەڭ باشلىنىپ ئىككىنچى كۈنى جەڭ شىددەتلىك بولدى، شاۋۇل ئۈچ ئوغلى بىلەن جەڭدە قۇربان بولدى. تەۋراتتىكى بۇ بايانلار شۇ زامانلاردىمۇ پېرىخۇنلارنىڭ روھلارنى چاقىرىپ كەلتۈرۈپ ئادىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھازىرقى زاماندىكى روھلارنى چاقىرىپ كەلتۈرۈش ئالىملىرى نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ ۋە غارايىپ ئىشلارنى مەيدانغا چىقىرىشتى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپالىق داڭلىق پەيلاسوپلارمۇ پسىخولوگلارمۇ ۋە سىيىت - مەديۇم )ئىلمى تەسخىر بىلەن شۇغۇللانغۇچى - پېرىخۇن( لارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن روھلارنى چاقىرىپ ھەر خىل يەل - يېمىش، گۈل چېچەك، كىيىم - كېچەك ۋە ھەر خىل ئۈسكۈنىلەرنى كەلتۈردى. روھلاردىن بۇ نەرسىلەرنى قەيەردىن كەلتۈردۈڭ؟ دەپ سورىغان سوئاللارغا روھ مۇنداق جاۋاب بەردى: سىلەرنىڭ يېرىڭلاردىن كەلتۈردۈم. چۈنكى ئۆزۈڭلارنىڭكىدىن باشقا دۇنيانىڭ ئۈسكۈنىلىرى سىلەرگە مۇناسىپ كەلمەيدۇ. ئەنگىلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئالىملىرى روھلاردىن بۇ نەرسىلەرنى قانداق ھازىر قىلدىڭ؟ دەپ سورىغاندا، روھ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: ۋەسىيىت )پېرىخۇن( دە سائىل مەقناتىسىي ئىنسانى )ئىنسانلارغا خاس ماگېنت ئېقىمىغا ئوخشاش بىر كۈچ ئېقىمى - ئالەم ئېنېرگىيىسى( بولىدۇ. پېرىخۇننىڭ روھى بىلەن ئۆزىدىكى شۇ خىل كۈچ ئېقىمىنى بىرىكتۈرىدۇ. شۇ بىرىكمىنىڭ تەسىرى بىلەن كەلتۈردۈم


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئىككى كۆزى ئايرىلى...
●  ئامېرىكىدا بېشىنى ...
●  روھ ئۇقۇمى
●  روھ ئۇقۇمى
●  مىسىرلىق خىسلەتلىك...
●  روھلارنى چاقىرىپ ك...
●  ئىنسانىيەت ئەقىل - ...
●  جىن - ئەرۋاھلار دۇن...
●  قوۋۇچ - جىن تەككانل...
●  ئاز ئۇچرايدىغان ك...
●  ئەيدىز (HIV) كېسىلى س...
●  قۇلباق
●  يات - يادا
●  قورۇق - پەرھىز
●  شامان ۋە تويۇنلۇق
●  ئۆز - روھىي قۇۋۋەت
●  روھ - مانا
●  چۈر - چور
●  روھنىڭ شەكلى
●  روھ بىلەن تەن

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئىككى كۆزى ئايرىلىپ تۇر...
●  ئامېرىكىدا بېشىنى ئوق ت...
●  روھ ئۇقۇمى
●  روھ ئۇقۇمى
●  مىسىرلىق خىسلەتلىك ئادە...
●  روھلارنى چاقىرىپ كەلتۈر...
●  ئىنسانىيەت ئەقىل - پاراس...
●  جىن - ئەرۋاھلار دۇنياسى
●  قوۋۇچ - جىن تەككانلىق ئە...
●  ئاز ئۇچرايدىغان كۆرنىش...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى