بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> غارايىبات >> ئىنسانىيەت ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋەھەرلىرى

ئىنسانىيەت ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋەھەرلىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-28 13:35:21    كۆرۈلۈش سانى : 285  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
 كىشىلەر ئىلگىرى ئالدىن ھۆكۈم قىلىپ ئەمەلگە ئاشقان ۋە تېخى ئەمەلگە ئاشمىغان تېخنىكىلارنىڭ بىر قىسىملىرى. ئەمەلگە ئاشقانلىرى: 1 -  ئاپتوموبىل 2 -  ئايروپىلان 3 -  ئىچىدىن يانىدىغان دېۋىگاتىل 4 -  ماتورلۇق كېمە 5 -  ئالەم كېمىسى 6 -  تېلېفون 7 -  ماشىنا ئادەم 8 -  لازىر نۇرى  تېخى ئەمەلگە ئاشمىغانلىرى  1 -  سۇنئىي ئالتۇن ياساش تېخنىكىسى 2 -  سۇنئىي ھاياتلىق 3 -  ئۆلمەي ياش تۇرۇش 4 -  كۆرۈنمەيدىغان قىلىش 5 -  ھاۋادا لەيلەش 6 -  يىراقتىكى ماددىنى يۆتكەش  7 -  ئۆلگەنلەر بىلەن سۆزلىشىش 8 -  ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىنى كۆزىتىش 9 -  كۆڭۈلدە ئويلىغاننى تارقىتىش تېخنىكىسى ئىنسان روھىنىڭ ئەندىزىسى بولغان تەپەككۇر ماگنت مەيدانىغا ئوخشايدىغان سىرلىق كۈچ - قۇدرەتكە ئىگە بىر دەريا دۇركى ئۇنىڭ سۈيىنى تىزگىنلەش ئارقىلىق كۆپلەپ پايدا ئالغىلى بولىدۇ، ئېقىشىغا قويۇپ بەرگەندە ئاز پايدا ئالىمىز ياكى بىكارغا ئاقىدۇ. مۇتەپەككۇرلارنىڭ تەپەككۇرىدىن، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ مۇراقىبىسىدىن )ئەمەلىيەتتە بۇمۇ بىر تەپەككۇر( ھاسىل بولغان ئالاھىدە ئىقتىدار ھادىسىلىرى ئىنسان تەپەككۇرنىڭ قۇۋۋىتىنى ۋاسىتە قىلىدۇ. تەبىئەتتىكى كېڭىشىش، تارىيىش، چوڭىيىش، كىچىكلەش قاتارلىق ھالەتلەر جىسىم )ماددا( نىڭ سۈپىتىدۇر. تەپەككۇر قىلىش، ئاڭلاش، خىيال قىلىش، ئەقىل يۈرگۈزۈش، سېزىش، ھېس قىلىش قاتارلىق ھالەتلەر روھنىڭ سۈپىتىدۇر، بۇ ئىككى ھالەت ئىككى ئاساستىن پەيدا بولىدۇ. يەنى ئىنساننىڭ ۋۇجۇدى روھ بىلەن جىسىمدىن ئىبارەت ئىككى ئاساستىن بەرپا بولغان. 1( بىزدە چۈشىنىش، ھوشيارلىق، ئىدراك قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلار بار، شۇڭا بىز كۆپ نەرسىلەرنى، ئۆزىمىزنى ۋە ئۆزگىلەرنى بىلەلەيمىز، ھەر قانداق نەرسىنى ئەقلىمىز، مېڭىمىزگە تايىنىپ پىكىر يۈرگۈزىمىز، مانا بۇ ھالەتلەر 64 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى جىسىم - تېنىمىزنىڭ سۈپىتى ئەمەس. بەلكى بۇ جىسمىمىزغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى نەفسى ناتىقە )روھ( نىڭ سۈپىتىدۇر. 2( ئىلمى تەشرىھ - ئاناتومىيە ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە ئىنساننىڭ تېنى ھەر يەتتە يىلدا بىر يەڭگۈشلىنىدىكەن، كونا بەدەن بۆلەكلىرى - ھۈجەيرىلىرى نەپەسلىنىش سىستېمىسىنىڭ ياردىمىدە ھەر خىل يوللار بىلەن ئالمىشىپ ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى ماددىدىن تۈزۈلگەن يېڭى بەدەن ھاسىل بولىدىكەن. مىسال: يەتتە ياشتا يېڭى چىشلار چىقىدىكەن، ئون تۆت ياشتا تولۇق يېتىلىدىكەن، يىگىرمە بىر ياشتا ھېكمەت - بىلىم چىشى چىقىدىكەن، بىز ماددا ئالمىشىپ بەدەن بۆلەكلىرىمىزنىڭ يېڭىلىنىشى نەتىجىسىدە بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق، ئوتتۇرا ياشلىق قاتارلىق بىر قانچە باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈپ قېرىلىق ھالىتىگە كېلىمىز. ئەمما روھ ھەمىشە ياش تۇرىدۇ. ھېچقانداق بىر ئادەم قېرىپ قالدىڭ دېگەن سۆزنى ياقتۇرمايدۇ، ئۆزىنىڭ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ، قېرىلىقىنى تەن ئالغۇسى كەلمەيدۇ. ئون ياش ۋاقتىدا مەن دەپ خىتاب قىلغىنىغا ئوخشاش 60، 70، 80 ياشلارغا بارغاندىمۇ يەنىلا مەن دەپ خىتاب قىلىدۇ. دېققەت قىلىش لازىمكى بۇ مەن نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۇنىڭ ياش ۋاقتىدىكى بەدىنىنى تەشكىل قىلغان ھۈجەيرىلەر ئاللىقاچان قۇرۇپ تۈگىگەن بولۇپ، بىر قانچە باسقۇچلاردا يېڭىلىنىپ بولدى. بۇ چاغدىكى بەدەنلىرى بولسا، ئىلگىرىكى تەن  بولماستىن بەلكى يېڭى ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن يېڭى بەدەندۇر. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى خىتاب قىلىنغان مەن دەل ئادەمنى ئىنسانلىق ماھىيەتكە ئىگە قىلغان روھنى كۆرسىتىدۇ، روھ، جىسىم )ماددا( غا بېقىندى بولمايدىغان ماددىدىن ئايرىم بىر نەرسىدۇر، تەن ھۈجەيرىلىرى ئالماشقان بىلەن روھ ئالماشمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم ئۆزىنى ئون ياش چېغىدا سىيىت ئاخۇن دەپ بىلسە سەكسەن ياشقا كىرگەندىمۇ ھەم سىيىت ئاخۇن دەپ بىلىدۇ، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھ ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئۆمۈرلۈك توختامنامىلار روھنىڭ بارلىقى غا ئاساسلىنىپ تۈزۈلىدۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا بۇ، جىسىم - ماددىغا بېقىندى بولمايدىغان، ماددىدىن ئايرىم، تەندىن ئىبارەت جىسىمنى ئىدارە قىلغۇچى روھ - نەفسى ناتىقەدۇر. 3( بىز ۋۇجۇدىمىزنى )ئۆزىمىزنى مەۋجۇتلۇقىنى( بىلىمسىز - ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى بىلمىگەن تەقدىردىمۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىدۇ، مەلۇم بولغان نەرسە بىلەن مەلۇم بولمىغان نەرسە ئوتتۇرىسىدا ئايرىملىق بولىدۇ - بىر - بىرىگە نىسبەتەن قارىمۇ  قارشىلىق بولىدۇ. ئەگەر ئادەمنىڭ قولى كىسىۋېتىلسە ئۆزىنىڭ تېرىسىنى تۇتالمىغان تەقدىردىمۇ مەن دەپ خىتاب قىلىدۇ. بۇ يۈرەك، ئۆپكە، جىگەردىن ئىبارەت ئىچكى ئەزالارغا قىلىنغان خىتابمۇ؟ بۇ ئەزالارنى ئاناتومىيە قىلماي - يېرىپ كۆرمەي بىلگىلى بولمايدۇ، بىز ئۆزىمىزنى بارلىق ئىچكى ئەزالىرىمىزدىن خەۋەرسىز دەپ پەرەز قىلىپ تۇرۇپ تەپەككۇر قىلساق، ئاندىن تەندىن باشقا روھنىڭ بارلىقىنى بىلەلەيمىز. ئىبنى سىنانىڭ ** كىتابىغا قارالسۇن. 4( روھنىڭ ماددىدىن ئايرىملىقىنىڭ دەلىلى شۇكى ئادەم بەدىنىنىڭ بىرەر ئەزاسى كېمىيىپ قېلىش بىلەن روھىي  قۇۋۋەتلىرى: ئەقلىي  قۇۋۋەتلىرى ۋە ئۇنىڭ قوراللىرى بولغان بەش سەزگۈ كېمىيىپ قالمايدۇ. ئادەم قول ۋە پۇتسىز بولۇپ قالسا ئۇنىڭ روھى يەنىلا ئەۋۋەلقى روھ، ئەقلى يەنىلا ئەۋۋەلقى ئەقىل بولىۋېرىدۇ. نۇرغۇن تەجرىبىلەردىن قارىغاندا ئادەم قول ياكى پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ روھى قۇۋۋىتى كېمەيمەستىن بەلكى ئېشىپ بارىدىكەن. ئەقلىي  قۇۋۋىتىمۇ قايناپ تاشىدىكەن. مەسىلەن، مېيىپ ئادەملەر نورمال ساق ئادەملەرگە قارىغاندا ھەر تەرەپتىن جانلىق بولىدىكەن. شۇنىڭغا ئوخشاش كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئاڭلاش قۇۋۋىتى، ئەستە تۇتۇش قۇۋۋىتى، خىيال قىلىش قۇۋۋىتى قاتارلىقلار بىر - بىرىنىڭ تولۇقلىغۇچىسىدۇر، ياكى بىر ئەزانىڭ قۇۋۋىتى باشقا ئەزالارنىڭ قۇۋۋىتى بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ. مەسىلەن، بىر ئادەمنىڭ قۇلىقىنىڭ ئاڭلاش قۇۋۋىتى تۆۋەن بولسا ئۇنىڭ كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاشىدۇ ياكى كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى يوقالسا، ئاڭلاش، ئەستە ساقلاش، خىيال قىلىش قۇۋۋىتى ئېشىپ بارىدۇ. ئەما ئادەملەرنىڭ بۇ جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئەقلىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەگەر روھ بەدەندىن ئايرىم نەرسە بولمىغاندا ئادەم بەدىنىنىڭ بىرەر ئەزاسى كەم بولۇشى ۋە ئاجىز بولۇشى بىلەن ئۇنىڭ روھى قۇۋۋەتلىرىنىڭ تۆۋەن بولۇشىغا توغرا كېلەتتى، ئەكسىچە بىرەر ئەزانىڭ كېمىيىشى بىلەن شۇ ئەزادىكى روھ مەركەزگە يىغىلىپ ساق قالغان باشقا ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى كۈچىيىپ بارىدۇ. 5( ئادەتتىن تاشقىرى ئەھۋال ئاستىدا ياكى ئادەم ئالاھىدە قېيىنچىلىققا يولۇققاندا بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك بولۇشىمۇ بەدەندىن باشقا روھى قۇۋۋەتنىڭ بارلىقىغا دەلىل بولالايدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا 150 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى نەرسىلەرنى كۆتۈرەلەيدىغان ئادەم ئېغىر قېيىنچىلىققا يولۇققاندا ئەسلىدىكىدىن بىر قانچە ھەسسە ئېغىرلىقتىكى يۈكنى ئاسانلا كۆتىرىدىغان ئەھۋال ھەر ۋاقىت ئۇچراپ تۇرىدۇ. بىر ئادەمنىڭ بېشىغا ئوت ئاپىتى، سۇ ئاپىتىگە ئوخشاش، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغان، ئادەمنىڭ ئىقتىدارىدىن تاشقىرى تالاپەتلەر كەلگەندە يالغۇز بىرلا ئادەمنىڭ ئېغىر يۈكلەرنى كۆتۈرۈپ كۆپ ئادەمنىڭ قۇتقۇزىشىدەك ئەھۋاللار خېلى كۆپ ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇنداق چاغلاردا بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئادەتتىكىدىن ئېشىپ كېتىشى روھىي  قۇۋۋەتنىڭ ماسلاشقانلىقىدىن بولىدۇ. 6( بەدەننى بىر فابرىكىغا ئوخشاتساق ئۇنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ھەرىكەتلىرىنى باشقۇرىدىغان بىر ئىدارە قىلغۇچى كۈچ باردۇر. بەدىنىمىزدە يۈرەك بار، بۇ يۈرەك ئۆزىنىڭ ھەر مىنۇتتا ئاتمىش قېتىم تارىيىپ - كېڭىيىشى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ. شۇ ھەرىكەتلەر ئارقىلىق بەدەندە چوڭ ۋە كىچىك ئىككى دەۋرىدىن ئىبارەت قان ئايلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. چوڭ ئايلىنىش بەدەننى يېڭى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. كىچىك ئايلىنىش بەدەندىكى كونا - زىيانلىق ماددىلارنى ئۆپكىگە يەتكۈزۈپ نەپەس ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا ھەيدەپ چىقىرىدۇ. بۇ ئىككى دەۋىر قان ئايلىنىش ھاياتلىقتا بەك مۇھىم بولۇپ، ھاياتلىق بۇنىڭ بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئادەمنىڭ ساغلاملىق ۋە كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ يۈرەكنىڭ ھەرىكىتىنى تەرتىپكە سالىدىغان بىر باشقۇرغۇچى - بەدەندىن مۇستەقىل بولغان روھ باردۇر.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئىككى كۆزى ئايرىلى...
●  ئامېرىكىدا بېشىنى ...
●  روھ ئۇقۇمى
●  روھ ئۇقۇمى
●  مىسىرلىق خىسلەتلىك...
●  روھلارنى چاقىرىپ ك...
●  ئىنسانىيەت ئەقىل - ...
●  جىن - ئەرۋاھلار دۇن...
●  قوۋۇچ - جىن تەككانل...
●  ئاز ئۇچرايدىغان ك...
●  ئەيدىز (HIV) كېسىلى س...
●  قۇلباق
●  يات - يادا
●  قورۇق - پەرھىز
●  شامان ۋە تويۇنلۇق
●  ئۆز - روھىي قۇۋۋەت
●  روھ - مانا
●  چۈر - چور
●  روھنىڭ شەكلى
●  روھ بىلەن تەن

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئىككى كۆزى ئايرىلىپ تۇر...
●  ئامېرىكىدا بېشىنى ئوق ت...
●  روھ ئۇقۇمى
●  روھ ئۇقۇمى
●  مىسىرلىق خىسلەتلىك ئادە...
●  روھلارنى چاقىرىپ كەلتۈر...
●  ئىنسانىيەت ئەقىل - پاراس...
●  جىن - ئەرۋاھلار دۇنياسى
●  قوۋۇچ - جىن تەككانلىق ئە...
●  ئاز ئۇچرايدىغان كۆرنىش...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى