روھنىڭ شەكلى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-29 13:36:51 كۆرۈلۈش سانى : 158
روھ ماددىمۇ ئەمەس، ئەرەز )شەكىلسىز نەرسە( مۇ ئەمەس، بەلكى ماددا بىلەن ئەرەز ئارىلىقىدىكى بىر نەرسىدۇر. ئىككىنچى خىل تەبىر بىلەن ئېيتساق، جىسىمغا بېقىندى بولمىغان ئەڭ سۈپتە بىر نەرسىدۇر. تېنىمىزگە قارايدىغان بولساق، ئۇ بىر، پەقەت بىرلا سۈرەتتە بولىدۇ، بىر - بىرىگە قارىمۇ قارشى بولغان ئۈچ بولۇڭ، تۆت بولۇڭ ۋە يۇمىلاق ھالەتلەرنى ھاسىل قىلالمايدۇ. ئەمما، نەفسى )روھىي تەپەككۇر( مىز بۇ خىل ھالەتلەرنى تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ.
جىسمىمىزنىڭ قورالى بولغان كۆزىمىز بىلەن باشقا ئۈسكۈنىلەرنىڭ ياردىمىدە قۇياشقا قاراپ كۆزىتىپ تۇرىدىغان بولساق، كۆزىمىزنى تالدۇرۇپ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئەمما روھنىڭ قورالى بولغان ئەقلىمىز بىلەن ماتېماتىكا قاتارلىق قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بىلىملەر بىلەن قانچە كۆپ شۇغۇللانغانسېرى، ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى بارغانسېرى ئېشىپ باشقا ئىشلارنى ھەل قىلىشقا ياردىمى بولىدۇ. مانا بۇ ھالەتلەر روھنىڭ ماددىغا بېقىندى بولمىغان، ماددىدىن ئايرىم بىر نەرسە ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.
بىر ئادەمنىڭ بىرەر ئەزاسى كېمىيىپ، پۇت ياكى قوللىرى كېسىلىپ كەتسە ئۇنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى كېمىيىپ كەتمەيدۇ. بەلكى روھانىي قۇۋۋەتلىرى ئاشىدۇ، بۇ ھال روھنىڭ بەسىيىت )كېڭىيىش، تارىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە( جەۋھەر )نېگىزلىك، يادرو( لىكىنى ۋە بۆلىنىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. |
|