ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> غارايىبات >> ئىككى كۆزى ئايرىلىپ تۇرىدىغان كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ خاراكتېرى
ئىككى كۆزى ئايرىلىپ تۇرىدىغان كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ خاراكتېرى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-28 12:33:56 كۆرۈلۈش سانى : 618
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئىككى كۆزى روشەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئادەم بىر قەدەر سەۋر - تاقەتلىك كېلىدۇ، بىرەر ئىشقا يولۇقسىلا >جاق تويدۇم!< دەپ ۋايسىمايدۇ ياكى خاپا بولۇپ چېچىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇلار بىرقەدەر ماسلىشىشچان، چىقىشقا، ئەمما سۆرەلمىرەك، ئىشلارنى ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلماي دۆۋىلەپ قويىدۇ. ئۇلار چېچىلاڭغۇ بولۇپ، باشقىلار ئۇلاردىن ئاسانلا پايدىلىنىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ھەممە ئىش ئايان، ئەمما ھامان ئىشنى ئارقىغا بەك سۆرىۋېتىدۇ ياكى ناھايىتى چاتاق ھالغا يەتكەندىلا، ئاندىن قول سېلىپ بېجىرىدۇ. ئۇلار بىرەر ئىش، بىرەر ئادەمگە يولۇققاندا، >ياخشىچان< بولمايدۇ، مەسىلە ئۇلارنىڭ قانداقتۇر يامان غەرىزى بالىقىدا ئەمەس، بەلكى ئىشچان ئەمەسلىكىدە. ئۇلارنى باشقىلار ھامان ھۇرۇن دەپ خاتا چۈشىنىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ مىجگزى ياخشى، كەيپىياتى ئاسانىقچە ئوساللاشمايدۇ.
ئەكسىچە ئەھۋالنىڭ ئەكسىچەئالاھىدىلىكى بولىدۇ. سىز بايقايسىزكى، ئىككى كۆزى روشەن ھالدا يېقىن ئادەملەرنىڭ مەسىلىلەرگە قارىش تار بولىدۇ. ئۇلار تەرسا، دائىم باشقىلاردىن مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلىپ ئاغرىنىدۇ. ئۇلار كۆڭلىگە ياقمىغۇدەك بىرەر ئىشنى كۆرگەن ھامان بىئارام بولىدۇ ھەمدە دەرھاللا ئۇنى >تۈىتىش> كە كىرىشىدۇ. ئۇلار خۇددى چويلا توپ چولپىنى ماككېنروۋغا ئوخشاش، باشقىلارنىڭ ئاز - تولا سەۋەنلىكىنى كۆرگەن ھامان خاپا بولۇپلا قالماستىن، ئۆزى بىرەر ئىشنى مۇكەممەل قىلالمىغانلىقىنى بايقىغاندىمۇ چىچاڭشىپ كېتىدۇ. كىشىلەر ئۇلارنى خاتا ھالدا >ئىچى تار، دائىم باشقىلاردىن ئاغرىنىپلا يۈرىدۇ، باشقىلار تىرىشىپ يۈرۈپ بىرەر ئىشنى ياخشى قىلغان بولسىمۇ رازى بولمايدۇ< دەپ قارايدۇ. ئۇلار >ئۆز ئىشىمىزغىلا مەسئۇل بولۇشىمىز، بولمىسا ئاسمان بېشىمىزغا ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ< دەپ قارايدۇ.
يۇقىرىقى ئىككى قۇتۇپ ئوتتۇرىسىدا >مۇۋاپىق سەۋر - تاقەتلىك< ئادەملەر بار. ئۇلار ئىشنى ئەستايىدىل ئىشلەيدۇ، شەيئىنىڭ ئىككى تەرىپىنىمۇ كۆرەلەيدۇ. ئۇلار ھامان چانىڭ يېتىشىچە ئىشلەيدۇ، باشقىلاردىن ئاغرىنمايدۇ. ئۇلار بىەر ئىشقا يولۇققاندا غەرەز ئۇقىدۇ، يوللۇق گەپ قىلىدۇ. ئۇلار ھۆكۈم قىلىشقا ياكى مۇرەسسە بىلەن پۈتۈشۈشكە ماھىر. ئۇلارنىڭ چىراي ئالاھىدىلىكى شۇكى، كۆزلىرىنىڭ ئارىلىقى مۇۋاپىق، يىراقمۇ، بەك يېقىنمۇ ئەمەس. سەۋر - تاقىتى زىيادە ئادەم ئۇرلانى بەك تەلەپچان دەپ قارىسا سەۋر - تاقىتى زىيادە ناچار ئادەم ئۇلارنى تەلەپچان ئەمەس دەپ قارايدۇ.
قىزغىنلىق مۇھەببەتلىشىشكە پايدىلىق دېگەن گەپكە كەلسەك، سىناپ بېقىش كېرەك. چۈنكى، قىزغىن ئادەمنىڭ تۇنجى ئارزۇسى باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىشتۇ. جىسمانىي جەھەتتىكى ئىشلار ئادەتلەنگەن ئۇسۇلدا ئۆز يولى بىلەن بولۇۋېرىدۇ.
سىرتىدا ئانچە ئىپادىلەنمەيدىغان ئادەمنىڭمۇ كۆڭلىدە ھېسسىيات بولىدۇ، ئۇلار ھەرىكىتىنى سىرتقى جەھەتتە چەكلەپ تۇرىدۇ، خالاس. مەنە بىر دىن تارقاتقۇچىنى ئەسلەپ قالدىم، ئۇ خانىمنىڭ نەسىھەتلىرىگە خۇشاللىق بىلەن قۇلاق سالاتتى، چۈنكى، ئۇنىڭ خانىمى شېرىن ئاي كۈنلىرىدىمۇ خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئالما يەپ ئولتۇرىدۇ، كۆڭلىدە بولسا باشقا ئىشلارنى ئويلايدۇ )ئەلۋەتتە، بۇ ئەرلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى(
|
|