بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ماقالىلەر >> [بىدار0903]ئاتىسىز ئۆتكەن ئاتىلار بايرىمى

[بىدار0903]ئاتىسىز ئۆتكەن ئاتىلار بايرىمى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-19 10:42:54    كۆرۈلۈش سانى : 131  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
[size=7][align=center][color=#660000]ئاتىسىز ئۆتكەن ئاتىلار بايرىمى[/color][/align][/size] [align=right][size=5][color=#6633cc]دىلشات قادىر(بىدار0903)[/color][/size][/align] [color=#660000][size=5][align=right]ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 3-يەكشەنبىسى ئۆتكۈزىلىدىغان ئاتىلار بايرىمىغا بىرنەچچە كۈنلا قالدى. دوستلىرىم ۋە خىزمەتداشلىرىم بۇيىلقى ئاتىلار بايرىمىدا دادىلىرىغا قانداق سوۋغاتلارنى ئېلىش، نەلەرگە ئاپىرىپ ئوينىتىپ كىلىش دىگەندەك شىرىن پىلانىلىرىنى ھاياجان ئىچىدە سۆزلىشىۋاتقاندا ئەزەلدىنلا سۆزلەپ ھارمايدىغان، ھېچقايسىسىغا گەپ بەرمەيدىغان مەن ئىختىيارسىز جىمىپ كەتتىم. چۈنكى بۇ مىنىڭ 2-قېتىم ئاتىلار بايرىمىنى ئاتىسىز ئۆتكۈزىشىم ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، ئاستا ئۇلاردىن ئايرىلىپ،يالغۇز خىيالغا چۆكتۈم، ھەرقېتىم دادام خىيالىمغا كەلگەندە قۇلىقىمدا غالىپ رېھىمنىڭ ئەزىزىم ئاتام دىگەن ناخشىسى توختىماستىن ياڭرايتتى: ئاتلانغاندا سەپەرگە، ئۇزاتتىڭ ئاتام، باشىم سىلاپ دىدىڭسەن«ئامان كەل بالام». نىچۈن كەلسەم ئۆيدە يوق قايدىسەن ئاتام، پىشانەمگە سۆيەتتىڭ قۇچاقلاپ ئاتام. كۆزلەرىڭدىن ئانامدەك تۆكمىسەڭمۇ ياش، لېكىن ئەمەس ئىدىڭسەن باغرى قاتتىق تاش. پەرزەنتىڭگە مىھرىڭ بار ئالەمگە تەڭداش، سىنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتسام كۆزلىرىمدە ياش. ئەزىزىم ئاتام ، ئەزىزىم ئاتام....... كۆز ئالدىمدا دادامنىڭ سىماسى، خىيالىمدا ئىسىمدىن مەڭگۈ چىقمايدىغان، ھەرقاچان خىيال قىلسام يۈرىگىم پۇچۇلىنىپ كىتىدىغان ئاشۇ كۈن،يەنى مەن كاماندورۇپكىغا چىقىپ كەتكەندە دادامنىڭ يۈرەك كىسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ ۋاپات بولغان ئاشۇ كۈن 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەتتىگەن سائەت6:50، ئاشۇ كۈندىكى يىغا-زارلار......توۋا ئادەمنىڭ يۈرىگىمۇ ھەقىقەتەن چىداملىقكەن، مەن شۇچاغلاردا بۇ ئازاپلارغا چىدىماي تۈگىشىپ كىتىدىغان ئوخشايمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. بىز ئادەملەر دائىم ئىلكىمىزدە بارىدا قەدىرلىمەيدىكەنمىز ئايرىلىپ قالغاندا بولسا يىغلاپ تۈگىشىپ كىتىدىكەنمىز،دادام ھايات ۋاقتىدا خىزمەت ،ئۈگىنىش،ئاغىنىدارچىلىق، ئولتۇرۇش.....ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن دادامغا بىرەر قېتىم بولسىمۇ تۈزۈكرەك ئاتىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈپ بەرمەپتىكەنمەن، مانا ئەمدى ھەر قانچە پۇشايمان قىلساممۇ، قەبرە بېشىغا چىقىپ قانچىلىك يىغلاپ نالە قىلساممۇ بەرىبىر دادام قايتىپ كىلىپ مىنىڭ ئۇنىڭ بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ بىرىشىمگە پۇرسەت يارىتىپ بەرمەيدىكەن . ئەمدى ئويلىسام دادىسىنىڭ بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش پۇرسىتى ئىرىشەلىگەن ئاشۇ دوستلىرىم ۋە خىزمەتداشلىرىم ھەقىقەتەن بەختلىك ئىكەن، مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئاشۇلارغا ئوخشاش بەختلىك ئىدىم لېكىن بۇ بەختنى مەن قەدىرلىيەلىدىممۇ؟ قەلبىم چەكسىز پۇشايمان، ئۆرتىنىش ئىچىدە يەنە شۇ دادامنى خىيال قىلىمەن . جېنىم دادا، ئۇ ئالەمدە قانداقراق تۇرىۋاتقانسىز؟ ئەقىلسىز ئوغلىڭىزنىڭ پۇشايمانلىق نىدالىرىنى ئاڭلىيالامدىغانسىز؟ ئاللاھ سىزگە جەننەتتىن ئورۇن بەرگەي! يالغۇز ئولتۇرىمەن، خىيالىمدا يەنە شۇ دادام، دادامنىڭ سۆزلىرى، دادام توغرىلىق ئىسىمدە قالغان بارلىق ئەسلىمىلىرىم....... دادام قادىر تۇردى 1936-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بۇلۇپ، ئۆينىڭ كىچىكى بولغان دادام بەش ياش ۋاقتىدىلا دادىسىدىن يېتىم قېلىپ، باشقا ئىككى ئاچىىسى ۋە ئاكىسى بىلەن جاپالىق شارائىتتا چوڭ بولغان. ئاتا مېھرىدىن مەھرۇم قالغان دادام نامرات ۋە جاپالىق شارائىتتىمۇ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىنى پۈ تتۈرۈپ 16 يېشىدىلا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا تاللىنىپ، ئائىلىسى بويىچە بىردىنبىر ساۋاتلىق، ئۇقۇمۇشلۇق كىشى بولۇپ قالغان. يېقىنغىچە دادامنى بازار ئايلاندۇرغىلى ئېلىپ چىققىنىمدا نۇرغۇنلىغان ئاپئاق ساقاللىق كىشىلەر: «مۇئەللىم، سىلى مېنى ئوقۇتقان، مېنى تۇنۇيالىدىلىمۇ؟» دېگىنىدە كۆڭلۈ مدە تىل بىلەن ئىپادىلىگۈ سىز بىر خىل ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ، دادامدىن تېخىمۇ پەخىرلىنىپ كېتەتتىم. دادام خىزمىتى قانچىلىك جاپالىق بولسۇن، تۇرمۇش قانچىلىك قىيىنچىلىقتا ئۆتسۈ ن، ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزىنىڭ ئەدەبىي يېزىقچىلىقىنى تاشلىماي كەلگەن ئىدى. دادامنىڭ «مىنبىڭ بىز» ناملىق تۇنجى شېئرى 1964-يىلى «خوتەن گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ھازىرغىچە يازغان شېئرلىرىنى ئاساسەن ھەر بەش يىلدا بىر خاتىرە دەپتەر قىلىپ توپلاپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە جەمئى يەتتە پارچە ئىجادىيەت خاتىرىسى ساقلىنىپ كەلدى. دادامنىڭ ئۆمرىدە يازغان شېئرلىرى 1200 پارچىدىن ئارتۇقراق، شېئرى تېپىشماقلىرى 300 پارچىدىن كۆپرەك بولۇپ، بۇنىڭدىن ھازىرغىچە «دوستلۇق ناخشىسى» ناملىق داستانى، 500 پارچىدىن ئارتۇقراق شېئرى، 250 پارچىدىن ئارتۇقراق شېئرى تېپىشماقلىرى، 5 پارچە نەسىرى ۋە 10 نەچچە پارچە چۆچەك، مەسەللىرى ئېلان قىلىندى. نەچچە پارچە شېئرى ۋە نەسىرلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە مەملىكەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ناھىيىلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى دادامنىڭ يۇقارقىدەك ئىش-ئىزلىرى ۋە نەتىجىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، دادامنىڭ قول يازمىلىرى ۋە يېزىقچىلىقتا ئىشلەتكەن سايمانلىرىنىڭ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرستىتىدا قۇرۇلغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات سارىيىدا ساقلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلغاندا مەن ھاياجان ئىچىدە بۇ بىباھا تەۋەرۈك خاتىرلەرنى ئالدىمغا تىزىپ قۇيۇپ، تويماستىن قاراپ، ھەم خۇشاللىق ھەم قىيالماسلىق ئىچىدە خاتىرلەرنى ۋە يېزىقچىلىق سايمانلىرىنى يەتكۈ زۈپ بەردىم. شۇنداق، ھەر قانداق نەرسىدىن ئايرىلىپ قالغاندا ئاندىن قەدرى ئۆتۈ لىدىكەن! ھەممەيلەن دادىسىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۆز دادىسىنى تاغدەك چوڭ كۆرىدۇ. مېنىڭ دادام قادىر تۇردىمۇ جاھاندىكى باشقا دادىلارغا ئوخشاش ئاددى بىر دادا بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا بىزگە مەڭگۈ ئۆلگە بولالىغۇدەك ئالىيجاناپلىق، ئۇلۇغلۇق، ئارتۇقچىلىقلار، ئېسىل پەزىلەتلەر بار ئىدى. دادام ئۆزىنىڭ بۇ ئاددى، تىجەشلىك، پاك، تىنىچ ئۆتكۈ زگەن 72يىللىق ھاياتىدا بىزگە نۇرغۇنلىغان ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇ بىزگە قانداق ئادەم بولۇشنى، قانداق ياشاشنى ئۆگەتتى. دادام ئۆز خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەيتتى. دادام ئۆز خىزمىتىنى تىرىشىپ ئىشلەپ، 38 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا نۇرغۇن قېتىم مۇنەۋۋەر خىزمەتچى، ئىلغار پارتىيە ئەزاسى بولۇپ باھالانغاندىن باشقا، يەنە ناھىيىمىزدە كونا يېزىق ھەرىپ قۇرۇلما سىزىقلىرى ۋە ھەرىپ قۇرۇلما بەلگۈ لىرىنى شۇنداقلا يېڭى يېزىقنى تۇنجى بولۇپ ئومۇملاشتۇرغان. ناھىيىمىزدىكى تۇنجى قارار خەت ئۇرۇش ماشىنىسىدا خەت ئۇرغۇچى بولغان. «كېرىيە خەلق قوشاقلىرى»، «كېرىيە خەلق ماقال-تەمسىللىرى»، «كېرىيە خەلق چۆچەكلىرى» ناملىق ئۈ چ كىتاپنى تۈزۈشكە زور تۆھپە قوشقان ئىدى. دادام ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىشكە ماھىر ئىدى. گەرچە دادام پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىنىلا پۈ تتۈ رگەن بولسىمۇ، لېكىن يېزىقچىلىق بىلىملىرىنى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىپ، مول ھوسۇللۇق شائىر- يازغۇچى بولۇپ قالغان ئىدى. يەنە تېخى خەنزۇتىلىنىمۇ ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىۋالغان ئىدى. دادام ھەتتا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە كېسەل ئازابى قىيناپ تۇرسىمۇ، گېزىت-ژورنال كۆرۈ پ،كىتاب ئۇقۇپ، رادىئو ئاڭلاپ، تېلىۋىزور كۆرۈپ، يېڭىلىقلارنى توختىماي ئۆگىنىپ تۇراتتى. دادام ئائىلىدە ھەقىقەتەن بىر مەسئۇلىيەتچان، تەلەپچان دادا ئىدى. گەرچە دادام دادىسىدىن كىچىك قېلىپ، ئاتا مېھرىدىن مەھرۇم قالغان بولسىمۇ، بىز بەش بالىنى جان كۆيدۈرۈپ بېقىپ، ياخشى تەربىيەلەپ، بىزگە ئاتا مېھرىنى تولۇق ھېس قىلدۇردى. دادام بىزگە كىچىكىمىزدىن قاتتىق تەلەپ قۇياتتى. ئادەتتە قانچە ئامراق بولسۇن، ياكى ئەركىلەتسۇن، ئەگەر خاتالىق ئۆتكۈزسەك قىلچىمۇ رەھىم قىلمايتتى. بىزنى ھېكايە ئېيتىپ بېرىش، ناخشا ئوقۇپ بېرىش، تېپىشماق ئېيتىپ بېرىش، ئىسكىروپكا چېلىپ بېرىش، سوۋغات ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۆگىنىشكە قىزىقتۇراتتى. دادام بىزگە دائىم:« ئادەم ياخشى پەزىلەتلىك بولۇش كېرەك يەنى جەمئىيەتتە سەمىمى، ئاقكۆڭۈل، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىدىغان، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ياخشى ئىناۋەتلىك؛ ئىدارىدا خىزمەتنى جان كۆيدۈرۈپ، تىرىشىپ ئىشلەيدىغان،خىزمەتداشلار بىلەن چىقشىپ ئۆتىدىغان؛ مەكتەپتە تىرىشىپ ئوقۇيدىغان، قائىدىگە رىئايە قىلىدىغان، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ، ساۋاقداشلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتىدىغان؛ ئائىلىدە مەسئۇلىيەتچان، ئەپۇچان، كۆيۈمچان ئادەم بولۇش كېرەك، ئادەمنىڭ جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسى قانچىلىك بولسا ئېرىشكەن ھۆرمىتىمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ.» دەپ تەربىيە بېرەتتى ۋە ئۆزى باشلامچى بولۇپ، بىزگە ئۆلگە بولۇپ بېرەتتى. مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا، باشقىلار بوزەك قىلغاندا، تەڭسىزلىككە ئۇچرىغاندا، كۆڭلىمىز يېرىم بولغاندا، دادام دائىم: «بالام تىرىشىپ ئۆگەن! ياخشى ئىشلە! چوڭ نەتىجىلەرنى قازىنىپ، كۆڭۈ لسىزلىك ئۈ ستىدىن غالىپ كەل! شۇندىلا سەن سېنى خاپا قىلغان ، كۆڭلۈڭنى ئاغرىتقانلارنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا يېڭىپ چىققان بولىسەن! ئاچچىقنى دەرت-ئەلەمنى كۈ چكە ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ ياخشى ئىشلەپ، نەتىجە قازىنىش-ئۆچ ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى.» دەيتتى. دادامنىڭ مۇشۇنداق كۆپ تەرەپلىمىلىك تەربىيەلەر ئارقىلىق بىز بەش بالىنى مىڭبىر جاپالارغا چىداپ يۇقىرىسى ماگىستىرلىق، تۆۋىنى ئالى تېخنىكۇمغىچە ئوقۇتتى. جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىققان ئىدى. دادام ئىنتايىن قەيسەر، جاپاكەش، شۇنداقلا مېھرىبان دادا ئىدى. قىيىنچىلىق بولسا قەيسەرلىك بىلەن يېڭىپ، ئۆزى ئامال تېپىپ ھەل قىلاتتى. باشقىلارغا يېلىنىشنى، خۇشامەت قىلىشنى ياقتۇرمايتتى. لېكىن بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بولسا، ئالتۇندەك بېشىنى ئېگىپ، ئۆزىنى تۇيمىغان ھالدا باشقىلارغا يېلىنىپ، سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلاپ، قۇپاللىقلارغا چىداپ ئىشىمىز ھەل بولمىغىچە بولدى قىلمايتتى. دادام: «بەلنى چىڭ باغلىسىلا، تىرىشسىلا، جاپاغا چىدىسىلا ھەر قانداق ئىشنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ» دەيتتى. دادام ئادەتتە بىردەم بىكار تۇرالمايتتى.« بىكار يۈرگىچە بىكارغا ئىشلە!» دەيتتى. دادام كېسەل بولۇپ ياتقان ۋاقىتلىرىدىمۇ بىزنىڭ ئۇنىمىغىنىمىزغا ئۇنىماي زىرىكىپ قالىدىكەنمەن دەپ كۈچىنىڭ يىتىشىچە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرەتتى. مەن ئەقلىمىگە كېلىپ ھازىرغىچە دادامنىڭ ياش تۆككىنىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. لېكىن2007- يىلى 6-ئايدا مەن موتسىكىلىت بىلەن قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ، تىزىم زەخمىلەنگەندە دادام ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى. مەن «دادا، مەن ساق-سالامەت تۇرسام، يەنە نېمىشقا يىغلايسىز؟» دەپ تەسەللى بەرگەن بولساممۇ، دادام يىغىسىنى بىر مەزگىلگىچە توختىتىۋالالمىغان ئىدى. ھازىر ئويلىسام شۇ قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغىنىم بەك ياخشى بوپتىكەن .بولمىسا مەن دادامنىڭ مىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى مەڭگۈ ھىس قىلالماس ئىكەنمەن .ئادەتتە بىرەرسىمىز ئۆيگە كەچ قالساق دادام ئىشىك ئالدىغا چىقىپ كىلىشىمىزنى ساقلاپ تۇراتتى. بىرەرسىمىز يىراقلارغا كېتىپ قالساق ، ئىرىنمەي ئايرىم جەدۋەل تۈزۈپ ، كۈنلەرنى تەتۈر ھىساپلاپ بىر كۈن ئۆتسە بىركۈننى ئۈچۈرۈپ، كىلىشىمىزنى زارىقىپ كۈتەتتى. دادام:« جاھاندا ياشىغان ئىكەنمىز ئىزىمىز قېلىشى كېرەك، جەمئىيەتكە كۆپرەك تۆھپە قۇشۇشىمىز كېرەك، شۇندىلا ھاياتىمىزنىڭ مەنىسى بولىدۇ»دەيتتى. دادامدا بۇ خىل روھ بولغانلىقى ئۈچۈن خىزمەتنىڭ بېسىمى، تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىلىقى، ئائىلىنىڭ يۈكى، بىز بەش بالىنىڭ غېمىنىڭ ھۆدددىىسىدىن چىقىشتىن باشقا، يېزىقچىلىقنى تاشلىماي، يېزىقچىلىقتا يۇقىرىدا دېيىلگەندەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەن ئېسىمگە كەلسەم، دادامنىڭ يانچۇغىدىن شېئىر يازىدىغان كىچىك خاتىرىسى ئايرىلمايتتى. دەم ئالغاندا، ئىشلەۋاتقاندا، ھەتتا يېرىم كېچىلىرىمۇ ئىلھامى كېلىپ قالسا دەرھال خاتىرىسىنى چىقىرىپ خاتىرىلىۋالاتتى. دادام ئىجادىيەتنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە توختاتمىغان ئىدى. كېسەل يېتىپمۇ ئازراق ئارام تاپسا، قوللىرى تىتىرەپ تۇرسىمۇ، توختىماي يازاتتى. يېزىپ-يېزىپ قانمايتتى. يېزىپ-يېزىپ ھارمايتتى. دادامنىڭ بۇ خىل روھىنى ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان تۆۋەندىكى رۇبائىسىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ: «مۈ شكۈلات تاغلىرى باسسىمۇ قات-قات، ئەجىلىم جان سوراپ تۇرسىمۇ پات-پات. يۈرىگىم سوقسىلا ئەل ۋەتەن ئۈچۈن، ئىشلەيمەن يەپ يېتىش مەن ئۈچۈن ئۇيات.» دادام ئائىلىنى دىمىگراتىك باشقۇراتتى. ھەممەيلەنگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلاتتى. دادام ئائىلىنىڭ مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن ھەممە ئىشلىرىدا ئانامدىن، ھەتتا ئۆينىڭ ئەڭ كىچىكلىرىگىچە ھەممىسىدىن مەسلىھەت ئالاتتى. قايسىمىزنىڭ پىكرى ئۇرۇنلۇق بولسا، چوڭ-كىچىك دېمەي شۇنى قۇبۇل قىلاتتى. ئۆز مەيلىچە ئىش قىلمايتتى. ھەر بىرىمىزنى ئائىلىنىڭ خۇجايىنلىرىدەك ھېس قىلدۇراتتى. دادام بىز بەشەيلەننى قىز-ئوغۇل، چوڭ-كىچىك دېمەي تەڭ كۆرەتتى. ئادىل مۇئامىلە قىلاتتى. بولۇپمۇ دادام بىزنىڭ ئۆمرىمىزدىكى چوڭ ئىشلاردا مەسىلەن: كەسىپ تاللاش، توي قىلىش قاتارلىقلاردا بىزگە پەقەت ئۆزىنىڭ تەكلىپىنى، ئارزۇسىنى ئالدىنئالا دەپلا قۇياتتى. لېكىن ئاخىرقى تاللاش ھوقۇقىنى ئۆزىمىزگە بېرەتتى. ھېچقايسىمىزنى ئۆزىنىڭ ئىدىيسى بويىچە ھېچقانداق ئىشقا زورلاپ باقمىغان ئىدى.دادام دائىم:« سىلەرنىڭ ئىستىقبالىڭلار ھەممىدىن مۇھىم،سىلەرنىڭ ئىستىقبالىڭلار ياخشى بۇلىدىغانلا بولسا، گەرچە بىزنىڭ سىلەرنى بەك كۆرگىمىز كىلىپ كەتسىىمۇ،يېنىمىزدا تۇرالمىساڭلارمۇ مەيلى،بىزنىڭ ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئىستىقبالىڭلارغا پۇتلىكاشاڭ بۇلۇپ قالغىمىز يوق.»دەيتتى. دادام بىز بەش پەرزەنت بىلەن يېقىن دوستلاردەك ئۆتەتتى. ھەر قانداق گېپىمىز بولسا، ئازادە، كۆڭۈ للۈ ك ئولتۇرۇپ دېيىشەلەيتتۇق. بەزىدە ھەتتا چاقچاقلىشىپ قىزىقچىلىق قىلىشاتتۇق.بىللە ۋاسكىتبول،پەي توپ ،شاھمات،قەرت ئوينايتتۇق، ھېچقانچە قورۇنمايتتۇق. شۇنداق بولغاچقا دادىمىزنى تېخىمۇ بەك ھۆرمەتلەيتتۇق. دادام ھەممە ئىشتا باشقىلارنى ئويلايتتى. باشقىلارغا جاپا سېلىشنى، تەڭلىكتە قۇيۇشنى خالىمايتتى. دادام ھەر ۋاقىت ئىش قىلغاندا ئاۋۋال باشقىلارنى ئويلايتتى. ئۆزى جاپا تارتىشقا رازىكى، باشقىلارنى تەڭلىكتە قۇيۇشنى خالىمايتتى. دادام كېسىلى ئېغىرلىشىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ۋاقىتلاردىمۇ، يەنىلا باشقىلارنى ئويلايتتى. كېچىلىرى قىينىلىپ ئۇخلىيالمىسا، نەچچە سائەت ئۈن چىقارماي ئولتۇرۇشقا رازىكى، بىزنىڭ ئۇيقۇمىزغا تەسىر يەتكۈزۈشنى، بىزنى ئويغىتىشنى خالىمايتتى. بەزىدە ئۆزىمىز ئويغىنىپ كېتىپ:« نېمىشقا ئۇخلىيالمىغاندىكىن، بىزنى ئويغاتمىدىڭىز؟» دېسەك ،ئۇ:« سىلەرگە كۈ ندۈزى جىق جاپا سالدىم، كېچىسى بولسىمۇ خاتىرجەم ئۇخلىۋېلىڭلار.» دەيتتى. ئۆزى قانچە قىينىلىپ كەتسىمۇ بىزنى ئەنسىرەتمەسلىك ئۈچۈن ئەھۋالىم ياخشى دەپلا تۇراتتى. كېسەل يېتىپمۇ ئۆزى قىلالىغۇدەك ئىشلار بولسا، (مەسىلەن قايناقسۇ قۇيۇش، دورا ئىچىش قاتارلىق) تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن ئامال بار ئۆزى چىقاتتى. دادام دۇنيادىكى ئەڭ ئاكتىپ، ئەڭ ئۈ مىدۋار، داۋالىنىشقا ئەڭ ماسلىشىىدىغان بىمار ئىدى. دادام مېنىڭ «دادام مېنى ياراتماي دېگەنلىرىمنى قىلمىدى!» دەپ ئويلاپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ، دورىلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن ۋاقتىدا يەيتتى. زىيان قىلىدىغان نەرسىلەرنى ھەرگىزمۇ يىمەيتتى. بەدەن ھەركەتلىرى، نەپەس گىمناستىكىسىنى ۋاقتىدا ئوينايتتى. ئوكۇل سالغاندا ئاغرىققا چىداپ، چىرايىنىمۇ ئۆزگەرتمەيتتى. قىسقىسى داۋالاشقا ئىنتايىن ئاڭلىق ماسلىشاتتى. ھەتتا ئۆزى ئاكتىپلىق بىلەن ماتىريال كۆرۈ پ، كېسىلىگە پايدىلىقلا ئىش بولسا، قىينالسىمۇ، ئاچچىق دورا بولسىمۇ ئۆزىنى قاچۇرمايتتى. بىز دائىم: «دادا سىز بىز بەش بالىنى مىڭبىر جاپالاردا بېقىپ، چوڭ قىلىپ ئاران بىر راھىتىنى كۆرەي دېگەندە كېسەل بولۇپ قالدىڭىز.» دېسەك، دادام:« ھېچقىسى يوق، مەن پەقەت سىلەرنىڭ بەخىتلىك ياشىغىنىڭلارنى كۆرەلىسەم مەن شۇنىڭغا خوش، ماڭا بەخىت، راھەت دېگەن شۇ!» دەيتتى. دادام تىجەشلىك، تۇرمۇشقا پىششىق، لېكىن ۋاقتى كەلگەندە مەرد ئىدى، ئائىلىنى ئىقتىسادچانلىق بىلەن باشقۇراتتى. ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىنى بىر قوللۇق باشقۇرىدىغان دادام ھەر ئاماللارنى قىلىپ، ئاشۇ قىيىنچىلىق مەزگىللەردىمۇ بىز بەش بالىنى ئاچ-يالىڭاچ قويماي ياخشى چوڭ قىلىپ، ياخشى ئوقۇتۇپ كەلگەن ئىدى. ئانام بەزىدە دادامنى پۇلنى بەڭ چىڭ تۇتۇۋالدى دەپ، ئىقتىسادنى بىر نەچچە ئاي ئۆزى باشقۇرۇپ باققان بولسىمۇ، پۇلنى ئاي ئاخىرىغىچە يەتكۈزەلمەي يەنە دادامغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. دادام جاپا تارتسىمۇ ھەر ئاماللارنى قىلىپ، ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بىزلەرنى جاپادا قۇيۇشنى خالىمايتتى. كىتاپ ئىشكاۋىدىكى ماتىرياللارنى رەتلىۋېتىپ ئانام خاتىرلىگەن بىر پارچە تىزىملىكنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇنىڭدا دادام 1994-يىلى بىر يىل ئىچىدە باشقا ئورۇنلارغا چوڭ خەت يېزىپ بېرىپ، يېزىقچىلىق قىلىپ، باقمىچىلىق قىلىپ ۋە مۇكاپاتلىنىپ دېگەندەك جەمئى 779.50 يۈ ئەن كىرىم كىرگۈزگەنلىكى خاتىرلەنگەن ئىدى. بۇ شۇ ۋاقىتلاردىكى دادامنىڭ يېرىم يىللىق مائاشىغا تەڭ ئىدى. كىچىكىمدىن دادام بىزگە تىجەشلىك بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ:« توكنى تىجەڭلار، سۇنى تىجەڭلار، ئارتۇقچە پۇل خەجلىمەڭلار!» دېسە دادامنى بەك پىخسىق دەپ ئويلايتتىم. لېكىن چوڭ بولغاندىن كېيىن بولۇپمۇ 2005-يىلدىكى بىر ئىشتىن كېيىن دادامغا بولغان كۆز قارشىم تۈپتىن ئۆزگەردى. 2005-يىلى 4-ئايدا دادامنىڭ كېسىلىنى تەكشۈ رۈ تۈ پ داۋالىتىش ئۈ چۈ ن ئۈ رۈ مچىگە بارغاندا،دادام ئادەتتە بازارغا پىيادە چىقالمىغاچقا، ئانام بىلەن ئىككىمىز بازارغا چىقىپ دادام ئاكامنىڭ ئۆيىدە قالغان ئىدى. ئويلىمىغان يەردىن بازاردا 5 مىڭ يۈ ئەن پۇل ۋە كىملىك قاتارلىق نەرسىلەرنى يانچۇقچى ئانامنىڭ يانچۇقىنى تۇيدۇرماي كېسىپ ئېلىۋاپتۇ. بىز:« ئەمدى دادام بىزگە تازا ئاچچىقلىنىپ خاپا بولۇپ كېتىدىغان بولدى.» دەپ ئويلاپ، مەن باشلىرىمنى ساڭگىلىتىپ، ئانام يىغلامسىراپ ئۆيگە كىرگىنىمىزدە ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن دادام ئاچچىقلانمايلا قالماستىن بىزگە كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلماسلىق توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، دەرھال يانچۇقىدىن يەنە 5مىڭ يۈ ئەن ئېلىپ: «كۆڭلۈ ڭلارنى يېرىم قىلماڭلار، بولىدىغان ئىش بوپتۇ، ئەمدى بۇ پۇلنى ئوبدان ساقلاپ، بازارغا قايتىدىن چىقىپ كېلىڭلار!» دېگەنلىرى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىش توغرىسىدا بىزگە بىرەر قېتىممۇ تاپا قىلمىغانلىقىنى ئويلىغىنىمدا، دادامنى نەچچە يىلدىن بېرى خاتا چۈ شىنىپ كەلگەنلىكىمدىن تولىمۇ خىجىل بولۇپ كېتىمەن. شۇنداق دادام پۇل تېپىشنىمۇ، تىجەشنىمۇ، ۋاقتى كەلگەندە مەرتلىك بىلەن خەجلەشنىمۇ بىلەتتى. بىزگە:«دائىم پۇلنى تىجەپ خەجلەش پۇل تاپقانلىق بىلەن ئوخشاش، پۇل دېگەننى شۇ ۋاقتى كەلگەندە، ئېھتىياج چۈ شكەندە، باشقا كۈن كەلگەندە خەجلەشكە تاپىمىز ھەم يىغىمىز.» دەپ تەربىيە بېرەتتى. دادام ئانامنى ھۆرمەتلەيتتى. ئائىلىنى قەدىرلەيتتى. ئائىلىنى جەننەتتەك تۇتۇش كېرەك دەپ قارايتتى ، ئائىلە ئىشلىرىنى تەڭ قىلىشىپ بېرەتتى. ئانام كېسەل بولۇپ قالغان ۋاقىتلاردا شورپا، سۈيقاش، شوۋىگۈرۈچ بولسىمۇ ئېتىپ ھەممەيلەننى تاماقلاندۇراتتى. دادام دائىم:« ئائىلە دېگەن گەرچە ئۆي ۋە ئۆي ئىچى بەك ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ، ھەر بىر ئائىلە ئەزاسى ئۆزىنى ئەڭ ئازادە ھېس قىلىدىغان جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ئەركىن ئازادە بولالايدىغان بولۇش كېرەك. دەرتلىرىنى تۆكۈ پ، ئىچىنى بوشىتالايدىغان، ئازاپلانغاندا ۋە ئازار يېگەندە كېلىشنى ئەڭ خالايدىغان، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ھەممەيلەن بىرلىكتە تاقابىل تۇرالايدىغان بىرەيلەن ئازاپلانسا، قالغانلار چىن كۆڭلىدىن يار -يۈ لەكتە بۇلۇپ ، كۆڭۈ ل يارىسىغا داۋا تېپىپ قايتىدىن كۈچ قۇۋەتكە، غەيرەتكە، ئۈ مىدكە تولالايدىغان بولۇش كېرەك. قىسىقىسى ئائىلە-ئائىلىدىكىلەرنىڭ جەننىتى بولۇش كېرەك.» دەيتتى. دادام ئائىلە بويىچە ساياھەتكە چىقىشقا، ئائىلە بويىچە خاتىرە رەسىمگە چۈشۈشكە ئامراق ئىدى. دادام ئۆيدىكىلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، توي خاتىرە كۈنى، ئاياللار بايرىمى، ياشلار بايرىمى، بالىلار بايرىمى قاتارلىق ئەھمىيەتلىك كۈنلەرنى بەك ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ ئۆيدىكى ھەممەيلەننى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئادەتتە كۆپ ئېتىلمەيدىغان، تەبرىكلەنگۈچى ياخشى كۆرىدىغان تاماقلارنى ئېتىپ، ئاددى ئەمما ئەھمىيەتلىك سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىش ئارقىلىق قىزغىن كەيپىياتتا ئەھمىيەتلىك، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈپ بېرەتتى. دادام ئانام بىلەن توي قىلغان 44 يىلدىن بۇيان بىر-بىرىنى مېھماندەك كۆرۈ پ، ھۆرمەتلىشىپ ئىجىل-ئىناق ئۆتۈ پ كەلگەن ئىدى. ئانام بىلەن ئىككىسى نەگىلا بارسا بىللە باراتتى. پەقەت ئايرىلمايتتى. خەقلەر دائىم: «ئىككىڭلار ئاشىق-مەشۇقلاردەك دائىم ياندىشىپ مېڭىپ كەتكەندە، بەكلا مەستلىكىمىز كېلىدۇ.» دەپ چاقچاق قىلسا، دادام: «راست، بىز دېمىسىمۇ ئاشىق-مەشۇق!» دەپ چاقچاق قىلاتتى. ياش ۋاقىتلىرىدا ئۆيدە دائىم بىزگە ئىسكىروپكا چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ بېرەتتى. (كېيىن بىز بەش بالىنى بېقىشتا قىيىنچىلىق تارتىپ، ئامراق ئىسكىروپكىسىنى سېتىۋەتكەن بولۇپ، 2002-يىلى تۇغۇلغان كۈ نىگە سوۋغات قېلىپ بىر ئسكىروپكا ئېلىپ بەرسەم بەك خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدى.) ساز چېلىپ بېرىپ بىزنى ئۇسۇلغا سالاتتى. ئۆيىمىزدە پات-پات ئائىلىۋى مەشرەپ بولۇپ تۇراتتى. دادام بىلەن ئانام تېخى دوستلىرى ئىچىدە داڭقى چىققان ۋالىس ماھىرلىرى ئىدى. ئاكام بىلەن ئىككىمىزگە ۋالىس ئويناشنى دادام ئۆگىتىپ قويغان ئىدى. پات-پات گىتتار چېلىپ ناخشا ئېيتىپ بەرسەم، ناخشا تىكىستى ۋە ئاھاڭىنى تۈزىتىپ بېرەتتى. تېخى ئىككىمىز ئىسكىروپكا ۋە گىتتارنى بىرلەشتۈرۈپ بىرەر مۇزىكىغا چېلىشنى مەشىق قىلىشقا بەل باغلىغان ئىدۇق. لېكىن دادامنىڭ سالامەتلىكى يار بەرمىگەن ئىدى. دادام نەپەس ئۈزگەندە قېشىدا تۇرالمىغانلىقىم، كىچىكىمدە دادام ئىزىمنى بېسىپ شائىر بولارمىكىن دەپ «ئۇيغۇر خەلق بېيىتلىرى» دېگەن كىتاپنى ئېلىپ بېرىپ، بېيىت يادلا دېگىنىدە كەپسىزلىك قىلىپ گەپ ئاڭلىمىغانلىقىم، خەتنى چىرايلىق يېزىشنى ئۆگىتىپ قۇياي دېسە ھورۇنلۇق قىلغانلىقىم، دادامدىن بىرەر پەدە ئىسكىروپكا چېلىشنى ئۆگىنىۋالمىغانلىقىم ئۆمرۈمدىكى تۆت چوڭ پۇشايمىنىم بولۇپ قالغان ئىدى. دادام كۆپكە ماھىر ئىدى. يېڭىلىقنى تېز قۇبۇل قىلاتتى. دادام يېزىقچىلىق، چوڭ خەت يېزىش، ناخشا ئۇسۇل، ئىسكىروپكا، ۋاسكىتبول، بىليارت قاتارلىقلارغا ماھىر بولۇپ، مېنىڭ نەزىرىمدە قىلالمايدىغان ئىش يوق، مۇكەممەل بىر دادا ئىدى. دادامنىڭ قىزىقىشى بەك كەڭرى بولۇپ، گېزىت-ژورنال، رادىئو، تېلىۋىزۇر، تەنتەربىيە، ناخشا-مۇزىكا، ئۇسۇل، ساز، يېزىقچىلىق.... ھەممىسىگە قىزىقاتتى.تۇرمۇشنى رەڭگارەڭ ئۆتكۈزۈ شكە ئامراق ئىدى. ئۆمرىنىڭ ئاغىرىغىچە بۇ قىزىقىشلىرىنى تاشلىمىغان ئىدى. تېلىۋىزوردىن «مەشرەپ، خەۋەر، تەلەي يۇلتۇزى» قاتارلىق پىروگىراممىلارنى ۋە توپ مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈشكە ئامراق ئىدى. ياۋمىڭ، يى جەنلىيەن قاتارلىق ۋاسكىتبول چولپانلىرىغا ئامراق ئىدى. مەن ھەممىدىن دادام بىلەن بىرلىكتە ئولتۇرۇپ، دادام ئامراق بولغان مانتا، بېلىق گۆشى قاتارلىقلارنى يىگەچ، توپ مۇسابىقىسى كۆرۈشكە بەك ئامراق ئىدىم. دادام ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا كېسەلچان بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندىمۇ جەمئىيەتنىڭ، دۆلەتنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇراتتى. بىز سىرىتتىن كىرىشىمىزگىلا، «سىرىتتا نېمە يېڭىلىقلار بار؟» دەپ سورايتتى. گېزىت-ژورنال، رادىئو، تېلىۋىزور قاتارلىق سىرىتقى دۇنيادىن ئۇچۇر ئىگەللەشكە بولىدىغان ھەر قانداق ۋاستىلارنى قولدىن بەرمەيتتى. توي قىلمىغان ئىككىمىزنىڭ تويىنى كۆرۈش، شېئىرلار توپلىمىنىڭ نەشىر قىلىنىشىنى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىنى كۆرۈش دادامنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئىدى. دادام مۇھىت ئاسراشقا كۆڭۈل بۈلەتتى. كۈچەت تىكىپ گۈل ئۆستۈرۈشكە، ئەتراپىدىكى مۇھىتنى پاكىزە، رەتلىك تۇتۇشقا ئامراق ئىدى. ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشقا ۋە ھاۋارايىغا بەكمۇ كۆڭۈل بۈلەتتى.دائىم:«قاچان بىزنىڭ خۇتەندىمۇ باشقا جايلارغا ئوخشاش تۇپا ئازراق ياغىدىغان بۇلار؟»دەيتتى ۋە:«بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپرەك كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش كېرەك.»دەپ بىزگە تەربىيە بىرەتتى. بىرەر يىلى ئەتىيازدا كۆچەت تىكەلمەي قالسا كۆڭلى ئارام تاپمايتتى. ھويلىغا تىككەن كۆچەتلىرىنى ۋە گۈل-گىياھلىرىنى بەكمۇ ئەستايدىل پەرۋىش قىلاتتى.كۈز كۈنلىرى كۆچەتلىرى گەرچە مول مىۋە بىرەلمىسىمۇ شۇنداق خۇشاللىق بىلەن ھەربىرىمىزنىڭ ئېغىزىغا تەككۈزەتتى. دادام قوشلانىڭ سايرىشىنى ئاڭلاشقا،ئەركىن ئۇچۇپ يۈرگىنىنى كۈرۈشكە بەك ئامراق ئىدى.«قۇشلارنى مەجبۇرى قەپەزگە سۇلاپ نالىسىنى ئاڭلىغاندىن ئەتراپىمىزدا گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخ ئۆستۈرۈپ،باغچىدەك قىلىۋەتسەك، قۇشلار ئۆزلىرى ئۇچۇپ كىلىپ خۇشال سايراپ بېرىدۇ.»دەيتتى.ھويلىمىزغا مەخسۇس قۇشلار كىلىپ سۇ ئىچىدىغان بىر كۆلچەك ياساتقان ئىدى. ئۆي تېمىنىڭ قۇش ئۇۋىلىغان تۈشۈكلىرىنى لاي سېلىپ ئىتىۋېتىشىمىزگە قارشى ئىدى. ھەممە نەرسە تەبئى بۇلۇش كېرەك دەپ قارايتتى. دادام خۇش مىجەزلىك، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئۇستا، كىشىلىك ھايات پەلسەپىسىگە پىششىق، سۆز قابىلىيىتى يۇقىرى، باشقىلارغا مەسلىھەت بېرىشكە ماھىر ئىدى. دادامنى كىشىلەر ئەزەلدىن مىجەزى ياخشى، كىشىگە ئەسكىلىكى يوق، ئىللىق چىراي، چىقىشقاق، سۆزى يېقىملىق ئادەم دېيىشەتتى. دادام ئۆزىمۇ كىشىلىك مۇناسىۋەت، كىشىلىك ھايات پەلسەپىسىگە دائىر كىتاپلارنى ئوقۇشقا ئامراق بولۇپ، بىزنىمۇ بۇ خىل كىتاپلارنى كۆپرەك كۆرۈ شكە دەۋەت قىلاتتى. بۇ جەھەتتە خېلى مول بىلىمگە ئىگە ئىدى. ھەممەيلەنگەن تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش، كىشىلىك مۇناسىۋەت، دۇنيا قاراش، مىجەز-خۇلق توغرىسىدا ئىنتايىن ئورۇنلۇق، مېغىزلىق، قايىل قىلارلىق نەسىھەت قىلاتتى. شۇنداق بولغاچقىمىكىن دادامدا ياشانغاندىكى دېۋەڭلىك، تەرسالىق، سەپرالىقتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. ئۆيگە كەلگەن ھەر بىر كىشىگە شۇ كىشى كېيىن ئويلىسىمۇ ھەقىقەتەن بەك ئورۇنلۇق ئىكەن دەپ ئويلىغىدەك لايىقىدا مەسلىھەت بېرەلەيتتى. دادام گەرچە بىزدىن تۇيۇقسىز ئايرىلىپ ۋەسىيەت قالدۇرۇشقا ئۈ لگۈ رەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى تەربىيەلىرى، ئۆز ئەمىلىيىتى ۋە يازغان رۇبائىلىرى، شېئىر، نەسىرلىرىدىن بىزگە دېمەكچى بولغانلىرى بىزدىن كۈ تكەن ئۈمىدلىرىنى تولۇق بىلىۋالغىلى بولاتتى. شۇنداق، ھازىر ئويلىسام دادام قادىر تۇردىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئالىيجاناپلىق، ئۇلۇغلۇق، ئارتۇقچىلىق، ئېسىل پەزىلەتلەرنى سۆزلەپ-سۆزلەپ تۈگىتەلمەيدىكەنمەن. دادام ھەقىقەتەن بىر جاپاكەش دادا. سۆيۈملۈك دادا. مۇنەۋۋەر دادا، مۇكەممەل دادا ئىدى. بىز بەش پەرزەنت مۇشۇنداق بىر دادىمىز بولغانلىقتىن مەڭگۈ پەخىرلىنىمىز. جېنىم دادا، ياتقان يېرىڭىز جەننەتتە بولسۇن! قەبرىڭىزدە خاتىرجەم يېتىڭ! بىزمۇ سىزنىڭ تەلىمىڭىز بويىچە، ئارزۇيىڭىز بويىچە، كۈ تكىنىڭىزدەك ياخشى ئادەم بولۇپ جەمئىيەتكە تۆھپە قۇشۇپ، يالغۇز ئانىمىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، سىزنىمۇ بىزدەك باللىرىڭىز بولغانلىقتىن پەخىرلەندۈرىمىز. ئاتىلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن جېنىم دادا! سىزگە بولغان چەكسىز سېغىنىشىمنى (ھايات ۋاقتىڭىزدا بىرەر پارچە شېئر يېزىپ ، سىزنى خۇش قىلالمىغان بولساممۇ، قاپىيە ۋەزىنىلىرى تازا چۈ شمىگەن بولسىمۇ) تۆۋەندىكى شېئر ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچىمەن، جېنىم دادا سىزگە يارارمۇ؟ ئەلۋىدا ئەي دادا خاتىرجەم يېتىڭ، كەتتىڭىز بىزلەرنى ھەسرەتكە تاشلاپ. تۇيۇقسىز يۇپۇرۇپ كەلگەن شۇم ئەجەل، قالدىغۇ ھەممىنىڭ كۆزىنى ياشلاپ. شۇم ئەجەل ئەجەپمۇ رەھىمسىز ئىكەن، ياخشىغا ھەممىدىن تېز كېلەر ئىكەن. قەدىرىگە يەتمىسەڭ تىرىكلىكىدە، كۆزۈڭدىن تارام ياش تۆكۈلەر ئىكەن. جاپادىن ئەمدىلا ئۇھ دەي دېگەندە، بەش بالا چوڭ بولۇپ باقاي دېگەندە. كەتتىڭىز ئەي دادا شۇنداق تۇيۇقسىز، بەخىتنىڭ مېغىزىنى چاقاي دېگەندە. پەخرىمىز مەڭگۈگە سىز جېنىم دادا، پەخىرلىنىسىز سىزمۇ بىر كۈن بىزلەردىن. بەش بالا ئىز بېسىپ داۋان ئاشىمىز، تەلىمىڭىز چىقمايدۇ مەڭگۈ ئەسلەردىن. ئۆلگىمىز مەڭگۈگە سىز جېنىم دادا، جەننەتىن جاي بەرگەي شۇ ئۇلۇغ خۇدا. ئۈ مىدىڭىز ئاقلايمىز بىزگە ئىشىنىڭ، پەقەتلا بولمىسا جان تەندىن جۇدا. 2009-6-18[/align][/size][/color]


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئوتتۇرا - باشلانغۇچ...
●  [بىدار0903]ئاتىسىز ئۆ...
●  دونيادىكى ئەڭ چوڭ خ...
●  بالىلار ئويۇنلىرىن...
●  سىنپ مۇدىرلىرى يېت...
●  ماتېماتىكا ئوقۇتۇش...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ خىم...
●  سىنىپ مۇدىرى ھازىر...
●  «فىزىكىلىق شەكىل ن...
●  ئەدەبىيات دەرسخانا...
●  خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە ...
●  ئىدىيە - سىياسىي دە...
●  ئوبرازلىق ئوقۇتۇش ...
●  ئۇيغۇرقىزىغا لەنەت...
●  تەنتەربىيە دەرسىدە...
●  ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى...
●  <مۆمىننىڭ مومىغا چى...
●  ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسى...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ ئەد...
●  تەبىئىي پەنلەردە >...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكت...
●  [بىدار0903]ئاتىسىز ئۆتكەن ...
●  دونيادىكى ئەڭ چوڭ خاككى...
●  بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ سا...
●  سىنپ مۇدىرلىرى يېتىلدۈر...
●  ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدىك...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە ئ...
●  سىنىپ مۇدىرى ھازىرلاشقا...
●  «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرى...
●  ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى