ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ماقالىلەر >> بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ ساپا مائارىپىدىكى ئورنىغا سەل قارىماسلىق كېرەك
بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ ساپا مائارىپىدىكى ئورنىغا سەل قارىماسلىق كېرەك
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-06 11:21:11 كۆرۈلۈش سانى : 185
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ ساپا مائارىپىدىكى ئورنىغا سەل قارىماسلىق كېرەك
بالىلار ئويۇنلىرى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بىرخىل تەلىم - تەربىيە تۈرى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق ئۆسۈپ يېتىلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ھازىر كۆپلىگەن ئۆسمۈرلىرىمىز ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نوقۇل ھالدىكى سان قوغلىشىش قىزغىنلىقىنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە تۈرلۈك تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەش بىلەنلا چەكلىنىپ، ئەمەلىي پائالىيەتلىرى ئاز بولۇشتەك يوشۇرۇن، ياكى ئاشكارا تەھدىتنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى ئۆسۈش مەزگىلىدىكى بالىلار شاد - خۇراملىققا تولغا مۇھىتقا ھەممىدىن بەك موھتاج. شۋېتسارىيە پسىخولوگى پىئاگىت: >ئەگەر ھەر بىر نورمال ئۆسمۈرنىڭ ئىجادىي روھى ئويۇن جەريانىدا كونكرېت كۆرۈلسە، ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ توغرا ماتېماتىكىلىق ئىقتىدارى بولىدۇ. ئۆگىنىشتىن كېيىن بالىلارنىڭ قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئوينىشىغا يول قويۇش لازىم. بالىلارنى دائىم ئويۇندىن توسۇپ ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاش ئۇلارنىڭ يۈرەك مۇسكۇلىنى يىگلىتىپ، ئەقلىنى كېسىدۇ. ئۇلارنى تۇرمۇشتىن زېرىكتۈرىدىغان، ھەتتا بۇنداق تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇشنى ئويلايدىغان قىلىۋېتىدۇ.< دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. شاد - خۇرام شارائىت ئەلۋەتتە بالىلارنىڭ يوشۇرۇن زېھنىي قۇۋىتىنى ئېچىشتا ئۈنۈملۈك رول ئويناپ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى ئۆگىنىشىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى كەيپىياتى خۇشال بالىلار خاراكتېر جەھەتتىن ئالاھىدە، ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولىدۇ. شۇڭا بىز ھەرخىل بالىلار ئويۇنلىرىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىپ، يېتىلىۋاتقان بالىلارنى تەربىيىلىشىمىزدىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەرگە ئايلاندۇرۇش لازىم. مەسىلەن: >تېز - تېز سەكرەش ئويۇنى< ئارقىلىق بالىلارنىڭ سەكرەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قىلغاندا چەبدەس، چاققان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. >بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش< ئويۇنىمۇ ئۆسمۈرلەرنى كوللېكتىۋىزملىق روھقا ئىگە قىلىپ تەربىيىلەشتە ياخشى رول ئوينايدىغان ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى. >ئوت كۈچى تورىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش<، >شەھەرنى پاكىزلەش< قاتارلىق بالىلار ئويۇنلىرى گۈزەل مۇھىت بەرپا قىلىش ۋە ساغلام، تېتىك، پاكىز ياشاش ئېڭىغا ئىگە كىشىلەردىن بولۇشقا يېتەكلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
بالىلار ئويۇنلىرىدىن ئىبارەت تەربىيە پائالىيەتلىرىگە نىسبەتەن نوقۇل ھالدا تەنتەربىيە دەرسىنى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى باشقا دەرسلىكلەرنى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۆتۈۋاتقان دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىپ شۇ دەرسنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس بولغان ئويۇن تۈرلىرىگە )جەمئىيەت، ماتېماتىكا قاتارلىق دەرسلەر ئىنتايىن مۇۋاپىق( ئۇيۇشتۇرۇپ، نىشانلىق ئوقۇتۇشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىغا تەدرىجىي سىڭدۈرۈشى، شۇ ئارقىلىق ئويۇن تۈرلىرىنڭ ساپا مائارىپىدىكى ئورنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىغا ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
مەدەنىيەت ئابلىمىت
(قىزىلسۇ پېداگوگىكا مەكتىپىدىن) |
|