بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ماقالىلەر >> تەنتەربىيە دەرسىدە ئەخلاقىي تەربىيىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

تەنتەربىيە دەرسىدە ئەخلاقىي تەربىيىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-03 11:38:40    كۆرۈلۈش سانى : 40  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
  تەنتەربىيە بەدەننى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سالامەتلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش، روھنى تەڭشەش ۋە مەدەنىيەتلىك تۇرمۇشنى بېيىتىشنى مەقسەت قىلغان   ئىلىمدۇر.    تەنتەربىيە كىشىلەردە قەيسەر، چىداملىق، كەسكىن خاراكتېر يېتىلدۈرىدۇ. تەنتەربىيە يەنە ئۆز نۆۋىتىدە كىشىلەرنى باشقىلار بىلەن ئىناق - دوستانە،  سەمىمىي مۇناسىۋەت ئورنىتالايدىغان،  جان  - دىل  بىلەن خەلق ئۈچۈن ئىشلەيدىغان،  ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتكە ئىگە قىلىدۇ.    دۆلەت مائارىپ كومىتېتى تارقاتقان >توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت   مائارىپى بويىچە پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر تەنتەربىيە ئوقۇتۇش پروگراممىسى< دا >تەنتەربىيە ئوقۇتۇشى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەنتەربىيە، گىگېنا، ساقلىقنى ساقلاش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتلەردىكى تەرەققىياتلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتلەردە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە قوغدىغۇچىلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك< دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، مەكتەپ تەربىيىسى مەكتەپ تەلىم - تەربىيىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم مەزمۇن شۇنداقلا سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا كېرەكلىك بولغان ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشنىڭمۇ ئۈنۈملۈك بىر ۋاسىتىسىدۇر.    تەنتەربىيە بىلەن ئەخلاقىي تەربىيە ۋە ئەقلىي تەربىيىنىڭ دىئالېكتىك مۇناسىۋىتى شۇنداقلا تەنتەربىيىنىڭ تەلىم - تەربىيىدىكى مۇھىم ئورنى ھەم رولى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى تەنتەربىيە دەرسى مەكتەپتە ئىدىيە - سىياسىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش ۋە مەكتەپ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا باتۇر، قەيسەر بولۇش، تىرىشىپ جان تىكىپ ئېلىشىش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، كوللېكتىپنى قىزغىن سۆيۈش قاتارلىق ئېسىل ئەخلاقىي ئىدىيە يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.    ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا تەنتەربىيە دەرسىنى ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە گۈزەللىك تەنتەربىيىسى بىلەن زىچ  ماسلاشتۇرۇپ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ؟    بىزگە مەلۇمكى، تەنتەربىيە دەرسىنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى مول بولۇپ، تەنتەربىيە دەرسى ۋە دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەر مەكتەپ تەنتەربىيە دەرسىنىڭ ئاساسلىق تەشكىل قىلغۇچى شەكلىدۇر. دەرستىن سىرتقى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى بولۇپ، ئۇ مەكتەپلەرنىڭ ئاممىۋى  تەنھەرىكەت پائالىيىتىنىڭ كەسكىن رىقابەت سورۇنى. تەنتەربىيە دەرسىدە، بۇ رىقابەت سورۇنى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تەنتەربىيە پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىش ئىشلىرىنى مول مەزمۇنغا ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاقىي تەربىيە ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.    تەنتەربىيە دەرسىدىكى دەرستىن سىرتقى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ئۆزىگە خاس قائىدە - تۈزۈم ئاستىدا ئاشكارا ۋە كەسكىن رىقابەت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا نەتىجە ۋە شان - شەرەپكە ئىنتىلىدىغان رىقابەت بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ. تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى مانا شۇنداق دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەر جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگەتكەن بىلىم ۋە تېخنىكىلارنى تەكرار مۇستەھكەملەشكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇغۇچىلارغا سىنىپ، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك قائىدە  - تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق تۈردە ئەمەل قىلىش، ئىتتىپاقلىققا زىيانلىق بولغان سۆز - ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش، ئۆز  ئارا توغرا رىقابەت ئېڭى شەكىللەندۈرۈش، باتۇر، چىداملىق بولۇش، ئۆزىدە ئادىل، راستچىل ئىستىل يېتىلدۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلار ئۈستىدە ئىدىيىۋى تەربىيە ئىشلەش لازىم.    تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى دەرستىن سىرتقى تۈرلۈك تەنتەربىيە مۇسابىقە پائالىيەتلىرىگە بىرىكتۈرگەن ھالدا، ئوقۇغۇچىلارغا كوللېكتىپنىڭ شان - شەرىپىنى قوغداش، بۇنىڭ ئۈچۈن غەيرەت - شىجائەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىش، ۋەتەن، خەلق مەنپەئىتىنى ھەممىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇش توغرىسىدا ئىنچىكە تەربىيە بېرىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك.    ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى تەنتەربىيىدىن  ئايرىلالمايدۇ. ئۇ كىشىلەرنى روھلاندۇرىدۇ. جىسمانىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، مەنىۋى  دۇنياسىنى جانلاندۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئەقلىي جەھەتتە لاياقەتسىز بولسا ناچار مەھسۇلاتقا، جىسمانىي جەھەتتىن لاياقەتسىز بولسا كېرەكسىز مەھسۇلاتقا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تەنتەربىيە دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن سۈپىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇلارغا  ئەخلاقىي تەربىيە بېرىشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا تەنتەربىيە دەرسىدە بىلىم بېرىش ئادەم تەربىيىلەش ھەم بەدەن سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت  ئومۇمىي مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. (چىرا ناھىيە گۇلاخما يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)  ئوبۇلھەسەن مەمتىمىن


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئوتتۇرا - باشلانغۇچ...
●  [بىدار0903]ئاتىسىز ئۆ...
●  دونيادىكى ئەڭ چوڭ خ...
●  بالىلار ئويۇنلىرىن...
●  سىنپ مۇدىرلىرى يېت...
●  ماتېماتىكا ئوقۇتۇش...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ خىم...
●  سىنىپ مۇدىرى ھازىر...
●  «فىزىكىلىق شەكىل ن...
●  ئەدەبىيات دەرسخانا...
●  خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە ...
●  ئىدىيە - سىياسىي دە...
●  ئوبرازلىق ئوقۇتۇش ...
●  ئۇيغۇرقىزىغا لەنەت...
●  تەنتەربىيە دەرسىدە...
●  ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى...
●  <مۆمىننىڭ مومىغا چى...
●  ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسى...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ ئەد...
●  تەبىئىي پەنلەردە >...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكت...
●  [بىدار0903]ئاتىسىز ئۆتكەن ...
●  دونيادىكى ئەڭ چوڭ خاككى...
●  بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ سا...
●  سىنپ مۇدىرلىرى يېتىلدۈر...
●  ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدىك...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە ئ...
●  سىنىپ مۇدىرى ھازىرلاشقا...
●  «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرى...
●  ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى