بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ماقالىلەر >> سىنىپ مۇدىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر

سىنىپ مۇدىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-23 13:32:49    كۆرۈلۈش سانى : 133  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
سىنىپ مۇدىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر    ئايتۇلان ئابدۇۋېلى، روشەنگۈل ئابدۇللا  (كېرىيە ناھىيىلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپتىن)   1. سىنىپ مۇدىرى كۈچلۈك تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش كېرەك.   سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ ياخشى - يامان بولۇشى پۈتكۈل مەكتەپكە، شۇنداقلا ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە تەرەققىي  قىلىشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ ساغلام تەرەققىي  قىلىشى، توغرا جامائەت پىكرىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە ئېسىل سىنىپ ئىستلىنى      تۇرغۇزۇش، سىنىپ مۇدىرىنىڭ كۈچلۈك تەشكىللەش ئىقتدارىغا مۇناسىۋەتلىك. سىنىپ مۇدىرى پەقەت ئۆزىگىلا تايىنىپ سىنىپنى تەشكىللەپ بولۇشى ناتايىن، شۇڭا تەشكىللەشنى، كوللېكتىپنى ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرالايدىغان، كوللېكتىپقا كۆيۈنىدىغان، ئىشنى ئەستايىدىل ئىشلەيدىغان، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق تەرەققىي  قىلغان، ساۋاقداشلار ئىچىدە بەلگىلىك ئابرۇيغا ئىگە، مۇئەييەن قابىلىيىتى بار ئوقۇغۇچىلاردىن سىنىپ كادىرلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنىڭ باشلامچىلىق ۋە ئاۋانگارتلىق رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىشى كېرەك.   2. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.   سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئالدىدىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئالاھىدە بىر دۇنيا، ئۇلارنىڭ ئويلايدىغانلىرى، ھېسسىياتلىرى، خاراكتېرى، كەيپىياتى، مىجەزى، ئىرادىسى، ئۆگىنىش مەقسىتى، پوزىتسىيىسى، ئۆگىنىشتىكى قىزغىنلىقى، ئۆگىنىش ئۈنۈمى، ئىدىيىۋى ھالەتلىرى، ئەخلاق - پەزىلىتى ئۆزىگە خاس بولىدۇ. شۇڭا سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنى مەقسەتلىك، پىلانلىق، ئەتراپلىق، كۆپ تەرەپتىن ئۇزاققىچە كۆزىتىش ۋە ھەر جەھەتتىن ئەستايىدىل، مەقسەتلىك سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق چۈشىنىش ئاساسىي ئورۇنغا قويۇلۇشى كېرەك.   3. سىنىپ مۇدىرى ئاتا - ئانىلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.   ھازىر كۆپ قىسىم ئاتا - ئانىلارنىڭ بولۇپمۇ چەت - يىراق يېزا - قىشلاقلاردىكى دېھقان - چارۋىچى ئائىلىلەرنىڭ مەكتەپكە بولغان تونۇشى ئايدىڭ ئەمەس. بالىلارغا بولغان تەربىيىسى يېتەرسىز. شۇنداق بولغاچقا >ئاتا - ئانىلار مەكتىپى< قۇرۇپ چىقىپ، ئائىلە باشلىقلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئارقىلىق، سىنىپ مۇدىرلىرى بىلەن مەكتەپ، جەمئىيەت، ئائىلە مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىنىپ مۇدىرى ئاتا - ئانىلارغا لاياقەتلىك ئاتا - ئانا بولۇشنىڭ شەرتلىرىنى ئىلمىي ئۇسۇل بويىچە شەرھلەپ، ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىم رولىنى ھەمدە مەكتەپ تەربىيىسى بىلەن ئائىلە تەربىيىسىنىڭ بىردەكلىكى توغرىسىدا ئەتراپلىق چۈشەنچە بېرىپ، ئاتا - ئانىلارنىڭ مائارىپقا بولغان تونۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.   4. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلاردا توغرا بولغان ئۆگىنىش كۆز قارىشىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.   بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردا دەرسلەرنى تۈرلەرگە ئايرىپ، ئاساسىي پەن، قوشۇمچە پەن دەپ قاراپ، ئاساسىي پەننىلا ئۆگەنسەك بولدى، قوشۇمچە پەنلەرنى ئۆگەنمىسەكمۇ بولىدۇ دەپ قارايدىغان؛ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار تەلەپچان، ھەيۋىسى كۈچلۈك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسلىرىنى ئۆگىنىپ، سەل يۇمشاق قول ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسلىرىنى ئۆگەنمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. شۇڭا سىنىپ مۇدىرى مەيلى ئاساسىي پەن دەپ قارىلىۋاتقان پەنلەر بولسۇن ياكى >زۆرۈر ئوقۇشلۇق پەنلىرى< بولسۇن، ھەر قايسى پەن دەرسلىرىنى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى، مەقسىتى، پەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئورنى، قوللىنىلىشى، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانلىرىدىكى قوللىنىشچانلىققا  بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى پەنلەرنى ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.   5. دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ياخشى ماسلىشىشى كېرەك.   كۆپ ھاللاردا سىنىپ مۇدىرى بايقىمىغان مەسىلىلەرنى باشقا دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بايقاپ قېلىشى مۇمكىن. ئوقۇغۇچىلاردا  ئادەتتە سىنىپ مۇدىرىدىن بەكلا  تەپتارتىپ، ئۆزلىرىدىكى قىسمەن يېتەرسىزلىكلىرىنى ئامال بار يوشۇرۇشتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت. دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن  قوبۇل قىلىپ، سىنىپ ئىچىدە بىرمۇ مەسىلە يوشۇرۇنۇپ قالماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ياخشى سىنىپ كوللېكتىپى قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ  سەرپ قىلىشى كېرەك.   6. سىنىپ يىغىنى جانلىق ئېچىلىش كېرەك.   سىنىپ يىغىنى سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيىۋى تەربىيە بېرىشتىكى مۇھىم تەشكىلىي شەكلى. بىر قېتىملىق ياخشى ئېچىلغان سىنىپ يىغىنى ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى چوڭقۇر تەربىيىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا سىنىپ يىغىنىنىڭ شەكلى كۆپ خىل، تەربىيىسىنىڭ مەقسىتى ئېنىق، قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئوتتۇرا - باشلانغۇچ...
●  [بىدار0903]ئاتىسىز ئۆ...
●  دونيادىكى ئەڭ چوڭ خ...
●  بالىلار ئويۇنلىرىن...
●  سىنپ مۇدىرلىرى يېت...
●  ماتېماتىكا ئوقۇتۇش...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ خىم...
●  سىنىپ مۇدىرى ھازىر...
●  «فىزىكىلىق شەكىل ن...
●  ئەدەبىيات دەرسخانا...
●  خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە ...
●  ئىدىيە - سىياسىي دە...
●  ئوبرازلىق ئوقۇتۇش ...
●  ئۇيغۇرقىزىغا لەنەت...
●  تەنتەربىيە دەرسىدە...
●  ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى...
●  <مۆمىننىڭ مومىغا چى...
●  ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسى...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ ئەد...
●  تەبىئىي پەنلەردە >...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكت...
●  [بىدار0903]ئاتىسىز ئۆتكەن ...
●  دونيادىكى ئەڭ چوڭ خاككى...
●  بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ سا...
●  سىنپ مۇدىرلىرى يېتىلدۈر...
●  ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدىك...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە ئ...
●  سىنىپ مۇدىرى ھازىرلاشقا...
●  «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرى...
●  ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى