بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ماقالىلەر >> سىنپ مۇدىرلىرى يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك زۆرۈر ساپالار

سىنپ مۇدىرلىرى يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك زۆرۈر ساپالار

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-01 15:10:27    كۆرۈلۈش سانى : 139  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
سىنىپ مۇدىرىلىق خىزمىتى — مەكتەپ تەلىم - تەربىيە، ئوقۇ - ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەم ھالقىلىق خىزمەتلەرنىڭ بىرى. بىر مەكتەپنىڭ سىنىپ مۇدىرلار قوشۇنى مۇكەممەل بولغاندىلا ئاندىن باشقا ساھەدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، تۆۋەندە مەن ئۇزۇن يىللىق سىنىپ مۇدىرىلىق تەجرىبىلىرىمگە ئاساسەن سىنىپ مۇدىرلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك بىر قىسىم زۆرۈر ساپالارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.    1. سىنىپ مۇدىرلىرىدا بەلگىلىك دەرىجىدە ئىدىيىۋى، سىياسىي ساپا بولۇش زۆرۈر.   سىنىپ مۇدرىنىڭ ئىدىيىۋى، سىياسىي ساپاسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەت يېتىلدۈرۈشىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەرەپ. سىنىپ مۇدىرى ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىلىنىشى شۇنداقلا بەلگىلىك نەزەرىيىۋى، ئەمەلىي قايىل قىلىش كۈچى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى تارىخىي ۋە رېئال پاكىتلار ئارقىلىق قايىل قىلىپ، ئۇلارنى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر ھەم جەمئىيەت ئەھۋالىدىن ئېنىق خەۋەردار قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتى ئارقىلىق ئۇلارنى تەسىرلەندۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقىي كۆيۈنۈپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ئىززەت ھۆرمىتىگە، ئىنسانىي ھوقۇق - مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھەقىقىي ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرلىق ئوبراز يېتىلدۈرۈشى لازىم.    2. سىنىپ مۇدىرىنىڭ كەسپىي ساپاسى   —  ئىقتىدارى بەلگىلىك دەرىجىدە ياخشى بولۇشى زۆرۈر.    ئوقۇغۇچىلار سىنىپ مۇدىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ بىلىملىك، قابىلىيەتلىك يول باشلىغۇچىسى، يېتەكچىسى، ھەممە تەرەپلەردە كامالەتكە يەتكەن ئۇستازى دەپ قارايدۇ. شۇڭا بەزى ئوقۇغۇچىلار يولۇققان  قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرنى جۈملىدىن ئىشلىيەلمىگەن تاپشۇرۇقلارنى، ئائىلىسىدە دۈچ كەلگەن ئايرىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى سىنىپ  مۇدىرىدىن مەسىلىھەت سورايدۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا سىنىپ مۇدىرى بولغۇچى ئوقۇغۇچىلارغا توغرا ۋە قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا سىنىپ مۇدىرى بىلمىگەنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشى، مەسلىھەت تەكلىپ بېرىشى، ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان تەرەپلىرىنى ماتېرىيال كۆرۈپ ياكى باشقىلاردىن ياردەم سوراپ ئاندىن جاۋاب بېرىشى لازىم. ھەرگىزمۇ خاتا، يالغان ياكى مۈجمەل جاۋاب بەرمەسلىكى كېرەك. خاتا جاۋاب بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى سوئالدىن ئۆتۈۋالغان بىلەن ماھىيەتتە ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يېتىدۇ. بۇ ھال سىنىپ مۇدىرىدا ئەتراپلىق كەسپىي ئىقتىدارنىڭ بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ.    3. سىنىپ مۇدرى ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر.    ئوقۇغۇچىلار ئۆز سىنىپ مۇدىرىنىڭ مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدا، جەمئىيەتتە ئىناۋىتى يۇقىرى دەپ قارايدۇ، ھەم شۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.    سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتلىرى، سەۋرچان، كەمتەر، سالماق خۇسۇسىيىتى — ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇلار سىنىپ مۇدىرىنىڭ ھەر بىر ئىش - ھەرىكىتىنى ئۆگىنىدۇ.            4. سىنىپ مۇدىرى   — ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىكىلىق خۇسۇسىيىتى ۋە ئۆزىگە خاس ئىندىۋىدۇئاللىقىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر.    بىرسىنىپتىكى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ  ئۆزىگە يارىشا مىجەز - خاراكتېرى بولىدۇ. شۇڭا سىنىپ مۇدىرى ئۇلارنىڭ ھەربىرسىنىڭ ئىچىكى مىجەز - خۇلقىنى كۆزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئەمەتنىڭ تايىقى بىلەن مەمەتنى ھەيدىمەسلىكى، قايسى ئوقۇغۇچى قانداق ئورۇندا، قانداق شارائىتتا قانداق تەربىيە ئىشلىسەم ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ دېگەننى كۆڭلىدە ئېنىق تۇرغۇزۇۋېلىشى لازىم.         5. سىنىپ مەلۇم دەرىجىدە ئادەم باشقۇرۇش سەنئىتىنى ئىگىلىشى زۆرۈر.    ئادەم باشقۇرۇش — بىرخىل سەنئەت. ئۇ سەنئەتتە بولۇپمۇ سىنىپ مۇدىرلىق سەنئىتىدە كومېدىيە بولۇشى كېرەككى ھەرگىزمۇ تراگېدىيە كۆرۈلمەسلىكى لازىم.   6. سىنىپ مۇدىرى ئۆزىدە چوقۇم كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى يېتىلدۈرۈشى زۆرۈر.   سىنىپ مۇدىرى   — مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرۇغان ياكى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلارنى سىنىپتا بالىلارغا يەتكۈزگەندىن كېيىن، شۇ ئىشنىڭ ئاخىرى چىققىچە سۈيلىشى، نەتىجىلەرنى، كۆرۈلەەن يېتەرسىزلىكلەرنى ۋاقتىدا خۇلاسە قىلىشى لازىم. ئۇنداق بولمايدىكەن ئوقۇغۇچىلار سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا دىققەت قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.   7. سىنىپ مۇدىرلىرىدا تازىلىق ئېڭى، پاكىزلىقنى سۆيۈش تەشەببۇسى بولۇشى زۆرۈر.   (چىرا ناھىيە چاقار يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)  غوجىئابدۇللا غوجىئەخمەت


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئوتتۇرا - باشلانغۇچ...
●  [بىدار0903]ئاتىسىز ئۆ...
●  دونيادىكى ئەڭ چوڭ خ...
●  بالىلار ئويۇنلىرىن...
●  سىنپ مۇدىرلىرى يېت...
●  ماتېماتىكا ئوقۇتۇش...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ خىم...
●  سىنىپ مۇدىرى ھازىر...
●  «فىزىكىلىق شەكىل ن...
●  ئەدەبىيات دەرسخانا...
●  خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە ...
●  ئىدىيە - سىياسىي دە...
●  ئوبرازلىق ئوقۇتۇش ...
●  ئۇيغۇرقىزىغا لەنەت...
●  تەنتەربىيە دەرسىدە...
●  ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى...
●  <مۆمىننىڭ مومىغا چى...
●  ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسى...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ ئەد...
●  تەبىئىي پەنلەردە >...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكت...
●  [بىدار0903]ئاتىسىز ئۆتكەن ...
●  دونيادىكى ئەڭ چوڭ خاككى...
●  بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ سا...
●  سىنپ مۇدىرلىرى يېتىلدۈر...
●  ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدىك...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە ئ...
●  سىنىپ مۇدىرى ھازىرلاشقا...
●  «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرى...
●  ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى