ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ماقالىلەر >> ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوغۇچىلىرىغا بولغان ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قانداق قىلى
ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوغۇچىلىرىغا بولغان ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قانداق قىلى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-29 10:12:47 كۆرۈلۈش سانى : 459
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوغۇچىلىرىغا بولغان ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك
گۈلھەسەل ئوبۇلھەسەن
(چىرا ناھىيە چاقار يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
ھازىر بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئىدىىيۋى سىياسىي تەربىيە پەقەت سىياسىيغا مەسئۇل رەھبەرنىڭلا ۋە سىياسەت دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىشى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى. شۇڭا ھەربىر ئوقۇتقۇچى ئۆزى بېرىۋاتقان دەرسنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئىدىيە - ئەخلاق تەربىيىسىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەكتەپ تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.
1. ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئاساسى. ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇشتا ئالدى بىلەن >ئالتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش< نى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ ۋە ئۇنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتىنىمىزنى، بەش خىل بايراقنى، دۆلەت گېربىنى، ئون ئىنقىلابىي شېئىرنى، ئۇلۇغ داھىيلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇشىمىز، ئۇلارنىڭ سەبىي قەلبىدە بۇ بىلىملەرنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشىمىز كېرەك.
2. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ ئاددىي چۈشىنىشلىك تىل بىلەن بۇ بىپايان زېمىندا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جاپا - مۇشەققەتتە بىرگە بولۇپ، بىللە ياشاپ، بىر - بىرىگە ياردەم بېرىپ، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بۈگۈنكىدەك ئۇلۇغ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ياراتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، ھەممە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.
3. غايە - ئېتىقاد تەربىيىسىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ >ماركسىزملىق بەش قاراش< ئىدىيىسى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئىلمىي دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، دىن بىلەن ئىلىم - پەننىڭ، ئىلمىيلىك بىلەن خۇراپاتلىقنىڭ، مەدەنىيلىك بىلەن نادانلىقنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ماركىسىزم، سوتسىيالىزمغا بولغان ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، ئوقۇغۇچىلارنى يۆنىلىشتىن ئاداشماي پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ جەمئىيەتكە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشىغا يېتەكلىشىمىز لازىم.
4. ئەخلاق تەربىيىسى ۋە قانۇن - تۈزۈم تەربىيىسىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ ئەخلاق تەربىيسىى ۋە قانۇن - تۈزۈم تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ ئۇلارنىڭ قانۇن - تۈزۈمگە رىئايە قىلىش، ئەدەپلىك، سەمىمىي بولۇش، ئىتتىپاق - ئىناق بولۇش ئاڭلىقلىقىنى ھەم كوللېكتىۋىزملىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن رادىئو تەشۋىقاتى ۋە قارا تاختاي گېزىتى تەشۋىقاتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەخلاقىي تەربىيە ۋە قانۇن - تۈزۈم تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.
5. ۋەزىيەت تەربىيىسىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش كېرەك. ۋەزىيەت تەربىيىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۇنيانى بىلىش ۋە دۆلەت ئەھۋالىنى چۈشىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا ۋەزىيەت تەربىيىسى ئارقىلىق دۇنيانى بىلىش دۆلەت ئەھۋالىنى چۈشىنىش، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز، ئۇلارغا ۋەتەننىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىشىمىز لازىم.
ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيىنىڭ ياخشى ئىشلىنىشى مەكتەپلەرنىڭ بىر پۈتۈن خىزمەتلىرىنىڭ ياخشى ئىشلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بىر خىزمەتتىن ئىبارەت. شۇڭا ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزىنى مەكتەپنىڭ بىر ئەزاسى، ئادەم تەربىيىلىگۈچىسى دەپ قاراپ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيىنى دەرس مەزمۇنىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈشى لازىم.
|
|