ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ماقالىلەر >> ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدىكى بىر قانچە ئۇسۇل توغرىسىدىكى قاراشلىرىم
ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدىكى بىر قانچە ئۇسۇل توغرىسىدىكى قاراشلىرىم
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-29 16:00:57 كۆرۈلۈش سانى : 322
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ماتېماتىكىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي پەننى ئۆگىنىش ۋە ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈش ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا پەنلەرنى ئىگىلىۋېلىشىدا زۆرۈر ياردەمچى ۋە ئاساس بولسىمۇ بىراق، نۆۋەتتە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشىدا، ئوقۇغۇچىلاردا ماتېماتىكا دەرسىگە قىزىقمايدىغان، ماتېماتىكا ئۆگىنىشتىن قاچىدىغان بۇ خىل پسخىكا مەۋجۇت. ئۇنى ئۆزگەرتىش تەتقىقات ئۈستىدىكى مەسىلە بولۇپ، مەن ماتېماتىكا دەرسىنى ئۆتۈش جەريانىدا ھېس قىلغان بىر قانچە ئۇسۇللارنى كەسىپداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
1. ئوقۇغۇچىلاردا ياخشى ئىدىيە - ئىستىل يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
يەنى، ئوقۇتۇشقا بىرلەشتۈرۈپ ئۇلاردا ئوقۇش مۇددىئاسى، مەقسىتى ۋە ماتېماتىكا پېنىنى ياخشى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتىنى، رېئال شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى، بىلىشنىڭ ماتېماتىكا پېنىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئەمەلىي پاكىتنى، ئەتراپتىكى شەيئى ۋە ئۇلارنىڭ ھالىتىنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق يېشىپ، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلەشكە، بىلىشكە، ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق شەيئى، ھادىسىلەرنى چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلاردا جىسىملارنىڭ ھالىتىنى بىلىشنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن باغلاپ ھېس قىلالايدىغان قىلىش لازىم.
2. ئوقۇغۇچىلاردا ماتېماتىكا پېنىگە قارىتا توغرا ئىدىيىۋى ئاڭ يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ئوقۇغۇچىلارنى ماتېماتىكىلىق ئانالىز ۋە كۆزىتىش ئۇسۇلى بويىچە شەيئىلەردىكى سان - مىقدار مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىشقا يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلاردىكى پاسسىپ، ياتلىشىش ھادىسىسىنى، ئاكتىپ قىزىقىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
3. ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل، شەيئىلەرنىڭ ماتېماتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى ئانالىز قىلىپ يېشىش جەريانى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار شەيئى ۋە جىسىملارنىڭ سان - مىقدار مۇناسىۋىتى ۋە ماتېماتىكىلىق ئۇچۇرنى ئانالىز قىلىش، شەيئىلەرنىڭ لوگىكىلىق قانۇنىيىتى ۋە سان - مىقدار مۇناسىۋىتىنى كۆزىتىش، بىلىش جەريانىدا توغرا ئۇسۇل شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بۇ ئۇسۇل مۇقەررەركى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكىغا ئىشتىياق باغلاش، ماتېماتىكىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرنى تۇرغۇزۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
4. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆز ساپاسىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
ئوقۇ - ئوقۇتۇش پۈتكۈل مائارىپ خىزمىتىنىڭ ئاساسى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئۆزلەشتۈرۈشى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ساپاسى دىئالېكتىك باغلىنىش مۇناسىۋىتىگە ئىگە. ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىم ئىقتىدارى، بىلىم ئاساسى، دەرس مېتودى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگىلەش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن، ياخشى ياكى ناچار بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
5. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق رولىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ئوقۇتقۇچى تۈرلۈك ئامىللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىكىلىق جەھەتتىكى توسالغۇسىنى تۈگىتىش بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋى ھالىتىنى چۈشىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشكە يېتەكلەش ئارقىلىق ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىش، ئانالىز قىلىپ، يېشىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا يەنە تىپىك مىساللارنى كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى يېشىش، تەشكىللەش، دەرس ئارىلىقى ۋە دەرستىن كېيىنكى مەشىق ۋە ئورۇنلاشتۇرغان تاپشۇرۇقنىڭ قاراتمىلىق بولۇشىغىمۇ تولۇق ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
(خوتەن ناھىيە لايقا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن) ساتتار ئىمىن
|
|