بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> فانتازىيىلىك ئەسەرلەر >> ئاينى ئايلىنىش(فانتازىيىلىك رۇمان)

ئاينى ئايلىنىش(فانتازىيىلىك رۇمان)

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-14 00:01:27    كۆرۈلۈش سانى : 467  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ئاينى ئايلىنىش ژۇلى ۋېرىن «يەر شارىدىن ئاي شارىغا» ناملىق رۇماننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى 1-باب   كەچ سائەت ئوندىن يىگىرمە مىنۇت بىلەن قىرىق يەتتە مىنۇت ئارىلىقىدا سائەت ئونغا يېقىنلاشتى. مېچىل ئاردان، باربىكان ۋە نىكول يەر شارىدا قالىدىغان دوستلىرى بىلەن خوشلاشتى. ئاي شارى ئاتموسفېراسىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئىككى ئىت ئېتىلىدىغان جىسىم ئىچىگە سېلىپ قويۇلغان ئىدى. ئۈچ نەپەر سەيياھ چۇيۇندىن قۇيۇلغان غايەت زور زەمبىرەكنىڭ ئاغزىغا كېلىشتى. ھەرىكەتچان كران ئۇلارنى ناھايىتى تېزلا تۆۋەندىكى كۇنىسسىمان زەمبىرەك ئوقىنىڭ چوققۇسىغا يەتكۈزدى. زەمبىرەك ئوقىنىڭ ئۈستىگە ئالاھىدە بىر تۆشۈك ئېچىلغان بولۇپ بۇ تۆشۈك ئارقىلىق ئاليۇمىن ئوق ۋاگوننىڭ ئىچىگە كىرگىلى بولاتتى. ھەرىكەتچان كىراننىڭ سېرىلما تەگلىكى كولومبىيە زەمبىرىكىنىڭ ئېغىزىدىن ئېلىپ كىتىلدى، كەينىدىنلا ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم تاختىپەرلەر سۆكۈپ تاشلاندى. ساياھەتچىلەر ئوق ۋاگون ئىچىگە كىرگەندىن كىيىن، نىكول دەرھال ناھايىتى پۇختا مېتال تاختاي بىلەن كىرىش ئېغىزىنى ئېتىپ تاشلىدى. بۇ مېتال تاختاي ۋاگون ئىچىدىن ناھايىتى پۇختا ۋېنتىلار بىلەن مۇقۇملاشتۇرۇلاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا بۆلۈمچىنىڭ سۈزۈك ئەينەكى ئۈستىگىمۇ مۇشۇنداق مېتال تاختاي بېكىتىلگەن ئىدى. شۇڭا ھىم ئېتىلگەن بۆلمىنىڭ ئىچىگە قامالغان بۇ ئۈچ نەپەر سەيياھ تۇيۇقسىز قاراڭغۇلۇق ئىچىگە بەند قىلىندى. - قەدىرلىك دوستلار،- دېدى مېچىل ئاردان، - ئەمدى ئۆز ئۆيىمىزدە تۇرۋاتقاندەك بولۋاتىمىز. مەن بۇ يەرگە ئامراق. مەن ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشقىمۇ ناھايىتى ماھىر. مېنىڭچە ئۆزىمىزنىڭ يېڭى تۇرالغۇسىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز كېرەققۇ دەيمەن. شۇنداق بولغاندىلا ھەممەيلەن ئازادىلىك ھېس قىلىمىز. - ئالدى بىلەن بىز چىراغنى يىقىشىمىز كېرەك،- دېدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،- گفز لامپا قارغۇ چاشقان ئۈچۈن ياسالمىغاندە. شۇ يەرگە كەلگەندە بۇ ھىچنىمىدىن غەم قىلمايدىغان كىشى ئايىقىنىڭ ئاستىغا بىر تال سەرەڭگىنى سۈركەپلا ياندۇردى –دە، ئوت يالقۇنىنى ھىم قاچا ئۈستىگە مۇقۇملاشتۇرۇلغان گاز لامپىغا يېقىنلاشتۇردى. بۇ بىر خىل يۇقىرى بىسىملىق ھىم توڭ بولۇپ، ئىچىگە كۆمۈر گازى بىلەن خلور گازىنىڭ ئارىلاشمىسى قاچىلانغان ئىدى. بۇ گاز ئارىلاشمىسى زەمبىرەك ۋاگون ئىچىنى 144 سائەت، يەنى ئالتە كېچە – كۈندۈز يورۇتۇش ۋە ئىسىنىشقا يېتەتتى. گاز لامپىغا ئوت تۇتۇشىشى بىلەنلا زەمبىرەك ئوقىنىڭ ئىچىنى يۇپ - يورۇق قىلۋەتتى. ۋاگون ئىچى خۇددى چىرايلىق بېزەلگەن ھوجرىغا ئوخشايتتى. تامغا يۇمشاق سىلىنچا ئورنىتىلغان، تام يېنىغا بىر يومۇلاق سافا قويۇلغان بولۇپ، ئوقنىڭ يۇمىلاق ئۆگزىسى خوددى قەلئەنىڭ يومۇلاق تورۇسىغا ئوخشايتتى. ۋاگون ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەر، قورال – سايمانلار، ئۈسكۈنىلەر، قاچا – قۇچىلارنىڭ ھەممىسى تامغا سىپتا بېكىتىلگەن بولۇپ، زەمبىرەك ئوقى قويۇپ بېرىلگەندىكى سوقۇلۇش كۈچىگە بەرداشلىق بېرەلەيتتى. قىسقىسى، ئىنسانىيەت قىلالايدىغانلىكى بارلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەممىسى بۇ قېتىمقى قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان بۈيۈك سىناقنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىدى. مېچىل ئاردان ھەممە نەرسىنى بىر قېتىم تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىققاندىن كىيىن، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ناھايىتى رازى بولغانلىقىنى ئېيتتى. - بۇ بىر تۈرمىگە ئوخشايدۇ، - دېدى ئۇ، - ئەمما ئۇ ساياھەت قىلىشقا بولىدىغان تۈرمە. شۇنداقلا بۇرنىڭنى دىرىزىدىن سىرتقا چىقىرالايدىغان ھوقوقۇڭمۇ بار. مەن راستىنلا بۇ يەرنى يۈز يىللىق ئىجارىگە ئېلىش توختىمى تۈزۈشنى ئويلاۋاتىمەن، كۈلىسىزغۇ باربىكان ئەپەندىم، سىز نىمىنى ئويلاۋاتىسىز؟ بۇ تۈرمە بىزنىڭ گۆرىمىز بولۇپ قىلىشى مۇمكىن دېمەكچىمۇ سىز. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى مەن ھېچنېمىگە تەڭ قىلمايمەن. مېچىل ئاردان مۇشۇنداق پىكىر قىلىۋاتقان ۋاقىتتا باربىكان بىلەن نىكول ئاخىرقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتاتتى. ئۈچ نەپەر سەيياھ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم زەمبىرەك ئوقى ئىچىگە قامالغان ۋاقىتتا، نىكولنىڭ ئاۋىئاتسىيە ۋاقىت سائىتى دەل كەچ سائەت ئوندىن يىگىرمە مىنوتنى كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ سائىتى بىلەن ئىنژېنېر ماچسون ئەپەندىنىڭ سائىتى بىلەن توغۇرلانغان بولۇپ، پەقەت ئوندىن بىر سىكونتلىق خاتالىق پەرقى بار ئىدى. باربىكانمۇ سائىتىگە قاراپ قويدى. - دوستلار، - دېدى باربىكان، - ھازىر ۋاقىت كەچ سائەت ئوندىن يىگىرمە مىنۇت ئۆتتى. ئوندىن قىرىق يەتتە مىنۇت ئۆتكەندە، ماچسون ئەپەندى ئېلېكتر سىمى ئارقىلىق كولومبىيە زەمبىرىكىنىڭ ئوتىنى تۇتاشتۇرىدۇ. بىز شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ يەر شەرىدىن ئايرىلىمىز. دېمەك، يەر شارىدىكى ۋاقتىمىز يىگىرمە ئالتە مىنۇت قالدى. -يىگىرمە ئالتە مىنۇت ئوتتۇز سېكۇنت،- دېدى نىكول. - ناھايىتى ياخشى، - دېدى مېچىل ئاردان كۆتۈرەڭگۈ ئاۋازدا، - 26 مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە خېلى كۆپ ئىشلارنى قىلىۋالغىلى بولىدۇ. بىز ئەڭ مۇھىمى ئەخلاقمۇ ياكى سىياسىمۇ دېگەندەك مەسلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلىپ ئۈلگۈرىمىز، ھەتتا ساقلانغان مەسلىلەرنىمۇ بىر تەرەپ قىلۋىتەلەيمىز. بۇ ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانساق 26 يىل ئىچىدە ئورۇنلاشقا بولىدىغان ئىشلارنىمۇ قىلىۋەتكىلى بولىدۇ. پاسكال ياكى نىيوتوننىڭ بىر نەچچە سېكۇنت ۋاقتى بىر توپ بىكار تەلەت كىشىلەرنىڭ پۈتكۈل ئۈمرىدىن قىممەتلىك. - بۇ سىزنىڭ ھۆكۈمىڭىزما؟ سۆزمەن ئەپەندىم- سورىدى رەئىس باربىكان. - مىنىڭ ھۆكۈمۈم بىزنىڭ 26 مىنۇت قالغانلىقى، - دەپ جاۋاب بەردى ئاردان. - پەقەت 24 مىنۇت قالدى، - دېدى نىكول. -ئەگەر شۇنداق دەپ تۇرۋالسىڭىز، بوپتۇ 24 مىنۇت بولسۇن، مۆھتەرەم كاپىتان،- دېدى ئاردان، - بىز 24 مىنۇت ئىچىدە قانغۇدەك مۇلاھىزە قىلالايمىز. - مېچىل، - دېدى باربىكان، - ساياھەت جەريانىدا يولۇققان بارلىق ئەڭ زور قىيىنچىلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىشقا ۋاقتىمىز يىتىپ ئاشىدۇ. شۇڭا ھازىر يولغا چىقىشقا تەييارلانغىنىمىز تۈزۈك. - بىز تەييارلىنىپ بولدۇققۇ؟ - ئەلۋەتتە، ئەمما بىر قىسىم ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئىشلەپ، بىرىنچى قېتىملىق سوقۇلۇشنىڭ تەسىرىنى يىنىكلەتمەي بولمايدۇ. - بىزنىڭ ئاسان پارچىلىنىدىغان ماتىرياللارنىڭ ياسالغان سۇ چىقىرىش قۇرۇلمىمىز بار ئەمەسمىدى، سۇنىڭ ئىلاستىكىلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىمىزنى قوغدىيالايتتۇق ئەمەسمۇ. - شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مېچىل، - دېدى باربىكان پەس ئاۋازدا، - ئەمما مەن ئونۇڭغا تولۇق ھۆددە قىلالمايمەن. - چاقچاق قىلماڭ، - دېدى مېچىل، - ئەمدى بولغاندا شۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن، ھۆددە قىلالمايمەن دىگىنىڭىز نېمىسى؟... ھە، ئەسلى ئۇ بىزنى مەقسەتلىك ھالدا بۇ قەپەسنىڭ ئىچىگە سولاپ قويۇپ ئەمدى بولغاندا بۇ شۇم خەۋەرنى يەتكۈزۋاتىدۇ. مەن چىكىنىمەن. - قانداق چىكىنمەكچىسىز،- دېدى باربىكان رەدىيە بېرىپ. - ھەي، مۇمكىن ئەمەستە،- دېدى مېچىل ئاردان، - ھەقىقەتەن تەس بولۋاتىدىغۇ، بىز پويىزغا چىقىپ بولدۇق، 24 مىنوتتىن كىيىن پويىز شوپۇرى يولغا چىقىش گۈدىكىنى چالىدۇ دېگەن گەپ. - 20 مىنۇت، - دېدى نىكول. - ئۈچ نەپەر سەيياھ بىر بىرىگە قارىشۋالدى. ئارقىدىنلا زەمبىرەك ئوقى ئىچىدىكى نەرسىلەرگە بىر قۇر كۆز يۈگرۈتتى. - ھەممە نەرسە تەق بولدى، - دېدى باربىكان، - ھازىر بىز قانداق ھالەتتە تۇرغاندا سوقۇلۇش كۈچىگە بەرداشلىق بېرەلەيمىز دېگەن مەسىلىگە يولۇقتۇق. چۈنكى بۇ ناھايىتى مۇھىم. بەدىنىمىزدىكى قاننىڭ بىراقلا مىڭىگە بۈسۈپ كىرىشدىن ساقلانماي بولمايدۇ. - ناھايىتى توغرا، - دېدى نىكول قۇۋۋەتلەپ. - بولىدۇ، بىز سىرىك ئۈمۈكىدىكى ھەييار قىزىقچىغا ئوخشاش يىڭناغۇچتەك تىك تۇرايلى. مېچىل بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ بىر تەرەپتىن قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئۆلگە كۆرسەتتى. - بولمايدۇ، - دېدى باربىكان، - بىز يەردە تەكشى يىتىشىمىز كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئەڭ زور دەرىجىدە سوقۇلۇش كۈچىگە بەرداشلىق بېرەلەيمىز. دىققەت قىلىڭلار، زەمبىرەك ئوقى قويۇپ بېرىلگەن ۋاقتنىڭ ئۆزىدە بىز ئوقنىڭ ئىچىدە ياكى ئالدىدا تۇرايلى، ئېلىپ كېلىدىغان زەربىسىنىڭ ئانچە چوڭ پەرقى يوق. - پەقەت ۋە پەقەت پەرقى يوقتەكلا كىچىك ئىش بولسا خاتىرجەم بولاتتىم،- دەپ گەپنىڭ بېلىگە تەپتى مېچىل ئاردان. - سىز مىنىڭ پىكرىمگە قوشۇلامسىز نىكول، - سورىدى باربىكان. -  پۈتۈنلەي قوشۇلىمەن، - دېدى كاپىتان جاۋاب بېرىپ، - يەنە 13 مىنۇت ۋاقتىمىز قالدى. - بۇ نىكول ئەپەندىم ھەي، ئادەمدەك گەپ قىلمايدۇ – دە. – دېدى مېچىل چوڭ ئاۋازدا، - خوددى تەۋرىنىش بولقىسى بار سائەتنىڭ ئۆزىلا... ئەمما ھەمراھلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى. ئۇلار تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر خىل تەمكىنلىك بىلەن ئەڭ ئاخىرقى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلماقتا ئىدى. ئۇلار ئىككىسى خوددى تەرتىپلىك ئولتۇرغان يولۇچىلاردەك، ئامالنىڭ بېرىچە سەپىرىنى كۆڭۈللۈك داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىنۋاتاتتى. ھەقىقەتەن، بۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ يۈرۈكىنىڭ قانداق ماتىريالدىن ياسالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى، قارىماققا ئەڭ قورقۇنچلۇق خەتەرگە يولۇققاندىمۇ ئۇلارنىڭ تۇمۇرى بىر قىتىممۇ ئارتۇق سوقمايتتى. ئوق ۋاگون ئىچىگە چىداملىق كارىۋات تەگلىكى ئورنىتىلغان بولۇپ، نىكول بىلەن باربىكان ئۇلارنى ئوقنىڭ ئىچىدىكى ھەرىكەتچان پولنىڭ مەركىزىگە ئېلىپ كەلدى. يولغا چىقىشتىن بىر نەچچە مىنۇت ئىلگىرى ئۈچ نەپەر تەۋەككۈلچى چوقۇم مۇشۇ كارىۋات تەگلىكىدە تەكشى يىتىشى كېرەك ئىدى. شۇ ۋاقىتتا، ئاردان بىردەممۇ تىنچ تۇرمىدى. ئۇ خوددى قەپەس ئىچىگە قامالغان ياۋايى مەخلۇقتەك، كىچىككىنە بوشلۇق ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرەتتى. ھېلى ئىككى دوستىغا گەپ قىلاتتى، ھېلى ھىلقى ئىككى ئىت دىئاننا بىلەن ھەمراھقا گەپ قىلاتتى. كۆرۋىلىشقا بولىدىكى، ئۇ بايا بۇ ئىككى ئىتقا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىسىم قويغان ئىدى. ئۇ بىردەم ئۇلارنىڭ ئىسمىنى چاقسا، بىردەم ئەركىلىتەتتى. - سىلەر ئاي شارى ئىتلىرىنىڭ ئالدىدا كارامىتىڭلارنى كۆرسىتىشىڭلار كېرەك. بۇ سىلەرنىڭ شەرىپىڭلار. ئەگەر يەر شارىغا قايتىش زۆرۈر بولۇپ قالسا چوقۇم بىر شالغۇت ئاي ئىتىنى بىللە ئېلىپ كىلىمىز. ھا... ھا... - ئايدا ئىت بولسا ئاندىن بولار، دېدى باربىكان. - ئەلۋەتتە بار، - دېدى مېچىل ئاردان قىلچە گۇمانلانمىغان ھالدا، - خوددى ئايدا ئات، سىيىر، ئېشەك، مىكيان بولغىنىغا ئوخشاش. تىكىشەيلى، بىز چوقۇم ئايدىن مىكىيان تاپالايمىز. - ئەگەر ئايدىن مىكىيان تېپىلمىسا مەن يۈز دوللار تىكىمەن، دېدى نىكول. - كىلىشتۇق، كاپىتان ئەپەندىم، - دېدى ئاردان غالىبلارچە قولىنى ئوزۇتۇپ، - ئەمما تىكىشىشنى تىلغا ئالسىڭىز سىز ئۈچ مەرتەم تىكىپ بىزنىڭ رەئىسكە يىڭىلىپ قالدىڭىز. چۈنكى، بۇ ئىلمىي سىناق ئۈچۈن كېرەكلىك مەبلەغ ئاللىبۇرۇن تەييارلىنىپ بولغان. زەمبىرەك قويۇش ئوڭۇشلۇق تاماملانغان، كولومبىيە زەمبىرىكىگە پورۇخ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. جەمئىي 6000 دوللار. - شۇنداق،- دېدى نىكول.- ھازىر ۋاقىت 10دىن 37 مىنۇت ئۆتتى. - دېمەك، كاپىتان، يەنە بىر چارەك ۋاقىت ئۆتسە سىز رەئىسكە يەنە 9000 دوللار تاپشۇرۇشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە 4000 دوللىرى زەمبىرەكنىڭ پارتىلاپ كەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، قالغىنى زەمبىرەك ئوقىنىڭ ئالتە مىلدىن يۇقىرى كۆتۈرلىيەلىگەنلىكى ئۈچۈن. - پۇل تەق قىلىغلىق، - دېدى نىكول يانچۇقىنى سىيلاپ قويۇپ، - مەن پەقەت پۇل تاپشۇرۇشنى كۈتۈپ تۇرۋاتىمەن. - بەك ياخشى بولدى نىكول، - مېنىڭ قارىشىمچە، سىز ناھايىتى لەۋزىدە تۇرىدىغان قائىدىلىك ئادەم ئىكەنسىز. مەن بىر ئۈمۈر سىزنى دوراپ بولالمايمەن. ئەمما، سىزنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق تىكىشىڭىز ھەر ئىككىلا تەرەپكە پايدىسىز. مەن سىزگە ئېيتىپ بېرەي. -نېمىشقا؟، - سورىدى نىكول. - چۈنكى، سىز بىرىنچى قېتىم غەلىبە قىلىپ كولومبىيە زەمبىرىكى پارتىلاپ كەتسە، ئۇنداقتا رەئىس باربىكانمۇ بۇ يەردە سىزگە پۇل بېرەلمەيدۇ. - مېنىڭ تىككەن پۇلۇم بالتىمور بانكىسىدا ساقلاقلىق، - دېدى باربىكان ياۋاشلىقچە جاۋاب بېرىپ، - نىكول بولمىغان تەقدىردىمۇ مېنىڭ تىككەن پۇلۇم ئۇنىڭ مىراسخورىغا بېرىلىدۇ. -ھە، ھەر ئىككىڭلار ئەمىليەتچىل ئىكەنسىلەر، - دېدى مېچىل ئاردان، - بۇ خىل ھەقىقەتنى ئەمىليەتتىن ئىزدەش روھىغا مەن ھەقىقەتەنمۇ قايىل، شۇنداقلا چۈشەنمەيمەن. - ئوندىن 42 مىنۇت ئۆتتى،- دېدى نىكول. - بەش مىنۇت  قالدى، - قوشۇپ قويدى باربىكان. - شۇنداق، پەقەت قىسقىغىنا بەش مىنۇت ۋاقىت قالدى، - دېدى مېچىل ئاردان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - بىز ھازىر بىر پاي زەمبىرەك ئوقىنىڭ ئىچىگە بەند قىلىندۇق. ئوق يەنە 900 فوت چوڭقۇرلۇقتىكى زەمبىرەك ئىستىۋولىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئوقنىڭ تېگىگە يەنە 400 مىڭ قاداق- يەنى بىر مىليون 600 مىڭ قاداق ئېغىرلىققا تەڭ ئادەتتىكى پاتلىتىش دورىسىغا پروكسىلىن دورىسى قويۇلغان. دوستىمىز ماچسوننىڭ كۆزى قولىدىكى سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسىغا تىكىلگەن، بىر قولى ئېلېكتر كۇنۇپكىسىغا قويۇلغان. ۇ بىر سېكۇنت، بىر سىكونتتىن ۋاقىت ھىسابلىماقتا. بىزنى ھازىرلا يۇلتۇزلۇق ئاسمان بوشلىقىغا ئېلىپ چىقماقچى. - بولدى، مېچىل، يېتەرلىك بولدى،- دېدى باربىكان كەسكىن ئاۋازدا، - ئەمدى تەييارلىنايلى. زەپەر پەيتىگە ئازلا ۋاقىت قالدى. كېلىڭلار، قول تۇتۇشايلى دوستلار. - ياخشى، - ۋارقىرىدى مېچىل، ئۇ ناھايىتى ھاياجانلانغان ئىدى. ئۈچ نەپەر دوست ئاخىرقى قېتىم قۇچاقلاشتى. - تەڭرى بىزنى ساقلىسۇن،- دېدى باربىكان پەس ئاۋازدا. ئاردان بىلەن نىكول ھەرىكەتچان تاختىنىڭ مەركىزىدىكى كارىۋات تەگلىكىگە كېلىپ ياتتى. -10 دىن 16 مىنۇت،- دېدى كاپىتان ئاستا. يەنە 20 سېكۇنت! باربىكان گازلامپىنى ناھايىتى تېز ئۈچۈرۋەتتى ھەم دوستلىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ ياتتى.   جىمجىتلىق، پەقەت سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ ۋاقىت ھىساپلىغان ئاۋازىلا ئاڭلىناتتى. تۇيۇقسىز قورقۇنچلۇق بىر تەۋرىنىش يۈز بەردى. زەمبىرەك ئوقى پىروكسىلىن دورىسىنىڭ كۈيىشىدە ھاسىل بولغان ئالتە مىليارد لېتىر گازنىڭ بېسىمى بىلەن ئاسمان بوشلۇقىغا قاراپ ئۇچتى. تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان 2008.11


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئاينى ئايلىنىش(فان...
●  يەر شارىدىن ئاي شار...
●  قورچاق خۇجايىن (ئىل...
●  ئىككى يۈز ياشلىق ﯪﺩﻩﻡ...
●  يۇلتۇز نۇرى
●  قۇياشقا خىيانەت قى...
●  غەيرىي بالا
●  ھەقىقىي سۆيگۈ
●  ھەممىگە قادىر ماشى...
●  ئۇچۇر چەۋەنداز ۋە م...
●  ﻣﺎﺭﺱ ﻣﻪﻟﯩﻜﯩﺴﻰ (ﻓﺎﻧﺘﺎﺯﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺭﯗﻣﺎﻥ1)...
●  قارا ساندۇق
●  ﯪﺩﻩﻣﺴﯩﻤﺎﻥ ﻣﺎﻳﻤﯘﻥ(ﯲﻣﻪﺭ ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ)...
●  ماسلىشىش (ئىلمىي فا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئاينى ئايلىنىش(فانتازىي...
●  يەر شارىدىن ئاي شارىغا (...
●  قورچاق خۇجايىن (ئىلمىي ف...
●  ئىككى يۈز ياشلىق ﯪﺩﻩﻡ
●  يۇلتۇز نۇرى
●  قۇياشقا خىيانەت قىلغۇچى
●  غەيرىي بالا
●  ھەقىقىي سۆيگۈ
●  ھەممىگە قادىر ماشىنا
●  ئۇچۇر چەۋەنداز ۋە ماشىن...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى