بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> فانتازىيىلىك ئەسەرلەر >> يۇلتۇز نۇرى

يۇلتۇز نۇرى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-09 00:14:12    كۆرۈلۈش سانى : 130  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
يۇلتۇز نۇرى (ئىلمىي فانتازىيىلىك ھېكايە) ئەيساك ھاشىموف (ئامېرىكا) (مەزكۇر تەرجىمىنى ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ئېھتىرام بىلەن بېشىلايمەن) ئارتور ترېنت تىڭشىغۇچنى قولىغا ئېلىشىغا غەزەپلەنگەن ئاۋازلار خوددى پىلىموت ئوقىدەك ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىدى: - ترېنت، سەن قېچىپ كېتەلمەيسەن! ئىككى سائەتتىن كىيىن بىزنىڭ ئوربىتىمىز ئۆزئارا كىسىشىدۇ. ئەگەر قارىشلىق قىلماقچى بولساڭ سېنى ئالەم بوشلۇقىدىن قوغلاپ چىقىرىمىز. ترېنت كۈلۈپ قويدى. ئۇنىڭ قورالى يوق ھەم ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇشمۇ بىھاجەت. ئىككى سائەتكىچە ئۇچار كېمە تاشقى ئالەم بوشلۇقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇلار ترېنتنى مەڭگۈ تاپالمايدۇ. ئۇچا كېمىدە بىر كىلوگرامغا يېقىن كرىلئوم بار بولۇپ نەچچە مىڭ دانە ماشىنا ئادەمنىڭ مېڭە سىستېمىسىنى ياساپ چىقىشقا يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نەچچە ئون مىليون ئامانەت پۇل ئۇنىڭ گەيلاس يۇلتۇز سېستىمىسىدىكى خالىغان بىر سەييارىدە بايقالماي خەجلىشىگە يىتىپ ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى قېرى بۇللىنمىل پىلانلىغان سۇيىقەست بولۇپ، ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇز يىل، بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلغان بۇلىشى مۇمكىن. پۈتۈن يۈرەك قىنىنى سەرپ قىلدى دېيىشكە بولىدۇ. - بىز قېچىپ كىتەيلى، ياش يىگىت، - دېگەن ئىدى ئۇ ئىلگىرى، - بۇ مېنىڭ سىزنى ئىزدەپ كىلىشىمنىڭ سەۋەبى. سىز ئۇچار كېمىنى ھەيدەپ ئالەم بوشلۇقىغا كىرەلەيسىز، ئەمما مەن قىلالمايمەن. - ئۇچار كېمىنى ئالەم بوشلۇقىغا ئاپىرىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، بۇللىنمىل ئەپەندىم،- دېدى ترېنت، - بىز يېرىم كۈنگە قالماي تۇتۇلۇپ قالىمىز. - خاتالاشتىڭىز، - دېدى بۇللىنمىل مۇغەمبەرلىك بىلەن، - ناۋادا بىز تاشقى ئالەمدىن ھالقىپ بىر نەچچە نۇر يىلى يىراقلىققا بېرۋالساقلا ھېچ ئىش بولمايدۇ. - بۇنىڭغىمۇ يېرىم كۈن كېتىدۇ. بىز ھەرقانچە ئېھتىيات قىلغان تەقدىردىمۇ ساقچىلار بارلىق يۇلتۇز سېستىمىسدىكى ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىدۇ. - ياق، ترېنت، ئۇنداق ئەمەس، - دېدى قېرى بوۋاي ترېنتنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇ ھاياجاندىن تىترەيتتى، - بارلىق يۇلتۇز سىستېمىسى ئەمەس، پەقەت يېقىن ئەتراپتىكى 12 قوشنا يۇلتۇز سىستېمىسى خالاس. گەيلاس يۇلتۇز سىستېمىسى ناھايىتى چوڭ، ئۆتكەنكى 50 يىلدىن بۇيان كۆچمەنلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. ئۇ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەۋىرىپ بىھۇدە خىياللار قاينىمىغا غەرق بولۇپ كەتتى. ھازىرقى گەيلاس يۇلتۇز سىستېمىسى تارىختىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ئىنسانلار ئولتۇراقلاشقان سەييارنىڭ(كىشىلەر ئۇنى يەر شارى دەپ ئاتىشاتتى) سىرتقى شەكلى بىلەن ئوخشاش. گەرچە ھەممە چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئادەم بولسىمۇ ئەمما ھەر بىر قەبىلە پەقەت ئۆزىگە ئەڭ يېقىن بولغان كىچىككىنە يەرنىلا بىلەتتى. - ناۋادا تەلىيىمىز ئوڭدىن كەلسە، - دېدى بۇللىنمىل، - بىز ھەتتا 50 مىڭ نۇر يىلى سىرتىدىكى بىرەر جايغا بارالايمىز. بۇ خۇددى ئاقار يۇلتۇزلار ئارىسىدىن بىر تال قۇم دانچىسىنى ئىزلىگەندەك ئىش بولۇپ ئۇلار بىزنى ھەرگىز تاپالمايدۇ. ترېنت بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى: - يولدىن ئادىشىپ قالىمىز، بىز بۇنداق تەۋەككۈل قىلىپ ئولتۇراقلىشىشقا مۇۋاپىق سەييارە ئىزلىمەسلىكىمىز كېرەك. بۇللىنمىل ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن ئەتراپنى ئىنچىكە كۆزۈتۈپ چىقتى. ئەتراپتا ئادەم يوق بولسىمۇ ئۇ پىچىرلاپ دېگۈدەك تۆۋەن ئاۋازدا سۆزلەيتتى: مەن 30 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ گەيلاس يۇلتۇز سېستىمىسىدىكى ئولتۇراقلىشىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان بارلىق سەييارىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلىدىم، بارلىق خاتىرىلەرنى كۆرۈپ چىقتىم. بۇ جەرياندا نەچچە مىڭ نۇر يىل ئارىلىقتا پايپېتەك بولۇپ يۈردۈم. باسقان مۇساپەم ھەرقانداق بىر ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ مۇساپىسدىنمۇ ئۇزۇن. ھەر بىر تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مۇۋاپىق سەييارىنىڭ ئورنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى كومپيۇتېرنىڭ ئىچىگە ساقلانغان. ترېنت تۇلۇپ – تاشقان قايىللىق بىلەن كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ئۇنىڭغا قارىدى. - مېنىڭدە ئۆزۈم لايىھىلىگەن دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى كومپيۇتېر بار. مەن گەيلاس يۇلتۇز سېستىمىسىدىكى ھەر بىر تال تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئېنىق ئورنىنى مۇقۇملاپ چقتىم. بۇلارنىڭ ئىچىدە نۇر سپېكترى F، B، A بولغانلىرى، يەنە O بولغانلىرىمۇ بار. بۇلارنىڭ ھەممىنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزدۈم. باشقا يۇلتۇز سېستىمىسىغا ئاتلىما ھالقىغاندىن كىيىن كومپيۇتېر ئاپتوماتىك سپېكتروسكوپنىڭ ئالەمنى سىكاننىرلاش نەتىجىسى بىلەن ساقلىنىۋاتقان گەيلاس سىستېمىسىنىڭ گىرافىكىنى ئۆزئارا سىلىشتۇرىدۇ. ماس كېلىدىغان سەييارىنى تاپسىلا (ئۇ ھامان تاپالايدۇ)،  ئۇچار كېمىنىڭ ئالەمدىكى ئورنىنى بەلگىلەپ، ئىككىنچى قېتىم ئاپتوماتىك ھالدا ھالقىش پەيدا قىلىپ ئۇچار كېمىنى ئەڭ يېقىن ئارىلىقتىكى ئولتۇراقلىشىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان سەييارىگە باشلايدۇ. - ئاڭلىماققا بەك مۇرەككەپكەن. - خاتىرجەم بولۇڭ. مۇشۇ يىللاردا مەن پۈتۈن زېھنىمنى بۇ ئىشقا ئاتىۋەتتىم، ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ. مەن يەنە ئون يىل مىليونېر بولالىشىم مۇمكىن. ئەمما سىز تېخى ياش، تېخىمۇ ئۇزۇنغىچە مىليونېر بولالايسىز. - سىز قارا – قويۇق باشقا بىر يۇلتۇز سېستىمىسىغا ئاتلىما ھالقىش قىلسىڭىز بىرەر تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئىچىگە كىرىپ قىلىپ بىئەجەل ئۆلۈپ كىتىشىڭىز مۇمكىن. - مىڭ تىرىليون قىتىمدىمۇ مۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ، ترېنت. بىز يەنە ھەرقانداق بىر نۇر چىقىرىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇزدىن يىراقلاشساق بولىدۇ. ئۇ يەردە كومپيۇتېرنىڭ تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھېچقانداق نەرسە يوق. بەلكىم بىز باشقا بىر يۇلتۇز تۈركىمىگە  بىر - ئىككى نۇر يىلى سەكرەپ كىرسەك ساقچىلار كەينىمىزدىن قوغلاپ كېلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئېھتىماللىقمۇ ناھايىتى كىچىك. ئەنسىرمەكچى بولسىڭىز قۇنىدىغان چاغدا تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغۈلۇپ ئۆلۈپ قىلىشتىن ئەندىشە قىلىڭ. بۇ ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئىش. - سىزدە كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇللىنمىل ئەپەندىم، سىزنىڭ يېشىڭىز مېنىڭدىن چوڭ. بۇۋاي مۈرىسىنى قىسىپ قويدى. - مەن بۇنى قىياس قىلىپ باقمىدىم، كومپيۇتېر ھەممىنى ئاپتوماتىك تاماملايدۇ. ترېنت تۈن يېرىمىغىچە ھەپىلىشىپ كېمىنى تەييار قىلدى. بۇ چاغدا بۇللىنمىلمۇ يىتىپ كەلدى. ئۇ قولىغا خەت – چەك سومكىسى كۆتۈرۋالغان بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىگە كرىلئوم قاچىلانغان ئىدى(كىشىلەر ئۇنىڭغا بەك ئىشەنگەنلىكتىن ئۇنىڭ بۇ نەرسىنى ئېلىپ چىقالىشى ھېچقانچە قىيىنغا توختىمايتتى). ترېنت قولىنى چەبدەسلىك بىلەن دەل كەلتۈرۈپ بىر شىلتىدى- دە، يەنە بىر قولى بىلەن ھۆججەت سومكىسىنى ئالدى. پىچاق خوددى مۇلىكولا ئاكىتىپلاشتۇرغۇچقا ئوخشاش تېز ھەم دەل جايىغا زەربە بەرگەن بولۇپ بۇنداق ئۈن چىقارمايدىغان ئۇسۇل باشقىلار تەرىپىدىن بايقالمايتتى. ترېنت پىچاققا بارماق ئىزىنى تولۇق قالدۇرغاندىن كىيىن بوۋاينىڭ جەسىدىنىڭ يېنىغا تاشلاپ قويدى. ئەمما بارماق ئىزىنى قالدۇرۇشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ بەرىبىر ساقچىلار ترېنتنى تۇتالمايدىغان تۇرسا.   ھازىر ئۇ ئالەمگە خېلى ئىچكىرىلەپ كىرگەن بولۇپ كەينىدىن ساقچىلار قوغلاپ كىلۋاتاتتى. باشقا يۇلتۇز سېستىمىسىغا ھالقىش ۋاقتى يېقىنلاپ قالغاچقا ترېنتنىڭ ۋۇجودىدىكى جىددىيچىلىك بارغانسېرى ئەدەپ بېرۋاتاتتى. ھېچقانداق بىر پىسخىلوگ بۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلمەيتتى،  ئەمما ئالەم بوشلۇقىنى چۈشۈنىدىغان ھەرقانداق ئۇچقۇچى بۇ ھالەتنى بىشىدىن ئۆتكۈزەتتى.   تۇيۇقسىز ئۇ ئۇچار كېمىنىڭ قانداقتۇر بىر نەرسىنىڭ ئىچىدىن چىقىۋاتقانلىقىنى سەزگەندەك بىلىنىپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ماددا ۋە ئېنېرگىيە بولمىغان بوشلۇقتىن ئايرىلدى. ئارقىدىنلا گەيلاس يۇلتۇز سېستىمىسىغا كىردى، بارلىق نەرسە ئەسلىگە قايتتى. ترېنت كۈلۈپ قويدى. ئۇ تېخى ھايات ئىدى. بارلىق تۇرغۇن يۇلتۇزلار ناھايىتى يىراقتا قالغان بولسىمۇ يەنە نەچچە مىڭى خېلى يېقىن ئەتراپتىلا ئىدى. ئالەم بوشلۇقى، يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى بۇرۇنقىدەكلا ئۆز جايىدا بولۇپ، پەقەت ئەتراپتىكى مەنزىرە ئالماشقان ئىدى. بەزى يۇلتۇزلار F دەرىجىلىك نۇر سىپىكتىرىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، تېخىمۇ جۇلالىنىپ باراتتى. ئۇ سەكرىمە ھالقىشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدى. - كومپيۇتېر ساقلانغان ماتېرىياللار بىلەن مۇۋاپىق كېلىدىغان، توغرا ھەم مۇكەممەل بولغان بىر  قۇنۇش لىنىيىسىنى تېپىپ چىقىدۇ، بۇنىڭغا ھېچقانچە ۋاقىت كەتمەيدۇ. ئۇ ئالەم كېمىسىنى ئاستا ئايلاندۇرۇپ رازىمەنلىك بىلەن كەينىگە يۈلەنگەچ يارقىن يۇلتۇزلارنىڭ شولىسىدىن ھۇزورلىنىشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز بىر يۇلتۇز ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى. ئۇ ناھايىتى يورۇق بولۇپ ئارىلىقى ئىككى نۇر يىلىمۇ كەلمەيتتى. ئۇچقۇچىلارغا خاس بىۋاسىتە سېزىم ئۇنىڭغا بۇنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ھارارەتتىكى ئوت ئىسسىق سەييارە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرۋاتاتتى. - كومپيۇتېر چوقۇم بۇ سەييارىنى تاللايدۇ. شۇنداقلا ئۇنى مەركەز قىلىپ قۇنۇش لىنىيىسىنى سىزىپ چىقىدۇ، - دەپ ئويلىدى ئۇ يەنە، - ۋاقىت ئۇزىراپ كەتمەيدۇ. ئەمىليەت ئۇنداق بولمىدى. بىر نەچچە مىنۇت، ھەتتا بىر سائەت ئۆتۈپ كەتتى. كومپيۇتېر يەنىلا تاراقلاپ ئاۋاز چىقىرىپ سىگنال چىراقلىرى توختىماي لىپىلداپ تۇراتتى. ترېنت قوشمىسىنى تۈرۈپ قويدى. قۇنۇش لىنىيىسىنى نېمىشقا تېخىچە تاپالمايدۇ؟ قەيەردە بولۇشى كېرەك؟ بۇللىنمىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىنى ئۇنىڭغا ئۈلگە كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى. شۇڭا كومپيۇتېرنىڭ بىرەر تۇرغۇن يۇلتۇزنى چۈشۈرۈپ قۇيىشى مۇمكىن ئەمەس. بەلكىم ساقلىغان ئورۇندا خاتالىق بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، تۇرغۇن يۇلتۇز مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش جەريانىدا توختىماستىن ھاسىل بولىدۇ ھەم يوقۇلىدۇ، ئالەم بوشلۇقىدا ھەممە يەردە ئېقىپ يۈرىدۇ. ئەمما بۇنداق ئۆزگىرىش ناھايىتى ئاستا بولۇپ، بىر مىليون يىل كېتىدۇ. بۇللىنمىل ساقلىغان ئۇچۇش لىنىيىسىدە بىرەر... تۇيۇقسىز بىر قورقۇنۇچ ئۇنىڭ تاپىنىدىن كىرىپ چوققىسىدىن چىقىپ كەتتى. ياق، مۇمكىن ئەمەس. بۇ خىل ئېھتىماللىق كېمىنىڭ تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ يادروسىغا كىرىپ قىلىشتىنمۇ كىچىك! ئۇ ھىلقى يورۇق سەييارىنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىنى ساقلىدى. كەينىدىن قولىغا دۇربۇننى ئىلىپ كۆزەتتى. ئۇ يوغانلىتىش ھەسسىلىكىنى ئىمكان بار چوڭايتتى. ھىلقى يورۇق نۇر ئەتراپىدىكى نەرسىلەر ئايلىنىپ يۇرۇش جەريانىدا سۈمۈرۋالغان شىددەتلىك گاز ئېقىمىغا ئوخشاش بولۇپ، بۇ تۇمانسىمان نەرسىلەر نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى مانا مەن دېگەندەك ئېيتىپ بېرۋاتاتتى. بۇ بىر يىڭى سەييارە. بۇ يىڭى سەييارە قاراڭغۇلۇقتا پەيدا بولۇپ يالتىراپ نۇر چاچىدىغان جىسىمغا ئايلانغۇچە بەلكىم بىر ئايلا ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. ئۇ بىر ئالاھىدە دەرىجىلىك گەۋدىدىن ئاجرىلىپ چىققاچقا كومپيۇتېر ئۇنى قالدۇرۋەتكەن. ئەمما ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىشقا تېگىشلىك ئىش ھىساپلىناتتى. ئالەم بوشلۇقىدا پەيدا بولغان يىڭى سەييارە كومپيۇتېر ئىچىدە ھەقىقەتەن يوق ئىدى. چۈنكى بۇللىنمىل ئۇنى پەقەتلا ساقلىمىغان بولۇپ، ماتېرىيال توپلىنۋاتقان چاغدا بۇ يىڭى سەييارە تېخى پەيدا بولمىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا بىر دانە نۇر چىقىرالايدىغان تۇرغۇن يۇلتۇز شەكىللەنمىگەن ئىدى. ترېنت ۋارقىراپ تاشلىدى: - ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ! ئەپسۇس ئۇ پەقەتلا ئاپتوماتىك ماشىنىغا ۋارقىرىدى. ماشىنا بولسا داۋاملىق ئىشلەپ نىشان ئىزلەۋاتاتتى. گەيلاس يۇلتۇز سېستىمىسىغا ئوخشىمايدىغان بۇ يىڭى سەييارىگە قۇنۇش يولى توغرىسىدا كومپيۇتېر ھېچنېمە بىلمەيتتى. ئەمما داۋاملىق، توختىماي تاكى ئىنىرگىيىنىڭ ھەممىنى تۈگەتكۈچە ئىزلەيتتى. ئوكسىگېن تۈگەشكە ئاز قالدى. ترېنتنىڭ ھاياتىمۇ شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ترېنت جىنى چىقىپ كەتكەن مۇردىدەك ئورۇندۇققا تاشلاندى. دىرىزىنىڭ سىرتىدىكى سەييارىلەر نۇرى ئۇنىڭ بىلەن ئويناشماقچى بولغاندەك ئۇنىڭغا كۆز چىمچىقلىتاتتى. ترېنت بولسا چەكسىز ئالەم بوشلۇقىدا ئەزرائىلنىڭ كىلىشىنى ئازاب ئىچىدە كۈتمەكتە... ناۋادا ئۇنىڭدا پىچاق بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە... ======== ئىزھاتلار: *كرىلئوم: بىرخىل پولىئاكرىلونىترىل. *نۇر يىلى: نۇر سىكونتىغا 30 تۈمەن كىلومېتىرلىق تېزلىكتە بىر يىل ۋاقىت ئىچىدە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپە. تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان 2009 -يىل 28- يانۋار


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئاينى ئايلىنىش(فان...
●  يەر شارىدىن ئاي شار...
●  قورچاق خۇجايىن (ئىل...
●  ئىككى يۈز ياشلىق ﯪﺩﻩﻡ...
●  يۇلتۇز نۇرى
●  قۇياشقا خىيانەت قى...
●  غەيرىي بالا
●  ھەقىقىي سۆيگۈ
●  ھەممىگە قادىر ماشى...
●  ئۇچۇر چەۋەنداز ۋە م...
●  ﻣﺎﺭﺱ ﻣﻪﻟﯩﻜﯩﺴﻰ (ﻓﺎﻧﺘﺎﺯﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺭﯗﻣﺎﻥ1)...
●  قارا ساندۇق
●  ﯪﺩﻩﻣﺴﯩﻤﺎﻥ ﻣﺎﻳﻤﯘﻥ(ﯲﻣﻪﺭ ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ)...
●  ماسلىشىش (ئىلمىي فا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئاينى ئايلىنىش(فانتازىي...
●  يەر شارىدىن ئاي شارىغا (...
●  قورچاق خۇجايىن (ئىلمىي ف...
●  ئىككى يۈز ياشلىق ﯪﺩﻩﻡ
●  يۇلتۇز نۇرى
●  قۇياشقا خىيانەت قىلغۇچى
●  غەيرىي بالا
●  ھەقىقىي سۆيگۈ
●  ھەممىگە قادىر ماشىنا
●  ئۇچۇر چەۋەنداز ۋە ماشىن...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى