بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> فانتازىيىلىك ئەسەرلەر >> يەر شارىدىن ئاي شارىغا (فانتازىيىلىك رۇمان)

يەر شارىدىن ئاي شارىغا (فانتازىيىلىك رۇمان)

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-29 14:03:39    كۆرۈلۈش سانى : 141  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
ئايغا سەپەر (ئىلمىي فانتازىيىلىك رۇمان) [align=center]بىرىنچى باپ      زەمبىرەك كۇلۇبى[/align] جەنوپ - شىمال ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئامرىكىنىڭ ماريلاند شىتاتىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بالتىمور شەھىرىدە تەسىر كۈچى ناھايىتى زور بىر يېڭى كۇلۇپ ئېچىلدى. ئەينى ۋاقتتا كېمىسازلىق، سودا - سېتىق ۋە مىخانىكىلىق ئەسۋاپلارنى ياساشنى ئۆزلىرىگە كەسپ قىلغان كىشىلەردە ھەربىي ئىشلارغا ئائىت قابىلىيەتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجىلانغانلىقى بىزگە مەلۇم. نۇرغۇنلىغان ئاددى سودىگەرلەرمۇ ھىچقانداق ھەربىي تەلىم - تەربىيە كۆرمەيلا ئۆز كەسپىي دائىرىسىدىن ھالقىپ چىقىپ، بىرلا يۇمۇلاپ  كاپىتان، پولكوۋنىك ھەتتا گېنىرال ئونۋانىغا ئېرىشۋالدى. ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇلارنىڭ «جەڭ تېخنىكىسى» ياۋرۇپادىكى ئوخشاش كەسپتىكىلەر بىلەن تەڭلىشىپ قالدى ھەم ئۇلارغا ئوخشاش زور مىقتاردىكى ئوق - دورا، پۇل ۋە ئەسكەرگە تايىنىپ بىر نەچچە قىتىم غەلبىلىك جەڭ قىلدى. ئەمما، ئامرىكىلىقىلارنىڭ ياۋرۇپالىقلاردىن ئۈستۈن كەلگەن يېرى دەل ئۇلارنىڭ ئوق يول ئىلىمى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى بولدى. بۇ ھەرگىز ئامرىكىلىقلارنىڭ ئۇرۇش قوراللىرى قانداق يوقىرى سەۋىيىگە يەتكەنلىكى دىگەنلىك بولماستىن، بەلكى بۇ قوراللارنىڭ ھەجىمى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ بولغاچقا ئېتىش ئارلىقى پەۋقۇلاددە يىراق بولاتتى. شۇ دەۋردىكى كىشىلەر ئىلگىرى بۇنداق چوڭ زەمبىرىكلەر توغرىسىدا ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىدى. يەر بېغىرلىتىپ ئېتىش، ئىگىزدىن توپقا تۇتۇش، ئودۇلدىن ئېتىش، ياندىن ئېتىش،  توغرىسىغا ئېتىش ۋە قارىشىسىغا ئېتىش قاتارلىق جەڭ تېخنىكىلىرى ئەنگىلىيە ، فرانسىيە ۋە پروسسىيىلىكلەرگە نىسبەتەن ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش بولمىسىمۇ، ئەمما ئامرىكىلىقلار ياسىغان بۇنداق قورقۇنۇچلۇق زەمبىرەكلەرنىڭ ئالدىدا ياۋرۇپالىقلارنىڭ زەمبىرەكلىرى ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك يان قۇرالغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇنىڭ ئانچە ھەيران قالغۇچىلىكىمۇ يوق. چۈنكى دۇنيادىكى بىرىنچى ئەۋلات ئامرىكىلىق مېخانىكلار ئىتالىيىنىڭ ھۇسوللۇق مۇزىكانتلىرى، گېرمانىيىنىڭ تالانتلىق پەيلاسۇپلىرىغا ئوخشاشلا توغما تالانتلىق ئىنژىنىرلاردىن ئىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆز تەسەۋۋۇرلىرىنى يۈرەكلىك بىلەن ئوق يولى ئىلىمىگە تەدبىقلىيالغانلىقىدىن ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ. بۇنداق غايەت زور زەمبىرەكلەر گەرچە كىيىم تىكىش ماشىنىسىدەك جانغا ئەسقاتمىسىمۇ ئەمما كىشىلەرنى قايىل قىلىپ قىزغىن ئالقىشقا سازاۋەر بولدى.  مۇشۇنداق ھەيران قالارلىق قۇراللارنىڭ پارروت، داخلگىرىن ۋە رودىمان قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تۆھپىسى ئىكەنلىكى بىزگە ئايان. ياۋرۇپالىقلارنىڭ «ئارمىستروڭ»،«پالىسېر»،ۋە «تىروي» قاتارلىقلار بۇنداق كۈچلۈك رەقىبىنىڭ ئالدىدا باش ئەگمەي قالمايدۇ. شۇڭا، جەنوپ - شىمال ئارمىيىسى ئۆزئارا جان تىكىپ ئېلىشۋاتقان مەزگىلدە، مۇشۇنداق زەمبىرەك كەشپىياتچىلىرى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنلارنى ئىگەنلىۋالدى. فىرداتىسىيە گېزىتلىرى ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنى ھەدەپ ماختىدى. ھەتتا كىچىك يايمىكەشلەر ۋە ئۆزلىرىنى تالانتلىق چاغلايدىغان ئەخمەقلەرمۇ كېچە - كۈندۈز  كاللا قاتتۇرۇپ ئوق يول ئىلمى ئۈستىدە ئىزدەندى. بىرەر ئامرىكىلىقنىڭ كاللىسىغا يېڭىچە بىر پىكىر كەلسە دەرھال باشقا بىر ئامرىكىلقنى ئىزدەپ ھەمكارلىشاتتى. ئەگەر ئادەم سانى ئۈچكە يەتسىلا بىرسىنى رەئىس قىلىپ بىكىتىپ قالغان ئىككىسى كاتىپ بولاتتى. تۆت ئادەم بولسا يەنە بىرىنى ئارخىپ باشقۇرغۇچى قىلاتتى. مۇشۇنداق قىلىپ بىزنىڭ ئىش بىجىرىش ئورنىمىز قۇرۇلغان بولۇپ ھىساپلىناتتى. ئادەم سانى بەش بولسا چوڭ يىغىن چاقىرىپ كولۇپ بولۇپ قۇرۇلاتتى. بالتىمور شەھىرىدىكى ئەھۋاللار مانا شۇنداق بولدى. بىر خىل يېڭى تىپتىكى زەمبىرەكنى تۇنجى بولۇپ ئىختىرا قىلغۇچى بىلەن بىرىنچى بولۇپ قۇيما زەمبىرەكنى ئىجات قىلغۇچى ۋە ئوقخانىسى بار زەمبىرەك ئىجاتچىسى ئۆزئارا ھەمكارلاشتى. مانا بۇ زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ يادرولۇق قىسمىنى تەشكىل قىلدى. كۇلۇپ قۇرۇلۇپ بىر ئاي بولۇپلا 1833 نەپەر رەسمىي ئەزا ۋە 30 مىڭ 578 نەپەر ئالاقىچى ئەزانى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. بۇ كۇلۇپقا قاتنىشىشىنى ئارزو قىلىدىغانلار ئىلگىرى چۇقۇم مەلۇم بىر خىل يېڭى زەمبىرەكنى ئىختىرا قىلغان بولۇشى، ھىچ بولمىغاندا مەلۇم بىر خىل زەمبىرەكنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلىغان بولۇشى شەرت ئىدى. ئەگەر زەمبىرەك بولماي باشقا قوراللاردا قولغا كەلتۈرگەن ئوخشاش نەتىجىسى بولسىمۇ بولىۋىرەتتى. ئەمما، گەپنى ئىنىق قىلىپ ئېيتساق، تولۇقلۇق تاپانچا، ئايلانما شەكىلدىكى كارابىن مىلتىقى ياكى قىسقا سىتۋوللۇق مىلتىق بىلەن ھەپلەشكەنلەر ئانچە ئېتبارغا ئېلىنمايتتى. قانداقلا ئەھۋالدا بولمىسۇن، زەمبىرەك ئىختىراچىلىرى ئۆزلىرىنى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇتىشاتتى. - ئۇلار ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ، - دىدى بىر كۈنى زەمبىرەك كۇلۇپىدىكى ئەڭ ئۇقۇمۇشلۇق بىر ئەرباپ، -  ئۇلار ئېرىشىدىغان شان - شەرەپ ئۇلار ياسىغان زەمبىرەكلەرنىڭ چوڭلىقى ۋە ئوقنىڭ يىتىپ بارالايدىغان ئېتىش ئارلىقىنىڭ كۇۋادىراتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. مۇشۇنداق كىتىۋەرسە، نىيوتوننىڭ قۇدرەتلىك تارتىش كۈچىنى ئەخلاق ساھاسىگە يۈتكەپ كىلەلەيمىز. زەمبىرەك كۇلۇپى قورۇلغاندىن كىيىن ئامرىكىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىجاتچانلىققا باي تالانتىنىڭ قانچىلىك چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئانچە تەس ئەمەس. ياسالغان قوراللارنىڭ چوڭلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى. ئۇلار ياسىغان زەمبىرەك ئوقى ئۇچۇپ بەلگىلەنگەن ئارلىقتىن ھالقىپ چىقىپ يولدا كىتۋاتقان بىگۇنا ئادەمنى پارتىلىتىپ ئىككى قىلۋەتتى. يېڭىدىن ئىختىرا قىلىنغان زەمبىرەكلەرنىڭ قۇدرىتى ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ ياخشى دىيىلگەن زەمبىرەكلەردىنمۇ كۆپ كۈچلۈك ئىدى. بىز تۆۋەندىكى بىر تۈركۈم سانلارنى كۆرۈپ باقساقلا كاللىمىزدا بىر ئادىل ئۇقۇم ھاسىل قىلىشقا يىتىدۇ. ئىلگىرى تەلىيىمىز ئوڭدىن كەلگەن چاغلاردا ئوتتۇز سەككىز قاداق ئېغىرلىقتىكى زەمبىرەك ئوقىنى ئۈچ يۈز فوتتىن يىراق ئارلىققا يەتكۈزۈپ، يان تەرەپتىن ئوتتۇز ئالتە ئات ۋە ئاتمىش سەككىز ئادەمنى يىقىتالىدۇق. بۇ زەمبىرەك تېخنىكىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋىرلىرىدىكى ئىش. كىيىن زەمبىرەك ئوقى تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. رودىمان زەمبىرىكىدىن ئېتىلغان يېرىم توننا ئېغىرلىقتىكى زەمبىرەك ئوقى يەتتە ئىنگىلىز مىلى يىراقلىقتىكى بىر يۈز ئەللىك ئات ۋە ئۈچ يۈز ئادەمنى ئاسانلا يوقىتالايتتى. شۇ سەۋەپتىن زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ بىر قىتىملىق رەسمىي سىناق ئېلىپ بېرىش ئىشى چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. چۈنكى سىناق مەيدانىغا قويىدىغان ئاتنى تاپقان بىلەن جىنىنى سىلىپپ بىرىدىغان ئادەمنى تىپىش مۇمكىن ئەمەستە! نىمىلا دىيىشتىن قەتئى نەزەر ئۇلار ياسىغان زەمبىرەكنىڭ قىرغىنچىلىق كۈچى ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق بولۇپ ھەر بىر قىتىم ئېتىلغاندا دۈشمەن ئەسكەرلىرى خۇددى بۇغداي ئورىغاندەك يىقىلىپ يەر چىشلەيتتى. 1587- يىلى، كوترانىڭ ئاشۇ داڭلىق زەمبىرىكى ئىككى يۈز ئەللىك ئادەمنى جەڭ قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلدى. 1758 - يىلى سوردوپنىڭ يەنە بىر زەمبىرىكىمۇ قىرىق نەپەر ئەسكەرنىڭ جىنىغا زامىن بولغان. 1742 - يىلى قەيسەرسىدورپنىڭ ئاۋىستىرىيە زەمبىرىكىنىڭ ھەربىر ئوقىمۇ يەتمىش دۈشمەننى يەر چىشلەتكەن. بىراق، رودىمان زەمبىرىكىگە سىلىشتۇرغاندا ئۇلارنى تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق، شۇنداقلا نانا ياكى ئوستىرىسنىڭ جەڭلەردە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئادەمنى چۈچۈتكىدەك زەمبىرەكلىرىمۇ ھىچنىمىگە ئەرزىمەيتتى. جەنوپ - شىمال ئورۇشى مەزگىلىدە بىز بۇلارنى ھىس قىلدۇق: گېدىسپاۋ ئۇرۇش لېنىيىسىدە بىر سىپىراللىق زەمبىرەك ئاتقان ھەربىر كۇنۇسسىمان ئوق جەنوپ بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ بىر يۈز يەتمىش ئۈچ ئەسكىرىنىڭ جىنىنى ئالغان ئىدى. بوتۇماد دەرياسىدىن ئۆتۋاتقان چاغدا بىر پاي رودىمان زەمبىرەك ئوقى جەنوپ بىرلەشمىسىنىڭ ئىككى يۈز ئون بەش ئەسكىرىنى ئۇ ئالەمگە ئۇزۇتۇپ قويغان ئىدى. بۇ يەردە بىز زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزاسى ۋە دائىمى كاتىپى ماستون ئەپەندى كەشپ قىلغان بىر خىل قورقۇنۇچلۇق قىسقا ئىستىۋوللۇق زەمبىرەكنى(مورتىرا زەمبىرىكى) نەزەردىن ساقت قىلساق بولمايدۇ. بۇ خىل زەمبىرەكنىڭ قىرغىنچىلىك كۈچى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولۇپ زەمبىرەكنى سىنىغان ۋاقتتا بىر پاي ئوقىلا ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە ئادەمنى ئۆلتۈرەلىگەن! بۇ زەمبىرەك ھەقىقەتەن «گۇم»لا قىلغان ئاۋاز بىلەن ھەممىنى ئاخىرلاشتۇراتتى. ھەرقانداق ئادەمنى قايىل قىلارلىق بۇنداق كۆپ سانلىق مەلۇماتلارغا نىسبەتەن بىز يەنە نىمىمۇ دىيەلەيتۇق؟ شۇڭا بىز سىتاتىستىكىچى پىت كەيس ھىساپلاپ چىققان ئىستاستىكىلىق مەلۇماتلارغا  ئىنتايىن مەمنۇنلۇق بىلەن قايىل بولۇشىمىز، ئارتۇق تالاش - تارتىش قىلماسلىقىمىز كېرەك. ئۇ زەمبىرەك كۇلۇبىدىكى ئەزالار ياسىغان زەمبىرەك بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانىنى كۇلۇپتىكى ھەربىر ئەزاغا چىچىپ، ھەر بىر ئەزانىڭ تەخمىنەن 2375 دىن كۆپىرەك ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ھىساپلاپ چىقتى. مۇشۇ سانلاردىن كۆرۋىلىشقا بولىدىكى، بۇ ئىلمىي تەشكىلاتنىڭ بىردىن - بىر بۇرچى رەزىللەرنى يوقۇتۇش ۋە ئۇلار تەرپىدىن  مەدەنىيەتنىڭ ۋاستىسى دەپ قارالغان قوراللارنىڭ ئىقتىدارىنى تىخىمۇ ياخشىلاش بولدى. بۇ بىر توپ كىشىلەر قەبھ بولسىمۇ يەنىلا ئىنسانىيەتنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرى بولۇشقا مۇناسىپ. بۇ يەردە يەنە قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەككى، تۈرلۈك سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئامرىكلىقلار پەقەت ئانچە - مۇنچە فورمىلا، قائىدە - قانونىيەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپلا قالماي يەنە ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنىمۇ تەقدىم قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە لىيتىناتتىن گېنىرالغىچە قېرى - ياش ھەر دەرىجىلىك جەڭچى - ئوفىتسىرلار بار بولۇپ، بەزىلىرى جەڭگاھتا ئۈمۈر بۇيى تۇرسا بەزىلىرى ھەتتا زەمبىرەك سۇپىسىدىن ياشانغانغا قەدەر ئايرىلمايتتى. نۇرغۇن كىشىلەر جەڭگاھلاردا كۆز يۇمغان بولۇپ ئۇلارنىڭ نامى زەمبىرەك كۇلۇپىنىڭ قەھرىمانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ھايات قايتىپ كىلەلىگەنلىرىنىڭ كۆپ قىسمى شۈبھىسىزكى، جەڭگاھتىكى باتۇرلۇقنىڭ نامايەندىلىرىنى ئېلىپ قايتتى. مەسىلەن، ھاسسا، ياغاچ پۇت، يالغان بىلەك، تۈمۈردىن ياسالغان ئىلمەك قول، كاۋچۇك ئېڭەك، پىلاتىنادىن ياسالغان بۇرۇن قاتارلىق تۈرلۈك ياردەمچى ئەزالار بۇلارنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. پىت كائىن بۇ تۇغۇرلۇقمۇ ئىستاستىكا ئېلىپ بارغان بولۇپ زەمبىرەك كۇلۇبىدىكى ھەر تۆت ئادەمگە مۇكەممەل بولغان بىر جۈپ قول، ھەر ئالتە ئادەمگە بىرجۈپ پۇت توغرا كىلەتتى. ئەمما، قەيسەر زەمبىرەك كەشپىياتچىلىرى بولغان ئىزدەنگۈچىلەر بۇلارغا ئانچە پىسەنت قىلمايتتى. ھەر قىتىم جەڭ ئاخىرلىشىپ ئۇرۇش ئەھۋالى ئىستاستىكا قىلىنىپ، يوقىتىلغان دۈشمەننىڭ سانى سەرىپ بولغان زەمبىرەك ۋە زەمبىرەك ئوقىنىڭ ئون ھەسسىسىدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بىلگەندە ئۇلار ئىنتايىن پەخرلىنەتتى. ئۇچۇقىنى ئېيتقاندا ئۇلار مۇشۇنداق قىلىشقا پۈتۈنلەي ھەقلىق ئىدى. لېكىن مەلۇم بىر كۈنى، ھاۋا بۇلۇتلۇق، يىقىمسىز بولغان بىر كۈنى جەڭدە ھايات قالغانلار ئۆزئارا تېنچلىق كىلىشىمى ئىمزالاشتى. پارتىلاش ئاۋازلىرى ئاستا- ئاستا توختىدى، زەمبىرەكلەرمۇ سايراشتىن توختىدى.  يۇپۇق بىلەن ئورالغان گاۋبىتسا ۋە كانون زەمبىرەكلىرى ھەربىي قۇرال - ياراق ئىسكىلاتىغا بەنت قىلىندى. زەمبىرەك ئوقلىرى زاۋۇتلاردا دۈۋلەپ قويۇلدى. قانلىق ئەسلىمىلەر كۆڭۈللەردىن ئاستا -ئاستا يوقىلىشقا باشلىدى. كۆپ مىقتاردا ئوغۇت تۆكۈلگەن تېرىلغۇ يەرلەردە كىۋەزلەر ئىنتايىن باراقسان ئۆستى. ماتەم كىيىمىمۇ قايغۇ - ئەلەم بىلەن بىللە كەتتى. زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ قىلىدىغان ئىشىمۇ توختاپ قالدى. بىر نەچچە زەمبىرەك مۇتەخخەسىسىلىرى يەنىلا جاھىللىق بىلەن باش چۈكۈرۈپ ئوق يولىنى ھىساپلايتتى: ئۇلار تېخىمۇ كۈچلۈك ئۇغۇر زەمبىرىكى ۋە قۇدرەتلىك زەمبىرەك ئوقى ياساشنى چۈشەيتتى. ئەمما ئەمىليەتتىن ئايرىلىپ قالغان بۇنداق قۇرۇق نەزىرىيىنىڭ نىمىگە پايدىسى بار دەيسىز؟ شۇڭا، زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ چوڭ زالى چۆلدىرەپ قالدى. گېزىتلەر ئۈستەل ئۈستىدە تۇرىۋېرىپ كۆكۈرۈپ كەتتى. زالنىڭ قاراڭغۇ  بۇلۇڭىدىن زەئىپ ئاۋاز  كېلەتتى. ئىلگىرى ۋارقىراپ - جارقىراشنى ياخشى كۆرۈدىغان زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرى ئەمدىلىكتە نەس باسقان تېنچلىق كىلىشىمى تەرىپىدىن زۇۋانى تۇتۇلۇپ ئۈن - تۈنسىز زەمبىرەك ياساش شېرىن چۈشىگە غەرق بولۇشۇپ كەتتى. - ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق، - دىدى قەيسەر تام خونتىر بىر كەچلىكى تاماكا چېكىش بۆلۈمىدىكى تام مەشنىڭ يېنىدا، قارىماققا ئۇنىڭ يوغان ئىككى ياغاچ پۇتى ياغاچ كۆمۈرگە ئايلىنىپ قالايلا دەپ قالغاندەك قىلاتتى، - قىلغۇدەك ھىچقانداق ئىش قالمىدى، ئۈمۈدمۇ يوققا چىقتى. بۇ كۈنلەر نىمە دىگەن زېرىكىشلىك. ئەتىگەن زەمبىرەك ئاۋازىنى ئاڭلاپ خوشال - خورام ئويقىدىن ئويغىتىدىغان كۈنلەر نەگە كەتتى؟ - ئەمدى كەلمەسكە كەتتى، - دىدى بېلسىبى ئالىقاچان كاردىن چىققان بىلىكىنى سوزۇپ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن، - ئۇ چاغلار ھەقىقەتەن مەنىلىك ئىدى. - كىملا بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، بىر خىل يېڭى تىپتىكى گاۋبىنسا زەمبىرىكى ياسىماقچى بولسا زەمبىرەك پۈتكەندىن كىيىنلا دۈشمەننىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ ئەمىلىي سىناق ئېلىپ بارالايتتى. كەينىدىنلا شېرماندىن ئىلھاملىنىپ ياكى مېكېللان بىلەن قول تۇتۇشقىنىچە گازارمىغا قايتىپ كىلەتتى. ئەمما، ھازىر گېنراللارنىڭ ھەممىسى ئۆز جايلىرىغا قايتىپ كەتتى. ئۇلار ئەمدى زەمبىرەك ئوقى ئەمەس، بەلكى ھىچكىمگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان تايلانغان پاختا تىڭىقلىرىنى تۇشۇيدۇ.  ئامرىكىنىڭ زەمبىرەكچىلىك كەسپىنىڭ كەلگۈسىنى مۆلچەرلىمەك تەس. - شۇنداق، بېلسىبى، - دىدى پولكوۋنىك بلومسبېر يوقىرى ئاۋازدا، - ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ. دەسلەپتە بىز جىمجىتلىقنى تاشلاپ قورال ئىشلىتىشنى ئۆگەندۇق. بالتىمور شەھىرىدىن ئايرىلىپ جەڭگاھتا قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ھالدا تازا ئىشلىدۇق. شۇنىسى ئەمدىلا ئۈچ يىل ئۆتۈپ نۇرغۇن جاپالار بىلەن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزنى تاشلاپ ئىككى قولىمىزنى يانچۇقىمىزغا سىلىپ مۇشۇنداق بىكار تەلەپلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزۋاتىمىز. گەپ شۇنداق بولغان بىلەن ئۇنىڭ كىيىملىرىدە يانچۇق كەم بولمىسىمۇ، بۇ قەيسەر پولكوۋنىك ئىككى قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ ئۆزى دىگەندەك ھالەتنى ئىپادىلەپ بېرىشكە ئامالسىز ئىدى. -  ئۇرۇشتىن ئۈمۈد قالمىدى دىگەن قانداق گەپ ئۇ. بۇ چاغدا ئاتاقلىق ماستون تۈمۈر ئىلمەك بىلەن كاۋچۇكتىن ياسالغان باش قېپىنى تاتلىغاچ گەپكە ئارلاشتى. - ئۇرۇش بولمىغىنى بىلەن ھازىر دەل زەمبىرەكچىلىك ئىلىمىنىڭ ئىستىقبالى بولۋاتقان چاغلار، - دىدى ماستون، - سىلەرگە ئېيتسام، بۈگۈن ئەتىگەن مەن يېڭى بىر خىل ئوغۇر زەمبىرىكىنىڭ چىرتىيۇژىنى سىزىپ پۈتكۈزدۈم. تەكشىلىكتىكى كۆرۈنۈشى، توغرا كەسمە كۆرۈنۈشى ۋە ئۇدۇل كۆرۈنۈشىنىڭ ھەممىنى سىزىپ چىقتىم. ئۇ چوقۇم ھازىرقى ئۇرۇش قىلىش قانونىيىتىنى ئۆزگەرتىدۇ. - راستما؟ - شۇنداق، - دىدى ئۇ ، ئەمما شۇنچە كۆپ خىزمەت ئىشلەپ ، نۇرغۇن قىيىنچىلىقنى يەڭگەننىڭ زادى نىمىگە پايدىسى بار؟ بۇ زىھنى- قۇۋۋەتنى بىكاردىن - بىكارغا ئىسراپ قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟ يېڭى دۇنيانىڭ كىشىلىرى تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالايدۇ. بىزنىڭ جەڭگىۋارلىقنى كۆتۈرىدىغان «مۇنبەر گىزىتى»مىزگىمۇ  ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىدىكى بالايى - ئاپەتنىڭ پەقەتلا قورقۇنۇچلۇق نوپۇس كۆپۈيىشىدىن كىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىشارەت بەرگەن ئەمەسمۇ؟ - ئەمما  ماستون، - دىدى پولكوۋنىك بلومسبېر ، - ياۋرۇپادا يەنىلا مىللىي ئەركىنلىكنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇش بولۋاتىدۇ! - ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ؟ - نىمە بوپتۇ؟ بەلكىم بىز ئۇ يەرگە بېرىپ تەلىيىمىزنى سىناپ باقساق بولار، ئەگەر ئۇلار بىزنىڭ ياردىمىمىزنى قوبۇل قىلىشنى خالىسا... - سىز مۇشۇنداق ئويلامسىز؟ - دەپ ۋارقىراپ كەتتى بىلسىبىي، - چەت ئەللىككە ۋاكالىتەن ئوق يولىنى تەتىقىق قىلىش! - بۇ تەتقىقاتنى توختۇتۇپ قويغاندىن ياخشىدۇ، - دىدى پولكوۋنىك رەدىيە بەرگەن ھالدا. - شەك - شۈبھىسىزكى، - دىدى ماستون، - ئەلۋەتتە ياخشاراق، ئەمما بىز بۇ تەرەپنى ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. - نىمىشقا؟ - سورىدى پولكوۋنىك. - چۈنكى كونا دۇنيادا كەڭ ئۇموملاشقان كۆز قاراش بىلەن بىز ئامىرىكىلىقلارنىڭ ئادىتى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. لېتناتلىق سالاھىيىتىگىمۇ ئىگە بولمىغان بىر كىشى  ھەربىيلىككە قاتنىشىپ گېنېرال بولالىدى دىسەك، ئۇلار بۇنى قىلچىلىكمۇ تەسەۋۇر قىلالمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىر ئادەم ئۆز قولى بىلەن زەمبىرەك ياساپ باقمىغىچە ماھىر توپچى بولالمايدۇ. بۇ ئىشلار مانا مۇشۇنداق ئاددى... - ھەقىقەتەن كۈلكىلىك گەپ بولدى، - دىدى تام خونتېر بىر تەرەپتىن ئوۋ پىچىقى بىلەن ئورۇندۇقنىڭ تۇتۇقۇچىنى يۇنۇپ تۇرۇپ بىر تەرەپتىن سۆزلەپ، - شۇنداق ئىكەن، بىز ئەڭ ياخشىسى قايتىپ بېرىپ تاماكا تىرىيلى ياكى بولمىسا كىت تۇتايلى. - نىمە! - دەپ ۋارقىراپ تاشلىدى ماستون ياڭراق ئاۋازدا، - ئەجەبا بىز ئەمدى ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىدا زەمبىرەك تۈرىنى ئۆزگەرتىش ئىشىنى قىلالمامدۇق؟ زەمبىرەك ئوقىنى سىنايدىغان ھىچقانداق سىناق مەيدانى يوقما؟ زەمبىرەك ئوقلىرىنىڭ كېچىنى يورۇتۇپ پارتلايدىغان يەر قالمىدىما؟ ھىچكىم بىزدەك ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىدىكى دۆلەتكە جەڭ ئېلان قىلالىغىدەك خەلقئارا توقۇنۇش يۈز بەرمەمدۇ؟ فرانسىيىلىكلەر بىزنىڭ بىر كېمىمىزنى چۆكتۈرۋەتتىغۇ؟ ئەنگىليىلىكلەر خەلقئارا قانونغا خىلاپلىق قىلىپ بىزنىڭ ئۈچ - تۆت قېرىندىشىمىزنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرمىدىمۇ؟ - ياق، ماستون، - دىدى پولكوۋنىك بلومبىسېر  جاۋاپ بېرىپ، - بىزدە بۇنداق ئامەت يوق، ياق، ئەمدى بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ، شۇنداقلا يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ بىز ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھىچنىمە قىلالمايمىز. ئامرىكلىقلارنىڭ ئاسانلا ھاياجانلىنىدىغان ھىسىياتى بارغانسىرى ئاجىزلاپ كىتۋاتىدۇ. ئەمدى بۇ ئىشلارنى بىزدىن كىيىنكىلەرگە قالدۇرغىنىمىز ياخشى. - شۇنداق، بىز ئەڭ ياخشىسى ئۆپكىمىزنى بېسۋالايلى، - دىدى بىلسىبېي. - بىز شۇنداق قىلىشقا مەجبورمىز، - دىدى تام خونتىر تېرىككەن ھالدا. - بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمىلىي ئەھۋال، - دىدى ماستون يەنە ھاياجانلانغان ھالدا، - ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئۇرۇش قىلىشنىڭ مىڭ خىل سەۋەبى تۇرۇپتۇ، ئەمما ئۇلار خالىمايۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پۇت - قولىغا قىيالمايۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەملىرىنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان كالۋالار ئۈچۈن پايدىلىق. قاملاشمىغان، يىراققا بېرىپ جەڭ قىلىشنىڭ سەۋەبىنى ئىزلەش ھاجەتسىز، شىمالى ئامرىكا بۇرۇن ئەنگىليىلىكلەرگە تەۋە ئەمەسمىدى؟ - ئەلۋەتتە شۇنداق، - دىدى تام خونتىر ھاسسىسى بىلەن ئوتنى كۈچەپ چوقچىلاپ تۇرۇپ. - ئۇنداقتا ناھايىتى ياخشى، - دىدى ماستون ئۇلاپلا، - ئەمدى نىمە ئۈچۈن ئەنگىلىيىنىڭ ئامرىكىغا مەنسۈپ بولۇش نۆۋىتى كەلمەيدۇ؟ - مۇشۇنداق بولسا ئادىل بولىدۇ، - دىدى پولكوۋنىك بلومبىسېر جاۋاپ بېرىپ. - سىلەر بېرىپ ئامرىكا پرېزېدىنتىگە ئېيتىڭلار، - دىدى ماستون يوقىرى ئاۋازدا، - ئۇلار سىلەرنى قانداق قارىشى ئالدىكىن! - ئۇ بىزنى قىزغىن قوبۇل قىلىشى ناتايىن، - دىدى پولكوۋنىك بلومبىسېر چىشىنى كاسىلداتقىنىچە كوتۇلداپ. جەڭدە ئۇنىڭ تۆت تاللا چىشى ساق قايتىپ كەلگەن ئىدى. - مەن قوشۇلىمەن، - ۋارقىرىدى ماستون، كىلەركى قىتىم پرېزېدىنت سايلىمىدا ئۇ مېنىڭ ئۆزىگە بىلەت تاشلىشىمنى ئۈمۈت قىلمىسۇن! - بىزدىنمۇ ئۈمۈد كۈتمىسۇن، - دەپ تەڭلا ۋارقىراشتى بىرنەچچە ئۇرۇش خۇمار مىيىپ ھەربىي تۈرلۈك تەلەپپۇزدا. - ئەمدى، - دىدى ماستون يەنە سۆلەپ، - گەپنىڭ قىسقىسى، ئەگەر مەن يېڭى زەمبىرىكىمنى ھەقىقى جەڭ مەيدانىدا سىنايدىغان پۇرسەتكە ئېرىشەلمىسەم زەمبىرەك كۇلۇبىدىن چىكىنىپ چىقىپ ئاركىنزاس شىتاتىدىكى ئوتلاقتا  ئۆلۈپلا تۈگۈشىمەن. - مەنمۇ سېنىڭ بىلەن بىللە كېتىمەن،- قاپ يۈرەك ماستون بىلەن بىللە تۇرۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى تەڭلا ئاۋاز قوشتى. ئىشلار تەرەققى قىلىپ بۇ دەرىجىگە يەتكەندە كۆپچىلىكنىڭ ھاياجىنى بارغانسىرى ئەۋجىگە چىقىپ زەمبىرەك كۇلۇبى ئۇزاققا قالماي تارقىلىپ كىتىدىغاندەك تەھتىدكە دۈچ كەلدى. دەل مۇشۇ ۋاقتتا، كىشىنىڭ خىيالىغا كىلىپمۇ باقمىغان بىر ئىش زەمبىرەك كۇلۇبىنى بۇنداق تىراگىدىيىلىك ئاقىۋەتتىن ساقلاپ قالدى. شۇ قىتىملىق سۆھبەت بولۇپ ئىككىنچى كۈنى كولۇب ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى بىر پارچىدىن ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۋالدى. ئۇقتۇرۇشتا تۆۋەندىكىدەك سۆزلەر يېزىلغان ئىدى: «زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ رەئىسى شەرەپ بىلەن كۇلۇپ ئەزالىرىغا شۇنى ئۇقتۇرىدىكى ، ئۇ مۇشۇ ئاينىڭ بەشىنچى كۈنىدىكى يىغىندا ئىنتايىن قىزىقارلىق بىر دوكلات بېرىدۇ. شۇڭا، كولۇب سىلەرنىڭ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، ۋاقتىنچە بارلىق ئىشنى قويۇپ تۇرۇپ يىغىنغا قاتنىشىشىڭلارنى ئۆتۈنىدۇ.                            زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ رەئىسى:                                                        ئىمپېي باربىكان                                       بالتىمور،  ئۈچۈنچى ئۆكتەبىر تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئاينى ئايلىنىش(فان...
●  يەر شارىدىن ئاي شار...
●  قورچاق خۇجايىن (ئىل...
●  ئىككى يۈز ياشلىق ﯪﺩﻩﻡ...
●  يۇلتۇز نۇرى
●  قۇياشقا خىيانەت قى...
●  غەيرىي بالا
●  ھەقىقىي سۆيگۈ
●  ھەممىگە قادىر ماشى...
●  ئۇچۇر چەۋەنداز ۋە م...
●  ﻣﺎﺭﺱ ﻣﻪﻟﯩﻜﯩﺴﻰ (ﻓﺎﻧﺘﺎﺯﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺭﯗﻣﺎﻥ1)...
●  قارا ساندۇق
●  ﯪﺩﻩﻣﺴﯩﻤﺎﻥ ﻣﺎﻳﻤﯘﻥ(ﯲﻣﻪﺭ ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ)...
●  ماسلىشىش (ئىلمىي فا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئاينى ئايلىنىش(فانتازىي...
●  يەر شارىدىن ئاي شارىغا (...
●  قورچاق خۇجايىن (ئىلمىي ف...
●  ئىككى يۈز ياشلىق ﯪﺩﻩﻡ
●  يۇلتۇز نۇرى
●  قۇياشقا خىيانەت قىلغۇچى
●  غەيرىي بالا
●  ھەقىقىي سۆيگۈ
●  ھەممىگە قادىر ماشىنا
●  ئۇچۇر چەۋەنداز ۋە ماشىن...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى