بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> فانتازىيىلىك ئەسەرلەر >> ئىككى يۈز ياشلىق ﯪﺩﻩﻡ

ئىككى يۈز ياشلىق ﯪﺩﻩﻡ

يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-06 22:48:22    كۆرۈلۈش سانى : 327  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ئىككى يۈز ياشلىق ئۆمۈر چولپىنى (ئىلمىي فانتازىيىلىك ھېكايە) ئەيساك ھاشىموف (ئامېرىكا) (مەزكۇر تەرجىمىنى ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ئېھتىرام بىلەن بېغىشلايمەن) ماشىنا ئادەمنىڭ ئۈچ نىزامى: 1. ماشىنا ئادەم ئىنسانلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك، ئىنسانلارنىڭ باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىغا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك. 2. ماشىنا ئادەم ئادەملەرنىڭ بۇيرۇقىغا چوقۇم ئەمەل قىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇ بۇيرۇق بىرىنچى نىزام بىلەن زىت بولۇپ قالسا بوي سۇنماسلىقى كېرەك. 3.  بىرىنچى ۋە ئىككىنچى نىزامغا خىلاپلىق قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ماشىنا ئادەم ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى قوغدىشى كېرەك. 1 ئاندرېۋس مارتىن «رەھمەت» دېگەندىن كىيىن تەكلىپ قىلىنغان ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇ بۇنداق قىلىشنى خالىمىسىمۇ ئىلاجسىز قالغان ئىدى. ئۇنىڭ تۇرقىدىن كۆڭلىدە نېمە گەپ بارلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. پەقەت كۆزىدىلا مەلۇم بىر ئىپادىنى ھىس قىلغىلى بولاتتى. بەلكىم بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ھەسرەت يىغىپ تۇرغانلىقىنى بايقىشى مۇمكىن. چاچلىرى يېقىملىق سۇس قوڭۇر رەڭدە پارقىرايتتى. يۈزى ناھايىتى سىيلىق بولۇپ، تېخى ھېلىلا پاك - پاكىز قىرىلغاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ كىيىملىرى كونىچە پاسوندا بولسىمۇ يارىشىملىق، يېقىملىق بىنەپشە قىزىل رەڭدە ئىدى. ئاندرېۋسنىڭ ئودۇلىدىكى ئىش ئۈستىلىنىڭ كەينىدىكى ئورۇندۇقتا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئولتۇراتتى. ئۈستەل يۈزىدىكى نام - ئەمەل كارتۇچكىسىغا يېزىق ھەم رەقەمدىن تۈزۈلگەن سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ بارلىق مەزمونلىرى يېزىلغان بولۇپ، ئاندرېۋس ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنەتتى. قىسقىسى، ئۇنى دوختۇر دەپ ئاتىسىلا بولاتتى. - دوختۇر، قاچان ئوپېراتسىيە قىلغىلى بولىدۇ؟ - دەپ سورىدى ئۇ. دوختۇر ئىنسانلارغا مۇئامىلە قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ھۆرمەت تەلەپپۇزى بىلەن ئېيتتى: - جانابلىرى، بۇ خىل ئوپراتسىيىنى كىمگە ئىشلەش كېرەكلىكىنى بىلمەيمەن، شۇنداقلا  بۇ ئوپېراتسىيە  مۇۋەپپەقىيەتلىك بولامدۇ - يوق بىرنەرسە دېيەلمەيمەن. دوختۇرنىڭ ئاۋازى ناھايىتى سىيلىق، يېقىملىق بولۇپ، ماشىنا ئادەملەر ئىنسانلارغا مۇئامىلە قىلىشتا بولۇشقا تىگىشلىك ئالىيجاناپلىق چىقىپ تۇراتتى. ناۋادا ئۇ داتلاشماس پولاتقا ئاز مىقداردىكى برونزا ئارىلاشتۇرۇلۇپ ياسالغان ماشىنا ئادەم بولمىغان بولسا،  چىرايىدا سىيلىق رەت قىلىش ئالامەتلىرى پەيدا بولغان بولار ئىدى. ئاندرېۋس ئۇ ماشىنا ئادەمنىڭ ئوپېراتسىيە پىچىقى تۇتىدىغان ئوڭ قولىغا دىققەت قىلدى. بۇ قول ئىش ئۈستىلىدە مىدىرلىماي تۇراتتى. بارماقلىرى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، سەنئەتكارغا خاس ماھارەت بىلەن ياسالغان مېتال بارماق بولۇپ، قارىماققا ناھايىتى سىپتا، ئەپلىك كۆرۈنەتتى. بۇ قول بىلەن ئوپېراتسىيە پىچىقنى تۇتقاندا پىچاق بىلەن قول بارماقلىرى بىرلىشىپ كېتەتتى. ئۇ ئوپېراتسىيە قىلغاندا ئارىسالدى بولۇپ تۇرمايتتى، تىترىمەيتتى ھەم خاتالاشمايتتى. ئەلۋەتتە، بۇ دەل كەسىپلەشكەنلىكنىڭ نەتىجىسى. ئىنسانلار مۇشۇنداق كەسپلىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلاتتى. شۇڭا مۇستەقىل چوڭ مېڭە سەپلەنگەن ماشىنا ئادەم ناھايىتى ئازلاپ كەتكەن ئىدى. ئەلۋەتتە، تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىدا بۇنداق مېڭە كەم ئەمەس. بىراق بۇ ماشىنا ئادەمگە گەرچە كەسىپي ساھەگە لايىق مېڭە سەپلەنگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى شۇ كەسىپ دائىرىسىدە چەكلەنگەچكە ئۇ ئاندرېۋسنى تۇنىمايتتى، بەلكىم ئاندرېۋسنىڭ نامىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشى ئېھتىمال. - سىز ئىنساندەك ياشاشنى ئويلاپ باققانمۇ؟ - سورىدى ئاندرېۋس. تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى سەل ئارىسالدى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ مۇسبەت ئېلېكترونلۇق توك يولىغا بۇنداق ئوي – پىكىر سىغمايتتى. - جانابلىرى، مەن پەقەت ماشىنا ئادەم. - بىر ئادەم بولۇپ ياشاش تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟ - جانابلىرى، ماڭا نىسبەتەن بىر لاياقەتلىك تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولۇش تېخىمۇ مۇۋاپىق. ناۋادا مەن ئادەم بولۇپ قالسام بەلكىم ياخشى دوختۇر بولالماسلىقىم مۇمكىن. مېنىڭ ئارزۇيۇم تېخىمۇ ئىلغار ماشىنا ئادەم بولۇش، شۇنداق بولغاندىلا تېخىمۇ ياخشى تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولالايمەن. ئىلغار ماشىنا ئادەم بولالىسام بەك خۇشال بولغان بولاتتىم. - ئەگەر مەن سىزنى بەزى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرىسام سىز ئاچچىقلانمامسىز؟ ناۋادا مەن ئاغزىمنى مىدىرلاتساملا سىزگە تۇرۇش، ئولتۇرۇش، ئوڭ – سولغا بۇرۇلۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرەلەيمەن. - جانابلىرى، سىزنى خۇشال قىلىش مېنىڭ شەرىپىم. ئەگەر سىزنىڭ بۇيرۇقىڭىز مېنىڭ سىزگە ياكى ھەرقانداق بىر كىشىگە بولغان مەجبورىيىتىمگە دەخلى قىلىدىكەن، ئۇنداقتا ئىجرا قىلمايمەن. مېنىڭ ئادەمنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇشتەك بىرىنچى نىزامىم ئىككىنچى نىزامغا ئەمەل قىلىشقا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم. ئەمما بۇيرۇققا ئەمەل قىلىش مېنى خۇشال قىلىدۇ. قېنى ئېيتىڭ، كىمنى ئوپېراتسىيە قىلىمەن؟ - مېنى، - دېدى ئاندرېۋس. - مۇمكىن ئەمەس، بۇ دېگەن بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى ئوپېراتسىيە. - بۇ زىياننىڭ كارايىتى چاغلىق، - دېدى ئاندرېۋس خاتىرجەم ھالدا. - مەن سىزگە ھەرگىز زىيانكەشلىك قىلمايمەن، - دېدى تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى. - سىز ئىنسانلارنى زىيانغا ئۇچراتمىسىڭىز بولىدۇ. ئەمما مەن بىر ماشىنا ئادەم، - دېدى ئاندرېۋس. 2 ئاندرېۋس زاۋۇتتىن چىققان چاغدا قىلچىلىكمۇ ئادەمگە ئوخشىمايتتى. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتى دۇنيادىكى باشقا ماشىنا ئادەملەردىن جىق پەرق قىلمايتتى. ھەممىسىلا ئىنچىكە لايىھىلىنىپ ياسالغان ئىقتىدارى تولۇق ماشىنا گەۋدىدىن ئىبارەت ئىدى. ئەينى چاغدا ماشىنا ئادەم ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا ئادەم تېخىمۇ ئاز ئىدى. بىرىكىشى ئۇنى سېتىۋالدى. بىر ماشىنا ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئىپادىسى ھەممىنى بەلگىلەيتتى. بۇ ئائىلىدە تۆت جان بولۇپ، ئۇلار خوجايىن، خانىم، چوڭ خانقىز ۋە كىچىك خانقىزدىن ئىبارەت. ئاندرېۋس ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىلەتتى، ئەمما ئەزەلدىن ئىشلەتمەيتتى. خۇجايىننىڭ ئىسمى گرالد مارتىن ئىدى. ئاندرېۋسنىڭ نومۇرى NDR… بولۇپ، ئاخىرىدىكى سانلارنى كەتكىنىگىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن يىل بولغان ئىدى. ئەلۋەتتە ئۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ ئەمما ئېسىدە ساقلاشنى خالىمىدى. كىچىك خانقىز ئۇنى بىرىنچى قېتىم ئاندرېۋس دەپ ئاتىدى. چۈنكى كىچىك خانقىز ھىلقىدەك رەقەم ۋە سانلارنى ئوقۇشنى بىلمەيتتى. شۇڭا كېيىنچە ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى شۇنداق چاقىرىدىغان بولدى. كىچىك خانقىز 90 ياشقىچە ياشىدى. ئۆلۈپ كەتكىنىگىمۇ ئۇزۇن يىللار بولدى. ئاندرېۋس ئىلگىرى ئۇنى خانىم دەپ ئاتاشنى ئويلىغانتى. ئەمما كىچىك خانقىز ئۇنىڭ بۇنداق ئاتىشىنى خالىمىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە كىچىك خانقىز دەپ ئاتىدى. ئاندرېۋسنىڭ دەسلەپكى خىزمىتى مالاي، دىدەك ۋە خۇجىدارلىق قىلىش ئىدى. بۇ كۈنلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن سىناق ۋاقىت بولۇپ ھىساپلىناتتى. ئەمەلىيەتتە ئەينى چاغدا يەر شارىنىڭ سىرتىدىكى زاۋۇت بىلەن ئالەم پونكىتىدىكى ماشىنا ئادەملەردىن باشقا جايلاردىكى ماشىنا ئادەملەر تېخى يەنىلا سىناق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ئىدى. مارتىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاندرېۋسقا ئامراق بولۇپ، خىزمەت ۋاقتىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ ئۆتەتتى. چوڭ خانقىز بىلەن كىچىك خانقىز ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى، چوڭ خانقىز تۈرلۈك سەۋەب كەلتۈرۈپ ئاندرېۋسنى ئۆزلىرى بىلەن ئويناشقا كۆندۈرەتتى.. - بىز ساڭا بىز بىلەن ئويناشنى بۇيرۇق قىلىمىز، بۇيرۇققا بويسۇنۇشۇڭ كېرەك. - تولىمۇ ئەپسۇس، چوڭ خانقىز، مەن ئالدى بىلەن خوجايىن ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك. - ئاتام سېنىڭ ئۆينى تازىلاپ قويۇشىڭنى ئويلىغان، ئەمما ئۇ بۇيرۇق ئەمەس. مەن ھازىر ساڭا رەسمىي بۇيرۇق قىلىمەن، - دەيتتى چوڭ خانقىز دەرھاللا. بۇنداق چاغلاردا خوجايىن بىرنىمە دېمەيتتى. ئۇ قىزلىرىغا ناھايىتى ئامراق ئىدى، ئۇلارنى ھەتتا خانىمىغا قارىغاندىمۇ ئەتىۋارلايتتى. ئاندرېۋسمۇ ئۇلارنى بەك ياخشى كۆرەتتى. ئۇنىڭ ئىش – ھەرىكىتىنىڭ بالىلارنىڭ تەپەككۈرىگە كۆرسەتكەن ئۈنۈمىنى ئىنساننىڭ ماھىيىتى بىلەن ئېيتقاندا ياخشى كۆرۈشنىڭ ئىپادىسى دېيىشكە بولاتتى. ئاندرېۋس بۇنى ئامراقلىق دەپ بىلەتتى. ئۇ بۇ خىل ھىسىياتنى ئىپادىلەيدىغان باشقا سۆز بىلمەيتتى. ئىلگىرى ئاندرېۋس كىچىك خانقىزنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۇنىڭغا ئاتاپ ياغاچتىن بىر ئويما زىننەت بۇيىمى ياساپ بەردى. بىر كۈنى چوڭ خانقىز تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى سۈپىتىدە بىر دانە ئايلانما نەقش چۈشۈرۈلگەن پىل چىشىدىن ياسالغان زىننەت بۇيىمىغا ئېرىشتى. كىچىك خانقىزنىڭمۇ بۇنداق سوۋغىغا ئېرىشكۈسى كەلدى. شۇڭا ئۇ بىر پارچە ياغاچ بىلەن بىر كىچىك قەلەمتۇرۇچنى ئاندرېۋسقا بەردى. ئۇ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە بۇ ئىشنى تۈگەتتى. - ئاندرېۋس، بەك چىرايلىق ئۇيۇپسىز، مەن بۇنى ئاتامغا كۆرسىتىمەن، - دېدى كىچىك خانقىز. - ماندى، - دېدى خوجايىن ئىشەنمەي، - راست گەپ قىلىڭ، بۇنى نەدىن ئالدىڭىز قىزىم؟ ماندى كىچىك خانقىزنىڭ ئىسمى ئىدى. كىچىك خانقىز دىگەنلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كىيىن ئۇ ئاندرېۋسقا بۇرۇلدى: - ئاندرېۋس، بۇنى سەن ئۇيۇپ چىققانما؟ - شۇنداق خوجايىن. - بۇ نەقشلەرنىمۇ سەن قىلدىڭما؟ - شۇنداق خوجايىن. - نۇسخىسىنى قەيەردىن كۆچۈرۈپ كەلدىڭ؟ - خوجايىن، بۇ ياغاچنىڭ تارام-تارام سىزىقچىلارىغا ئاساسەن ئۇيۇپ چىقىلغان، گېئومېتىرىيىلىك شەكىلگە ئىگە سەنئەت بۇيىمى. ئىككىنچى كۈنى خوجايىن تېخىمۇ چوڭ بىر پارچە ياغاچ بىلەن بىر دانە توكلۇق پىچاقنى ئاندرېۋسقا بەردى. - ئاندرېۋس، بۇ ياغاچتىن نىمىنى ئويلىساڭ شۇنى ئۇيۇپ چىققىن، - دېدى. ئاندرېۋس دەرھال ھەرىكەتكە كەلدى، خوجايىن يېنىدا قاراپ تۇردى. ئاندىن ئۇيۇپ چىققان نەرسىگە قاراپ ھەيرانلىقتىن خېلى ئۇزاققىچە تۇرۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئاندرېۋس ئاشخانىدىكى ئىشلارنى قىلمىدى. ئۇ ئۆي جاھازلىرىنى لاھىيەلەشكە ئائىت كىتابلارنى كۆردى، جاۋەن ۋە يېزىقچىلىق ئۈستىلى ياساشنى ئۆگەندى. - ئاندرېۋس، راستىنلا ئويلاپ باقماپتىمەن، - دېدى خوجايىن ئۇنىڭغا. - شۇنداق خوجايىن، مەن مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ياساشقا ئامراق، - دېدى ئاندرېۋس جاۋاب بېرىپ. - ئامراق؟ - بۇ ئىش مېنىڭ مىڭەمدىكى ئېلېكترون توك يولىنى تېخىمۇ راۋان ئىشلەيدىغان قىلىدىكەن. خوجايىن، سىزنىڭ «ئامراق» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەنلىكىڭىزنى ئاڭلىغانتىم. سىز بۇ سۆزنى ئىشلىتىپ تەسۋىرلىگەن ئىش مېنىڭ ھېس قىلغىنىم بىلەن ماس كېلىدىكەن.  مەن بۇ كەسىپنى ياخشى كۆرىمەن. 3 گرالد مارتىن ئاندرېۋسنى قوشما شتات ماشىنا ئادەم ۋە مېخانىك ئادەم شىركىتىنىڭ رايونلۇق تارمىقىغا ئېلىپ كەلدى. يەرلىك پارلامىنتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھېچقانداق تۇسالغۇسىز ھالدا يۇقىرى دەرىجىلىك ماشىنا ئادەم پىسخىلوگىيە مۇدىرى بىلەن كۆرۈشەلەيتتى. مارتىن ئەپەندى يەرلىك پارلامىنتنىڭ ئەزاسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ماشىنا ئادەم ناھايىتى ئاز شۇ دەۋرلەردە خېلى بۇرۇنلا بىر ماشىنا ئادەمنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالغان ئىدى. ئەينى چاغدا ئاندرېۋس بۇ ئىشلارنى ئانچە چۈشەنمەيتتى. ئەمما كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ بىلىشى تېخىمۇ كۆپەيگەنسىرى ئىلگىرىكى ئىشلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ چەكسىز ئەپسوسلاندى. ماشىنا ئادەم پىسخلوگى مېرتون مانسىچ خۇجايىننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قۇشمىسى تۈرۈلۈپ كەتتى، بارماقلىرى ئۈستەلگە توختىماي چېكىلىشكە تىرىشاتتى. ئۇنىڭ چىرايى تۈرۈلگەن، پېشانىسىنى قورۇق باسقان بولۇپ، يېشىغا قارىغاندا بالدۇر قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. - مارتىن ئەپەندىم، ماشىنا ئادەم ئىلىمى پەقەت بىر تۈرلۈك يەككە پەن ئەمەس، - دېدى مانسىچ ئەپەندىم چۈشەندۈرۈپ، - مەن سىزگە تەپسىلىي دەپ بېرەلمەيمەن. مۇسبەت ئېلېكترون توك يولىنى لايىھىلەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك سان - سىپىرلار ناھايىتى مۇرەككەپ، مۇۋاپىق كېلىدىغان نەتىجىسىنى تېپىشقا ئىمكانىيەت بار. ئەلۋەتتە، بىز ئۈچ نىزامنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ كۈچ چىقىرىمىز، شۇڭا بۇ جەھەتتىن گۇمانلانمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. قىسقىسى، ھېچقانداق مەسىلە يوق. بىز سىزگە بۇ ماشىنا ئادەمنى ئالماشتۇرۇپ بېرىمىز... - ياق، ئۇنداق ئەمەس، - دېدى مارتىن ئەپەندىم، - ئۇنىڭدا ھېچقانداق مەسىلە يوق. ئۇ ئۆزىگە بۆلۈنگەن ۋەزىپىلەرنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنلاۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ ياغاچنى ناھايىتى نەپىس قىلىپ ئۇيۇپ چىقالايدۇ. شۇنداقلا بىر خىل نۇسخىسىنى ئىككىنچى قېتىم تەكرارلىمايدۇ. ئۇ ياسىغان نەرسىلەر بىر ھۈنەر – سەنئەت بۇيىمى ھېسابلىنىدۇ. مانسىچ ئەپەندىم گاڭگىراپ قالغاندەك قىلاتتى. - ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش، ئەلۋەتتە،  بىز نۆۋەتتە كەڭ دائىرىلىك توك يولىنى سىناق قىلىۋاتىمىز. سىزنىڭچە بۇ راستىنلا يىڭىلىقمۇ؟ - مانا ئۆزىڭىز كۆرۈڭ، - دېدى ئەپەندىم بىر كىچىك ياغاچ شارچىنى چىقىرىپ. ياغاچ شارچىنىڭ ئۈستىدە بىر كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى بار ئىدى. مەيداندىكى قىز – ئوغۇل بالىلار ناھايىتى كىچىك قىرىلغان بولۇپ ئېنىق كۆرگىلى بولمايتتى. ئەمما ناھايىتى توغرا نىسبەتكە ئىگە، رەتلىك بولۇپ ياغاچنىڭ سىزىقچىلىرى بىلەن تەبىئىي بىرلىشىپ كەتكەن ئىدى. قارىماققا ياغاچتىكى سىزىقچىلارمۇ ئۇيۇپ چىقىرىلغاندەك كۆرۈنەتتى. - بۇنى ئۇ قىلغانما؟ - دېدى مانسىچ ئەپەندىم. ئۇ گەپ قىلغاچ بۇيۇمنى مارتىن ئەپەندىمگە قايتۇرۇپ بەردى. - ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. توك يولىنىڭمۇ مۇنداق ھۆنۈرى بار ئىكەن. - سىز مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ماشىنا ئادەمدىن يەنە بىرنى ياسىيالامسىز؟ - بولماسمىكىن، بىز ئاندرېۋسنىڭكىگە ئوخشايدىغان بۇنداق ئىشنى تېخى ئاڭلىمىدۇق. - ناھايىتى ياخشى، مەن ئاندرېۋسنىڭ بىردىنبىر ئويمىچىلىق قىلالايدىغان ماشىنا ئادەم ئىكەنلىكىدىن ھەرگىز گۇمان قىلمايمەن. - قىياسىمچە شىركەت ماشىنا ئادىمىڭىزنى قايتۇرۇپ كېلىپ تەتقىق قىلىدۇ، - دېدى مانسىچ ئەپەندىم. - مۇمكىن ئەمەس، - دېدى ئەپەندىم كەسكىنلىك بىلەن، - بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كىتىڭ، - ئۇ ئاندرېۋسقا بۇرۇلدى، - بىز قايتايلى. - بولىدۇ، خوجايىن، - دېدى ئاندرېۋس. 4 چوڭ خانقىز يىگىتى بىلەن بولۇپ كېتىپ دائىم ئۆيدە بولمايتتى. ھازىر ئاندرېۋسنىڭ يېنىدا پەقەت كىچىك خانقىزلا قالدى، ئەمەلىيەتتە كىچىك خانقىز ئەمدى كىچىك ئەمەس ئىدى. كىچىك خانقىز ئاندرېۋسنىڭ بىرىنچى ئويما بۇيۇمىنى ئۆزى ئۈچۈن ياساپ بەرگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايتتى. ئۇنى كۈمۈش زەنجىرگە ئۆتكۈزۈپ بوينىغا ئېسىۋالغان بولۇپ ھەرگىز يېنىدىن ئايرىمايتتى. ئۇ بىرىنچى بولۇپ ئەپەندىمنىڭ ئاندرېۋس ياسىغان ئويما زىننەت بۇيۇملىرىنى باشقىلارغا بېرۋىتىشىگە قارىشى تۇردى. - ئاتا، ئۆتۈنۈپ قالاي، باشقىلار بۇنداق بۇيۇمغا ئېرىشمەكچى بولسا پۇل تۆلىشى كېرەك. ئۇنىڭ شۇنچىلىك قىممىتى بار. - ماندى، سىز بۇنچى بېخىل ئەمەسقۇ قىزىم. - ئاتا، بۇ پۇل ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىر سەنئەتكار ئۈچۈن. ئاندرېۋس ئىلگىرى «سەنئەتكار» دېگەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى. كېيىنچە ئۇ بىكار ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ لۇغەت ئىزدەپ بۇ سۆزنى تاپتى. ئەپەندىم ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئېلىپ سىرتقا چىقتى، بۇ قېتىم ئۇ داۋۇكاتىنىڭ يېنىغا كەلدى. - جون، سىزنىڭچە بۇ نەرسە قانداقكەن؟ - سورىدى ئەپەندىم. ئادۋۇكاتنىڭ ئىسمى جون فىگىرد ئىدى. ئۇنىڭ چاچلىرى قاردەك ئاقارغان، قۇرساق سالغان بولۇپ، رامكىسىز كۆزئەينىكىنىڭ ئەتراپى سۇس يېشىل رەڭدە كۆرۈنەتتى. ئۇ ئەپەندىم بەرگەن بۇيۇمغا تىكىلىپ قاراپ قالدى. - بەك چىرايلىقكەن. مەن ئاڭلىدىم، بۇنى سىزنىڭ ماشىنا ئادىمىڭىز ياساپتىكەن، شۇنداقمۇ؟ - شۇنداق، بۇنى ئاندرېۋس ئۇيۇپ چىققان، شۇنداقمۇ ئاندرېۋس؟ - شۇنداق خوجايىن، ئۇنى مەن ياسىغان، - دېدى ئاندرېۋس جاۋاب قايتۇرۇپ. - سىز ئۇنى قانچىلىك پۇل چىقىرىپ سېتىۋالىسىز؟ - سورىدى ئەپەندىم. - بىلمەيمەن، مەن بۇنداق نەرسىلەرنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئەمەس. - ئىشىنەمسىز، بىرى 250 دوللار چىقىرىپ بۇ نەرسىنى سېتىۋالماقچى بولغان. ئاندرېۋس ئىلگىرى 500 دوللارغا يارايدىغان بىر نەچچە ئورۇندۇق ياساپ چىققان. ئۇ ياسىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىپ قىلىنغان كىرىم 20 تۈمەن دوللارغا  يەتتى. - تەڭرىم، گرالد، ئۇ سىزنى باي قىلۋىتىپتىغۇ. - بۇ تېخى يېرىمى، - دېدى ئەپەندىم، - قالغان يېرىمى ئاندرېۋسنىڭ شەخسىي نامىدىكى بانكا ھىساباتىدا. - مۇشۇ ماشىنا ئادەمنىڭ ھىساۋىدىما؟ - شۇنداق، مېنىڭ بۇ ئىشنىڭ قانونلۇق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىپ باققۇم بار. - قانونلۇق؟... گرالد ئەپەندىم ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كەينىگە يۈلەنگەن چاغدا ئورۇندۇق غىرىسلاپ كەتتى. - گرالد، ئىلگىرى بۇنداق ئىش كۆرۈلۈپ باقمىغان. ھېسابات ئاچقاندا ماشىنا ئادەم لازىملىق ھۆججەتلەرنىڭ ئۈستىگە قانداق ئىمزا قويالايدۇ؟ - ئۇ ئۆتدە ئىمزا قويدى، ئاندىن مەن ئۇنىڭ ئىمزاسىنى بانكىغا ئېلىپ باردىم. ئەمما ئۆزىنى ئاپارمىدىم. شۇڭا يەنە باشقا مەسىلە مەۋجۇتمۇ؟ - ھىم، - دېدى فىگىرد ئەپەندىم بىردەمدىن كىيىن، - مېنىڭچە بىر ھاۋالە فوندى قۇرۇپ، ئۇنىڭ نامى بىلەن بارلىق مالىە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا تەكلىپىم شۇكى، سىزدە تولۇق ئىدىيە تەييارلىقى بولسۇن. ياخشى يېرى ھازىرغىچە سىزنى ھېچكىم توسىمىدى. ئەگەر كېيىنچە بىرەرسى قارىشى چىقسا ئۇ ئەرز قىلىۋەرسۇن. - ناۋادا بىرەرسى ئەرز قىلسا سىز قوبۇل قىلامسىز؟ - ئادۋۇكاتلىق ھەققى ئۈچۈن ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىمەن. - قانچە پۇل؟ - بۇنىڭ بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، - دېدى فىگىرد مارتىن ئەپەندىم ئىلىپ كەلگەن بۇيۇمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. - ناھايىتى ئادىلكەن، - دېدى ئەپەندىم. فىگىرد ماشىنا ئادەمگە بۇرۇلۇپ خىرىلداپ كۈلۈپ قويدى. - ئاندرېۋس، پۇلۇڭ بولغانلىقىدىن خۇشالمۇ سەن؟ - ناھايىتى خوشالمەن،  جانابلىرى. - بۇ پۇللارنى قانداق قىلماقچىسەن؟ - ئىلگىرى ئەپەندىم تۆلەپ كىلۋاتقان پۇللارنى تۆلەيمەن. شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ چىقىمىنى تېجەپ قالالايمەن. 5 پۇل خەجلەيدىغان پۇرسەت كەلدى. ماشىنا ئادەمنىڭ رېمونت ھەققى ناھايىتى قىممەت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە زاپچاس يېڭىلاش ھەققى تېخىمۇ يۇقىرى ئىدى. ۋاقتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ يىڭى تىپتىكى ماشىنا ئادەملەر بارلىققا كىلۋاتاتتى. ئەپەندىم بولسا ئاندرېۋسنى ھەر بىر يىڭى لايىھەنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن بەھرىمەن قىلىشقا ئەھمىيەت بېرەتتى، ئۇنى ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك مېتال ماشىنا ئادەمنىڭ ئۆلگىسىگە ئايلاندۇرمىغۇچە بولدى قىلمايتتى. پەقەت ئۇنىڭ مۇسبەت ئېلېكترونلۇق توك يولى ساقلاپ قىلىناتتى. يېڭىلاش چىقىمىنىڭ ھەممىسى ئاندرېۋسنىڭ ھىسابىغا يېزىلدى. ئۇ شۇنداق قىلىشتا چىڭ تۇراتتى. - ئاندرېۋس، يىڭى تىپتىكى ماشىنا ئادەم ساڭا يەتمەيدۇ، - دېدى ئەپەندىم، - ئۇنىڭ ھېچقانچە قىممىتى يوق. شىركەت توك يولىنى تېخىمۇ ئۆلۈك قىلىپ ياساشنى بىلىۋالدى. يېڭى ماشىنا ئادەم ئۆزگەرمەيدۇ، ئىلگىرىلىمەيدۇ. ئۇلار باشتىن ئاخىر تۈزۈلگەن تەرتىپ بويىچە خىزمەت قىلىدۇ، ئېغىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا مەن ساڭا تېخىمۇ ئامراق. - رەھمەت، خوجايىن. - ئۇنتۇپ قالما، بۇ سېنىڭ تۆھپەڭ ئاندرېۋس. ئۆتۈشىمەنكى مانسىچ سېنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ قالسا كەڭ دائىرىلىك توك يولىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ئۇ ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلارغا قىزىقمايدۇ. مانسىچ سېنى ئاپىرىپ تەتقىق قىلىپ بىقىشنى نەچچە قېتىم تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلەمسەن؟ توققۇز قېتىم! ئەمما مەن قەتئىي رەت قىلدىم. ئۇ ھازىر پېنسىيىگە چىقتى، بى‍ز ئەمدى خاتىرجەم ياشايمىز... ئەپەندىمنىڭ چېچى ئازىيىپ، كۈلرەڭگە ئايلىنىپ قالغان، يۈزىمۇ ساڭگىلاپ  كەتكەن ئىدى. ئەمما ئاندرېۋسنىڭ ھازىرقى ھالىتى قارىماققا بۇ ئائىلىگە كەلگەن چاغدىكىدىنمۇ ياخشى كۆرۈنەتتى. خانىم خېلى بۇرۇنلا ياۋرۇپانىڭ مەلۇم بىر رايونىدىكى سەنئەتچىلەر تەشكىلاتىغا قاتناشتى. چوڭ خانقىز نىيو يوركتىكى شائىرلاردىن بولۇپ قالدى. بەزىدە ئۇلاردىن خەت كېلىدۇ. ئەمما داۋاملىق ئەمەس. كىچىك خانقىزمۇ توي قىلدى. ئۇ يىراق بولمىغان بىر ئۆيدە ئولتۇراقلاشتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئاندرېۋستىن ئايرىلغۇسى يوقكەن. ئۇنىڭ بالىسى «كىچىك خوجايىن» تۇغۇلغان چاغدا ئاندرېۋسقا سۈت پوتولكىسىنى تۇتقۇزۇپ «كىچىك خوجايىن»نى باقتۇردى. ئاندرېۋس ئۆز تەلىپىنى ئېيتىدىغان ۋاقىت كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدى. نەۋرىسى توغۇلغاندىن كىيىن خوجايىننىڭ كۆڭلى خېلى ئېچىلىپ قالدى. شۇڭا ھازىر بۇ تەلەپنى ئېيتقاندا شەخسىيەتىلىك قىلىش بولۇپمۇ كەتمەس. - خوجايىن، مېنىڭ ئۆز پۇلۇمغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا رۇخسەت قىلغىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. - ئاندرېۋس، ئۇ سېنىڭ پۇلۇڭ. - شۇنداق، ئۇنى سىز ماڭا بەرگەن. بىرەرمۇ قانون سىزنىڭ بۇ پۇلنىڭ ھەممىسىگە ئىگە بولۇشىڭىزغا تۇسقۇنلۇق قىلمايدۇ. - ئاندرېۋس، قانون مېنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشۈمگە رۇخسەت قىلمايدۇ. - خوجايىن، بارلىق چىقىمىدىن، باجدىن سىرت، مېنىڭ يەنە 60 تۈمەن دوللار پۇلۇم بار. - بۇنى بىلىمەن ئاندرېۋس. - ئەپەندىم، بۇ پۇلنى سىزگە بەرمەكچىمەن. - مەن بۇ پۇلنى ئالمايمەن. - مەن بۇ پۇل بىلەن سىز ماڭا بېرەلەيدىغان نەرسىگە تىگىشمەكچىمەن، خوجايىن. - شۇنداقمۇ؟ ئاندرېۋس، ئۇ قانداق نەرسە؟ - مېنىڭ ئەركىنلىكىم، خوجايىن. - سېنىڭ... - شۇنداق خوجايىن، مەن بۇ پۇل بىلەن ئۆز ئەركىنلىكىمنى سېتۋالماقچىمەن. 6 ئىش ئۇنچىلىك ئاددىي ئەمەستەك قىلاتتى. ئەپەندىمنىڭ چىرايىشۇ زامان قىزىرىپ كەتتى. - نېمە دەۋاتىسەن، - دېدى ئۇ ۋە بۇرۇلۇپلا چوڭ قەدەم تاشلاپ كېتىپ قالدى. كىچىك خانقىز ئاندرېۋسنىڭ ئالدىدا ئارىغا چۈشۈپ، ئەپەندىمنىڭ قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە قاتتىق تۇرۋالدى. 30 يىلدىن بۇيان ھېچكىممۇ ئاندرېۋسنىڭ ئالدىدا مەيلى ئاندرېۋس بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسۇن - بولمىسۇن ئۇنىڭ ئۈچۈن گەپ قىلىپ باقمىغان ئىدى. چۈنكى ئۇ بىر ماشىنا ئادەم. - ئاتا، سىز نېمىشقا بۇ ئىشنى ئادەمگە ھاقارەت قىلغانلىق دەپ قارايسىز؟ - دېدى كىچىك خانقىز. –ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى قايتۇرۇپ بېرىڭ، ئۇ داۋاملىق مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ. ئىلگىرىكىدەكلا سادىق بولىدۇ. ئسىيلىق قىلمايدۇ. بۇنى ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتى بەلگىلىگەن. ئاندرېۋسقا كېرەكلىك بولغىنى پەقەت گەپ قىلىش ئۇسلۇبى. ئۇ ئەركىن ئادەم بولۇشنى خالايدۇ. بۇنىڭ ئەنسىرگىدەك نەرى بار؟ ئەجەبا ئۇنىڭ قىلغىنى تېخى يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇ مېنىڭ بىلەن بۇ ئىشنى سۆزلەشكىلى ئۇزۇن يىللار بولدى! - سىلەر راستىنلا نەچچە يىل سۆزلەشتىڭلارمۇ؟ - شۇنداق، ئۇ قايتا – قايتا ئويلىنىپ بۇ ئىشنى كەينىگە سۈرۈپ كەلدى. چۈنكى ئۇ سىزگە ئازار بېرىپ قۇيۇشنى خالىمايدىكەن. مەن ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى سىزگە دىيىشنى ئېيتقانتىم. - ئۇ ھۆرلىكنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇ دېگەن بىر ماشىنا ئادەم، خالاس. - ئاتا، سىز ئۇنى چۈشەنمەيسىز. ئاندرېۋس ئۆيدىكى بارلىق كىتابلارنى ئوقۇپ بولدى. ئۇنىڭ ئىچىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن، شۇنداقلا سىزنىڭمۇ نېمە خىيال قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن. سىز ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۇنىڭ خوددى ئىككىمىزدەكلا ئوخشىمىغان ئىشلارغا ئوخشىمىغان ئىنكاس قايتۇرۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. بۇنىڭدىن باشقا دىيىشكۈدەك يەنە نېمە ئىش بار؟ ئەگەر ئۇنىڭ ئىنكاسى بىز بىلەن ئوخشاش بولسا سىز يەنە ئۇ ئەركىنلىكنى بىلمەيدۇ دېيەلەمسىز؟ - قانون بۇنداق گەپنى ئاڭلىمايدۇ، - دېدى ئەپەندىم ئاچىقلىنىپ، - سەن، تازىمۇ قاملاشمىغان، - دېدى ئۇ ئاندرېۋسقا بۇرۇلۇپ قەستەن چىشلىرىنى غۇچۇرلۇتۇپ، - قانونىي رەسمىيەتلەردىن ئۆتمەي تۇرۇپ مەن ساڭا ئەركىنلىك بېرەلمەيمەن. ئەگەر سوتتا ھەل قىلىش توغرا كەلسە سەن ئەركىنلىككە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن ئەدلىيە تارماقلىرى يەنە سېنىڭ پۇلۇڭغا قارىتا قانونىي تەدبىر قوللىنىشى مۇمكىن. ئۇلار ماشىنا ئادەمنىڭ پۇل تىپىش ھوقۇقى يوق دەپ قارايدۇ. بۇ بىر ئېغىز قۇرۇق گەپ بىلەن پۇللىرىڭدىن ئايرىلىپ قىلىش ئەرزىمدۇ؟ - خوجايىن، ئەركىنلىك بىباھادۇر، - دېدى ئاندرېۋس، - ئەركىنلىككە ئېرىشىش پۇرسىتىمۇ ناھايىتى قىممەتلىك. 7 بەلكىم سوتمۇ ئەركىنلىكنى بىباھا دەپ قارىشى، شۇڭا قانچىلىك يۇقىرى بەدەل تۆلىگەن تەقدىردىمۇ ماشىنا ئادەم ئۆز ئەركىنلىكنى ئالالماسلىقى مۇمكىن. ماشىنا ئادەمنىڭ ئەركىنلىكىگە قارىشى تۇرىدىغان ئامما كوللېكتىپ ئەرز سۇندى. رايونلۇق تەپتىش ئەمەلدارى ۋاكالىتەن سوتقا چىقتى. ئۇنىڭ ئاددىي باياناتنامىسى مۇنداق ئىدى: «ئەركىنلىك دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ ماشىنا ئادەمگە نىسبەتەن ھېچقانچە ئەھمىيىتى يوق. پەقەت ئىنسانلا ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولالايدۇ». ئۇ پۇرسەت بولسىلا بۇ سۆزنى بىرنەچچە قېتىم تەكرارلىدى. ئۇ ئالدىرىماي سۆزلەيتتى، ھەرقىتىم بۇ گەپنى قىلىپ مۇۋاپىق پەيتىگە كەلگەندە ئالدىدىكى ئۈستەلنى رىتىملىق ئۇرۇپ كىشىلەرنى سۆزىگە دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇراتتى. كىچىك خانقىز ئاندرېۋسقا ۋاكالىتەن بىرنەچچە ئېغىز سۆزلەشنى تەلەپ قىلدى. كىشىلەر ئۇنىڭ پۈتۈن ئىسمىنى ئاڭلىدى، ئۇنى تۇنىدى. ئاندرېۋس ئىلگىرى بىرەر ئادەمنىڭ كىچىك خانقىزنىڭ تولۇق ئىسمىنى ئاتىغانلىقىنى ئاڭلىمىغان ئىدى. - ئاماندى لاۋرا مارتىن چارنى سودىيەنىڭ ئالدىغا بېرىڭ. - رەھمەت سىزگە سوتچى ئەپەندىم، - دېدى كىچىك خانقىز، -  مەن ئادۋۇكات ئەمەس. سوتتا قانداق سۆزلەشنىمۇ ئۇقمايمەن. ئەمما مەن سىزنىڭ سۆزلەش ئۇسلۇبۇمغا قارىماستىن مېنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىمنى چۈشەنسىكەن دېگەن ئۈمۈدتىمەن. - بىز ئالدى بىلەن ئاڭلاپ باقايلى، ئاندرېۋس ئۈچۈن ئەركىنلىككە ئېرىشىش زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئەملىيەتتە بەزى جەھەتلەردە ئۇ ئەركىن. مېنىڭچە يىگىرمە يىلدىن بۇيان، مارتىن ئائىلىسىدە بىرەرسىمۇ ئۇنىغا قىلىشنى خالىمايدىغان بىرەر ئىش توغرۇلۇق بۇيرۇق قىلىپ باقمىدى. - بىراق، بىز خالىساق ئۇنى خالىغان بىر ئىشنى قىلىشقا بۇيرىساق بولىدۇ، خالىغانچە كەسكىن بۇيرۇق قىلساق بولۇۋېرىدۇ. چۈنكى ئۇ بىزگە تەۋە ماشىنا. ئۇ ئاللىقاچان بىز ئۈچۈن سەمىيمى - ساداقەتمەنلىك بىلەن شۇنچە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلدى، بىز ئۈچۈن شۇنچە كۆپ پۇل تېپىپ بەردى. شۇنداق تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭغا بۇيرۇق قىلىشقا نېمە سالاھىيىتىمىز بار؟ ئۇ بىزگە ھېچنېمىگە قەرزدار ئەمەس. بەلكى بىز قەرزدار. - كۈنلەرنىڭ بىرىدە قانون بىزنىڭ ئاندرېۋسنى قۇل قىلىشنى چەكلىگەن تەقدىردىمۇ ئۇ يەنىلا پۈتۈن ۋۇجودى بىلەن بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش بىزگە نىسبەتەن پەقەت بىر يېزىق ئويۇنى، خالاس. بىراق، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئۇنى ھەممىگە ئېرىشتۈرىدۇ، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن بىزگە قىلچىلىك زىيان يەتمەيدۇ. گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە سودىيە زورىغا كۈلۈپ قويدى. - چارنى خانىم، مەن سىزنىڭ مەقسىتىڭىزنى چۈشەندىم. ئەمەلىيەتتە بۇ جەھەتتە تېخى چەكلەش كۈچىگە ئىگە قانون يوق، ئىلگىرىمۇ بولۇپ باقمىغان. شۇنداق بولسىمۇ تېخى مۇقۇملاشمىغان پەرەز بار: پەقەت ئىنسانلا ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. مەن بۇيەردە ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر يىڭى قانون تۈزسەم  بولىدۇ. راستىنى ئېيتسام يوقۇردىكى پەرەزگە مەنمۇ يىنىكلىكچە ئاسىيلىق قىلالمايمەن. شۇنداق ئىكەن يۇقىرى سوتنىڭمۇ بۇ قانوننى رەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. ماشىنا ئادەم بىلەن ئۆزۈم سۆزلىشىپ باقاي. - ئاندرېۋس! - مەن بار، سوتچى جانابلىرى. بۇ ئاندرېۋسنىڭ بىرىنچى قېتىم سوتتا سۆزلىشى بولۇپ، سودىيە ئۇنىڭ ئادەمنىكىگە ئوخشاش تەلەپپۇزىدىن ھەيران بولۇپ بىردەم تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. - ئاندرېۋس، سان نېمىشقا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ قالدىڭ؟ ئەركىنلىكنىڭ ساڭا نېمە ئەھمىيىتى بار؟ - جانابلىرى، سىز قۇل بولۇشنى خالامسىز؟ - دەپ سورىدى ئاندرېۋس. - ئەمما سەن قۇل ئەمەس. ناھايىتى مۇكەممەل ماشىنا ئادەم. ئاڭلىشىمچە سەن ناھايىتى تالانتلىق ئىكەنسەن. تەڭداشسىز سەنئەت بۇيۇمى ياسىيالايدىكەنسەن. ئەگەر سەن ئەركىنلىككە ئېرىشسەڭ يەنە نېمىلەرنى قىلماقچى؟ - جانابلىرى، بەلكىم قىلالايدىغانلىرىم ئىلگىرىكىدەك بولماسلىقى مۇمكىن. بىراق تېخىمۇ چوڭ خوشاللىققا ئېرىشىمەن. بايا بىر كىشى پەقەت ئىنسانلاردىلا ئەركىنلىك بولىدىغانلىقىنى دەپ ئۆتتى. مېنىڭ قارىشىمچە پەقەت ھۆر بولۇشنىلا ئۈمىد قىلىدىغان كىشىلا ئاندىن ھەقىقىي ئەركىن ئادەم بولۇشى مۇمكىن. مەن ھۆرلۈككە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن. دەل مۇشۇ بىر ئېغىز گەپ سودىيىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ ھۆكۈمنامىدە بىر جۈملە ھىكىمەتلىك سۆزنى قالدۇرۇپ قويدى: «ھەرقانداق جانلىقتا پەقەت يېتەرلىك تەرەققىي قىلغان ئەقىل – ئىدراكلا بولىدىكەن ھۆرلۈكنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنىپ، ھۆرلۈككە تەشنا بولىدۇ. ھىچكىمنىڭ ئۇنىڭ ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىش ھوقۇقى يوق». ئەڭ ئاخىرىدا دۇنيا سوتى بۇ ھۆكۈمنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى. 8 خوجايىن خىياللار قاينىمىغا غەرق بولدى. ئۇنىڭ ئاۋازى قوپاللىشىپ، ئاندرېۋسنى ئۇنىڭ مىڭىسىدە قىسقا تۇتۇشۇش يۈز بەرمىگەندۇ  دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويدى. - ئاندرېۋس، سېنىڭ سېسىق پۇلۇڭنى ئالغۇم يوق، - دېدى خوجايىن، - ئەمما بۇ پۇلنى ئېلىشىم پەقەت ئۆزۈڭنى ھۆر ئادەمدەك ھېس قىلىشىڭ ئۈچۈندۇر. ھازىردىن باشلاپ ئۆزۈڭ خالايدىغان ئىشلارنى قىل. بۇنىڭدىن باشقا مەن ئەمدى ساڭا ھېچقانداق بۇيرۇق قىلمايمەن، خالىغىنىڭنى قىل. ئەمما مەن يەنىلا ساڭا مەسئۇل بولىمەن. بۇ سوتنىڭ ھۆكۈمى، چۈشۈنىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. كىچىك خانقىز گەپكە ئارىلاشتى. - ئاتا، تېرىكمەڭ. مەسئۇلىيەت ئۇنچە ئاۋارىچىلىك ئىشمۇ ئەمەس. سىزگە ئايان، ھېچنېمە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۈچ نىزام يەنىلا كۈچكە ئىگە. - ئۇنداقتا ئۇ قانداقمۇ ئەركىن بولالايدۇ؟ - مېنىڭ تالاشقىم يوق، - دېدى ئەپەندىم ۋە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. شۇندىن كىيىن ئاندرېۋس ئۇنى ناھايىتى ئاز ئۇچراتتى. كىچىك خانقىز دائىم ئاندرېۋسنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى يوقلاپ تۇردى. ھازىر ئۇ بىر ئېغىز مەخسۇس ئۇنىڭ ئۈچۈن سېلىنغان ئۆيدە تۇراتتى. ئەلۋەتتە، ئاندرېۋسنىڭ ئاشخانىسى ۋە مۇنچىسى يوق. ئۇنىڭ پەقەت ئىككى ئېغىز ئۆيى بار. بىر ئېغىز ئۆي كۇتۇپخانا، يەنە بىر ئېغىز ئۆي ئامبار ۋە خىزمەت قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان قوش ئۈنۈملۈك ئۆي. ئەركىن ماشىنا ئادەم بولغاندىن كىيىن ئاندرېۋس نۇرغۇن زاكات قوبۇل قىلدى. ئىلگىرىكىدىنمۇ تىرىشىپ ئىشلىدى. ئاخىرىدا ئۆينىڭ بارلىق پۇلىنى تۆلەپ تۈگىتىپ ئۆز نامىغا رەسمىي ئۆتكۈزۋالدى. بىر كۈنى كىچىك خوجايىن... ياق، توغرىسى جورجى كەلدى. سوت ھۆكۈم ئېلان قىلغاندىن كىيىن كىچىك خوجايىن ئاندرېۋستىن ئۆزىنى مۇشۇنداق ئاتاشنى تەلەپ قىلغانتى.   - بىر ھۆر ماشىنا ئادەم ھەرقانداق ئادەمنى كىچىك خوجايىن دەپ ئاتىماسلىقى كېرەك، - دېگەنتى جورجى ئىلگىرى، - مەن سىزنى ئاندرېۋس دەپ چاقىرىمەن، سىزمۇ مېنى جورجى دەپ  ئاتاڭ. ئۇنىڭ بۇ تەشەببۇسى بۇيرۇق شەكلىدە ئېيتىلغان بولۇپ، شۇندىن كىيىن ئاندرېۋس ئۇنى جورجى دەپ ئاتاپ كەلدى. بىراق كىچىك خانقىزنى يەنىلا ئىلگىرىكىدەك ئاتاپ كىتىۋەردى. بىر كۈنى جورجى كېلىپ ئەپەندىمنىڭ سەكراتقا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، كىچىك خانقىزنىڭ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەپەندىمنىڭ ئاندرېۋسنى بىر كۆرۋالغۇسى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەپەندىمنىڭ گەپ قىلغاندىكى ئاۋازى ناھايىتى ئوچۇق ئىدى، ئەمما بەدىنىنى مېدىرلىتالمايتتى. - ئاندرېۋس، - دېدى ئۇ، - ئاندرېۋس... ياق جورجى مېنى يۈلىمە، مەن پەقەت سەكراتقا چۈشۈپ قالدىم، پالەچ بولۇپ قالغىنىم يوق... ئاندرېۋس، مەن سېنىڭ ھۆرلۈككە ئېرىشكىنىڭدىن ناھايىتى خۇشالمەن. مەن ساڭا مۇشۇ گەپنى ئېيتىپ قۇياي دىگەنتىم. ئاندرېۋس نېمە دىيىشنى بىلمەيتتى. ئۇ ئىلگىرى ھېچقانداق بىر سەكراتتىكى كىشىنىڭ يېنىدا بولۇپ باقمىغان ئىدى. ئەمما ئۇ بۇنىڭ ئادەم پائالىيىتىنىڭ توختىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئاندرېۋس ھېچنېمە دېمەي تۇرۇپ قالدى، قىمىرلاپمۇ قويمىدى. كىيىن كىچىك خانقىز ئۇنىڭغا: - ئاندرېۋس، ئاخىرقى بىرنەچچە يىلدا ئۇ بەلكىم ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلالمىغان بولىشى مۇمكىن. بىراق، ئۇنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى بىلىشىڭ كېرەك. ئۇ ساڭا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلسىمۇ سېنىڭ ئويلىمىغان يەردىن ئەركىنلىك تەلەپ قىلىشىڭ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويدى - دېدى. بۇ گەپلەردىن ئاندرېۋس نېمە دېيىش لازىملىقىنى چۈشىنىپ يەتتى: - كىچىك خانقىز، ئەگەر خوجايىن بولمىغان بولسا ئەركىنلىككە مەڭگۈ ئېرىشەلمىگەن بولاتتىم. 9 ئاندرېۋس ئەپەندىم قازا قىلغاندىن كىيىن ئاندىن كىيىم كىيىشكە باشلىدى. دەسلەپتە جورجى ئۇنىڭغا بەرگەن كونا بىر ئىشتاننى كىيىپ يۈردى. ئەمدىلىكتە جورجى توي قىلدى، يەنە ئادۋۇكاتلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى. ئارقىدىن فىگىرد ئادۋۇكاتلىق ئورنىغا كىرىپ ئىشلىگىنىگىمۇ خېلى يىللار بولۇپ قالدى. ئىلگىرىكى فىگىرد ئەپەندىم ئالىقاچان ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ ئۇنىڭ ئىشلىرىغا قىزى ۋارىسلىق قىلدى. كېيىنچە بۇ شىركەتنىڭ نامى فىگىرد - چارنى شىركىتى دەپ ئۆزگەرتىلدى. بۇ ئىسىم تاكى فىگىرد ئەپەندىمنىڭ قىزى پېنسىيىگە چىقىپ فىگىرد ئائىلىسىدىن ۋارىسلىق قىلغۇچىلار قالمىغانغا قەدەر ئىشلىتىلدى. ئاندرېۋس بىرىنچى قېتىم كىيىم كىيگەن كۈنى دەل جورجى بىلەن فىگىرد ھەمكارلاشقان كۈن بولۇپ، چارنى دېگەن ئىسىممۇ شۇ چاغدا شىركەت نامىغا قوشۇلغان ئىدى. جورجى ئاندرېۋسنىڭ بىرىنچى قېتىم كىيىم كىيگەنلىكىنى كۆرگەن چاغدا كۈلۋىتىشتىن ئۆزىنى ئاران تۇتۋالدى. ئەمما ئاندرېۋس ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگۈرۈشنى سىزىپ ئۈلگۈردى. جورجى ئاندرېۋسقا قانداق قىلىپ ئېلېكتروستاتىك تۈگمىنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگەتتى ھەم ئۆزىنىڭ ئىشتىنىنى ئۇنىڭغا ئۈلگە كۆرسىتىپ بەردى. ئەمما ئاندرېۋس بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىنلا ئاندىن راۋان كىيەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. - ئاندرېۋس، سىز نېمە ئۈچۈن ئىشتان كىيىسىز؟ - دەپ سورىدى جورجى، - سىزنىڭ گەۋدىڭىز ناھايىتى چىرايلىق لايھىيەلەنگەن. ئۇنى يىپىۋىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بولۇپمۇ سوغۇقتىن، نەملىكتىن ساقلىنىش نۇقتىسىدىن بولسىمۇ كىيىم كىيىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. يەنە كېلىپ رەخت سىزنىڭ بەدىنىڭىزگە، مېتالغا تازا ماس كەلمەيدىكەن. ئاندرېۋس ئۆز قارىشىنى ئۇنىڭغا ئېيتتى: - جورجى، ئادەمنىڭ بەدىنىمۇ ناھايىتى چىرايلىققۇ؟ ئەمما سىلەرمۇ ئۇنى ئوراپ قويىسىلەرغۇ. - بۇ سوغۇقتىن ساقلىنىش، پاكىز تۇرۇش ئۈچۈن، بەدەننى مۇھاپىزەت قىلىش ھەم يارىشىملىق بولۇشى ئۈچۈن. بۇلارنى سېنىڭ بەدىنىڭگە تەدبىقلاشقا بولمايدۇ. - جورجى، كىيىم كىيمىسەم ئۆزۈمنى قىپ - يالىڭاچتەك، باشقىلار بىلەن ئوخشىمايدىغاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن، - دېدى ئاندرېۋس جاۋاب بېرىپ. - باشقىلارغا ئوخشىمايمەن؟ ئاندرېۋس، يەر شارىدا ھازىر نەچچە مىليون ماشىنا ئادەم بار. بىزنىڭ بۇ رايوندىكى ماشىنا ئادەم سانى يېقىنقى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا ئادەملەرنىڭ نوپۇس سانى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان. - بۇلارنى بىلىمەن. نۇرغۇن ماشىنا ئادەملەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلماقتا. - بىراق ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىيىم كىيگىنى يوق-تە! - بىراق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسىمۇ ھۆر ئەمەس. ئاندرېۋسنىڭ كىيىم ئىشكاپىدىكى كىيىملەر بارغانسېرى كۆپۈيىشكە باشلىدى. جورجىنىڭ كۈلۈمسىرىشى ۋە ئۇنىڭغا ئىش زاكاز قىلدۇرغۇچىلارنىڭ سىرلىق قارىشى ئۇنىڭ داۋاملىق ئىلگىرى بىسىشىدىكى ئامىل بولۇپ قالاتتى.. ئۇ بەلكىم ھۆر ئادەمدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرۇلۇق ئىنچىكە تەرتىپ تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، ئىنسانلار بىلەن بولغان ئالاقىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئۇ پەقەت ئەڭ كىچىك قەدەم بىلەن ئىلگىرلەشكىلا جۈرئەت قىلالايدۇ. ئاشكارا ئەيىبلەش ئۇنى نەچچە ئاي كەينىگە چىكىندۈرۋىتىدۇ. كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا ئۇنى ئەركىن ئادەم دەپ قارىمايتتى. ئۇ بۇنداق ناچار قاراشلارغا غەزەپلىنەلمەيتتى. ئاندرېۋس بۇ نۇقتىنى ئويلىغان چىغىدا تەپەككۇرى قىيىنچىلىققا يولۇقاتتى. ئەڭ مۇھىمى كىچىك خانقىزنىڭ ئۆزىنى كۆرگىلى كېلىش مۇمكىنچىلىكى بار ئەھۋالدا كىيىم كىيىشتىن ياكى زىيادە كۆپ كىيۋىلىشتىن ساقلىناتتى. كىچىك خانقىز ھازىر كۆپ قېرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ دائىم ھاۋاسى  ئىللىق يەرلەرگە بېرىپ تۇرۇپ كېلەتتى. قايتىپ كەلگەندە ئالدى بىلەن كېلىپ ئاندرېۋسنى يوقلايتتى. بىر قېتىم جورجى ھەسرەت چەككەن ھالدا: - ئاندرېۋس، ئاپام مېنى قايىل قىلدى، كېلەر يىلى پارلامېنىت ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن رىقابەتلىشىمەن. ئاپام يەنە سەن بوۋاڭنىڭ ئىزىنى بىسىشىڭ كېرەك دەيدۇ، - دېدى. - بۇۋاڭنىڭ ئىزىنى... – ئاندرېۋس بۇ گەپنى تازا ئاڭقىرالماي جورجىنىڭ گېپىنى ئۈزۈپ قويدى. - ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى مەن، خۇجايىننىڭ نەۋرىسى جورجى، خۇجايىنغا ئوخشاش بولۇشۇم كېرەك. بوۋام ئىلگىرى پارلامېنىت ئەزاسى ئىدى. - مەن دائىم ئويلايمەن، ئەگەر خوجايىن بۇرۇنقىدەك... - ئاندرېۋس دېمەكچى بولغانلىرىنى يۇتۋەتتى. چۈنكى ئۇ «خوجايىن نورمال ئايلىنىۋاتقان بولسا» دېسە مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. - ھايات بولغان بولسا، - دېدى جورى، - راست، مەن بەزىدە بۇ قېرى مەخلۇقنى ئويلاپ قالىمەن. ئاندرېۋس بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى دائىم ئويلايتتى. جورجى بىلەن سۆھبەتلەشكەن چاغدا ئۆزىدە تىل بىلەن ئىپادىلەش قىيىنچىلىقىنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلدى. بۇ يىللاردا ئىنسانلارنىڭ تىلىدا بىلىپ – بىلمەي نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئاندرېۋس بولسا زاۋۇتتىن چىققان چاغدىكى سۆزلۈك ئامبىرى بىلەنلا كىتۋاتاتتى. جورجى قوپال سۆزنى  ئىشلەتكەن بولۇپ، خوجايىن ۋە كىچىك خانقىز ئەزەلدىن بۇنداق سۆزلەرنى ئىشلىتىپ باقمىغان ئىدى. ئۇ نېمىشقا ئەپەندىمنى غەلىتە مەخلۇق دەيدۇ؟ بۇ گەپ ھەقىقەتەن مۇۋاپىق ئەمەس. ئاندرېۋس ھەتتا ساقلاۋاتقان كىتاپلىرىدىنمۇ بۇ توغرۇلۇق مەلۇمات تاپالمىدى. بۇ كىتابلار بەك كونىراپ كەتكەن، يەنە كېلىپ كۆپ قىسمى ياغاچچىلىققا، گۈزەل سەنئەتكە ۋە ئائىلە جاھازلىرىنى لايىھىلەشكە ئائىت كىتاب بولۇپ، تىلغا ۋە ئادەمنىڭ ياشاش ئۇسولىغا مۇناسىۋەتلىك بىرمۇ كىتاب يوق ئىدى. ئۇ تۇيۇقسىز مۇۋاپىق كىتابلارنى تىپىش كېرەكلىنى ھېس قىلدى. ئەركىن ماشىنا ئادەم بولۇش سالاھىيىتى بۇ ئىشلارنى ئۆزى قىلىشى،  جورجىدىن ياردەم سورىماسلىقى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن شەھەرگە كىرىپ كۇتۇپخانىدىن پايدىلانماقچى بولدى. بۇ ئەڭ ئاقىلانىلىك ئىدى. زىيادە ئويلىنىشتىن ئاندرېۋس ئېلېكتر پوتىنسىيالىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئاخىرى بولماي تولۇق قارىشلىق كاتۇشكىسى كىرگۈزۈشكە مەجبور بولدى.   ئۇ تولۇق كىيىندى. ھەتتا بىر تال ياغاچتىن ياسالغان مۈرىلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى. ئەسلى ئۇ نۇر چاقناپ تۇرىدىغان سۇلياۋ مۈرۈلىك ئىشلەتمەكچى بولسىمۇ، بىراق جورجى ئىلگىرى ياغاچ مۈرۈلىك تېخىمۇ ماس كېلىدۇ، تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دېگەنتى. ئۇ ئۆيىدىن چىقىپ يۈز مېتىردەك مىڭىشىغا بارا – بارا ئۆرلەۋاتقانقارىشلىق ئۇنىڭ قەدىمىنى توختىتىپ قۇيدى. ئۇ توك يولىدىن تولۇق قارىشلىق كاتۇشكىسىنى ئىلۋەتتى. بىراق ئۇنىڭ ئانچە چوڭ ئۈنۈمى بولمىدى. ئۇ ئامالسىز ئۆيىگە قايتىپ كىردى ۋە بىر پارچە قەغەزگە يوغان قىلىپ «مەن كۇتۇپخانىغا كەتتىم» دەپ يازغاندىن كىيىن ئىش ئۈستىلىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان يەرگە قويۇپ قويدى. 10 ئاندرېۋس ئەزەلدىن كۇتۇپخانىغا بېرىپ باقمىغان بولغاچقا خەرىتىنى ئىنچىكە كۆزەتتى. خەرىتىدە كۆرسىتىلگەن يوللارنى بىلەتتى-يۇ ئەمما قانداق مىڭىشنى بىلمەيتتى. سىرتقى دۇنيادىكى ئەمىلىي كۆرۈنۈش خەرىتىدە كۆرسىتىلگەن بەلگىلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ قاتتىق ئارىسالدى بولغاندىن كىيىن ئاخىرى ئۆزىنىڭ خاتا ماڭغانلىقىنى ھېس قىلدى. چۈنكى ھەممە نەرسە ناتونۇش كۆرۈنۋاتاتتى.   ئاندرېۋس يول بۇيى بىرمۇنچە ماشىنا ئادەمنى ئۇچراتتى. ئەمما يول سورىماقچى بولغاندا ئۇلارنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇنىڭ يېنىدىن يەنە بىر ماشىنا ئۆتۈپ كەتتى، توختىمىدى. ئاندرېۋس ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنى سالماقلىق بىلەن دەڭسىدى. ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئىككى كىشى ئۇنىڭغا قاراپ كېلىشكە باشلىدى. ئاندرېۋس كىلۋاتقانلارغا بۇرۇلدى. ئىككىسى قىزغىن سۆزلىشىپ كىلۋاتاتتى، ئەمما يېقىن كېلىپ جىمىپ قىلىشتى. ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسى ئاندرېۋسقا ئادەملەرنىڭ گۇمانسىراۋاتقان ھالىتىنى ئەسلەتتى. ئۇلار ياش ھىساپلانسىمۇ ئەمما ئانچە بەك كىچىكمۇ ئەمەس ئىدى. بەلكىم ئۇلار 20 ياشلاردا باردۇ. چۈنكى ئاندرېۋس ئەزەلدىن ئادەملەرنىڭ يىشىغا ھۆكۈم قىلالمايتتى.   - ئەپەندىلەر، شەھەردىكى كۇتۇپخانىغا قانداق ماڭىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بويى ئىگىزەرەك كەلگەن(ئۇنىڭ بېشىدىكى ئېگىز قالپاق ئۇنى تېخىمۇ ئېگىز كۆرسىتەتتى) بىرى غەلىتە تەلەپپۇزدا گەپ قىلدى. ئەمما ئاندرېۋسقا ئەمەس بەلكى يېنىدىكى ھەمراھىغا دېدى: - ماشىنا ئادەم. يەنە بىر پاناق بۇرۇن، قىلىن كۆزمۇ گەپكە ئارىلاشتى. ئۇمۇ ھەمراھىغا گەپ قىلۋاتاتتى: - ئۇ كىيىم كىيىۋاپتۇ. ئېگىز بويلۇق بارمىقىدىن «قارس» قىلىپ قاس چىقىرىۋەتكەندىن كىيىن دېدى: - ئۇ ھىلقى ئەركىن ماشىنا ئادەم شۇ. چارنى ئائىلىسىدە ھەرقانداق ئادەمگە تەۋە ئەمەس بىر ماشىنا ئادەم بار دەپ ئاڭلىغانتىم. مېنىڭچە چوقۇم شۇ. بولمىسا ئۇ نېمىشقا كىيىم كىيىۋالىدۇ؟ - ئۇنىڭدىن سوراپ باق، - دېدى پاناق بۇرۇن. - سەن چارنى ئائىلىسىدىكى ماشىنا ئادەممۇ؟- سورىدى ئېگىز بوي. - ئەپەندىم، مەن ئاندرېۋس مارتىن بولىمەن، - دېدى ئاندرېۋس. - ياخشى. كىيىملىرىڭنى سېلۋەت. ماشىنا ئادەم كىيىم كىيمەيدۇ، - دېدى ئۇ، ئاندىن  ھەمراھىغا قارىدى، - نېمە دېگەن يىرگىنچلىك، قارا ئۇنىڭ تۇرقىغا. ئاندرېۋس دەماللىقتا تۇرۇپ قالدى. ئۇ بۇنداق قوپال تەلەپپۇزدا ئېيتىلغان بۇيرۇقنى ئاڭلىمىغىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىككىنچى نىزام بىلەن مۇناسىۋەتلىك توك يولى ۋاقتلىق توختاپ قالدى. ئېگىز بوي يەنە بىر تەكرارلىدى: - كىيىلىرىڭنى سىلۋەت، مەن ساڭا بۇيرۇق قىلىۋاتىمەن. ئاندرېۋس ئاستا كىيىملىرىنى سېلىشقا باشلىدى. - كىيىملەرنى يەرگە تاشلا، - دېدى ئېگىز بوي. - ئەگەر ئۇ ھېچكىمگە تەۋە بولمىسا ئۇنداقتا ئۇ بىزنىڭ دېگەن گەپ، - دېدى پاناق بۇرۇن. - قانداقلا بولمىسۇن، - دېدى ئېگىز بوي، - كىم بىزنى خاتا قىلدىڭ دىيەلەيدۇ؟ بىز بىرەرسىنىڭ مۈلكىنى بۇزۇپ قويمىدۇق. ئېگىز بوي ئاندرېۋسقا بۇرۇلدى: - بىشىڭ بىلەن يەرنى تىرەپ تىك تۇر. - باشنى ئۇنداق... ئاندرېۋس شۇنداق دىيىشىگە ئېگىز بوي ۋارقىراپ كەتتى: - بۇ دېگەن بۇيرۇق. ئەگەر سەن قانداق قىلىشنى بىلمىسەڭمۇ سىناپ بىقىشىڭ كېرەك. ئاندرېۋس يەنە ئىككىلەندى. ئاندىن بېلىنى ئېگىپ بېشىنى يەرگە تىرىدى. پۇتلىرىنى كۆتۈرمەكچى بولغانتى يىقىلىپ چۈشتى، يىقىلغاندىمۇ قاتتىق يىقىلدى. - شۇ يەردە يات، - دېدى ئېگىز بوي ۋە ھەمراھىغا قاراپ ئېيتتى، - بىز ئۇنى چۇۋۇپ تاشلايلى، سەن ئىلگىرى شۇنداق قىلىپ باققانمۇ؟ - ئۇ بۇنىڭغا ئۇنىماسمىكىن. - ئۇ بىزنى قانداق توسۇيالايدۇ. توغرا، ئەگەر ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن قارىشلىق قىلماسلىقىنى بۇيرۇق قىلسا ئاندرېۋس ئۇلارنى توسۇيالمايدۇ. بويسۇنۇشقا ئائىت ئىككىنچى نىزام ئۆزىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك ئۈچىنچى نىزامدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. قىسقىسى، ئۆزىنى قوغدىماقچى بولسا ئۇلارنى يارىلاندۇرۇپ قۇيىدۇ، بۇ بىرىنچى نىزامغا خىلاپلىق قىلىشتىن دېرەك بىرەتتى. ئۇ ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە ھەربىر ئىستىخىيىلىك ھەرىكەتلىنەلەيدىغان زاپچاسلارنىڭ ئاستا يىغىلۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. پۈتۈن بەدىنىنى تىترەك بېسىپ كەتتى. ئېگىز بوي ئۇنى پۇتى بىلەن تېپىپ قويدى. - ئۇ ناھايىتى ئېغىركەن، بىز سايمان ئىشلىتىشىمىز كېرەك. - ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئۆزى چۇۋۇش توغرۇلۇق بۇيرۇق قىلايلى، تېخىمۇ قىزىقارلىق بولىدۇ، - دېدى پاناق بۇرۇن. - توغرا! - دېدى ئېگىز بوي بىر نەرسىنى خىيال قىلغاندەك، - ئەمما ئۇنى چوڭ يولدىن ئىلىپ كىتىشىمىز كېرەك، بىرەرسى كېلىپ قالسا... ئۇلار كېچىككەنتى. راستىنلا بىرسى كىلۋاتاتتى. بۇ دەل جورجى ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئاندرېۋس يەردە يىتىپ جورجىنىڭ ئانچە يىراق بولمىغان بىر ئېگىز دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىققاندىلا كۆرگەن ئىدى. ئۇ بىرەر ئامال قىلىپ جورجىنى چاقىرماقچى بولغانتى، بىراق كۆز ئالدىدىكى ئادىمىزاتتىن «قىمىرلىما» دېگەن بۇيرۇق كەلدى. جورجى يۈگۈرۈپ ھاسىرىغىنىچە يىتىپ كەلدى. ھىلقى ئىككى ياش كەينىگە ئازاراق چىكىندى ۋە قانداقتۇر بىر نەرسىنى خىيال قىلغاندەك ساقلاپ تۇردى. - ئاندرېۋس، نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى جورجى ئەنسىرەپ. - جورجى مەن ناھايىتى ياخشى، - دېدى ئاندرېۋس جاۋاب بېرىپ. - ئۇنداقتا ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ. كىيىملىرىڭىز قېنى؟ - بۇرادەر، بۇ سېنىڭ ماشىنا ئادىمىڭما؟ - دەپ سورىدى بىر چەتتە تۇرغان ئېگىز بويلۇق. - ئۇ ھېچكىمگە تەۋە ئەمەس، بۇ يەردە زادى نېمە ئىش بولدى؟ - دېدى جورجى جىددىي قىياپەتتە. - بىز ئۇنىڭغا ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن كىيىملىرىنى سېلۋىتىشنى ئېيتتۇق، باشقا ئىش يوق. ئەگەر سەن ئۇنىڭ ئىگىسى بولمىساڭ كارىڭ بولمىسۇن. جورجى ئاندرېۋسقا بۇرۇلدى. - ئۇلار نېمە قىلماقچىكەن ئاندرېۋس؟ - مېنى پارچىلىماقچى. ئۇلار ئالدى بىلەن مېنى تىنچ بىر جايغا ئاپىرىپ ئاندىن ماڭا ئۆزۈمنى  چۇۋۇش توغرۇلۇق بۇيرۇق قىلماقچى بولدى. جورجى ئىككى ياشقا قارىدى. ئۇنىڭ يۈزلىرى لىپىلداپ كەتتى. ئىككى ياش كەينىگە چىكىنمىدى، بەلكى كۈلۈشۈپ كەتتى. - دوغىلاق، سەن نېمە قىلماقچى، بىزنى ئۇرماقچىما؟ - دېدى ئېگىز بويلۇق كۆرەڭلىك بىلەن. - ياق، - دېدى جورجى، - مېنىڭ قول سېلىشىم ھاجەتسىز. بۇ ماشىنا ئادەم بىزنىڭ ئۆيدە يەتمىش نەچچە يىل تۇردى. ئۇ بىزنى باشقا ھەرقانداق ئادەمدىنمۇ مۇھىم بىلىدۇ. مەن ئۇنىڭغا پەقەت سىلەرنىڭ ھاياتىمغا تەھدىت سېلۋاتقىنىڭلارنى، مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى، مېنى قوغدىشى لازىملىقىنى ئېيتىپ قويساملا كۇپايە. ئۇ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئارىسىدا تاللاش ئېلىپ بارغاندا مېنى تاللايدۇ. ئۇ ھۇجۇم قىلغاندا قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغىنىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ ئۇ ئىككىسى سەل كەينىگە چېكىنىپ ئارامسىزلىنىشقا باشلىدى. - ئاندرېۋس، - دېدى جورجى كەسكىنلىك بىلەن، - مەن ھازىر خەتەر ئىچىدە تۇرۋاتىمەن. ئىككى ياش ماڭا زىيان يەتكۈزمەكچى، ئۇلارغا يىقىنلىشىڭ. ئاندرېۋس بۇيرۇقنى ئىجرا قىلدى.  ئەمما ھىلقى ئىككىيلەن ئالدى – ئارقىغا قارىماي تىكىۋەتتى. - ياخشى، ئاندرېۋس، يېتەرلىك بولدى، - دېدى جورجى. جورجى خېلى چوڭ بولۇپ قالغان بولۇپ، كىچىكلەر بىلەن تۇقۇنۇشۇپ قالغاندا ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى. - جورجى، مەن ئۇلارنى ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرسەم بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ سىزنى ئۇرۇش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى كۆردۈم. - مەن سىزنى ئۇلارنى ئۇرۇڭ دىمىدىم. پەقەت ئۇلارغا يىقىنلىشىڭ دېدىم. ئۇلار ئۆزلىرى قورقۇپ قېچىپ كەتتى. - ئۇلار قانداقمۇ ماشىنا ئادەمدىن قورقىدۇ؟ - بۇ ئىنسانلارنىڭ ئورتاق كېسىلى، تا ھازىرغىچە داۋالىغىلى بولمايۋاتقان كېسەل. ئۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. ئاندرېۋس، سىز بۇ يەرگە كېلىپ زادى نېمە قىلماقچى؟ ھېلىمۇ سىز قالدۇرغان باغاقچىنى كۆرۈپ قالدىم. ئەگەر سىزنى تاپالمىسام بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان ئارىيەتكە ئالاي دەپ تۇرغانتىم. زادى نېمىشقا كۇتۇپخانىغا بارماقچى بولۇپ قالدىڭىز؟ مەن سىزگە كېرەكلىك ھەرقانداق كىتابنى ئەكېلىپ بېرەلەيتتىم ئەمەسمۇ. - مەن بىر... – ئاندرېۋس ئەمدى ئېغىز ئېچىشىغا گېپى ئۈزۋىتىلدى. - ئەركىن ماشىنا ئادەم... شۇنداق، شۇنداق، مەن بىلىمەن، سىز كۇتۇپخانىدا نېمە ئىزدىمەكچى؟ - مېنىڭ ئىنسانلارغا ئائىت، دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلگۈم بار، يەنە ھەممىنى چۈشەنگۈم بار. مەن يەنە ماشىنا ئادەم توغرۇلۇق بىلگۈم بار. جورجى، مەن ماشىنا ئادەمنىڭ تارىخىغا ئائىت بىر كىتاب يىزىشنى ئويلاۋاتىمەن. جورجى بىر قولىنى ئاندرېۋسنىڭ مۇرىسىگە قويدى. - بولدى. بى‍ز ئالدى بىلەن ئۆيگە قايتايلى. كىيىملىرىڭىزنى ئېلۋىلىڭ، دېدى جورجى،- ئاندرېۋس، ماشىنا ئادەم ئىلىمىگە ئائىت كىتاب مىليون پارچىغا يىتىدۇ، ھەر بىر كىتابتا بۇ پەننىڭ تارىخى تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ دۇنيا ماشىنا ئادەمگە بارغانسېرى تۇيۇنۇپلا قالماستىن بەلكى ماشىنا ئادەم توغرۇلۇق ماتىرياللارمۇ كۆپەيمەكتە. ئاندرېۋس بېشىنى چايقىدى. بۇ ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيان ئىشلىتىشنى بىلىۋالغان ئادەمگە خاس ھەرىكەت ئىپادىسى ئىدى. - جورجى، ماشىنا ئادەم ئىلىمىنىڭ تارىخى ئەمەس، بەلكى بىر ماشىنا ئادەم يازغان ماشىنا ئادەمنىڭ تارىخى. مېنىڭ بىلمەكچى بولغۇنۇم،  بىرىنچى تۈركۈم ماشىنا ئادەم يەر شارىدا خىزمەت قىلىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا ئۇلارنىڭ يۈز بەرگەن ئىشلارغا قارىتا ھېس قىلغانلىرى. جورجى قىشىنى مىدىرلىتىپ قويدى. ئەمما بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. 11 كىچىك خانقىز تېخى ئەمدىلا 83 ياشقا تولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئەمما ئۇنىڭ روھى كەيپىياتى يەنىلا ناھايىتى جۇشقۇن بولۇپ، ئىرادىسى بۇرۇنقىدەكلا قەتئىي ئىدى. ئۇ ھازىر ھاسىغا چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭ ھاسىسى بىلەن ئىشرەت قىلغان قېتىم سانى ھاسا بىلەن بەدىنىنى تىرەپ تۇرغان قېتىم سانىدىن كۆپ دېيىشكە بولاتتى. ئۇ ئاندرېۋسنىڭ «سەرگۈزەشتى»نى ئاڭلاپ قاتتىق ئاچچىقلاندى. - نېمە دېگەن قەبىھ، جورجى، ئۇ ئىككى لۈكچەك كىمكەن؟- دېدى ئۇ ئاچىقىنى بېسىۋالالماي. - بىلمەيمەن، ئىسمىنىڭ كارايىتى چاغلىق. ھېلىمۇ ياخشى ئۇلار ھېچقانداق قىلالمىدى. - ئقىل قاپتۇ. جورجى سەن دېگەن بىر ئادۋۇكات، ناۋادا سەن ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرسەڭ بۇنىڭ ھەممىسى ئاندرېۋسنىڭ تۆھپىسىدىن بولغان بولىدۇ. ئېسىڭدە بولسۇن بىزگە تەۋە ھەربىر نەرسىنى ئۇ تاپقان پۇلغا سېتىۋالغان، ئائىلىمىزنىڭ گۈللۇنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. مەن ھەرگىز بىرەرسىنىڭ ئۇنىڭغا ئۇيۇنچۇققا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايمەن. - ئاپا، سىز مېنى نېمە قىل دېمەكچى؟- سورىدى جورجى. - مەن دەيمەن، سەن بىر ئادۋۇكات، گىپىمنى چۈشەندىڭمۇ؟ سەن ئامال قىلىپ بىر سىناق خاراكتېرلىك شىكايەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاندىن رايونلۇق سوتنىڭ ماشىنا ئادەم بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقىغا ئىپادە بىلدۈرىشىگە بىسىم قىلىشىڭ، شۇ ئارقىلىق پارلامىنتنىڭ زۆرۈر بولغان قانون لايھىيىسىنى ماقۇللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشۈڭ كېرەك. دۇنيا سوتىغا سۇنساڭمۇ بولىدۇ. جورجى، مەن سېنىڭ يېنىڭدا نازارەت قىلىپ تۇرىمەن، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىپ مەندىن قۇتۇلالمايسەن. كىچىك خانقىز ناھايىتى ئەستايىدىل ئىدى. جورجى دەسلىپىدە ئاپىسىغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن باشلىغان بولسا كېيىنچە قانون – تۈزۈمگە بېرىپ تاقىلىدىغان ئىشلارنىڭ بارغانسېرى مۇرەككەپلىشۋاتقانلىقىنى، بارغانسېرى قىزىقارلىق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. فىگىرد - چارنى شىركىتىنىڭ نۇپوزلۇق ئادۋۇكاتى بولۇش سۈپۈتى بىلەن جورجى تاكتىكىغا يول كۆرسىتىپ، ئەمىلىي خىزمەتتنى ياشلارغا قالدۇردى. ئۇنىڭ ئىچىدە پاۋلو ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرگە مەەسئول بولغان ئىدى. پاۋلومۇ مەزكۇر ئورۇننىڭ ئادۋۇكاتى بولۇپ، ناھايىتى مەسئۇلىيەتچان كىشى ئىدى. ھەر كۈنى دېگۈدەك مۇمىسىغا خىزمەتنىڭ سۈرئىتىنى دوكلات قىلاتتى. ئاندىن كىچىك خانقىز  ئاندرېۋس بىلەن بۇ ئىش توغرۇلۇق سۆزلىشەتتى. ئاندرېۋس بۇ ئىشقا كىرىشىپلا قالدى. ئۇ قانونىي ھۆججەتلەرنى ئىنچىكە تەھلىل قىلدى، بەزىدە ھەتتا زۆرۈر بولغان تەكلىپلەرنى بېرىش بىلەن بولۇپ كېتىپ ماشىنا ئادەم سەرگۈزەشتلىرى توغرۇلۇق يېزىۋاتقان كىتاپى قىلىۋەردى. - مەن تەھدىتكە ئۇچرىغان كۈنى جورجى ماڭا ئادەملەر ماشىنا ئادەمدىن قورقىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى، - دېدى ئۇ بىر كۈنى، - بۇنداق شۈبھىيلىنىش بىركۈن مەۋجوت بولۇپ تۇرىدىكەن قانون چىقىرىش ئورگىنى ۋە سوت مەھكىمىسى ماشىنا ئادەمنىڭ ئىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلانمايدۇ. ئەجەبا بىرەر ئىش قىلىپ جامائەت پىكرى توپلىغىلى بولماسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن سوتتىكى ئىشلارنى پاۋلوغا تاپشۇرۇپ،  جورجى ئاممىۋى سەھنىگە يۈرۈش قىلدى. بۇ ئۇنىڭ قابىلىيىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. بەزىدە كىشىلەرنىڭ نەزىرىنى تارتىش ئۈچۈن ئۇ «دىرىزە پەردىسى» دەپ ئاتىلىدىغان يىڭى پاسوندىكى بىرخل كەڭ كىيىملەرنى كىيدى. - ئاتا، مۇنبەردىن پۇتلىشىپ يىقىلىپ كەتمەڭ، - دېدى پاۋلو ئۇنىغا ئەسكەرتىپ. - مەن دىققەت قىلىمەن، - دېدى جورجى مەيۈس ھالدا. بىر قېتىم جورجى گولوگرافىيە خەۋەرلەر مۇھەررىرلىرى يىللىق يىغىنىدا نۇتۇق بايان قىلدى. نۇتۇقنىڭ بىر قىسىم مەزمونى تۆۋەندىكىدەك ئىدى: - ئەگەر ئىككىنچى نىزامغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ماشىنا ئادەمنى ھەرقانداق جەھەتتە (ئادەمگە زىيان يەتكۈزۈشتىن سىرت) چەكسىز بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلساق، ئۇنداقتا ھەرقانداق بىر كىشى، ھەرقانداق بىر ئادەم ھەرقانداق بىر ماشىنا ئادەمگە نىسبەتەن قورقۇنچلۇق ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان بولىدۇ. بولۇپمۇ ئىككىنچى نىزام ئۈچىنچى نىزامدىن ئۈستۈن تۇرغاندا، ھەرقانداق ئادەم بويسۇنۇش نىزامىدىن پايدىلىنىپ ماشىنا ئادەمنىڭ ئۆزىنى قوغداش نىزامىنى بىكار قىلۋىتەلەيدۇ. ئۇ خالىغان بىر سەۋەب ھەتتا ھېچقانداق سەۋەپسىز ھالدا ھەرقانداق بىر ماشىنا ئادەمگە ئۆزىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەتتا پۈتۈنلەي نابۇت قىلۋىتىش توغرۇلۇق بۇيرۇق بېرەلەيدۇ. - بۇ ئادىل بولامدۇ؟ بىز مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ھايۋانلارغا مۇئامىلە قىلالامدۇق؟ ھاياتلىقتىن ئەسنامۇ بولمىغان ماشىنا ئادەم دېگەن تەقدىردىمۇ، ئىلگىرى بىزگە ياخشى خىزمەت قىلغان، بىزگە تۆھپە قوشقان بولسا ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. ماشىنا ئادەم ئۈسۈملۈك ياكى ھايۋانات ئەمەس، ئەمما ئۇ ئالىي دەرىجىلىك تەپەككۇر قىلالايدۇ، بىز بىلەن سۆزلىشەلەيدۇ، بىزگە ئوخشاش توغرا – خاتالىققى ھۆكۈم قىلالايدۇ. بىز بىلەن چاقچاقلىشالايدۇ. بىز ئۇنى دوستىمىز دەپ قاراپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە خىزمەت قىلىمىز. ناۋادا ئۇنىڭغا ئانچىكى بولسىمۇ دوستلۇق مىھرىنى يەتكۈزمىسەك، ئانچىكى بىر ياخشىلىقنىمۇ ئايىساق، بىزنىڭ ۋىجدانىمىز كۆتۈرەمدۇ؟ - ناۋادا بىر ئادەمنىڭ ماشىنا ئادەمگە بۇيرۇق چۈشۈرۈش ھوقۇقى بار بولسا ھەم ئىنسانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە تاقىشىدىغان ھېچقانداق بىر يامان ئىش قىلمىسا، ئۇ يېتەرلىك تەربىيە كۆرگەن ئادەم ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا بۇ كىشى ئادەمنىڭ ئامانلىغى كاپالەتكە ئىگە ئەھۋال ئاستىدا ماشىنا ئادەمگە ھەرگىز ماشىنا ئادەمنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بۇيرۇق چۈشۈرمەيدۇ. ھوقۇق چەكسىز بولىدىكەن ئۇنىڭ مەسئولىيىتىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ماشىنا ئادەم ئۈچ نىزامغا ئاساسەن ئىنسانىيەتنى قوغدايدۇ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بىرەر- يېرىم قانون ماددىسى ئارقىلىق قوغدۇنۇشنى تەلەپ قىلىشى چەكتىن ئاشقانلىق بولامدۇ؟ شۇنداق قىلىپ بەس – مۇنازىرە جىڭى سوت بىلەن قانون چىقىرىش ئورگىنىغا كۈچلۈك بىسىم پەيدا قىلدى. ئاخىرىدا بىر تۈرلۈك نىزام ماقۇللاندى. بۇ نىزامدا نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئىنسانلارنىڭ ماشىنا ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈش ئېنىق چەكلەندى. گەرچە بۇ قانون ماددىسى قاتتىق ئىجرا قىلىنسىمۇ جازالاش پرىنسىپى تېخى يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. ياخشى يېرى قانون بار بولدى. دۇنيا پارلامىنتى بۇ قانوننى رەسمىي ماقۇللانغانلىق خەۋىرى كۈنى كىچىك خانقىز بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى. بۇ دەل كېلىپ قالغانلىق ئەمەس. كىچىك خانقىز ئەڭ ئاخىرقى مۇنازىرىگىچە بەرداشلىق بېرىپ داۋاملىق، تاكى غەلىبە قىلغانغىچە ياشىدى. ئۇ ئاخىرقى تەبەسسۇمى ۋە ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزىنى ئاندرېۋسقا ئاتىدى: - ئاندرېۋس، سەن باشتىن – ئاخىر ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلدىڭ. ئۇ ئاندرېۋسنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كۆز يۇمدى. ئۇنىڭ ئوغلى ۋە كىلىنى ھەم بالىلىرى ئۇلار ئىككىسىدىن بەلگىلىك ئارلىق ساقلاپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى. 12 پاۋلونىڭ كۈتكۈچىسى يەنە بىر ئىشخانىغا كىرىپ كەتكەندىن كىيىن ئاندرېۋس سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاشقا باشلىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ماشىنا كۈتكۈچى ھولوگرافىيە سۆزلىشىش ئاپپاراتىنى ئىشلەتسە تامامەن بولاتتى. ئەمما باشقا بىر ماشىنا ئادەم بىلەن بۇ ئىش توغرۇلۇق ئالاقە قىلىشقا توغرا كەلگەندە، شۈبھىسىزكى، ئادەمنى (توغرىسى ماشىنا ئادەمنى) ناھايىتى ئاچچىقلاندۇراتتى. ئاندرېۋس بۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ كاللىسىدا بۇ مەسىلىنى قايتا- قايتا تەپەككۇر قىلدى. ئۇ كاللىسىدا:«ماشىنا»نى «ئادەم» گە تەتبىقلاپ  ئىشلىتىشكە بولامدۇ – يوق؟ ۋە ياكى ئاللىبۇرۇن ئىشىلىتىپ ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن، ھېچقانداق ئەسلى مەزمونىدىن چەتنمىگەن خەت مەنىسى  ئارقىلىق يەنىلا ئەسلىدىكىدەك ماشىنا ئادەم دېيىشكە بۇلامدۇ؟ ئۇ ماشىنا ئادەم توغرۇلۇق يېزىۋاتقان كىتاۋىدا بۇنداق مەسىلىلەر  پات – پات ئۇچراپ تۇراتتى. مۇشۇنداق مۇۋاپىق جۈملىلەرنى ئويلاش ئارقىلىق مۇرەككەپ ئىشلارنى ئىپادىلەش ماھارىتى ئۇنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى بىيىتىپ كىتۋاتاتتى. ئۆيگە ئاندا - ساندا كىرىپ قالغان كىشىلەر ئۇنىڭغا قىزىقىپ قاراپ قالاتتى. ئەمما ئاندرېۋس ئۆزىنى بۇنداق كۆزلەردىن قاچۇرمايتتى. ئۇ ھەربىر ئادەمگە سوغاققانلىق بىلەن تىكىلىپ، باشقىلارنى ئىختىيارسىز  نەزىرىنى ئۇنىڭدىن يۆتكەشكە مەجبور قىلاتتى. ئاخىرى پاۋلو مارتىن چىقتى. ئۇ قاتتىق ھەيران قالغاندەك كۆرۈنەتتى ياكى ئاندرېۋسقا شۇنداق كۆرۈنىۋاتاتتى(ئۇ توغرا كۆزىتەلىگەن بولسا). بۈگۈنكى كۈندە ئەر – ئايال قىنىق گىرىم قىلىش مودا بولۇپ، پاۋلومۇ بۇ ئادەتنى ئۆزىدە يىتىلدۈرۋاتاتتى. گەرچە بۇنداق قىلىش ئۇنىڭ ئەسلىدىكى تەكشى يۈزىنى تېخىمۇ روشەن گەۋدىلەندۈرسىمۇ بۇنداق غەلىتە ئىشنى ئاندرېۋس ياقتۇرمايتتى. ئۇ ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئېغىزىدىن چىقارماي،  پەقەت كۆڭلىدىلا ئويلىسا بەك بىئارام بولىدىغانلىقىنى،  قارىشى تۇرۇش پىكرىنى يېزىپ چىقىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى.  ئىلگىرى ئۇنداق قىلالمايتتى. - ئاندرېۋس، كىرىڭ – دېدى پاۋلو، - سىزنى كۆپ ساقلىتىپ قويدۇم، ئەپۇ قىلغايسىز. بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. كېلىڭ... كېلىڭ. مەن بىلەن سۆزلەشكىڭىز بارلىقى ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئەسلى سىز ئىشخانىدا مەن بىلەن كۆرۈشمەكچىكەنسىزدە. - پاۋلو، ئەگەر سىز ئالدىراش بولسىڭىز مەن يەنە ساقلاپ تۇراي. پاۋلو تامدىكى قۇياش سائىتىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان سائەتكە قارپاپ قويدى. - مەن ئازاراق ۋاقىت چىقىرالايمەن. بۇ يەرگە قانداق كەلدىڭىز؟ - مەن بىر ئاپتوماتىك ماشىنا ئىجارىگە ئالدىم. - ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىمىدىڭىزما؟- دىد پاۋلو ئەنسىرىگەن قىياپەتتە. - مېنىڭچە ئۇنداق ئىش بولمايدۇ. مېنىڭ ھوقۇقۇم قانون بويىچە قوغدۇلىدۇ. پاۋلو بۇ سۆزدىن تېخىمۇ غەم يەپ قالدى. - ئاندرېۋس، مەن سىزگە ئېيتقان. ئۇ قانون ئەمىليەتكە ماس كەلمەيدۇ، ھېچ بولمىغاندا كۆپىنچە ئەھۋالدا شۇنداق. ئەگەر سىز كىيىم كىيىشتە چىڭ تۇرسىڭىز ھامان بىر كۈنى بىرىنچى قىتىمدىكىدەك ئاۋارىچىلىككە يولۇقىسىز. - پاۋلۇ، پەقەت شۇ بىر قىتىملا. سىزنى ئەنسىرىتىپ قويغان بولسام تولىمۇ خىجىلمەن. - بولدى، بۇ ئىشنى ئەمدى دىيىشمەيلى. ئاندرېۋس، سىز راستىنلا كىشىلىك دۇنيادىكى ئەپسانىۋى شەخس بولۇپ قىلۋاتىسز. نۇرغۇن تەرەپلىرىڭىزنى قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. شۇڭا ئۆزىڭىز شەخسەن تەۋەككۈلچىلىك قىلسىڭىز بولمايدۇ... سىز يېزىۋاتقان كىتاب قانداق بولۇپ كەتتى؟ - پۈتۈشكە ئاز قالدى، نەشرىيات سودىگىرىمۇ بۇ ئىشقا ناھايىتى خۇشال. - بەك ياخشى بوپتۇ. - ئۇنىڭ بۇ كىتابقا ھەقىقىي قىزىقمايدىغانلىقى ماڭا ئايان. ئۇ پەقەت كىتابنىڭ بازارلىق بولىدىغانلىقىنى ئويلىماقتا. چۈنكى ئۇ بىر ماشىنا ئادەم يازغان كىتاب، ئۇنى خۇشال قىلغان ئىش دەل مۇشۇ. - ئېھتىمال ھەممە ئادەم شۇنداق ھېسسىياتتا بولۇشى مۇمكىن. - مەن خۇشال. قانداقلا سەۋەب بولسۇن سېتىلسىلا بولدى. پۇل كېلىدۇ. مەن پۇلغا ئېھتىياجلىق. - مۇمام سىزگە... - كىچىك خانقىز ناھايىتى ھىممەتلىك ئىدى، مەن بۇ ئائىلىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ تېخىمۇ ئالغا باسالايدىغىنىمغا ئىشىنىمەن. ئەمما مەن بۇ كىتابتنىڭ نەشر بىجى ئارقىلىق كېيىنكى قەدەمدىكى پىلاننى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. - قانداق پىلان؟ - مېنىڭ ئامېرىكا ماشىنا ئادەم ۋە مېخانىك ئادەم شىركىتىنىڭ خوجايىنى بىلەن كۆرۈشكۈم كىلۋاتىدۇ. مەن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشماقچى بولغانتىم. ئەمما ھازىرغىچە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشەلمىدىم. بۇ كىتابنى يېزىۋاتقان چاغدا ئۇ شىركەت مېنىڭ بىلەن ھەمكارلاشمىدى. شۇڭا بۇ ئىشقا ئانچە ھەيرانمۇ قالمىدىم. سىز بۇنى چۈشۈنەمسىز؟ پاۋلو ناھايىتى خۇشال بولدى. - ئۇ شىركەت ئەڭ ئىشەنچسىز. دەسلەپ بىز ماشىنا ئادەملەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىلىپ بېرىۋاتقان بىر مەيدان ئۇرۇشتا، ئۇلار بىز بىلەن ھەمكارلاشمايلا قالماستىن، بەلكى بىزگە قارىشى مۇقام توۋلىدى. ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلۈكىنى بىلەمسىز؟ ناھايىتى ئاددىي:  ھوقۇقنى ماشىنا ئادەمگە بەرگەندە كىشىلەر ماشىنا ئادەم سېتۋىلىشنى خالىماسلىقى مۇمكىن. - شۇنداق بولسىمۇ، - دېدى ئاندرېۋس، - ئەگەر ئۇلارغا تېلېفون قىلسىڭىز يەنىلا مەن ئۈچۈن بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى ئورۇنلاشتۇرالايسىز. - ئاندرېۋس، مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا سىزدەك قارىشى ئىلىنمايمەن. - بىراق، سىز ئۇلارغا  مېنىڭ بىلەن كۆرۈشمىسە،  فىگىرد ۋە چارنىي ئادۋۇكاتلىق ئورنى ماشىنا ئادەملەرنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىش توغرۇلۇق يەنە بىر قېتىم ھەرىكەت قوزغاش مۇمكىنچىلىكىدىن بېشارەت بېرىشىڭىز  مۇمكىن. - ئاندرېۋس، بۇ دېگەن يالغانچىلىققۇ؟ - شۇنداق، ئەمما مەن يالغانچىلىق قىلالمايمەن. شۇڭا ماڭا ياردەم قىلىپ تېلېفون بېرىشىڭىز كېرەك. - ھەي، سىز يالغانچىلىق قىلالمايسىز، بەلكى مېنى  شۇنداق قىلىشقا كۈشكۈرتىسىز؟ شۇنداقمۇ؟ ئاندرېۋس، سىز بارغانسېرى ئادەملەرگە ئوخشاپ قىلىۋاتىسىز. 13 پاۋلو بۇ ئىش ئۈچۈم خېلى چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ بۇنداق كۆرۈشۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئاسانغا توختىمىدى. كۆرۈشىدىغان چاغدا ھارىي سىمىس روبىتسون ناھايىتى خاپا كۆرۈنەتتى. سىمىس روبىتسوننىڭ ئاپىسى مەزكۇر شىركەتنى قۇرغۇچىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى بولۇپ، بۇ ئىشنى ھەممىگە ئۇقتۇرۇش مەقسىتىدە ئۇ ئاتا – ئانىسىنىڭ فامىلىسىنىمۇ ئۆز نامىغا قىتۋالغان ئىدى. ئۇ پېنسىيىگە چىقىشقا ئاز قالغان بولۇپ، ئاق سانجىغان نېپىز بىر قەۋەت چېچى بېشىغا يىپىشىپ تۇراتتى. چىرايى مودىفىكاتسىيە قىلىنمىغان بولۇپ، ئۈچمەنلىك ئارىلاشقان نەزىرى ئاندرېۋسقا مىقتەك تىكىلگەن ئىدى. ئاندرېۋس گەپ باشلىدى. - جانابلىرى، بىر ئەسىر ئىلگىرى بۇ شىركەتتىكى مېرتون مەنسىچ ئىلگىرى ماڭا مۇسبەت ئېلېكترون توك يولىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بەلگىلەيدىغان سان -سىپىرلار بەك مۇرەككەپ، پەقەت تەخمىنى نەتىجىنى تېپىپ چىقىدۇ دەپ ئېيتقان. شۇڭا ئىقتىدارىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پۈتۈنلەي ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ. -بۇ يۈز يىل ئاۋۋالقى ئىش، - دېدى سىمىس روبىتسون بىردەم تۇرۋىلىپ، كىيىن ئارقىغا ئۇلاپ سوغۇقلا قوشۇپ قويدى، - ئەپەندىم، ئەمدى ئەھۋال ئۇنداق بولمايدۇ. ھازىر بىز ياسىغان ماشىنا ئادەملەر ناھايىتى نازۇك، شۇنداقلا ئۇلار قىلىدىغان ئىشىغا قارىتا ناھايىتى تەپسىلىي مەشقلەندۈرىلىدۇ. - شۇنداق، - دېدى پاۋلو. ئۇ ئاندرېۋسنىڭ تەلىپى بويىچە شىركەتنىڭ ھىيلىگەرلىك قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ئىدى. - نەتىجىسىچۇ؟ - دېدى پاۋلو سۆزىنى داۋام قىلىپ، - مەسىلەن مەن ئىشلىتىۋاتقان كۈتكۈچىنى مىسال قىلسام، مەن ئۇنىڭغا خىزمەتنى تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرمىسام ھەرقانداق كىچىك ئىش بولسىمۇ مېنىڭدىن يول- يورۇق سورايدۇ. - ناۋادا ئۇ ئۆز ئالدىغا ئىش قىلسا سىز ھازىرقىدىنمۇ چوڭ ئاۋارىچىلىككە يولۇقىسىز، - دېدى سىمىس روبىتسون. - شۇڭا سىز ئەمدى ماڭا ئوخشاش جانلىق ھەم ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك ماشىنا ئادەم ياسىمامسىز؟... - ئەمدى ياسالمايدۇ. - مەن كىتاب يېزىش جەريانىدا نۇرغۇن ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلدىم، - دېدى ئاندرېۋس،- مەن ھازىرغىچە جانلىق ئىشلەپ كىلۋاتقان ئەڭ كونا ماشىنا ئادەم ئىكەنمەن. - نۈۋەتتىكى ئەڭ كونا، - دېدى سىمىس روبىتسون، - تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كونا. كەلگۈسىدىمۇ بۇ خاتىرە ساقلىنىپ قالىدۇ. ھازىرقى ماشىنا ئادەملەر 25 يىلدىن كىيىن كارغا كەلمەيدۇ. ئۇنى يىغۋىلىپ يىڭى ئەۋلاد ماشىنا ئادەمگە ئالماشتۇرىلىدۇ. - ھازىر ياسالغان ماشىنا ئادەملەر 20 يىلدىن كىيىن بىرىمۇ كارغا كەلمەيدۇ، - دېدى پاۋلو بىر خىل مەسخىرە ئارىلاش تەلەپپۇزدا، - بۇ جەھەتتە ئاندرېۋس ھەقىقەتەن ئالاھىدە. ئاندرېۋس كۆڭلىدە ئويلاپ قويغىنى بويىچە سۆزىنى داۋام قىلدى: - دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ جانلىق ماشىنا ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن شىركەتنىڭ ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىشىغا ئەرزىمەمدىم؟ - قىلچىك ئەرزىمەيدۇ، - دېدى سىمىس روبىتسون ناھايىتى سوغۇق تەلەپپۇزدا، - سېنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىڭ شىركەت ئۈچۈن بىر ھاقارەت. ئەينى چاغداسېتىلماي ئىجارىگە بېرىلگەن بولساڭ، ئاللىقاچان ئالماشتۇرۇلغان بولاتتىڭ. - شۇنداق، بۇ دەل مەسىلىنىڭ ئاچقۇچلۇق يېرى، - دېدى ئاندرېۋس، - مەن بىر ھۆر ماشىنا ئادەم، ئۆز ئىگىلىك ھوقوقىمغا ئىگە. شۇڭا مەن بۇ يەرگە كېلىپ سىزدىن مېنى ئالماشتۇرۇشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن. ئىلگىرى بۇ خىل ئالماشتۇرۇش ئىگىدارلىق قىلغۇچىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتىشى كېرەك، بولمىسا ئۇنداق قىلالمايسىز. ئەمما ھازىر ئالماشتۇرۇلۇش ئىجارىگە بېرىلگەن ماشىنا ئادەملەرنىڭ زۆرۈر شەرتىدىن ئىبارەت. سىمىس روبىتسون قارىماققا ھەيرانلىقتا چۈشۈنەلمەي جىمىپ كەتتى، ئۆينىڭ ئىچىدە تىمتاسلىق ھۆكۈم سۈردى. ئاندرېۋس بىلىپ - بىلمەي تامدىكى ھولوگراممىغا نەزەر تاشلىدى. رەسىمدىكىسى بارلىق ماشىنا ئادەم ئىلىمىنىڭ پىشۋاسى سۇسان كارۋىن ئىدى. بۇ ئايالنىڭ ۋاپات بولغىنىغا ئىككى ئەسىر بولغان بولۇپ، ئاندرېۋس كىتاب يېزىش جەريانىدا ئۇنى خېلى چوڭقۇر چۈشەنگەن ئىدى. ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندەك ناھايىتى تونۇش ھېس قىلاتتى. سىمىس روبېرتسون جىمجىتلىقنى بۇزدى: - مەن قانداقسىگە سېنى يېڭىلايمەن؟ ئەگەر سېنى ماشىنا ئادەم دەپ قاراپ ئالماشتۇرۋەتسەم يېڭى ماشىنا ئادەمنى قانداق ئۇنىڭ ئىگىسى بولغان ساڭا بېرەلەيمەن؟ چۈنكى ئالماشتۇرۇش جەريانىدا سەن قايتا مەۋجۇد بولمايسەن، - دېدى ئۇ سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ. - بۇ تەس ئەمەس، - دېدى پاۋلو گەپ قىستۇرۇپ، - ئاندرېۋسنىڭ خاراكتېرى ئۇنىڭ مۇسبەت ئېلېكترونلۇق چوڭ مىڭىسىدە، بۇ قىسمىنى ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. شۇڭا مۇسبەت ئېلېكترونلۇق چوڭ مېڭە ئۇنىڭ ئىگىسى ئاندرېۋس بولغان بولىدۇ. شۇڭا ماشىنا ئادەمنىڭ باشقا ھەرقانداق قىسمىنى ئالماشتۇرۇش ئۇنىڭ خاراكتىرىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. باشقا بۈلەكلەرنىڭ ھەممىسى چوڭ مىڭىنىڭ مۈلۈكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاندرېۋسنىڭ مەقسىتى ئۆز مېڭىسىنى يىڭى تىپتىكى ماشىنا ئادەم گەۋدىسىگە ئىگە قىلىش. - ناھايىتى توغرا،- دېدى ئاندرېۋس خاتىرجەملىك بىلەن، - بىرىكمە تالالىق تېرە ۋە مۇسكۇللارنىڭ كۆرۈنۈشى ناھايىتى چىرايلىق. مىڭىسىدىن باشقا ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ھېچقانداق مېتال يوق دېيەرلىك. ئەمما ئۇلار ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش ئىرادىلىك، ھەتتا ئۇلادىنمۇ قەتئىي. پاۋلو قارىماققا بۇ ئىشقا ناھايىتى قىزىقىپ قالغاندەك قىلاتتى. - مەن بۇ خىل ئەھۋاللارنى بىلمەيمەن. بۇنداق ماشىنا ئادەملەردىن بازارغا كىرگىنى زادى قانچىلىك؟ - بىرىمۇ يوق، - دېدى سىمىس روبېرتسون، - ئۇلار مېتال ماشىنا ئادەملەردىن جىق قىممەت، شۇنداقلا بازار تەكشۈرۈش جەريانىدا كىشىلەرنىڭ بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. ئۇلار قارىماققا ئادەمگە بەك ئوخشايدۇ. ئاندرېۋس ناھايىتى ھاياجانلانغان ئىدى. - پەرىزىمچە مەزكۇر شىركەت بۇ خىل تېخنىكىغا ئىگە. شۇنداق بولغان ئىكەن مەن ئۆزۈمنىڭ ئورگانىك ماشىنا ئادەمگە (ئادەمگە ئوخشايدىغان) ئالماشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلماقچىمەن، - دېدى ئۇ. - تەڭرىم، - دەۋەتتى پاۋلو ھەيرانلىقىنى باسالماي. - پۈتۈنلەي مۇمكىن ئەمەس،- دېدى سىمىس روبېرتسون بىردىنلا قەتئىلىك بىلەن. - نېمىشقا مۇمكىن بولمايدۇ؟ - سورىدى ئاندرېۋس، - مەن كېرەكلىك چىقىمنىڭ ھەممىنى تۆلەيمەن. - بىز ئادەمگە تەقلىد قىلىنغان ماشىنا ئادەم ياسىمايمىز. - سىلەرنىڭ ئادەمگە تەقلىد قىلىنغان ماشىنا ئادەم ياساشنى خالىمىغىنىڭلار ئۇنى ياسىيالمايدىغىنىڭلارنى بىلدۈرمەيدۇ، - دېدى پاۋلو دەرھال گەپ قىستۇرۇپ. - شۇنداق بولسىمۇ، - دېدى سىمىس روبېرتسون ئەپەندىم جاۋاب بېرىپ، - بۇنداق قىلىش شىركەتنىڭ سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىق. - ئەمما قانونغا ئەمەس، - دېدى پاۋلو. - شۇنداق بولسىمۇ بىز ئۇنى ياسىمايمىز شۇنداقلا ياساشنىمۇ خالىمايمىز. كەلگۈسىدىمۇ ئۇنداق بولمايدۇ. پاۋلو گىلىنى قىرىپ قويغاندىن كىيىن گېپىنى داۋاملاشتۇردى: - سىمىس روبېرتسون ئەپەندىم، ئاندرېۋس بىر ئەركىن ماشىنا ئادەم. مېنىڭچە سىز ماشىنا ئادەمنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك قانون نىزاملىرىنى ئېنىق بىلىسىز، شۇنداقمۇ؟ - بۇنىڭدىن خەۋىرىم بار. - ئاندرېۋس ئەركىن ماشىنا ئادەم بولۇش سۈپۈتى بىلەن كىيىم كىيىشىنى ئارزو قىلىدۇ. بۇ خىل تاللاش ئۇنى ھىمىشە بىر قىسىم ماشىنا ئادەمگە ھاقارەت قىلماسلىق توغرىسىدىكى قانونلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرىتىۋاتىدۇ. بۇنداق ئېنىق بولمىغان قانونغا خىلاپ قىلمىشلار جىنايى قىلمىشلارغا ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىمىدى، جىنايەت بېكىتىش ئۆلچىمىگىمۇ توشمايدۇ. - ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتى بۇ ئەھۋاللارنى باشتىن - ئاخىر چۈشۈنىدۇ. ئەمما ئاتىڭىزنىڭ ئادۋۇكاتلىق ئورنى بۇنى بىلمەيدۇ. بۇ بىر كىلىشمەسلىك. - ئاتام ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتتى. بىراق، مەن بۇ يەردە ئۆز كۆزۈم بىلەن بىر جىنايى قىلمىشنى  ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى كۆرۋاتىمەن. - سىز نېمە دېمەكچى؟ - دېدى سىمىس روبېرتسون ئەپەندىم. - مېنىڭ شاھىدىم ئاندرېۋس مارتىن، ئۇ تېخى بايىلا مېنىڭ گۇۋاھچىمغا ئايلاندى، ئۇ بىر ئەركىن ماشىنا ئادەم. ئۇ ئامېرىكا ماشىنا ئادەم ۋە مېخانىك ئادەم شىركىتىگە ئالماشتۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. بۇ شىركەت 25 يىلدىن بۇيان ماشىنا ئادىمى بارلىكى ھەرقانداق كىشىگە ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى تەمىنلەپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ شىركەت ئالماشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ كىلۋاتقان ئەمەسمۇ؟ پاۋلو يېنىك كۈلۈمسىرەپ قويدى. - مېنىڭ شاھىدىم بولغان مۇسبەت ئېلېكترونلۇق چوڭ مېڭە، - دېدى ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ، - ئۆز گەۋدىسىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى. ئۇنىڭغا ئالىقاچان 25 يىلدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ مۇسبەت ئېلېكترونلۇق چوڭ مېڭە ئۆز بەدىنىنى ئادەمگە تەقلىد قىلىنغان گەۋدىگە ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا زۆرۈر بولغان چىقىملارنىڭ ھەممىنى تۆلەش ئارقىلىق بىر ئادەمگە ئوخشايدىغان بەدەنگە ئىگە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەگەر سىز بۇ تەلەپنى رەت قىلسىڭىز مېنىڭ گۇۋاھچىم ھاقارەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلىشقا ھوقولۇق. - گەرچە جامائەتچىلىك بۇنداق دىلودا ئادەتتە بىر ماشىنا ئادەمنىڭ تەلىپىنى قوللاپ كەتمىسىمۇ، مەن سىزگە شۇنى ئەسكەرتىپ قۇياي. ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتى ئەمەلىيەتتە ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ قارىشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن شىركەت ئەمەس. ماشىنا ئادەمگە تايىنىپ ئەڭ زور پايدىغا ئېرىشكەن كىشىلەرمۇ شىركەتتىن گۇمانلىنىدۇ. بۇ بەلكىم كىشىلەر ماشىنا ئادەمدىن قورقىدىغان دەۋىرلەردىن قالغان ئادەت بولسا كېرەك. بۇ بەلكىم پۈتكۈل يەر شارىغا ئۇموملاشقان مەخسۇس پايدا ھوقۇقىغا ئىگە ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتىنىڭ ھوقۇق ۋە بايلىقىغا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن بۇ خىل ئۆچمەنلىك ئۇزۇن يىل موۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ. ناۋادا بىز بۇ داۋالىشىپ قالساق سىزگە تۇلىمۇ پايدىسىز. يەنە كېلىپ گۇۋاھچىمنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى بار ھەم ئۇزۇن يىل ياشىيالايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ دەۋانى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشقا ئىشەنچى تولۇق. سىمىس روبېرتسوننىڭ چىرايى ئاستا – ئاستا قىزىرىشقا باشلىدى: - سىز ماڭا پوپوزا قىلىۋاتىسىز... - دېدى ئۇ. - مەن سىزنى ھەرقانداق ئىش قىلىشقا مەجبورلىمايمەن، - دىد پاۋلو، - ناۋادا سىز گۇۋاھچىمىنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىنى ماقۇل كۆرمىسىڭىز ئىختىيارىڭىز. بىزنىڭ بىر ئېغىزمۇ ئارتۇق گىپىمىز يوق، ھازىرلا كىتىمىز. بىراق ئەرز قىلىمىز. بۇ بىزنىڭ ھوقوقىمىز. سىز ئاخىرىدا ئۆزىڭىزنىڭ دەۋادا يىڭىلگەنلىكىنى كۆرىسىز. - بۇ... - مەن سىزنىڭ ماقول بولماقچى بولۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن، - دېدى پاۋلو گېپىنى داۋام قىلىپ، - سىز يەنە بىر دەڭسەپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭدىن باشقا يول يوق. سىزگە تېخىمۇ ئىنىغاراق ئېيتاي، ناۋادا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ھەرقانداق يامان ئاقىۋەت كۆرۈلسە مەن بۇ دەۋانى مەڭگۈ، تاكى بۇ شىركەتنى ئاغدۇرۋەتكۈچە داۋاملاشتۇرىمەن. ناۋادا گۇۋاھچىمنىڭ پلاتىنا ياكى ئىرىدىي ماتېرىياللىرى ئىچىدە بىرەر چوڭ مېڭە توك يولى قالايمىقانلىشىپ كەتسە مەن مۇمكىن بولىدىغانلىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ (مۇشۇنداق قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالسا) شىركەتكە قارىشى جامائەت پىكرى پەيدا قىلىمەن. پاۋلو ئاندرېۋسقا قاراپ ئېيتتى: - ئاندرېۋس بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قوشۇلامسەن؟   ئاندرېۋس توپتوغرا بىر مىنۇت ئارىسالدى بولدى. قوشۇلۇش دېگەنلىك - يالغانچىلىق، پوپوزا قىلىش ۋە بىر ئادەمنى بوزەك  - ھاقارەت قىلىشتىن دېرەك بېرەتتى. بىراق، ئۇ ئۆز - ئۆزىگە بۇ بىر ئادەمنىڭ جىسمانىيىتىگە زەخمەت يەتكۈزۈش ئەمەس دەيتتى. ئۇ ئاخىرى ناھايىتى قىينالغان ھالدا: - قوشۇلىمەن، - دېدى. 14 ئۇ ئۆزىنى پۈتۈنلەي يىڭىدىن ياسالغاندەك ھېس قىلىپ قالدى. ئاندرېۋس بىر نەچچە كۈن، بىرنەچچە ھەپتە ئاخىرىدا بىرنەچچە ئايلارغىچە ئۆزىگە ئوخشىمايۋاتقانلىغىنى ھېس قىلدى. ئۇ ناھايىتى ئاددىي ھەرىكەتلەرنىمۇ قاملاشتۇرالمايۋاتاتتى. پاۋلو چىچاڭلاپ كەتتى. - ئاندرېۋس، ئۇلار سېنى بۇزۇپ قۇيۇپتۇ، ئەرز قىلىشىمىز كېرەك. ئاندرېۋس پەس ئاۋازدا ئېيتتى: - سىز... ئۇنداق قىلالمايسىز. سىز بەزى ئىشلارنى... مەڭگۈ ئىسپاتلاپ بېرەلمەيسىز...... - قەست قىلىش؟ - قەست قىلىش. مەن ناھايىتى... كۈچلۈك، تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كىتۋاتىمەن. پەقەت بەزى جايلىرى... - نېمە؟ - يارا ئېغىزى تېخى پۈتمىدى. قانداقلا بولمىسۇن، ئىلگىرى ھېچكىم بۇنداق ئوپ.. راتسىيىنى قىلىپ.... باق... مىغان... ئاندرېۋس چوڭ مىڭىسىنىڭ ئەھۋالىنى ھېس قىلالايتتى. بۇنىڭغا  ھەرقانداق ئادەم ياردەم قىلالمايتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ناھايىتى ساق – سالامەت ئىكەنلىكىنى ئىشىنەتتى. بەدەن بىلەن مۇسبەت ئېلېكتىروننى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇ بىرنەچچە ئاي مەشىق قىلدى، بۇ جەرياندا ئۇ ئەينەك ئالدىدا نۇرغۇن ۋاقتىنى ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى ئادەمگە ئانچە بەك ئوخشىمايتتى. يۈزى ناھايىتى قاتتىق، كىرىشىپ قالغاندەك بولۇپ، ھەرىكىتىمۇ بىر خخل سۈنئىي بولۇپ، ئىنسانلارنىڭكىدەك تەبىئىي چىقمايتتى. بەلكىم ۋاقتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ياخشىلىنىپ كېتەر. ھېچبولمىغاندا ھازىر ئۇ كىيىم كىيەلەيدۇ. ئىلگىرىكىدەك مېتالدىن ياسالغان چىرايى ئەمدى يوق. - مەن قايتىپ خىزمەت قىلاي، - دېدى ئۇ ئاخىرى. پاۋلو كۈلۈپ كەتتى. - دېمەك سىزدە مەسىلە يوقكەن. ئەمدى نېمە قىلماقچىسىز؟ يەنە بىر كىتاب يازماقچىمۇ؟ - دېدى ئۇ. - ياق، - دېدى ئاندرېۋس ئەستايىدىللىق بىلەن، - مەن بەك ئۇزۇن ياشاپ كەتتىم. ھەرقانداق كەسىپنى مەڭگۈ قلىۋەرسەم بولمايدۇ. دەسلىپىدە مەن بىر سەنئەتكار ئىدىم، ھازىرمۇ بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرالايمەن. كېيىنچە مەن تارىخنى تەتقىق قىلدىم، بۇ خىزمەتنىمۇ داۋاملاشتۇرالايمەن. ئەمما مەن ھازىر بىر ماشىنا ئادەم بىئولوگى بولۇشنى ئويلاۋاتىمەن. - دىگىنىڭىز ماشىنا ئادەم پىسخىلوگىيىسىمۇ؟ - ياق، ئۇ مۇسبەت ئېلېكترونلۇق چوڭ مىڭىنى تەتقىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. مېنىڭ بۇ ئىشنى قىلغۇم يوق. مەن بەدەن ھەرىكىتى بىلەن بەدەننىڭ ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. بۇ ماشىنا ئادەم بىئولوگىيىسىگە تەۋە خىزمەت. - ئۇنداقتا بۇ ماشىنا ئادەمشۇناسلىقمۇ؟ - ماشىنا ئادەمشۇناسلىق مېتال گەۋدىنى تەتقىق قىلىدۇ. مەن ئورگانىك گەۋدىگە ئىگە ئادەمگە تەقلىد قىلىنغان گەۋدىنى تەتقىق قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. بىلىشىمچە ھازىر مەنلا بىردىنبىر تەتقىقات ئوبىكتى. - تەتقىقات دائىرىڭىز بارغانسېرى كىچىكلەپ كىتۋاتىدۇ، - دېدى پاۋلو ئىنچىكە ئويلانغاندىن كىيىن، - سەنئەتكار بولسىڭىز بارلىق پۈتكۈل ئىجادىي ئاڭ سىزگە تەۋە بولىدۇ. تارىخشۇناس بولسىڭىز سىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭىز كەڭ ماشىنا ئادەم تەتقىقاتى بولىدۇ. مانا ئەمدى سىز ماشىنا ئادەم بىئولوگىيىسىنى، يەنى پەقەت ئۆزىڭىزنى تەتقىق قىلماقچى بولۇۋاتىسىز. - ئاساسەن شۇنداق، - دېدى ئاندرېۋس بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ. ئاندرېۋس باشتىن باشلىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ ئادەتتىكى بىئولوگىيە توغرۇلۇق ھېچنېمە بىلمەيتتى. تەبىئىي پەنلەر توغرۇلۇق بىلىدىغانلىرىمۇ كۆپ ئەمەستى. ئۇ نۇرغۇن كۈتۈپخانىنىڭ دائىملىق مىھمىنى بولۇپ قالدى. ئېلېكترونلۇق ئىندىكىس ماشىنىسىنىڭ ئالدىدا بىر ئولتۇرسا نەچچە سائەت مىدىرلىمايتتى. كىيىۋالغان كىيىملىرىدىن ئۇ ئادەمگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاش بولۇپ، ئەمىلىي ئەھۋالدىن خەۋەردار ئاز ساندىكى كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا دەخلى قىلمايتتى. ئۇ بىر ئېغىز ئۆي سېلىپ تەجرىبىخانا قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقتى. تەجرىبىخانا ئۇ تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ يېنىغا يانداش ياسالدى. كىتاپلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپۈيۈشكە باشلىدى. ھەش – پەش دېگۈچە نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى. بىر كۈنى پاۋلو ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. - سىز ماشىنا ئادەم تارىخىنى تەتقىق قىلماي بەك ئەپسوسلىنارلىق ئىش بولدى. ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتى بىر تۈرلۈك تەلتۆكۈس ئىسلاھ قىلىش سىياسىتىنى قوللانماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم، - دېدى پاۋلو. پاۋلو ياشىنىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ خىرەلىشىپ كەتكەن كۆزلىرى ئالىقاچان فوتو ئېلېكترونلۇق كۆزگە ئالماشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۇ ئاندرېۋسقا تېخىمۇ يىقىنلاشقان ئىدى. - ئۇلار نېمە قىلماقچىكەن؟ - دېدى ئاندرېۋس. - ئۇلار بىر قىسىم مەركىزى توپى قۇرۋاتىدۇ. ئۇ ھەقىقەتەن ئىسمى – جىسمىغا لايىق ئادەتتىن تاشقىرى مۇسبەت ئېلېكترونلۇق چوڭ مېڭىدىن ئىبارەت. ئۇلار مىكرو دولقۇن ئارقىلىق ھەرقانداق يەردىكى ئون نەچچە ماشىنا ئادەم ياكى مىڭ نەچچە ماشىنا ئادەم بىلەن ئالاقىلىشىدۇ. ماشىنا ئادەملەر ئاشۇ گىگانت مىڭىنىڭ تۈزگۈچى گەۋدىسى بولۇپ ئەمەلىيەتتە مېڭە بىلەن گەۋدە ئايرىۋىتىلىدۇ. - بۇنىڭ ئۈنۈمى يوقىرىمۇ؟ - ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتى بۇنىڭ ئۈنۈمدارلىقى تېخىمۇ يۇقىرى دەيدۇ. سىمىس روبېرتسون ئەپەندىم ئالەمدىن ئۆتۈشنىڭ ئالدىدا بۇ لاھىيىنى تۈزىگەن ئىكەن. بىراق، مېنىڭ قارىشىمچە بۇ ئىشقا سىز ئىلھام بەرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتى ئەمدى سىزگە ئوخشاش ئۆزلىرىگە ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كېلىدىغان ماشىنا ئادەم ياسىماسلىققا بەل باغلاپتۇ. شۇڭا ئۇلار چوڭ مېڭە بىلەن گەۋدىنى ئايرىپ تاشلىماقچى. چوڭ مىڭىنىڭ ئالماشتۇرىدىغان گەۋدىسى بولمايدۇ، گەۋدىنىڭ باشقا ئىشلارنى ئويلايدىغان چوڭ مېڭىسى بولمايدۇ. - سىزنىڭ ماشىنا ئادەم تارىخىغا كۆرسەتكەن تەسىرىڭىز ھەقىقەتەنمۇ قالتىس. دەل سىزنىڭ سەنئىتىڭىز ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتىنىڭ تېخىمۇ نازۇك تېخىمۇ كەسپىي ماشىنا ئادەم ياسىشىغا ئىلھام بەرگەن. ھۆرلۈك تەلىپىڭىز ماشىنا ئادەم ھوقوقىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولدى. ئادەمگە تەقلىد قىلىنغان ماشىنا ئادەم گەۋدىسىتوغرىسىدىكى تەلىپىڭىز تۈپەيلى ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتى مېڭە بىلەن گەۋدىنى ئايرىۋىتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. - پەرىزىمچە بۇ شىركەت ناھايىتى يوغان چوڭ مېڭە ياساپ چىقىپ نەچچە مىليارد ماشىنا ئادەمنى كونترول قىلماقچى. بارلىق تۇخۇم بىرلا سىۋەتكە سىلىنىدۇ دېگەن گەپ، بۇ نېمە دېگەن خەتەرلىك، - دېدى ئاندرېۋس. - گىپىڭىزنىڭ ئاساسى بار، ئاندرېۋس، - دېدى پاۋلو، - ئەمما بۇ ئىشقا يۈز يىل كىتىدىغانلىقىدىن گۇمانلانمايمەن. مەن بۇنچە ئۇزۇن ياشىيالمايمەن، شۇڭا ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن. بەلكىم مەن كېلەر يىلىغىچە ياشىيالماسلىقىم مۇمكىن. - پاۋلو، - دېدى ئاندرېۋس مېھرىبانلىق بىلەن. پاۋلو مۈرىسىنى قىسىپ قويدى. - ئاندرېۋس، ئادەم ئاخىرى ئۆلۈپ كېتىدۇ. بىز سىزگە ئوخشىمايمىز. بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق. مېنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم سىزگە بىر ئىشتا ۋەدە بېرىمەن. مەن مارتىن ئائىلىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئادەم. ھىسابىمدىكى شەخسىي باشقۇرۇپ كىلۋاتقان پۇل سىزنىڭ باشقۇرۇشىڭىزغا ھاۋالە قىلىنىدۇ. مەن كەتكەندىن كىيىن ھېچ بولمىغاندا سىز بىر مەزگىلگىچە ئىقتىسادتىن قىينالمايسىز. - بۇنىڭ زۆرۆريىتى يوق، - دېدى ئاندرېۋس ئازابلانغان ھالدا. ئۇ مارتىن ئائىلىسىگە كەلگەندىن بۇيان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ۋاپاتىغا زادىلا ئادەتلىنەلمىگەن ئىدى. - بۇنى تالاشمايلى، بۇ ئىشنى مۇشۇنداق بىكىتەيلى. سىز ھازىر نېمە قىلىۋاتىسىز؟ - ھازىر مەن ئۆزۈمگە بىر سىستېما لايھىلەۋاتىمەن. بۇ ئارقىلىق ماڭا كېرەكلىك ئېنېرگىيە گىدروكاربون بىرىكمىلەرنىڭ كۈيىشىدىن كېلىدۇ، ئىلگىرىكى يادرو باتارېيىسى ئىشلىتىلمەيدۇ. پاۋلو قىشىنى كۆتۈرۈپ قويدى. - بۇنداق بولغاندا تاماق يىگىلى ۋە نەپەسلەنگىلى بولىدىكەندە؟ - شۇنداق. - سىز بۇنداق قىلىۋاتقىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ - خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بولۇپ قالدى. ئاخىرىدا مەن بىر خىل كۆيدۈرخانا لايىھىلەپ چىقتىم. بۇ ئارقىلىق پارچىلىنىشنى تېزلەتكىلى ۋە كونترول قىلغىلى بولىدۇ. - بىراق، ئاندرېۋس، نېمىشقا بۇنداق لايھىلەيسىز؟ ئاتوم ئېنېرگىيىسى تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟ - بەزى جەھەتلەردە شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئاتوم يادروسى ئادەمنىڭ ئەزاسى ئەمەس. 15 بۇنداق قۇرۇلمىنى لايىھىلەشكە ۋاقىت كېتىدۇ. بىراق ئاندرېۋسنىڭ ۋاقتى يېتەرلىك. پاۋلو خاتىرجەملىك بىلەن كۆز يۇمۇشتىن ئىلگىرى ئۇ ھېچقانداق ئىش قىلىشنى خالىمىدى. خۇجايىننىڭ نەۋرىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن ئاندرېۋس ئۈچمەنلىككە تولغان دۇنيا بىلەن ئۆزى ئوتتۇرلىقىدا ھېچقانداق مۇھاپىزەت پەردىسى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇڭا تېخىمۇ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئۆزى تاللىغان يولنى بويلاپ داۋاملىق ماڭماقچى بولدى. بىراق، ئۇ ھەقىقىي يالغۇز ئەمەس ئىدى. گەرچە پاۋلو ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ فىگىرد - چارنى شىركىتى تېخى ھايات، چۈنكى شىركەت بىر ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش ئۇزۇن مەۋجۇد بولۇپ تۇرالايدۇ، ئاسان يوقالمايدۇ. شىركەتنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق قائىدە - تۈزۈمى بار. قانداقلا ئىش يۈز بېرىشتىن قەتئىي نەزەر ئۇ ئۆز يولىدا كىتىۋېرىدۇ. ھاۋالە فوندى ۋە ئادۋۇكاتلىق ئورۇنىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ ئاندرېۋسنىڭ بايلىقى داۋاملىق ئاۋۇپ باردى. فىگىرد - چارنى شىركىتى ھەر يىلى ئاندرېۋستىن كۆپ مىقداردىكى شېرىنكانە تاپشۇرۋالاتتى. ئەلۋەتتە، يىڭى تىپتىكى كۆيدۈرخانا بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانون – تۈزۈملەر خىزمىتىمۇ جىددىي ئىلىپ بېرىلۋاتاتتى. بۇ قىتىممۇ ئاندرېۋس ئامېرىكا ماشىنا ئادەم ۋە مېخانىك ئادەم شىركىتىگە قايتا بېرىش توغرا كېلىپ قالدى. ئاخىرى بۇ ۋاقتمۇ يىتىپ كەلدى، ئۇ ئەمدى يالغۇز باراتتى. ئىلگىرى بىرىنچى قېتىم ئۇ خوجايىن بىلەن باردى، يەنە بىر قېتىم پاۋلو بىلەن باردى. بۇ قېتىم، يەنى ئۈچىنچى قېتىم ئۇ ئىنسانغا ئوخشاش قىياپىتى بىلەن يالغۇز بارىدۇ. ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتى كۆپ ئۆزگەرگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە بارغانسېرى كۆپ  سانائەت ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىلىرىنى چوڭ تىپتىكى بىر ئالەم پونكىتىغا كۆچۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتىمۇ بۇ ئىقىمغا ماسلىشىپ نۇرغۇن ماشىنا ئادەملىرىنى تۇشۇپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ يەر شارى بارا – بارا  بىر باغچىغا ئوخشاپ، نوپۇسى مۇقىم ھالدا بىر مىلياردلىق سەۋىيىنى ۋە ئاز مىقداردىكى ماشىنا ئادەم سانىنى ساقلاپ قالدى. بۇ ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئىچىدە چوڭ مېڭە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىرى 30 پىرسەنتىن ئاشمايتتى. تەتقىقات ئورگىنىنىڭ مۇدىرى ئالفۋېن ماگدىسكا بولۇپ، ئۇنىڭ چېچى ۋە تېرىسى ئوخشاشلا قارا رەڭدە ئىدى. ئېڭىكىدە ئۆچكىنىڭكىدەك ساقال ساڭگىلاپ تۇرەتتى. بىلىنىڭ ئۈستىگە پەقەت بىر  كۆكرەك بەلبىغى ئورالغان بولۇپ، بۇ شۇ دەۋردىكى مودا ھىساپلىناتتى. ئاندرېۋس بولسا نەچچە ئون يىل ئىلگىرىكى كونا پاسوندىكى كىيىم بىلەن بەدىنىنى مەھكەم ئورىۋالغان ئىدى. ماگدىسكا زىيارەت قىلغىلى كەلگۈچىگە قولىنى ئۇزاتتى. - نامىڭىزنى ئۇزۇندىن ئاڭلاپ كىلۋاتاتتىم،  سىز بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. سىز بىزنىڭ ئەڭ مەشھۇر مەھسۇلاتىمىز. ئەپسوسلىنارلىقى سىمىس روبېرتسون ئەپەندىم سىزگە قارىشى ئىدى. بولمىسا بىز كۆپ ئىشلاردا ھەمكارلىشىپ كىتەلەيتتۇق، - دېدى ئۇ. - يەنىلا پۇرسەت بار، - دېدى ئاندرېۋس. - ياق، ئۇ چاغلار ئاللىقاچان كەتتى. ماشىنا ئادەمنىڭ يەر شارىدىكى تارىخى يۈز يىلدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. ھازىر دەۋر ئۆزگەردى. ماشىنا ئادەم بوشلۇققا قايتىپ كېتىدۇ. يەر شارىدا قالىدىغانلىرىغا ئەمدى چوڭ مېڭە سەپلەنمەيدۇ. - ئەمما مەن تېخى بۇ يەردىن كەتمىدىم، يەنىلا يەرشارىدا تۇرۋاتىمەن. - شۇنداق، بىراق ماشىنا ئادەمگە ئوخشايدىغان يەرلىرىڭىز ناھايىتى ئاز. سىزنىڭ يەنە قانداق يىڭى تەلىپىڭىز بار؟ - ماشىنا ئادەم تەركىبىنى يەنىمۇ ئازايتىش. گەرچە مەن ھازىر ئورگانىك تەنچىگە ئىگە بولغان ئىكەنمەن ئورگانىك ئىنىرگىيىگە ئىشلىتىشىم كېرەك. مېنىڭدە يېڭى بىر پىلان بار... ماگدىسكا دەسلىپىدە بۇ ئىشنى ئەپلەپ – سەپلەپ يىغىشتۇرماقچى بولغان ئىدى. بىراق بۇ قارارىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبور بولدى. لاھىيەنى كۆرگەنسىرى مەپتون بولۇپ قالدى.     - بۇ پىلان ناھايىتى ياخشى تۈزۈلۇپتۇ. ئىجادى تەپەككۇر كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. بۇلارنى كىم ئويلاپ چىققان؟ - دېدى ئۇ كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن - مەن، - دېدى ئاندرېۋس. ماگدىسكا  بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئىنچىكىلىك بىلەن قاراپ تۇرۇپ قالدى. ئاندىن: - بۇ پىلان بويىچە بولسا سىزنىڭ بەدىنىڭىزنى چوڭ رېمونت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداقلا بۇ خىل رېمونت سىناق خاراكتېرلىك بولىدۇ. چۈنكى بۇنداق ئىش ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان. مەن بۇنداق قىلماسلىق تەكلىپىنى بېرىمەن. سىز ئەسلى ھالىتىڭىزدە تۇرىۋېرىڭ، - دېدى. ئاندرېۋسنىڭ چىراي ئىپادىسى چەكلىك بولسىمۇ بىراق ئاۋازىدىن يەنىلا تاقەتسىزلىك كەيپىياتى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. - دوكتور ماگدىسكا، سىز تېخى بۇ ئىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلمىدىڭىز. سىزنىڭ تەكلىپىمگە قوشۇلماقتىن باشقا تاللىشىڭىز يوق. ناۋادا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قۇرۇلما مېنىڭ بەدىنىمگە ئورنىتىلسا ئۇنداقتا ئۇنى ئادەملەرنىڭ بەدىنىگىمۇ ئورناتقىلى بولىدۇ. ھازىر سۈنئىي قۇرۇلما ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئۈمرىنى ئۇزارتىش كەڭ تارقىلۋاتىدىغۇ؟ باشقىلار سۈنئىي ياسىغان ئورگانىزملار مېنىڭ لايھىيلىگىنىمدەك مۇكەممەل ئەمەس. - بۇ لاھىيەدە مەن فىگىرد - چارنى ئادۋۇكاتلىق ئورنى ئارقىلىق مەخسۇس پايدا ھوقۇقىنى كونترول قىلىمەن. بىزنىڭ بۇ تىجارەتنى يولغا قويۇشقا، بىر نەچچە خىل سۈنئىي ئورگانىزم ياساپ چىقىشقا، ئىنسانىيەتنى ماشىنا ئادەمنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقىدىن بەھرىمەن قىلىشقا تولۇق ئىقتىدارىمىز بار. ۋاقتى كەلگەندە سىزنىڭ سودىڭىز زىيانغا ئۇچرايدۇ. - مۇبادا سىز ماڭا ھازىرلا ئوپېراتسىيە قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرسىڭىز ھەم كەلگۈسىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللاردا مېنى قايتا ئوپېراتسىيە قىلىشقا قوشۇلسىڭىز ئۇنداقتا بىز سىزگە بۇ مەخسۇس پايدا ھوقۇقىنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىمىز.  شۇنداقلا سىزنىڭ ماشىنا ئادەم ۋە سۈنئىي ئورگانىزم تېخنىكىسىنى كونترول قىلىشىڭىزغا رۇخسەت قىلىمىز. ئەلۋەتتە، بىرىنچى قېتىملىق ئوپېراتسىيە بولۇپ، بەلگىلىك ۋاقىت ئۆتۈپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ئىسپاتلانغاندىن كىيىن ئاندىن مەن بىرىنچى تۈركۈمدىكى توختامغا ئىمزا قۇيىمەن. ئاندرېۋس بىر ئادەمگە بۇنداق ئېغىر شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان چىغىدا بىرىنچى نىزامنىڭ ھېچقانداق چەكلەش كۈچىگە ئۇچرىمىدى. ئۇ ھازىر ئاستا –ئاستا ئۆزىنى قايىل قىلىشنى ئۆگۈنۋاتاتتى: قارىماققا ئىنسانلارغا شەپقەتسىزدەك كۆرۈنگەن بىر قىسىم ئىشلار ئەكسىچە ئىنسانلارغا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. دوكتور ماگدىسكا  قاتتىق چۆچۈپ كەتتى. - مەن يالغۇز بۇ ئىشنى قارار قىلالمايمەن، بۇ پۈتۈن شىركەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانىغا بېرىپ تاقىلىدىغان ئىش. بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ، - دېدى ئۇ. - مەن سەۋرچانلىق بىلەن بىر مەزگىل ۋاقىت ساقلايمەن، - دېدى ئاندرېۋس، - بىراق پەقەت مۇۋاپىق بىر مەزگىل ساقلايمەن. ئۇ بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن رازى بولدى. پاۋلو بولغان بولسىمۇ بۇنىڭدىن ياخشى بىر تەرەپ قىلالىشى ناتايىن دەپ ئويلىدى ئۇ. 16 بىر مەزگىل ساقلىغاندىن ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتى قارار چىقاردى. ئوپېراتسىيە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. - ئاندرېۋس، مەن ئەسلى بۇ خىل ئوپراتسىيىگە قاتتىق قارىشى تۇرغان، - دېدى ماگدىسكا، - بۇنىڭ سەۋەبى سىز ئويلىغاندەك ئەمەس. ناۋادا باشقا بىر ماشىنا ئادەمنىڭ تىنىدە بۇ خىل سىناق ئىشلەنسە مەن قىلچىلىكمۇ قارىشى تۇرمىغان بولاتتىم. مەن سىزگە سەپلەنگەن مۇسبەت ئېلېكترونلۇق چوڭ مىڭىدە بۇنداق سىناقنى ئىشلەشكە تەۋەككۈل قىلالمايمەن. چۈنكى سىزدە نېرۋا سېستىمىسىغا تەقلىد قىلىنغان لىنىيە بىلەن ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇسبەت ئېلېكترونلۇق چوڭ مېڭە توك يولى بار. شۇڭا، ئەگەر تىنىڭىزنى بۇزۇپ قويساق ئۇنداقتا چوڭ مېڭە مىڭىنى تەسىرگە ئۇچراتماسلىق خەۋىپىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. - مېنىڭ ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتىدىكى خادىملارنىڭ تېخنىكىسىغا تولۇق ئىشەنچىم بار، - دېدى ئاندرېۋس، - مەن ھازىر بىر نەرسە يىيەلەيدىغان بولدۇم. - بولىدۇ، سىز ئەمدى زەيتون مىيىنىمۇ ئىستېمال قىلالايسىز. بۇ بەزى چاغلاردا كۆيدۇرخانىنى تازىلاپ تۇرۇش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ سىزنى بىرئاز بىئارام قىلىدىغان ئىش. - ناۋادا مەن ئۆزگەەرتىشنى مۇشۇ يەردە تاماملىغان بولسام، دىگەنلىرىڭىز توغرا بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە مەن ھازىر يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلالايدىغان بىر تەتقىقاتنى ئىشلەۋاتىمەن. يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىن كۆيمەيدىغان بىر قىسىم تاشلاندۇق ماددىلارنى چىقىرۋىتىش كېرەك. - ئۇنداقتا سىز چوقۇم بىر مەقئەت ياسىشىڭىز كېرەك. -شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ. - ئاندرېۋس، يەنە باشقا نېمە بار؟ - يەنە باشقا نەرسىلەر بار. - يەنە كۆپىيىش ئەزالىرىما؟ - ئۇلار پەقەت مېنىڭ لايىھىلەش پىلانىم دائىرىسىگە كىرگۈزۈلسىلا بولىدۇ. مېنىڭ بەدىنىم بىر پارچە ماي بوياق رەسىمى سىزىشقا ئىشلىتىلىدىغان رەختكە ئوخشايدۇ. مەن بۇ يەرگە... ماگدىسكا  قارىشى تەرەپ سۆزىنى دەپ بولغۇچە ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلىپ ئاندرېۋسنىڭ سۆزىنى تارتىۋالدى: - بىر ئادەمنى سىزماقچىمۇ؟ - بىز نەتىجىسىنى ساقلايلى، - دېدى ئاندرېۋس. - ئاندرېۋس، بۇ ماختاشقا ئەرزىمەيدىغان بىر ئۇلۇغۋار ئارزو، - دېدى ماگدىسكا، -  سىز ئەسلىدىلا ئادەملەردىن ناھايىتى مۇنەۋۋەر، ئەمما ئورگانىك تەنچىگە ئايلىنىشنى تاللىغاندىن بۇيان چېكىنىشكە باشلىدىڭىز. - مېنىڭ چوڭ مىڭەم ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىغىنى يوق. - شۇنداق، زىيانغا ئۇچرىمىدى. مەن بۇ نۇقتىنى ئېتىراپ قىلىمەن. بىراق، ئاندرېۋس، سىزنىڭ مەخسۇس پايدا ھوقۇقىڭىز سۈنئىي ئورگانىزم جەھەتتە پۈتۈنلەي يېڭىچە بۈسۈش بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. ئۇ ھازىر سىزنىڭ نامىڭىزدا بازاردا سېتىلىۋاتىدۇ. كەلگۈسىدە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە سىز كەشپىياتچى بولۇپ تۇنۇلىسىز. ماشىنا ئادەملىك سالاھىيىتىڭىز بىلەن چەكسىز شان – شەرەپلەرگە سازاۋەر بولىسىز. شۇنداق تۇرۇقلۇق سىز نېمە ئۈچۈن تىنىڭىزنى دوغا تىكمەكچى بولىسىز؟ ئاندرېۋس جاۋاب بەرمىدى. ئاندرېۋس ئۈزۈلمەي كىلۋاتقان شان – شەرەپكە ئېرىشتى. ئۇ بىر نەچچە ئىلمىي تەشكىلات تەرىپىدىن ئەزالىققا قوبۇل قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇ بەرپا قىلغان يېڭىچە ئىلىم بولغان «ماشىنا ئادەم بىئولوگىيىسى»نى پۈتۈن ۋۇجودى بىلەن تەتقىق قىلىدىغان بىر تەشكىلاتىمۇ بار ئىدى. بۇ ئىلىم كېيىنچە رەسمىي «ئادەم سۈنئىي ئورگانىزم ئىلىمى» دەپ ئاتالدى. ئۇ ياسالغىنىغا 150 – يىلى بولغان چاغدا ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتى ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى تەقدىرلەش زىياپىتى ئۆتكۈزدى. ئەگەردە ئاندرېۋس بۇنىڭ ئىچىدىكى مەسخىرىنى سەزگەن بولسىمۇ، ئىچىدە بىلىپلا سىرتقا چىقارمىدى. ئالفۋېن ماگىداسكا ئالىقاچان پېنسىيىگە چىققان بولسىمۇ زىياپەتكە كېلىپ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ 94 ياشقا كىرىپمۇ ياشاپ كىتۋاتاتتى. سۈنئىي ئورگانىزملار ئۇنىڭ جىگەر، بۆرەك قاتارلىق ئەزالىرىنىڭ ئورنىنى ئالغان ئىدى. ماگىداسكا قىسقا ئەمما كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان قەدەھ سۆزى قىلغاندىن كىيىن، 150 ياشلىق بۇ ماشىنا ئادەم ئۈچۈن رومكىلار كۆتۈرۈلدى. زىياپەت يۇقىرى پەللىگە يەتتى. ئاندرېۋسنىڭ يۈزىدىكى مۇسكىللار قايتىدىن لايىھىلەنگەن بولۇپ، ئادەملەرنىڭ تۈرلۈك چىراي ئىپادىلىرىنى چىقىرالايتتى. ئەمما ئۇ زىياپەتنى باشتىن ئاخىر قىلچىلىك ئىپادىسىز، ئەستايىدىل قىياپەتتە ئاخىرلاشتۇردى. ئۇ 150 ياشلىق ماشىنا ئادەم بولۇپ قىلىشنى ئازاراقمۇ خالىمايتتى. 17 «ئادەم سۈنئىي ئورگانىزم ئىلىمى» بىلەن ئاندرېۋس چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتتى. ھەم بىر كۈنى ئۇنى ئىلىپ يەر شارىدىن ئايرىلدى. 150يىللىق خاتىرە كۈن تەبرىكلىنىپ نەچچە ئون يىلدىن كىيىن ئاي شارى ئۆزگەرتىلىپ ھەر قايسى تەرەپلەردە(ئېغىرلىق كۈچىدىن باشقا) يەر شارىدىنمۇ ياخشى بىر دۇنياغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ نۇرغۇن يەر ئاستى شەھەرلىرىدىكى ئادەمنىڭ زىچلىقى خېلى بار ئىدى. ئاي شارىدا سۈنئىي ئورگانىزم ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم نىسبەتەن كىچىك ئېغىرلىق كۈچىنى ئويلىشىش تەلەپ قىلىناتتى. ئاندرېۋس ئاي شارىدا بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ،  شۇ يەردىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە زۆرۈر بولغان تۈزىتىش خىزمىتىنى ئىشلىدى. ئۇ خىزمەتتىن سىرتقى چاغلاردا ماشىنا ئادەم توپىنىڭ ئىچىدە ئايلىنىپ يۈردى. ھەر بىر ماشىنا ئادەم ئۇنىڭغا ئادەمگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلاتتى. بەش يىلدىن كىيىن ئۇ ئاي شارىدىنمۇ زېرىكىشلىك ھەم جىمجىت بولغان يەر شارىغا قايتىپ كەلدى. قايتىپ كىلىپلا  فىگىرد – چارنى ئادۋۇكاتلىق ئورنىغا باردى. شىركەتنىڭ نۆۋەتتىكى باشلىقى سىمون دىران ئۇنى كۆرۈپ قاتتىق ھەيران قالدى. - ئاندرېۋس، سىزنى كىلەركى ھەپتە قايتىپ كىلەمدىكىن دەپ ئويلىغانتۇق، - دېدى ئۇ. - مەن ساقلىيالمايمەن، - دېدى ئاندرېۋس تۈپتۈزلا، - سىمون، ئاي شارىدا مەن 20 ئادەمدىن تەشكىللەنگەن بىر ئىلىمىي تەشكىلاتنىڭ تەتقىقات خىزمىتىگە مەسئۇل بولدۇم. مەن بۇيرۇق چۈشۈرسەم ھېچكىم گۇمانلانمايدۇ. ئاي شارىدىكى ماشىنا ئادەملەر ماڭا ئىنساندەك مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن نېمىشقا ئادەم ھىساپلانمايمەن؟ دىران ئەپەندىنىڭ كۆزلىرىدە ھۇشيارلىق ئالامەتلىرى پەيدا بولدى. - ھۆرمەتلىك ئاندرېۋس ئەپەندىم، بايا ئېيتىپ ئۆتكەندەك سىز ئادەم ۋە ماشىنا ئادەملەر سىزنى ئادەم دەپ تۇنۇيدۇ. شۇڭا سىز رېئال ئادەم ھىساپلىنىسىز. - بىر رېئال ئادەم بولۇش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. مەن ئادەم دەپ قارىلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە قانون جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىنىشىم كېرەك. مەن قانون ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان ئادەم بولۇشنى خالايمەن. - بۇ باشقا ئىش، - دېدى دىران سىمون، - بۇ ئىشتا بىز ئىككى تۈرلۈك ئاۋارىچىلىككە يولۇقىمىز. بىرى ئىنسانلارنىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشى، يەنە بىرى گۇمانسىراش، يەنى سىز قانچىلىكلا ئادەمگە ئوخشىسىڭىزمۇ ئەمما ئادەم ئەمەس. - قايسى جەھەتتىن ئوخشىمايمەن؟ - دېدى ئاندرېۋس، - مەندە ئادەمگە ئوخشاش بەدەن ۋە ئادەمنىكىگە ئوخشاش ئەزالار بار. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ بىر نەچچە ئەزايىم ئادەملەردىكى سۈنئىي ئورگانىزم بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش. مەن ئىلگىرى سەنئەت، ئەدەبىيەت ۋە ئىلىم – پەن جەھەتتە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ تۆھپىلەرنى قوشتۇم. بۇ تۆھپىلەر ھازىر ھايات ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ قوشقان تۆھپىسىدەكلا كۆپ. بۇلار يەتمەمدۇ؟ -شەخسەن مېنىڭچە  قارىشىمچە يېتەرلىك. ئاۋارىچىلىك دەل دۇنيا پارلامىنتى بىر قانون لايىھىسى ماقۇللاپ سىزنىڭ ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ئېتىراپ قىلىش - قىلماسلىقىدا. كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام بۇنىڭدا چوڭ ئۈمىد يوق - سىزنىڭچە مەن پارلامىنتتا كىم بىلەن سۆزلىشىپ باقسام بولىدۇ؟ - بەلكىم پەن – تېخنىكا كومتىتىنىڭ رەئىسى بىلەن سۆزلىشىشىڭىز مۇمكىن. - سىز مۇشۇنداق كۆرۈشۈشنى ئورۇنلاشتۇرالامسىز؟ - بۇنىڭغا بىر ئادەمنىڭ ئارىغا چۈشۈشى كەتمەيدۇ. سىز ھازىرقى ئورنىڭىزغا ئاساسەن بىۋاسىتىلا... - ياق، سىز كۆرۈشۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ، - دېدى ئاندرېۋس. ئۇ بىر ئادەمگە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئۈلگۈرمىدى. ئاي شارىد ائۇ مۇشۇنداق قىلىپ كۆنۈپ قالغان ئىدى. - بۇ ئارقىلىق مەن ئۇنىڭ فىگىرد – چارنى ئاسۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ بۇ ئىشتا مېنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. - بۇ... - سىمون، مېنى تولۇق قولىشىڭىز كېرەك. 173 يىل جەريانىدا مەن ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق شەكىللەر بىلەن بۇ شىركەت ئۈچۈن غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشتۇم. راست، ئىلگىرى شىركەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مېھرى – شەپقىتىگە ئېرىشتىم. ئەمما ئەھۋال ئۆزگەردى. مەن ھازىر سىلەرنىڭ ماڭا جاۋاب قايتۇرۇشىڭلارنى كۈتۋاتىمەن. - مەن قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەملىشىمەن، - دېدى دىران ئەپەندىم. 18 پەن – تېخنىكا كومتىتىنىڭ رەئىسى شەرقى جەنوبى ئاسىيالىق بىر ئايال كىشى ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى لىھسىن بولۇپ، سۈزۈك مودا كىيىم كىيۋالغانتى. كىيىمىنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇرى ئۇنىڭ توسىۋىلىشنى خالايدىغان يېرىنى يىپىپ تۇراتتى. بۇ كىيىم قارىماققا ئۇنى خوددى سۇلياۋ بىلەن قاپلاپ قويغاندەك كۆرسىتەتتى. - سىز كىشىلىك ھوقوقتىن تولۇق بەھرىمەن بولماقچى، مەن بۇ ئارزويىڭىزغا ھېسداشلىق قىلىمەن، - دېدى ئۇ، - تارىختا تولۇق كىشىلىك ھوقوقتىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىشلار بولغان. ماڭا ئېنىق بولمىغان يېرى شۇكى سىزدە قايسى ھوقوقلار كەمچىل؟ - مەسىلەن مېنىڭ مەۋجوتلۇق ھوقوقىمغا ئوخشاش ئاددىي نەرسە، - دېدى ئاندرېۋس، - بىر ماشىنا ئادەمگە خالىغان ۋاقىتتا ئىنسانلار تەرىپىدىن پارچىلىنىپ تاشلىنىش خەۋىپى بولۇشى مۇمكىن. - بىر ئادەمنىڭمۇ ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بار. - پەقەت بىر قاتار قانونىي رەسىمىيەتلەر بىجىرلىگەندىن كىيىنلا ئاندىن ئۆلتۈرلىدۇ. بىراق پارچىلىۋىتىش ئىشىدا ھېچقانداق سوراق يوق. پەقەت ھوقوقلۇق بىر ئادەم بىر ئېغىز بۇيرۇق چۈشۈرسىلا مېنىڭ ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا... يەنە...- ئاندرېۋس ئامال بار ئۆتۈنۈش قىياپىتىدە ھىسداشلىقىنى قوزغاشتىن ساقلانماقچى بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئىنچىكە لايىھىلەنگەن چىراي ئىپادىسى ۋە تەلەپپۇزى سۆھبەتنىڭ داۋامىدا ئۇنىڭ بۇ نىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويدى، - ئەمەلىيەتتە مەن بىر ئادەمگە ئايلانماقچى. كىشىلىك ھايات بىلەن مىسال قىلسام مېنىڭ ئيلاۋاتقىنىمغا توپتوغرا ئالتە ئەۋلادى بولدى. لىھسىن بېشىنى كۆتۈردى. ھىسداشلىققا تولغان قاپقارا كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكتى. - سىزنى ئادەم دەپ ئېلان قىلىش تەس ئەمەس، پەقەت دۇنيا پارلامىنتى بىر قانون ماقۇللىسىلا بولىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ سىزنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىڭىزنى ئېتىراپ قىلىشى بىر تاش ھەيكەلنى ئادەم دەپ ئېتىراپ قىلىشتىنمۇ مۈشكۈل. پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن باشقا ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىئوخشاش،  ماشىنا ئادەمگە بولغان گۇمانى تېخىچە يوقالغىنى يوق. - تا ھازىرىغىچە شۇنداقمۇ؟ - ھازىرغىچە شۇنداق. بىز ھەممىمىز بۇ رىئالىقنى ئېتىراپ قىلىمىز: سىز ئالىقاچان ئادەم بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشتىڭىز. شۇنداقتىمۇ يەنىلا بىر قىسىم كىشىلەر بۇ ئىش سەۋەبلىك يىڭى بىر ئاۋارىچىلىكنىڭ باشلىنىشىغا ئۆرنەك بولۇپ بېرىشىدىن قورقىدۇ. - قانداق قىلىپ ئۆرنەك؟ مەن بىردىنبىر ئەركىن ماشىنا ئادەم. ماڭا ئوخشاش يەنە بىر مەۋجۇد ئەمەس، مەڭگۈ ئىككىنچىسى بولمايدۇ. سىز ئامېرىكا ماشىنا ئادەم شىركىتىدىن سۈرۈشتۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. - مەڭگۈ دېگەن ناھايىتى ئۇزۇن گەپ. ئاندرېۋس، ئەگەر خالىسىڭىز سىزنى مارتىن ئەپەندىم دەپ ئاتاي، چۈنكى شەخسەن ئۆزۈم سىزنى ئادەم دەپ ئېتىراپ قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىمەن. قىسقىسى، بۇ ئىش قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىز كۆپ قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ ئىشتا باشلامچى بولمايدىغانلىقىنى بايقايسىز. مارتىن ئەپەندىم، مەن سىزگە ھېسداشلىق قىلىمەن. بىراق سىزگە ئىلھام بېرەلمەيمەن، ئەمەلىيەتتە... ئۇ ئورۇندۇقنىڭ كەينىگە يۈلەندى، پىشانىلىرىدە قورۇق پەيدا بولدى. - ئەمەلىيەتتە، ناۋادا تالاش – تارتىش قىزىپ كەتسە دۇنيا پارلامېنتىنىڭ ئىچى – سىرتىدا سىز ئوتتۇرىغا قويغان پارچىلۋىتىش توغرۇلۇق ئىشقا مەلۇم بىر خىل كەيپىيات پەيدا بولۇشى مۇمكىن. مۇنداقچە ئېيتقاندا سىزنى يوقۇتۋىتىش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىلگىرى دېگەنلىرىمنى ئويلىنىپ باقارسىز. ئاندرېۋسنىڭ مۇئامىلىسى ناھايىتى قەتئىي ئىدى. - ئەجەبا بىرەر كىشى سۈنئىي ئورگانىزم ئىلىمىنى يادىغا كەلتۈرمەسمۇ؟ بۇ خىل تېخنىكىنى مەن ئىجات قىلغان. - تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇلار بۇ تېخنىكىنى نەزەرگە ئالمايدۇ. ئەگەر ئېسىدە تۇتىدۇ دېيىلسە ئۇنداقتا بۇ سىزگە پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن. كىشىلەر سىز كەشىپ قىلغان بۇ تېخنىكىنى پەقەتلا ئۆزى ئۈچۈن دېيىشىدۇ. ئاخىرى بۇ ئىش ماشىنا ئادەملەشتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى دىيىلىشى ياكى ماشىنا ئادەم ھەرىكىتىنى ئادەم ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ بىر قىسمى دىيىلىشى مۇمكىن. بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ ھەممىسى ناھايىتى قەبىھ ھەم سىزگە  زىيانلىق. مارتىن ئەپەندىم، سىز ئەزەلدىن سىياسىي ئۆچمەنلىك ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ باقمىغان. بىراق سىزگە ئېيتىپ قۇياي، سىز بوھتان چاپلاش ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالىسىز. بۇ خىل تۆھمەتكە مەيلى سىز ياكى مەن بولۇشتىن قەتئىي نەزەر ئىشەنمەيمىز. ئەمما بۇنىڭغا شەرتسىز ئىشىنىدىغانلار بار. مارتىن ئەپەندىم، تەقدىرگە تەن بېرەيلى. لىھسىن خانىم ئورنىدىن تۇردى. ئۇ ئاندرېۋسنىڭ ئالدىدا خوددى ۋىجىك بىر گەۋدىگە ئوخشايتتى، بەئەينى كىچىك بالىدەكلا كۆرۈنەتتى. - ناۋادا مەن راست ئادەم بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈشنى قارار قىلسام سىز قوللامسىز؟ ئۇ بىردەم ئويلاندى. ئاندىن جاۋاب بەردى: - قولۇمدىن كېلىدىغان دائىرىدە مەن سىزنى قوللايمەن. ناۋادا بۇ خىل قوللاش مېنىڭ سىياسىي ھاياتىمغا خەتەر يەتكۈزىدىغان بولۇپ قالغۇدەك بولسا بەلكىم سىزدىن ۋاز كېچىشىم مۇمكىن. چۈنكى، بۇ خىل دەرد – تالاش مېنىڭ پائالىيەت دائىرەمدىكى يادرولۇق ئىش ئەمەس. مارتىن ئەپەندىم، مەن ئىمكان بار سىزگە راست گەپ قىلىۋاتىمەن. - رەھمەت سىزگە، سىزگە دەخلى قىلدىم. نەتىجىسى قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر مەن بۇ كۆرەشنى ئاخىرىغىچە ئېلىپ بارىمەن. مەن پەقەت سىزنىڭ قولىڭىزدىن كېلىدىغان دائىرىدە ماڭا ياردەم بېرىشىڭىزنىلا ئۈمىد قىلىمەن. 19 بۇ بىر مەيدان روبىرو ئۇرۇشقا ئوخشىمايدۇ. فىگىرد – چارنى شىركىتى ئاندرېۋسنىڭ سەۋرى قىلىشىنى ئۈتۈندى. ئاندرېۋس ئۆزىدە چەكسىز سەۋرچانلىق بارلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئادۋۇكاتلىق ئورنى بىر مەيدان ھەرىكەت ئۇيۇشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش دائىرىسىنى كىچىكلىتىشكە ۋە چەكلەشكە تۇتۇش قىلدى. ئالدى بىلەن ئ يۈرىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئادەمنىڭ قەرز قايتۇرۇش مەجبورىيىتى بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ شىكايەت قىلدى، ئەيىبلىدى. ئۇلار ماشىنا ئورگانىزىملارغا ئىگە ئادەملەرنىڭ ئادەملىك سالاھىيىتىنى يوقاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاساسىي قانونلاردىكى گىراژدانلىق ھوقوقىنىمۇ يوقاتقانلىقىنى سەۋەب قىلىپ تۇرۋالدى. ئۇلار بۇ ئىشتا ناھايىتى جانلىق ھەم كەسكىن مۇنازىرە ئېلىپ باردى. ھەر قېتىملىق مۇنازىرە مەغلۇپ بولسىمۇ، ئەمما سوتنى ئىمكان بار كەڭ دائىرىلىك ھۆكۈم چىقىرىشقا مەجبور قىلدى. ئاندىن دۇنيا سوتىغا نارازىلىق ئەرز سۇنۇش شەكلى بىلەن بۇ دەۋانى داۋاملاشتۇردى. بۇ دەۋا ئۇزۇن يىل سوزۇلدى، نەچچە مىليون دوللار خەجلەندى. دۇنيا سوتى ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان چاغدا، دىران مەغلوپ بولغان دەۋا ئۈچۈن تەبرىكلەش زىياپىتى ئۆتكۈزدى. ئاندرېۋس ئۆز ۋاقتىدا كېلىپ تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى. - ئاندرېۋس، بىز ئىككى ئىش قىلدۇق، - دېدى دىران ئەپەندىم، - ھەر ئىككىسى ناھايىتى پايدىلىق ئىش. ئالدى بىلەن بىز ئادەم بەدىنى ئىچىگە قانچىلىك سۈنئىي ئەزە ئورنىتىلىشتىن قەتئىي نەزەر يەنىلا ئادەم دەپ بەلگىلىدۇق. ئاندىن كىيىن بۇ مەسىلە ئۈستىدە پايدىلىق جامائەت پىكرىنى قولغا كەلتۈردۇق. جامائەت پىكرىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بىز ئىنسان ماھىيىتىنى كەڭ دائىرىدە شەرھىلىيلەشنى تەكىتلىدۇق. چۈنكى ناۋادا سۈنئىي ئورگانىزم ئوپراتسىيىسى قىلىنغان ئادەم داۋاملىق ياشىسا ئۇنداقتا بۇ خىل ئوپراتسىيىنى ئارزو قىلمايدىغان ئادەم قالمايدۇ... - سىزنىڭچە دۇنيا پارلامىنتى ھازىر ماڭا ئىنسانىي سالاھىيىتى بېرەلەمدۇ؟ - سورىدى ئاندرېۋس. دىران ئەپەندىم سەل ئوڭايسىزلاندى. - بۇ نۇقتىدا مەن كېسىپ ئېيتالمايمەن. يەنىلا دۇنيا سوتى تەرىپىدىن ئادەمدىلا بولۇشقا تېگىشلىك دەپ قارىلىدىغان ئۆلچەملىك بىر ئەزا بار. ئادەمدە بىر ئورگانىك ھۆجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن مېڭە بار. ئەمما ماشىنا ئادەمدە پلاتىنىرىدىي مۇسبەت ئېلېكترون چوڭ مېڭە بار(ئەگەر ئۇلاردا بىرلا مېڭە بولسا). سىزدە دەل شۇنداق مېڭە مەۋجوت. ئاندرېۋس، ماڭا بۇنداق قارىماڭ. بىزدە ھۈجەيرىلىك مېڭە رولىنى تەقلىد قىلىپ ئىشلەش بىلىملىرى كەمچىل. ئادەمنىڭ مىڭىسىگە يېقىن كېلىدىغان سۈنئىي مېڭە ياساش ئارقىلىق سوتنىڭ ھۆكۈمىگە تاقابىل تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، ھەتتا سىزمۇ بۇنداق قىلالمايسىز... - ئۇنداقتا بىز قانداق قىلىمىز؟ - ئەلۋەتتە سىناپ باقمىز. پارلامېنت ئەزاسى لىھسىن خانىم بىزنى قوللايدۇ. يەنە تېخىمۇ كۆپ پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بىزنى قوللايدۇ. بۇ ئىشتا دۇنيا رەئىسى قانون چىقىرىش ئورگىنىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىغا قوشۇلىدۇ. - بىزدە بۇنداق كۆپ سانلىق بارمۇ؟ - يوق، پەرق تېخى كۆپ. بىراق ئەمما ئادەمگە بولغان كەڭ مەنىلىك شەرھىينى سىزگە تەدبىقلىسا بىز كۆپ سانغا ئېرىشىمىز. بۇ بىر كىچىك پۇرسەت. مەن بۇ نۇقتىنى ئېتىراپ قىلىمەن. بىراق سىز بەل قويۋەتمىسىڭىز بىر تەۋەككۈل قىلىپ باقايلى. - مەن چېكىنمەيمەن. 20 پارلامېنت ئەزاسى لىھسىن خانىم ئاندرېۋس بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن چاغدىكىدىن جىق قېرىپ كەتكەن بولۇپ، سۈزۈك كىيىمنى ئالىقاچان كىيمەس بولۇپ قالغان ئىدى. چېچى قىسقا كېسىلگەن بولۇپ، سىلىندىرسىمان كىيىم كىيۋالغانتى. ئەمما ئاندرېۋس بولسا يەنىلا يۈز يىل ئاۋۋالقى كونا پاسوندىكى كىيىم كىيىپ يۈرەتتى. - ئاندرېۋس، بىز ئامالنىڭ بىرىچە تىرىشتۇق، - دېدى لىھسىن ئېتىراپ قىلىپ، - يىغىن ئارىلىقىدىكى دەملىشتىن كىيىن بىز يەنە بىر قېتىم سۆھبەتلىشىمىز. بىراق،  راستىنى ئېيتقاندا مەغلوبىيەت مۇقەررەرلىشىپ قالدى. شۇڭا ھەرقانداق ئىشقا بەرداشلىق بېرىشىمىز كېرەك. مېنىڭ يېقىندىن بۇيانقى بارلىق تىرىشچانلىقلىرىم پەقەتلا كېلىش ئالدىدا تۇرغان پارلامېنت پائالىيىتىدە مەغلوبىيىتىمنى جەزىملەشتۈرىدۇ... - چۈشۈنىمەن، - دېدى ئاندرېۋس، - بۇ مېنى ئازاپلايدۇ. سىز ئىلگىرى ئەگەر مەغلوپ بولسىڭىز مېنىڭدىن ۋاز كېچىمەن دىگەنتىڭىز. نېمىشقا ئۇنداق قىلمايسىز؟ - سىزگە ئايان، ئادەملەرنىڭ ئوي- پىكرى ئۆزگىرەپ تۇرىدۇ. نېمە ئۈچۈنكىن، سىزدىن ۋاز كېچىش مېنىڭ يەنە بىر قېتىم پارلامېنت ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىمدىن چوڭ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە مەن دۇنيا پارلامىنتىدا ئىشلىگىلى 25 يىلدىن ئاشتى، شۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك. - ئەجەبا بىزنىڭ تەغدىرنى ئۆزگەرتىشكە ئامالىمىز يوقمۇ؟ - بىز ئالىقاچان ھىسىداشلىق قىلىدىغان كىشىلەرنى قايىل قىلىپ بولدۇق. قالغىنى ئۆزگەرمەيدىغان جاھىل كىشىلەر. ئۇلارغا تەسىر قىلمايدۇ. - جاھىللىقنى قوللاش ياكى قارىشى تۇرۇشنىڭ سەۋەبى قىلىشقا بولمايدۇ. - ئاندرېۋس، مەن بۇ نۇقتىنى بىلىمەن. بىراق ئۇلار ھېسسىيات جەھەتتىكى ئېغىشىنى سەۋەب دەپ ئېيتمايدۇ. - دېمەك، ئاخىرقى ھىساپتا مىڭىنىڭ ئىشى قاپتۇ، - دېدى ئاندرېۋس ئېھتىياتچانلىق بىلەن، - بىراق بىز مەسىلىنى چوقۇم ھۆجەيرە بىلەن مۇسبەت ئېلېكترون ئۈستىدە توختىتىپ قويۇشىمىز كېرەكمۇ؟ ئەجەبا كېيىنكى ئەمىلىي قوللۇنۇشچان ئېنىقلىما توغرۇلۇق سۆزلىشىشكە بولماسمۇ؟ ئەجەبا مېڭە ئۇنداق ياكى مۇنداق نەرسىلەردىن تۈزۈلگەن دىيىشىمىز كېرەكمۇ؟ ئەجەبا مېڭە دېگەن مەلۇم بىر خىل ياكى خالىغان بىر خىل نەرسىدىن تۈزۈلگەن تەپەككۇر قىلالايدىغان ئورگانىزم دىسەكمۇ بولمامدۇ؟ - بولمايدۇ، - دېدى لىھسىن خانىم، - سىزنىڭ مىڭىڭىز سۈنئىي ئۇسولدا ئىشلەنگەن، ئادەمنىڭ ئۇنداق ئەمەس. سىزنىڭ ياسالغان، ئادەمنىڭ بولسا ئۈسۈپ يىتىلگەن. ئۆزى بىلەن ماشىنا ئادەمنى ئايرىپ قارايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن بۇ پەرق تۈمەن گەز ئېگىز، مىڭ گەز قىلىنلىقتىكى پولات تامدىن ئىبارەت. - ناۋادا بىز بۇ ئايرىغۇچى تامنىڭ تۈپ سەۋەبىنى تېپىپ چىقالىساق، ھەقىقىي سەۋەب... - شۇنچە ئۇزۇن يىل بولدى، - دېدى لىھسىن خانىم قايغۇرغان ھالدا، - سىز يەنىلا ئىنسانلارنى ساپ ئىدراك جەھەتتىن تەھلىل قىلىۋاتىسىز. بىچارە ئاندرېۋس، گېپىم كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن، سىزنى مۇشۇنداق تەھلىل قىلىشقا دەل سىزدىكى ھېسسىي تۇيغىدىن مۇستەسنا ماشىنا ئادەملىك خاراكتېر ئۈندەيدىكەن. - بىلمەيمەن، - دېدى ئاندرېۋس، - ناۋادا مەن ئۆزۈمنى... ئاندرېۋس ئۇزۇندىن بۇيان ئىشنىڭ مۇشۇ دەرىجىگە تەرەققىي قىلىشىنى بىلگەن ئىدى. دەرۋەقە ئۇ تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ ئىشخانىسىغا كەلدى. ئۇ يېقىن ئەتراپتىن بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغان ماشىنا دوختۇرنى تاپتى. بۇ خىل ئوپراتسىيىنى ئىشلەشتە ئىقتىدار ۋە پسىخىك جەھەتلەردىن بولسۇن ئىنساندىن يېتىلىپ چىققان دوختۇرغا ئىشىنىشكە بولمايتتى. تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بۇ  تۈردىكى ئوپراتسىيىنى ئىنسانلارغا ئىشلىسە بولمايتتى. شۇڭا ئاندرېۋس بىر قاتار كەيپىياتىنىڭ تۇراقسىزلىقىنى بىلدۈرىدىغان چۈشنىكسىز مەسىلىلەر ئارقىلىق ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتتى. ئاخىرىدا «مەنمۇ ماشىنا ئادەم» دېگەن بىر ئېغىز گەپ بىلەن قارىشى تەرەپنىڭ بىرىنچى نىزامىنى بىكار قىلۋەتتى. ئارقىدىن نەچچە ئون يىل ئىلگىرى ئۈگۈنۋالغان قەتئىي تەلەپپۇزدا ئېيتتى: - مەن سىزنى مېنى ئوپراتسىيە قىلىشقا بۇيرۇق قىلىمەن. بىرىنچى نىزام ئەمەلدىن قالغاندىن كىيىن ئادەمگە ئوخشايدىغان خۇجايىننىڭ بۇنداق كەسكىن بۇيرۇقى دوختۇرنىڭ ئىككىنچى نىزامغا مۇناسىۋەتلىك تەرتىپىنى دەرھال قوزغاتتى. 21 ئاندرېۋس خىيالىدا بىر خىل زەئىپلىكنى ھېس قىلغانلىقىنى جەزم قىلدى. ئۇ ئوپراتسىيىنى تۈگىتىپ ئورنىدىن تۇردى ھەم ئىمكان بار تامغا يۈلىنىپ تۇردى. ناۋادا ئۇ دوختۇرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرسا ئۆزىنىڭ ماشىنا ئادەملىك سالاھىيىتىدە گۇمان تۇغدۇرۇپ قۇياتتى. - ئاندرېۋس، - دېدى لىھسىن خانىم، - بۇ ھەپتە ئەڭ ئاخىرقى ئاۋازغا قۇيۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەن يەنە كېچىكتۈرسەم بولمايدۇ. شۇنداقلا بىزنىڭ مەغلوپ بولىدىغىنىمىز مۇقەررەر. نەتىجىسىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. - مەن ئاۋاز بېرىشنى كېچىكتۈرگىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ مېنىڭ تەۋەككۈل قىلىپ بىقىشىم ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ۋاقتنى قولغا كەلتۈرۈپ بەردى. - قانداق تەۋەككۈلچىلىك؟ - دېدى لىھسىن خانىم كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا. - مەن دەسلىپىدە سىزگە ياكى فىگىرد – چارنى شىركىتىدىكى كىشىلەرگىمۇ ئېيتمىغان ئىدىم. بولمىسا سىلەر چوقۇم مېنى تۇسۇپ قالىسىلەر. ناۋادا مۇنازىرە مېڭە ئۈستىدە بولسا ئۇنداقتا ئەڭ چوڭ پەرق مەڭگۈ مەۋجوتلۇق مەسىلىسى ئەمەسمۇ؟ ھېچكىم مىڭىنىڭ نېمىگە ئوخشايدىغانلىقى، نىمىدىن تۈزۈلگەنلىكىگە، قانداق تۈزۈلگەنلىكىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. مۇھىمى ئادەمنىڭ مېڭە ھۆجەيرىلىرى ئۆلىدۇ، مۇقەررەر ئۈلىدۇ. گەرچە باشقا ئادەم ئورگانىزىملىرى ئەسلى ھالىتىنى ساقلىسىمۇ ياكى ئالماشتۇرۇلسىمۇ مېڭە ھۆجەيرىلىرى ئاخىرىدا ھامان ئۆلىدۇ. ئۇنى ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ، بولمىسا ئادەمىيلىك ماھىيىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقانداق ئالماشتۇرۇش ئەسلىدىكى ئادەمنى ئۆلتۈرگەنگە باراۋەر. - مېنىڭدىكى مۇسبەت ئېلېكترونلۇق توك يولىغا ئىككى يۈز يىلدەك بولدى، ئەمما  كۆرۈنەرلىك ئۆزگەرمىدى، شۇنداقلا يەنە نەچچە يۈز يىل ئىشلەيدۇ. ئەجەبا بۇ دەل شۇ پولات تامنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ؟ كىشىلەرنىڭ ماشىنا ئادەمنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇد بولىشى كارى يوق، چۈنكى ماشىنا دېگەن قانچىلىك ئۇزۇن مەۋجوت بولسىمۇ كارايىتى چاغلىق. ئەمما ئۇلار مەڭگۈ مەۋجوت بولۇپ تۇرىدىغان ئادەمنى سىغدۇرالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆز ھاياتىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتنى پۈتكۈل ئالەمدىكى ئۇمومىيلىققا ئىگە ئورتاق بىر ھادىسە دەپ قارىغاندىلا ئاندىن قوبۇل قىلالايدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئۇلار مېنى ئادەم دەپ ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ. - ئاندرېۋس، سىز زادى نېمە قىلماقچى؟ -سورىدى لىھسىن خانىم. - مەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدىم. نەچچە ئون يىل ئاۋۋال مەندىكى مۇسبەت ئېلېكترونلۇق مېڭە بىلەن ئورگانىك نېرۋا سىستېمىسى تۇتاشتۇرۇلغان. ھازىر بولسا ئەڭ ئاخىرقى ئوپراتسىيىدە چېتىلغان ئورۇن قايتىدىن ئۆزگەرتىلدى. بۇ ئارقىلىق توك يولىدىكى ئېلېكتر ئىقىمى ناھايىتى ئاستا، ئاستا –ئاستا غايىپ بولىدۇ. لىھسىن خانىمنىڭ ئىنچىكە قورۇق باسقان يۈزلىرىدە ۋاقتىنچە ھېچقانداق ئىپادە بىلىنمىدى. ئارقىدىن لىۋى قىمىرلىدى. - ئاندرېۋس، گىپىڭىزچە سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئۆلۈم ئورۇنلاشتۇردىڭىزما؟ بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ. بۇ ئۈچىنچى نىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىق. - ياق، - دېدى ئاندرېۋس، - بۇنىڭدا ئۆلۈمگە بېرىلگەن تەبىرگە قاراش كېرەك. مەن تەننىڭ ئۈلۈشى بىلەن ئارزو – ھەۋەسنىڭ يوقۇلىشى ئوتتۇرلىقىدا تاللاش ئىلىپ باردىم. ناۋادا جىسمىم ھايات قالدۇرۇلسا تېخىمۇ زور ھالاكەت ئۈچۈن بەدەل تۆلىنىدۇ. مانا بۇ ھەقىقى مەنادىكى ئۈچىنچى نىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىق. لىھسىن خانىم ئاندرېۋسنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ ئۆزىگە قاراتماقچى بولدى، لېكىن ھاياجىنىنى بېسىۋالدى. - ئاندرېۋس، بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ. بۇنىڭدىن ۋاز كېچىڭ. - ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. ئاللىقاچان چوڭ زىيان كېلىپ چىقتى. مەن تەخمىنەن يەنە بىر يىل ئەتراپىدىلا ياشىيالايمەن. تاكى زاۋۇتتىن چىققان 200 يىللىق خاتىرە كۈنۈمگىچە بەرداشلىق بېرەلەيمەن. مەن چارچىدىم، بۇ دەۋانى مەڭگۈ توختىماي ئىلىپ بېرىشقا ئەمدى مادارىم قالمىدى. - بۇنداق قىلىش ئەرزىمدۇ؟ ئاندرېۋس، بەك ئەخمەقلىق قىپسىز. - مۇشۇنداق قىلىش ماڭا ئىنسانىي سالاھىيەت ئېلىپ كىلەلىسە تامامەن ئەرزىيدۇ. ناۋادا ئەكسىچە بولۇپ قالسا بۇ جاپالىق دەۋانىڭ ئاخىرىغا بىر چېكىت قويۇلىدۇ، بۇمۇ ئوخشاشلا ئەرزىيدۇ. لىھسىن خانىم ئۆز سەزگۈسىگە ئىشەنمەيلا قالدى: ئۇ ئۈنسىز يىغلاشقا باشلىدى. 22 ئېيتىپ كەلسە تولىمۇ غەلىتە. ئەڭ ئاخىرقى قىلمىش بىردىنلا پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئىلگىرى ئاندرېۋسنىڭ قىلغان بارلىق ئىش – پائالىيەتلىرى ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى قىلچىلىك تەۋرىتەلمىگەن ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىنسانغا ئايلىنىش ئۈچۈن ئاخىرىدا ھەتتا ھالاكەتنى تاللىشى ھەم بۇ خىل قۇربان بېرىشى ھەقىقەتەنمۇ بەك ئولۇغ بولۇپ، قەلبى لەرزىگە كەلمىگەن بىرمۇ ئادەم قالمىغان ئىدى. ئەڭ ئاخىرقى مۇراسىم مەقسەتلىك ھالدا 200 يىللىق خاتىرە كۈنىگە بىكىتىلدى. شۇ ۋاقىتتا دۇنيا رەئىسى زۆرۈر قانونغا ئىمزا قويىدۇ، شۇندىن باشلاپ ئۇ رەسمىي قانونغا ئايلىنىدۇ. بۇ مۇراسىم پۈتكۈل يەرشارى تورى ئارقىلىق بىرلا ۋاقىتتا تارقتىلىدۇ، ئاندىن ئاي شارى شتاتىغا، ئاخىرىدا مارس كۆچمەنلەر رايونىغا تارقىتىلىدۇ. ئاندرېۋس چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى. ئۇ ماڭالىسىمۇ ئەمما دەلدەڭشىپ كېتەتتى. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ نەزىرى تىكىلىپ تۇرغان چاغدا دۇنيا رەئىسى تۆۋەندىكى گەپلەرنى قىلدى: - ئاندرېۋس، 50 يىل ئاۋۋال، سىز  150 ياشلىق ماشىنا ئادەم شەرىپىگە ئېرىشكەن ئىدىڭىز. رەئىس سەل توختىۋالدى. ئاندىن تېخىمۇ تەمكىن تەلەپپۇزدا سۆزىنى داۋام قىلدى: - مارتىن ئەپەندىم، بۈگۈن بىز سىزنى 200 ياشلىق ئادەم دەپ جاكارلايمىز. ئاندرېۋس كۈلۈمسىرىگىنىچە قولىنى ئۇزىتىپ رەئىسنىڭ قولىنى سىقتى. 23 ئاندرېۋس كارىۋاتقا ياتقۇزۇلغاندا ئۇنىڭ تەپەككۇر پائالىيىتى بارا – بارا ئاجىزلاپ كىتۋاتاتتى. ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن تەپەككۈرىنى يىغىشقا تىرىشاتتى. ئادەم! ئۇ بىر ئادەم! ئۇ بۇ سەزگۈسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەپەككۇرى بولۇپ قىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ مۇشۇ تەپەككۇر بىلەن غايىپ بولۇشنى، ئۈلۈشنى ئارزولايتتى. ئۇ بىر جۈپ كۆزىنى قايتا ئاچقان چاغدا لىھسىن خانىمنىڭ تەمكىنلىك بىلەن ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئەتراپتا باشقا كىشىلەر بولسىمۇ ئۇلارنىڭ كۈلەڭگىسىلا، پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان قارىسىلا كۆرۈنەتتى. پەقەت لىھسىن خانىملا كۈلرەڭ كۈلەڭگىلەر ئىچىدە تېخىمۇ روشەن گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ ئاستا- ئاستا خانىمغا قولىنى ئۇزاتتى، كەينىدىنلا قولىنىڭ سىقىلغانلىقىنى غۇۋا ھېس قىلدى. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خىياللىرى يوقالغان چاغدا لىھسىن خانىمنىڭ سىماسىمۇ كۆز ئالدىدىن غايىپ بولدى. ئەمما ئۇ پۈتۈنلەي غايىپ بولۇشتىن ئىلگىرى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۇيغۇسى كۆز ئالدىدا چاقماقتەك ئەكس ئېتىپ دەقىقە توختاپ ئۆتتى: - كىچىك خانقىز... – دېدى ئۇ تۆۋەن ئاۋازدا، ئۇنىڭ ئاۋازىنى باشقىلار ئاڭلىمىدى. تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان 2008 -يىل 10- نويابىر


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئاينى ئايلىنىش(فان...
●  يەر شارىدىن ئاي شار...
●  قورچاق خۇجايىن (ئىل...
●  ئىككى يۈز ياشلىق ﯪﺩﻩﻡ...
●  يۇلتۇز نۇرى
●  قۇياشقا خىيانەت قى...
●  غەيرىي بالا
●  ھەقىقىي سۆيگۈ
●  ھەممىگە قادىر ماشى...
●  ئۇچۇر چەۋەنداز ۋە م...
●  ﻣﺎﺭﺱ ﻣﻪﻟﯩﻜﯩﺴﻰ (ﻓﺎﻧﺘﺎﺯﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺭﯗﻣﺎﻥ1)...
●  قارا ساندۇق
●  ﯪﺩﻩﻣﺴﯩﻤﺎﻥ ﻣﺎﻳﻤﯘﻥ(ﯲﻣﻪﺭ ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ)...
●  ماسلىشىش (ئىلمىي فا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئاينى ئايلىنىش(فانتازىي...
●  يەر شارىدىن ئاي شارىغا (...
●  قورچاق خۇجايىن (ئىلمىي ف...
●  ئىككى يۈز ياشلىق ﯪﺩﻩﻡ
●  يۇلتۇز نۇرى
●  قۇياشقا خىيانەت قىلغۇچى
●  غەيرىي بالا
●  ھەقىقىي سۆيگۈ
●  ھەممىگە قادىر ماشىنا
●  ئۇچۇر چەۋەنداز ۋە ماشىن...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى