بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> فانتازىيىلىك ئەسەرلەر >> قۇياشقا خىيانەت قىلغۇچى

قۇياشقا خىيانەت قىلغۇچى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-26 21:22:27    كۆرۈلۈش سانى : 161  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>

قۇياشقا خىيانەت قىلغۇچى

روسىئان (ئەنگلىيە)

(ئىلمىي فانتازىيىلىك ھېكايە)

 

(مەزكۇر تەرجىمىنى ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ئېھتىرام بىلەن بېشىلايمەن)

 

قۇياشقا خىيانەت قىلىنغان شۇ كۈنى مارتىن خامپتون پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. ئۇ گۈللۈكنىڭ بېشىدىكى لاپاسنىڭ ئىچىدە ئۇيان – بۇيان ماڭاتتى. مارتىن چىقىشماق ئاسان قوشنا بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىلىم – پەندىن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق تېمىلاردا سۆھبەتلىشىشمۇ ئوخشاشلا ناھايىتى كۆڭۈللۈك تۇيۇلىدۇ.

مارتىن خامپتون خېلى كېلىشكەن يىگىت بولۇپ، قۇياشقا خىيانەت قىلىشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭ ھەربىر ئىشىغا دىققەت قىلىپ كىلۋاتاتتىم. مۇناسىۋىتىمىز قان بىلەن گۆشتەك يېقىن بولۇپ، چىركاۋدىكى توي مۇراسىم قوڭغۇرىقىنىڭ ھامان ئىككىمىز ئۈچۈن چىلىندىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم.

مېنىڭ ئىسمىم جۇدىت كالدىس، مۇشۇ شەھەردىكى «بۇرغا گېزىتى»نىڭ بىر مۇخبىرى، مارتىنىڭ  تام قوشنىسى. چېچىم قىسقا بۈدىرە، كۆزۈم يېشىل رەڭدە بولۇپ، ئۆزۈمنى بەك چىرايلىق دەپ كىتەلمىسەممۇ، خېلى يامان ئەمەس دەپ ئويلايمەن. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مېنى ئاچچىقلانغان چاغدىمۇ ئوخشاشلا چىرايلىق دېيىشىدۇ.

دالا تامىقى يەپ كېلىش ئۈچۈن مەن تولۇق بىر كۈن تەييارلىق قىلدىم. ئالاھىدە مىزلىك گۈرۈچ توقۇچى پۇشۇردۇم. تاڭ سەھەر سائەت سەككىزدە ھۆجرامنىڭ دىرىزىسىگە كىچىك بىر تال تاش تېگىپ مېنى ئويغىتۋەتتى. مەن دىرىزىدىن مارتىننىڭ گۈلۈكتىكى پاسىل تامنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ چۇۋۇق ئالتۇنرەڭ چاچلىرى تاڭ نۇرىدا لەيلەپ تۇراتتى. ئۇ قولى بىلەن پەسكە چۈشۈشۈمنى ئىشرەت قىلدى.

- دالا تامىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، - دېدى ئۇ.

مەن ئەمدىلا ئېغىز ئېچىپ بىرنىمە دېگۈچە مارتىن گىپىمنى ئۈزۈپ تاشلىدى.

- چۈنكى ناھايىتى مۇھىم ئىش چىقىپ قالدى، - دېدى ئۇ لاپاسنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. قارىماققا ئۇنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ كۆرۈنەتتى.

- ئەڭ ياخشىسى بۇياققا كېلىپ ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ بىقىڭ. مېنىڭ كەشپىياتىم پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سېلۋىتىدۇ. بۇياققا كېلىڭ، ۋاقتنى ئىسراپ قىلمايلى.

مەن ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئۆزىنىڭ كەشپىياتىغا تولۇق ئىشەنچى بارلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۆزۈممۇ ئۇنىڭ بالدۇراراق دۇنياغا مەشھۇر ئادەم بولۇپ قىلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۋاتاتتىم. بىلسىڭىز مەن مارتىننى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن.

مەن بىرىنچى قېتىم لاپاس ئىچىنىڭ ناھايىتى پاكىز رەتلەنگەنلىكىنى كۆردۈم. لاپاسنىڭ ئوتتۇرىغا ئىككى ماشىنا تىزىپ قۇيۇلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى كۆرۈنۈشتە توك چىقىرىدىغان گېنراتورغا ناھايىتى ئوخشايتتى.يەنە بىرى يوغان بىر مېتال ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويۇلغان بولۇپ، ئۈستى شكالا تەخسىسى ۋە كۇنۇپكىلار بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. ماشىنىلار ئۆتكۈزگۈچ سىملار بىلەن چېتىلغان ئىدى.

- بۇ ماشىنىلار ئادەمنى ئانچە بەك جەلپ قىلمايدىكەن، - دېدىم مەن، - ئۇلارنىڭ نېمە ئالاھىدىلىكى بار؟

مارتىن مېنى تارتىپ تېخىمۇ يېقىن ئەكەلدى. ساندۇقنىڭ ئۈستىگە ھەرىكەتچان رامكا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، رامكىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كومپاسقا ئوخشاش يوغان ئىككى نەرسە تۇراتتى.

مارتىن لوندون شەھەرىنىڭ خەرىتىسىنى ئىلىپ كېلىپ رامكىغا مۇقۇملاشتۇردى.

- ماڭا ياردەملىشىپ كېرەكلىك بولغان توغرا كوردىنات نومۇرىنى ئېيتىپ بېرىڭ.

مەن سانلارنى دەپ بەردىم، ئۇ بۇرۇغۇچنى تولغىدى.

- ئەمدى خەرىتىنىڭ ماسىشتاۋىنىمۇ ئېيتىپ بېرىڭ، - دېدى مارتىن.

ئۇ كەينىگە ئۇلاپلا بىر نەچچە يەرنى تەڭشىدى. ئاخىرىدا ئىككى قىزىل رەڭلىك كۇنۇپكىنىڭ بىرىنى باستى. دەقىقە ئىچىدە كىچىك لاپاس ئۆزىچىلا سىلكىنىشكە باشلىدى.

- ھازىر بىزنىڭ ئورنىمىز خەرىتىنىڭ قەيېرىدە تۇرۋاتىدۇ؟ - دەپ سورىدى مارتىن.

مەن گەپ قىلماستىنلا خەرىتىدىكى مەلۇم بىر نۇقتىنى كۆرسەتتىم.

- مەركەز دەل مۇشۇ يەردە، -دېدى ئۇ ۋە ئىستىرىلكىنى داۋاملىق يۆتكەپ، مەن كۆرسەتكەن نۇقتىغىچە سۈرۈپ كەلدى.

- ئەمدى بېرىپ ئىشىكنى ئېچىڭ، - دېدى مارتىن بۇيرۇق قىلىپ، - ئاندىن مۇشۇنداق ھاۋانىڭ دالا تامىقىغا ماس كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ.

مەن ئىشىكنى ئېچىپ سىرتقا قارىدىم. ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ، تۇمان قاپلاپ كەتكەن ئىدى.

- قارىغاندا سىرتقا چىقىپ ئاپتاپقا قاقلانغىلى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. ھېلىمۇ يولغا چىقماپتىمىز، - دېدىم مەن ئۈمۈدسىزلەنگەن قىياپەتتە.

مارتىن ئۇنچۇقمىدى. ئۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە ئىككىنچى قىزىل كۇنۇپكىنى باستى. مەن قاتتىق چۆچۈپ ئىشىكتىن كەينىمگە چىكىندىم.كۆز ئالدىمدا تۈمەنمىڭ تال نۇر چاقناپ، پۈتكۈل باغچە كۆكتە لەيلىگەندەك بولۇپ، چەكسىز يورۇپ كەتتى. بۇلۇت – تۇمانلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە نەلەرگىدۇ غايىپ بولدى. مەن بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ ئۆز كۆزۈمگە ئىشىنەلمەيلا قالدى.

- قېنى سىزمۇ سىناپ بىقىڭ، - دېدى مارتىن، -پەقەت ئىستىرىلكىنى ئوڭغا ئۈچ سۇڭ سۈرۈپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

مەن ئېھتىيات بىلەن ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدىم. قۇياش نۇرى ئۇشتۇمتۇت يوقاپ ئاسماننى گۇگۇم قاپلىدى. مارتىن قولى بىلەن مېنى يىراققا قاراشقا ئىشرەت قىلدى. ئۇ يەردىكى دەرەخلەر يەنىلا قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ تۇراتتى.

مەن مارتىنغا قايىل بولماي تۇرالمىدىم. ئۆزۈمنى ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئېتىپ بوينىغا چىڭ گىرە سېلىپ، ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى تەبرىكلىمەكچى بولدۇم. ئەمما ئۇ قۇچۇغۇمدىن بۇشۇنۇپ چىقىپ قىلچە پەرۋاسىز ھالدا ئېيتتى:

- ئەمدىغۇ چۈشەنگەنسىز؟

مەن بىر تەرەپتىن قاتتىق ھاياجانلانغان بولسام يەنە بىر تەرەپتىن ئۇۋالچىلىق ھېس قىلدىم. مارتىن بۇرۇلۇپ ئۈسكىنىنىڭ يېنىغا باردى. ئۇ خوددى مېھرىبان دادىدەك قولىنى ماشىنىنىڭ ئۈستىگە قويدى:

- مەن سىزگە ئاددىي، چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ بۇنىڭ قانداق ئىشلىقىنى ئېيتىپ بېرەي، - دېدى ئۇ، - بىز تۇرۇۋاتقان يەر شارى بىر قەۋەت ئاتموسفېرا قاتلىمى بىلەن ئورالغان. ئاتموسفېرا قاتلىمىدا سۇ پارى ۋە تۈرلۈك زەرىچىلەر لەيلەپ يۈرىشىدۇ. لەيلىمە زەرىچىلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا خېلىدىن بۇيان دىققەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن ماگنىت مەيدانىنىڭ ئۆزئارا بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىپ كىلۋاتاتتىم.

مارتىننىڭ ئاۋازى بارغانسېرى قەتئىلىشىپ كىتۋاتاتتى. ئۇ بىردەم توختاپ گالاستۇكىنى تۈزەپ قويدى. ئىلگىرى ئۇ ئەزەلدىن، ھەتتا دەملىش كۈنلىرىمۇ گالستۇك تاقىمايتتى.

-مەن ئاتموسفېرانىڭ ماگنىت مەيدانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كونترول قىلىپ، بەلگىلەنگەن رايوندا ېتەرلىك مىقداردىكى ماگنىت مەيدانى پەيدا قىلىش ئارقىلىق تەبىئەت دۇنياسىدىكى ماگنىت مەيدانى بىلەن ئورۇن ئالماشتۇردۇم. قۇياش نۇرى قىلچىلىك تۇسالغۇسىز ھالدا كەڭ ئېچىلغان بۇلۇت قاتلىمىدىن كېسىپ ئۆتۈپ بىۋاسىتە يورۇتىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئىلگىرىكىدەك چاڭ - توزان ۋە سۇ پارىنىڭ دەخلىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

ئۇ مەمنونىيەتلىك بىلەن سۆزىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى.

- مەن بۇ ماشىنىنى كۈننۇرى ماشىنىسى دەپ ئاتىدىم. ئۇنىڭ مۇھىملىقى شۇكى، ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان نۇر دەستىسى بۇ يەردىن چىقىپ يەر شارىنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىگە يىتىپ بارالايدۇ. پەقەت ئۇلارنىڭ توغرا بولغان جوغراپىيىلىك كوردىناتىنى بىلسەكلا كۇپايە. مەن يەنە نۇر دەستىلىرىنىڭ كۈچۈنىشىنى تەڭشەپ، تەسىر قىلىش دائىرىسىنى خالىغانچە چوڭايتالايمەن ياكى كىچىكلىتەلەيمەن. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق قۇياش نۇرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كونترول قىلالايمەن.

ئۇ ماڭا ھازىرچە پەقەت مۇنداقلا ئوينىشىپ قويۋاتقانلىقىنى، بۇ ئىشلارنى قەتئىي سىر تۇتۇش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئىككى كۈندىن كىيىن باغچىدا گۈللەر پۈرەكلەپ ئېچىلىپ، بەدىنىم ئاپتاپنىڭ تەپتىدە كۆيۈپ قارىيىپ كەتتى. ئاندىن تېلۋىزوردا ھېل شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ شارقىراپ ياققان قاتتىق يامغۇردىن غەرق بولۇپ كىتىشكە ئاز قالغانلىقى خەۋەر قىلىندى. بىز دەرھال ئۇ يەرنىڭ خەرىتىسىنى تېپىپ كەلدۇق ھەم ماگىنتلاشقان نۇر بىلەن بۇ رايوننى ھەر يېرىم سائەتتە بىر قېتىم نۇرلاندۇرۇپ تۇردۇق. كەچلىك خەۋەرلەردە بۇ شەھەرنىڭ ھاۋاسىنىڭ غەلىتە ئۆزگىرەپ، دەسلەپتە قار ئارىلاش يامغۇر ياققانلىقىنى، كەينىدىن تۇيۇقسىز پۈتكۈل شەھەر ئاسمىنىدا قۇياش نۇرىنىڭ پارلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇ بىر كۈن ھەقىقەتەنمۇ ھاياتىمىزدىكى ئەڭ بەختلىك ۋاقتلار بولۇپ قالدى.

بىراق، مەن مارتىننىڭ ئىچىدە تىتىلداپ كىتۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. دەرۋەقە، ئۇ ماڭا:

- سىز گىزىتخانىدا بولغاچقا قانداق قىلغاندا پۈتۈن جەمئىيەتكە بۇ ئىشنى ئۇقتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىسىز، - دېدى.

ئىنىقكى، ئۇ بۇ كەشپىياتى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادا زىلزىلە قوزغاشقا ئالدىراۋاتاتتى.

مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ پەقەت بىر قىسىم توي تەبرىك خەۋەرلىرى ياكى چىركاۋنىڭ خەير – ساخاۋەت پائالىيىتى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىلا يېزىشقا مەسئوللىقىمنى ئەسكەرتىپ ئۆتتۈم. شۇڭا ئىلىم – پەن خەۋەرلىرىنى يازالىشىم ناتايىن. يەنە كېلىپ بۇ گىزىتتە بۇ خىلدىكى سەھىپىمۇ تەسىس قىلىنمىغان ئىدى. ئەمما تۇيۇقسىز كاللامغا بىر ئەقىل كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئىچكىرىلەپ سورىدىم:

- ناۋادا بىز كىچىك ئىشلاردىن باشلىساق رەنجىپ قالمايدىغانسىز - ھە؟

- بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى كىچىك ئىشتىن باشلانغان، - دېدى مارتىن ماڭا تەنبىھ بېرىپ، - قېنى تېز ئېيتىڭ.

- كىلەركى شەنبە سىر پوپ چىركاۋىنىڭ بايرىمى، باغچىدا تەبرىكلەش پائالىيىتى بولماقچى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى قېتىملىق دەملىش كۈنى مىسودىس دىنىي مەزھىپىمۇ خەيرى-ساخاۋەت بايرىمى ئۆتكۈزمەكچى. 8- ئايدا بىر قېتىملىق پائالىيەتنىڭ يامغۇر يىغىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى يادىڭىزدىمۇ؟ بىلىشىمچە بۇ ھەپتە ئاخىرىدىكى ھاۋارايىدىن مەلۇماتتىمۇ يامغۇر ياغىدىغانلىقى ئېيتىلغان. سىز پوپتىن ئۇلارنى پىلان بويىچە پائالىيەت قىلىشىنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. مەن بۇ ئىشنى خەۋەر قىلاي.

- كۈننۇرى ماشىنىسىنى چېركاۋغا قانداق چۈشەندۈرىمەن؟

- ئۆزىڭىز بېرىپ ھەممە ئەھۋالنى ئېيتىڭ. پاكىز بىر كۆڭلەك كىيۋىلىڭ. سىز پوپ سىرغا شەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن ھاۋانىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق كاپالەت بېرىڭ.

- ناۋادا ئۇ ئىشەنمىسىچۇ؟

- ئەلۋەتتە ئۇ باشتا ئىشەنمەيدۇ. بىراق بايرام كۈنى ھاۋارايى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، پەقەت باغچىدىن بىر مىل يىراقلىقتا يامغۇر يىغىۋاتقان بولسا پوپ سىر ھەم خۇشاللىقتىن ھەم ھەيرانلىقتىن نېمە دىيىشنى بىلەلمەي قالىدۇ. قالغىنىغا مەن بار. سىزنىڭچە قانداق؟

- بۇ تەكلىپ بولۇپ قالىدىكەن، - دېدى مارتىن ماقۇل بولغان ھالدا، - شۇنىسى بۇنچە چوڭ كەشپىياتنى كىچىككىنە بىر چېركاۋ بىلەن باغلىساق سەل ئەپسوسلىنارلىقمىكىن.

- بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى كىچىك ئىشتىن باشلانغان ئەمەسمىدى؟ تېز بېرىپ كىيىمىڭىزنى ئالماشتۇرۇڭ.

پوپ سىر قائىدە – يۇسۇنلۇق كىشى بولۇپ، ئۇ مارتىننىڭ تەكلىپىگە رەھمەت ئېيتقاندىن كىيىن يەنە تاقەت قىلالماي ئۇنىڭدىن ئانچە - مۇنچە ئەمىلى ئىش قىلغۇسى بار - يوقلىقىنى سورىدى. مەسىلەن مال سېتىش بوتكىسىدا قىزىق كولباسا سېتىشىپ بېرىش دېگەندەك.

بىز پوپ سىرنىڭ يىنىدىن چىقىپ ئۇدۇل مىسودىس دىنىي مەزھەپتىكىلەرنىڭ يېنىغا باردۇق. ئۇلار بىلەن يەنىلا يۇقىرىقى ئىش توغرۇلۇق سۆھبەتلەشتۇق. ئۆيگە قايتىدىغان چاغدا مېنىڭ كەيپىياتىم ناھايىتى چاغ ئىدى. پەقەت مارتىنلا ئىچى پۇشۇپ، تىت – تىت بولۇپ كىتۋاتاتتى.

- ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمگە پەقەت ئىشەنمىدى، - دېدى ئۇ.

ئەمما ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى ئۇنىڭ ئەنسىرىشىنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. ئون كۈندىن كىيىن ئۇلارنى زىيارەت قىلغىنىمدا پوپلارنىڭ ھەممىسى مارتىننىڭ بارلىق قىلغانلىرىنى ئېنىق يادىدا تۇتقان ئىدى. شۇ كۈنى پائالىيەت مەيدانى قىزغىن كەيپىياتقا تولۇپتۇ، گەرچە بۇ رايوندا ھەر ئىككىلا شەنبە كۈنى يامغۇر ياغقان بولسىمۇ ئەمما باغچىنىڭ ئۈستىدە قۇياش نۇرى پارلاپ تۇراتتى. ھەتتا ھۆكمەتچىلەر ئەترىتىدىكى ئىككى ئايالغا ئىسسىق ئۆتۈپ قىلىپ، پوپ سىرنىڭ پىلانىنى بۇزۇپ قويغىلى قىل قاپتۇ. بۇ كىچىككىنە ۋەقەمۇ مېنىڭ ماقالامغا ئالاھىدە جانلاندۇرۇش رولىنى ئوينىدى. دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن مەن زىيارەت ماقالىسىنى باش مۇھەررىرنىڭ ئىشخانىسىغا يەتكۈزۈپ بەردىم. ئالاھىزەل بەش مىنوتتىن كىيىن مەن باش مۇھەررىرنىڭ ئىشخانىسىغا چاقىرتىلدىم.

- سىز نىمىنىڭ يالغان خەۋەر ئىكەنلىكىنى بىلمەسىز؟ - دېدى ئۇ ئادەتتىكىدەك ئەھۋال سوراشنىڭ ئورنىغا، - ناۋادا بىز سىزنىڭ يالغانچىلىق بىلەن تولغان ماقالىڭىزنى ئېلان قىلىۋەتسەك شۇئان كىشىلەرنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرايمىز. يەنە تېخى ئىككى پوپنى بۇ تۇتۇرۇقسىز گەپلەرنىڭ شاھىتى قىلىۋاپسىز.

- مەن ئەلۋەتتە يالغان ئاخباراتنىڭ نېمىلىكىنى بىلىمەن، - دېدىم ئېتىراز بىلدۈرۈپ، - سىز بۇ ماقالىنى خاتىرجەم بېسىڭ.

مەن تېلېفون تۇروپكىسىنى قولۇمغا ئېلىپ سىر پوپقا ئۇلۇدۇم ھەم تۇرۇپكىنى باشلىقىمغا ئۇزاتتىم.

- كەچۈرۈڭ، بۇنچىلىك كىچىك ئىشلار ئۈچۈن سىزنى ئاۋارە قىلمىسام بولاتتى. ئەمما بىزنىڭ بىر مۇخبىرىمىز... سىز نېمە دەۋاتىسىز؟ ھە.... ئەسلى مۇنداقكەندە.

ئون مىنوتتىن كىيىن مەن گىزىتخانىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالدىم.

«بۇرغا گېزىتى» بۇ خەۋەرگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ، ماۋزونى ئالاھىدە يوغان قوغشۇن ھەرپ بىلەن تىزىپ چىقتى. جۇدىت كالدىس دېگەن ئىسمىنىڭ ئالدىغا يەنە «ئالىي مۇخبىر» دېگەن ئۇنۋانىمنى قوشۇپ قويدى.

گېزىت شەنبە كۈنى نەشردىن چىقتى. يەكشەنبە كۈنى مەن ئۆيدە تۇرۇپ يېقىن ئەتراپتىكى يولنىڭ ماشىنىلار بىلەن لىق تولۇپ كەتكەنلىكىنى، نۇرغۇن مۇخبىرنىڭ خاتىرە ۋە ئاپپاراتلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ مارتىننىڭ تۇرالغۇسىغا قاراپ يۇپۇرلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مەن تېزلىكتە ئۆينى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ئاشخانىسىنىڭ كەينى دىرىزىسىدىن ئۈمۈلەپ كىردىم. مارتىن چېچىنى تاراۋاتقان ئىكەن.

- نېمە ئىش چىققانلىقىنى بىلەمسىز؟ - سورىدىم مەن، - سىزنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەم كىلۋاتىدۇ. سىز بولسىڭىز ھېچ ئىش يوقتەك تۇرۇپسىز. بىز مەسلىھەتلىشىۋالايلى.

- ياق، - دېدى ئۇ جاۋاب بېرىپ.

- مۇخبىرلار بىلەن سۆزلىشىش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس، - دېدىم مەن ئاۋازىمنى كۆتۈرۈپ، - بۇ ئادەملەر سىزنى ئوچاققا تاشلانغان كۆسەيدەك قىلىپ قويىدۇ. خالىسىڭىز ئۇلارغا مەن تاقابىل تۇراي، سىز رەسمىي بىر مەيدان مۇخبىرلارنى كۈتۋىلىش يىغىنى ئېچىشقا قوشۇلامسىز؟

مارتىن ئۇنچۇقمىدى.

ئۇ چىقىپ كىتۋىتىپ قولى بىلەن مېنى قوپاللىق بىلەن ئېتىرۋەتتى. مەن ئۆزۈمنى دەڭسىيەلمەي قۇرۇق تۇرغان ۋانىنىڭ ئىچىگە يىقىلىپ چۈشتۈم ھەم خېلى تەستە ئورنۇمدىن تۇردۇم. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مارتىن ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق نەرسىلەر مېنىڭدىن يىراقلىشىشقا باشلىدى. مەن مىھمانخانىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىمدا مارتىننىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم:

- ئەپەندىلەر، مەن بۇ كەشپىياتىمنى پۈتكۈل جەمئىيەتكە تەقدىم قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. ئەمما بۇ ئۇنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاشنى كۆرسەتمەيدۇ. مەن بۇ ئىشتا ھېچكىم بىلەن شېرىكلەشمەيمەن.

كېيىنكى ئىشلار كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك. مارتىن ئاجايىپ داڭدار شەخسكە ئايلىنىپ قالدى. تېلۋىزۇرلارغىمۇ كۆپ چىقىدىغان بولدى. مەن بولسام ھىمىشە ئۆز ۋاقتىدا تېلۋىزۇرنى ئېتۋىتىمەن. ئەلۋەتتە، شۇ ئۈچ يىل ئىچىدە ئەنگلىيە مىسلى كۆرۈلمىگەن مول ھوسولنى كۈتۋالدى. ماگىزىنلارنىڭ پوكەيلىرىگە ئاناناس ۋە بانانلار لىققىدە تىزىپ قۇيۇلدى. بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ چىققان يېرى دەل بىزنىڭ ۋەتىنىمىز ئېنگلاند ئىدى. مارتىن نام قازانغاندىن كىيىن بۇ شەھەردىن كەتتى. ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى يەنىلا بىز بىلەن قوشنا بولۇپ ئولتۇردى. ھۆكۈمەت مارتىنغا بىر يۈرۈش تۇرالغۇ مۇكاپات بەردى. بۇ تۇرالغۇ ئاتوم تەتقىقات مەركىزى بىلەن ناھايىتى يېقىن كېلەتتى. گىزىتلەردە ئۇنىڭ رەسىمى پات – پات چىقىپ تۇردى، بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ ئەسەبىي چوقۇنغۇچىلىرى قولدىن – قولغا ئېلىپ ئوقۇيتتى. ئۇ مىللەتنىڭ قەھرىمانىغا، قۇياشنى بۈيۈك برىتانىيە زېمىنىغا ئىنئام قىلغۇچىغا ئايلاندى. مارتىن ناھايىتى قەددى – قامەتلىك ھەم سالاپەتلىك بولۇپ، رەسىمىنى كىسۋىلىپ ساقلاشقا ئەرزىيدۇ. ئۇ يەنە ئاياللارنىڭ قەلبىدىكى ئىلاھقا ئايلاندى. مەن گىزىتلەردە ھەرقاچان ئۇنىڭ يېنىدىكى ئايال ھەمراھىنىڭ دائىم ئالمىشىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇنداق ئالمىشىش تاكى ئىككى يىلدىن كىيىن بىر كىچىك قىزغا مۇقۇملاشقانغا قەدەر داۋاملاشتى. بۇ قىز يامايكىدىكى بىر چوڭ كەمپۈت ياسايدىغان زاۋۇت خۇجايىنىنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى بولۇپ، ئىسمى پاترىن ئىدى.

بۇ چاغلاردا مارتىن ئالىقاچان دۆلەت گۆھىرىگە ئايلانغان بولۇپ، مەرتىۋىسى بارغانسېرى ئۆسۈپ بېرۋاتاتتى. ئەلۋەتتە، ئۇ قىلغان بارلىق ئىشلىرى ئۈچۈن مۇشۇنداق شان – شەرەپكە مۇناسىپ. ئەنگلىيە ئىسسىق بەلۋاغ مېۋىلىرىدىن ئالاھىدە مول ھوسول ئىلىپلا قالماي يەنە ساياھەت كەسپى تېخىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجىلاندى. مارتىن يەنە خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈردى، باشقا دۆلەتلەر بەس-بەستە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ئىسلاندىيە يەنىلا ئىلگىرىكى يىللىرى كەترەن گۈلى ئۈستۈردىغان پارنىكنى ساقلاپ كىلۋاتاتتى.

ئەنگلىيە پەخرى گىراژدانلىق نامىنى ئېلان قىلغاندا مارتىن تەبئىلا ئالدىنقى قاتارغا تېزىلدى ھەم ئۇنىڭغا سېر ئۇنۋانى بېرىلدى.

 بىر كۈنى مەن مەلۇم بىر دەپنە مۇراسىمىغا ماڭاي دەپ تۇرغىنىمدا باشلىقىم چاقىرىپ توختىۋالدى ھەم ماڭا:

- قەدىرلىكىم، ماتەم كىيىمىڭىزنى يارىشىملىق كىيىمگە ئالماشتۇرۇڭ. سىز ھىلقى يىڭى سېرنى زىيارەت قىلىشىڭىز كېرەك، - دېدى.

- مەن بارمايمەن.

- سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى بىلىمەن، بىراق ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر بىزنىڭ گىزىتىمىزدىن باشلانغان ئىكەن، ئەمدى جىم تۇرۋالساق بولماس.

گەرچە مەن بۇ ئىشقا ناھايىتى نارازى بولساممۇ نائىلاج بېرىشقا مەجبور بولدۇم. ئۇنىڭ شەخسىي تۇرالغۇسىغا يىتىپ كەلگەندە كەيپىم بارغانسېرى بۇزۇلۇشقا باشلىدى. چۈنكى مەن ئۆينىڭ يىنىدىكى لەمپىنىڭ ئاستىغا توختىتىپ قۇيۇلغان كۆك رەڭلىك ماشىنىنى كۆردۈم. بۇ پاترىننىڭ ماشىنىسى بولۇپ، ئىلگىرى رەسىمدىن بۇ ماشىنىنى نۇرغۇن قېتىم كۆرگەنتىم.

قاشلىرىغا قويۇق سىزىۋالغان بىر كۈتكۈچى قىز ئىشىك ئاچتى. ئۇنىڭ ئالدىغا تارتىۋالغان پەرتۇقى تۈرلۈك سۇيۇقلۇقلارنىڭ چاچرىشىدىن ناھايىتى قېتىپ كەتكەن بولۇپ، شىلدىرلاپ ئاۋاز چىقىراتتى.

- مارتىن ئەپەندىم تەجرىبىخانىگە كەتكەن. سىز مېھمانخانىدا ساقلاپ تۇرۇڭ، - دېدى ئۇ.

- تەجرىبىخانىگىلا باراي، - دېدىم مەن.

دەل شۇ چاغدا مەن كۈنۇرى ماشىنىسىنىڭ ياندىكى ئۆيگە قويۇلغانلىقىنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىدىم. يۈرۈكۈم شۇئان قىپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك سوقۇشقا باشلىدى. كۈتكۈچى قىز خالىمىغان قىياپەتتە باغچىنىڭ ئىچىدىكى خىش بىلەن قۇپۇرۇلغان كىچىك ئۆيگە تۇتۇشىدىغان بىر خىلۋەت يولنى كۆرسەتتى. گەرچە كىرىش ئېغىزىنى ساقچى قوغداۋاتقان بولسىمۇ مۇخبىرلىق كىنىشكەمگە ئاساسەن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتتىم. مەن ئۆيگە كىرگەن چاغدا بۇ بىرجۈپ ئاشىق – مەشۇقلار قاتتىق ۋارقىرىشۋاتقان بولۇپ، ھېچقايسىسى ئاياق تىۋىشىمنى ئاڭلىمىدى.

- سىز مېنىڭ پىكرىمنى ئويلاپمۇ قويمىدىڭىز، - دېدى مارتىن ۋارقىراپ، - مەن توي قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتىمەن.

- گىپىڭىزنى ناھايىتى ئېنىق ئاڭلىدىم، - دېدى پاترىن قايتۇرۇپ، - مېنىڭ جاۋابىم شۇكى قەتئىي بولمايدۇ.

- قەدىرلىكىم، سىز مىللىي قەھرىماننىڭ ئايالى بولىسىز. بۇ دېگەن چوڭ شەرەپ.

- سىز بىلەن توي قىلغاندىن بىر خاتىرە تېشىغا ياتلىق بولغىنىم ياخشىراق.

- نۇرغۇن ئاياللار ماڭا ياتلىق بولۇشنى ئويلايدۇ، مەن خالىغانچە تاللىۋالىمەن، - دېدى مارتىن يۈزلىرى قىزارغىنىچە.

- ئۇنداق بولسا شۇلاردىن تاللاڭ، بۇ شان – شەرەپلەرنى خالىغان ئادەمگە بەرسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.

مارتىن چوڭقۇر نەپەس ئىلىۋالغاندىن كىيىن ئەڭ ئاخىرقى كوزۇرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

- ئاڭلاپ تۇرۇڭ، مەن سىزنى تاكى ئاداققىچە قۇياش نۇرىدىن بەھرىمەن قىلالايمەن. مەن ئەزەلدىن قۇياش ماشىنىسىنى بۇنداق ھەرىكەتلەندۈرۈپ باقمىغان. بىراق، بۈگۈن مەن مۇشۇنداق قىلىمەن. سىزنىڭ ھەر كۈنى قۇياشىڭىز بولىدۇ، قۇياش سىزگە مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ.

بۇ گەپ مارتىن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەجەللىك خاتالىق سادىر قىلغانلىقتىن دېرەك بېرەتتى.

- بولدى يېتەرلىك! ئەسلىدە مېنىڭ ئەنگىلىيىگە كېلىشىم نەمخۇش ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش ئۈچۈن ئىدى. نەتىجىدە مەن نېمىگە ئېرىشتىم؟ كۈنۇرى ماشىنىسى! مۇبادا مەن قۇياش نۇرىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرگەن بولسام ئۆيىمدىن چىقمىسام بولاتتى. يامايكىدا ھېچ بولمىغاندا ھەقىقىي قۇياش بار.

ئۇ سۆزلىگەچ ئايىقىنىڭ ئۇچى بىلەن ئىشىكنى تېپىپ ئاچتى.

شۇ دەقىقىدىن باشلاپ مارتىن قۇياشنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى يوقىتىپ قويدى. ئەلۋەتتە بۇنى مارتىن ۋە باشقا كىشىلەر تېخى سەزمىدى. مەن پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا ئېھتىيات بىلەن مېڭىپ بۇ ئۆيدىن چىققان چاغدا ھاياتلىق ئىلگىرىكىدەكلا داۋام قىلۋاتاتتى. مەن قۇرۇق قول رىداكسىيىگە قايتىپ كەلدىم. باشلىقىم مېنى قاتتىق ئەيىبلەپ كەتتى.

ئىللىق قىش يىتىپ كەلدى. مارت ئېيىدا پوكەيلەردە يازنىڭ مېۋىلىرى تېزىلدى. ئاپىرىل يېقىنلاشقاندا دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنلىرى يامغۇر ياغمىغانلىقىدىن ئاغرىنىشقا باشلىدى. دېھقانچىلىق گىزىتلىرىدە «تېزدىن كۈننۇرى ماشىنىسىنى ئېتۋىتەيلى» دېگەندەك شۇئارلار كۆپۈيۈشكە باشلىدى. ئارقىدىنلا نۇرغۇن گېزىت – ژۇرناللار «كۈننۇرى ماشىنىسى ئېتىلمىسە قۇرغاقچىلىقتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

يەنە بىر ھەپتە ئۆتتى. دۆلىتىمىز گىرلاند بىلەن زىدىيەتلىشىپ قالدى. ئەسلىدە ئەنگلىيە ئىسكىموسلارنىڭ ئاپلىسىنزارلىقىنى قۇياش نۇرى بىلەن يورۇتۇپ بېرىشكە، بۇنىڭ ھىسابىغا نۇرغۇن دېڭىز ئىيىقىنىڭ تېرىسىغا ئىگە بولىدىغانلىقىغا كېلىشكەن ئىدى. نەتىجىدە ئاپلىسىنلارغا قۇياش نۇرى چۈشمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ گىزىتلىرىدە كەينى-كەينىدىن ئەيىبلەش سادالىرى كۆتۈردى. ئەنگلىيە مۇۋاپىق چارە تاپالمىغانلىقتىن ئىيىق تېرىسىنى ئىمكان بار تېز قايتۇرۇپ بەردى.

ياز يەنە كەلدى. يېزىلاردىكى بارلىق يېشىللىق كۈچلۈك ئوتتا كۆيۈپ كەتكەندەك قوڭۇررەڭگە ئۆزگۈرۈپ قالدى. ئېقىنلار قۇرۇپ، تامېس دەرياسى قايتىدىن سېسىق سۇ ئېرىقىغا ئايلىنىپ قالدى.

سېر مارتىن توغرۇلۇق گەپ – سۆزلەر ئالدى بىلەن كىچىك قاۋاقخانىلاردا جىممىدە پەيدا بولۇپ ئاندىن گېزىت –ژۇرناللاردىن ئورۇن ئالاتتى. ئاخىرىدا پارلامىنتقا سۇنۇلاتتى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىرلا تەلەپنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشتى.

15-ئاۋغۇست بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر پروگراممىسىدا مۇنداق خەۋەر يەتكۈزدى:

«بۈگۈن دوۋنىنگ كوچىسى 10 – نومۇرلۇق قورو رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيىدە ئىقتىسادى ئىنقىلاب قوزغىغان كۈننۇرى ماشىنىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ باياناتنى باش ۋەزىر بىلەن سېر مارتىن ئورتاق ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە مارتىن ئەپەندى يىل بېشىدا كىچىككىنە بىر تەۋرىنىشنىڭ ماشىنىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، ئۇنى رېمونت قىلماقچى بولغان بولسىمۇ يېرىم يىلدىن بۇيانقى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىكارغا كەتكەنلىكى ئېيتىلدى. بۇ ماشىنىنىڭ توختىشمۇ ھەم شۇنداقلا نۇر دەستىسىنى باشقا جايلارغا يۆتكىگىلى بولمايدىكەن. شۇڭا ئۇنى ئۈزۈل – كېسىل پاچاقلاپ تاشلاش كېرەك. بۇ ئىش ئەتە ئورۇنلىنىدۇ».

16-ئاۋغۇست ئەتىگەن سائەت توققۇزدا، كۈنۇرى ماشىنىسى پارتىلاپ كۇكۇم – تالقان بولۇپ كەتتى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىشىلەر تېلېۋىزىيە ئارقىلىق ماشىنىنىڭ ئاسمان پەلەك ئۇچۇپ يۈرگەن قالدۇقلىرىنى ھەم سېر مارتىننىڭ ئېچىنىشلىق چىرايىنى كۆرۈشتى. بىر مىنوتتىن كىيىن كىشىلەر ئۆيلىرىدىن كوچىغا چىقىشتى. بۇ چاغدا تونۇش نەمخۇش تۇمان زېمىنغا يىيىلدى. بۈيۈك برىتانىيە زېمىنىغا ناھايىتى تېزلا شارقىراپ يامغۇر ياغدى. چاكىلداپ قۇرۇپ كەتكەن يەرلەر سۇنى خۇددى بۇلۇتتەك سۈمۈردى. ئەر – ئاياللار ھەم بالىلار يالىڭاياق پۇتلىرى بىلەن سۇ كۆلچەكلىرىنى كېچىشىپ، خۇشاللىق تەنتەنىسى قىلىشتى.

سېر مارتىن مەڭگۈ تۈگەشتى. ئۇ ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. يەنە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن مەن ھۇجرامنىڭ دىرىزىسىدىن سېر مارتىننى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ روھى چۈشكۈن ھالدا نەملىشىپ كەتكەن گۈلۈكتە تۇراتتى. گەرچە مەن مەقسەتسىز قايتىدىن ئۇنىڭ بىلەن قوشنا بولۇپ قالغان بولساممۇ، ئەمما كېيىنكى ئىشلارنى مۇشۇنداق ئاددىي بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىسام ھېكايىنىڭ داۋامىنى قانداق ئاخىرلاشتۇرىمەن؟

 ھازىر سېر مارتىن ئوتتۇرا ياشقا بېرىپ قالغان بولۇپ، 45 ياشقا كىرگىلى ئۇزۇن بولمىغان ئىدى. كۈلرەڭ چاچلىرى ئۇنى تېخىمۇ قېرىپ كەتكەندەك كۆرسىتەتتى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ ئېغىر پسىخىك زىيانغا ئۇچراپتىمىش. ئۇ ئۆزگەردى، ئىلگىرىكى تەكەببۇرلۇقى نەلەرگىدۇ غايىپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇلايىم، ياۋاشلىق ئالماشقان ئىدى. ئۇ ئىلگىرىكىدەكلا ئۆز تەجرىبىخانىسىدا ئالدىراش، يەنە تېخى بىرەرسىنىمۇ بۇسۇغۇسىغا يېقىن يوللاتمايدۇ. ئەمما ھازىر ئۇنىڭغا قىزىقىدىغانلار يوق. خامپتوننىڭ ئۇنۋانى ئالىقاچان كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتتى.

ئىككى ئاي ئىلگىرى مارتىن مېنى ئىزدەپ كېلىپ، ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي ئۆزىگە ياردەملىشىپ ئۆلچەش خىزمىتى قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى: ئۇ گۈلۈكنىڭ توغرۇلۇق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بىر پارچە خەرىتىسىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ، خەرىتىگە ھەر بىر تال دەل – دەرەخ ۋە گۈل - گىيانىڭ ئورنى ئېنىق چۈشۈرۈلگەندىن باشقا يەنە ھەر بىرخىل گۈلنىڭ تۈرىگىچە چۈشۈرۈلەتتى. مەن تېخى مارتىن گۈللۈكنى قايتا لايىھىلىسە كېرەك دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. ئەنگىليىلىكلەرگە خاس ئەدەپ يۈزىسىدىن مەن ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولدۇم. بىراق كىيىنچەرەك ئاندىن ئۇنىڭ باشقا ئىش قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدىم. ئەتىرگۈل گۈللىكى بىلەن ئەنجۈر دەرىخى ئارىلىقىدا بىر كىرىست شەكلى پەيدا بولدى. بىر دانە يۈلەنچۈكلۈك ئۇزۇن ئورۇندۇق كىرىست بەلگىسى بار ئورۇنغا قويۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستىدە مارتىن ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا ئىشلىتىلىدىغان كوكۇس مېيىنى بەدىنىگە سۈرتۈپ ئولتۇراتتى. بۇ چاغدا ئەتراپتا سىم – سىم يامغۇر يىغۋاتاتتى...

مانا بۇ ھېكايىنىڭ ئاخىرى.

  

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان

2009 -يىل 10- نويابىر


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئاينى ئايلىنىش(فان...
●  يەر شارىدىن ئاي شار...
●  قورچاق خۇجايىن (ئىل...
●  ئىككى يۈز ياشلىق ﯪﺩﻩﻡ...
●  يۇلتۇز نۇرى
●  قۇياشقا خىيانەت قى...
●  غەيرىي بالا
●  ھەقىقىي سۆيگۈ
●  ھەممىگە قادىر ماشى...
●  ئۇچۇر چەۋەنداز ۋە م...
●  ﻣﺎﺭﺱ ﻣﻪﻟﯩﻜﯩﺴﻰ (ﻓﺎﻧﺘﺎﺯﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺭﯗﻣﺎﻥ1)...
●  قارا ساندۇق
●  ﯪﺩﻩﻣﺴﯩﻤﺎﻥ ﻣﺎﻳﻤﯘﻥ(ﯲﻣﻪﺭ ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ)...
●  ماسلىشىش (ئىلمىي فا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئاينى ئايلىنىش(فانتازىي...
●  يەر شارىدىن ئاي شارىغا (...
●  قورچاق خۇجايىن (ئىلمىي ف...
●  ئىككى يۈز ياشلىق ﯪﺩﻩﻡ
●  يۇلتۇز نۇرى
●  قۇياشقا خىيانەت قىلغۇچى
●  غەيرىي بالا
●  ھەقىقىي سۆيگۈ
●  ھەممىگە قادىر ماشىنا
●  ئۇچۇر چەۋەنداز ۋە ماشىن...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى