بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> فانتازىيىلىك ئەسەرلەر >> غەيرىي بالا

غەيرىي بالا

يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-13 21:30:27    كۆرۈلۈش سانى : 241  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>

غەيرىي بالا

 

(ئىلمىي فانتازىيىلىك ھېكايە)

جون ۋىندام (ئەنگىلىيە)

 

(مەزكۇر تەرجىمىنى ياش – ئۈسمۈرلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ئېھتىرام بىلەن بېشىلايمەن)

 

1

9-ئاينىڭ 26 – كۈنى مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم. ئۇ كۈنى ئايالىم جېئاننېت لوندونغا بېرىپ ئويۇن كۆرۈپ، ئىككىنچى كۈنى سەھەردىلا مىدۋىچ كەنتىگە قايتىپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ 26 - چېسلا كېچىدە ئايالىم مىدۋىچ كەنتىدە بولالمىدى. شۇ سەۋەبلىك ئىككىمىز ئۆزىمىزنى ھەقىقەتەن بىر ئۈمۈر بەختلىك ھېس قىلىمىز.

يولىدا بىز ئەركىن، كەڭ – كۇشادە پاراڭلىشىپ ماڭدۇق. كىتۋىتىپ تىراين بازىرىدىن ئۆتكەندە بىردەم توختاپ نەرسە – كېرەك سېتىۋالدۇق. ئارقىدىن سىتوچ كەنتىنى كېسىپ ئۆتۈپ ئوڭغا بۇرۇلدۇق ھەم ئۇدۇل مىدۋىچ كەنتىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. بىراق، داۋاملىق مېڭىش مۇمكىن بولمىدى. يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى توساقتا يولنىڭ تاقالغانلىقى يېزىلغان ئىدى. بىر ساقچى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پۇلاڭلىتۋاتاتتى.

- كەچۈرۈڭ ئەپەندىم، يول قامال قىلىندى.

- گىپىڭىزچە ئوپپىل كەنتى بىلەن ئايلىنىپ ماڭىدىكەنمىز-دە؟

- تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇ يولمۇ قامال قىلىنغان.

- بىراق...

گەپ ئارىلىقىدا لىق ئەسكەر ئولتۇرغان بىر ھەربىي ماشىنا يېنىمىزدىن ئۆتۈپ مىدۋىچ كەنتىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ماشىنىدا تەخمىنەن  30دەك ئەسكەر بار ئىدى.

- ساقچى ئەپەندىم، بىز مىدۋىچ كەنتىدە ئولتۇرىمىز.

- بۇنى بىلىمەن، ئەپەندىم، بىراق ھازىرچە ئۇ يەرگە بارىدىغان يول يوق. ناۋادا مەن سىزنىڭ ئورنىڭىزدا بولغان بولسام تىراين بازىرىغا قايتىپ يول ئېچىلغىچە ساقلىغان بولاتتىم.

جېئاننېت ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىپ نەرسە – كېرەك قاچىلانغان خالتىنى قولىغا ئالدى ۋە دېدى:

- مەن ئالدىغا مېڭىپ تۇراي، سىز يول ئېچىلغاندىن كىيىن ماشىنىنى ھەيدەپ قايتىپ كېلىڭ.

- خانىم، ئۈيۈڭلار شۇ يەردە بولغاچقا سىلەردىن يۇشۇرماي. يوقۇرىنىڭ بۇيرۇقى بار، مىدۋىچ كەنتىگە ھىچكىمنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت يوق، - دېدى ھىلقى ساقچى ئالدىرىماي تۇرۇپ.

بىز ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپلا قالدۇق.

- زادى نېمە ئۈچۈن؟ - دەپ سورىدى جېئاننېت.

- بىزمۇ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. سىلەر يەنىلا تىراين بازىرىغا بېرىپ گىئورگىي مىھمانخاسىغا چۈشكۈن قىلىڭلار. يول ئېچىلسىلا سىلەرگە دەرھال خەۋەر قىلىمىز.

قارىغاندا شۇنداق قىلمايمۇ بولمايتتى.

- بولىدۇ، - دېدىم مەن، - ئىسمىم رىچارد گايفورد. مەن گىئورگى مېھمانخانىسىغا يولنىڭ ئېچىلغانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ قۇيۇشىنى ئېيتىمەن.

بىز ئەسلى كەلگەن يولىمىزنى بويلاپ كەينىمىزگە ياندۇق. مەن بىر پارچە ئېتىزلىققا تۇتۇشىدىغان يول ئېغىزىدا ماشىنىنى تورمۇزلاپ توختاتتىم.

- بۇ ئىشلار باشقىچىلا، تۇلىمۇ ھەيران قالارلىق، - دېدىم مەن، - ئېتىزنى كېسىپ ئۆتۈپ نېمە ئىشلىقىغا قاراپ باقساق قانداق؟

مىدۋىچ كەنتى ئادەتتىكىگە ئوخشىماي قالغان ئىدى. قارىماققا ناھايىتى تىنچ، جىمجىت بولۇپ ھىچقاندەك ئىش يۈز بەرمىگەندەك قىلاتتى. ئەر – ئايال ئىككىمىزنىڭ ئۇ يەردە تۇرۋاتقىنىغا بىر يىلدەك بولغان ئىدى. پۈتۈن كەنتتە ئاتمىش يۈرۈشتەك دېھقانلار تۇرالغۇسى ۋە كىچىك تىپتىكى ئۆي، بىر كەنت ئىشخانا زالى بار ئىدى. ئۇندىن باشقا يەنە گىرانىگ دەپ ئاتىلىدىغان قورو بار بولۇپ، بۇ قورۇدا بىر تۈرۈكۈم ئالىم تۇراتتى. باستېر لىبودى ۋە ئۇنىڭ ئايالى، كەنت زالىدىكى يازغۇچى زىللىبىي ۋە ئايالى، دوختۇر ۋىلىس، سېسترا دانيېلىس، گىرانىگ قورۇسىدىكى ئالىملار ھەم ئىككىمىزدىن باشقا قالغان كۆپ قىسىم ئادەمنىڭ بۇ يەردە ياشاۋاتقىنىغا نەچچە يۈز يىل بولغان ئىدى.

بىز ماشىنىدىن چۈشۈپ بىر ئىگىزلىككە چىقتۇق. بۇ يەردە تۇرۇپ مىدۋىچ كەنتىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئىتىز ئىچىدە بىر نەچچە ئۆكۈز ياتقىنىچە ئۇخلاۋاتاتتى. نېمىشقا كالىلارنىڭ ھەممىسى بىراقلا ئۇخلاپ قالغاندۇ؟ كاللامدا ئىختىيارسىز بىرخىل تەشۋىش پەيدا بولدى.

بىز ئېتىزنى كېسىپ ئۆتۈپ كالىلارغا قاراپ يىقىنلاشتۇق. سول تەرەپتە سەل يىراقتا بىرەيلەن بىزگە قاراپ ۋارقىرىدى. مەن بۇرۇلۇپ يېنىمدىكى بىر پارچە ئېتىزلىقتا بىر ئەسكەرنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ قولىدىكى ياغاچ توخماقنى پولاڭلاتتى. ئەمما ئۇنىڭ نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئاڭلىيالمىدىم.  قارىغاندا بىزنى قايتىپ كىتىشكە بۇيرىۋاتقان بولسا كېرەك. مەن دەرھال توختىدىم.

- رىچارد، تېز كېلىڭ، ئۇ ئەسكەر بىزدىن تېخى جىق يىراقتا، - دېدى جېئاننېت بىرياقتىن سۆزلىگەچ ئالدىغا قاراپ يۈگۈرۈپ.

ھىلقى ئەسكەر قولىدىكى كالتەكنى جىنىنىڭ بېرىچە پولاڭشىتاتتى، ئاۋازىنىڭ بېرىچە ۋارقىرايتتى. مەن قىلچە ئىككىلەنمەيلا جېئاننېتقا ئەگەشىپ كۈچۈمنىڭ بىرىچە يۈگرۈدۈم. ئۇ مېنىڭدىن بىر نەچچە يارد ئالدىدا كېتىپ باراتتى. ئۇشتۇمتۇت جېئاننېت ھېچقانداق ئاۋاز چىقارمايلا يەرگە يىقىلدى ۋە قىمىرمۇ قىلماي يىتىپ قالدى.

مەن دەرھال توختاپ نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمەي داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. ئەگەر ئۇ پۈتلىشىپ يىقىلغان ياكى پۇتى يارىلانغان بولسا مەن دەرھال ئۇنىڭ قىشىغا بارغان بولاتتىم. بىراق بۇ ئىش ناھايىتى غەلىتە ھەم تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇ خوددى مىلتىق ئوقى تەرىپىدىن ئېتىپ يىقىتىلغاندەك يەردە قىمىر قىلماي ياتاتتى.

مەن سەل ئىككىلەنگەندىن كىيىن ئۇنىڭغا قاراپ ماڭدىم. ئەمما تېخى ئۇنىڭ يېنىغا بارماي تۇرۇپلا يەرگە يىقىلدىم. يىقىلغاندىمۇ شۇنداق تۇيۇقسىز ھەم جانسىز يىقىلىپ چۈشتۈم. ئەمما نىمىش بولغانلىقىنى زادىلا ھېس قىلالمىدىم.

 

2

 

9-ئاينىڭ 26- كۈنى پۈتۈن بىر كۈن مىدۋىچ كەنتى ناھايىتى تىنچ بولۇپ، ناھايىتى ئازادە بىر ھالەتنى ئىپادىلەپ تۇراتتى.

شۇ كۈنى كەچ نۇرغۇن كىشى كىچىك قاۋاقخانىغا يىغىلدى. بىر قىسىم ياشلار تىراين بازىرىغا كىنو كۆرگىلى كەتتى. ئايال پوچتىكەش ئوگلى پوچتىخانىدىكى تېلفوننىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ سۆزلىشىۋاتقان ئاۋازلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن ئاڭلاۋاتاتتى. گىرانىگ قوروسىدا بولسا بىر نەچچە دىرىزە ئىلگىرىكىدەكلا يورۇپ تۇراتتى. ئۇ يەردىكى ئالىملار ھە دېگەندىلا يېرىم كېچىلەرگىچە ئىشلەيتتى. باستېرنىڭ تۇرالغۇسىدا باستېر لىبودى رادىئو ئاڭلاۋاتاتتى. لىبودى خانىم بولسا لوندوندىكى دوستىغا يۇقىرى ئاۋازدا تېلېفون بېرۋاتاتتى. بۇ چاغدا ۋاقىت ئوندىن چارەك ئۆتكەن ئىدى.

ئۇزاق ئۆتمەيلا لىبودى خانىمنىڭ تېلفوندىكى ئاۋازى تۇيۇقسىز ئۈزۈلدى. تېلفوننىڭ يەنە بىر ئۇچۇدىكى ئاڭلىغۇچى تىلفونستنىڭ گەپنىڭ مۇھىم يېرىگە كەلگەندە ئۈزۋەتكەنلىكىدىن زارلىنۋاتاتتى. تىلفونست سىم يولىدا كۆرۈلگەن كاشىلا ئۈچۈن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەم تېلېفون ئۈزۈلگەن توغرا ۋاقتنى خاتىرىلەپ قويدى: 9-ئاينىڭ 26 – كۈنى كەچ سائەت 10 دىن 17 مىنۇت.

 

3

 

شۇ كەچلىكى سائەت 10 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ مىدۋىچ كەنتىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى ھېچكىم بىلەلمىدى. تېلېفون ئۈزۈلگەن پىتى تۇرۇۋەردى، مىدۋىچ كەنتىدىن ئۆتىدىغان بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس مەنزىلگە يىتىپ بارمىدى. ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى ئىزدەپ چىقىپ كەتكەن بىر يۈك ماشنىسىنىڭمۇ ئىز – دېرىكى بولمىدى. ئوپپىل كەنتىدىكى بىر كىشى ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىدا مىدۋىچ كەنتىدىكى بىر ئۆيگە ئوت كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى، بىراق تىراين بازىرىدىن ئوت ئۈچۈرۈشكە كەتكەن خادىملارمۇ قايتىپ كەلمىدى. ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىگە ئەگىشىپ ماڭغان ساقچى ماشىنىسىمۇ سۇغا چۈشكەن تاشتەك يوقاپلا كەتتى. ئۇنىڭ ئالدىدا خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيىسى شتابى تىراين بازىرىغا تېلېگرامما يوللاپ بىر نامسىز ئۇچار جىسىمنىڭ مىدۋىچ كەنتىگە ياكى يېقىن ئەتراپىغا چۈشكەنلىكىدىن خەۋەرلەندۈرگەن ئىدى.

ئىككىنچى كۈنى  تاڭ سۈزۈلگەندە، ئوپپىل ۋە سىتوچ رايونىدىكى قۇشلار ئىلگىرىكىدەك بەس – بەستە سايراپ كەتتى، بىراق مىدۋىچ كەنتى خوددى بىر ئۆلۈك دېڭىزغا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، چىۋىننىڭ ئاۋازىمۇ ئاڭلانمايتتى، بىرەر تال قۇرتنىڭ مىدىرلىغىنىنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى. پەقەت ئۆي – ئۆيلەردىكى سائەت قوڭغۇراقلىرىلا بىر خىلدا سايراپ قاتتىق ئۇيقۇدىكى كىشىلەرنى دەرھال ئورىنلىرىدىن تۇرۇشقا چاقىرۋاتاتتى.

مىدۋىچ كەنتى سىھىرلەنگەندەكلا ئۇيقۇ دېڭىزىغا غەرق بولغان ئىدى. ئادەملەر، ھايۋانلار، ئۇچار قۇشلار ھەم چاشقانلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق خورەك تارتىپ ئۇيقۇغا كەتتى. بۇ تىمتاسلىقتا پەقەت شامالنىڭ ھۇشقۇرتقان ئاۋازى، چىركاۋنىڭ قوڭغۇراق ئاۋازى ھەم دەريا سۈيىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىلا ئاڭلىناتتى.

تاڭ سەھەر بىر پوچتا ماشىنىسى مىدۋىچ كەنتىگە كىرىپ كەلدى. ماشىنا سىتوچ كەنتىدىن ئۆتۈپ ئۇزاق بولمايلا سوپۇر بىر ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىنى كۆردى. ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىنىڭ يېرىمى يول بۇيىدىكى دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، يېرىمى قىرغاقتا تۇراتتى. قارا رەڭلىك بىر ساقچى ماشىنىسىمۇ دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. پوچتا ماشىنىسى ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇنغا يېقىنلىشىپ بېرىشىغا تۇيۇقسىز توختاپ قىلىپ ماڭغىلى بولمىدى. شوپۇر پوچتىكەشنىڭ ماشىنىدىن چۈشكەنلىكىنى كۆردى. بىراق پوچتىكەش نەچچە قەدەم ماڭا – ماڭمايلا تۇيۇقسىز جىمجىتلا يەرگە يىقىلدى. شوپۇرنىڭ كۆزى يان تەرەپتىكى يەنە بىر يولغا تىكىلدى. ئۇ يەردە بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس توختاپ قالغان بولۇپ بارلىق يولۇچىلار بۇتتەك قېتىپ ئولتۇراتتى، قارىماققا تاتلىق ئۇخلاۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.

بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ماشىنا شوپۇرىنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئىختىيارسىز تىكەنلىشىپ، پۈتۈن بەدىنىدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى. ئۇ دەرھال ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئەڭ يېقىن بولغان ئوپپىل كەنتىدىكى تېلېفون بوتكىسىغا قاراپ يۈگۈردى. قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى كەينى – كەينىدىن كېلىشكە باشلىدى. قۇتقۇزغۇچى خادىملار ماشىنىدىن چۈشۈپ تېزلىكتە ئىش چىققان يەرگە يۈگرۈشتى. شۇنىسى ئالدىغا بىرنەچچە قەدەم مىڭىپلا بىر – بىرلەپ يەرگە يىقىلدى، مىدىرمۇ قىلىپ قويمىدى.

ماشىنىدىكى بىر قۇتقۇزغۇچى خادىم سىمسىز تېلېفون بىلەن جىددىي ياردەم تەلەپ قىلدى:

- بىزگە زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش نىقابى كېرەك، تېز بولۇڭلار، بۇ يەردە زەھەرلىك گاز بار ئىكەن.

 

4

 

زەھەرلىك گازدىن ساقلىنىش نىقابى مەسىلىنى ھەل قىلالمىدى. شۇ چاغدا بىر ئەسكەر ئامال ئويلاپ تاپتى. ئۇ ئۇزۇن بىر تال ياغاچ شادىنىڭ ئۇچىغا تۆمۈر ئىلمەك بېكىتىپ يەرگە يىقىلىپ قاتتىق ئۇخلاۋاتقان ئادەملەرنى بىر - بىرلەپ ئىلىپ تارتىپ ئەكەلدى. يىقىلغان كىشىلەر بەلگىلىك ئارلىققا تارتىلغاندىن كىيىن دەرھال ئۇيغۇنۇپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. ئۇلار ھېچقانداق زىيان – زەخمەتكە ئۇچرىمىغان ئىدى.

مەنمۇ بېشىم تۆۋەنگە قارىغان ھالدا تارتىپ كىلىندىم. ئورنۇمدىن تۇرغان چاغدا ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ماڭا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. جېئاننېتيمۇ تارتىپ كىلىندى. ئۇمۇ ناھايىتى تېزلا ئورنىدىن تۇردى.

شۇنداق قىلىپ بىر نۇقتا ئېنىق بولۇپ كەتتى: مىدۋىچ كەنتىنىڭ سىرتقى قىسمىدا كۆرگىلى بولمايدىغان بىر قامال قىلىش دائىرىسى بار ئىدى. كىشىلەر ھازىرچە بۇنىڭ نىمىلكىنى بىلىشكە ئىلاجسىز. ھىلقى ئەسكەر ئارقىغا ئۇلاپلا يەنە بىر ئەپلىك چارە تاپتى. ئۇ قۇش بىقىلۋاتقان بىر دانە قەپەس تېپىپ كەلدى. ئاندىن قەپەسنى ئۇزۇن شادىنىڭ ئۇچىغا باغلىدى. ئاندىن ئۇ قەپەسنى بەلگىلىك ئارلىققا ئۇزاتقاندا قۇش تۇيۇقسىز قەپەسنىڭ تېگىگە يىقىلدى. كەينىدىنلا يەنە قەپەسنى بەلگىلىك ئارلىققا تارتىپ ئەكەلدى. قۇش قايتىدىن سەكرەشكە باشلىدى. ھىلقى ئەسكەر قامال قىلىنغان رايوننىڭ چىگرىسىغا ئاق رەڭدە سىزىق سىزىپ قويدى. يەنە بىر ئەسكەر خەرىتىگە بەلگە قىلىپ چىقتى.

جېئاننېت يەنىلا ناھايىتى روھلۇق، جۇشقۇن بولسىمۇ، ئەمما قاتتىق غەزەپلەنگەن بولۇپ، ئاچچىقتىن چىشلىرى كىرىشىپ كەتكەن ئىدى.

- سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ؟ رىچارد ئەپەندىم، - دېدى بىرى ئاۋاز.

مەن بۇرۇلۇپ لېيتېنانت ئاللېننى كۆردۈم. مەن ئىلگىرى يازغۇچى زىللىبىينىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدىم. ئۇ زىللىبىينىڭ بولغۇسى كۈيئوغلى ئىدى.

- مەن ناھايىتى ياخشى، رەھمەت، - دېدىم مەن، -  بۇ يەردە زادى نېمە ئىش يۈز بەردى؟

لېيتېنانت ئاللېن بىلىدىغانلىرىنىڭ ھەممىنى ماڭا ئېيتىپ بەردى. ئارقىغا ئۇلاپلا قوشۇپ قويدى:

- بىر نۇقتا ئېنىق بولدىكى بۇ رايونغا ئادەم كىرەلمەيدۇ. سىز ئەڭ ياخشىسى تىراين بازىرىغا قايتىپ بىزنىڭ خەۋىرىمىزنى كۈتۈڭ.  

بىز قايتتۇق. گىئورگى مېھمانخانىسىدا مەن پولكوۋنىك بىنادنى ئۇچرۇتۇپ قالدىم. ئىلگىرى ئىككىمىز بىر قىسىمدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن ئىدۇق. مەن دەرھال ئۇنىڭغا ئەتىگەن بولغان ئىشلارنى ئېيتتىم.

پولكوۋنىك بىناد بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن ئايالىمغا قاراپ دېدى:

- جېئاننېت، بەلكىم يولدىشىڭىز بىزگە ياردەم قىلىپ مىدۋىچ كەنتىدە بولغان غەلىتە ئىشنى بىر ياقلىق قىلىشىپ بېرىشى مۇمكىن. مەن ئۇنى بىللە ئېلىپ بارسام بولامدۇ؟

- ئەلۋەتتە بولىدۇ، مەن ئۈچۈن گىئورگى مېھمانخانىسى ناھايىتى بىخەتەر، - دېدى ئايالىم جاۋاب قايتۇرۇپ.

شۇنداق قىلىپ پولكوۋنىڭ بىناد ئىككىمىز مىھمانخانىدىن ئايرىلدۇق.

مىدۋىچ كەنتىنىڭ ئەتراپىدا ھەرقايسى قىسىمنىڭ ئەسكەرلىرى ئايلىنىپ يۈرەتتى. يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە چېدىر تىكىلگەن بولۇپ بىر نەپەر پولكوۋنىك ئىگەنلىگەن ئەھۋاللارنى يوقۇرىغا مەلۇم قىلۋاتاتتى. بۇ چاغدا بىر نەپەر ھاۋا ئارمىيە ئۇچقۇچىسى كىرىپ چوڭايتىلغان بىر پارچە سۈرەتنى ئۈستەلگە قويدى.

- قوماندان، بىز بۇ رەسىمنى تارتىش ئۈچۈن ئىككى نەپەر ئۇچقۇچى بىلەن بىر ئايرۇپىلاندىن ئايرىلىپ قالدۇق.

- ئۇ نېمە؟ - دەپ سورىدى بىر ئوفىتسېر رەسىمدىكى دۈم كۈمتۈرۈپ ئىلىپ قۇيۇلغان ئىستاكان شەكلىدىكى بىر نەرسىنى كۆرسىتىپ.

- ئۇنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇ ھازىر بۇ رايوننىڭ مەركىزىدە تۇرۋاتىدۇ، - دېدى يەنە بىر ئوفىتسېر، - سىلەر نېمىشقا تېخىمۇ تۆۋەنلەپ تەكشۈرمىدىڭلار؟

- بىز شۇنداق قىلدۇق، بىراق بىر ئايروپىلان بىلەن ئىككى نەپەر ئۇچقۇچىدىن ئايرىلىپ قالدۇق.

- بۇ رەسىمنىڭ تارتىلىش ئېگىزلىكى قانچىلىك؟

- ئون مىڭ فوتتىن يۇقىرى.

باشقا كىشىلەر خېلى ئۇزاققىچە پاراڭلاشقاندىن كىيىن تارقىلىپ كەتتى.

پولكوۋنىك بىنادنىڭ نېمە ئۈچۈن مېنى بۇ يەرگە ئىلىپ كەلگەنلىكى ھەم بۇ توغرۇلۇق قىلچىلىك زۇۋان سۈرمىگەنلىكىنى زادىلا بىلەلمىدىم. يولدا كىتۋىتىپ ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنى سورىدىم.

- مۇنداق ئىش، - دېدى ئۇ جاۋاب بېرىپ، - كەنتتىكى ئالىملار تۇرۇۋاتقان گىرانىگ قوروسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مېنىڭ قىسمەن مەسئولىيىتىم. مەن ھازىر ھەربىي ئاخبارات ئورنىدا ئىشلەۋاتىمەن. ئالىملار ئىشلەۋاتقان تەتقىقاتنى ھەرقانداق ئادەمگە بىلدۈرگىمىز يوق.

گىئورگى مېھمانخانىسىغا قايتىپ ئۇزاق ئۆتمەي بىز دۈم ئېسىلغان ئىستاكان شەكىلدىكى نەرسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۇق.  

 

5

 

بىر ساقچى بىر پارچە سۈڭەكنى ئاق رەڭلىك چەكلەنگەن رايوننىڭ ئىچىگە قارىتىپ تاشلىدى. بىر ئىت شۇئان چەكلەنگەن رايونغا قاراپ ئېتىلدى. ئىت ھېچنېمە بولمىدى. ساقچى بىردەم كۆزەتكەندىن كىيىن شەخسەن ئۆزى چەكلەنگەن رايونغا قاراپ ماڭدى. ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىدى. ئۇ يەنە ئالدىغا بىر نەچچە قەدەم تاشلىدى. ئۇنىڭ بىشىدىن بىر نەچچە قۇش ئۇچۇپ ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ قۇشلارنىڭ مىدۋىچ كەنتىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەنلىكىنى كۆردى. ساقچى بۇرۇلۇپ يىنىدىكى ئەسكەرگە دېدى:

- تېز بېرىپ باشلىققا ئېيت، خەتەرلىك رايون كىچىكلەپتۇ، بەلكىم تامامەن يوقاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

كەنتتىكى مۇراسىم زالىدا ئولتۇرۇشلۇق يازغۇچى زىللىبىي ئەسلىگە كېلىپ ئۆزىنىڭ پولدا ياتقانلىقىنى كۆردى. ئوي قاپقاراڭغۇ بولۇپ، سوغۇق ھاۋا ئادەمگە نەشتەردەك سانجىلاتتى. ئۇ قاراڭغۇلۇقتا قىزى فىيلىننىڭ گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى:

- دادا، نېمە ئىش بولدى؟ سىز قېنى؟

يولدا جىددىي قۇتقۇزۇش، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە ساقچى ماشىنىلىرى ھەم ھەربىي ماشىنىلارنىڭ ماتورلىرى گۈرۈلدەشكە باشلىدى. تۈرلۈك ماشىنىلار مىدۋىچ كەنتىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

قىزىل رەڭلىك بىر پىكاپ ئۇچقاندەك كېلىپ كەنت زالىنىڭ ئالدىدا توختىدى. ياش لېيتېنانت ئاللىن زىللىبىينىڭ كۈتۈپخانىسىغا يۈگرەك كىرىپ فىيلىننى چىڭ قۇچاقلىدى.

- سۆيۈملۈكۈم، - دېدى ئاللىن يۇقىرى ئاۋازدا، - سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ؟

- ماڭا ھېچنېمە بولمىدى، - دېدى فىيلىن قىسقىلا جاۋاب بېرىپ.

- بىز ياخشى تۇرۋاتىمىز، - دېدى زىللىبىي ئەپەندىم، - بىراق سەل توڭلاۋاتىمىز...

بۇ چاغدا ئېلېكتر چىراغلىرىنىڭ ھەممىسى يورۇپ كەتتى.

- ياخشى بولدى، سىلەرگە ئازاراق ھاراق قۇيۇپ ئەكىلەي، - دېدى ئاللىن.

 

6

 

ساقچىلار يولغا قۇرغان توساقلار تېخى ئىلۋىتىلمىگەن ئىدى. ئەمما بىز مىدۋىچ كەنتىنىڭ ئاھالىسى بولغاچقا دەخلىسىز كىرىپ كىتىۋەردۇق. ئۆيدىكى نەرسە – كېرەكلەرنىڭ ھەممىسى بىز ئۆيدىن كەتكەن چاغدىكىدەك ساپساق ئىدى. پەقەت توك توختىغاچقا توڭلاتقۇدىكى كالا سۈتى بۇزۇلۇپ قاپتۇ.

ھۆكۈمەت تەرەپ ئاخبارات ئورۇنلىرى يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىنى مەخپىي تۇتۇشنى تەكىتلىدى. خەۋەرلەر مۇخبىرلىرى ھەممىلا يەردە ساقچىلارنى زىيارەت قىلىشقا ئۇرۇنسىمۇ ئاساسەن ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيتتى. ۋەقە يۈز بېرىۋاتقان چاغدا ئىككى يۈرۈش ئۆي پۈتۈنلەي كۆيۈپ، 11 نەپەر كەنت ئاھالىسى قازاغا ئۇچرىغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە بەش ئادەم كۆيۈپ ئۆلگەن، قالغان ئالتىسى ياشانغان كىشىلەر بولۇپ، ۋەقە كۆرۈلگەندە پۈتۈن بىر كېچە سىرىتتا يىتىپ قالغاچقا توڭلاپ ئۆلگەن ئىدى. بۇ نورمالسىز كۈننى كىشىلەر «ئالۋاستى كۈن» دەپ ئاتاشتى.

پولكوۋنىك بىناد بىزنى يوقلاپ بىر نەچچە قېتىم كەلدى.

- ئەگەر خالىساڭلار، ماڭا ئازاراق ئىش قىلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، - دېدى ئۇ بىر كەچلىكى بىزگە.

- قانداق ئىش؟ - دەپ سورىدىم مەن.

- مۇنداق گەپ، مەن كەنت ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى خېلى ئۇزۇنغىچە كۆزىتىش زۆرۈر دەپ ئويلايمەن. شۇڭا ئىككىڭلارنى بۇ ئىشقا دىققەت قىلىپ قويسىكەن دىمەكچىمەن. سىلەرچە قانداق؟

- بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز. مېنىڭچە بىز بۇ ئىشنى ئالىقاچان باشلىۋەتتۇق، - دېدىم مەن جاۋاب بېرىپ.

- بەك ياخشى بولدى، - دېدى ئۇ خۇشال بولغان قىياپەتتە.

- شۇنداق، - دېدىم مەن، - ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر «ئالۋاستى كۈن»نىڭ پەيدا بولۇشى گىرانىگ قورۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدىكەن. مەن ئۇ يەردىكى ئالىملارنىڭ زادى نىمىنى تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئەلۋەتتە، بۇ بىر مەخپىيەتلىك.

- بۇ ئىشنىڭ ئۇلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن ئەمەسمۇ؟ بۇ ئىش بىر ئىنگلىز مىل دائىرىسىدە يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە بىر ۋەقە، - دېدى پولكوۋنىك بىناد جاۋاب بېرىپ، - يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلار بەلكىم كېيىنچە كەنتتىكىلەرنىڭ بەدىنىدە نورمالسىز ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىشى ئېھتىمال. «ئالۋاستى كۈن»دىكى مەلۇم بىر نەرسە كىشىلەرنى قاتتىق ئۇيقۇغا غەرق قىلالىغان ئىكەن، ئۇنداقتا كېيىنچە ئادەم ئۇخلىغاندا باشقىچە ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. مەن بۇنداق بىنورمال ئەھۋاللارنى ئۆز ۋاقتىدا ماڭا دوكلات قىلىدىغان بىر كىشىنىڭ بولۇشىنى بەكمۇ ئارزو قىلىمەن. شۇنداق بولغاندا ئۇلارغا كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە ياردەم قىلىمەن.

مىدۋىچ كەنتىنىڭ تىنچ، ئارامخۇدا مەنزىرىسى قايتا ئەسلىگە كەلدى. بىراق، ئادەملەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا ئارامسىزلىق ئالامەتلىرى كۈنسېرى كۈچۈيىشكە باشلىدى. «ئالۋاستى كۈن»دىن كېيىنكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە بۇ خىل ئەنسىزلىك تۇيغۇسى ھەممىلا يەردە ئەۋج ئىلىپ يامراشقا باشلىدى. نۇيابىرنىڭ ئاخىرى ۋە دىكابىرنىڭ باشلىرىدا كىشىلەرنىڭ ئالاقزادىلىك كەيپىياتى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى.

فىيلىن خانقىز ھەر كۈنى دېگۈدەك لېيتېنانت ئاللىنغا خەت يېزىپ تۇردى. بىر كۈنى ئۇ خېتىدە ئاللىنغا قورقۇنچلۇق بىر ئىشنى ئېيتتى: مەن ئۆزۈمنى ھامىلىدار بولۇپ قالغاندەك سىزىۋاتىمەن.

فىيلىن خانقىز بۇ خەتنى مىڭ تەسلىكتە يازدى. خەتنىڭ ئاخىرىدا يەنە «پەقەت چۈشەنگىلى بولمايدۇ، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ مەن بىلىدىغانلىرىمغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلسام بۇ مۇتلەق مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. بىراق ئاللىن، بۇ راست، ھەقىقەتەن راست!» دېگەن مەزمونلار بار ئىدى.

 

7

 

ئەمەلىيەتتە، لېيتېنانت ئاللىن بىرىنچى بولۇپ بۇ ئىشنى ئاڭلىغۇچى ئەمەس. بۇنىڭ ئالدىدا فىيلىن خانقىز بۇ ئىشنى ئۆزىنىڭ ئۆگەي ئاپىسى ئانجولاغا ئېيتقان ئىدى.

بىر كۈنى ئەتىگەن فىيلىن خانقىز قەھۋە ئىچۋىتىپ ئالدىغا قويۇلغان ئادەتتە ياقتۇرۇپ يەيدىغان تەخسىدىكى تۇخۇمدىن ناھايىتى يىرگىنىپ كەتتى ھەم تەخسىنى بىر چەتكە ئىتتىرىپ قويدى.

- نېمە بولدى؟ - دېدى ئاپىسى، - بۇ تۇخۇم تېتىمىدىما؟

- ياق،  تۇخۇم يىگىم يوق، كۆڭلۈم ئىلىشۋاتىدۇ، - دېدى فىيلىن، - خوددى ھامىلىدار ئاياللاردەك بولۇپ قىلىۋاتىمەن. ئاپا، سىز مەقسىتىمنى چۈشەندىڭىزمۇ؟

ئانجولا فىيلىنغا سىنچىلاپ قارىغاندىن  كىيىن دېدى:

- چۈشەندىم، بىراق، مەنمۇ ھامىلىدار بولۇپ قاپتىمەن.

فىيلىن ھەيرانلىقتىن ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى.

ئانجولا فىيلىندىن كۆزىنى قاچۇرۇپ ئۈستەلگە قارىۋالدى، ئارقىدىنلا دىرىزىنىڭ سىرتىدىكى يىراق جايلارغا نەزەر تاشلىدى.

فىيلىن ئۇشتۇمتۇت ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ، ئۆگەي ئاپىسىغا يۈزلەندى، ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدى. بۇ چاغدا ئانجولانىڭ پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كىتۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ قەلبى تەشۋىش ھەم ئالاقزادىلىككە تولۇپ كەتكەن ئىدى.

ئۇزاق ئۆتمەي ئانجولا نورمال ھالىتىگە قايتتى.

- ئاپا، مەن سىز ئۈچۈن خۇشال بولدۇم. ئۆزۈمگە كەلسەم ھەقىقەتەن ئەجەبلىنەرلىك ھېس قىلىۋاتىمەن.

فىيلىننىڭ سۆزى ئانجولانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

- قەدىرلىكىم، سىز غەلىتىلىك ھېس قىلىۋاتامسىز؟ مېنىڭچە سىز بۇ ئىشقا كۆپ باش قاتتۇرماڭ. ئەلۋەتتە، سىز تېخى توي قىلمىدىڭىز، شۇڭا تازا مۇۋاپىق ئەمەس. بۇ ئىشنى ئالدى بىلەن لېيتېنانت ئاللىنغا خەۋەر قىلسىڭىز توغرا بولىدۇ.

- بولىدۇ، مەنمۇ شۇنداق ئويلاۋاتىمەن، - دېدى فىيلىن جاۋاب بېرىپ. ئۇ يەنىلا چوڭقۇر غەمگە چۆككەن ئىدى.

- ئۆزىڭىزگە يەنە ئاۋارىچىلىك تاپماسلىق ئۈچۈن بۇ ئىشنى چوقۇم ئاللىنغا ئېيتىشىڭىز كېرەك. ئاللىن سىزنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ دەرھال سىز بىلەن توي قىلىدۇ.

- بىراق ئاپا، سىز بىلمەيسىز، ئۇ بالا ئاللىنىڭ ئەمەس.

ئانجولانىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇم بىردەمدىلا نەلەرگىدۇ غايىپ بولۇپ، بارغانسېرى جىددىيلىشىشكە باشلىدى. ئاندىن پىقىرغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

- ياق، - دېدى فىيلىن ۋارقىراپ، - ياق، سىز چۈشەنمەيسىز، ئۇنداق ئىش بولغىنى يوق. مەن ھېچكىم بىلەن بىللە بولۇپ باقمىدىم. راست ھېچكىم بىلەن، گىپىمنى چۈشەندىڭىزمۇ؟

كېيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە مىدۋىچ كەنتىدە ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ ئۈچ نەپەر ياش قىز باستىر لىبودىنى ئىزدەپ بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلدى. باستېر لىبودى بۇ قىزلارنىڭ كۆز ئالدىدا چوڭ بولغان ئەخلاقلىق، ئۆزىنى تۇتۋالغان قىزلار ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. بۇ قىزلارنىڭ ھەممىسى فىيلىن بىلەن دىيىشۋالغاندەك باستىرغا:

- مەن ھېچكىم بىلەن بىرگە بولمىدىم، چۈشەندىڭىزمۇ؟ - دەيتتى.

ۋىيلىس مىدۋىچ كەنتىنىڭ دوختۇرى. ئۇ بىر – بىرىگە ئۇلۇنۇپ يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىلدىكى سىرلىق ئىشلاردىن بارغانسېرى بىئارام بولۇشقا باشلىدى. ئۇ ئاخىرى باستىر لىبودىنى ئىزدەپ تەپسىلىي سۆزلىشىپ باقماقچى، زۆرۈر بولغاندا مەلۇم تەدبىرى قوللانماقچى بولدى.

ئىككىسى ئەمدى سۆزلىشىپ تۇرۇشىغا كەنتتىكى ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن لويىس ئىسىملىك بىر قىزنىڭ زەھەر ئىچىپ ئۆلۋالماقچى بولغان بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشمىغانلىق توغرىسىدا خەۋەر تارقالدى. ئەسلىدە لويىسمۇ ھىچنىمىدىن – ھېچنېمە يوقلا ھامىلىدار بولۇپ قىلىپ قاتتىق ئوۋالچىلىققا ئۇچرىغان ئىدى.

يازغۇچى زىللىبىي فىيلىن بىلەن ئاللىننىڭ توي ئىشىنى ئەمدى تۈگىتىپ ئارام ئالغىلى تېخى ئىككى كۈن بولغان ئىدى. ئۇزاق ئۆتمەي دوختۇر ۋېيلىس ئۇنى ئىزدەپ كەلدى. ئۇ لويىسنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ئىشى سەۋەبلىك ساراسىمىگە چۈشۈپ ئولتۇرالماي قالغان ئىدى. ئۇ زىللىبىيدىن ئانجولانى ياردەم قىلىشقا ئۈندىدى.

ۋىيلىس ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە چۈشەندۈردى:

- بۇ ئىش مۇشۇنداق كېتىۋەرسە تېخىمۇ كۆپ گۇناھسىز قىزلار ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدۇ. شۇڭا «ئالۋاستى كۈن» سەۋەبلىك يۈز بېرىۋاتقان غەلىتە ئىشلارغا مەلۇم تەدبىر قوللىنىشىمىز كېرەك.

- ھازىر زادى قانچىلىك ئايال ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغاندۇ؟ - سورىدى زىللىبىي.

- ناھايىتى نۇرغۇن، تەخمىنەن 65-70 كېچە ئادەم.

- نېمە؟ - دېدى زىللىبىي ئۆز قولقىغا ئىشەنمىگەندەك، - نېمىگە ئاساسەن بۇنداق دەيسىز؟

- بۇ ناھايىتى ئاسان، پۈتۈن كەنتتە تۇغۇت يىشىدىكى ئاياللار مۇشۇنچىلىك.

 

8

 

مىدۋىچ كەنتى ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر قېتىملىق ئاياللار يىغىنى چاقىردى. باستىر، دوختۇر ۋە سېسترا ھەربىر ئايالنى بۇ يىغىنغا قاتنىشىشقا چاقىردى.

باستىر ۋە دوختۇر يىغىن مەيدانىنىڭ ئالدىدا چىقتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئانجولامۇ بار ئىدى. ئىشىك يىپىلدى.

- مەن ھەرقايسىڭلارنىڭ زىللىبىي خانىمنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىشىڭلارنى تەكلىپ قىلىمەن، - دېدى باستىر، - ئۇنى تەكلىپ قىلىشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى سىلەر ئۇنىڭ بايانلىرىنى ئاسان قوبۇل قىلالايسىلەر.

باستىر سۆزىنى تۈگىتىپ دوختۇر بىلەن يىغىن مەيدانىدىن چىقىپ كەتتى. ئانجولا بىر يۇرتۇم سۇ ئىچۋالغاندىن كىيىن سۆزلەشكە باشلىدى:

- مېنىڭ كۆپچىلىككە دەپ بېرىدىغىنىم ئېغىز ئېچىش ناھايىتى تەس بىر ئىش. مەنمۇ ھامىلىدار بولۇپ قالدىم. بۇ يەردە ئولتۇرۋاتقان ئاچا – سىڭىللارنىڭ كۆپ قىسمى ھەرگىز خۇشال ئەمەس، ھەتتا قورقماقتا. كەنتىمىزدە ئاجايىپ - غارايىپ ئىشلار يۈز بەردى. بۇ پەقەت بىر – ئىككى ئادەمنىڭلا ئىشى ئەمەس. بەلكى پۈتۈن تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاردا كۆرۈلۋاتقان مەسىلە. تۇرمۇش بىزگە ئادىل مۇئامىلە قىلمىدى. ئەمما ئادىل بولسۇن – بولمىسۇن، خوش بولۇڭ –بولماڭ، ئەرلىك ئايال ياكى بويتاق بولۇڭ بىرلا ئېغىز گەپ، بىز ھەممىمىز ھامىلىدار بولۇپ قالدۇق.

- بالىمىز ئۈچۈن بىز بۇ ئىشلارنى قەتئىي مەخپى تۇتىشىمىز كېرەك. ناۋادا سىرتتىن كەلگەنلەر ياكى مۇخبىرلار بۇ ئىشنى بىلمەكچى بولسا ئۆزىمىزنى چوقۇم چەتكە ئېلىشىمىز، پەقەت ئېغىز ئاچماسلىقىمىز كېرەك. بىز يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتكە كىرۋىلىشىمىز، ھۇدۇقماسلىقىمىز لازىم. كەنتتىكى كىشىلەر بىزگە يۆلەنچۈك بولىدۇ.

- ھازىر مەن دوختۇر بىلەن باستېرنى چاقىرىمەن. قانداقلا ئىش بولسا ئۇلاردىن سورىساڭلار بولىدۇ.

ئىككىنچى ئاينىڭ ئاخىرى مەن پولكوۋنىك بىنادقا خەت يېزىپ كەنتتە بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئېيتىپ بەردىم.

 

9

 

بىزنىڭ كەنتتىكى ھەر بىر ئادەمگە قىلغان ياردىمىمىز ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ قىيىن كۈنلەردىن ئۆتۋىلىشىغا تۈرتكە بولدى. بىراق، كەنتتە «توغۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇۋاقلار ئادەتتىكى بۇۋاقلار بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىكەن» دېگەندەك كىشىنى قاتتىق ۋەھىمىگە سالىدىغان گەپ –سۆز تارقالدى.  دوختۇر ۋىيلىس ئۇپۇل - تۇپۇل ھامىلىدار بولغان ئاياللارنى رېنتگېن نۇرى بىلەن تەكشۈرۈپ چىقتى، ھەممە ئەھۋال ناھايىتى نورمال چىقتى.

ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدىغان 5 – ئاي يىتىپ كەلدى. دوختۇر ۋىيلىس بارلىق تۇغۇتلۇق ئاياللارنى ئۆيىدە يەڭگىشنى قارار قىلدى. شۇنداق بولغاندا ناۋادا بۇۋاقتا بىرەر نورمالسىز ئەھۋال كۆرۈلسە سىرتقا يىيىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى. يەنە كېلىپ دوختۇرخانا بىرلا ۋاقىتتا بۇنچە كۆپ ئايالنىڭ تۇغۇت ئىشىنى ئورۇنلاپ بولالمايتتى. ۋىيلىس ۋە سېسترا دانيېلىس (ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى دانيېلىس كەنتتە يوق ئىدى) كېچىلەپ تۈرلۈك تەييارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇردى.

رامۇ خانقىز «ئالۋاستى كۈن» بۇۋىقىنى يەڭگىش ئالدىدا بولغاچقا كۆڭلى ناھايىتى پاراكەندە بولۇپ، نەپىسى سىقىلاتتى. بىر كۈنى كەچقۇرۇن ئۇ يەردىكى كالا سۈتى پوتولكىسىغا پۇتلۇشۇپ يىقىلىپ كەتتى. بىر قوشنىسى ئۇنى يۈلەپ ئۆيگە ئىلىپ كىردى. ئاندىن تېزلىكتە دوختۇرغا تېلېفون قىلدى...

ۋېيلىس خانىم ئۆيىدە ئېرىنىڭ قايتىپ كىلىشىنى ساقلاپ تىت – تىت بولۇپ كەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي ماشىنىنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. خانىم ئىشىكنى ئېچىشىغىلا ۋىيلىس دوختۇر ھاياجانلانغان ھالدا ئۆيگە كىرىپ كەلدى.

- چارلى ... چارلى، قەدىرلىكىم، بوۋاق زادى قانداق بولدى؟ ئۇ...

- نورمال، قەدىرلىكىم ناھايىتى نورمال، مەن چەكسىز خۇشال، بۇۋاقتا ھېچقانداق بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلمىدى...

- ھە، تەڭرىمگە رەھمەت، - دېدى ۋىيلىس خانىم ئىخلاسمەن تىلاۋەتچىلەردەك ئاھاڭدا.

- ئەجەپلىنەرلىكى بۇۋاقنىڭ كۆزى ئالتۇن رەڭگىدە سېرىق، - دېدى دوختۇر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - بىراق سېرىق بولسا بولمامدۇ، قانداق دېدىم؟

- ھېچقىسى يوق، قەدىرلىكىم، ئەلۋەتتە ھېچنېمە بولمايدۇ.

ۋىيلىس خانىم ئېرىگە ياردەملىشىپ پەلتوسىنى سالدۇرۇپ قويدى. دوختۇر ھاياجاندىن مىشىلداپ يىغلايتتى.

- رېنتگېن نۇرى ئارقىلىق بۇۋاقنىڭ بەزى ھالەتلىرىنى بايقىغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن قىزىلمۇ – سېرىقمۇ ياكى يىشىلمۇ؟ باشقا كەمتۈكلۈكلەر بارمۇ دېگەندەك... ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم. مەن بەك چارچىدىم...

ئۇزاق ئۆتمەي زىللىبىي ئەپەندىم ئۆيىدە ئەنسىزلىك بىلەن مىڭىشقا، تىت- تىت بولۇپ ساقلاشقا باشلىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئايالى ئانجولانىڭ توغلىقى باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. سېسترا ئىچكىرىكى ئۆيدىن يېنىپ چىقتى.

- زىللىبىي ئەپەندىم، خانىمىڭىز ئوغۇل تۇغدى، ئۇ سىزگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاشكەن، - دېدى سېسترا. 

مىدۋىچ كەنتىدە پەقەت ئانجولا تۇغقان بۇۋاقلا ھەقىقىي زىللىبىي ئەپەندىم بىلەن قانداش بولۇپ، بۇ بىردىنبىر ئالاھىدە ئەھۋال ئىدى.

 

10

 

- پۈتكۈل ئۆپچە توغۇش جەريانى خوددى بىر مەيدان جەڭگە ئوخشايدۇ، - دېدى باستىر، - بىراق بۇ جەڭ تېخى پەقەت چوڭ جەڭنىڭ بىر قىسمى، تېخىمۇ كۆپ ئاۋارىچىلىك بەلكىم كەينىگە ئۇلۇنۇپلا كېلىشى مۇمكىن.

- شۇنداق، ئۇ بالىلارنىڭ ئالتۇنرەڭ كۆزى بىلەن ئادەمگە قارىشى باشقا بۇۋاقلار بىلەن ئوخشىمايدۇ. ئۇلار بەك ئالاھىدە، مەن بۇنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن، - دېدى يازغۇچى زىللىبىي ئەپەندىم جاۋاب بېرىپ.

ئۇلار يول ئۈستىدە خوشلاشقاندىن كىيىن زىللىبىي خىيالغا پاتقان ھالدا يولىنى داۋام قىلدى. ئۇ چىملىققا كېلەي دېگەندە يىراقتىن برىنكمان خانقىزنى كۆرۈپ قالدى. بۇ چاغدا برىنكمان خانقىز تۇيۇقسىز ئالدىراپ – تېنەپ بۇۋاقلار ھارۋىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ھارۋىدىكى بالىغا قاراشقا باشلىدى. ئۇ بالىنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ چىملىققا قويدى. كەينىدىنلا كىيىملىرىنى يىشىپ تاشلاپ بالىنى كۆكسىگە باستى.

زىللىبىي ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى. برىنكمان خانقىزنىڭ مەڭزى ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى، ئەمما ئۇ مىدىرلاپمۇ قويمىدى.

- بالىنىڭ قورسىقى ئاچتى، - دېدى ئۇ، - ئۇ مېنىنى ئىمىتىشكە مەجبور قىلدى.

زىللىبىي قالپىقىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ ئۆز يولىغا كىتىۋەردى.

يولدا بىر قارا رەڭلىك پىكاپ مېڭىپ كېلىپ ئۇنىڭ يېنىدا توختىدى. ئەسلىدە ماشىنىدا ئۇنىڭ قىزى فىيلىن ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ قۇچىقىدىمۇ بىر بوۋاق تۇراتتى.

- قەدىرلىكىم، سىزنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم، نېمىشقا كېلىشتىن ئاۋۋال ماڭا خەۋەر قىلۋەتمەيسىز، - دېدى زىللىبىي ئەپەندىم.

فىيلىن دادىسىغا قاراپ سالاممۇ قىلمىدى. ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ، چارچاپ ھالىدىن كەتكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.

- قايتىپ كىلىدىغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، - دېدى ئۇ جاۋابەن، ئۇ بۇۋاققا لەپپىدە قاراپ قۇيۇپ داۋام قىلدى، - ئۇ مېنى زورلاپ ئېلىپ كەلدى.

 

11

 

دوكتور مارگارېت خانىم گىرانىگ قورۇسىدىن ئالىقاچان ئايرىلغان ئىدى. ئۇ بۇۋىقىنى ئېلىپ نورۋىچقا كەتكەن بولسىمۇ، كىشىنى ئەجەپلەندۈردىغىنى فىيلىن قايتىپ كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسى مارگارېت خانىممۇ بۇۋىقىنى ئېلىپ قايتىپ كەلدى. ئىككى سائەتتىن كىيىن دىئاننا خانقىز ئانچە يىراق بولمىغان گىلوسېستىردىن كەنتكە قايتىپ كەلدى. ئۇزاق ئۆتمەي پوللى خانقىزمۇ بوۋىقىنى ئېلىپ لوندوندىن قايتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز بوۋاقلىرىنىڭ زورلىشى بىلەن شۇنداق قىلغان ئىدى.

ئىككى ئايدىن كىيىن سىرتقا چىقىپ كەتكەن بارلىق ئالتۇن كۆز بۇۋاقلارنىڭ ھەممىسى مىدۋىچ كەنتىگە قايتىپ كەلدى. زىللىبىي بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە سۈكۈت قىلۋاتاتتى.

مەن پولكوۋنىك بېناد ئەپەندىمگە بىرنەچچە پارچە خەت يازدىم. خەتتە بىز بىرلا ۋاقىتتا تۇغۇلغان بۇنچە كۆپ ئالتۇن كۆز بۇۋاقلارنىڭ ئىشىنى تا ھازىرغىچە سىرتقا مەخپىي تۇتۋاتقانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ بۇ بۇۋاقلارغا بالدۇرراق دىققەت قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ قويدۇم. خەتتە يەنە دوختۇر ۋېيلىسنىڭ ئالتۇن كۆز بۇۋاقلار توغرۇلۇق يازغان دوكلاتىنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم. بۇ دوكلاتتا 31 نەپەر ئوغۇل بوۋاق ۋە 30 نەپەر قىز بۇۋاقنىڭ ساغلام يىتىلۋاتقانلىقى، سىرتقى كۆرۈنىشىنىڭ ئادەتتىكى بالىلار بىلەن قىلچىلىك پەرىقلەنمەيدىغانلىقى، پەقەت كۆزىنىڭلا ئالاھىدە روشەن، نۇرلۇقلىقى ھەم ئالتۇن رەڭدە كۆرۈنىدىغانلىقى، چېچىنىڭ بۈدۈرە ئەمەس بەلكى D ھەرپى شەكىلدە ئىكەنلىكى، پۇت- قول بارماقلىرىنىڭ ئادەتتىكى بۇۋاقلارنىڭكىدىن تېخىمۇ ئىنچىكە ئىكەنلىكى يېزىلغان ئىدى. دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا يەنە بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مىدۋىچ كەنتىنىڭ سىرتىدىكى ئامىللاردىن كەلگەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى. خەتنىڭ ئاخىرىدا يەنە بارلىق ئانا ۋە بۇۋاقلارنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى، ھەممىسىنىڭ قايتىپ كىلىشىدە بۇۋاقنىڭ ئانىسىنى مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبورلىغانلىق سەۋەب بولغانلىقىنى قوشۇپ ئۆتتۈم. بىز يەنە بايىلا بىلگەن ئىككى ئىشنى تۇلۇقلاپ قويدۇق:

رامۇ خانقىز كېسەل سەۋەبلىك بۇۋىقىنى ئېلىپ سىرتتىن قايتىپ كېلەلمەيتتى. ئۇنىڭ دوستى راتلې خانقىز پۈتۈن كۈن قاتتىق پەرىشان بولغان، ئارام تاپالمىغان، شۇنداقلا رامو خانقىزنىڭ بۇۋىقىنى ئېلىپ مىدۋىچ كەنتىگە قايتىش ئىستىگى تۇغۇلغان. ئۇ بۇۋاقنى ئېلىپ كەنتكە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بارلىق پسىخىك كېسەللىك ئالامەتلىرى يوقىلىپ كەتكەن.

بىر كۈنى ئەتىگەن، برانتې خانىم ۋىلدىر خانىمنىڭ دۇكىنىغا كىرگەن چاغدا، ئۇنىڭ كىيىم تىكىش يىڭنىسىنى بىلىكىگە ئارقا – ئارقىدىن كۈچەپ سانجىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. برانتې خانىم ئۇنى باشلاپ بېرىپ ۋېيلىس دوختۇرغا كۆرسەتكەن. ۋىلدىر خانىم دوختۇرغا ئۆزىنىڭ ئېھتىياتسىزلىقىدىن كىيىم تىكىش يىڭنىسىنى بۇۋاققا سانجىپ قويغانلىقىنى، بۇۋاقنىڭ ئالتۇنرەڭ كۆزىنىڭ ئۇنىڭغا قادىلىپ قالغانلىقىنى ھەم ئۇنى ئىختىيارسىز ئۆز بىلىكىگە سانجىشقا مەجبورلىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

 

12

 

ئۈچ ھەپتىدىن كىيىن لېيتېنانت ئاللىن دەملىش قىلىپ مىدۋىچ كەنتىگە كەلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن زىللىبىي ئۇنى چاقىرىپ گۈلۈكنىڭ خىلۋەت يېرىدە ئولتۇرۇپ نەق گەپكنى باشلىدى.

- مۇبادا سىز فىيلىننى بۇ يەردىن ئىلىپ كەتسىڭىز ئۇ ياخشى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى.

- مەنمۇ شۇنداق ئويلاۋاتىمەن، ئۇ ھازىر ماڭا بەك ئېھتىياجلىق.

- ئەمما ئۇ ھىمىشە بالىنى بىللە ئېلىپ كېتىشنى ئويلاۋاتىدۇ. ئەمما بالا ھەر قېتىم ئۇنى مەجبورى قايتۇرۇپ ئەكىلۋاتىدۇ. شۇڭا سىز ئۇنى يالغۇز ئېلىپ كىتىشىڭىز كېرەك. بالا بۇ يەردە قالسۇن. بىز بالىغا ياخشى قارايمىز. ئەلۋەتتە، بۇ بالا فىيلىننىڭ بالىسىغا زادى ئوخشىمايدۇ. بەلكىم شۇنداق دىيىشىم كېرەكتۇ، ئۇ سىزنىڭمۇ بالىڭىز ئەمەس.

- بۇ خىل بوۋاق توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىمىز كۆپ ئەمەس. بۇ بالىنى قەدىمىي بىر ئاتالغۇ بىلەن ئاتىساق «ھۆددىلەنگەن بوۋاق» دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، بىزنىڭ بوۋىقىمىزنىڭ ئورنىغا باشقا بىركىمنىڭ بۇۋىقى ئالماشتۇرۇلدى دېگەن بولىدۇ ياكى «كاككۇكسىمان بوۋاق» دېگەن گەپ. مەسىلىنىڭ مۇھىم تەرىپى تېخى كاككۇكقا ئوخشاش ئۆزىنىڭ تۇخۇمىنى باشقا قۇشلارنىڭ ئۇۋىسىغا توغۇپ قويغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى كاككۇك بالىسىنىڭ كېيىنكى قەدەمدە نېمە قىلىدىغانلىقىدا. بارلىق كاككۇك بالىلىرى ئۆز مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئۇۋۇدىكى باشقا قۇش بالىلىرىنىڭ ئۆلۈپ - تىرىلىشى بىلەن كارى بولمايۋاتىدۇ.

ئاللىن جىمىپ كەتتى.

- سىز راستىنلا بۇ بالىلارنى كاككۇكسىمان ئادەم دەپ قارامسىز؟ - دەپ سورىدى زىللىبىي.

- مەن بۇنىڭدىن گۇمانلانمايمەن.

بۇ چاغدا ئانجولا چىقىپ كەلدى. ئۇلار بايىقى پىلانىنى ئۇنىڭغا ئېيتتى.

- بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشالمەن، - دېدى ئانجولا، - بۇ ئۇيۇڭلار توغرا. بالىنى قالدۇرۇپ قويۇپ ئىككى، ئۈچ ھەپتىدىن كىيىن نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ قاراپ باقايلى. بىز ئەھۋاللارنى فىيلىنغا ۋاقتىدا خەۋەر قىلىپ تۇرىمىز.

لېيتېنانت ئاللىن ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ فىيلىننىڭ يېنىغا كەتتى.

- مەن ھەر كۈنى دېگۈدەك تەڭرىگە دۇئا قىلىۋاتىمەن، تەڭرىنىڭ ھىممىتىگە رەھمەت، ھەرنېمە بولسا بىزنىڭ بالىمىز «كاككۇك بالىسى» ئەمەس، - دېدى ئانجولا ئېرىگە قاراپ.

زىللىبىي ئايالىنىڭ قولىنى تۇتتۇپ تۇرۇپ ئالدىرىماي ئېيتتى:

- كاككۇك پەقەت ئۇلارنىڭ موۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىلا ئويلايدۇ، باشقا قۇشلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن ھېچقانداق كارى يوق. شۇڭا كاككۇك باشقا قۇش ئۇۋۇلىرىنى ئىگەنلەپ بولغاندىن كىيىن، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشتا پەقەت بىرلا ئامال بار. مەن بۇ نۇقتىنى ئاللىقاچان ھېس قىلدىم. ئەپسۇس، مەن تەربىيە كۆرگەن بىر دۇرۇس ئادەم. ماڭىمۇ ئايان، بىزنىڭ ئىچىمىزدە ئۇنداق ئىشنى قىلىدىغانلار يوق. بىز پەقەت ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ خوددى ئۆز بالىلىرىمىزنى باققاندەك ئېھتىياتچانلىق بىلەن چوڭ قىلىشىمىز كېرەك.

ئانجولا ھەيرانلىقتا بىردەم تۇرۇپ قالدى.

- سىز بۇ بالىلارنىڭ كەنتىمىزگە يىتىپ كېلىشىگە قانداق قارايسىز؟

- مەن بىر - ئىككى تۈرلۈك سەۋەبىنى ئويلىيالايمەن. ئەمما بۇ سەۋەبلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئادەمنى خۇشال قىلالمايدۇ.

- قانداق سەۋەب؟

ئۇ بېشىنى چايقىدى:

- ھازىرچە سىزگە ئېيتالمايمەن. بىراق سىزدىن بىر مەسىلىنى سوراي. ئەگەر ئادەملەر تىنچ، خاتىرجەم، بەختلىك بىر مۇھىتتا ياشاۋاتقان بولسا، سىز بۇ ئادەملەرنى ئىستىلا قىلماقچى  بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ غايەت زور بەدەل تۆلەپ جەڭ قىلامسىز ياكى ئۆز ئادەملىرىڭىزنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا تېرىپ ئىچكى جەھەتتىن خانىۋەيران قىلامسىز؟

 

13

كېيىنكى يىلى يازدا زىللىبىي بىر قىسىم نورمالسىز ئالامەتلەرنى بايقىدى. بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن بىز تۇرۇۋاتقان ئۆيگە كېلىپ، بىر ئىشنى كۆرۈپ بىقىشىمىزنى ئېيتتى.

- ئىككىڭلار بولۋاتقان ئىشلارنى ئىنچىكە كۆزۈتۈپ، ئۇنىڭ تېگىگە يىتىپ بېقىڭلار.

ئۇ يانچۇقىدىن بىر كىچىك ياغاچ قۇتىنى چىقاردى، قۇتىغا ئادەم ئاسان بايقىۋالالمايدىغان بىر ئېغىز ئېچىلغان ئىدى. ئۇ قۇتىنى چايقاپ قويغان ئىدى بىز ئۇنىڭدىن چىققان ئاۋازدىن ئىچىگە بىر نەرسە سېلىپ قۇيۇلغانلىقىنى بىلدۇق.

- بۇنىڭ ئىچىدە بىر تال كەمپۈت بار، - دېدى ئۇ بىزگە، - سىلەر ياغاچ قۇتىنىڭ ئېغىزى ئېچىلىدىغان يەرنى كۆرەلمەيسىلەر. بىراق بۇ يەرنى ئازاراقلا ئىتتىرىپ قويساڭلار ئۇنى ئاچقىلى بولىدۇ. ئەمدى بىز ئالدى بىلەن ئوغۇل بالىلار ئارىسىدا سىناق قىلىپ باقايلى.

- بۇ بالىلار تېخى بىر ياشقىمۇ كىرمىدى، - دېدى جېئاننېت ئانچە قزىقمىغان ھالدا.

- ئۇلارنى ھازىر ئىككى ياشلىق بالىلار بىلەن سىلىشتۇرسىڭىزمۇ بوش كەلمەيدۇ. سىز خالىغان بىر بالىنى تاللاڭ.

- بولىدۇ، مەن برانتې خانىمنىڭ بالىسىنى تاللاي.

برانتې خانىم بىزنى باشلاپ ئارقا ھويلىدىكى گۈلۈكنىڭ چىملىقىغا كەلدى. ئۇنىڭ بالىسى شۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئويناۋاتاتتى. زىللىبىي ئەپەندىم كىچىك قۇتىنى ئۇنىڭغا بەردى. بالا قۇتىنى ئىلىپ ئويناشقا باشلىدى. ئۇ ئىچىدە بىر نەرسە بارلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى. ئۇ ياغاچ قۇتىنى ئاچاي دەپ تۇرغاندا زىللىبىي ئەپەندىم ئۇنىڭغا بىرنەچچە تال كەمپۇت بېرىپ ياغاچ قۇتىنى ئېلىۋالدى.  

- بۇ قىلغىنىڭىز نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ سىز يا بالىغا بۇ قۇتىنى قانداق ئېچىشنى ئۆگەتمىسىڭىز، - دېدى ئايالىم جېئاننېت.

- ئالدىرىماڭ، - دېدى زىللىبىي.

ئارقىدىن بىز دورى خانىمنىڭ بالىسىنى ئىزدەپ كەلدۇق. زىللىبىي قۇتىنى بالىغا بەردى، ئۇ بۇ قېتىم قۇتىنى ئىلۋالماستىن بەلكى ئۇنىڭغا ساندۇقنى قانداق ئېچىشنى ئۆگىتىپ، ئىچىدىكى كەمپىتنى ئالدۇردى. ئارقىدىن ئۇ قۇتىنى بالىنىڭ ئۆزىگە ئاچتۇردى. بالا ناھايىتى ئاسانلا قۇتىنى ئاچتى.

ئەمدى بىز قايتىپ برانتې خانىمنىڭ بالىسىنىڭ يېنىغا بارايلى، - دېدى زىللىبىي ئەپەندىم.

 

14

 

برانتې خانىمنىڭ ھويلىسىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن زىللىبىي قۇتىنى يەنە بىر قېتىم بالىغا بەردى. بالا ھېچقانچە كۈچىمەيلا قۇتىنى ئېچىپ كەمپىتنى ئالدى. زىللىبىي بىزنىڭ ھەيرانلىقتىن بۇتتەك قېتىپ قالغان چىرايىمىزغا قاراپ ئۆزىنى تۇتۋالالماي كۈلۈپ كەتتى. ئۇ قۇتىنى ئېلۋىلىپ ئىچىگە يەنە بىر تال كەمپۈت سالدى.

- بولىدۇ، ئەمدى بىز يەنە بىر بالىنى تاپايلى.

بىز يەنە ئۈچ ئوغۇل بالىنىڭ يېنىغا باردۇق. ئۇلارمۇ قىلچىلىك قىينالمايلا قۇتىنى ئېچىپ كەمپۈتنى ئىلىۋالدى.

بىز قىز بالىلارغىمۇ بۇ سىناقنى قىلدۇق، نەتىجىسى تامامەن ئوخشاش چىقتى. ئارقىدىن بىز بىرلىكتە ئۆيگە قايتىپ كىردۇق. زىللىبىينىڭ چىرايىدا بىر خىل مەمنونلۇق ئەكس ئېتەتتى.

- سىز مېنى بۇ سىناق ئارقىلىق بىر ئوغۇل بالا بىلگەن ئىشنى بارلىق ئوغۇل بالىلار بىلىپ كېتىدۇ، بىر قىز بالا چۈشەنگەن ئىشنىمۇ ئوخشاشلا بارلىق قىز بالىلار بىلىپ كېتىدۇ دىگۈزمەكچىمۇ؟ ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ.

- توختاپ تۇرۇڭ، - دېدى جېئاننېت، - زىللىبىي ئەپەندىم، سىز مەلۇم بىر ئىشنى بىر بالىغا ئېيتسا ھەممە بالىلار بىلىپ كېتىدۇ دېمەكچى، شۇنداقمۇ؟

- ھەقىقەتەن شۇنداق، بۇ يېشىدا ئۇلار ئاسانلا شۇنداق قىلالايدۇ. بىزنىڭ كۆرۋاتقىنىمىز 61 نەپەر كىچىك تىپتىكى، تارقاق ئادەملەر توپى. لېكىن ئەمەلىيەتتە بولسا ئىككى توپ مەۋجۇد، ئوغۇل ۋە قىز بالىلار توپى. ئوغۇل بالىلار بولسا 31 نەپەر سىرتقى شەكلى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تارقاق گەۋدىنىڭ گۇروپپىلىنىشىدىن تۈزۈلگەن، قىز بالىلار بولسا 30 نەپەر گەۋدىدىن تۈزۈلگەن.

ئۆينى جىمجىتلىق باستى.

- گىپىڭىزچە بولغاندا ئىككى گۇروپپىدىكى ئوغۇل بالىلار بىلەن قىز بالىلارنى ئوخشاش تەپەككۈرگە ئىگە دېيىشكە بولامدۇ؟ - دەپ سورىدىم مەن.

- بىز مۇنداق چۈشەنسەك بولىدۇ: ئادەمنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى روھ. ئۇنىڭ سىرتىنى ئوراپ تۇرغىنى پەقەت گۆش تەندىن ئىبارەت. تەننى كىشىلەر كۆرەلەيدۇ.

- ئەلۋەتتە.

- ياخشى، روھ بولسا بىر خىل تىرىك كۈچ. دېمەك، ھازىر تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىر خىل كۈچ بارا- بارا شەكىللەنمەكتە. بەلكىم، بۇ خىل روھى كۈچ بىزنىڭ ئارىمىزدا يېتىلىپ چىقىشقا ئۇرۇنۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ قەيەردە مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ؟ بىر ئادەتتىكى ئادەم بۇنداق زور روھى كۈچكە ئىگە ئەمەس. بەلكىم، ئۇ بىر نەچچە ئادەمنىڭ گەۋدىسىگە بۆلۈنۈپ تەڭلا مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان بولۇشى ھەم بىر پۈتۈن كۈچ شەكلىدە نامايان بولىشىمۇ مۇمكىن.

- ئۇزۇندىن بۇيان مەن بۇ ئىشلار ئۈستىدە باش قاتتۇرۇپ كەلدىم. ئىلگىرى شۇنداق ئويلىغانتىم، بىز ئىككى ئىسىم بىلەن بۇ ئىككى خىل قۇدرەتلىك كۈچنى ئوبرازلاشتۇرۇپ ئاتىساق ئۇنداقتا ئۇ ---ئادەم بىلەن ھاۋۋا بولىدۇ.

زىللىبىينىڭ سۆزىنى تۈگىتىپ ئىككى كۆزىنى پەنجىر سىرتىغا تىكىپ سۈكۈتكە چۈمدى.

ئىككى – ئۈچ كۈندىن كىيىن مەن بىر پارچە خەت تاپشۇرۋالدىم. خەتتە پەقەت مەن قوشۇلساملا كانادادا مەن ياقتۇرىدىغان بىر كىشىلىك خىزمەتكە ئېرىشىدىغانلىقىم يېزىلغان ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن جېئاننېت ئىككىمىز مىدۋىچ كەنتىدىن ئايرىلدۇق.

 

15

كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا مەن مىدۋىچ كەنتىگە بارىدىغان پۇرسەت تاپالمىدىم. كەنتتىن ئايرىلىپ سەككىز يىلدىن كىيىن ئاندىن لوندوندا پولكوۋنىك بىنادنى ئۇچرۇتۇپ قالدىم. مەن ئۇنىڭدىن مىدۋىچ كەنتىنىڭ ئىشىنى سورىدىم. راستىنى ئېيتسام ئۇنىڭدىن كەنتنىڭ تىنچ ئامانلىقىنى، بالىلارنىڭ نورمال چوڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاشنى ئارزو قىلاتتىم.

بىناد بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن جاۋاب بەردى:

- مەن ئەتە ئۇ يەرگە بارىمەن. سىز مېنىڭ بىلەن بىللە بېرىپ كونا دوستلىرىڭىزنى يوقلىغاچ ئازاراق ئىش قىلىپ بېرىشنى خالامسىز؟

- بەك ياخشى بولدى، مەن خالايمەن، - دېدىم خۇشاللىق بىلەن.

- بۇ قېتىم مىدۋىچ كەنتىگە بېرىشىمدا خۇشاللىقتىن خاپىلىق تۇلاراق، مەن بىر ئۆلۈم ئىشىنى تەكشۈرگىلى بارىمەن. ئەلۋەتتە بۇ سىزنىڭ بېرىشىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

- ئالتۇن كۆز بالىلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەرسىمۇ؟

- ياق، جىم پاۋلى ئىسىملىك بىر ياش قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كېتىپتۇ.

مەن پاۋلى ئائىلىسىنى ئەسلىدىم. بۇ ئائىلە كەنت سىرتىدىكى ئوپپىلغا يېقىن يەردە تۇراتتى. ماڭا غەلىتە تۇيۇلغىنى بىنادنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشقا قىزىقىپ قالغانلىقى ئىدى.

مىدۋىچ كەنتىگە بېرىش سەپىرىدە بىناد يەنە بىر قىسىم ئىشلارنى ئېيتىپ ئۆتتى.

- سىز مىدۋىچ كەنتىدە يىڭى ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ بولغانلىقىنى بايقايسىز، - دېدى ئۇ، - ئىلگىرى ئالىملار تۇرۇۋاتقان گىرانىگ قورۇسى ھازىر مىدۋىچ ئالاھىدە مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلدى.

- ئاشۇ ئالتۇن كۆز بالىلار ئۈچۈن ئۆزگەرتىلدىمۇ؟

- شۇنداق، زىللىبىينىڭ ھېس قىلغانلىرى تامامەن توغرا. سىز ھازىرلا كۆرۈپ قالىسىز. بالىلار ئىككى توپقا بۆلۈندى. ھەر بىر توپتا پەقەت بىرلا تەپەككۇر ئىدىيىسى بار. ئۇلار ئىككى ياشقا كىرگەندە پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىلا ئاددىي سۆزلەرنى دىيىشنى بىلگەن بولسا ئىككىنچى كۈنى كىشىلەر ھەممە بالىنىڭ بۇ سۆزنى سۆزلىيەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان.

- تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس، - دېدى ئۇ گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - ئادەتتىكى مەكتەپلەرنىڭ بۇ بالىلارغا ئانچە چوڭ رولى يوق. شۇڭا گىرانىگ قورۇسى مەكتەپكە ئۆزگەرتىلىپ بۇ بالىلارغا دەرس ئۆتۈلۋاتىدۇ. مەكتەپتە بالىلار دىققىتىنى يىغىپ خاتىرجەم، خۇشال - خورام ئوقىيالايدۇ. ئۇلار يەنە مەكتەپتىكى ياتاقلاردا تۇرىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر بۇنداق قىلىشنى لايىق كۆرمىگەن، بىراق ھېچكىم بالىلارنىڭ ھەرىكىتىنى توسۇپ قالالمىدى.

- مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟

- بايا مەن دەپ ئۆتكەندەك ئۇلار بالىلارغا قارايدۇ. دەرسمۇ ئۆتۈش ئۇسولىمۇ ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدۇ: ئوقۇتقۇچى پەقەت بىر بالىغىلا دەرس ئۆتسە باشقا بالىلارمۇ بەش قولدەك بىلىپ كېتىدۇ.

بىز مىدۋىچ كەنتىگە يىتىپ كەلگەندە مۇراسىم زالىنىڭ ئالدىدىكى چىملىققا نۇرغۇن كىشى توپلىشۋالغان ئىدى. ئۆلۈم سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى مۇراسىم زالىدا ئۆتكۈزۈلەتتى. مەن بىناد بىلەن بىللە زالغا كىردىم. قارىماققا ماڭالايدىغان ئادەمنىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە يىغىلغاندەك قىلاتتى. مەن يەنىلا بىنادنىڭ بۇ يەرگە كىلىشتىكى مەقسىتىنى بىلمەيتتىم. زال ئىچىنى غەشلىك، جىددىيلىك ھەم تەخىرسىزلىك كەيپىياتى قاپلىغان ئىدى.

بىراق، ھەممە ئىش يېرىم سائەت ئىچىدە تىپتىنچ ئاخىرلاشتى.

زالنىڭ سىرتىدا مەن ناھايىتى خۇشال ھالدا زىللىبىي ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتۈم.

دەل مۇشۇ چاغدا بىر ئوغۇل بالا بىلەن بىر قىز بالا يېنىمىزدىن ئۆتۈپ، كىشىلەر توپىغا كىرىپ كەتتى.

- ئۇلار ئالتۇن كۆز بالىلار ئەمەسقۇ دەيمەن؟ - سورىدىم مەن زىللىبىيدىن.

- دەل ئۆزى، - دېدى زىللىبىي جاۋاب بېرىپ، - ئەجەبا سىز ئۇلارنىڭ كۆزىنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟

- ۋاي تەڭرىم، ئۇلار تېخى ئەمدىلا توققۇز ياشقۇ. قارىماققا 16-17 ياشلىق بالىلاردەك كۆرۈنىدىكەن.

- بەدەن شەكلىدىن قارىسىڭىز شۇنداق.

زىللىبىي بىزنى ئۆيىگە بېرىپ چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى. بىناد ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى ھەم ماشىنىسى بىلەن ئاپىرىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

- سىز بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئىكەنسىز ماشىنا ھەيدىگەندە ئېھتىيات قىلىڭ.

- مەن ۋەقە چىقىرىدىغان شوپۇر ئەمەستە، - دېدى بىناد.

- جىم پاۋلىمۇ ھادىسە پەيدا قىلىدىغان شوپۇر ئەمەس ئىدى.

بىز ئۆيگە كەلگەندىن كىيىن ئۈستەلنى چۆردەپ ئولتۇرۇپ چاي ئىچكەچ پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق.

- سىز بۈگۈنكى ئىشقا قانداق قارايسىز؟ - دەپ سورىدى زىللىبىي مەندىن.

- ئۆلۈم سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى دەمسىز؟ قارىماققا ناھايىتى تەرتىپلىك بولدى. ھېلىقى ياش كۆڭلى پاراكەندە ماشىنا ھەيدىگەچكە يولدا كىتۋاتقان ئادەمنى سوقۇپ قويغان. ئارقىدىن قورقۇپ كېتىپ ماشىنىنى ھەيدەپ قېچىپ كەتمەكچى بولغان. ئۇ بەك ئىتتىك ھەيدىگەچكە بۇرۇلۇشقا ئۈلگۈرەلمەي چىركاۋنىڭ تىمىغا سوقۋالغان، مۇشۇنچىلىكلا ئىشقۇ؟

- مەن سىزگە باشقا ئەھۋاللارنى ئېيتىپ بېرەي، - دېدى زىللىبىي، - ئەمەلىيەتتە بىناد بۇ ئىشنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن مەن ئوپپىل يولىدا پىيادە قايتىۋاتقىنىمدا كۆزى ئالتۇنرەڭ تۆت بالىنىڭ خېكىخۇ غارىدىن چىقىپ، يولنى قاتىرىغا كېسىپ ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇلار ئۈچ ئوغۇل بىر قىز ئىدى.

- مەن ئۇلارنى كۆزۈتۈپ تۇردۇم. ھە راست، بىر گەپنى دەپ ئۆتەي، مېنىڭ ئۇلارنى كۆزۈتۈشۈم ھازىرمۇ توختاپ قالغىنى يوق. ئۇلار بىر – بىرىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاش، شۇڭا مەن ئۇلارنى ئاسان پەرقلەندۈرەلمەيمەن. ئۇلار ماڭا ناھايىتى دوستانە مۇئامىلە قىلىدۇ ياكى باشقىلارغا قارىغاندا ياخشى مۇئامىلىدە بولىدىغاندۇ. ئۇلار مېنىڭ بىلەن چاقچاقلىشىدۇ، گەپلىرىمنى ئاڭلايدۇ، ئۈگۈنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىش يوق.

- ئەسلى گەپكە قايتىپ كەلسەم، مەن ئۇلارنىڭ بۇرۇلغانلىقىنى كۆردۈم، بىردەمدىلا ئۇلار مېنىڭ نەزەر دائىرەمدىن چىقىپ كەتتى. مەن تېخى بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا يىتىپ كەلمەيلا بىر ماشىنا مېنىڭدىن بالدۇر كېلىپ قالدى. ئارقىدىنلا مەن ھەممىنى كۆردۈم. بالىلار بۇرۇلىدىغان يەردە توختاپ قالدى، بەلكىم ئۇلار قايسى يولغا مىڭىشنى ئويلىشۋاتسا كېرەك. شۇ چاغدا ماشىنا ئاستا، مۇقىم كىتۋاتاتتى. شۇنىسى ماشىنىنىڭ لاي توسغۇچى تاختىيى بىر بالىغا تېگىپ ئۇنى يىقىتۋەتتى.

- شۇ كۆرۈنۈش ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، ئەينى چاغدا ماشىنا تامامەن بۇرۇلۇپ كىتەلەيتتى. بىراق ئالدىغا ئۇچقاندەك مېڭىپ كەتتى ھەم ئۇدۇل بېرىپ چىركاۋنىڭ تېمىغا سوقۇلدى. ماشىنا ئۆرۈلۈپ ئوت كەتتى. كىشىلەر ۋارقىراشقىنىچە كۈيۋاتقان ماشىنىغا قاراپ يۈگۈرۈشتى. شۇ چاغدا ھىلقى ئۈچ بالىنىڭ چىرايى ئوپمۇ – ئوخشاش بىر خىل تۈسكە كىرىپ قالغان ئىدى.

- گىپىڭىزدىن بۇ پۈتۈنلەي شۇ ئۈچ بالىنىڭ ئىشى، ئۇلار ماشىنىنى تامغا سوقتۇرۋەتتى دېگەن مەنە چىقامدۇ قانداق؟

- شۇنداق، - دېدى زىللىبىي، - بۇنى ھەقىقەتەن شۇ بالىلار قىلغان. خوددى ئەينى يىللىرى ئۇلار ئانىسىنى مەجبورلاپ كەنتكە قايتۇرۇپ كەلگەندەكلا ئىش.

- دوختۇر ۋىيلىسقا نېمە بولدى؟ ئۇ ئىلگىرى بالىلارنىڭ نورمال ئادەملەر بىلەن قىلچىلىك پەرقلەنمەيدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدىغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا باشقىچە قارايدىغانلىقىنى دىگەنتىغۇ؟

- دوختۇر ئۆلۈپ كېتىشتىن سەل بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى قاراشلىرىنى ئۆزگەرتكەن ئىدى.

- ئۇ قانداق ئۆلۈپ كەتتى؟ ئۇ ئەمدىلا تېخى 50 ياشقا كىرگەنتىغۇ؟

- زەھەر ئىچىۋاپتۇ. ئۈلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا بۇنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن كېلىپ چىقانلىقى بايقالدى. ئەلۋەتتە، ئۇ ئۇنداق ئاسان ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدىغان كىشىلەردىن ئەمەس. ئېنىقكى بالىلار جىم پاۋلىنى مەجبورلىغاندەك ئۇنىمۇ شۇنداق قىلىشقا مەجبورلىغان گەپ. ئارىمىزدىكى ھەرقانداق بىر ئادەم، مەن، ئانجولا ھەم باشقا ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بىلىپ – بىلمەي بالىلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان ياكى ئازاپلايدىغان بىرەر ئىش قىلىپ قويسا ئۇلار خوددى دوختۇر ۋىيلىس بىلەن جىم پاۋلىغا ئوخشاش ئۆچ ئالىدۇ.

بۇ چاغدا ئۆيگە ئانجولا كىرىپ كەلدى.

- سىلەرگە يەنە بىر ئىشنى ئېيتاي، - دېدى ئۇ، - بىر ئىت بىر ئالتۇن كۆز بالىنىڭ قۇلىنى چىشلەپ قويۇپتىكەن، ئۇزاق ئۆتمەي ئىت كىتۋاتقان ماشىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ يانجىلىپ ئۆلۈپتۇ. بىر كالا بىرنەچچە بالىنىڭ كەينىدىن قوغلاپتىكەن، تۇيۇقسىز بۇرۇلۇپ ئىككى چىتلاقتىن ئۆتۈپ دەرياغا سەكرەپ ئۈلۈپتۇ. شۇنىسى ئەمدىكىسى كالا ياكى ئىت ئەمەس، بەلكى ئادەم – دە. ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۋاتقىنى ئادەم، پۈتۈن كەنتتىكىلەر ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرسىمۇ ئۇلار جازانىڭ سىرتىدا يۈرۋاتىدۇ.

زىللىبىي چاي ئىچكەچ خىيالغا چۆكتى.

- ئانجولا، سۆيۈملۈكۈم، مەن سىزنى بىرنەچچە قېتىم قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان. ھىسىياتقا بېرىلىپ ئۇ بالىلار بىلەن ئېيتىشىپ قالسىڭىز بولمايدۇ.

- مەن ئېسىمدە تۇتىمەن، ئەمدى ھىسىياتقا بېرىلمەيمەن، مەن ئۇلاردىن قورقىمەن، - دېدى ئانجولا ۋەدە بېرىپ.

- قورقۇش بىھاجەت، ئەمما چىچەنرەك بولۇڭ، - دېدى زىللىبىي.

سۆھبىتىمىز ئۇزىراپ كېتىپ باشقا كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە ئامالسىز قالدىم. مەن بىناد بىلەن ماشىنىغا چىققاندىن كىيىن ئۇشتۇمتۇت  قورقۇنۇچ بېسىپ تەنلىرىم ئىختىيارسىز جوغۇلداپ كەتتى. بىنادنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ماشىنىنى ھەيدەپ كەنتنى كېسىپ مىڭۋاتقانلىقىنى، جىم پاۋلى ھادىسىگە ئۇچرىغان يەردىن ئاستا – ئاستا ئۆتكەنلىكىنى كۆردۈم.

ماشىنا ئەمدىلا بۇرۇلۇپ ئوپپىل يولىغا چىقاي دېگەندە ئالتۇن كۆزلۈك تۆت بالا بىزگە ئودۇل كېلىشكە باشلىدى. ئارلىق خېلى يىراق بولسىمۇ مەن ھەرگىز خاتالاشمايتتىم.

- بىناد، - دېدىم مەن، - ماشىنىنى توختىتىڭ، مەن ئۇلارنى ئىنچىكە كۆزۈتۈپ باقاي.

بالىلار يېقىنلاپ كەلدى. ئۇلار ئۇچىسىغا مەكتەپ فورمىسى كىيىۋالغان بولۇپ چىراي - شەكلىدە  ئاساسەن ھېچقانداق پەرق يوق دېيەرلىك ئىدى. كۆز قارچۇغى ئالتۇندەك چاقناپ، ئالماستەك چىرايلىق جۇلالىنىپ تۇراتتى.

بالىلار كېتىپ قالدى. بىنادمۇ ماشىنىنى ئوت ئالدۇردى. لېكىن كۈتۈلمىگەندە ئاڭلانغان قۇلاقنى يارغۇدەك مىلتىق ئاۋازدىن قورقۇپ يۈرۈكىمىز قىپىدىن چىقىپ كىتەيلا دەپ قالدى. مەن كەينىمگە بۇرۇلۇپ بىر ئالتۇن كۆز بالىنىڭ يەردە دۈم ياتقانلىقىنى، قالغان ئۈچىسىنىڭ ئۆز جايىدا قىمىرلىماي جىم تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.

بۇ چاغدا چىتلاقنىڭ كەينىدىن ئىككىنچى قېتىم مىلتىق ئاۋازى ياڭرىدى.  ئارقىغا ئۇلۇنۇپلا يىراقتىن بىرىنىڭ يىغلىغان ئاۋازى كەلدى. ئۈچ بالا يۈگرىگىنىچە ئوق تەككەن بالىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئېگىلىپ قارىدى، ئاندىن قاتتىق يىغلاشقا باشلىدى. بۇ چاغدا ئانچە يىراق بولمىغان گىرانىگ قوروسىدىنمۇ بارلىق ئالتۇن كۆز بالىلارنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. دۈپۈرلىگەن ئاياق تىۋىشىنىڭ قۇلقۇمغا كىرىشى بىلەن بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ، قۇيقا چاچلىرىم تىك تۇرۇپ كەتتى. مەن ئالتە نەپەر ئوغۇل بالىنىڭ يەردىكى بالىغا قاراپ جىنىنىڭ بېرىچە يۈگرىگەنلىكىنى، ئۇنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلىقىنى كۆردۈم. ئەتراپنى يىغا ئاۋازى قاپلىۋالغانتى.

بىز ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۇق. بىر قىزچاق يەردە ياتقان ياش بىر ئادەمنىڭ يېنىغا تېزلىنۋاتاتتى. يەردىكى ياتقان ئادەمنىڭ ئاستىدىن تاپانچىنىڭ سىپى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مەن ئېڭىشىپ جەسەتكە قارىدىم. كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرە ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرغىدەك دەرىجىدە ئېچىنىشلىق ئىدى!

شۇ ئەسنادا يولدىن ئۆتۈپ كىتۋاتقان ئىككى كىشى يىتىپ كەلدى. قىزچاق يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتتى:

- بۇ دېۋى. ئۇلار جىمنى ئۆلتۈرۋەتتى. ئەمدى يەنە دېۋىنى ئۆلتۈرۋەتتى. مەن ئۇلارنىڭ قىساس ئالىدىغانلىقىنى بىلگەچكە ئەسلى دېۋىنى تۇسىماقچىتىم، ئەمما ئۇ ئاڭلىمىدى...

ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى تىترەپ يىغىدىن ئۈنى پۈتۈپ كەتكەن ئىدى.

- ئەڭ ياخشىسى تىراين بازىرىدىكى ساقچىلارغا مەلۇم قىلايلى، - دېدى يولۇچىلاردىن بىرى بىنادغا، - مەن بۇ يەردە نەق مەيداننى ساقلاپ تۇراي. بۇ ئۆلگۈچىنى تۇنۇيمەن. ئۇ جىم پاۋلىنىڭ ئاكىسى دېۋى پاۋلى بولىدۇ.  

20 مىنوتتىن كىيىن بىناد تىراين بازىرىدىن زىللىبىي ئائىلىسىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ يەنە بىر قىسىم ئىنچىكە نۇقتىلارنى تىلغا ئالدى. شۇ قېتىملىق ئۆلۈم سەۋەبىنى تەكشۈرۈشتە دېۋى پاۋلى ھەرگىز قايىل بولمىغان ھەم ناۋادا ئۇكىسىنىڭ ئۈلۈمى ئۈچۈن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىلمىسا ئۆزى تەدبىر قوللىندىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھىلقى قىزچاق دېۋى پاۋلىنىڭ قورال كۆتۈرۈۋالغانلىقىنى يىراقتىن كۆرۈپلا يۈز بېرىش ئالدىدىكى ئىشلارنى سىزىپ ئۈلگۈرگەن. ئۇ ئەمدىلا دېۋى پاۋلىغا يىقىنلىشىشىغا بىرىنچى پاي ئوق ئېتىلغان. ئۇ يەنە بىر قېتىم نىشانلاپ ئاتماقچى بولغاندا تۇيۇقسىز تاپانچىنىڭ ئۇچىنى ئۆزىنىڭ كۆكرىكىگە قارىتىپ ئەجەللىك ئىككىنچى پاي ئوقنى ئاتقان.

- ساقچىلارغا كەلسەك، ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئايدىڭلاشتى، - دېدى بىناد سۆزىنى داۋام قىلىپ، -  دېۋى ئىنىسى ئۈچۈن قىساس ئالماقچى بولۇپ بىر ئالتۇن كۆز بالىنى ئېتۋىتىپ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆلۈم سانىنى تەڭلەشتۈرگەن. ئارقىغا ئۇلاپلا ئۆزىنى ئېتىۋالغان. شۇنداق قىلىپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېۋى ئىلىشىپ قاپتۇ، ئەقلىدىن ئېزىپتۇ دەپ قاراشتى. چۈنكى كاللىسى ساق ئادەم ھەرگىز بۇنداق قىلمايدۇ.

 

16

 

زىللىبىي ئايالى ئانجولا سۇنغان قەھۋەنى ئىچىپ بولغاندىن كىيىن دېدى:

- مېنىڭچە مەلۇم تەدبىر قوللىنىش زۆرۈر...

ئۇنىڭ سۆزى تېخى ئاياغلاشمايلا تۇيۇقسىز بىرى ئىشىكنى ئىتەردى. ئارقىدىنلا برانتې خانىم ئۆيگە كىرىپ كەلدى.

- ئاپلا، ئەپەندىم، سىز ھازىرلا بېرىپ كۆرۈپ بىقىڭ، كىشىلەر گىرانىگ قوروسىنى قاتمۇ - قات قورۇشۋالدى، - دېدى ئۇ زىللىبىينىڭ مۈرۈسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ دېدى، - ئۇلار بۇ قورۇنى كۆيدۈرۋەتمەكچى، تېز بېرىپ ئۇلارنى توسۇڭ. ئۇلار ھەممە بالىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۋەتمەكچى، تېز بولۇپ، تېز!

ھەممىمىز بىر بىرىمىزگە قارىشىپ ماڭماقچى بولۇپ تۇرغىنىمىزدا ئانجولا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىشىكنى تاقىۋالدى.

- بېرىشقا بولمايدۇ، - دەپ ۋارقىرىدى ئۇ، -  ئەگەر ئۇلارغا ياردەم قىلماقچى بولساڭلار ساقچىغا تېلېفون بېرىڭلار.

- تېلفوننى سىز بېرىڭ، قەدىرلىكىم، بىز يەنىلا بېرىپ قاراپ باقايلى...- دېدى زىللىبىي.

- سوغاققانلىق بىلەن ئويلاپ بىقىڭ، - دېدى ئانجولا ۋە بىنادغا بۇرۇلدى، - يەنە سىزمۇ بار. بۇ ئالاھىدە مەكتەپنى سىز ياردەم قىلىپ قۇرغان ھەم سىزنىڭ غەمخورلۇقىڭىزغا ئېرىشكەن. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سىزنى بۇ بالىلار بىلەن مەلۇم چىتىشلىقى بار دەپ قارايدۇ. ئۇلار يەنە ئاچچىقىنى سىزدىن چىقىرىشى مۇمكىن.

- ئەمما تېخىمۇ مۇھىمى، ياكى ئادەمنى ھەممىدىن بەك قىزىقتۇرىدىغىنى، - دېدى زىللىبىي، - بالىلار ئۆزى يالغۇزمۇ خالىغىنىنى قىلالايدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار بۇنچە كۆپ ئادەمگە قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ بەلكىم ئۇلار ئادەملەر توپىنى كەينىگە قايتىشقا مەجبورلىشى مۇمكىن.

- گىپىڭىزچە بولغاندا، ئۇلار جىم پاۋلىنىڭ ماشىنىسىنى تامامەن توختىتالايدۇ، دېۋى پاۋلىنى ئاسمانغا قارىتىپ ئوق ئاتقۇزالايدۇ. ئەمما ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى.

زىللىبىي ئانجولاغا ھەيران بولغىنىچە قاراپ قالدى.

- قەدىرلىكىم، ھەقىقەتەن شۇنداق بولۇشى كېرەك. دىگىنىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق.

- بۇ دەل مېنىڭ سىلەرنى توسۇشۇمدىكى سەۋەب، - دېدى ئانجولا سۆزىنى داۋام قىلىپ،- قەدىرلىكىم، قارىغاندا سىز تىراين بازارلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ، دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئەۋەتىشنى ئېيتسىڭىز بولغۇدەك. بۇ ئىنتايىن جىددىي ئىش.

زىللىبىي تۇروپكىنى قويغاندىن كىيىن دېدى:

- ئانجولا، قەدىرلىكىم، مەن يەنىلا بىر قېتىم بېرىپ كېلەي. مەن بالىلار ئىشىنىدىغان ئادەمنىڭ بىرى. ئۇلار مېنىڭ دوستۇم، مەن...

ئەمما ئانجولا ئۇنىڭ گېپىنى ئۈزۋەتتى.

- بۇ كارغا كەلمەيدۇ. مەن بىلىمەن، بۇ سىزگىمۇ ئايان: بالىلاردا دوستلۇق دېگەندىن قىلچىلىكمۇ ئەسەر يوق.

 

17

 

ئىككىنچى كۈنى تاڭ سەھەر، تىراين بازارلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زىللىبىي ئائىلىسىگە يىتىپ كەلدى. ئانجولا ئۇنىڭغا بىر رومكا ھاراق قۇيۇپ بەردى.

- باشلىق ئەپەندىم، توغرا سان زادى نەچچە؟ بىز تېخى ھۆكۈمەت تەرەپتىن ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدۇق، - دېدى ئۇ.

- ئەھۋال چاتاق، - دېدى ساقچى باشلىقى بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ، - ئۈچ ئەر بىر ئايال ئۆلدى. يەنە سەككىز ئەر، بەش ئايال دوختۇرخانىنىڭ كارىۋىتىدا ياتىدۇ. نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق؟ كىشىلەر ئۆزئارا ياقا سىقىشىپ قىرغىن قىلىشقان. بۇ زادى نېمە ئىشتۇ؟ مەن تېخىچە ئاڭقىرالمايۋاتىمەن.

ساقچى باشلىقى سەل توختىۋالغاندىن كىيىن زىللىبىيغا بۇرۇلۇپ سورىدى:

- دەل سىز ساقچىغا تېلېفون بېرىپ جېدەل چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدىڭىز. سوراپ باقسام، ئەينى چاغدا نېمە سەۋەب سىزنى مۇشۇنداق ئويلاشقا مەجبورلىغان؟

- ھە، بۇ ... بۇ ناھايىتى تەس...

بۇ چاغدا ئانجولا گەپكە ئارىلاشتى:

- ئىشىنىمەنكى باستېر لىبودى ئەپەندىم سىزگە تەپسىلىي ئېيتىپ بېرىدۇ. ئەينى چاغدا ئۇ نەق مەيداندا بار.

- ئۇ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى، - دېدى ساقچى باشلىقى، - سىز تېلېفوندا برانتې ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوت قويۇپ مىدۋىچ كەنتىدىكى بالىلار ئوقۇيدىغان بىر مەكتەپنى كۆيدۈرۋەتمەكچى بولۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختالغانلىقىنى ئېيتقانتىڭىز. بىراق بىز ھېچقانداق ئوت كۆرمىدۇق. پەقەت سىرتىكى ئەر – ئاياللارنىڭ ئۆزئارا ئۇرۇشۋاتقانلىقىنى، بىر – بىرىنى ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى، ھايات – ماماتلىق ئىلىشۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. مەكتەپ مۇدىرى توررانسمۇ؟ ئۇ ماڭا مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ بەرمەكچى بولغان ئىدى. تۈنۈگۈن كەچ مەن ئۇنى كۆرگەن ئىدىم، قارىغاندا ئۇ ھېچنېمىگە ئەسقاتمىغۇدەك.

- بىراق، ئۇ سىزگە تەپسىلىي ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. بىز مەكتەپ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشۈپ باقايلى، - دېدى بىناد. ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ ساقچى باشلىقى بىلەن چىقىپ كەتتى.

- قەدىرلىكىم، سىز يەنە نېمە بولدىڭىز؟

- قارىغاندا بالىلار بىزنىڭ كەنتتىن ئايرىلىشىمىزغا رۇخسەت قىلمايدىغان ئوخشايدۇ. ئۇلار بارلىق يوللاردا چارلاپ يۈرىدۇ. بىزنى سىرتقا چىققىلى قويمايۋاتىدۇ.

- ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ئويلاندۇرىدۇ، - دېدى زىللىبىي، - قېنى ئۇلارنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشى توغرىسىدا سۆزلەپ بىقىڭ.

- ئۇلارنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى جىن بىلىدۇ، - دېدى ئانجولا، - ئۇلار پەقەت بىزنىڭ كەنتتىكى كىشىلەرنىلا شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، باشقا كەنتنىڭ ئادەملىرى ھېچقانداق توسقۇنلۇققا ئۇچرىغىنى يوق.

زىللىبىي بۇنىڭغا قىزىقىپ قالدى. ئۇ مېنى كەنتتىن چىقىپ بىقىشنى ئېيتتى. مەن دەرھال ماشىنىنى ھەيدەپ سىرتقا ماڭدىم. ئەمما ئۇزاق ئۆتمەيلا سالپىيىپ قايتىپ كەلدىم.

گىلەنچ قوروسىدا مەكتەپ مۇدىرى توررانس ساقچى باشلىقى سورىغان سوئاللارغا ئامالنىڭ بېرىچە جاۋاب بېرۋاتاتتى. ئەمما ساقچى باشلىقىنىڭ كۆڭلىدىكى تۇمانلار تېخىچە تارقىلىپ كەتمىدى.

- ماڭا يەنىلا ئېنىق بولمىدى، بالىلار قانداقسىگە بىر توپ دوستانە ئۆتۋاتقان خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر مەيدان ئۇرۇش – جىدەلنى تېرىيدۇ؟ مەن بىر ئوقۇغۇچى بىلەن سۆزلىشىپ بىقىشنى ئويلاۋاتىمەن. ئۇ نېمە دەيدىكىن.

مەكتەپ مۇدىرى بىردەمدىلا بىر بالىنى چاقىرىپ كىردى.

- ئۇنىڭ ئىسمى ئېرىگ، - دېدى مۇدىر تۇنۇشتۇرۇپ، ئاندىن بالىغا قارىدى، - بۇ ساقچى باشلىقى، ئۇ سېنىڭدىن بىر قىسىم مەسىلىلەرنى سوراپ، ئاخشام كەچتە بولغان ئىشلارنى خاتىرە قالدۇرماقچى.

ساقچى باشلىقى بالىغا لەپپىدە قاراپ قويۇپ گېپىنى باشلىدى.

- تۈنۈگۈن كېچە بۇ يەردە ناھايىتى ئېغىر ۋەقە يۈز بېرىپتۇ. ئاڭلىسام بۇ ۋەقەنى سىلەر بىر قوللۇق كەلتۈرۈپ چىقىرىپسىلەر. بۇ زادى قانداق ئىش؟

- كەچۈرۈڭ، - دېدى بالا جاۋاب بېرىپ، - كەنتتىكى كىشىلەر ئوت قويۇپ مەكتەپ – ياتاقلىرىمىزنى كۆيدۈرمەكچى بولدى. شۇڭا ئۆزىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك بولۇپ قالدى. بىز ئۇلارنى ئۆزئارا ئۆلتۈرۈشكە مەجبورلىدۇق. شۇنداق قىلساق ئۇلار كىيىن بىزگە يەنە ئاۋارىچىلىك تاپمايدۇ. ئۇلار ھازىر كىمنىڭ بۇ يەرنىڭ «خوجىسى» ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالدى بولغاي.

- سەن بايا ئۇلارنى ئۆزئارا قىرغىن قىلىشقا «مەجبور» قىلدۇق دىدىڭما؟ سىلەر قانداق قىلىپ ئۇلارنى مەجبورلىدىڭلار؟

- بۇنى چۈشەندۈرمەك تەس. سېنىڭ بۇ ھالىڭدا بەلكىم ئىلپنىڭ سۇنىقىنىمۇ بىلمەسلىكىڭ مۇمكىن.

ساقچى باشلىقىنىڭ يۈزى بىردەمدىلا قىزىرىپ كەتتى. مۇدىر گەپنى سىيلىقلىماقچى بولدى:

- بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىش. بىز بىرنەچچىمىز بۇ ئىشنى نەچچە يىل تەتقىق قىلدۇق. بىردىنبىر جاۋاب شۇكى بۇ بالىلار ھېسسىي تۇيغۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۇرۇشۇشقا سالغان.

- ئۇلار بىزنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى، - دېدى بالا، - شۇڭا ئۇلارنى ئۆز ئارا قىرغىنغا سېلىش ئەڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى. شۇنداق قىلساق بىزگە ھېچ ئىش بولمايدۇ ئەمەسمۇ؟

- ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. سىلەر ئادەملەرنىڭ مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ئۈلۈشىگە سەۋەبچى بولغىنىڭلاردىن خىجىل بولمامسىلەر؟

- ئەلۋەتتە، - دېدى بالا، - ئەلۋەتتە ئۇنداق بولمايدۇ. تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن ئۇلار بىزنىڭ بىر قېرىندىشىمىزنى ئۆلتۈرۋەتتى.

- بىز ھەممىمىز قانونغا رىئايە قىلىشىمىز كېرەك، - دېدى ساقچى باشلىقى، - سىلەرنىڭ قانوننى خالىغانچە ئاياق ئاستى قىلىشىڭلار ئېغىر خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.

- قانون بىزنىڭ بىر قىرىندىشىمىزنى زىيانكەشلىكتىن توسۇپ قالالمىدى. بىز ياشىشىمىز كېرەك. بىز قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ بىزگە قىلغان دەخلىسىنى توسۇپ قالالىسىكەن دېگەن ئۈمۈدتىمىز.

ساقچى باشلىقىنىڭ ئاچچىقىدىن تىلى گەپكە كەلمەي قالدى. ئۇ ئورۇندۇقتىن سەل كۆتۈرۈلۈپ دېدى:

- ئەبلەخ! سەن مېنىڭ ئالدىمدا تولا ھەددىڭدىن ئاشما.  ئەجەبا سەن مېنىڭ كىملىكىمنى بىلمەمسەن؟ سىلەر نېمىگە ھېساب؟ سىلەر ياخشى ئۈگۈنىشىڭلار، ئاندىن...

ئۇنىڭ گېپى تۇيۇقسىز توختاپ قالدى. ئۇ ھىلقى بالىغا تىكىلىپ تۇرۇپ قالدى، يۈزلىرى تاتىرىپ، كۆزلىرى تارتىشىپ، ئاغزى مايماق كەتتى. كانىيىدىن خىرقىرىغان ئاۋاز چىقاتتى. كۆز يېشى بۇرنىنىڭ ئىككى تەرىپىنى بويلاپ ئېقىپ چۈشتى. قارىغاندا ئۇ قىلالمايدىغاندەك قىلاتتى. ئارقىدىنلا غالىلداپ تىترىگىنىچە ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى توسىۋلىپ، ھۆركىرەپ يىغلاشقا باشلىدى، ئاندىن ئورۇندۇقتىن يەرگە يىقىلىپ چۈشتى.

- ئۇ بىزنى قورقۇتماقچى بولدى. مەن ئۇنى چۆچۈتۈپ قويدۇم. قىنى زادى كىم كىمدىن قورقىدىكىن. بۇندىن كىيىن ئۇ ياۋاشلاپ قالىدۇ، - دېدى بالا مۇدىرغا قاراپ.

ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ خۇددى يېنىدا ئادەم يوقتەك ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.

 

18

- ماڭا ئېيتىڭ بېناد، - دېدى زىللىبىي تاماق ۋاقتىدا بىنادغا قاراپ، - سىز زادى قاچاندىن باشلاپ كەنتتە مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان؟

- تەخمىنەن سەككىز يىل بولدى، سىزچۇ؟

- تەخمىنەن شۇنچە يىل بولدى. بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ بالدۇرارق بولغان بولۇشى مۇمكىن. مەن بۇ ئىشقا تا ھازىرغىچە نەپرەتلىنىمەن. شۇنداقتىمۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆزۈتۈشۈم كېرەك. ھازىر ھېس قىلغانلىرىمنى سىزمۇ چۈشىنىپ يىتىپسىز. بۇ بالىلار ھەرگىز يەر شارى ئادىمى ئەمەس.

- سەل توختاڭلار، - دېدىم مەن، - ئىككىڭلار بۇ بالىلارنى يەر شارىدىن باشقا بىر جايدىن كەلگەن دېمەكچىمۇ؟

- شۇنداق، - دېدى بىناد، - ئەلۋەتتە، - بەزى كىشىلەر يەنىلا مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدۇ. زىللىبىي، سىز ئەزەلدىن بۇ مەسىلىگە قىزىقىپ كىلۋاتىسىز. ھەتتا بىر قىسىم ئەمىلىي نەرسىلەرنىمۇ بايقىدىڭىز. بىراق، بىر ئىشتىن سىزنىڭ تېخى خەۋىرىڭىز يوق. مىدۋىچ كەنتى بىردىنبىر ياكى بىرىنچى بولۇپ «ئالۋاستى كۈن» يۈز بەرگەن ئورۇن ئەمەس. «ئالۋاستى كۈن» پەيدا بولۇشنىڭ ئالدى – كەينى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە كىشىلەر زور بىر تۈركۈم نامسىز ئۇچار جىسىمنى كۆرگەن.

- بۇنداقچە بولغاندا، بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئالتۇن كۆز بالىلاردىن بۈلەك يەر شارىنىڭ باشقا رايونلىرىدا ئۇلارنىڭ ئوخشاش تىپلىرى تارقالغان دېمەكچىمۇ سىز؟ ئۇلار قەيەردە؟ - دەپ سورىدى زىللىبىي.

بىناد ئالدىرىماي – تېنىمەي سۆزلەشكە باشلىدى:

- بىر «ئالۋاستى كۈن» ئاۋسترالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا كۆرۈلگەن. شۇ چاغدا ئوخشاشلا نورمالسىز ئەھۋال يۈز بېرىپ، 30 نەپەر ئالتۇن كۆز بالا تۇغۇلغان. بىراق بۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى ئىنىقسىز سەۋەب بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن. كۆپىنچىسى توغۇلىشىغا ئۆلگەن. يەنە بىر تۈركۈم بالا ئىسكىموسلار قەبىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەمما تۇغۇلغان بۇۋاقنىڭ ئاتا – ئانىسى بىلەن ھېچقانداق ئوخشاشلىقى بولمىغاچقا ئۇلار ساراسىمىگە چۈشكەن، غەزەپلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ بۇۋاقلارنى قارغا تاشلاپ قويۇپ توڭلاپ ئۆلگەن. بۇ ئىككى ئىش بالىلارنىڭ پەقەت يىشىغا توشقاندىن كىيىنلا ئاندىن ئادەم قارىشى تۇرغىلى بولمايدىغان روھى قۇدرەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

- ئىلگىرى مەن بۇ ئىش پەقەت مىدۋىچ كەنتىدىلا سادىر بولغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىمەن، - دېدى زىللىبىي.

 

19

زىللىبىي چىغىر يولنى بويلاپ ئايلىنىپ كىتۋاتاتتى. بىر ئالتۇن كۆز قىزچاق چىغىر يول بۇيىدىكى بىر تۈپ دەرەخنىڭ ئاچىسىغا چىقىپ ئولتۇرۋالغان ئىدى.

- بۇنداق قىلىش ئانچە دوستانە بولمايدۇ، - دېدى زىللىبىي، - سىلەرگە ئايان، مەن ھەر كۈنى چۈشتىن كىيىن بۇ يەردە پىيادە ماڭىمەن، ئاندىن قايتىپ چاي ئىچىمەن.

قىزچاق بىر تەرەپتىن ئويلىغاچ يەنە بىر تەرەپتىن ئاغزىغا يوغان بىر تال كەمپۈتنى سېلۋىتىپ ئاندىن دېدى:

- ئۇنداقتا سىز ئالدىڭىزغا مىڭىۋېرىڭ، زىللىبىي ئەپەندىم.

زىللىبىي بىر قەدەم چامداپ ئالدىغا ماڭسا بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

- رەھمەت سىزگە، قەدىرلىكىم، - دېدى ئۇ، ئاندىن ماڭا قاراپ ئېيتتى، - چارلى، بىز بىرلىكتە ماڭايلى.

بىز بىر كىچىك ئورمانلىققا كىردۇق.

- ئۇلار تولىمۇ غەيرىي، - دېدى زىللىبىي، - بۇ بارلىق بالىلارنىڭ بىزنى مىڭىشقا رۇخسەت قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بالىلار كەمپۈتكە بەك ئامراق. گىرانىگ قوروسىدا مەن ھەممە بالىغا كىنو كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ كىنو كۆرۈشكىمۇ ئالاھىدە ئىشتىياقى بار. بۇ ئىشلار كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق ئويلىنىپ بىقىشىغا ئەرزىيدۇ.

بىز كەنتكە قايتىپ كەلدۇق. يولدا بىنادنىڭ بىر ئىشنى خىيال قىلغان ھالدا ئۇدۇل كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.

- مەن بالىلار بىلەن بىر قېتىم پاراڭلاشتىم، - دېدى بىناد بىزگە قاراپ، - ئەلۋەتتە، بىر قىز بالا بىلەن ئوغۇل بالا بولسىلا يېتەرلىك. چۈنكى بۇ ئىككىسى بىلەن سۆزلىشىش بارلىق بالىلار بىلەن سۆزلەشكەنگە باراۋەر. ئۇلارغا بىر نەچچە ئايروپىلان لازىمكەن. ئىشتىن ئاۋۋال ئۇلار ئايروپىلانغا چىقىپ يوشۇرۇنغان پارتلىتىش قۇرۇلمىسى بارمۇ يوق تەكشۈرۈپ چىقىدىكەن.

- ئەگەر ئۇلارنىڭ تەلىپى تولۇق قاندۇرۇلمىسا يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئۆچ ئالىدۇ. شۇنداقلا يەنە بىر خىل تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئۇسۇل قوللىنىدۇ.

بۇ ماڭا ئىختىيارسىز بالىلارنىڭ ھىلقى ساقچى باشلىقىغا قوللانغان ياۋۇزلارچە ھەرىكىتىنى ئەسلەتتى.

- بۇ ئىش ھامان يۈز بېرىدۇ. ئۇنى قانداق قىلىپ پۇختا بىر تەرەپ قىلىش ھەقىقەتەن قىيىن بىر ئىش، - دېدى زىللىبىي، - بىر تەرەپتىن بىز پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئالدىدا مەسئولىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، بۇ بالىلارنى داۋاملىق ياشىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. بىراق، ئەنگلىيە خەلقى ئۆلۈم جازاسى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش قىرغىن قىلىشنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، مۇبادا بالىلار باشقا دۆلەتلەرگە بېرۋالسا ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئۇلارغا تاقابىل تۇرمىقى تېخىمۇ تەسلىشىپ كېتىدۇ. بالىلار بولسا ئۇ يەردە داۋاملىق چوڭلاپ، خالىغىنىنى قىلىپ ھەددىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بىر كۈنىگە بارغاندا ھەممىگە ئىگىدارچىلىق قىلىپ دۇنيانىڭ خۇجىسىغا ئايلىنۋالىدۇ.

 

20

 

- قەدىرلىكىم، ئەگەر سىز چۈشتىن بۇرۇن تىراين بازىرىغا بېرىپ قالسىڭىز يوغان بىر قۇتا كەمپۈت ئالغاچ كېلەلەمسىز؟ - دېدى زىللىبىي ئەپەندىم تاماق ئۈستىلىنىڭ قارىشى تەرىپىدە ئولتۇرغان ئايالىغا.

- مەنچە بولسا ئۇ بالىلارغا ھېچنېمە ئالغىم يوق. ئەگەر بۇ بۈگۈن كەچتىكى بالىلارغا كىنو قويۇش پائالىيىتى ئۈچۈن بولسا بۇنىڭ ھېچقانداق زۆرۆريىتى يوق.

- بۇ دېگەن بىر ياخشى ئىش. ئېسىڭىزدىن چىقىپ كەتتىما؟ ئىلگىرى مەن ئۇلارغا ئادەملەرنىڭ كەنتتىن چىقىشىنى تۇسۇغىنىڭلار قاملاشمىغانلىق، دېگەن ئىدىم. ئەنە ئۇلار ئاڭلىدىغۇ؟ ئەگەر بۈگۈن كەچ ئۇلار مېنى كۆرسە ئۇلار چوقۇم خۇشال بولىشىدۇ. مەن يەنە ئۇلارغا گىرىتسىيە مەنزىرىسى چۈشۈرۈلگەن سۈرەتلىك فىلىم ئالغاچ بارىمەن. ئۇلار يەنە كەمپۈتكە ناھايىتى ئامراق!

مەن ئانجولاغا ھەمراھ بولۇپ تىراين بازىرىغا باردىم. چۈشتىن كىيىن قايتىپ كەلگەن ۋاقتىمىزدا زىللىبىي ئۆينىڭ ئالدىدىكى پاكار كارىۋاتتا ياتاتتى. ئۇ باشتا مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلىمىدى. مەن ئۇنىڭ ئەتىگەنلىك تاماق ۋاقتىدىكىدىنمۇ مۈكچەيگەن ۋە ھارغانلىقىنى، شامالنىڭ ئاپپاق چاچلىرىنى يەلپۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ خىياللىرى ناھايىتى يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتكەندەك قىلاتتى.

ئۇ مېنىڭ گەپ قىلغان ئاۋازىمنى ئاڭلىدى. مەن بىر ئورۇندۇقنى ئۇنىڭ يېنىغا قويۇپ ئۈستىگە يوغان بىر قۇتا كەمپۈتنى قويدۇم.

- بەك ياخشى بولدى، - دېدى ئۇ، - بالىلار بۇ كەمپۈتلەرنى يىيىشكە بەك ئامراق. نىمىلا دېگەن بىلەن ئۇلار تېخى بالىدە. باشقىلار ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئاۋۋال مەن ئۇلارغا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەتكەن. مېنىڭچە مەن بالىلارنى باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ چۈشۈنىمەن. ھەممىدىن مۇھىمى، ئۇلار ماڭا ئىشىنىدۇ.

- قەدىرلىكىم، - دېدى ئانجولا ئانچە چوڭ ئۈمىد كۈتمىگە قىياپەتتە، - بالىلار سىزنىڭ سۈرەتلىك فىلىملىرىڭىزنى ئالىقاچان كۆرگەن. ئېسىمدە قىلىشىچە سىز ئۇلارغا گىرىتسىيە مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن فىلىمنى ئىككى قېتىم قويۇپ بەردىڭىز. سىز بىر كۈن كېچىكتۈرۈپ، ئەتە يىڭى فىلىم كەلگەندە بارسىڭىز بولمامدۇ؟

- بۇ فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەر بەك چىرايلىق، ئۇلار يەنە بىر قېتىم كۆرسىمۇ زېرىكمەيدۇ. ئۇندىن باشقا، مەن ھەر قېتىم ئوخشاش مەزموننى قايتا بايان قىلمايمەن. گىرىتسىيە توغرۇلۇق گەپلەر كۆپ.

سائەت ئالتە بولغاندا بىز ئۇنىڭ نەرسىلىرىنى ماشىنىغا سېلىشقا باشلىدۇق. نەرسە- كېرەكلەر ماشىنىغا لىق تولدى. نۇرغۇن نەرسىلەر ناھايىتى ئېغىر ئىدى. بىر ئاخشام نۇتۇق سۆزلەشكە بۇنچە كۆپ نەرسىنى ئېلۋىلىش راستىنلا ئادەمنى ھەيران قالدۇراتتى.

زىللىبىي ماشىنىغا سىلىنغان ھەربىر نەرسىگە ئەستايىدىل قارايتتى، سانىنى ئالاتتى. ئاخىرىدا ئۇ يوغان بىر قۇتا كەمپۈتنى ماشىنىغا سالدى.

ھەممە نەرسە تەق بولدى.

- رىچارد مېنى ئۇ يەرگە ئاپىرىپ قويىدۇ، - دېدى ئۇ ئايالىغا بۇرۇلۇپ، - ئاندىن ماشىنىدىكى نەرسىلەرنى چۈشۈرۈشۈپ بېرىدۇ. ئەنسىرىمەڭ، ھەممە ئىش نورمال بولىدۇ.

گەپ تۈگىگەندىن كىيىن ئۇ ئايالىنى تارتىپ سۈيۈپ قويدى.

- بىراق، مەن ئۇ بالىلاردىن بارغانسېرى قورقۇۋاتىمەن، ئۇلار...- دېدى ئانجولا.

- ئەنسىرىمەڭ قەدىرلىكىم. مەن قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىمەن.

بىز گىرانىگ قوروسىغا يىتىپ كەلدۇق. بىز تېخى ماشىنىدىن چۈشۈشكە ئۈلگۈرمەيلا قورۇنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ بىر قىسىم بالىلار خۇشلىقىدىن ۋارقىرىغىنىچە پەلەمپەيلەردىن چۈشۈپ كەلدى.

- ياخشىمۇ سىز زىللىبىي ئەپەندىم.

ئۇلار بىر تەرەپتىن سالاملاشقاچ بىر تەرەپتىن ماشىنىنىڭ كەينى ئىشىكىنى ئاچتى. ئىككى ئوغۇل بالا ماشىنىدىكى نەرسىلەرنى تۇشۇشقا باشلىدى. ئۇلار پاراڭلاشقاچ كۈلۈشەتتى.

ئەڭ ئاخىرقى بىر ساندۇق ناھايىتى ئېغىر بولۇپ خېلى مۇشكۈلدە ماشىنىدىن چۈشۈرۈلدى. ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، بىز نەرسە – كېرەكلەرنى ماشىنىغا قاچىلاۋاتقاندا بۇ ساندۇق ئەسلىدىلا ماشىنىدا بار ئىكەن. ساندۇق ئىچكىرىگە كىرىپ كەتكۈچە زىللىبىينىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭدىن يىراقلىمىدى.

- ياردىمىڭىزگە كۆپ رەھمەت، - دېدى ئۇ ماڭا قاراپ، - مەن ئەسلىدە سىزنى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلاي دېگەن ئىدىم. لېكىن، ئەڭ ياخشىسى ھازىرلا قايتىپ بېرىپ ئانجولاغا ھەمراھ بولۇڭ. پەمىمچە، ئۇنىڭ يېنىدا بولسىڭىز ئۇ غېرىبسىنىپ قالمايدۇ.

- ھازىرلا كىتىمەن، - دېدىم مەن.

زىللىبىي پەلەمپەيدە تۇرغان ئۈچ بالىغا قاراپ دېدى:

- باشقىلارنى كۆپ ساقلىتىپ قويساق بولمايدۇ. كىرىپ كىتىڭلار، پولىشىيا.

- مەن خەيلۇن، زىللىبىي ئەپەندىم.

- ئوۋ، شۇنداق، خاپا بولماڭ، خەيلۇن. ماڭايلى قەدىرلىكىم.

زىللىبىي گېپىنى تۈگىتىپ بالىلار بىلەن بىرلىكتە پەلەمپەيگە چىقىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى.

ئانجولا بۇ چاغدا كەڭ ئېچىلغان دىرىزىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ مۇزىكا ئاڭلاۋاتاتتى.

- بالىلار زىللىبىي بىلەن بىللە بولسا راستىنلا باشقىچە خۇشال بولۇپ كېتىدىكەن، - دېدىم مەن، - ئۇنىڭغا ھەقىقەت بەك ئىشىنىدىكەن، ئۇ توغرا دەپتۇ.

- بەلكىم، - دېدى ئانجولا، - ئەمما مەن ئۇلارغا ئىشەنمەيمەن.

- ئۇلار بۇ يەردە ئەمدى خالىغانچە ئەسكىلىك قىلىپ قالايمىقان ئىش تىرىيالمايدۇ، - دېدىم مەن، - بەلكىم كېيىنكى قېتىم بارماقچى بولغان يەردە ئۆكتەملىك قىلىپ ئادەمنىڭ جىنى بىلەن ئوينىشىپ يۈرىشى مۇمكىن.

گىپىمىز ئەمدى تۈگىشىگە سىرتتا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كۈچلۈك نۇر چاقناپ قۇلاقنى يارغىدەك پارتىلاش ئاۋازى ياڭرىدى. ئۆيلەر سىلكىنىپ، ئەينەكلەر چىقىلىپ، نەرسىلەرنىڭ يەرگە چۈشكەن ئاۋازلىرى ئۈزۈلمىدى. ئارقىدىنلا يەنە ئەتراپنى تىمتاسلىق باستى. مەن ئانجولانىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ ھاڭقىراي ئوچۇق تۇرغان ئەينەك ئىشىكتىن ئېتىلىپ گۈللۈككە چىقتىم.

ئاسماندا دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئۇچۇپ يۈرەتتى، تامغا يامىشىپ ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەر تامدىن ئاجراپ ساڭگىلاپ قالغان، بارلىق دىرىزە ئەينەكلىرى تىترەشتىن چېقىلغان ئىدى. مەن يىراققا قارىدىم. بىر پارچە دەرەخزارلىقنىڭ ئۈستىدە پارچە – پارچە ئاق – قىزىل ئارلاش يورۇقلۇق چاقنايتتى. بۇ چاغدا مەن ھەممىنى چۈشەندىم.

مەن زىللىبىينىڭ كۇتۇپخانىسىدا ھوشسىز ياتقان ئانجولانى كۆردۈم. شامال بىر پارچە باغاقچىنى پولدا ئۇچۇرۇپ يۈرەتتى. مەن باغاقچىنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىكى زىللىبىينىڭ پوچۇركىسىنى بىر قاراپلا تۇنۇدۇم. ئۇنى ئوقۇشنىڭ زۆرۆريىتى يوق ئىدى، گىرانىگ قوروسىنىڭ بوشلۇقىدىكى كۈچلۈك ئاق – قىزىل نۇر ھەم ماشىنىدىكى ئېغىر ساندۇق ھەممىنى ئېيتىپ بېرۋاتاتتى. مەن قەغەزنى ئۈستەلگە قويدۇم ۋە تۆۋەندىكى بىرنەچچە قۇر خەتنى كۆرۈپ قالدىم:

...«دوختۇر سىزگە مېنىڭ ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىمنى ئېيتىپ بېرىدۇ. مەن پەقەت بىر نەچچە ھەپتە ياكى بىرنەچچە ئاي ياشىيالايمەن. قەدىرلىكىم، ھەرگىز قايغۇرماڭ. ئەگەر سىز چەكسىز بىر دالىدا ياشاپ، خۇددى ياۋايى ھايۋانلاردەك تۇرمۇش كەچۇرسىڭىز ياكى ھالاك بۇلسىز ۋەياكى ھايات قالسىز.بىز بۇ ئارامبەخش سەينادا مۇشۇنداق ئۇزۇن ياشاپ بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ كەتتۇق».

 

 

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان

2009-يىل 9- يانۋار.

 


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئاينى ئايلىنىش(فان...
●  يەر شارىدىن ئاي شار...
●  قورچاق خۇجايىن (ئىل...
●  ئىككى يۈز ياشلىق ﯪﺩﻩﻡ...
●  يۇلتۇز نۇرى
●  قۇياشقا خىيانەت قى...
●  غەيرىي بالا
●  ھەقىقىي سۆيگۈ
●  ھەممىگە قادىر ماشى...
●  ئۇچۇر چەۋەنداز ۋە م...
●  ﻣﺎﺭﺱ ﻣﻪﻟﯩﻜﯩﺴﻰ (ﻓﺎﻧﺘﺎﺯﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺭﯗﻣﺎﻥ1)...
●  قارا ساندۇق
●  ﯪﺩﻩﻣﺴﯩﻤﺎﻥ ﻣﺎﻳﻤﯘﻥ(ﯲﻣﻪﺭ ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ)...
●  ماسلىشىش (ئىلمىي فا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئاينى ئايلىنىش(فانتازىي...
●  يەر شارىدىن ئاي شارىغا (...
●  قورچاق خۇجايىن (ئىلمىي ف...
●  ئىككى يۈز ياشلىق ﯪﺩﻩﻡ
●  يۇلتۇز نۇرى
●  قۇياشقا خىيانەت قىلغۇچى
●  غەيرىي بالا
●  ھەقىقىي سۆيگۈ
●  ھەممىگە قادىر ماشىنا
●  ئۇچۇر چەۋەنداز ۋە ماشىن...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى