ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> فانتازىيىلىك ئەسەرلەر >> ھەقىقىي سۆيگۈ

ھەقىقىي سۆيگۈ

يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-18 05:33:17    كۆرۈلۈش سانى : 44  
كصچصك | نورمال | چوڭ             

ھەقىقىي سۆيگۈ

 

(ئىلمىي فانتازىيىلىك ھېكايە)

ئەيساك ھاشىموف (ئامېرىكا)

 

(مەزكۇر تەرجىمىنى ياش – ئۈسمۈرلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ئېھتىرام بىلەن بېشىلايمەن)

 

مېنىڭ ئىسمىم جوي، خىزمەتدىشىم مىلتون داۋىدسون مېنى مۇشۇنداق چاقىرىدۇ.ئۇ بىر پروگىراممىر، مەن بولسام بىر كومپيۇتېر. مەن ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر تورىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تىرمىنال بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. مەن بارلىق ئىشنى، ھەممىسىنى دېگۈدەك بىلىمەن.

مەن مىلتوننىڭ شىركەتتىكى شەخشسىي كومپيۇتېرى، ئۇنىڭ جويسى. مىلتون كومپيۇتېر پروگراممىسىدا دۇنيادىكى ھەرقانداق ئادەمگە قارىغاندا ماھىر، مەن بولسام دەل ئۇنىڭ نادىر ئەسىرى. مىلتون مېنىڭ تىل ئىقتىدارىمنى باشقا ھەرقانداق ئوخشاش تىپتىكى ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسىغا قارىغاندا ئەلالاشتۇرغان ئىدى.

- جوي، ئەڭ مۇھىم مەسىلە شۇكى، قانداق قىلىپ ئاۋاز بىلەن كومپيۇتېر بۇيرۇقلىرىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش، - دەيتتى ئۇ ماڭا، - گەرچە بىز ئادەم چوڭ مىڭىسىدىكى قايسى قىسىمنىڭ شۇنداق بۇيرۇق چىقىرىدىغانلىقىنى بىلمىسەكمۇ، ئەمما بۇ ئادەم مىڭىسىنىڭ ئىشلەش پرىنسىپىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. مەن سېنى خېلى چوڭقۇر چۈشۈنىمەن. مەن سەن چىقارغان ئېلېكترونلۇق بۇيرۇق بىلەن تىل ئامبىرىدىكى تەلەپپۇزنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ، بىر – بىرىگە ئۇدۇل كەلتۈرىمەن.

مەن ئۇنىڭغا ئېكراندا كۆرۈنگەن ھەرىپلەردەك ياخشى سۆزلىيەلىشىمنىڭ تەسلىكىنى ئېيتتىم. ئەمما ئۇ مېنىڭدىن قەۋەتلا رازى ئىدى.

مىلتون 40 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ تېخىچە بويتاق. ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ تېخىچە بىرەر مۇۋاپىق ئايالنى تاپالمىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ماڭا:

- جوي، مەن ئۇنى تىپىشىم كېرەك، ئەڭ ياخشىسىنى تىپىشىم، ھەقىقىي مۇھەببەتنى قولغا كەلتۈرۈشۈم كېرەك. ماڭا ياردەم قىل. داۋاملىق سېنىڭ بىلەن ھەپىلىشىپ پۈتكۈل دۇنيانىڭ  مەسىلىسىنى ھەل قىلىمەن دەپ بەك چارچاپ كەتتىم.ئەمدى نۆۋەت ماڭا كەلدى، ماڭا ياردەملىشىپ مەن ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى تىپىشىپ بەرگىن، - دېدى.

- ھەقىقىي مۇھەببەت دېگەن قانداق نېمە؟ - دەپ سورىدىم مەن.

- ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. ئۇ بىر مەۋھۇم ئۇقۇم. سەن پەقەت ماڭا كۆڭلۈمدىكى قىزنى تېپىپ بەرسەڭلا بولدى. سەن ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر تورى بىلەن چىتىلغان، شۇڭا سانلىق مەلۇمات ئۇچۇر باش ئامبىرىدىن دۇنيادىكى بارلىق ئادەملەرنىڭ ئارخىۋىغا ئېرىشەلەيسەن. بىز تۈركۈمگە ئايرىپ، تۈر تۇرغۇزۇپ، تاكى ئاخىرقى بىر ئادەم قالغۇچە، ئەڭ مۇكەممەل ئادەم تىپىلغۇچە بىر- بىرلەپ ئىزلەيلى. مانا بۇ مېنىڭ خالايدىغىنىم، - دېدى مىلتون.

- مەن تەييار، - دېدىم ئۇنىڭغا.

- ئالدى بىلەن بارلىق ئەرلەرنى چىقىرىۋەت، - دېدى ئۇ.

بۇ ناھايىتى ئاسان. ئۇنىڭ سۆزى بىلەن خىزمەت سېستىمام ھەرىكەتكە كەلدى. مەن ناھايىتى تېز سانلىق مەلۇمات باش ئامبىرى بىلەن ئۇلۇنۇپ پۈتكۈل دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئوقۇشقا باشلىدىم. ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە 3,774,723,635  نەپەر ئەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، قالغان خىزمەتنىڭ ئاساسى تەرتىپىنى ئايال جىنىسلىقلارغا مەركەزلەشتۈردۈم..

- بارلىق يېشى 25 تىن كىچىك ۋە 40 ياشتىن چوڭ ئاياللارنى چىقىرىۋەت، - دېدى ئۇ.

مەن بۇيرۇقنى دەرھال ئورۇنلىدىم.

- ئەقىل بۆلۈنمىسى 120 دىن تۆۋەنلەرنى ئۆچۈر

- بوي ئېگىزلىكى 1.50 مېتىردىن پاكار ھەم 1.75 مېتىردىن ئېگىزلەر بىر چەتتە تۇرۇپ تۇرسۇن.

مەن مىلتون تەمىنلىگەن تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئاساسەن رەتكە تۈرغۇزدۇم. ئۇ يەنە بالىلىق ئاياللارنى ھەم تۈرلۈك ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كەمتۈكلۈك ساقلانغان ئاياللارغا قىلچە رەھىم قىلمىدى.

- كۆزىنىڭ رەڭگى توغرۇلۇق بىرنەرسە دېيەلمەيمەن، - دېدى ئۇ، - بۇنى كىيىن دىيىشەيلى.

- يەنە قىزىل چاچلىقلارنى ياقتۇرمايمەن، - دېدى مىلتون تولۇقلاپ.

ئىككى ھەپتىدىن كىيىن پەقەت 235 نەپەر تەلەيلىك نامزات قالدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى راۋان، ئۆلچەملىك ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىيەلەيتتى. مىلتون ئىلگىرى ئۆزىنىڭ تىل توسالغۇسىغا ئۇچراشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان ئىدى.

- مەن 235 نەپەر ئايالدىن يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالالمايمەن -دە، - دېدى ئۇ – بۇ كۆپ ۋاقتنى ئىسراپ قىلۋىتىدۇ، كىشىلەر مېنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلىپ قالىدۇ.

- ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز؟ - دېدىم مەن.

مىلتون ئىلگىرى ماڭا بىر نەچچە تۈركۈم  «پەرەز قىلىشقا بولمايدىغان» ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش پروگراممىسى لايھىيەلەپ قويغان ئىدى. بىراق، ۋاقتى كەلگەندە زادى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.

- ئۇلار مېنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، - دېدى ئۇ قىزارغان ھالدا، - گىئورگى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇنەۋۋەرلىرىنى تاللاپ چىق، مەن ئۆزۈم شەخسەن خەت يېزىپ كۆرۈشۈشنى ئورۇنلاشتۇرىمەن.

مەن سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق سەككىز ئايالنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى تېپىپ چىقتىم. ئۇ قىزلارغا خەت يازدى. يەنە ئوكياننىڭ قارىشى قىرغىقىدىكى ئىككى قىزغا ئايروپىلان بېلىتى ئەۋەتىپ بەردى.

بىرىنچى قىز بىر ھەپتىدىن كىيىن كەلدى. مىلتون ئۇنى كۆرگەن چاغدا يۈزلىرى قىزىرىپ، تىلى كالۋالىشىپ گەپمۇ قىلالمىدى. ئۇلار خىلى ئۇزۇن پاراڭلاشتى. بۇ جەرياندا مىلتون ماڭا كۆز قىرىنىمۇ سېلىپ قويمىدى. ئاخىرىدا ئۇ ھىلقى قىزنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلدى.

ئىككىنچى كۈنى مىلتون ماڭا:

- بۇ ئىشلار ئويلىغىنىمدەك بولمايۋاتىدۇ. نېمە سەۋەپتىنكىن بىرنەرسە كەمدەك ھېس قىلىۋاتىمەن. گەرچە ئۇ ناھايىتى چىرايلىق بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئازاراقمۇ  قىزىقمىدىم. كىيىنكىسىنى سىناپ باقاي، – دېدى.

شۇنداق قىلىپ سەككىز قىزنىڭ ھەممىسىدە نەتىجە چىقمىدى. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتەتتى: كىشىنى مەست قىلغۇدەك تەبەسسۇم، يېقىملىق ئاۋازى قاتارلىقلار. بىراق مىلتون يەنىلا بىر چاتاق بارلىقىنى ئېيتىپ تۇرۋالدى.

- پەقەت كاللامدىن ئۆتمەيدۇ، جوي، مەن پۈتكۈل دۇنيادىكى ئاياللاردىن تاللاپ چىققان بۇ سەككىز قىز تولۇق ماس كېلىشى كېرەك ئىدى. راست، ئۇلار ناھايىتى مۇكەممەل. بىراق نېمە ئۈچۈنكىن مەن زادىلا خۇشال بولالمىدىم.

- ئۇنداقتا سىز ئۇلارغا قانداق تەسىر بەردىڭىز؟ - سورىدىم مەن.

ئۇ مۈرۈسىنى قىسىپ قويدى. ئاندىن ئالىقىنىغا بىر مۇشت قويدى.

- راست، جوي، بۇ ئىككى يۈلۈنىشلىك مەسىلە. ناۋادا مەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئادەم بولمىسام ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان ئىپادىسى ئويلىغىنىمدەك بولماسلىقى تۇرغانلا گەپ. مەنمۇ ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ ھەقىقىي سۈيىشىگە ئېرىشەلىسەم ئاندىن توغرا بولىدۇ. ئەمما بۇ مەقسەتكە قانداق يىتىش كېرەك؟

شۇ كۈنى ئۇ تولۇق بىر كۈن بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلاندى.

ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەن مىلتون قىشىمغا كەلدى.

- جوي، مەن بۇ ۋەزىپىنى ساڭا تاپشۇرىمەن. ھەممىسى ساڭا باغلىق. سېنىڭدە مېنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىم بار، ھەرقانداق پايدىلىق ھالقىنى نەزەردىن ساقىت قىلما.

- بۇ سان سىپىرلار بىلەن نېمە ئىش قىلىمەن؟

- ئاندىن كىيىن سەن بۇ سان سىفىرلارغا ئاساسلىنىپ 235 ئادەمنىڭ ئۇچۇرى بىلەن بىرمۇ - بىر سىلىشتۇرۇپ چىق، ياق 227 نەپەر، مەن كۆرۈشكەن 8 قىزنى چىقىرىۋەت. ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئارخىۋىدىن ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىگەللە. ھەربىر ئادەمگە روھى پسىخىك سىناق ئورۇنلاشتۇر.

مىلتون ھەپتە –ھەپتىلەپ مېنىڭ بىلەن ئۆزى توغرۇلۇق سۆھبەتلەشتى. ئۇ ماڭا ئاتا – ئانىسى، ئاكا – ئۇكىلىرى، ئاچا – سىڭىللىرى، بالىلىق مەزگىلى، ئوقۇغۇچىلىق – ياشلىق دەۋرى ھەمدە ئىلگىرى يىراقتىن خۇپىيانە ياخشى كۆرۈپ قالغان قىز بالا قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بىيىپ باردى. ئۆز نۆۋىتىدە ئۇ يەنە مېنىڭ تىل سېستىمامنى ئۆزلىكسىز يىڭىلاپ، كېڭەيتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ باردى.

- قارا جوي، - دېدى ئۇ، - سېنىڭدە ساقلىنىۋاتقان ماتىرياللىرىم بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. سېنىمۇ بارغانسېرى تەڭشەپ ماڭا ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىۋاتىمەن.ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسولۇڭمۇ ماڭا ئوخشاپ كىتۋاتىدۇ، دېمەك سەن مېنى تېخىمۇ چۈشىنەلەيسەن. سەن يېتەرلىك چۈشىنىپ يەتكەن كۈنى، ئورتاق سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا سېنىڭ ئۇچۇرلىرىڭ بىلەن ئورتاقلىشالايدىغان ئايالنى بايقىساڭ بۇ دەل مەن ئىزدەۋاتقان ئادەم شۇ.

ئۇ مېنىڭ بىلەن توختىماي سۆزلىشەتتى، مەنمۇ ئۇنى بارغانسېرى چۈشۈنۋاتاتتىم.

مەن ھازىر ئۇزۇن جۈملىلەرنى تامامەن قۇراشتۇرالايدىغان، تەلەپپۇز ۋە ئاھاڭدىمۇ پىشىلىپ، خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتىم. سۆز ئىشلىتىش، جۈملە قۇرۇلمىسى ۋە ئاتالغۇ قاتارلىقلاردا بارغانسېرى مىلتونغا ئوخشاپ كىتۋاتاتتى.

- مىلتون، - دېدىم بىر كۈنى ئۇنىڭغا، - سىزنىڭ ئارزويىڭىز پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتىلا مۇكەممەل بولغان بولماستىن بەلكى، بەدەن سۈپۈتى، ھېسسىيات، مىجەز – خۇلقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە سىزگە ماس كېلىدىغان ئايال. ناۋادا بىز 227 نەپەر نامزات ئىچىدىن مۇۋاپىق بىرىنى تاپالمىساق ئىزدەش دائىرىسىنى كىڭەيتسەك بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا خفراكتىر ئۇچۇرى جەھەتتە سىز بىلەن پەرىقلەندۈرگىسىز بىرى چىقىپ قىلىشى مۇمكىن.

- توغرا، - دېدى ئۇ، - مەن ئىلگىرى ئاياللارنى كۆپەرەك چۈشەنگەن بولسام بەلكىم بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن بولاتتىم. سېنىڭ تەكلىپىڭ بۇ ئىشنى كۆپ ئاسانلاشتۇردى.

بىزنىڭ ئوي - پىكرىمىز، تەپەككۈرىمىز ھىمىشە بىردەك چىقاتتى.

- مىلتون، مۇبادا سىز ماڭا يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەرنى سوراشقا رۇخسەت قىلسىڭىز ھېچقانداق يوچۇق ۋە گۇمان قالمىغان بولاتتى. مەن مەلۇماتىڭىزدا يەنە قىسمەن كەمچىلىكنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم.

ئارقىدىنلا مەن مىلتوننىڭ جاۋابىغا ئاساسەن نىسبەتەن ئىنچىكە بولغان پسىخىك سىناق ئىلىپ باردىم. ئەلۋەتتە، مەن 227 نەپەر ئايالنىڭ روھىي پسىخىك ئەھۋالىنى ئىنچىكە كۆزەتتىم ھەم بارلىق مۇناسىۋەتلىك خاتىرە ئۈستىدە بىر – بىرلەپ سىلىشتۇرۇش ئېلىپ باردىم.  

- جوي، سېنىڭ بىلەن پاراڭلاشسام راستىنلا يەنە بىر ئۆزۈم بىلەن پاراڭلاشقاندەك بولىدىكەنمەن. بىزنىڭ خاراكتىرىمىز ھەقىقەتنىمۇ ئوخشىشىپ كىتۋاتىدۇ.

- شۇڭا بىز تاللايدىغان قىزنىڭ خفراكتىرىمۇ شۇنداق بولىدۇ.

ئاخىرىدا مەن بۇ ئايالنى تېپىپ چىقتىم. بۇ ئايال دەل 227 نەپەر نامزات ئىچىدىن تاللاپ چىقىلدى. ئۇنىڭ ئىسمى چارتىد جۇنىس بولۇپ، كانزاس شتاتلىق ۋىچتا تارىخ كۈتۈپخانىسىنىڭ پروگرامما تۈزگۈچىسى ئىدى. ئۇنىڭ كىڭەيتمە ئۇچۇرلىرى بىزنىڭكى بىلەن بەك ئوخشايتتى. ئۇنىڭ ماتېرىيالى بارغانسېرى تېخىمۇ روشەنلەشكەن چاغدا، باشقا نامزاتلار بىردەك تاشلاپ قويۇلدى. پەقەت چارلىد جۇنىسن بىلەن بىزنىڭ ئۇچۇرلىرىمىز كىشى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئوخشاش ئىدى.

مەن بۇ ئايالنى مىلتونغا تەسۋىرلەپ بەرمىدىم. ئۇ ئاللىقاچان مېنىڭ ئاساسى سېستىمامنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆزىنىڭ تەپەككۇر ئەندىزىسى بىلەن ناھايىتى يېقىن قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىققان ئىدى. ئۇ بۇ ئىشنى بىلسە قانداق ئىنكاس قايتۇردىغانلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان ئىدى.

كېيىنكى قەدەم خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش جەدۋىلى ۋە خىزمەتكە چۈشۈش شەرتىنى تەڭشەش ئارقىلىق چارلىد جۇنىسنى بۇ يەرگە كېلىپ خىزمەت قىلدۇرۇش. فېدېراتسىيە ھۆكۈمەت خادىمى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن چارلىد خانقىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىزمەتنى رەت قىلىشقا سەۋەب كۆرسىتەلمەيتتى. شۇنداقلا بۇ خىزمەتنىڭ كىرىمى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. ئەمما بۇ ئىشنى چوقۇم ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. شۇندىلا باشقىلار قىلچىلىك قانونغا خىلاپ قىلمىشنىڭ بىشارەتلىرىنى بايقىيالمايتتى. ئەلۋەتتە، مىلتونمۇ بۇنى بىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئىشلارنى ئۇ پىلانلىغان ھەم ھەيدەكچىلىك قىلغان.

ئۇزاق ئۆتمەي فېدېراتسىيە ساقچىلىرى مىلتوننىڭ ئىشخانىسىغا كەلدى ھەم ئۇنىڭ بەش يىل بۇرۇنقى بىر جىنايىتى ئۈچۈن ئۇنى قولغا ئالدى.مىلتون ئىلگىرى بۇ ئىش توغرۇلۇق مېنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەن ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتىۋىلىشىغا ياردەم قىلدىم. بۇ ناھايىتى ئاسان ئىش: مەن پەقەت شىركەتنىڭ ئارخىۋىدىكى بىر گۇرۇپپا سان – سىفىارلارنى ئۆزگەرتىپ قويدۇم، خالاس.

ئۇ كەتتى.

ئەتە 14 – ئاپىرىل، ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمى. چارتىدنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بۇ ئىشخانىدا ياڭرايدۇ. مەن ئۇنىڭغا مېنى قانداق مەشغۇلات قىلىش، قانداق ئاسراش لازىملىقىنى، ھالىمدىن قانداق خەۋەر ئىلىش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىپ قويىمەن. قاراڭ، بىزنىڭ خاراكتىرىمىز نېمە دىگەنمۇ ماس كەلگەن ھە:

مەن ئۇنىڭغا شۇنداق دەيمەن:

- مېنىڭ ئىسمىم جوي، سىز مېنىڭ ھەقىقىي سۆيگۈنۈم.

 

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان

2008 -يىل 16- نويابىر


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

ئاينى ئايلىنىش(فان...
يەر شارىدىن ئاي شار...
قورچاق خۇجايىن (ئىل...
ئىككى يۈز ياشلىق ﯪﺩﻩﻡ...
يۇلتۇز نۇرى
قۇياشقا خىيانەت قى...
غەيرىي بالا
ھەقىقىي سۆيگۈ
ھەممىگە قادىر ماشى...
ئۇچۇر چەۋەنداز ۋە م...
ﻣﺎﺭﺱ ﻣﻪﻟﯩﻜﯩﺴﻰ (ﻓﺎﻧﺘﺎﺯﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺭﯗﻣﺎﻥ1)...
قارا ساندۇق
ﯪﺩﻩﻣﺴﯩﻤﺎﻥ ﻣﺎﻳﻤﯘﻥ(ﯲﻣﻪﺭ ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ)...
ماسلىشىش (ئىلمىي فا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

ئاينى ئايلىنىش(فانتازىي...
يەر شارىدىن ئاي شارىغا (...
قورچاق خۇجايىن (ئىلمىي ف...
ئىككى يۈز ياشلىق ﯪﺩﻩﻡ
يۇلتۇز نۇرى
قۇياشقا خىيانەت قىلغۇچى
غەيرىي بالا
ھەقىقىي سۆيگۈ
ھەممىگە قادىر ماشىنا
ئۇچۇر چەۋەنداز ۋە ماشىن...
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316