كەچۈرۈڭ، ئايالىڭىزغا چېقىلىپ قويدۇم (9)
يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-17 13:46:50 كۆرۈلۈش سانى : 15449
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنىڭ كۆپ يەرلىرىدە ئىشتان ئىچىدىكى ناشايان بايانلار كۆپرەك، بۇ تۈردىكى مەزمۇنلارنى ياقتۇرمايدىغان تورداشلار ئەسكەرتىشنى كۆرۈپلا داۋامىنى ئوقۇمايلا چىقىپ كىتىشىنى سورايمەن. ئوقۇيدىغاننى ئوقۇپ بۇلۇپ، ئاندىن قوپاپ «نۇمۇسسىزلار،ئۇ بۇ... مىللىتىمىز مۇشۇنداق بولۇپ كىتىۋاتىدۇ ئاھ...پاھ....» دىگەندەك تۇزسىز گەپلەرنى قىلىپ يۈرسەڭلەر نامەرتلىك بولىدۇ.
«مۇدىر مېنى ئىزدەپ.......؟»مۇدىر قولىنى شىلتىپ گېپىمنى ئۈزۈپلا: «باشقا ئىش يوق، پاراڭلىشايلى دەپ چاقىردىم شۇ، يولداشلار ئارىسىدا ئانچە -مۇنچە سۈركۈلۈشلەر بولۇپ تۇردۇ، ئىچىمىزگە ئېلىپ كەتمەيلى،ئۆتۈپ كەتكەن ئىش ئۆتۈپ كەتسۇن، كېيىن يەنە دوست بولۇپ ئۆتۈمىز ئەمەسمۇ، ماقۇلمۇ؟» يۈرۈگۈمدىكى تاش پوكلا يەرگە چۈشتى. ئاناڭنى،قورقۇتۇپ ئۆلتۈرەمسەنۋا ئاكاڭنى ، تىللىدىم ئىچىمدە. «بولدۇ،بولدۇ،مەن چۈشەندىم»توختىماي باش لېڭشىتتىم. «چۈشەنگەن بولساڭ ياخشى، باشقا ئىش يوق ئەمسە، ئۇردىغان تېلفۇنۇم بار ئىدى» دىگىنىچە يانچۇغىدىن يانفۇننى ئېلىپ چىقتى. ھەقاچان ھېلىقى پاھىشەگە تىلفۇن قىلدۇ بۇ. «بولدۇ ئەمسە ، باشقا ئىش بولمىسا مەن چىقاي» دىگىنىمچە ئورنۇمدىن قوزغالدىم. مۇدىر نۇمۇر بېسىۋاتقاچ «بولدۇ،بولدۇ،كېيىن ۋاقتىڭ يەتسە دائىم كىلىپ ئويناپ كەت.» بۇنى ئاڭلاپ قېتىپ قالدىم: «ۋاقتىڭ بولسا كەل، كېين نەرگىلا بارساڭ كىلىپ ئۇيناپ كىتىشىڭنى قارشى ئالمىز».
ياق..بۇ گەپ باشقىچىلىغۇ؟ «مۇدىر،بۇ دىگىنىڭىز؟» مۇدىر بېشىنى كۈتۈرۈپ: «ھە راست، ساڭغا تېخى ئوختۇرۇش قىلمىدىما؟ ئەتىدىن باشلاپ خىزمەتكە كەلمىسەڭمۇ بولدۇ. نازارەت مەمۇرى باشقۇرۇن تۈزۈمىنى ئىسلاھات قىلىپ ، ئادەم سانىنى قىسقارتىپ تەشكىلنىڭ يىغىنچاق بولۇش، بىرلەشتۈرۈش، يۇقىرى ئۈنۈمدە بولۇش دەپ ئۈچ چوڭ پىرىنسىپنى ئىجرا قىلىپ، بىكارچى خىزمەتچى خادىملار كۆپلەپ قىسقارتىلدى. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ ياخشى ئىش. ئىدارىدە بىكار قالغان يولداشلارنى سىرتتىكى كەڭ دۇنياغا قويۇپ چېنىقتۇرۇش،». يۈزلىرىم بارغانسېرى ئاقىرىپ كەتتى. «نازارەت خىزمەت ئىشخانىسى ئەتىگەندە سېنىڭ ئارخېۋىڭنى رايۇنلۇق ئىختىساسلىقلار خىزمەت كۈتۈش مەركىزىگە يوللاپ بولدى. بۇ ئايلىق مۇئاشىڭ تولۇق، ۋاقتى كەلگەندە بانكا كارتىسىدىن ئېلىۋال. يۇقىرى ئۈنۈم پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن سېنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلىشنىڭ بارلىق رەسمىيەتلىرىنى تىز ھەم ئاددى ئېلىپ بېرىلدى،ھېلى ئىشىخانا ئاچقۇچۇڭنى ماڭغا تاپشۇرسەن ئىشىڭ تۈگەيدۇ، ئەتىدىن باشلاپ كەلمىسەڭمۇ بولدۇ.ئەلىۋەتتە خىزمىتىمىزگە تەسىر يەتمىگەن ئاساسدا كىلىپ كۆرۈپ كەتسەڭ بۇلىدۇ». پۇتۇن بۈلۈمدە 7،8 يىلدىن بۇيان ھەقىقى خىزمەت قىلدىغان ئادەم مەن، تېخى مېنى تېپېپ چىقىرۋېتىپتۇ ھە! ھېچ ئىش بولمىغاندەك سوزلەيدۇ تېخى. ئازراق ئۈمۈد باغلاپ ئۈستەل كەينىگە بېرىپ، مۇدىرنىڭ قولىنى تۇتىۋالدىم. كالپۈكلىرىم تىتىرەپ، تىزلانغىلى تاس قالدىم . «مۇدىر،مېنى ئىشتىن بۇشىتىۋەتساڭلار بولمايدۇ، خوتۇنۇممۇ شاگاڭ بولۇشقا ئاز قالدى، ئۇينىڭ تورمۇشى ماڭغىلا قاراشلىق قالدى،تۈنۈگۈم مەن خاتا قىپتىمەن، مەن خاتالىشىپتىمەن مۇدىر~~~~~»يىغلىۋەتكىلى ئاز قالدىم. مۇدىرنىڭ چىرايى تۇتۇلدى . «ھوي، دىدىمغۇ تۈنوگۈنكى ئىشنى دىيىشمەيمىز دەپ ،يەنە تەگەيسەنغۇ، بۇ ئىش ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز. » چىرايىنى يەنە قايتىدىم ئىللىقلاشتۇرۇپ «بۇ نازارەتنىڭ قارارى، بىرنىڭمۇ ئامالىمىز يوق، ئسلاھات بولغاندىكىن بەدەل تۆلەشكە توغرا كىلدۇ، بۇ ئىشنىڭ بىجىردىغان رەسمىيەتلىرى بىجىرىلىپ بولغان ئەمدى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ».
تەل تۈكۈس ئۈمۈدسىزلەندىم ،ئالىمنىڭ قۇلىنى چىڭ سىقىمداپ كۆزلىرىمنى قىزارتىپ تۇرۇپ : «مېنى بۇنداق قىستىما،سەن تۈنۈگۈن قىلغان ئەتكەنلىرىڭنى يەنە يۇشارغىڭ بارما؟» مۇدىر سالماقلىق بىلەن ماڭغا قاراپ : «يولداش، ئوزەڭنى بېسىۋال،مەن ھازىر بىر ۋاقىرسام ئامانلىق ساقلاش بۆلۈمىدىكىلەر شۇ ھامان ئادەملىرىنى باشلاپ كىلىدۇ، تۈنۈگۈنكى ئىشقا كەلسەك سەن مەس بولۇپ كېتىپسەن، مەسلىكتىن پايدىلىنىپ زولفېرە گە چېقىلماقچى بولدۇڭ، ھېلىمۇ مەن دەل ۋاقتىدا كىلىپ قاپتىمەن زولفېرەنى قۇتقۇزۇپ قالدىم، لېكىن سېنىڭ ساراڭدەك دومبالىشىڭغا ئۇچۇردۇم. ئەتىگەن دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا بەدىنىمنىڭ كۆپ يېرى يارلىنىپتۇ، سېنى ئەرز قىلدىغان بولسام زولفېرەنى بوزەك قىلغىنىڭنى دىمىسەممۇ يېرىم ئاي قاماقتا ياتىسەن . لېكىن مەن يۇلداشلارغا ئەزەلدىن كەڭ قۇرساق، شۇڭا سېنى ئەرىز قىلماستىن سىرت زولفېرەگىمۇ خىزمەت ئىشلەپ سېنى ئەرز قىلمايدىغان بولدى. راستنىلا بۇ ئىشلارنى يايىمەن دىسەڭ زىيان تارتىدىغان ئۆزەڭ. قارا بۇ ئىشمۇ نازارەتنىڭ ئادەم قىسقارتىش قارارىغا توغرا كىلىپ قاپتۇ، ھەممىمىزگە ياخشى ئىش، بولمىسا زولفېرەنى كۆرۈپ يۈزۈڭنى كۈتۈرەلمەي يۈرمە يەنە» .
گەپ قىلمىدىم ،يانفۇننى ئېلىپ زۇلفېرەگە ئۇردۇم،يەنىلا ئىتىك. «ھە،زولفېرەنى ئوقۇشقا ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلمىساڭمۇ بولدۇ، سېنىڭ كەچۈرۈم سورىشىڭنى مەن ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ قويمەن،خاتىرجەم بول.» مېڭەم قۇپ قۇرۇق، ئالامەت زەھەركەن بۇ، مېنى تەتۈر چىشلىۋالدى، ھەرخىل يوللارنى تەييارلاپ قويۇپتۇ، زولفېرەنىمۇ ۋاقتىنچە كۆزدىن غاييىپ قىپتۇ. قانداق قورققۇزغاندۇ ئۇ قىزنى. بۇ قېتىم رەسمىلا تۈگۈشۈپتىمەن. تۈگىدى، ھەممىسى تۈگۈدى، مەن ھاڭۋېقىپ جايىمدا تۇرۇپ قالدىم، كاللام 4 تۈمەن ھەرىنى بېقىۋالغاندەك ۋوڭۇلداپ كەتتى. «باشقا ئىش يوق بولسا خوش ئەمسە» ئالىم ئورنىدىن تۇردى. بۇ خام سېمىزنى چىشلەپ ئۆلتۈرۋەتكىم كەلدى. ھېچ ئامالىم يوق مېنىڭ. يېرىم ئۆلۈك بۇلۇپ قالغان ھالدا ئىشخانامغا بېرىپ نەرسىلىرىمنى يىغۇشتۇردۇم، ھاڭۋېقىپ مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا ئاچقۇچنى قايتۇرغىلى يەنە كىردىم، ئاچقۇچ سالغۇچدىن ئاچغۇچنى چىقىرىشتا بەك كۈچەپ كېتىپ بارمىغىم قاناپ كەتتى، لېكىن ئاغرىقنى سەزمىدىم، ئاچقۇچنى بېرىپ بۇلۇپ ئاران تەستە قەدىمىمنى يوتكەپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. بۇ ئۆچۈمنى ئالمىسام ئەركەك ئەمەس مەن دىگەننى ئىچىمگە پۈكتۈم. ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ بۇلۇپ بىرنەرسە خىيالىمغا كىلىپ قالدىدە ئۇچقاندەك ئالىمنىڭ ئالدىغا يېنىپ كەلدىم، ئۇ دەرو چۈچۈپ كېتىپ : « سەن،سەن نىمە قىلماقچى،ئوزەڭنى بېسىۋال،سېنىڭ خوتۇن بالاڭ بار». سوغاققىنە كۈلۈپ قويدۇم «قوقما،ھېچ ئىش يوق، ساڭغا بەزى ئىشلاردىن ئەسكەرتىش بېرىپ قوياي دىدىم». «نىمە ئىشلا؟» «ئاڭلاشلارغا قارغاندا ھېلىقى ئۈچ خىل ئىنگىلىس تىلى ئۇقىدىغان ئاسپىرانت پاھىشە يېقىندا ئەيدىس بولۇپ قالغانلىقى ئېنىقلىنىپ چىقىپتۇ.» ئالىم ئەزەلدىن پەلەي كىيىپ ھەپىلىشىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، بۇ ئۇنۇڭ تۇرمۇشقا چوڭقۇر سېڭىپ كىرىش خىزمەت ئۇسولى. بۇنى ئاڭلاپ چىرايىنى ئوزگەرتمەي تۇرۇپ ماڭغا تېكىلىپ : «دولقۇن، مەنمۇ ساڭغا بىر ئىشتىن ئەسكەرتىش بېرىپ قوياي، بۇ ئىش سەن بىلەن بەكلا مۇناسىۋەتلىك....» ئۇنىڭمۇ دەيدىغان تەپسىلاتى بارمىكەن؟؟؟ ئالىم يېقىن كېلىپ، ھازىر چاشقاندىن بىرنى يەۋەتكەندەك ئېغىز پۇراقلىرى بىلەن قۇلۇقۇم تۈۋىدە پىچىرلىدى : «زولفېرەنىڭ مەيدىسى چوڭ بۇلۇپلا قالماستىن ئىلاستىكىلىگىدىن گەپ يۇق، ئۇنىڭ سول كوكسىسىدە كىشىنى مەپنۇن قىلدىغان بىر دانە مەڭ بار،سەن سولتەك كۈن بۇيى ئۇنى خىيال قىلغىنىڭ بىلەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈپ باقمىغانسەن. ئۇ كۈنى زولفېرە نىمە ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ ئۇقامسەن؟ سەۋەبى مېنىڭ بىلەن بۇرۇنلا ھەپىلىشىپ بولغان، پەقەن سەن نەق مەيداندا تۇرغانكىن ئوڭايسىزلاندى خالاس، شوڭا سېنى قۇتقۇزغىن دەپ تۇرۋالدى. زولفېرە ئەمەس،سەن ھەقىقى دوت.» نىمە؟ زولفېرە؟؟؟ ئالىم؟؟ مەن.... پۈتۈنلەي،تەل تۈكۈس ۋەيران بولدۇم..........
روھىم چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ئىدارىدىن چىقىپ كەتتىم، نەگە بېرىشىمنى بىلمىدىم. بۇرۇن ئىدارىدە ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ ئىشلەپ يۈرگەندە، ئىدارىنىڭ چىرىك، پاسسىپ، ئىچ پۇشۇردىغان ھالىتدىن خۇيمۇ زېرىكىپ شۇ ھامانلا خىزمەتتىن ئىستىبا بەرگۈم كېلەتتى. لېكىن بۈگۈن ئىدىرادىن تېپېپ چىقىرۋەتكەنتى بىردىنلا ئوستىخانلىرىمنى يۇلۇپ ئېلىپ بەدەنلىرىم قۇرۇق بولۇپ قالغاندەك بوپقالدى، ۋېلىسپىتنى مىنەلمىدىم، كۈچسىز ئىتتىرىپ ماڭدىم. ئىچىم كۆيۈپ ئاشقازاننى ئاچلىق تويغۇسى يىرتىپ تاشلىغۇدەك تويغۇدا بولدۇم. يول بويىدىكى قاتلىما نان ساتىدىغان يايما ئالدىدا توختاپ توت قاتلىما نان سېتىۋالدىمدە ئاغزىمغا بولۇشىغا تېقتىم ، ئېچىرقاپ قالغاندەك يوغان-يوغان چىشلەپ يەپكەتتىم. كۆز ياشلىرىم غەيرەتسىز ھالدا تاراملاپ ئېقىپ كەتتى. شۇنچە يىسەممۇ ئاچلىق ئاغرىق تۇيغۇسى يەنىلە يوقالمىدى. يەپ بولۇپ سەل ياخشى بولۇپ قالغاندەك بولدۇم. ئوغلۇمنى ئالغىلى بارىمەن تېخى، ساقلاپ قالمىسۇن. مەكتەپكە قاراپ ماڭدىم. ئوغلۇم يۇزلىرى تەرگە چومگەن، مەينەت ئاچچىقلانغان ھالدا پەيدا بولدى. ئۇنىڭغا قاراپ سەل جانلاندىم، نىمە دىگەن بىلەن بىر ئوغلۇم بار مېنىڭ بېلىمنى قويۋەتمەي داۋاملىق تىرىشىشىم كېرەكدە. قانداقلا بولمىسۇن ئەتىدىن باشلاپ يېڭى خىزمەت ئىزدەشكە كىرىشىمەن. يولدا ئوغلۇم بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، گەپكە سالدىم ئۇنى. «ئوغلۇم، مۇسابىقە قانداق بولدى؟» ئوغلۇم جاۋاپ بەرمىدى، ئۈچۈنچى قېتىم سورىغاندا: «ساڭغا دىسەممۇ بەربىر چۈشەنمەيسەن» دىدى تاقەتسىزلىنىپ. ئۆز ئۆزىگە گەپ قىلغاندەك قىلىپ «كېرەكسىز كاركەلمەس». بۇنى ئاڭلاپ ئاچچىغىمدا ئېتىلىپ كەتتىم «نىمە گەپ بۇ؟» دەپ ۋاقىردىم. «بىزنىڭ كوماندىدىكى باللارنىڭ داداسى كۆپۈنچىسى ماشىنا ھەيدەپ باللىرىنى ئالغىلى كىلدۇ ، ناچارلىرىمۇ موتۇسېكېلىت بىلەن كىلدۇ، سېنى بۇ قوتا ۋەلىسپېتىڭ بىلەن كەلدى دىمىسەم تېخى شۇنچە كېچىكىپ كىلەمسەن» باشقا گەپ قىلالمىدىم. يەنىلا بالىدە، بىردەملا بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتتى. «دادا،قىشلىق كانىكۇلدا مەكتەپتىن لاگىرغا ئۇيۇشتۇرۇپتۇ مەنمۇ بارمەن، 420 سوم تاپشۇردىكەنمىز، كىلەركى ئايلىق مۇئاشىڭ چىققاندا تاپشۇرۋەتكىن». « بولدۇ ئوغلۇم»دىدىميۇ يۈزلىرىم ياش بىلەن تولدى. ئۆيگە بېرىپ يۈزكۆز يۈيۈپ تاماققا تۇتۇش قىلدۇق. يولۋاس بۈگۈنكى كەچلىك تاماقنى خېلىلا مول قىپتۇ، ھەي كېيىن بۇنداق ياخشى كەچلىك تاماقنى يەنە يىيەلەيمەمۇ. تاماقتىن كېيىن يولۋاس يەنە تالىشىپ تۇرۇپ قاچا يۇدى. ھە قارغاندا بۈگۈن كەچتە ھۆكۈمەتكە يەنە ئاشلىق تاپشۇردىكەنمەندە. يولۋاس يىغۇشتۇردىغاننى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ ئوغلنى ئىت ئايلاندۇرۇشقا چىقىرۋېتىپ ئۆزى ياتاق ئۆيگە كىرىپ تەييار بولدى. ھېلىمۇ ياخشى ئۇ ئەتتىر سەپمەپتۇ.قارغاندا شىياگاڭ بولدۇم، ئېرىمنى جىقراق كۈتەي دەپ ئويلاپتۇدە بۇ، بۇنداق قىپكېتىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. قانداق تەسەللى بېرەي ئەمدى دەپ خىيال قىلۋاتسام يولۋاس ۋالاق - ۋۇلۇق ئۆزىنى پىياز پوستىنى سويغاندەك تىزدىن قىپ -يالاڭغاچ قېلىۋېتىپ كىلىپ مېنى قۇچاقلىۋالدى. «دولقۇن،كېلە، بوشلۇقتىن ماي بېرىشنى يەنە سىناپ كۆرەيلى ». توۋا، شىياگاڭنىڭ ئىشى بۇنىڭغا خېلىلا تەسىر قىپتۇ جۇما،كاللىسىدىن كېتىپتۇ.دەرھال چىرايىغا شاپىلاقتىن بىر نەچچىنى بوش ئۇرۇپ: «ئويغۇنىڭ خوتۇن ئويغۇنۇڭ، بىرەر ئىش بولۇپ قالمىغانسىز؟»دەپ سورىدىم : «ھا ھا ھا ھاھا مېنى ساراڭ بولۇپ قاپتۇ دەمسەن؟ ساراڭ بولساممۇ خوشاللىقىمدىن ساراڭ بۇلۇپ قالارمەن، بىلەمسەن؟ خىزمەت ئورنۇم ئۆستى،شىياگاڭ بۇلۇپلا قالماستىن كۈتۈۋېلىش بۈلۈمىگە يۇتكۈلۈپ كەتتىم. مۇئاشىم بىرھەسسە ئۆستى،ھا ھا، تېخى مېنى خىزمەت ئالاھىدىلىگىڭ يوق دەيدۇ، كىم بىلسۇن مېنىڭ ئالاھىدىلىگىمنىڭ تازا لازىملىق ئىكەنلىگىنى. نىمە،نىمىگە ھەيران بولۇپ قاراپ كەتتىڭ، سەنمۇ مېنىڭ ئالاھىدىلىگىمنى بايقىمىدىڭما؟» يولۋاسنىڭ ھازىرقى بۇ توبادەك تۇرقى بىلەن كارۋات ئىشى كۈتۈۋېلىشقا چىقسىمۇ قاملاشمايدۇدە ،يولۋاس پاقلا قىلىپ بېشىمغا بىر شاپىلاق ئۇرۇپ : «قالايمىقان ئويلاپ يۈرسەن ھە، كۈتۈۋېلىش بۈلۈمى دىسە باشقىچە چۈشەنمە، يۇقۇردىن كەلگەن رەھبەرلەرنى كۈتۈۋېلىش شۇنداقلا باشقا ئىدارە ئورگاندىن كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىش بۈلۈمى،كەلسە كەلمەس ئىش قىلغۇزمايدۇ. مېنى ئۇ ئۇرۇنغا يۆتكەشنىڭ ئىككى سەۋەبى بار. بىرىنچىدىن مەن دىگەن بىر ئايال كىشى». «ھە،بۇنىڭغا مەن ئىسپات بۇلالايمەن»دەپ بېشىمنى لېڭشىتتىم. يولۋاس شۇنداق بىر سەت ئالىيىۋەتتىغۇ قانچىلىق قۇرقۇنۇشلۇق ئىكەنلىگىنى مەنلا بىلىمەن. « تولا قۇشۇق سالمىغىنە گىپىمگە، ئىككىنچىدىن ھاراقنى ئوبدان ئىچەلەيمەن» . بۇ دىگىنى ھەقىقەت، يولۋاسنىڭ ھاراق كۈتۈرۈشچانلىقى 30نەچچە يىل ھاراق زاۋۇتىدا ئىشلەردىغان دادىسىدىن مىراس قالغان،پىۋىنى ۋەھشى ئىچىپ قۇيدۇ، ئاقنى خېلىلا ئىچىدۇ،قاتار چايلاردا كەلگەن خوتۇنلارنىڭ ھەممىنى مەس قېلىۋېتىپ ئويۇنلىرىنى كۆردىغان يولۋاس بۇ. مېنىڭ ھاراق ئىچىشىم بۇنىڭغا تەڭ كىلىشى مۈمكىن ئەمەس. ھە، توغرا، ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىگى كۈتۈۋېلىش ئورنىغا شۇنداق ماس كېلىدىكەن، بۇرۇن ھەجەپ ئويلاشماپتۇق يا . «ھازىرلاردىن ئىدارىمىزدا ئىقتىساسلىق ئادەملەرنى تاللاپ ئۆستۈرشنى بەكلا تەكىتلەۋاتىدۇ ،ئىقتىدارىڭ بولسىلا كۆمۈلۈپ قالمايسەن. ئەتىگەندە ئىدارىگە ئۇختۇرۇش چاپلاپ قويۇپتىكەن، كىمنىڭ ئىقتىدارى بولسا دېرىكتور ئىشخانىسىغا بېرىپ ئوزەڭلارنى تونۇشتۇرۇڭلار دەپ. مەن چۈشتە بىر بوتولكا50گىرادۇسلىق بەيلىياڭ ھارىقىنى كۆتۈرۈپلا ئىشخانىغا كىردىم، دېرىكتورغا ئارتۇقمۇ گەپ قىلماي پوتولكىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ئۇنىڭغا پۇرۇتتۇمدە بىر يۇتۇمدا گۈلدۈرلەپ ئىچىۋەتتىم ،كەينىدىن قەد تۇرۇپ بىرچاڭ ئۇسۇل ئوينۇدۇم، بىرمۇنچە شېئىر دىىكلاماسىيە قىلىپ بەردىم ،سېرىق يۇمۇردىن بولۇشىغا دىدىمدە ' باشلىق، قانداق بۇ ئىقدىدارغا كىرەمدۇ؟ باشلىق پاچاقلىرىنى ئۇرۇپ خوشال بولۇپ ' دەھشەت ئىقدىداركەن، تالانت ئىگىسى كەنسىز، ھەجەپ ئۇزۇن مۇددەت كۈمۈلۈپ كېتىپسىز دىدى، چۈشتىن كېيىنلا ئوقتۇرۇش چىقىرىپ يوتكىۋەتتى، ھا ھا دەرىجەم ئۆستى،مۇئاشم بىر ھەسسىلىدى، ھا ھا ھا ھا» .... ئۇنىڭ يالاڭغاچ بولۇۋېلىپ بۇنداق خوشال بۇلۇپ كەتكىنى ھەجىۋى كۆرۈندى، دەرھال يوتقان بىلەن يېپىپ قويدۇم. ياخشى، ئۈيۈمىز ھالاكەتتىن قۇتۇلدى، مېنىڭ مۇئاشىم يوق بولغانتى،يولۋاسنىڭ مۇئاشى بىر ھەسسە ئۆسۈپتۇ، ئۇنىڭ مۇئاشى ئەزەلدىن مېنىڭكىدىن يۇقىرى ، ئەمدى بولغاندا ئۆيۈمىزنىڭ كىرىمى كەمىيىتىن سىرىت تېخى ئۆسۈپتۇ. ئەمدى غېمىممۇ قالمىدى، ئەتىدىن باشلاپ جەمىئەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ خىزمەت ئىزدەيمەن، بەلنى چىڭ باغلاپ چوڭ چوڭ ئىشلارغا تۇتۇش قىلمەن ، بىر نەتىجىگە ئېرىشمىسەم ھىساپ ئەمەس! بۇلارنى ئويلاپ بەكلا خوشال بولدۇم . «ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم، ئويدە ئىككىمىز تەڭلا شىياگاڭ بولۇپ كىتىشتىن بەكلە ئەنسىرگەن ئىدىم، كىلىڭە تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بىلەن بوشلۇقتا ماي بېرىشنى سىناپ باقايلى »دىگىنىمچە يولۋاسنىڭ يوتقۇنىغا ئۆمۈلەپ كىردىم. يولۋاس قولىنى بىر ئۇزۇتۇپ كاللامنى كارۋاتقا بېسىۋالدى .
«نىمە نىمە؟ توختىغىنە، ئىككىمىز تەڭلا شىياگاڭ؟ بۇ نىمە دىگىنىڭ؟؟»............
داۋامى بار... |
|