ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنىڭ كۆپ يەرلىرىدە ئىشتان ئىچىدىكى ناشايان بايانلار كۆپرەك، بۇ تۈردىكى مەزمۇنلارنى ياقتۇرمايدىغان تورداشلار ئەسكەرتىشنى كۆرۈپلا داۋامىنى ئوقۇمايلا چىقىپ كىتىشىنى سورايمەن. ئوقۇيدىغاننى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن قوپاپ «نۇمۇسسىزلار،ئۇ بۇ... مىللىتىمىز مۇشۇنداق بولۇپ كىتىۋاتىدۇ ئاھ...پاھ....» دىگەندەك تۇزسىز گەپلەرنى قىلىپ يۈرسەڭلەر نامەرتلىك بولىدۇ.
داۋامى...
يولۋاس بىلەن ھەپىلەشكەندە، «بوشلۇقتىن ماي بېرىش» تېخنىكىسىنى مەن ئۆتكەن ھەپتە ئىزدىنىش قانىلىنىڭ ' ئىنىرگىيە سەھىپىسى ' پىروگىراممىسىنى كۆرگەندە ئويلاپ تاپقان. ئۆتكەن قېتىم كارۋاتتا سىناق قىلىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن يولۋاس ھازىرغىچە خاپا ئىدى، مېنىڭ ئىجاتچانلىقىمنىڭ ئاجىزلىقىنى، ئىشلەتكەن ئۇسوللارنىڭ يېڭى ئەمەسلىگىنى سۆزلەپ قاخشايتتى. بۈگۈن نىمىلا بولمىسون بۇ موھىم سېستىمىلىق قۇرۇلۇش غەلبە بولۇش كېرەك! ھەممە ئەسۋاپلارنى تەييارلاپ تەق قىلدىم، كەچدىكى قورقۇنۇشلۇق ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئۇنتۇدۇم. خوتۇننىڭ بۇيرىقى ئاستىدا مەن دىگەن كارۋاتتىكى جەڭگىۋار ئەسكەر!
بىر مۇنچە قىيا -چىيا ھەپىلىشىش جەريانى.........ئوغلۇمنىڭ تېيلىغۇچى، كىرىسلوۋنىڭ قېلىن كورپىسى،كىچىك ئورۇندۇق دىگەندەك ھەر خىل ئەسۋاپلار....
لېكىن بۈگۈن يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ بولدۇق، كەچتىكى ئىشلار بەك تەسىر قىلىپ كەتتىمۇ قانداق، ئەسۋاپلارنىڭ ياردىمىدا ھەقىقى بىرلىشىشكە ئاز قالغاندا تەڭپوڭلىغىمىزنى يوقۇتۇپ بىراقلا ئوڭدىسىغا يىقىلىپ چۈشتۇق. يولۋاس بىلەن ئىككىمىز ئىغىر دەرىجىدە كارۋات يېنىدىكى ئىشكاپقا بىچارە ئەزالارنى ئورىۋالدۇق. (قانداقسىگە بۇ يەردە تىگىپ يۈردىغاندۇ ،ئويلاپ يەتكۈسىز ئىشدە بۇ...)
نىمىشكە؟؟ (ئازاپلىق ھالدا تەڭرىگە قاراپ تۇرۇپ)
نىمىشكە؟؟(ئاۋازلار ئېچىنىشلىق ھالدا سوراپ) نىمىشكە مەنلا ئازاپ ئوقۇبەتكە يولۇقىمەن؟ ھوشىمىزنى يىغىپ ئۇي ئىچىگە قارساق ھەرخىل ئەسۋاپلار بىز بىلەن تەڭ ھەر تەرەپكە ئۇچۈپ كېتىپتۇ.
ھەي....يەنە مەغلۇپ بولدۇم، بۇ قېتىم يولۋاس مېنى قانداقمۇ تىللاپ كېتەرھە،...ھوي؟ يولۋاسى ھېچنىمە دىمىدى، بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئىپادىسى بەكلا غەلىتە. بۇرۇن كارۋات ئىشى قىلىش جەرياندا بۇنداق ئۈچۈنچى دەرىجىلىك قۇرۇلۇش خاتالىغى ئۆتكۈزۈپ سالسام يولۋاس شامدىن بىرنى يېقىپ كىچىك قورسىقىمغا 36 تامچە قىززىق شام تامچىسىنى تېمېتىپ قوياتتى. ئەمما بۇ قېتىم ئۆزىمۇ قاتتىق يىقىلغان بولسىمۇ ئاغرىققا چىداپ، ماڭغا كۆڭۈل بېرۋاتىدۇيا.....
.«دولقۇم،ئاغرىدىمۇ؟» بۇ گىپىدىن ھودۇقۇپ كەتتىم.
«ياق،ياق ئاغرىمىدى»راستلا ئاغرىمىغانتى، ئۇزۇن يىللىق تۆمۈر كالتەك گومپىسىنى بىكارغا مەشىق قىلمىغان مەن. يولۋاس مەندىن ھال سوراپ بولۇپ،ئۆمۈلەپ ئاران تۇرۇپ ھاراق يىشىدىغان سۇيۇقئاش قىلىپ بېرمەن دەپ تەمشىلۋىدى دەرھال ئۇنى توسىۋالدىم، يۆلەپ كارۋاتقا چىقىرىپ ئوبدان ياتقۇزۇپ قويدۇم، ئىسسىق لۈڭگىنى ئېلىپ كېلىپ بىچارە جايىغا يېپىپ قويدۇم. ھېلىمۇ ياخشى قان ئۇيۇشۇپ قالماپتۇ. يولۋاس تەسىرلەنگەندەك بولۇپ قولۇمنى چىڭ سىقىپ «دولقۇن، سەن،سەن بەك ياخشىكەنسەن،بۇرۇن ئادەم ئەمەسكەنمەن ھايۋانكەنمەن، كۆزۈم قارغۇكەن مېنىڭ.» دەرھال تېلفۇننى ئېلىپ 120 گە تېلفۇن قىلىشقا تەمشەلدىم، قارغاندا ئۇنىڭ كاللىسى قاتتىق تىگىپتۇ. يولۋاس تېلفۇننى بېسىۋېتىپ 49مىنۇت چىلاپ قويغان تەييار چۆپتەك يۇمرانلىشىپ مۇلايىملىشىپ كەتتى.
«خوتۇن، سىز نىمە دىگەن بىلەن مېنى ياخشى كۆرسىز شۇنداقمۇ؟»كۆڭلۈم خۇدۇكسىلىنىپ كەتتى...
«سىز،سىز نىمە بولدىڭىز جېنىم، ئەيدىز بولۇپ قالدىڭىزما؟»
«ئاغزىڭنى يىرتىۋېتىمەن!!»دەپ ئەسەبىلەرچە ۋاقىردى يولۋاس، قۇرققۇنۇمدىن كارۋاتتىن چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالدىم. ھە، مانا ئەمدى ئەسلىگە كەلدى بۇ يولۋاس.
«مەن ھەرگىز ئۇنداق كىسەلگە گىرىپتار بولمايمەن!»يولۋاس ئۆزىنىڭ ئەسلى ئەلپازىغا قايتىپ كەلگىنىنى سېزىپ يەنە قايتىدىن مۇلايىم بۇلۇۋېلىشدىن خېجىل بولدى بولغاي قاملاشتۇرالمىدى. ئۇ ۋاقىراپ سوزلىسە ئاندىن كۆنەلەيدىكەنمەن. «ھو،ئۇستىخىنى يوق پەس!»دەپ تىللىدىم ئوزەمنى ئىچىمدە.
«ئەمسە سىز؟»
«مەن،مەن خىزمەتتىن توختۇلۇپ شاگاڭ بولدۇم.»يولۋاس بۇ سۆزنى دەپ بولۇپ، ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك كۆزلىرىنى يۇمۇپ كارۋاتقا ئۆزىنى ئاتتى ماڭغا قارمىدى. لېكىن ئۇنىڭ مەيدىسنىڭ ئىگىز پەس بولۇپ نەپىسى جىددىلىشىپ مېنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىمنى ساقلاپ تۇرغىنى ئېنىق.
يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ ئىدارىسى ھەسسىدارلىق شىركەت قىلىپ ئۆزگەرتىشنىڭ پاراڭلىرى بولغان، يولۋاس پىسەنت قىلمىغان ئىدى، ئۇزۇن يىللىق ئىدارە،ئۆزگەرتىمىز دىسىلا ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ. راستىنلا ئۆزگىرەپتىكەن مانا يولۋاس گاڭگىراپ قاپتۇ. بۇرۇنقى ئىدارە باشلىقى ھازىرقى شىركەت مۇدىرى. گەرچە ئەسكەرلەرنى يىتەكلىگەن يەنە بۇرۇنقى بىرقانچە رەھبەرلەر بولسىمۇ لىكېن بۇرۇن بېقىپ يۈرگەن بىكارچىلار دولەتنىڭكىنى يەيتى، ھازىر يەنە بېقىپ يۈرسە شىركەتنىڭكىنى يەنى ئۆزنىڭكىنى يەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن يولۋاسقا ئوخشاش ھېچقانداق تېخنىكا ئالاھىدىلىگى يوقلار خەتەردە قالىدۇ. بۇ ئىش توغۇرلۇق بۇرۇنمۇ ئۇنىڭغا ئەسكەرتكەن، ئانچە - مۇنچە كۈچ مادار بار ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ تېخنىكا ئىگەللە دەپ، ئاڭلامدىغان ھازىر كىچىكتى.
ھەي...يولۋاسلا ئەمەس مەنمۇ كىچىكتىمغۇ. خەتەرنى بايقاش بىر مەسىلە، جۈرئەتكە كىلىپ خەتەر بىلەن ئېلىشىش باشقا بىر ئىش .بېشىم ئىششىپ قاتماللىشىپ كەتتى. ئىشنىڭ يامىنى يۈز بەردى، مېنىڭ خىزمىتىمنىڭ ساقلاپ قېلىش-قالماسلىقىغا بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ، يولۋاسنىڭ خىزمىتىمۇ يوق بوپتۇ. كىيىن بالا قانداق قىلار؟ ھېلىمۇ ياخشى ئۆينى سېتىۋاپتىكەنمىز. پەقەت بولمىسا كېيىن بىز بىر ئۆيلۈك بىر ئېغىز، قالغان ئىككى ئېغىزنى ئىجارىگە بېرۋېتەيلىمۇيا؟ بۇ ئوننەچچە يىلدىن ياقى ئىدارىنىڭ تەمىناتى ۋە بۇ ئون نەچچە يىللىق بىغەم تورمۇش ئەسلىدە كۆرگىلى بولمايدىغان غايەت زور قايچىكەن، قانات قېقىپ ئۇچۇشقا تىگىشلىك قانىتىمنى ئۈنتۈنسىز، ئاستا-ئاستا كىسىۋەتكىنىنى تۇيۇقسىز ھېس قىلدىم. مەن خۇددى بىر پارازىت قۇرۇتتەك ئىدارىنىڭ قورسىقىغا كىرۋېلىپ كۈن ئۆتكۈزۈپتىمەن. ئىدارىنىڭ قورسىقىنى پۈتۈن دۇنيا پۈتۈن جەمىئەت دەپ يۈرۈپتىمەن. ئەمما تالاغا تاشلىۋەتكەندىن كېيىن قۇرساقنىڭ سىرتى قانداق بىر بىپايان دۇنيا، چۈشەنگىلى بولمايدىغان ھەقىقىي دۇنيالىغىنى سەزدىم. شۇنىسى مىنىڭ سىرتقى دۇنيادا يىگانە ھايات كەچۈرۈش ئىقتىدارىم يوق. بالدۇرلا ئۆزەمنى نوقۇپ يۈرۈپ «ئەخمەق، ئوزەڭنىڭ قانىتى باردەپ خام خىيال قىلۋاتامسەن»دىگەننى سوراپ قويسام بوپتىكەن.
تازا خىيال قىلۋاتقاندا يولۋاس يىغلاپ تاشلىدى «مېنى ئەمدى ياراتمىساڭ، مەن بىلەن ئاجىرىشىمەن دىسەڭ سەندىن كۆرمەيمەن. سەن تازا قۇرامغا يەتكەن پىشقان ئەر،مەن سولاشقان گۈل بولدۇم، مەن بىلەن ئاجىرىشىپ باشقا كىچىك قىزلارنى تېپىۋال،مەن ساڭغا ماس كىلەلمەيمەن ئەمدى».
«نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭىز خوتون، شاگاڭ بولسىڭىز تېخى ياخشى،مەن سىزنى باقىمەن. بىزمۇ چەتئەللىكلەردىن ئۈگۈنۈپ باقايلى، كاپىتالىزىمنىڭ چىرىك تۇرمۇشىنى ئۆتۈپ باقمايلىمۇ، ئايال خەق ئۆيدە بالىغا قاراپ، ئەر سىرتتا پۇل تېپېپ دىگەندەك.» يولۋاس تەسىرلەنگىندىن قوينۇمغا ئېتىلىپ كىرىپ «ياخشى ئېرىم، ياخشى ئېرىم»دىگىنىچە يىغلاپ كۆزياش ماڭقىلار مەيدەمنى بىر ئالدى. قىززىق، يولۋاس يىغلىسا مەنمۇ بىئاراملىق ھېس قىلمەن لېكىن زولفېرەنىڭ كۆزيېشىغا ئازاپلانغانغا ئەسلا يەتمەيدۇ.نىمىشكە؟ كوكسى چوڭ بولسىلا كۆز يېشىنىڭ بىراۋنى ئازاپلاش ئىقتىدارى يۇقىرى؟ زولفېرەنى ئويلىساملا ئىچىمنى پۇشۇردىغان ئىشلار يەنە ئىسىمگە كەلدى. بۆلۇم باشلىقىنى ئۇرۇپ سالدىم، بۇ ئىشنىڭ قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كىلدىغانلىقىنى تېخى بىلمەيمەن، بىردىن بىر ئېنىقى بۇ ئىشنى قايتۇرۋالغىلى بولمايدۇ. ھەي.. يولۋاسقا دىمەي تۇراي كۆپ خىيالمۇ قىلىپ يۈرمەي، دۈشەنبە بولغاندا ھەممە ئىشلار ئايدىڭ بولدۇ. يولۋاسنى پەپىلەپ ئۇخلاتتىم..ئۆزەممۇ يېتپ كۆزۈمنى يۇمۇپ ياتتىم. ھە...تەقدىر مېنى نەلەرگە ئاپىرىپ تاشلا، بولدى خىيال قىلمايچۈ. زولفېرەنى خىيال قىلىشقا باشلىدىم.
گۈزەل كىلىشكەن بەدىنى، چوڭ مەيدىسى كۆزئالدىمدا ئۇياقتىن بۇياققا، ئۇياقتىن بۇياققا، ھەجەپ تۇتقىلى بولمىدىيا.....
چۈشۈمدىمۇ يارىماس بىرنىمە ئىكەنلىگىمنى سەزدىم، ھەر قانداق قىلىپمۇ زولفېرەنى تۇتالمىدىم. ئويغۇنۇپ قوپۇپ ئاچچىغىم كالدى. زولفېرەنىڭ نېرۋىسى چاتاقمۇ نىمە، ماڭغا بالىسىنى قوغدىغان بۆرىدەك مۇئامىلە قىلسا، مۇدىرغا قۇرقۇنچاق قويدەك مۇئامىلە قىلدۇيا. بولدى كۆپ ئويلىماي ئىشقىلىپ چۈشۈمدە زولفېرەنىڭ ساياھەت ئورنىنىڭ ھەممىسىنى زىيارەت قىلىپ بولدۇم، پايدا تاپتىم تېخى. ئەتىگىنى تۇرغاندا ئاخشامقى ئىشلار يەنە مەۋجۈت، ئوغلۇمنى مەكتەپكە ئاپىرىمەن تېخى. يولۋاس ئەتىگەنلىك چېيىنى ئىچىپ بولۇپ چىرايلىرىنى پۇرۇشتۇرۇپ كوتۇلدىغىنىچە ئىشقا ماڭدى. ئوغلۇمنىڭ مەكتىۋى ئىدارىغا باردىغان يولدا بالىنى مەكتەپكە ئاپىرىش ئەزەلدىن مېنىڭ خىزمىتىم.
ۋېلىسپىتنى ئېلىپ يولغا چىقتىم، ئوغلۇم بۈگۈن خوشال يولىدا ھەر نىمىلەرنى سوراپ ماڭدى، ھەي بالا دىگەن يەنە بالىدە، ئاپىسىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولسىمۇ سەزمەيدۇ. نۇرغۇن نەرسە سوراپ كەتسىمۇ تۈزۈك جاۋاپ بېرەلمىدىم.
«دادا، بىزنىڭ سىنىپ مەسئولىمىز دائىم مەن بىلەنلا قالدۇ، ھەيزە توختاش ۋاقتى بولۇپ قالدىمۇ نىمە؟»
«كىچىك بالا نىمىنى بىلدۇ،سىلەرنىڭ سىنىپ مەسئولىڭلار تېخى توي قىلمىغان،يېشى تېخى كىچىك!»
«ئۇنداق بولسا ئۇ قېرى قىزكەن،ئەركەكنى تولا ئويلاپ كاللىسىدىن كېتىپتۇ»«نەلەردىن ئاڭلاپ كەلدىڭ بۇ لاۋزا گەپلەرنى»«ساۋاقداشلىرىم شۇنداق دەيدۇ،سەن دىگنە شۇنداقمۇ؟»
«ئۇنداق ئەمەس، كىچىك بالا قالايمىقان سوزلىمەسلىگى كېرەك».
«ئەمسە سەن دەپباقە، دىنازاۋۇرلار نىمىشكە شۇنچە تېز يوقۇلىدۇ؟ بەدىنى بەك چوڭ بولۇپ بىللە بولالمىغىنىدىنمۇ؟ كىچىك دىنازاۋۇر پەيدا قىلالمىدى شۇنداقمۇ؟ شۇڭا ئۇلار قۇرۇپ كەتتى».
«بىلمەيمەن»دەپ جاۋاپ بەردىم ئاچچىقلاپ، نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.
«بىلمەيدىغىنىڭنى باشتىلا ئۇققان مەن»شا كىچىك مەنسىتمەي تۇرۇپ.
مەكتەپ ئالدىغا بارغاندا ئوغلۇم ۋەلىسپىتتىن چۈشىشىگە ئۇچۇرغان ساۋاغداشلىرى :
«بۇگۈنكى پۇتپول مۇسابىقىسىگە تەييارلىقىڭ پۈتتىمۇ؟»ئوغلۇم ھاياجان ئىچىدە:
«چاتاق يۇق،» دەپ جاۋاب بېرىپ بولۇپ ئوڭ قولىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ «چوچاقنىڭ كۈچى!!!» دەپ ۋاقىراپ كەتتى. ئەسلىدە ماڭاي دىگەن بۇنى ئاڭلاپلا كەينىمگە بۇرۇلدۇم قاپىغىمنى تۈرۈپ:
«ھەي!! كىم ئۈگەتتى ساڭغا بۇنداق دىيىشنى؟»دەپ ۋاقىردىم! ئوغلۇم پىسەنىت قىلماي :
«بۇنى مەن نەچچە كۈن ئاۋال ئىجاد قىلغان مەدەت بېرىشنىڭ مەخسۇس شۇئارى»دىگىنىچە مەغرۇرلىنىپ يۈگۈرگەن پېتى مەكتەپكە كىرىپ كەتتى. ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدىم جايىمدا. نىمىدىگەن مەغلۇپ بولغان دادا مەن ھە، ئوغلۇم يېڭى تۇغۇلغاندا مەنمۇ ھەممە دادىلاردەك خوشاللىققا چۈمگەن بولساممۇ، چەتئەلدە ئوقۇيدىغان ئوغلۇم ئۈچۈن كۆپ خىل تەربىلەش پىلانلىرىنى تۈزۈپ كەتكەن بولساممۇ، ئەمما ھازىر بارا بارا ئۇنى باشقۇرالمايدىغان بولۇپ قالدىم.
ئىدارىگە بېرىپ تېنىم شۈركۈنۈشكە باشلىدى. پاختىدەك دەسسەپ مۇدىر ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە ئىشىكنىڭ ئىتىكلىگىنى بايقىدىم. ئادەتتە ئۇ بىزدىن بالدۇر كىلدىغان، كىلىپلا ئىشخانا ئىشىگىنى سەل يۇچۇق قويۇپ ئېچىپ قوياتتى. ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئوچۇق قىلىپ، خىزمەتنى ئاشكارا قىلىش پىرىنسىپىنى قەتئى ئىجىرا قىلاتتى. ئىشخانامغا كىرىپ كۆمپيۇتېرنى ئېچىپ، ئۆتكەن ھەپتە يېزىپ ئاخىرلاشتۇرۇپ بولالماي تاشلاپ قويغان خۇلاسە دوكىلاتىنى ئاچتىم، ئەمما ھاڭۋېقىپ نىمە يېزىشىمنى بىلمىدىم، مېنى تېخىمۇ ساراسىمغا سالغىنى زولفېرە تېخى كەلمەپتۇ. پۈتۈن بىر ئەتىگەن ئوزەم يالغۇز قۇرۇق ئولتۇرۇپ چىقتىم، ھېچ ئىش قۇلۇمغا بارمىدى، قالايمىقان خىياللارنى قىلىپ ئوتكۈزدۈم. تۇرۇپ ساقچىلار تۇتۇپ ئەپكىتەرمۇ، تۇرۇپ ئامانلىق بۈلۈمىدىكىلەر ئەپ كېتەرمۇ، تۇرۇپ ئۆتكەن ھەپتە ئاخىردىكى ئىشلار چۈشۈمدەك ھېچ ئىش بولماي ئۆتۈپ كىتىدىغاندەك...ئەمما زولفېرە تېخچە كەلمىدى، غەلىتە ئىشقۇ بۇ يانفۇنىغا ئۇرسام ئىتىك. چۈش بولغاندا ئىشخانىدا تەييارلاپ قويغان تامىغىمنى يىدىم، يەنە شۇ تاقا - تۇقا خىياللار. بۈگۈن بىررەر ئىش بولمىسا ئەتە بولغاندا بۇ ئىش تېچ ئامان ئۈتۈپ كەتكۈدەك. مۇدىرمۇ ناچار ئىش قىلىپ قۇيغاندىكىن،مېنىڭ ئۇنى ئۇرۇشىم خاتا ئەمەس، راستىنلا مەن بىلەن تۇتۇشۇپ قالسا، يۇز بەرگەن ئىشلارنى ئىدارىگە ھەممىنى يېيىۋېتىمەن، ئۇ چاغدا ئىككىلىمىزگە ياخشى ئەمەس، ئۇ دىگەن رەھبەر، تارتىدىغان زىيان مەندىن چوڭ. يالاڭ ئاياق لايدىن قورقمايدۇ.
چۈشتىن كېتىن 5 بولاي دىگەندە ئاساسى جەھەتتىن خاتىرجەم ھالىتىگە كەلدىم،قارغاندا مۇدىرمۇ پايدا - زىياننى تولۇق ئويلۇشۇپ، بولدى قىپتۇ . . «ئوف....................» ئۇزۇن ئوف تارتىىم. ئىشتىن چۈشۈشكە يەنە يېرىم سائەت بار،خىزمىتىم ساقلىنىپ قاپتۇ.شۈكرى شۈكرى. دوكىلاتنى يېزىشقا باشلىدىم. بىر چاغدا سائەتكە قارسام 5دىن 26 ئۆتۈپتۇ. كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈپ نەرسىلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيگە قايتىشقا تەمشەلدىم. دەل شۇ چاغدا ئىشخانا تېلفۇنى جىرىڭلىدى.
«دولقۇن،،مەن ئالىم مۇدىر، ئىشخانامغا بىر كىرىپ - كېتە.»............
«ماقۇل»دەپ بولۇپ ھوشۇمنى يوقاتقان ھالدا لەيلەپ باردىم. ئىشىكنى چىكىپ كىرسەم مۇدىر بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي داۋاملىق جىددى خىزمەت قىلۋاتاتتى. .ئاۋاز چىقىرىشتىن قورقتۇم، ئولتۇرۇشقىمۇ پېتىنالمىدىم. ئېكران كەينىدىن مۇدىرنىڭ يېرىم پارچە چىرايىغا تەپسېلى سەپسالدىم.،ئۇنىڭ يۈزىدە ئورغان يارە يوق، مەن ئۇنىڭ دۈمبىسى ۋە قۇرسىقىغا ئۇرغان. مۇدىر شۇنچە دىققەت بىلەن كومپيۇتېرغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى، مېنىڭ كىرگىنىمنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا. قوللىرى بىلەن ئېڭەكلىرىنى سىلاپ نىمىلەرنىدۇر ئانازىل قىلىۋاتاتتى ياكى بولمىسا تورۇسغا قاراپ 10نەچچە سىكونۇت تىكىلىپ قالاتتى، ئاندىن تاق تاق قىلىپ مائوس بېسشنى داۋاملاشتۇراتتى. مۇدىرنىڭ مۇنداق دىققەت ئىتىبارى بىلەن خىزمەت قىلدىغىنىنى ئۇقماپتىمەن، ئۇنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ تەخسىكەشلىك قىلىپ بېرەر ئېغىز گەپ قىلىشتىن ياندىم، خىزمىتىگە دەخلى قىلىپ قويماي يەنە. شۇنىڭ بىلەن ھۆرمەت قىلىش ۋە خوشامەت قىلىش چىرايىمنى تىزدىن پەيدا قىلىپ بېلىمنى ئالدىغا سەل ئىگىپ، قولۇمنى ئىشتان سىزىقىغا تۈز قويۇپ،ئاغزىمنى يېرىم ئېچىپ مۇدىر ئۈچۈن قايىل بولغان، مەدىلىگەن ۋە چىن دىلىمدىن ئۇرغان چاۋاك بېرىشكە تەييار بولدۇم. ئادەتتە مۇدىر ياخشى ئامال تاپتىم دىگىنىدە باشقىلارنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.
10 مىنۇتچە ئۈتۈپ كەتتى،بەك جىددىلىشىپ كەتتىممۇ پۇتلۇرۇم ئۇيۇشۇپ كەتتى.
«ئاناڭنى!!!! ھو سولتەك!! نىمە دىگەن دۆت بۇ!!»دىگىنىچە مۇدىر قولىدىكى مائوسنى ئېتىپ ئاچچىقلاپ ۋاقىراپ كەتتى. بۇ ۋاقىرىشىدىن پۈتۇن بەدىنىمنى تىتىرەك بېسىپ كەتتى. نىمىگە بۇنداق تۇيۇقسىز ئاچچىغى كەلگىنىنى بىلمىدىم. مۇدىر ئېكرانغا قاراپ يەنە تىللاپ كەتتى.
«دوت شاۋچى، ئويۇن چۈش دىسەم چۈشمەيدۇ، قولىغا يەنە بىر مۇنچە نۇمۇر بېسىۋاپتۇ، چوشقىنىڭ ئۆزىغۇ بۇ!»
ئۇف،....مۇدىر ئەسلىدە توردا كورت ئويناۋېتىپتىكەن، قارغاندا ئۇنىڭ كەيپىياتى يامان ئەمەسدەك قىلدۇ. ئەستا، مۇدىر بىلەن توردا كورت ئوينىغان لاتا تازىمۇ دۆتكەن، ياخشى چۈشۈپ بەرگەن بولسا مۇدىرنىڭ كەيپىياتى تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى، تازا ئىشىمنى بۇزۇپ ، تىللىدىم ئىچىمدە.
مۇدىر بىرنەچچىنى تىللىۋېتىپ ،ئورۇندۇقنى سۈرۈپ كومپيۇتىرنى ئىتىۋەتتى، ئىشخاندا مۇدىرنىڭ ئېغىر نەپەس ئاۋازىلا قالدى. مۇدىر بىرئاز ئولتۇرۇپ
«دولقۇن، كەلدىڭما» كۈلۈمسىرگەن ھالداماڭغا قاراپ. ھاپىلا-شاپىلا باشلىرىمنى لېڭشىتىپ «ھەئە،كەلدىم»دەپ جاۋاپ بەردىم.
«تۈزۈت قىلما،كىلە،قېنى ئولتۇر»مۇدىرنىڭ مۇئامىلىسى ناھايىتى ياخشى. قايىل، ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم. رەھبەر دىگەن يەنە ئوخشىمايدىكەن،شۇنچە ئۇرۇپ كەتسەممۇ يەنە تېخې ماڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ سۆزلەيدۇيا، ھى ھى، ئۇنىڭ بىر تۇتام چېچى مېنىڭ قولۇمدا، مەن بىلەن يۈز ئورۈشسە ياخشى ئاقىۋەتكە قالمايدۇ. بۇلارنى ئويلاپ كوڭلۈم سەل توختىدى، كىرىسلوۋدا ئولتۇردۇم.
داۋامى بار........