بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۇنىۋېرسال >> ئۇنىۋېرسال سەھىپە >> سىڭلىم مېنى كەچۈرگىن

سىڭلىم مېنى كەچۈرگىن

يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-20 18:51:38    كۆرۈلۈش سانى : 95  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
روزاخۇن بوۋاي، ئاقساپ قالغان بىر پۇتىنى سۆرەپ، يەنە سىرىتقا ماڭدى. ئەختەم دادىسىنىڭ ئېگىلگەن بەستىگە، ئاقلىقتىن ئۆتۈپ، سارغىيىپ كەتكەن چىگىش ساقاللىرىغا، ۋاقىتسىز كەلگەن دەرت-ئەلەملەر چېھرىدە قالدۇرۇپ كەتكەن يول-يول قورۇقلارغا، ئۆچەي دەپ قالغان جىن چىراقتەك پىلدىرلاۋاتقان ئۈنسىز كۆزلىرىگە قاراپ، دېمىغى زىڭڭىدە ئېچىشتى-دە، تامغا قارىۋالدى. ئەگەر ئۇ شۇ تاپتا، ئورنىدىن تۇرالىسا، سۆزلىيەلىسە ئىدى، بىچارە دادىسىنىڭ ئالدىنى توسقان، دادىسىنى كۆرپىدە ياتقۇزۇپ قويۇپ، جىمى جاپا-مۇشەققەتنى ئۆزىلا تارتقان بولاتتى. ئەمما روزاخۇن ئائىلىسىگە كەلگەن دىشۋارچىلىقلار بىچارە بوۋاينى مەزگىلسىز قېرىتىۋەتتى. ئەختەمنى ئۆمۈرلۈك پالەچ قىلىپ، ياتقۇزۇپ قويدى. ئايدەك سىڭلىسى مېھرىگۈلچۇ؟ ئۇ ھازىر نەلەردە تىنەپ يۈرىدىغاندۇ؟ مانا كەتكىلى بىر يىل بولاي دېدى. ھېچ خەت خەۋىرى يوق. ئاھ!!خۇدا!! بۇ نېمە كۈنلەر؟!!! ئەختەم دادىسى كەتكەندىن كېيىن، ئۆپكىدەپ، ئۇزاق يىغلىدى.ئۇ يىغلىماي كىم يىغلىسۇن؟ بىچارە دادىسى شۇ تاپتا ئەختەم ئۈچۈن، شەھەرگە تىلەمچىلىك قىلغىلى كېتىپ بارىدۇ، ئەمما 27ياشقا كىرگەن بەردەم بىر يىگىت، قۇراق تەكىيگە باش قويۇپ، تاھارىتىنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ چىقالماي، بىر يېرى ئاغرىسا، ئاغرىدى دېيەلمەي، ھەتتا دادىسىغا ئىككى ئېغىز تەسەللى بېرەلمەي ھايۋاندەك يېتىۋېرىش ئۆلۈمدىن ئېغىر كەن ئەمەسمۇ؟ ئەختەم بېشىنى مىڭ تەستە رۇسلىدى، تورۇسقا قاراپ، جىممىدە خىيالغا كەتتى. بۇ بۇنىڭدىن 10ئاي بۇرۇنقى ئىشلار ئىدى. ئەختەمنىڭ ئانىسىنىڭ يىل نەزىرىسىنى بېرىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، روزاخۇننىڭ ئۆيىگە كەنىت سېكرىتارى كىرىپ كەلدى. ئۇ تەكەللۇپسىزلا سۇپىغا كېلىپ ئولتۇردى، ئاندىن يانچۇقىدىن مۇخوركىسىنى ئېلىپ، يۆگەپ تۇتاشتۇرۇپ، بىرنەچچىنى شورىدى. ئانغىچە روزاخۇن بوۋاي نېمىشقىكىن بىر ئېغىز زۇۋان سۈرمىدى. -ھە...! روزاخۇن، ساڭا دەيدىغان مۇنداق بىر گەپ بار. -دەپ گەپ باشلىدى، سېكرىتار گېلىنى قىرىۋەتكەندىن كېيىن، نەلەرگىدۇر قاراپ. -يۇقىرىدىن سىياسەت چۈشتى، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ھەققىدە شەنجاڭ يىغىن ئاچتى. بۇگەپلەرنى دېسەممۇ سەن داڭگال بېزىرىپ ئولتۇرىسەن، ھېچنىمىنى چۈشەنمەي. -سېكرىتار جىرتتىدە تۈكۈرۋەتكەندىن كېيىن، روزاخۇنغا قارىدى. -قىزىڭ مېھرىگۈلگە يۇقىرىدىن سان چۈشتى. ئۆگۈنلۈككە بوغجۇمىسىنى تۈگۈپ تەييارلاپ قوي. ئەتىگەندىلا يولغا چىقىدۇ. سېكرىتار ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلىۋىدى، روزاخۇن، داستىخانغا تۇتتى، ئەمما سېكرىتار يەنە بارىدىغان يېرىم بار. دەپ، ئۇنىمايلا چىقىپ كەتتى. سېكرىتارنىڭ گەپ-سۆزلىرىنىڭ تېگىگە يېتەلمىگەن روزاخۇن، تىڭىرقاپ قالغانىدى. يېزا ئېشىنچا ئەمگەك بىرنېمىسىنى بىرنېمە قىلىپ، دېھقاننىڭ بىرنېمىسىنى كۆپەيتىمىز دەيدۇ؟ مېھرىگۈلگە سان چۈشتى، ...ئۆگۈنلۈككە يولغا چىقىدۇ... بۇ ؟.... شۇ ئەسنادا ئۆزى بىلەن تەڭ يوغان بىر تاغاردا لىق ئوت كۆتۈرۈپ كىرگەن مېھرىگۈل، دادىسىنىڭ چىرايىدىكى غەشلىكنى سېزىپ، دەرھال بوۋاينىڭ يېنىغا كەلدى. -دادا، نېمە بولدۇڭ؟ چىرايىڭ بىرقىسمىلا تۇرىدىغۇ؟ -ھېچنېمە بولمىدىم بالام، -بوۋاي چىرايىنى قاچۇردى. بۇنى كۆرگەن مېھرىگۈل تېخىمۇ جىددىيلىشىپ قالدى. -ماڭا دېگىنە زادى نېمىش بولدى؟ -مېھرىگۈل دوستلىرى بىلەن ئوت ئېلىۋېتىپ، مەھەللىدىكى نامرات ئائىلىنىڭ قىزلىرىنى ئىچكىرىگە ئەكىرىپ، زاۋۇتلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن...دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىغانىدى. نەچچە كۈندىن بېرى ئۇ مۇشۇنداق بىر ئىشنىڭ يۈزبېرىشىدىن ئەنسىرەپلا يۈرگەنىدى. مانا ئەمدى، دادىسىنىڭ شۈمشىيىپ ئولتۇرىشىدىن، ئۇنىڭ كۆڭلى تۇيغاندەك، ئەنسىز بىر تۇيغۇ ئۇنىڭ پۈتۈن جىسمىغا يامرىماقتا ئىدى. -سېكىرتار كىرىپتىكەن، بالام. سان چۈشتى. ئۆگۈنلۈككە ماڭىدۇ. دەيدۇ. -بوۋاي مۈجمەللا جاۋاپ بەردى. -نېمە سانكەن؟ كىم ، نەگە ماڭىدىكەن؟ ئېنىقراق دېگىنە دادا. -شۇ... مەنمۇ بىلمىدىم بالام. شەنجاڭنىڭ سىياسىتى ئوخشايدۇ. -سىياسەتنى شەنجاڭ چىقامايدۇ، دادا. سېكرىتار يەنە نېمە دېدې؟ -ھېلىقى...-بوۋاي گەدىنىنى تاتىلىدى،- يېزاكۈچىنى سىرتقا چىقىرىپ، بىر نېمىنى كۆپەيتىمىز دەيدۇ. كىرىم دېگەندەك قىلغان راس.. -سەن نېمە دېدىڭ؟ -بىرنېمە دېمىدىم. ساڭا سان چۈشۈپتۇ. -دادا، بۇ مۇنداق ئىش. -مېھرىگۈل ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ، دادىسىغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. -نامرات ئائىلىلەردىكى بىكار كىشىلەرنى، بولۇپمۇ قىزلارنى، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئاپىرىپ، زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن، مائاش بەرگۈدەك. سېكرىتارنىڭ دېگىنى شۇ، دادا. مەن دوستلىرىمدىن ئاڭلىغان. -نېمە؟ ئىچكىرگە ئاپىرامدىكەن؟ -ھەئە دادا. -ئۇنداق بولسا سەن بارمايلا قوي قىزىم... كۇلى دېگەن ئۇ يەرگە كىرىپ كېتىپ، چىقالماي يۈرگەن سەندەلدەك يىگىتلەر كۈرمىڭ دەيدۇ. -مېنىڭمۇ بارغۇم يوق. دادا، سەندىن خوش بۇلاي، سېكرىتارغا دە، مېنى خەتلەپ بەرمىسۇن. -ماقۇل، ماقۇل، مەن ھازىرلا سېكرىتارنى ئىزدەي. بوۋاي كالىچىنى سۆرەپ چىقىپ كېتىپ، كەچتە روھى سۇلغۇن ھالدا، ھويلىغا كىرىپ كەلدى. بۇچاغدا مېھرىگۈل، مېزىلىك ئۈگرىنى ياغاچ ئاياقلارغا ئۇسۇپ قويۇپ، دادىسىنى ساقلاپ، پەش ئايۋاندا ئولتۇراتتى. دادىسىنىڭ خامۇش ھالىتىنى كۆرگەن مېھرىگۈلنىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى. -قانداق بولدى، دادا؟ -سېكرىتار ئۇنىمىدى قىزىم. بۇ سىياسەت دەيدۇ. -نەدە ئۇنداق سىياسەت بار دادا؟ -ئەمما قارىشى چىقساڭ، 3000كوي جەرىمانە تۆلەيسە. دەۋاتىدۇ. قانداقمۇ قىلارمەن قىزىم؟ -ئاكامغا خەۋەر قىلايلى، قايتىپ كەلسۇن. -توغرا، شۇنداق قىلايلى قىزىم. -دادا، قېنى ئاش ئىچ. سوۋۇپ قالدى. بۇكۈنلەردە، ئەختەم شەھەردە قۇرلۇشتا، دىلكارلىقتا ئىشلەيتتى. ئائىلىسىنىڭ ئېغىر ئىقتىسادى يۈكىنى زىممىسىگە ئالغان ئەختەم، تولىمۇ ۋاپادار، ئاق كۆڭۈل، مېھرىبان يىگىت ئىدى، گەرچە يېشى 25~26لەرگە بارغان بولسىمۇ، دادىسى ئۇنى ئۆيلەپ قويالمىغانىدى. روزاخۇن بىلەن مېھرىگۈل يېتىپ قېلىشتى. روزاخۇن ئۇزاققا بارماي، پۇشۇلداشقا باشلىغان بولسىمۇ، ھۇجرىسىدا، بېشىنى بېلەكلىرىگە قويۇپ، خيال سۈرۈپ ياتقان مېھرىگۈلنىڭ كۆزىگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندك قىلمايتتى. تىزراق تاڭ ئاتسا، شەھەرگە بارىدىغان بىرەر تونۇش بىلىشتىن خەۋەر ئېيتىپ بەرسە، ئاكىسى ئاڭلىغان ھامان، دەرھال قايتىپ كېلىدۇ-دە، بىچارە سىڭلىسىنى بۇ جۇدالىق بورىنىدىن ئامان-ئېسەن ساقلاپ قالىدۇ. ئەگەر ئاكىسى ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىسىچۇ؟ مېھرىگۈل ئۆلتۈرىۋەتسىمۇ، كۇلىغا بارمايدۇ. قېچىپ كېتىدۇ. رۇستەمگە دېسە، ئۇنى ئېلىپ قېچىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، يەنىلا ئامان قالىدۇ. رۇستەم! رۇستەم!.. پەرىشتىدەك يىگىت. مانا ئىككى يىل بولدى، مېنى دەپلا نى - نى كۈنلەرگە چىدىدى. ئانام ئاغرىپ، ئەھۋالى ناچارلىشىپ قالمىغان بولسا، سىزنى ساقلاتمايتتىم. دېدى، ئەمما مېھرىگۈلنىڭ ئانىسى، 6ئاي ئىغىر يېتىپ، ئالەمدىن ئۆتتى. ئانىسىنىڭ مۇسىبىتى بىلەن باغرى يارا مېھرىگۈلگە رۇستەم توي توغرىلىق بىرنېمە دېيەلمىدى. مېھرىگۈلنىڭ ئانىسى تۈگەپ يەتتە ئاي بولغاندا، رۇستەمنىڭ دادىسىنى ماشىنا سوقۇۋېتىپ، تۈگىدى. كەينى-كەينىدىن كەلگەن بۇ دىشۋارچىلىقلار تۈپەيلى، ئۇلارنىڭ تويى كەينىگە چېكىنىۋەردى. مانا ئەمدى، مۇسىبەتلەر بىرئاز ئۇنتۇلۇپ، كۆڭۈل ئارامىغا چۈشەي دېگەندە، بۇ بوران نەدىن چىقتى... ئاھ خۇدا! ناتىۋان بەندىلىرىڭنىڭ مۈشكۈلىنى زۇلفى-كامالىڭ بىلەن ئاسان قىلغايسەن... مېھرىگۈل مىژ-مىژ يىغلاپ، قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىنىمۇ سەزمىدى. ئەتىسى ئەتىگەندە، مېھرىگۈل دادىسىنىڭ ناشتىلىقىنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن، قوشنىسىنىڭ كونا ۋېلىسپىتىنى سوراپ، توپىلاڭ يېزايولىدا پىدالنى كۈچۈپ تېپىپ، ۇدۇل بېكەتكە كەلدى. تەلىيىگە ساۋاقدېشى خەمىت شەھەرگە(ناھىيە بازى) ماڭغانىدى. مېھرىگۈل ئۇنىڭغا كۆڭلىدىكىنى ئىيتتى. خەمىتمۇ ئەختەمنى ئىزدەپ تېپىپ، خەۋەر يەتكۈزۈپ قوويۇشقا خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى. كۆڭلى بىرئاز تىنغان مېھرىگۈل، قانداق تىز كەلگەن بولسا كەينىگىمۇ شۇنداق تىز ياندى. ئۇ ئۆيگە كەلگەندە روزاخۇن بوۋاي تېخى جاينامازدىن تۇرمىغانىدى. ئۇ ھۆپۈلدەپ تەرلەپ كەتكەن قىزىغا قاراپ، كۆڭلى بۇزۇلغان بولسىمۇ، ياش تۆكۈشتىن ئۆزىنى ئاران-ئاران تۇتىۋېلىپ، سورىدى. -قانداق قىزىم، خەۋەر بېرەلىدىڭمۇ؟ -بەردىم دادا، خەمىت مېڭىپتىكەن، شۇنىڭغا دەپ قويدۇم. -بوپتۇ قىزىم. مەن ھازىرلا كەنىتكە بېرىپ، سېكىلتار بىلەن كۆرۈشەي. -ماقۇل دادا. بالدۇرراق قايتىپ كېلىڭ. روزاخۇن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، مېھرىگۈل ۋېلىسپىتنى ياندۇرۇپ، كىرگەندىن كېيىن، تۆۋەنكى مەھەللىگە، رۇستەمنىڭ يېنىغا يۈرۈپ كەتتى. -نېمە؟! -مېھرىگۈلدىن ھەممە گەپنى ئاڭلىغان رۇستەم، داراڭڭىدە چۈشكىلى تاسلا قالغانىدى. دېمىسىمۇ، ئەمدى ئىشلار ئىزىغا چۈشۈپ، كۆڭۈل زېدىلەر قاقاچ باغلاپ تەييار بولغاندا، يەنە نېمە تارتقۇلۇق-بۇ؟ -مېھرى، يىغلىمىساڭچۇ، مەن بار، قورقما. ئەختەمكاممۇ كەچكىچى كېپ قالار، ئەگەر ئۇ كېلەلمىسە، مانا مەن بار. -رۇستەم، مەن بەك قورقىۋاتىمەن. يالغۇز دادامدىن، مېھرىبان ئاكامدىن، سىزدىن ئايرىلىپ، ياقا يۇتلاردا، يات مىللەت، يات خەقلەرنىڭ ئارىسىدا تىنەپ يۈرۈشۈمنى ئويلىسام، باغرىم قوقاسقا پۇچىلىغاندەك، تولغىنىپ كېتىۋاتىمەن. -مېھرىگۈل ئېسەدەپ، گەپ قىلالماي قالدى. -جېنىم مېھرى، خاتىرجەم بول. مەن نىمە قىلسام قىلىپ، سېنى ماڭغۇزمايمەن. جان بىر، قوۋۇرغا ئۇن سەككىز، سېنى كۇلىغا يولغاسېلىپ قويۇپ، بۇ يۇرتتا يۈزۈمنى نەگە قويىمەن. ساڭا قانداق چىدايمەن. -ئاچچىقتىن رۇستەمنىڭ چىرايى، سۈپسۈرلا بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ زاڭاقلىرىمۇ بىلىنەر، بىلىنمەس تىترەۋاتاتتى. مېھرى، ئورنۇڭدىن تۇر، -رۇستەم قىزنىڭ قولىنى تۇتماقچى بولدىيۇ، ھايا نەپسى يول قويمىدى. چۈنكى رۇستەم، مېھرىگۈلنىڭ ئاكىسى بىلەن كىچىكىدىن باشلاپ، موللامنىڭكىدە، ھەمساۋاق بۇرادەرلەردىن ئىدى. -مېھرىگۈل "نەگە؟" دېگەندەك رۇستەمگە تىكىلدى. -مەن سېنى باشلاپ، كەنىتكە بارىمەن. -نېمە قىلىسىز؟ -سېكرىتارغا دەيمەن. سېنى ئېۋەتمىسىمۇ، باشقىلار كۆپقۇ، يەنە كېلىپ، توي قىلمىغان بىر قىزنى غىچچىدە ئىمانسىز، خىتايلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئەكىرىپ قويسا قانداق بولىدۇ؟ بۇ ... بۇ مۇسۇلماندارچىلىققا يات ئىش... -توختاڭ رۇستەم، دادام بايا كەنىتكە كەتكەن، بىز بىللە بارساق...-مېھرىگۈل يەرگە قارىۋالدى. رۇستەممۇ قىززىغچىلىقتا، "خەقنىڭ ئاغزى" دەيدىغان، يالقۇنسىز ئوتنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ھېسقىلىپ، سەل ئويلىنىپ قالدى. -ئەمسە... زادى...، مېھرى، -رۇستەم، بىقۇۋۇللۇقتا جىددىيلىشىپ، دۇدۇقلاپ كەتكەنىدى. -توختا، ئەمىسە بىز ئالدى بىلەن، داداڭنىڭ خەۋىرىگە قاراپ باقايلى، ئاندىن ئەھۋالغا قاراپ بىر ئىش قىلارمىز. -ماقۇل. قىز ئۈمۈدلۈك كۆزلىرىنى رۇستەمگە تىكتى-دە، دەرھال يەرباقتى بولۇپ، ئاستا پىچىرلىدى. -رۇستەم، مەن سىزگە ئىشىنىمەن، مەن كۇلىغا بارمايمەن، مېنى چۇقۇم قۇتقۇزىۋېلىڭ. -خاتىرجەم بولغىن مېھرى. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچى، نىيىتىمىز ئاللاھقا ئايان، بىزنى تاريەردە قىستىمايدۇ. -ئەمسە مەن كېتەي، دادامنىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزگىلى ھېلى كېلىمەن. -بولدى، كېلىمەن، دەپ ئاۋارە بولما، سەل تۇرۇپ مەن روزاخۇن دادامنى يوقلىغاچ، سېنىڭكىگە بارىمەن. شۇچاغدا، دەرقەمتە ئولتۇرۇپ بىرنېمە دېيىشەيلى. -ماقۇل، ئەمسە چوقۇم بېرىڭ، سىز بولسىڭىزمۇ مېنىڭ يۈرىكىمنى پۈتۈن قىلىڭ... -ئاللاھ خالىسا... -خۇداغا ئامانەت. -خۇداغا ئامانەت. مېھرىگۈل قايتتى. رۇستەم بېشىنى چاڭگاللاپ، باغدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتتى. زادى نېمە قىلىش كېرەك؟ سېكرىتار دېگەن توڭگۇزنىڭ نېمە قىلغىنى بۇ؟ خەپ، جېنىم-تىنىمدىلا بولىدىكەن، مېھرىنى ھەرگىز ماڭغۇزمايمەن. كەنىت تەشكىلىنىڭ يېڭى بىناسى پۈتۈپ، ئەسلىھەلەر بىرقۇر يېڭىلانغاندىن كېيىن، يۇقىرىنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنىت كومتىتىدىكى بەزى خادىملار قىسقارتىلدى، بەزى خادىملار تولۇقلاندى، ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ياچىكا سېكرىتارى، تولۇق ھوقۇقلۇق يەرلىك ھۆكۈمرانغا ئايلاندى. بولۇپمۇ مۇشۇ ئاياغ يانتاق كەنتىنىڭ سېكرىتارى ھېۋىزۇللا يېزا بويىچە نامىبار مۇستەبىت ئىدى. ئۇ ئەزالارنى چىڭ تۇتاتتى، كەنىتنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى ئۆزى بىر قوللۇق باشقۇرۇپ، تەشكىللەپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، يېزا ۋە ناھىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ قۇلىقىنى تىنجى قىلغاچقا، ئۇنىڭ ھۆكۈمدارلىق ئورنى بارغانچە مۇستەھكەملەنسە، مۇستەھكەملەندى، بوشىمىدى. ئۇ كەنىت تەۋەسىدىكى، ئۇششاق-چۈشەك ئىشلارنى گەپ بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدىغىنىنى گەپ بىلەن، ئۇ بولمىسا تىل-دەشنام بىلەن، ئۇمۇ بولمىسا مىنبىڭلارنىڭ قولىدىكى ئالاكالتەك بىلەن كەنىتتىن چىقارمايلا ھەل قىلاتتى. سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئانچە-مۇنچە ئەرىز-شىكايەتلەرنىڭ ھىد-بۇسىنى بىلگەن ھامان، ئىشنى بېشىدىن ئوڭشايتتى-دە، يەنە ئەسكىسى، ئەرىزخۇرلار بۇلاتتى. كەنىت تەۋەسىدە، بۇنداق كۆرۈنمەس چوقاتماققا تولا ئۈسۈپ، قاڭشىرى يېغىر بولۇپ، ياغلىق قاپاققا ئايلىنىپ قالغانلار كۆپ بولغاچقا، كېيىنكى كۈنلەردە، بۇ كەنىت ناھىيە دەرىجىلىك تىنىچ-ئامان كەنىت بولۇپ، ھېۋزۇللانىڭ مائاشىغا 85يۈەن قېتىلدى. مەيلى پىلانلىق تۇغۇت بولسۇن، مەيلى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش بولسۇن، يۇقىرىنىڭ دېققەت ئېتىبارىنى ئەڭ تارتىدىغان ئىشلاردا، ھېۋىزۇللا تولىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن كەسكىن، قاتتىق قول سىياسەت يۈرگىزەتتى. مانا ھازىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار بەس-بەستە سەپەرۋەرلىك يېغىنى ئېچىپ، يېزا-كەنىتلەردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش ھەققىدە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ماتىرىيال، ھۆججەت ئوقۇۋاتىدۇ، ھەرخىل ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلىۋاتىدۇ. دېمەك بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىسە، چوقۇم كۆزگە كۆرۈنگىلى، باشقا كەنىتتىكى ھەقەمسايىلىرىنىڭ ئالدىدا، گېدىيىپ، يۈرگىلى بولىدۇ. ھەتتا مائاشىغا يەنە 50~60 كوي قېتىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا ئۇ دۈشەنبە كۈنى يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ئېچىلغان، مۇشۇ توغرىلىق يېغىندا، مەيدىسىگە مۇشىتلاپلا، مانا مەن 20ئەمگەك كۈچى تەشكىللەيمەن. يېزىنىڭ ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇندىشىغا راۋرۇس تۆھپە قوشىمەن، دەپ، سەكرەپلا چۈشتى. يېزا رەھبەرلىرىمۇ بۇ ئاپشاركىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يۈزىنى دائىم يورۇق قىلىدىغانلىقىنى بىردەم كۇسۇرلاشقاندىن كېيىن، باش لىڭشىتىپ، ماقۇللۇق بىلدۈرۈشتى. ھېۋزۇللا، بىركېچە ئويلاپ ئاخىرى 23نەپەر قىزنىڭ ئىسمىنى تىزىپ چىقتى. بەش مەھەللە، 274ئائىلىسى بار كەنىتكە نىسبەتەن 23دېگەن بۇسان ئانچە چوڭ ئەمەس، ئەلبەتتە. لېكىن مۇشۇلارنىمۇ، بۇگەپكە كۆندۈرمەك، ئاسانغا چۈشمەيدۇ. بۇنىڭمۇ ئامالى بار، يەنەكېلىپ، يۇقىرىنىڭ ھۆججىتى بار تۇرسا، بىرنېمە دەپ، غىڭشىسا، بۇرنىغا تىقىپ قويىدۇدە. مېھرىگۈلنىڭ ئىسمى، 3-ئورۇنغا يېزىلدى. 1-ئورۇنغا يېزىلغىنى، كەنىتمەسچىتىنىڭ ئىمامىنىڭ يالغۇز نەۋرىسى ، رىسالەت ئىدى. رىسالەت غۇنچە بوي، بوتا كۆز 18ياشقا ئەمدى كىرگەن، مەسۈم قىز ئىدى. ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ ئوغلى بىلەن كېلىنى كۇلىغا تىجارەت قىلىمىز، دەپ بىر كىرىپ كەتكەنچە مانا 15يىل بولدى، ھېچقانداق خەت-خەۋىرى بولمىدى. كۆڭلىگە رىسالەتنىڭ جىنى كىرىۋالغان ھېۋىزۇللا، ئۇيەر-بۇيەردە ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ، قانات سۆرەپ باققان بولسىمۇ، قىز قەتئى تۇتۇق بەرمىگەنىدى. مانا، ئەمدى بىرنېمە دېگىنىنى مەن بىر كۆرەي. قايىل بولمىسا ئەرىز قىلسۇن، ئەرىز قىلىپ،يەنە كېلىدۇ. 2-ئورۇنغا تىزىلغىنى، مېھرىگۈلنىڭ ساۋاقدېشى، 5-مەلىلىك ئايقىز ئىدى. ئۇمۇ ئەمدى20ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان، ئەمما بىر قېتىم توي قىلىپ، كېلىشەلمەي ئاجرىشىپ كەتكەن، ئىسمى ئايقىز بولغان بىلەن، ئۆزى ئانچە چىرايلىق بولمىغان ھوپ-ھوپ ئىدى. ئەمما ئۇ ھالىغا باقماي، ھېۋزۇللانىڭ بەزىبىر تەكلىپىنى رەت قىلدى، سىڭلىسىنى سوراپ قويسا نېمە بوپتۇ، بىرەر قېتىم كۆڭلىنى ئېچىپ قويسا نېمە بوپتۇ. ئەرگە تەگسىمۇ قىلىدىغىنى شۇ. تېخى ئۇنى سەت تىللاربىلەن ھاقارەتلىدى. بۇ بۇزۇقنىڭ ئەمدى كاپشىغىنىنى مەن بىر كۆرەي... ئەمدى مېھرىگۈلگەكەلسەك، بۇ جىنتەك، ھېۋزۇللانىڭ ئوغلىنى ياراتماي، رۇستەم دېگەن نەدىكى قوڭالتاق قارىمنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ يۈرىدۇ. كۆرىمىز، قېنى كىم يامان، كىم نوچى؟ تەڭرىنىڭ كۆرگىلى كۆزگە، ئىتكىلى قۇلاققا ھاجىتى يوق. مېنى چۇكۇلداتقانلارنى، مانا ئەمدى خۇدا ئۆزى چۇكۇلدىتىدۇ.... ھېۋزۇللا شۇنداق قىلىپ، بىركۈن زېرىكمەي پالاقلاپ، ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ، كەسكىن ئاھاڭدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ چىقتى. ئاندىن شۇ كۈنى كەچتىلا مىنبىڭلارنى يىغىپ، بىرمۇنچە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلغاندىن كېيىىن، ئۆيىگە قايتتى. ئەمما ئۇ ئەتىسى كەنىتكە كەلگەندە، كەنىتنىڭ ئالدىدا، ئون نەچچە ئادەم ئۇنى ساقلاپ تۇرغانىدى. ئۇلار "خۇدا ئۆزى چۇكۇكداتقانلار" ئىدى. -بولمايدۇ. -دەپ قولنى سىلكىدى، ئۇ قوپاللىق بىلەن، ئالدىدا چىشى يوق ئاغزىنى ماكىلدىتىپ، ساقاللىرىنى سەكرىتىپ تۇرۇپ سۆزلەۋەتقان ئىمام ئاخۇنۇمغا قاراپ، -دېدىمغۇ، بولمايدۇ. بۇ مېنىڭ قارارىم ئەمەس، گېپىڭلار بولسا يېزىلىق ھۆكۈمەتكە دەڭلار، ئەمما بېرىپ بولۇپ، يانىدىغىنىڭلارنى ئۇنۇتماڭلار-ھە! -ئوبدان سېكىلتار، ئكزلىرى بىلىلا، مەن يالغۇز، قېرى جېنىمغا ھەمراھ بولىدىغان شۇ بىرلا تەۋەرۈكۈم بار، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام، مەن ئۆلمەمدىمەن؟ -نېمە؟ -ھېۋىزۇللانىڭ گۈنسىز قوڭۇر كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كېتەيلا دېگەنىدى، -مەن سىلىنى ئۆلتۈرمەكچى بوپتىمەندە؟ ئاخۇنۇم، سىلىنى ئايىغاننى زادىلا بىلمىدىلە. سىلىەە دەپ قوياي، سىلىنى ئۆلسۇن دېگەن بولسام، ئۆيلىرىگە يىغىپ، ئوقۇتۇۋاتقان بالىلارنىڭ ئىسىملىكى بىلەن، سانىنى ساقچىغا دەپ قويسام، سىلىنىڭ ئىككى پۇتلىرى بىر ئۆتۈككە تىقىلىدۇ. ئەمما بىلسىلە، مەن بۇ دورەم سىلىگە، ئالەمچە ياخشىلىق قىلىۋاتىمەن. نەۋرىلىرى ئۇيەردە ئەرگە تېگىۋالمىسىلا، بىر يىلدىن كېيىن 15~20مىڭ كوينى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. شۇچاغدا بىلىپ قالىلا. -ئەمما سېكىلتار، قىزىم تېخى كىچىك، يەنە كېلىپ قىز بالا تۇرسا... -قىز بالا بولغاچقا، كېيىنلىكىنى ئويلاپ مۇشۇنداق قىلدۇق ئاخۇنۇم. ئويلاپ باقسىلا، سىلىنىڭ ياشلىرى بىريەرگە بېرىپ قالدى. كىچىكىنە قىز سىلىدىن قالسا قانداق قىلىدۇ؟ شۇڭا سىلى كۆپ غەم يېمەي، خۇداغا ئامانەت. دېسىلە. -ئەمما سېكىلتار... -ئا....ھاي....، ھېۋزۇللا قولىنى سىلكىدى. -نىمانداق غەرەز ئۇقمايدىغان قېرى ماۋۇ ؟ شۇچە ەەپ قىلىۋاتسام يەنە نېمە سېكىلتار-پېكىلتار . ئەگەر ئەۋەتمەيمەن دېسىلە، مانا ماۋۇ ۋىلايەتنىڭ ھۆججىتى. ھازىرلا بېرىپ، 3000مىڭ كوي ئەكەلسىلە. ئىش ئاسان. -ئۇ ئۈستەلدىكى قاچاندۇر بىرزاماندا تاشلىنىپ قالغان كونا بىر ھۆججەتنى قولىغا ئېلىپ، ئىمامنىڭ كۆزىگە تىققۇدەك بولۇپ، پۇلاڭلاتتى. -3000مىڭ كوي!!!؟ -بۇنچىۋالا پۇل مەندە نېمە قىلىدۇ دەيلا؟ -ئۇنى مەن بىلمەيمەن. ئۆيدە ئوقۇتقان بالىلارنى بىكارغا ئوقۇتۇۋاتقان ئوخشىماملا؟ -يوغسۇ...يوغسۇ...، مەن ھۆكۈمەتنىڭ توسقان ئىشىنى قىلغىنىم يوق. -نېمە تىنىۋالماقچىمۇ سىلى؟ مۇشۇ ياشلىرىدا يالغان گەپ قىلغىلى ئۇيالسىلىچۇ؟ ئېسىت، موللامنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما دېگەن راس گەپ ئوخشايدۇ. ئىمام سالپىيىپ چىقىپ كەتتى. ھېۋزۇللا باشقىلارنىمۇ سىياسەتنىڭ ھەرخىل گۈرزىلىرى بىلەن ئۇرۇپ، يۈرىكىنى مۇجۇپ، قويۇپ بەردى. روزاخۇنمۇ ئۆيگە بېشىنى ساڭگىلىتىپ قايتىپ كەلدى. بۇنى كۆرگەن مېھرىگۈل مىژژىدە يىغلىۋەتتى. چۈشتىن كېيىن، كەنىت تەشكىلىنىڭ كانىيىدىن چىقىۋاتقان ئىسىملارنىڭ ئىچىدە، روزاخۇننىڭمۇ ئىسمى بولغاچقا، ئۇ بىرەر خوشخەۋەر بولۇپ قالمىسۇن يەنە -دەپ ، پالاقلاپ كەنىتكە كەلدى. ھېۋزۇللا، ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، يەنىلا ئالدى بىلەن يۇمشاق، ئاندىن قاتتىق ۋاستە قوللانماقچى بولغانىدى. شۇڭا ئۇ 23 ئائىلىنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىنى يىغىپ، بۇ پائالىيەتكە سەپەرۋەر قىلماقچى بولدى. - يولداشلار! -دەپ باشلىدى ئۇ گېپىنىڭ بېشىنى. -دۆلەت نامراتلارغا ھەرخىل يوللار ئارقىلىق ياردەم بېرىۋاتىدۇ. ماناھازىر ****ئۆلكىسى بىزنىڭ ۋىلايىتىمىزنى يۆلەشكە مەسئۇل بولۇپ، يېزا-قىشلاقلاردىكى، كەنىت-مەھەللىلەردىكى بىكارچى، قىلىدىغان ئىشى يوق، ياكى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنالمايدىغان، بەزى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۆز تەۋەلىكلىرىدىكى كارخانا، زاۋۇت، فابرىكىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا يۇقىرى مائاش بېرىپ، بىزنىڭ كىرىمىزنى ئاشۇرىشىمىزغا ياردەم قىلماقچى بولىۋاتىدۇ. بىزنىڭ مەھەللىگە 23سان چۈشتى. بۇلارنىڭ ئىسمى تۆۋەندىكىچە. 1-رىسالەت كامال. 2-ئايقىز بەردى. 3-مېھرىگۈل روزى. 4-..... ... ھېۋزۇللا ئىسىملىكنى ئوقۇپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن، گېلىنى قىرىپ، تاشلىۋەتكەندىن كېيىىن، ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ، تاماكا ئوراپ، بىرنەچچىنى شورىۋالغاندىن كېيىن، ئىسىنى بۇرۇن، ئېغىزلىرىدىن تەڭ چىقىرىپ تۇرۇپ، گېپىنى داۋام قىلدى. -مۇشۇ قىزلار خۇدايىم بۇيرىسا ئەتە ئەتىگەن ناھىيىگە، ئەتە كەچتە ئۈرۈمچىگە يولغا چىقىدۇ. ئەمدى ھەرقايسىڭلارنى خوش بۇلامدىكىن دېسەم، ئەتىگەندە بىرنەچچىڭلار قارىشى قوپۇپ كەپسىلەر. كۆڭلۈڭلارنى چۈشىنىمەن. بالا دېگەنگە چىدىمايدىغان گەپكەن. لېكىنزە، خاتىرجەم بولۇڭلار، يېزىدىن بىر كادىر، ناھىيىدىن بىر كادىر، ۋىلايەتتىن ئىككى كادىر ئۇلارنى قوغداپ ئاپىرىپ، ئەكىلىدۇ. ئۇلار قىزلارنى ئۇيەرگە تاشلاپ قويۇپلا كەلمەيدۇ. بەلكى، قىزلاربىلەن بىللە، بىريىل شۇيەردە بىللە تۇرىدۇ. كەلگەندە بىللە كېلىدۇ. سىلەر خاتىرجەم بولساڭلار تامامەن بولىدۇ. مانا بۇ، -ئۇ ئەتىگەندە ئىمام ئاخۇنۇمغا كۆرسەتكەن خەنزۇچە ھۆججەتنى قولىغا ئالدى. -قارىشى چىققانلار 3000كوي تۆلەيدۇ دېگەن ئۇقتۇرۇش. بۇنى مەن يازالمايمەن. مانا ماۋۇ، ۋىلايەتلىك پارتىكوم، كۆكۈمەتنىڭ تامغۇسى. ماۋۇ ج خ ئىدارىسىنىڭ تامغۇسى. بۇدېگەن سىياسەت. سىياسەتكە قارىشى چىققان ياخشى ئەمەس. شۇڭا ھازىرلا بېرىپ، تەييارلىق قىلىڭلار. ئاندىن ئەتە ئەتىگەن ناھىيىدىن ماشىنا كېلىدۇ. خۇداغا ئامانەت دەپ، يولغا سالىمىز. ھېۋزۇللا ئۇزۇن نۇتقىنى تۈگىتىپ، يىغىلغانلارنى تارقاشقا بۇيرىدى. ئۇ گۇدۇڭلىشىپ، چىقىپ كېتىۋاتقانلارغا قاراپ، روزاخۇن بىلەن ئىمامنى توختىتىۋالدى. ئىشخانا تىنجىغاندىن كېيىىن، ھېۋزۇللا يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقىغا كېلەڭسىز گەۋدىسىنى تاشلاپ، سالاپەتلىنىپ ئولتۇرىۋالغاندىن كېيىن، نەلەرگىدۇر قاراپ گەپ باشلىدى. -ئەمدى ئاخۇنۇم، گەپلىرىمنى ئاڭلىدىلا، قانداق بىر قارارغا كېلەلىدىلىمۇ؟ ئۇ ئىمامغا تىكىلدى. -ئەمدى سېكىلتار، دېگەنلىرىنى ئوبدان تىڭشىدۇق، مەنغۇ سىياسەتكە قارىشى چىقماقچى ئەمەس، لېكىن رىسالەتخان كەتسە، قىينىلىپ قالىمەنمىكىن -دەپ ئەنسىرەيمەن دېسىلە، شۇڭا... -شۇڭا سىلى تولا دىلغۇلا بولماي، خاتىرجەم بولسىلا. بۇ ئىشقا ھۆكۈمەت ئىگە تۇرسا، يەنە كېلىپ سىلىنىمۇ ھۆكۈمەت بېقىۋاتىدۇ. بىر يىل دېگەن تىزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. -ئەمما.... -يەنە نىمە ئەمما؟ بولدى.... قېرىغاندا كاللىلىرى ئىشلىمەيدىغان بوپ قالدىمۇ نېمە؟ شۇنچە گەپ قىلسام يەنە ئەمما....-ھېۋزۇللا روزاخۇنغا قارىدى، -ھە سىلىچۇ؟ سىلىنىڭ كاللىلىرىدىن ئۆتكەندۇ؟ -ئۆتۈشىغۇ ئۆتتى. لېكىن قىزىمنىڭ تويىنى قىلىۋالاي دېگەن، رۇستەم بالىمۇ بەك ئۇزۇن ساقلاپ كەتتى،شۇڭا... -توۋا! روزاخۇن! سىلى قىزلىرىدىن شۇنداق زېرىكىپ كەتكەنمۇ؟ مىېھرىگۈل تازا كىرسە 19~20لەرگە كىرگەندۇ؟ ئۆتكەندە سوراپ بارسام تېخى كىچىك دەۋاتمامتىلە؟ -بۇ... بۇ...، ئەمدى سېكىلتار، ئۇ كۈنلەردە بېشىمىزدا مۇسىبەت بار، شۇڭا... -بولدى، تىل چاينىمىسىلا. سىلىگە كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلدىم، ئەختەمنىڭ بۈگۈنكىدەك خاتىرجەم يۈرىشىمۇ مېنىڭ سىلىگە قىلغان ياخشىلىقىم، بۇنى سىلى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەسقۇ؟ -ئۇغۇ شۇ، سىلى بولمىغان بولسىلا بىچارە بالا نېمىشلارنى قىلىپ يۈرەتتىكىن تاڭ... -شۇ ئەمەسمۇ؟ -ھېۋزۇللا دەرھال تارىنى بوشاتتى. -ئەمدى قارىسىلا روزاخۇنكا، بۇ قېتىم سىلى ھەرگىز زىيان تارتمايدىلا. بىر تىل ئىچىدىلا 15~20مىڭ كوينىڭ ئېگىسى بوپ قالىلا. قىزلىرىمۇ يۇرت كۆرۈپ، كاللىسى ئېچىلىدۇ. بۇنىڭ دېھقانلرغا پايدىسى ھەقىقەتەن كۆپ، سىلى قارا تۈرۈك ئادەم، بەززى ئىشلارنى تازا چۈشىنىپ كەتمەيلا، شۇڭا مۇشۇنداق ئارسالدى بولىدىغان گەپ. -ئەمما ئەختەم ئۇنىماسمىكىن، ئۇبالا... -ئۇبالا نېمە بوپتۇ؟ ھەرنېمە دېگەن بىلەن سىلىنڭ ئوغۇل ئۇ، گەپ ئاڭلاتسىلا...، بولمىسا بېقىنىغا ئۈسكەن پۇل بولسا، ھېلىلا 3000كوينى ئەكىلىپ بېرىپ، ئىشىنى قىلسا ھەممىمىزگە ياخشى ئىدى. ئەمما سىلىدە ئۇنداق جىق پۇل يوقتە... -ھەي.... روزاخۇن بېشىنى چاڭگاللاپ ئولتۇرۇپ كەتتى. -بولدى، ئۇنداق قىلىشماڭلار. خاتىرجەم بولۇپ پارتىيە، ھۆكۈمەتكە ئىشىنىڭلار. ھېۋزۇللا ئۇلارنى ئورنىدا قىمشىپلا خوش دېدى. ئۇ ئورۇندۇق يۆلەنچۈكىگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بىر ئىشنى خام قىلغانلىقىنى ئويلاپ، قوشۇمىسى مىژژىدە تۈرۈلدى. توغرا، ئەختەم بىلەن رۇستەم بۇ ئىشقا قول تىقىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ ھىم! بۇنىڭ يولىمۇ ئاسان، ئەختەم بىلەن رۇستەم ئىككىلىسى، ساقچىخانىنىڭ دەپتىرىگە ئەنگە ئېلىنغان، سىياسى جەھەتتە نوقتىلىق چىرىندىلەر، ئۇلارنى بۈگۈنلا بىرتەرەپ قىلىش كېرەك. رۇستەمنىغۇ ئاسان، ئەمما، ئەختەم دېگەن سولتەك شەھەردە، ئۇنى.... توختا، ئۇ بۇخەۋەرنى ئاڭلاپ ھەقاچان بۈگۈن كېلىدۇ. ئا سوجاڭغا تىلفۇننى بىرلا جىرىڭلاتسا، ئۇلار بۈگۈن كەچتىلا ھەپسىگە چۈشىدۇ-دە، قۇيرۇقى چىۋىسىگە تىقىلىدۇ. توغرا، شۇنداق قىلىش كېرەك. ھېۋزۇللا كونا يانفۇنىنى چىقىرىپ، "توروك-توروك"قىلىپ بىرنەچچە نۇمۇرلارنى توغرىلىغاندىن كېيىن، خۇشامەتكويلۇق بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى. -ۋەي ئا سوجاڭما، ياخشى، تىنجىئامان تۇردىلىمۇ؟ مەن ھېۋزۇللاخۇن. -خوش، خوش ، ياخشى، ئۆي ئىچى تىجلىقتۇ؟ -خوش، خوش... -مۇنداق بىر خەۋەر باتتى، ھېلىقى قاشقىسى بار ئىككى ياۋايى يەنە قانداقتۇر بىر شۇملۇقلارنى قىلىۋاتقانمىش، ئەختەم دېگەن غورا قاپاق بۈگۈن شەھەردىن كېلەرمىش، بىرەر شۇملۇقنى مەسلىھەت قىلامدىكىن، ئەختەمنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ، سۆھبەت قۇرىدىكەن، شۇنى... -ھە ماقۇل، ماقۇل ، خاتىرجەم بولسىلا، مەن مىنبىڭلارنى ئورۇنلاشتۇراي، ئۆزلىرىمۇ كېلەملا، يا... -خوش، خوش، ئەمسە ئۇلار ھەممىسى يىغىلغاندا مەن ئۇچۇرىنى قىلاي. ماقۇل...ماقۇل... خوش... ھېۋزۇللا تىلفۇننى قويۇپ، بېشىدى شەپكىسىنى، سىڭايان قىلىپ، تاقىر بېشىنى تاتىلاپ، كۈلۈپ قويدى. مېھرىگۈل پېشايۋاندا دادىسىنى ساقلاپ ئولتۇراتتى، ئىشىك تاراققىدە ئېچىلىپ، رۇستەم كىرىپ كەلدى. ئۇ مېھرىگۈلنىڭ سۇلغۇن چىرايىغا قاراپ، كۆڭلى بۇزۇلدى بولغاي، چىرايى دەرھال ئۆزگەردى. -روزاخۇنكام كەلمىدىمۇ؟ -سورىدى رۇستەم، تەقەززالىقىنى يۇشۇرالماي. -ياق، ىھزىر غىچە كەلمەيۋاتىدۇ. نېمىشلاربولغىنىنى بەكمۇ بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ. -جىددىيلەشمە، چاتاق چىقمايدۇ. -چىقىپ قالسىچۇ؟ مەن قانداق قىلىمەن؟ -مەن بار، ئەختەمكام بار، نېمىدىن قورقىسەن؟ ئۇنداق يامان خىياللارنى قىلما، بۇلامدۇ؟ سەن بۇنداق خامۇش بولىۋالساڭ، مەن پەقەتلا چىدىمايدىكەنمەن. -رۇستەم بۇگەپلەرنى قىلىپ بولۇپ، قىزىرىپ كەتتى. -قېلىن، -مېھرىگۈلمۇ دومسىيىپ، يەرگە قارىۋالدى. رۇستەم بىرنېمە دەي، دەپ ئېغىزىنى ئۆمەنلەپ تۇرىۋىدى، روزاخۇن بىلەن ئەختەم تەڭ كىرىپ كەلدى، ئۇلار ئىشىك ئالدىدىلا ئۇچراشقانىدى. ئېگىز، تەمبەل، كۆكرەكلىرى كەڭ، چاسايۈز، قويۇق قاشلىرى ئاستىدا چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىدىن، ھەقىقى مەردلىك نۇرلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، بۆرتۈپ چىققان يوغان بېلەك مۇسكۇللىرىدىن قاۋۇل، كۈچتۈڭگۈر دېھقان ئىكەنلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرىدىغان ئەختەم، سىڭلىسى مېھرىگۈلگە تولىمۇ ئوخشايتتى. رۇستەم قەدىناس بۇرادىرىنى، ھەمدە كەلگۈسىدىكى قېيناكىسىنى قۇچاقلاپ كۆرۈشتى. ئۇلار سۇپىدىكى كونا كىگىز ئۈستىگە جايلاشقاندىن كېيىن، مېھرىگۈل داستىخان كۆتۈرۈپ چىقىپ، چاي قۇيۇپ، نانلارنى ئۇشتۇپ قويۇپ، ھۇجرىسىغا كىرىپ، قۇلىقىنى سىرىتتىكى پاراڭغا دىڭلاپ ئولتۇردى. -دادا، نەدىن كېلىشىڭ؟ -كەنىتتىن، مەجلىس بار -دەپ، كانايدا توۋلىغانتى. -نىمە گەپكەن؟ -چاي ئوتلاپ ئولتۇرغان ئەختەم ئالدىراپ سوراۋاتاتتى. -نېمە گەپ بولاتتى بالام، سىڭلىڭنى كۇلىغا ئەۋەتىدىكەنمىز. -نېمە؟ - ئەختەمنىڭ چىرايى ئۆڭدى، ئاغزىغا ئاپارغان پىيالىمۇ شۇيەردىلا توختاپ قالدى. -نېمە دەپ ئەمدى؟ رۇستەم ئىشلارنى بىرقۇر چۈشەندۈردى، ئەختەم بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، نېمە دېيىشىنى، نېمە قىلىشىنى زادىلا بىلەلمىدى. ئەمما نېمىلا بولمىسۇن، ككتەكتەك بىر ئوغۇل بالا تۇرۇپ، ئۆزسىڭلىسىنى يالغۇز ياقا يۇرتلارغا يولغا سېلىپ قويۇپ، بۇ يۇرتتا قانداق ياشايدۇ؟ جامائەت بىلەن قانداق كۆرۈشىدۇ؟ ساتىراچخانىغا نېمەدەپ كىرىدۇ؟ ئۇنداق قىلغۇچە، ساقال-بۇرۇتىنى چۈشۈرىۋېتىپ، ئوسما قويۇپ، كوچىغا چىقىش تېخىمۇ ئاسانراق!!! -ئەختەمكا...- رۇستەم جىمىپ كەتكەن ئەختەمگە يېلىنغاندەك مۆلدۈرلەپ قارىدى. ئەختەم دادىسىغا تىكىلدى. -دادا، سەن نېمە دەپ جاۋاپ بەردىڭ؟ -ئۇنىمىدىم، ئەمما سېكىلتار بىرمۇنچە چۈشەندۈردى، مەن يەنە ئۇنىمىسام، 3000كوي تۆلىسەڭ، قىزىڭ بارمايدۇ، دەيدۇ. -نېمە؟ 3000كوي!! بۇنچىۋالا كۆپ جەرىمانە قويامدىكەن؟ -ھۆكۈمەتنىڭ تامغۇسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ شۇنداق دەۋاتسا، -ئۇنداق قاملاشمىغان، خەقنىڭ يۈرىكىنى غاجىلايدىغان ھۆكۈمەتنىڭ كۆتىگە ئېشەك تەپسۇن. -بالام ئۇنداق دېمە. ھېلىمۇ ئاشۇ ئاغزىڭدىن تولا دىشۋارچىلىققا قالدىڭ، ئەمدى يەنە بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، مەن كۆتۈرەلمەيمەن. -بىراق دادا، سەن ئۇنداق دېگەن بىلەن، سىڭلىمنى مانا -دەپ قوشقوللاپ تۇتقۇزۇپ قويساق، ئاندىن خوش بولىدۇ، ھېۋىز دېگەن توڭگۇز. -ئەختەمكا، قان قىززىقلىق قىلمايلى، كەچمۇ بولاي دھپ قالدى، مەن ئاغىنىلەرنى يىغىپ كەلسەم، بامەسلەھەت بىر ئىش قىلساق بولامدىكىن. -ماقۇل-،دېدى، ئەختەم سەل ئويلانغاندىن كېيىن، -ئەمسە رۇستەم، سەن بېرىپ، بۇرادەرلەرنى بىزنىڭ ئۆيگە چاقىرىپ قويۇپ، قايتىپ كەل، نامازشامدىن كېيىن كەلسۇن، كېچىچە ئوبدان ئولتۇرۇپ، بىر مەسلىھەت قىلايلى، ئاندىن بىر ئىش قىلارمىز. تۈن قاراڭغۇلىقىدا، تىرىۋوگىسىنى ۋىڭشىتمايلا كەنىتكە كىرىپ كەلگەن ساقچىخانىنىڭ مەخسۇس سىرلانغان "سانتانا"سى، روزاخۇننىڭ ئۆيى ئالدىدا توختاش بىلەن تەڭ، ماشىنىدىن ئېتىلىپ چىققان تۆت ساقچى ھويلىغا باستۇرۇپلا كىردى دە، ئەختەم، رۇستەم، ۋە ئۇلارنىڭ ئۈچ ئاغىنىسىنى، يەرگە مىقتاپ تۇرۇپ، قوللىرىغا كويزا سېلىپ، سىرتقا ئېلىپ مېڭىشتى. ئۇلارنى سىرتقا ئېلىپ چىققاندا، "سانتانا"نىڭ كەينىدىن يېتىشەلمەي، ئارقىدا قالغان "سۇڭخۇا جىياڭ" يېتىپ كەلگەنىدى. بەشەيلەن "سۇڭخۇا جىياڭ"غا كەينى-كەينىدىن چىقىرىلدى. ئۇلار، نېمىش بولدى؟ نېمىشقا بىزنى تۇتىسىلەر؟ بىز نېمە قىپتۇق؟ دېگەندەك گاڭگىراش ئىلكىدە سورالغان سۇئاللارنىڭ ھەممىسى جاۋابسىز ئىدى. ئۇلار تىپىرلىسا، مۇش-تېپىك بىلەن بىردەمدىلا جىملەپ قويۇشاتتى. باياتىن تاپ ئىزدەپ يۈرگەن لالما ئىتتەك، شەپىسىزلا كەلگەن ماشىنىلار ئەمدىلىكتە، بار ئاۋازىنى قويىۋېتىپ، ئۆز غەلبىسىدىن ئۆزى مەمنۇن بولۇپ، قۇيۇندەك يۈرۈپ كەتتى. ھېۋزۇللا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان مىنبىڭلار، روزاخۇن بىلەن مېھرىگۈلنى كەنىت تەشكىلىگە يالاپ ئەكەتتى. تاڭ ئاتارغا يېقىن، ھېۋزۇللا روزاخۇن بىلەن مېھرىگۈلنى سولاپ قويغان كونا ئوتۇنخانىغا كىرىپ كەلدى. -ھە... روزاخۇن! نېمە گەپ بۇ؟ -ئۇنى ئەلپازى تولىمۇ سۈرلۈك ئىدى. ئەختەمنى خېلى جىمىپ قالدىمىكىن دېسەم، يەنە پىتراپ يۈرۈپتۇ ئەمەسمۇ؟ -ئۇنداق ئەمەس سكىلتار، ... -ھە قانداق؟ دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە قارىشى چىقىپ، بويۇنتاۋلىق قىلغانلارنى ھۆكۈمەت شۇنداق بىردەمدىلا تېپىۋالىدۇ. سەل تۇرۇپ، مېھرىگۈل ناھىيىگە ماڭىدۇ، بېرىپ، بوغجۇمىسىنى ئەكىۋالسۇن، سىلى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسىلا. ھېۋزۇللا ئۆرۈلۈپلا چىقىپ كەتتى. مېھرىگۈل بۇقۇلداپ يىغلاۋاتاتتى. روزاخۇننىڭمۇ كۆز جىيەكلىرى ياشقا لىققىدە تولغانىدى. ئەختەم نەدە، نېمە كۈلپەتكەرنى تارتتىكىن؟ بۇ بالا ئازراق ناھەق گەپ-سۆزگىمۇ سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرمايتتى، مىجەزىنىڭ چۇسلۇقى بىلەنمۇ قاشقىلىق بۆرە بوپ قالغان، مانا ئەمدى نېمىشلار بولار؟ قىزى مېھرىگۈلچۇ؟ ئۇ ئەمدى دىنسىز، تىلسىز، خىتايلار ئارىسىدا، ئۇرۇلۇپ، سوقۇلۇپ، كۈلپەتلەرگە يەم بولارمۇ؟ رۇستەمجان نېمە قىلار؟ نېمە بوپ كېتەر. ئاھ! خۇدا!!! بۇ زۇلۇملارنىڭ چېكى زادى نەدىدۇ؟ ساقچىلار ئەختەم قاتارلىقلارنى ماشىنا بىلەن يېزىلىق ساقچىخانىغا ئەپ كېلىپ، سوراقنى باشلىۋەتتى. -نېمە ئىشنى مەسلىھەت قىلىشاتتىڭ؟ -سەن شەھەردە ئىشلەۋاتقان ئادەم، نېمە دەپ كېچىدە بۇيەردە پەيدا بولۇپ قالدىڭ؟ -بۇلارنى ئۆيۈڭگە يىغىپ، نېمە تېرورلۇق پىلانلىرىنى تۈزۈشتۈڭ؟ -باشقا ئەزالىرىڭ نەدە؟ نېمىش قىلماقچى؟ -سەنلەر قانداق ئالاقىلىشىسەن؟ -كىمنى ئۆلتۈرمەكچى؟ -كىمنىڭ ئۆيىگە ئوت قويماقچى؟ -سەن شەھەردە قانچىلىك ئەزا توپلىدىڭ؟ -ئۇلارغا قانداق تېرورلۇق ئىدىيىسى سىڭدۈردۈڭ؟ ... بىر بىرىدىن ۋەزنى ئېغىر، گۈرزىدەك سۇئاللار بۇ يىگىتلەرنى تىن ئېلىشقىمۇ پۇسەت بەرمەي، تۆپى-تۆپىلەپ چۈشىۋەردى. راستىنى دېسە، ھېچكىم ئىشەنمىدى. بىرەر سائەتتىن كېيىن، "ئا سوجاڭ" كىرىپ: -ئىقرار قىلدىمۇ؟ -دەپ سورىدى، سوراقچىغا قاراپ. -ياق سوجاڭ، بۇ خاۋارىسلار نەدىكى گەپلەرنى قىلىپ، ئادەم كولدۇرلىتىۋاتىدۇ. -شۇنداقمۇ؟ سوجاڭ دېمىغىدا كۈلۈپ قويدى. بوپتۇ، سەن چىقىپ دەم ئال. بۇلارنى ئۆزەم سوراق قىلىمەن. ساقچىخانىدا خالىغانچە ئادەم ئۇرۇپ، تاياق يېگۈچىنىڭ نالا-پەريادلىرىغا خۇمار بولۇپ كەتكەن ئىككى غالچا ئالدى بىلەن رۇستەمنى "سەگىتىپ قويدى" رۇستەم ھۇشىدىن كېتىپ، يېقىلغاندىن كېيىن، ئەختەمنى "سەگىتمەكچى" بولىۋىدى، ئەختەم ئورنىدىن تۇرۇپلا بىرىنىڭ بېقىنىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى تېپىۋىدى، ئۇ يېقىلىپلا، قوپالمىدى. -ھۇ ھايۋانلار! -ئەختەم بۇ ناھەقچىلىككە زادىلا چىداپ تۇرالمىغانىدى. -نەرىڭ ساقچى سەنلەرنىڭ! قايسى قانۇندا بېكاردىن بېكار ئادەم ئۇرسا بولىدۇ؟ دەپ بەلگىلىمە بار؟ بىز نېمە قىپتۇق؟ ئالدى بىلەن بىر نېمە دەپ، ئاندىن نېمە قىلساڭ قىلىشمامسەن؟ ھۇ چوشقىنىڭ كۈچۈكلىرى!!! -سېلىڭلار بۇ گەدەنكەشنى، ئۆلۈپ قالسا مانا مەن ئېگە! -سوجاڭ تامغا يۆلەپ قويۇلغان ئىشكاپتىن ئىككى تال توك كالتىكىنى ئېلىپ، غالچىلارغا تاشلاپ بەردى، ئېگىسىنىڭ "كۈش-كۈشى"نى ئاڭلىغان بۇ مەخلۇقلار ئەختەمنى قارا-قويۇق دۇمبالاشقا باشلىدى. بەدىنىگە تارىغان يۇقىرى بېسىملىق توكنىڭ تەسىرىدىن پۇتلىرىنى باشقۇرالمىغان ئەختەم، يەرگە پالاققىدە يېقىلدى. ئىككەيلەن ئۇرا-ئۇرا، ھېرىپ ھالىدىن كەتكەندىلا ئاندىن توختاپ، سوجاڭغا قارىدى. سوجاڭ ئۇلارغا قول ئىشارىسى قىلىپ، سوراقخانىدىن چىقىپ كېتىشتى. ئەختەم بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىنگەن باشقا ئۈچ يىگىت يەنە بىر ئۆيگە سولانغان بولۇپ، ئەختەم بىلەن رۇستەمنى ئۇرۇپ، كۆڭلى بىر ئاز ئارام تاپقان سوجاڭ ئۇلاردىن بىرنەچچە ئېغىز گەپ سوراپلا، بولدى قىلدى. ئەختەم ئەتىسى چۈشتە كۆزىنى بىر ئاچتى، ئەمما ھېچنېمە دېمىدى. ئانغىچە سوراقخانىغا ھېچكىم كىرمىدى. رۇستەمنىڭمۇ باش_كۆزلىرى كۆك-ئىششىق بىلەن تولۇپ كەتكەچكە، ئۆزىنىڭ ھالى بىلەنلا قالغانىدى. چۈشتە ئىككى دانە نان كۆتۈرۈپ كىرگەن بىر ساقچى، قانغا مېلىنىپ ياتقان ئەختەمنى كۆرۈپ، چۆچۈپ كەتتى. ئۇ قولىدىكى ناننىمۇ چۆرىۋېتىپ، سىرتقا چىقىپ كەتتى. ئەنە شۇچاغدىلا رۇستەم، ئېغىز-بۇرنىدىن قان يېنىپ، سۇنايلىنىپ ياتقان ئەختەمگە قاراپ، يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى. چۈنكى ئەختەم تىلىنى مەھكەم چىشلىۋالغان بولۇپ، چىرايى ئۆلۈكنىڭكىدەك تاتىرىپ تۇراتتى. رۇستەم لوقۇلداپ ئاغرىۋاتقان پۇتىنى سۆرەپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى، قولىنى بۇرنىغا تەگكۈزۈپ كۆڭلى تىنغاندىن كېيىن، مىڭ تەستە ئۆرە بولۇپ، ئىشىكنى مۇشلاشقا باشلىدى. -ھوي مۇناپىقلار! ئىشىكنى ئاچ ! ئادەم ئۆلىۋاتىدۇ! ئىشىكنى ئاچ دەيمەن!!! ئانغىچە يېزىلىق شىپاخانىنىڭ يەتتە كىشىلىك كىچىك ماشىنىسى ساقچىخانا ئىچىدە توختاپ، ئۈچ دوىتۇر ئەختەمنى ماشىنىغا سېلىپ ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا، رۇستەمنى ئىككەيلەن قولتۇقلاپ يېزىلىق شىپا خانىغا ئېلىپ كېتىشتى ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ ھەرخىل دورا-ئوكۇل ۋە دېزىنفىكسىيە سۇيۇقلۇقىنىڭ قاڭسىقق ھىدى لەيلەپ يۈرگەن تار، ئۇزۇن كارىدورىدا ئەختەمنى نوسولكىغا سېلىپ كۆتۈرۈپ كەلگەن ئىككى دوختۇر، ئۇنى تەكشۈرۈش ئۆيىگە ئەكىرىپ، كارۋاتتا ياتقۇزدى. باشقا دوختۇر-سېستىرالار پالاقلىشىپ يۈرۈپ، ئۇنىڭغا ھەرخىل ئوكۇللارنى سالدى، پۇت-قوللىرىنى توختىماي ئۇۋىلاشتى. ئاسما ئوكۇللارنى ئېسىشتى. تەخمىنەن ئىككى سائەتلىك پالاق-پۇلۇقتىن كېيىن ئەختەمىنڭ ئەھۋالى نىسبەتەن تۇراقلاشقان بولسىمۇ، پۈتۈن بەدىنىدە سېزىم يوق ئىدى. كەچتە ئەختەمگە مەسئۇل دوختۇر ئۇنى ئېلىپ چىققانلارنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، -بىمارنىڭ ئەھۋالى قارىماققا ياخشىدەك تۇرغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە بەك خەتەرلىك. باش سۆڭىكى سۇنۇپ، چوڭ مېڭە پوستىلىقىنى بېسىۋالغاچقا، پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك ۋاقىتلىق پالەچ بولغان. تىزدىن ئوپراتسىيە قىلىپ، مېڭىگە پېتىۋالغان سۆڭەكنى ئەسلىگە كەلتۈرسەك، ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدۇ. سىلەر دەرھال بىمارنى ۋىلايەتكە، ياكى ئۈرۈمچىگە يۆتكەشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىڭلار. -دەپ، يولغا سالدى. * * * ئەختەمنى ئېلىپ ماڭغان يېزىلىق شىپاخانىنىڭ ماشىنىسى، ساقچىخانىدىن چىقىپ ئانچە ئۇزۇنغا بارمايلا، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كەڭ سەينالىق قوروسىدىن قوزغالغان ئىككى دانە چوڭ، ھەشەمەتلىك يولۇچىلار ئاپتۇبۇسىمۇ ناھىيە يولىغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە ئىدى. ماشىنىڭ كەينىدىن بىرپۇتىنى سۆرەپ، ئىششىپ، كۆكۈرۈپ كەتكەنلىكتىن بىركۆزىنى زادىلا ئاچالماي قالغان رۇستەم خېلى بىر يەرلەرگىچە قوغلاپ، مادارىدىن كېتىپ، يەردە تىزلىنىپ قالدى. تولا ۋارقىراپ، بوغۇلۇپ قالغان ئاۋازى بىلەن ئېچىنىشلىق نىدا قىلدى. ئۇنىڭ بۇ نىدالىرى، ئاپتۇبۇسنىڭ چاقلىرى ئارىسىدىن كۆتۈرۈلگەن قويۇق چاڭ توزانلار ئارىسىدا ئانچە ئۇزۇنغا بارمايلا بېسىقىپ قالدى. -ئاھ خۇدا!!! بۇ نېمە تارتقۇلۇق!!!، نېمە كۆرگۈلۈك!!! مېھرى! مەن سېنى چوقۇم تاپىمەن!!!... ئانغىچە ھېۋزۇللا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان بىرنەچچە مىنبىڭ ئۇنى سۆرەشتۈرەەن پېتى چاڭ-توزانلار ئارىسدىن ياندۇرۇپ كېلىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىشتى. ئەتىگەندە ئۈچمىنبىڭنىڭ يالاپ مېڭىشى بىلەن، ئۆيىگە كېلىپ ساندۇقتىكى پۇل، ۋە بىرنەچچە قۇر كېيىم-كېچىكىنى كونا ياغلىققا چىگىپ چىققان مېھرىگۈل، كۆزلىرىدىن يامغۇردەك تۆكۈلۈپ تۇرغان ياشلىرىنىمۇ سۈرتمەستىن، مىنبىڭلارنىڭ ئالدىغا كىرىپ، كەنىت تەشكىلىگە كەلدى. ئىككى يۈرەك پارىسىنىڭ دەردىدە، بولۇپمۇ ساقچىلار تۇتۇپ كېتىپ، ھازىرغىچە خەۋىرى بولمايۋاتقان ئەختەمنىڭ ئەندىشىسىدە، يۈرىكى سۇ بولۇپ كەتكەن روزاخۇن ئەرلىك غورۇر، يەنە بىرنېمە، دېگەنلەرنىمۇ بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، مېھرىگۈلنى قۇچاقلاپ، ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى. دادىسىنىڭ بۇ ھالىدىن ئىچى سىيرىلغان مېھرىگۈل، كۆزياشلىرىنى ئىچىگە يۇتىۋېتىپ، دادىسىغا تەسەللى بەردى. -يىغلىماڭ دادا، نېمىگە بۇنچە قىلىسىز؟ مەن كەتسەم، يەنە كېلىمەنغۇ. بىر يىل دېگەن قانچىلىك گەپ ئىدى، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقىچە ئۆتۈپ كېتىدۇ. سىز ھەرگىز يىغلىماڭ دادا. سىز بۇنداق قىلسىڭىز مەن قانداق خاتىرجەم ماڭىمەن؟ -ئۇنىڭ كۆزلىىدىن سىرغىغان بىر تامچە ياش، قاشتېشىدەك سۈزۈك مەڭزىدە توختاپ قالغانىدى. -كەچۈرۈڭ قىزىم! -روزاخۇن كاكىراپ قالغان ئاۋازىنى تەستە چىقىرىپ، سۆزلەۋاتاتتى. -مەن دادىڭىز تۇرۇپ، سىزنى بۇ زۇلۇمدىن قۇتقۇزالمىدىم، ئاكىڭىزنى قوغدىيالمىدىم. ئۇ بىچارە نېمە بوپ كەتكەندۇ؟... -ئۇ يەنە ھۆڭگىرەشكە باشلىدى. دادا-بالا ئىككەيلەن بىر-بىرىنى قۇچاقلاپ يەنە قانچىلىك تۇراتتىكىن تاڭ؟ تاراڭلاپ كىرىپ كېلىشكەن ئىككى مىنبىڭ مېھرىگۈلنىڭ قولتۇقىدىن تارتىپ، دادىسىنىڭ مۇھەببەتلىك، ئىللىق باغرىدىن يۇلۇپ ئالدى-دە، مېھرىگۈلنى قويۇپ بەرمەيۋاتقان روزاخۇننىڭ مەيدىسىگە بىرنى تېپىپ، دۇمۇلىتىۋېتىپ، مېھرىگۈلنى سۆرەشتۈرۈپ، سىرىتقا ئېلىپ چىقىپ كېتىشتى. كەنىت قورۇسىغا يىغىلىشقان 23نەپەر ناتىۋان ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، بىر-بىرىگە قىيماي، بەزىلىرى ئۆكسۈپ، بەزىلىرى خىتىللداپ، بەزىلىرى مىشىلداپ يىغلىشىپ، يېڭى سېلىنغان ۋاسكېتبول مەيدانىنى ھازاسورۇنىغا ئوخشىتىپ قويغانىدى. ھېچكىم بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق، ھەممە ئكز جۇدالىقىنىڭ پىراقىدا كۆيۈۋاتقان بۇ سەينادا، مېھرىەۈل ئۆزىنى گويا پۈتۈن يەرشارىدا يىگانە قالغاندەك، غېرىپ، بىچارە ھېس قىلدى. ئەمما ئۆزىدىنمۇ بىقۇۋۇللۇقتا، بوغۇلۇپ، بوغۇلۇپ يىغلاۋاتقان دادىسىنىڭ غېرىب بەستى كۆزئالدىغا كېلىشى ھامان، ئكزىگە ئۈمۈد ۋە ئىشەنىچ بېغىشلاپ، تەسەللى بېرىپ، ئامال بار يىغلىماسلىققا تىرىشىپ، گارنىڭ جازىسىغا يۆلىنىپ، دەرۋازا تەرەپكە قاراپ جىمىپ كەتتى. خۇددى بىراۋلار يۈگرەپ كىرىپ: -مېھرى! قولۇمنى تۇت، مەن سېنى ئېلىپ كەتكىلى، بۇ جۇدالىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى كەلدىم. -دەپ سالىدىغاندەك، بىراۋلار كېلىپ: -ئوماق سىڭلىم! بۇ يەردە نېمانچە مەيۈسلىنىپ تۇرپ كەتتىڭ؟ ماڭ كېتىمىز. مەن تۇرسام نېمانچە بىچارىلىك بۇ! -دەپ ئۇنىڭ يۈرىكىنى توق قىلىۋېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئەپسۇس! ھېچكىم كەلمىدى! ئۇ ئۈمۈدىنى زادىلا ئۈزمىدى. يەنىلا ھېچكىم كەلمىدى! ئۇنىڭ خىيالىغا قاچانلاردىدۇر بىر يەردە كۆرگەن نوزۇگۇمنىڭ مۇنۇ مىسرالىرى كەلدى. ... نوزۇك باشقا كۈن چۈشتى، ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ؟ مېھرىگۈل بۇ سۆزلەرنىڭ ۋەزنىنى مانا ھازىر ھەقىقى چۈشىنىپ يېتىۋاتاتتى. "ئەر" بۇ نېمە دېگەن ئۇلۇغ، نېمە دېگەن يېقىملىق سۆز ھە؟! "ئەر" بۇ نېمە دېگەن دەبدەبىلىك، نېمە دېگەن ياڭراق نىدا ھە؟! "ئەر" دېگەن بۇ ئاددىيلا سۆز ئۆلۈم ئالدىدا ھودۇققان، قورۇققان، نېمە قىلارىنى بىلمەي تەمتىرىگەن نوزۇگۇمنىڭ كۆڭلىگىمۇ "ئاللاھ" نىڭ نامىدىن بۇرۇنراق كەلگەنمىدى بولار؟ توغرا! "ئەر" ناتىۋان قىزلار، مەزلۇم ئاياللارنىڭ بۇ دۇنيادا، خۇدادىن قالسىلا تىۋىنىدىغان يۆلىنىدىغان، ھىممەت تىلەپ يېلىنىدىغان، ھەممىدىن ئۈستۈن بىلىدىغان بىردىنبىر ھىماتچىسى. ئەمىسە شۇ ھىماتچى ھازىر قېنى؟ نەدە؟ نېمىشقا كېلىپ مېھرىگۈلنى بۇ زۇلۇمدىن، بۇ جۇدالىقتىن قۇتقازمايدۇ؟ ئەپسۇس! مىڭ ئەپسۇس! ئۇلار ھازىر مېھرىگۈلدىنمۇ بەكرەك بىچارە!... ھېۋزۇللامۇ بىرئەرغۇ؟ ئۇ نېمە دەپ مېھرىگۈلدەك بىر مۇنچە ناتىۋاننى جۇدالىق قامچىلىرىدا ساۋىداپ، ئىللىق ئائىلىسىدىن، دوست يارەنلىرىدىن، ئانا تۇپراقنىڭ نەمخۇش ھېدىنى ھىدلاشتىن مەھرۇم قىلىدۇ؟ ... ياق! مەن ئۆلگىلى ماڭغاندەك ئەجەپ ئويلاپ كەتتىما! توۋا. بىر يىلدىن كېيىن قايتىپ كېلىمەنغۇ. شۇچاغدا بەلكىم ئىشلار تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. ئۆز كۆڭلۈمنى ئۆزەم پاراكەندە قىلماي. بىچارە دادامنى، شور پېشانە ئاكامنى، بىتەلەي رۇستەمنى ئويلاي. ئۇلار ئۈچۈن بۇ سەپەرگە خۇشاللىق بىلەن ئاتلىناي. بۇ بىر يىلنىڭ تىزرەك ئكتۈپ كېتىشىنى ئاللاھدىن تىلەي. شۇنداق قىلاي... پۈتۈن يېزا بويىچە 83نەپەر قىز ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ھويلىسىدىن، ئاپتۇنۇم رايۇن بىۋاستە ئورۇنلاشتۇرغان ھەشەمەتلىك ئاپتۇبۇسلارغا ئولتۇرۇپ، ئۆزىلىرىگە ئوخشاش 165نەپەر قىز بىلەن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتى. ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ نەۋرىسى رىسالەت مېھرىگۈلدىن كىچىك بولغاچقا، مېھرىگۈل ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ، كۆڭلىنى ياساپ، ئاۋۇندۇرۇپ كەلدى. ئىمام نەۋرىسىنى دېنىي جەھەتتە چىڭ تۇتۇۇپ ، تولىمۇ ئەتراپىلىق، ياخشى تەربىيەلىگەچكە، رىسالەت تالا تۈزلەرگە ئاساسەن چىقمىغاچقا، بۇ ئىككەيلەن تونۇشسىمۇ، ئارلىشىپ كەتمەيتتى. رىسالەتمۇ ھېلىغۇ ئوغۇللاركەن، قىزلارنىڭمۇ يۈزىگە قارىماي تۇرۇپ گەپ قىلىدىغان، يۈزى تۆۋەن قىز ئىدى. يەنەكېلىپ ئۇنىڭ تۆكۈلۈپ تۇرغان، بۇلاقتەك كۆزلىرى، ئاق ئالمىدەك يۇمىلاق يۈزلرى، جىنەستىدەك سۈزۈك ۋە نازۇك ئويماقتەك كىچىك لەۋلىرى، قارىغان كىشىنى ئەيمەندۈرۈپ قوياتتى. گەرچە ئۇ شۇنچە چىرايلىق بولسىمۇ، يەنىلا مېھرىگۈلگە يەتمەيتتى. بۇ ئىككى كۈنلۈك زېرىكىشلىك ئۇزۇن سەپەر بۇ ئىككى گۈزەلنى چىقىشتۇرۇپ، يېقىن دوستلاردىن قىلىپ قويدى. ئەمدى ئۇلار بۇندىن كېيىنكى، يەنى ئىچكىرىدىكى بىريىللىق ھايات مۇساپىسىنى بىللە باساتتى. مېھرىگۈل ئۈرۈمچىەە ماڭغان كۈنى چۈشتە، روزاخۇن ئەختەمنى ئېلىپ ناھىيىلىك دوختۇرخانىدىن ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. قايتمايمۇ نېمە ئامال؟ ئەختەمنى دوختۇرخانىدا ياتقۇزىۋەرگەن بىلەن دوختۇر پۇلىغا چىقىشىپ بولغىلى بولمايتتى. ھېلىمۇ ئەختەمنىڭ دوختۇرخانىدا ئىككى كۈن ياتقىنىغا 1200يۈەن كەتتى. يەنە ئىككى كۈن ياتسا يەنە قانچىلىك كېتەر؟ ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ داۋالىتىشقا ئاز دېگەندە 20مىڭ كوي كېتىدۇ دەيدۇ. بۇ تېخى پەقەت ئوپراتسىيە ھەققىكەن. ئەختەمنىڭ كۈتۈنىشى، تامىقى، روزاخۇننىڭ ياتاق-تامىقى... بۇنىڭغا قانچىلىك پۇل كېتەر؟ ئەختەمنى ئۆيگە ئاپىرىپ، ياتقۇزۇپ قويۇپ، ئاندىن پۇلنىڭ غېمىنى قىلىپ، ئاندىن داۋالىتاي. ھېلىمۇ ئىككى كۈننىڭ ياقى، بارمىغان، چىراي سارغايتمىغان ھېچ يار قالمىدى. تاپقىنى ئاران 400كوي. ئېغىلدىغۇ يەتتە-سەككىز قوي، بىر كالا بار. ئەمما بۇ نېمىگە نېمە بولاتتى؟ ئەڭ ياخشىسى كرەك پۇلنىڭ غېمىنى قىلمىسام بولمىغۇدەك! "دۇنيادا نېمە قاتتىق؟-دېسە، يوقسۇزلۇقنىڭ توقمىقى" دھپتىكەن. مانا روزاخۇن مۇشۇ ياشقا كىرگىچە ئاشۇ يوقسۇزلۇقنىڭ توقمىقىنى يەپلا كېلىۋاتىدۇ. دادىسىنى "باي! پومىشچىك" دەپ ئاق تىكەنگە بېسىپ ئۆلتۈرۋەتكەندىن باشلاپ، بۇ بىچارە بەك قورقۇپ كەتكەنمۇ؟ ھازىرغىچە پۇرۇلتارىياتلىقىتىن زادىلا قۇتۇلالمىدى. بىچارە ئايالىمۇ شۇ يوقسۇزلۇقتا، تۈزۈكرەك داۋالىنالماي بىئەجەل ئالەمدىن ئۆتتى. مانا ئەمدى، ئالدىدىن دەس-دۈس دەسسەپ، مەغرۇر چىقىپ كەتكەن كۆتەكتەك ئوغلى، بىركېچىنىڭ ئىچىدىلا كېسەل تەگكەن چۈجىدەك، گەپمۇ قىلالماي، مۆلدۈرلەپ ياتىدۇ. بەزىلەر "ئەرىز قىل! قانۇندا جىنايەتچىنى ئۇرسا بولمايدۇ! دەپ بار،" دېيىشىدۇ. ئەرىزنى كىمگە قىلىمەن؟ يەنە شۇ ساقچىغا قىلارمەن. ئۇلار سورىدىمۇ دەيلى، يەنە ئەختەمنى ئېلىپ، مۇشۇ كەنىتكە يېنىپ كېلەرمەن. يەنە شۇ ھېۋزۇللا دېگەن توخۇ پوقىنىڭ قولىغا چۈشەرمەن. ئۇغۇ بىر نۆرى، ئەرزىمنى سوراپ بەر دەپ كىملەرگە يالۋۇرۇپ، كىملەرنىڭ ئىشىكىگە تەلمۈرەرمەن؟ ئاق ئىت، كۆك ئىت، ھەممىسى بىر ئىت. بىرى قاۋات تۇرۇپ چىشلەيدۇ. يەنە بىرى ئەركىلەپ تۇرۇپ چىشلەيدۇ. قاغا-قاغىنىڭ كۆزىنى چوقامتى؟ ئەرىز قىلسام بېيجىڭغا بېرىپ، مەركەزگە قىلسام بولىدۇ. ئەمما ۋىلايەتتىن كەلگەن باشلىقلارنىڭ چىرايىنىمۇ كۆرسەتمەيدۇ. يو-يولدا مىنبىڭ، ھېچكىمنى يولغاچىقارمايدۇ. مەركەزدىكى باشلىق بىلەن كۆرۈشۈش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ھەي.... چەرخى-پەلەك! چاقچاقلىرىڭ ئەجەپ ئېغىر...ئەجەپ ئېغىر... مانا، ئەختەم ياتقىلىمۇ بىر ئاي بولۇپ قالدى. ئۇ پەقەت ئوڭ قولىنىلا مېدىرلىتالايدۇ. كۆرەلەيدۇ، ئاڭلىيالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىش قىلالمايدۇ. روزاخۇن ئېغىلدىكى ماللارنى توخۇ-تۇمان دېگەندەكلەرنىڭمۇ بېرىنى قويماي سېتىپ بولدى. قولىغا كىرگەن پۇل بىرقاتتىن ئەختەمنىڭ دورا، ئوكۇللىرىغا ئدۇللىشىپ، ئاران ئۈلگۈردى. قولۇم-قوشنا، ئۇرۇق-تۇققانلاردىن ئۆتنە يېرىم قىلغان پۇللارمۇ ئۈچمىڭغا يەتتى. ئەمما يەنىلا ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق. ئەختەم قۇراق تەكىيدە يېتىپ، دادىسىنىڭ نەچچە قېتىم يىغلىغىنىنى سېزىپ قېلىپ، ئۆزىمۇ يىغلاپ تاشلىدى. لېكىن بېكار يېتىپ يىغلىغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ شۇ كۈنلەر دە ئەختەمنىڭ ئوڭ قولىمۇ تۇرۇپلا سەزمەس بوپقالدى. مانا ئەمدى، تاھارەتنىمۇ دادىسى تۇتۇپ بەرگەن قاچىغا قىلىدۇ. يىگىرمە يەتتە ياشقا كىرگەن بەردەم بىر يىگىت ئۈچۈن بۇ نېمە خورلۇق؟!!! تۈنۈگۈن رۇستەم بىرقاچا ئۈگرە كۆتۈرۈپ كىرىپ، بىرمۇنچە سۆزلەپ چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ بۈگۈن مېھرىگۈلنى ئىزدەپ، كۇلىغا ماڭماقچىكەن. ئەختەم ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، كۆزىنى پارقىرىتىپلا ئولتۇردى. رۇستەم يەنە مېھرىگۈلنى ياندۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، سوتقا ئەرىز قىلىپ، ئەختەمنىڭ قىساسىنى ئېلىش ھەققىدە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەردى. توۋا!!! كىمدىن قىساس ئالىدۇ؟ ئاشۇ ساقچىلاردىنما؟ ئۇلارنى جازالايدىغانلار يەنىلا ساقچى تۇرسا؟.... بۇ ئاقامدۇ؟ ... توغرا... ساقچىنىڭمۇ ھەممىسى ئەسكى ئەمەس. ئەىتەم تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقاندا، مۇئەللىمى ئۇنىڭغا: -يۇقىرىنىڭ ھەرخىل ياخشى سىياسەتلىرى، تۆۋەنگە چۈشكەندە ئۆزگىرىپ، باشقا بىرنېمىگە ئايلىنىدۇ. يەرلىكتىكى بەزىبىر پىتنىخور، شەخسىيەتچى، مەنپەئەتپەرەس، پەسكەش ئەمەلدارلار، يۇقىرىنى ئالداپ، تۆۋەننى بېسىپ، ئۆزىنىڭ تويماس نەپسى ئۈچۈن دۇنيا توپلايدۇ. ...-دېگەندەك گەپلەرنى قىلغىنى ئېسىدە. توغرا! ئەختەمنى دەل ئاشۇنداق ئىپلاس ئەمەلدارلار تىرىك مۇردىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى! بۇنىڭ سورىقىنى قىلىدىغان ئادىل ئەمەلدار نەدىكىن؟ بۇنى تېخى ھېچكىم،"مۇنداق يەردە" -دەپ باققىنى يوق. ئەختەم بەكرەك ئەزۋەيلىسە، سەن دائىم قانۇن تۈزۈمگە قارىشى چىقىسەن! سەن زادى قايسى تەشكىلاتنىڭ ئادىمى؟!-دەپ، ئۇ ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان بىرمۇنچە تەشكىلاتلارنىڭ ئىسمىنى دەپ، ئۇنى گەپقىلغىنىغا تويغۇزىدۇ. بىرنېمە دېمەيدېسە، چۈشۈپ قالغان ھالى شۇ. ۋايتاڭ!!! بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى نەدىن چىقاركىن؟ ئەمدى ئاشۇ مۇناپىقلارنىڭ جاجىسىنى خۇدا ئۆزى بەرسۇن!-دەپ ، سۈكۈت قىلماقتىن باشقا ئامالمۇ يوق ئوخشايدۇ. مېھرىگۈل كېتىپ، 34كۈن بولغاندا ، رۇستەم مەشۇقىنى ئىزدەپ، ئۇنىڭدىن، بۇنىڭدىن سۈرۈشتۈرۈپ تاپقان ئادىرىسنى نىشانلاپ، يۇرتتىن ئايرىلدى. ئۇ يولغا چىقىش ئالدىدا، ھېلىقى كۈنى ساقچىخانىغا بىللە سولانغان ئاغىنىسى، يۈسۈپ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بىركېچىدە، ھېۋزۇللانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، 7000مىڭ يۈەن نەق پۇل بىلەن، ئايالىنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىنى بۇلاپ كەتتى. ۋە شۇ خىراجەت ئارقىلىق، مېھرىگۈلنى ئىزدەپ، تاپماقنى كۆڭلىگە پۈكتى. رۇستەم ھېۋزۇللانى بەك قورقىتىۋەتكەنمۇ، نېمە، ئىككى كۈنگىچە ھېۋزۇللا ئۈن-تىنسىز جىمىپ كەتتى. بۇ ھالدىن كۆڭلى بىرئاز ئورنىغا چۈشكەن رۇستەم، ئەختەم بىلەن خوشلىشىپ، سەپەرگە ئاتلاندى. ئۇنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىدىن، يۈسۈپ بىلەن ئەختەمدىن باشقا ھېچكىشىنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى. رۇستەم شۇماڭغانچە، جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ xx ناھىيىسىگە 13كۈندە يېتىپ كەلدى. تەلىيىگە بۇ يەردىمۇ ئۇيغۇرلار بارئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسىدە ئۇيغۇردېگەن ئىسىمدىن باشقا، ئۇيغۇرغا خاس ھېچقانداق خاسلىق يوق ئىدى. ئۇلار رۇستەمنى كۆرۈپ، خۇددى ئۇنىڭ بۇيەرگە كەلگىنىدىن ئاچچىقى كەلگەندەك، ئۇنىڭدىن قانداقتۇر بىرنېمىنى قىزغىنىۋاتقاندەك ئەلپازدا، سوغۇق مۇئامىلە قىلىشتى. رۇستەم دەسلەپتە، نېمە قىلىشىنى، نەگەبېرىشىنى بىلمەي نەچچەكۈن نىشانسىز كوچا ئايلاندى. ئۇ بۇيۇرتنىڭ تەرەققىياتىنى، بۇيەردىكى ئۆيدىن تولا ئادەملەرنى، كوچا-كويلاردا تولۇپ ياتقان مەينەتچىلىك، بۇزۇقچىلىقلارنى كۆرۈپ، بۇ زىمىن ھېلىمۇ بىزلەرنى دەمتارتىپلا ھالاك قىلماپتۇ-دەپ ئويلىدى. دېمىسىمۇ قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان، پاھىشەخانىلار، ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۆتلىرىنى ئاشكارا ئېچىپ، ئادەمنى قىززىقتۇرىدىغان، قسىق كۆز پاھىشىلەر، ھەتتا ئادەمنىڭ ئەقلىنى ئازدۇرغۇدەك چىرايلىق، 15-16ياشلاردىكى كىچىك -كىچىك قىزلار، قاۋاقخانىلارنىڭ دەرىزىلىرىدىن پاللۇ-پۇللۇ قىلىپ كۆرۈنىدىغان، رەڭلىك چىراق نۇرلىرى، بىر يورۇتۇپ، بىر يورۇتماي قويىدىغان، پەسكەش قىلىقلار بىلەن بىر-بىرىنى مۇجۇقلاۋاتقان ئەركىن ياشلار، رۇستەمگە ئۆز يۇرتىنىڭ نەقەدەر پاك، نەقەدەر ئۇلۇغ ماكان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرسا، مېھرىگۈلدەك بىر ياۋاگۈلنىڭ، كوچىلىرىدا شەھۋەت دەۋرەپ تۇرىدىغان مۇشۇنداق بىر دىسىزلار ماكانىغا كېلىپ، بۆرە ئۇۋىسىغا كىرىپ قالغان قوزىچاقتەك بىچارە بولۇپ كېتىۋاتقىنىنى ئويلاپ، كۆزلىرىگە ۋىل-ۋىل ياش كەلدى. رۇستەم بۇ يەردە بۇنداق ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىشىنى پەقەتلا ئويلىمىغانىدى. مانا XX ناھىيىسىگە كەلگىلىمۇ بىر ئايدىىن ئاشتى. ئۇ بۇجەرياندا، بۇيەردىكى زاۋۇت، كارخانا، فابرىكىلارنى ئالا قويماي ئاختۇرۇپ چىقتى. ئەمما مېھرىگۈلنىڭ دېرىكىنى ئالالمىدى. ئۇ مېھرىگۈلنى تاپالمىغانچە، كۆڭلى بۇزۇلۇپ، ئىچى پۇشۇپ، تېرىككەك بولۇپ قالغانىدى. ئەكەلگەن پۇللىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك تۈگىدى. ئەمدى بولمىسا، ئالتۇنلارنى سېتىشقا توغرا كېلىدۇ. رۇستەم شۇ كۈنلەر خوتەن قارقاشلىق، ئەيسا ئىسىملىك بىر ياش بىلەن تۇنۇشۇپ، چىقىشىپ قالدى. ئەيسا گەرچە ئىمان-ئىسلامدىن بىخەۋەر، قاراتۈرۈك بولسىمۇ، كۆڭلى ياخشى، سەمىمى بالائىدى. ئۇ رۇستەمنىڭ مەشۇقىنى ئىزدەپ چىققانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ھۆرمىتى كەلدىمۇ، ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ، ئىشقىلىپ، رۇستەمگە ھەرخىل خەۋەر ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ، بەزى تىل مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ۆكپ ياردەملەرنى قىلدى. ھەمدە رۇستەمگە ئەرزان باھالىق ياتاق تېپىپ بەردى. رۇستەم ئەيسانىڭ يانچۇقچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان تۇنجى كۈنىلا ئەيسانىڭ ئۆز ئاغىزدىن بىلگەنىدى. بۈگۈن ئەيسا ، رۇستەمنىڭ ياتىقىغا ئالدىراش كىرىپ كەلدى. قارىغاندا ئۇ ئوقەت قىلغاندا، سېزىلىپ قېلىپ، قېچىپ كەلگەندەك قىلاتتى. ئۇ ياتققا كىرىپلا، سۇ سورىدى، رۇستەم بىر ئىستاكان سوغۇق سۇنى تەڭلىۋىدى، غورتۇلدىتىپ ئىچىپ بولغاندى كېيىن، سەل دېمنى ئېلىۋېلىپ، جىددى سۆزلەشكە باشلىدى. -رۇستەم، بىر گەپنى دەي، ئاچچىقلاپ كەتمە. -ئۇ تېخىچە يىنىك ھاسىراپ تۇراتتى. -بۈگۈن بىر قاۋاقخانىغا ئوقەتكە بارغانىدىدۇق، ئۇيەردە بىر قىز مېنى كۆرۈپلا، يىغلاپ، يالۋۇرۇپ كەتتى. -نېمە دەپ؟ -جىددىيلىشىۋاتقانلىقى چىرايىدىنلا بىلىنىپ قالغان رۇستەم، بۇ گەپكە قىززىقىپ قالغانىدى. -نېمەدەپ بولاتتى، مېنى بۇيەردىن قۇتقۇزىۋېلىڭ! سىز دىن ئۇدۇنيا-بۇدۇنيا خوش بوپ كېتەي دەپ بولمامدۇ؟ نېمىش بولغىنىنى سوراي دەپ تۇرسام، مەن بىلەن بىرگە بارغان بىرى چاتاق چىقىرىپ قويۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن قاچماي بولمىدى. تەلەپپۇزىدىن قارىسام، سەن بىلەن يۇرتداشتەك قىلىدۇ، شۇڭا ئۇدۇللا سېنىڭ يېنىڭغا كېلىشىم! -ئۇ يەر نېمە قىلىدىغان يەر؟ نېمىشقا ساڭا مېنى قۇتقۇزۇۋېلىڭ-دەپ يالۋۇرىدۇ؟ -ھەي ئۇنداق قىزلار بۇيەردە خېلى كۆپ، بەزىسى ئۆزى خالاپ چىقىپ، مۇشۇنداق يەرلەرگە بىر-ئىككى يىللىق سېتىلىدۇ-دە، ئىشى تۈگىگەندە، بىر-ئىككى كاللەك پۇلنى قوينىغاتىقىپ، شىنجاڭغا بېرىپلا، قىزلىق ئوپراتسىيىى قىلدۇرۇپ، بىرەر تەتۈر پېشانىنى جايلايدۇ. بەزىسى بىلىپ-بىلمەي بۇ يولغا كىرىپ قېلىپ، بىزدەكلەرنى كۆرسە يالۋۇرىدۇ. بىز ياردەم قىلايلى دېسەك، ئۇيەردىكى لاۋبەنلەر 4~5تۈمەننىڭ گېپىنى قىلىدۇ. بىزدە نەدىمۇ ئۇنچىلىك پۇل! شۇنىڭ بىلەن ئامال يوق، يېنىپ كېلىمىز... -ئوغۇرلۇقچە بۇلىساڭلار بولمامدۇ؟ -توۋا دېگىنە؟! بۇ دېگەن خىتاينىڭ يۇرتى بىلىپ قوي. بىر ئادەمنىڭ كاللىسى ئاران بىر تۈمەن! شارتلا تۆت-بەش يۈزنى چىقارساڭ، كىم دېسەڭ شۇنىڭ بىرقۇلىقىنى كېسىپ، قولۇڭغا تۇتقۇزۇپ قويىدىغان قاسساپلا تولا بۇ شە دە. ئادەمنىڭ ئەتىۋارى باردەمسەن؟ ھىم! ئەگەر بىز ئۇلارنى بۇلايمەن دېسەك، ئۆزىمىزنىڭمۇ، ئۇلارنىڭمۇ جېنىغا زامىن بولىدىغان گەپ! -شۇنچە رەزىلما؟ -نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تەتەينىڭ كۆتىگىلا قاراپ، باشقا يەرگە قارىمىغان ئوخشىمامسەن؟ ئۇنداق يەرگە قارىما، ئەيدىزنىڭ ئۇۋىسى ئۇ ****لار! -ئاڭلىغان،دوختۇرخانىدىكىلەر ھەر بازار كۈنى ئەيدىز توغرىسىدا تەشۋىقات قىلىدۇ. -ھە شۇ... يۇقتىما بولدى، ئۆلمەي ئامالىڭ يوق. ئەمما شۇقىزلارنى ئۇيەرلەردى قۇتۇلدۇرىدىغان بىرەر ئامال يوقمۇ؟ -قانداق دەيسەن؟ -ساقچىلار غا دېسەك، ئۇلارنى قويۋەتسە بولمامدۇ؟ -توۋا.... سېنىڭ كاللاڭ نېمانچە ئاددىي، ئويلاپ باقمامسەن؟ ئۇ لاۋبەنلەر ساقچىدىن قورقسا، ئاپئاشكارا پاھىشىخانا، بەزمىخانىلارنى ئاچامتى؟ ئۇلار دېگەن قارا جەمىيەت بىلەن بىر. غىڭ-پىڭ قىلغان ساقچىنىڭ ئۆلۈكى ئەتىسى كوچىدا قالىدۇ. -توۋا!!! -بولدى ، توۋاڭنى قويۇپ، ئۇيەرگە بىر بېرىپ باق، ئەگەر بىرەر ئۇچۇرغا ئېگە بوپ قالساڭ ئەجەپ ئەمەس...-يۈسۈپ بىرنەرسىنى ئويلىغاندەك تۇرۇپ قالدى. -ئەممازە.... نېمە ئەمما؟ -رۇستەم قىززىقسىنىپ سورىدى. -ھېلىقى قىز بەك چىرايلىقكەن دېگىنە، 17!18ياش. نېمە بولۇپ بۇيەرلەردە تىنەپ قالغاندۇ ئۇ بىچارە. ئەگەر جىقراق ئوقەت قىلالىسام، لاۋبەنگە جازانىگە ھۆججەت يېزىپ برىپ، خوتۇن قىلىدىكەنمەن كاساپەتنى. ئۆز مىللىتىڭنىڭ گۈلى، يات بىر جوھۇتلارنىڭ ئاياق ئاستىدا چەيلىنىۋاتسا، يۈرۈكۈڭ راستلا چىدىمايدىكەن...ھەي....-يۈسۈپ لەۋلىرىنى تامشىتىپ قويۇپ، مەن كېتەي، سەن بېرىپ باق-دەپ قويۇپ، ئۇيەرنىڭ ئورنىنى تەپسىلى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن كېتىپ قالدى. رۇستەم، يۈسۈپ دەپ بەرگەن بويىچە، ئۇ بەزمىخانىنى تېپىپ كەلدى. گۈمبۈ-گۈمبۈر ئاۋازلارنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك شاۋقۇنىدا، قولاقلىرىنى يۇپۇرۇۋالغان رۇستەمنىڭ كۆزىگە دەسلەپتە، پاللۇ-پۇللۇ چىراق نۇرىدىن باشقا ھېچنەرسە كۆرۈنىمىدى، بىردەمدىن كېيىن قاراڭغۇلۇققا كۆنگەن كۆزلىرى، سەھنىدە يېرىم يالىڭاچ بولۇۋېلىپ، بىرتال مومىنىڭ ئەتراپىدا، جۇۋازغاقاتقان كالىدەك پىقىراپ، بەدەنلىرىنى سىلاپ، ھەرخىل ناز-كەرەشمە بىلەن ئۇسۇل ئويناۋاتقان تەتەينى، ئۇنىڭ ئۇيات يەرلىرىگە مارىلاۋاتقان مەست-ئەلەس ھەرخىل سىياقتىكى ئەرلەرنى، يېنىپ-ئۆچۈپ پىلىلداپ تۇرىدىغان چىراق نۇرىدا ئۆزلىرىنى ئۇنۇتقان ھالدا پۈتۈن بەدىنىنى ئەسەبىيلەرچە سىلكىپ، تولغاپ، ھەريانغا تاشلاپ، چاچلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، بەئەينى ساراڭلارنى دورۇۋاتقان بىرتوپ ساق كىشىلەرنى كۆردى. ئۇ ساراڭلار سەيناسىنىڭ بىرتەرىپىدىكى بوش ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇرىشىغا، بىر تەتەي كېلىپ، ئۇنىڭدىن بىرنېمىلەرنى سوراشقا، چىرايىىنى ھەرخىل پۈرۈشتۈرۈپ، كالدىرلاشقا، ئاق ھەم، سېرىق مىتاللاردا قاپلىتىۋالغان چىشلىرىنى چىقىرىپ، كۈلۈشكە باشلىدى. ئۇ دەسلەپتە بۇ خوتۇننىڭ نېمە دېگىنىنى تازا ئاڭقىرالمىغان بولسىمۇ، كېيىن، ئۇنىڭ ئىشارەتلىرى بىلەن قوشۇپ، ئۇنىڭ نېمە ئىچىسەن؟ قانداقراق قىزلارنى ياخشى كۆرىسەن؟ كېچىچە بىرەرىنى كۆتىرە ئالامسەن؟ دېگەندەك بىزەڭ گەپلەر ئىكەنلىكىنى چالا-بۇلا چۈشەندى. ئۇنىڭ بۇگەپنى ئاڭلاپ، غۇژژىدە ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ، ئەسلى مۇددىئانى ئويلاپ، ئۆزىنى بېسىۋالدى. -شىنجاڭلىق قىزلا بامۇ؟ -رۇستەم تەلەپپۇزنى بۇزۇپ ئېيتقان سۆزنى، قۇلىقى دىڭ تەتەي دەرھال چۈشەندى. -بار، بار، يېڭى .. يېڭى...-ئۇ تەتەي باش بارمىقىنى چىقىرىپ، رۇستەمگە كۆرسەتتى. -يەنە كىچىك.. ياتۇزا... -مەن كۆرۈپ باقاي.... -شىڭ... شىڭ.. لەي... -رۇستەم تەتەينىڭ كەينىدىن ماڭدى، تەتەي ئۇنى بەزمەخانىنىڭ كەينى ئىشىكىدىن تاربىر كارىدورغا، ئاندىن كەڭرى بىر ھويلىغا باشلاپ چىقتى. ئاندىن ئەڭ تۆردىكى روجىكىگە قەغەز ساندۇقنىڭ بىرنەچچە پارچىسى چاپلاپ قويۇلغان، كۆرۈمسىز بىر ئۆينىڭ قۇلۇپىنى شاراقشىتىپ ئېچىپ، رۇستەمنى ئۆيگە باشلىدى. رۇستەم ئۆيگە كىرىپ، بۇلۇڭدا چاچلىرى چۇۋۇلغان، ئوڭ كۆزى قان ئۇيۇپ، كۆكەرگەن، جاۋغايلىرىدىن ئاققان قان ئېڭىكىنى بويلاپ، بويۇنلىرىغىچە يامرىغان، ئۈستىدە بىرتال يىپقا چاغلىق كېيىمى بولمىغان، پۇتلىرىنى قۇچاقلاپ، ئۆزىگە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز قورقۇنچ، تەشۋىش، يېلىنىش نەزەرلىرىدە، دىرىلدەپ تىترەپ تۇرغان قىزغا قاراپ، يۈرىكىگە بىرى خەنجەرتىقىپ، قوچۇغاندەك، بىرلىرى بىريەرلىرىنى ئامبۇردا قىسىپ ئولغاۋاتقاندەك تۇيغۇدا، ئكزىنىڭ قانچىلىك ۋاقىت قېتىپ تۇرۇپ قالغىنىنى سەزمەي قالدى. تەتەي ئۇنىڭغا ھېجىيىپ تۇرۇپ، -بولامدىكەن؟ -دەپ سورىغاندىلا ئۇ، ئۆزىنى ئاران تاپتى -دە، ئانىدىن تۇغما ھالەتتە تىترەپ تۇرغان قىزغا قايتا قارىدى. قارىدىيۇ، ككزلىرى قاراڭغۇلىشىپ، ئۆزىدىن بىركېتىپ، بىركېلىپ، يېقىلىپ چۈشۈشتىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ قالالىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ دەرھال ئەقلىنى ئىشقا بۇيرىدى. -بولىدىكەن. -دېدى ئۇ تەتەيگە نەپرەت بىلەن قاراپ. -ئەمسە پۇل بەر. -قانچە پۇل؟ -500يۈەن. رۇستەم گەپ قىلماي 500يۈەن ساناپ، تەتەيگە بەردى. ئۇ تەتەي پۇلنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. رۇستەم قىزنىڭ ئالدىغا بىر-بېسىپ، ئىككى بېسىپ ئاستا كەلدى. ئۆي ئىچىدە ئۇنىڭغا يېپىپ قويغىدەك بىرەر نەرسە يوق ئىدى. رۇستەم يەرگە سېلىپ قويۇلغان كۆرپىنىڭ ئەستىرىنى مىڭ تەسلىكتە سۆكۈۋېلىپ، قىزنى يۆگىدى. قىز ئۇنى ھېلىغىچە تۇنىماي، قىلتاققا چۈشۈپ قالغان قۇش بالىسىدەك، بۇيانغا ئۆتسە ئۇيانغا، ئۇيانغا ئۆتسە بۇيانغا ئۆزىنى قاچۇرۇپ، دىرىلدەپ تىترىگەن پېتى، ئىككى قولىدا بىر نەچچە يېرىدە قان ئۇيۇپ قالغان يۇمران كۆكسىنى يۇشۇرۇپ، بىچارىلارچە ئولتۇراتتى. قارىغاندا ئۇنىڭدا، يۇلقۇنۇپ، سەكرەپ، تىللاپ، تاتىلاپ، تېپىپ ئۆزىنى قوغدىغۇدەكمۇ مادار ۋە ئىشەنىچ قالمىغاندەك تۇراتتى. رۇستەم تۆكۈلىۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتمەستىن، قوللىرىنى قىزنىڭ چىچىغا ئۇزاتتى، بۇنى كۆرگەن قىز، تولىمۇ زەئىپ ئاۋازدا پىچىرلىدى. -سەندىن خوش بۇلاي ئېي ئادەم. مېنى ئىپپىتىمدىن ئايرىما.... رۇستەم ئۆزىنى تۇتالماي پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلىۋەتتى. ئەنە شۇچاغدىلا قىز رۇستەمنىڭ چىرايىغا تۇنجى قېتىم قارىدى. -رۇستەمكا...-زەئىپ ئاۋازدا پىچىرلىدى قىز، يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلىۋاتقان كۆزياشلىرىنى مەيلىگە قويۇۋېتىپ. -بۇ راس سىز مۇ؟ -بۇ مەن سىڭلىم. -رۇستەممۇ تىترەپ تۇرغان نئاۋازى بىلەن زەئىپ جفۋاپ بەردى.- سىز نېمە بولۇپ بۇيەرگە كېلىپ قالدىڭىز؟ -بۇنى دېسەم گەپ تولا... -مېھرىگۈلچۇ؟ -ئۇمۇ مۇشۇ يەردە. بىزبىللە كەلگەن. -ئەمسە ئۇنى كۆرمەيمەنغۇ؟ -كەچتە ئەكىرىپ قويۇشىدۇ. -تولىمۇ پەس، مىسكىن ئاۋازدا سۆزلەۋەتقان بۇقىز، ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ يالغۇز نەۋرىسى، تالىبە رىسالەت ئىدى. ئەمدى 18ياشقا ئۇلاشقان، ياشلىق گۈلىستانىغا ئەمدى نەزەر تاشلاشقا تەمشەلگەن پاك سەھرا قىزى رىسالەت، بۇ قاۋانلارنىڭ چاڭگىلىدا، خۇددى بۆرىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغان بۆجەندەك تولىمۇ بىچارە، ۋە زەئىپ ئىدى. -سىلەرنى كىم بۇيەرگە ئەكەلدى؟ -رۇستەم رىسالەتنىڭ چۇۋۇلغان چاچلىرىنى قۇلىقىنىڭ كەينىگە تارىغاچ، ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى سۈرۈشتۈرمەكتە ئىدى. -بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ بىز بۇيەرگە كەلگەندە، بىزنى بىر زاۋۇتقا ئاپىرىشتى. بىز زاۋۇتتا ھەپتە ئىشلىدۇق، كېيىن بىزنى باشقا بىرسى بىر توقۇمۇچىلىق فابرىكىسىغا ئېلىپ كەتتى. يۇرتتىن بىللە چىققانلاردىن، مېھرىگۈل بىلەن مەنلا بىللە قالالىدۇق. باشقىلارنى تەرەپ-تەرەپكە چېچىۋېتىشتى. كېيىن فابرىكىدىنمۇ بىللە يەنە باشقا بىرسىنىڭ كەينىگە كىرىپ، تىككۈچىلىك زاۋۇتىغا باردۇق. ئۇيەردە ئىككى ھەپتە ئىشلىگەندىن كېيىن، باياتىنقى تەتەي بىزنى ئەگەشتۈرۈپ، مۇشۇيەرگە ئەكەلدى. نېمىشقا، نېمە سەۋەبتىن كەلگىنىمىزنى بىلمىدۇق. -بۇيەرگە كەلگىنىڭلارغا قانچە كۈن بولدى؟ -بۈگۈن بەش كۈن بولدى. -مېھرىگۈلنى ئۇلارنىڭ نەگە ئاپىرىدىغانلىقىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟ -ئۇلار ئۇنى ھەركۈنى نەچچە بەزمىخانىغا ئاپىرىدىكەن. -نېمىشقا؟ -ساتىدىغان ئوخشايدۇ؟ -نېمە؟ -قالغىنىنى مەنمۇ بىلمىدىم. -سىز نېمە بوپ بۇھالغا كېلىپ قالدىڭىز؟ -ھەركۈنى سىزدەك نەچچە ئۇيغۇر كېلىپ، ماڭا زورلۇق قىلىشىدۇ؟ مەن ئۇنىمايمەن. نەچچىسىدىن قاتتق تاياق يېدىم. -ئۇيغۇر دېدىڭىزما؟ -ھەئە. بەزىدە چەتئەللىكلەر، خىتايلارمۇ بار. -ئۇلار سىزگە... -مەن ئۆلسەم ئۆلىمەن. ھالال ئىپپىتىمنى، جوھۇتلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويىدىغان رىسالەت، مەن ئەمەس...-رىسالاتنىڭ كۆزلىرىدىكى، قەتئىيلىك، نەپرەت، ئۆچمەنلىكلەرنىڭ چېقىنىنى كۆرگەن رۇستەم بۇقىزنىڭ يەكدىللىقىدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمىدى. -بارىكاللا! سىڭلىم. سىزگە ئاپىرىن. -رۇستەمكا! بۇنداق گەپ ماڭا ياقمايدۇ. سىز بىر مۇسۇلمان. بۇيەرگە مېھرىگۈلنى ئىزدەپ كەلگىنىڭىز ماڭا ئايان. سىز بىر يىگىت. ئاللاھ يولىدا مېنىمۇ بۇيەردىن قۇتۇلدۇرىۋېلىڭ. مېنىڭ چىدىغىچۈلىكىم قالمىدى. -خاتىرجەم بولۇڭ. مەن يرتتىن شۇنىڭ ئۈچۈن چىققان. مېھرى قاچان كېلىدۇ؟ -سېتىلىپ كەتمىسىلا، قاراڭغۇ چۈشۈشتىن بۇرۇن قايتىپ كېلىدۇ. سىز ئانغىچە قايتىپ تۇرۇپ، كەچتە كېلىڭ. -سىزنى بۇيەرگە بۇنداق تاشلاپ قويۇپ مەن قانداق كېتىمەن؟ -خاتىرجەم بولۇڭ،ئاللاھ ئېگەم بار، مەندە يەنە ئازراق مادار بار. جېنىم تىنىمدىلا بولىدىكەن، ماڭا قول سوزغانلارنى مەقسىتىگە ھەرگىز يەتكۈزمەيمەن. ئالدى بىلەن .اللاھ، ئاندىن، مەن... -ئەمسە سىڭلىم، مەن كەچتە كېلەي. -چوقۇم كېلىڭ. مېھرىگۈل سىزنى كۈتىۋاتىدۇ. رۇستەم چىقىپ كەتتى. چىقىپ كەتتىيۇ، يۈرىكى ئۆيدە ئۆزىگە ئۈمىد بىلەن تەلمۈرۈپ قالغان ناتىۋان قىز بىلەن بىللە قالدى. رىسالەت شۇ كەمگىچە بىرەرىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىغان قىز ئەمەس ئىدى. مانا، ئانىدىن بەرەھنە ھالەتتە، شەھۋەتخورلارنىڭ تاماشا قىلىدىغان قونچىقىغا ائايلىنىپ قاپتۇ. مېھرىگۈلچۇ؟ بىرسى رۇستەمگە ئۇنىڭ بويى بىلەن تەڭ ئالتۇن بەرسە، چىچقان پوقىنى تەڭ قىلمايتتى، قانداقتۇر بىر مەلئۇنلار، ئۇنى خۇددى، قوينىڭ قوزىسىنى يېتىلىگەندەك يېتىلەپ يۈرۈپ، تۆتتال پۇلغا ساتماقچى بولۇپ يۈرىۋېتىپتۇ. ئاھ جاھان!!! بۇزۇلۇملارنى نېمىشقا بۇنداق ناتىۋان، ئاجىز قىزلارنىڭ بېشىغا سالىدىغانسەن؟ خۇددى رىسالەتنىڭ دېگىنىدەك، يۇرتتىن چىققانلار ئۈرۈمچىدە نەچچە گۇرۇپپىغا ئايرىلىشتى، ئاندىن ھەربىر گۇرۇپپىغا بىردىن كادىر مەسئۇل بولۇپ، ئۇلارنى نەچچە كۈن پويىزغا ئولتۇرغۇزۇپ، بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىشتى. دەسلەپتە ئۇلار ئىشقا چۈشكەن زاۋۇت ئۇلارغا تولىمۇ قىزغىن بولدى. ئەمما مەسئۇل كادىرلار قايتىپ كېتىشى بىلەن تەڭ، ئۇلار باشقا زاۋۇتقا، فابرىكىلارغا، يۆتكىلىشتى. ئاندىن بىردىن، ئىككىدىن بۆلۈنۈپ، پەقەت مېھرىگۈل بىلەن رىسالەتلا بىر-بىرىنى چىڭ قۇچاقلاپ، ئايرىلغىلى زادىلا ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىمۇ تۇيماستىن، رىسالەت ئىككى تۈمەنگە، مېھرىگۈل چىرايلىق بولغاچقا ئۈچ تۈمەنگە مۇشۇ بەزمىخانىنىڭ خوجايىنىغا سېتىلدى. خوجايىن، رىسالەتنى كىچىك كۆۈپ، ئۇنى ئاسانراق ئەيۋەشكە كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىغا كۆزى يەتتىمۇ، ئۇنى ئېلىپ قېلىپ، بۇينى قاتتىق ئېشەكتەك، چاپچىپ، چىچچاڭشىپلا تۇرىدىغان مېھرىگۈلنى باشقا ھەقەمسايىلىرىغا پايدىسىغا سېتىۋېتىشنى ئويلاپ، چاپارمەنلىرى ئارقىلىق ئۇنى بازارغا سېلىۋاتقىلى مانابۈگۈن تۆتكۈن بولدى. ئەمما ئۇ قويغان ئون يەتتە تۈمەن باھانى ھەممىسى ئۈستۈن كۆرۈپ بىرنېمە دېمىدى. شۇڭا ئۇ بۈگۈن مېھرىگۈلنىڭ باھاسىنى بەش تۈمەنگە چۈشۈرۈپ، يەنە ماڭغۇزغانىدى. چاپارمەنلەر كەچتە يەنە سالپىيىپ كېلىشتى. كەچتە رۇستەم بۇ بەزمىخانىغا يەنە كەلدى. لاۋبەن خوتۇن ئۇنىڭ ئالدىغا غىلجىڭلاپ كېلىپ، ئۇنىڭ مەقسىتىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنى يەنە ھېلىقى كەينى ئىشىك ئارقىلىق، ھېلىقى ھويلىدىكى، كونا ئۆيگە باشلاپ چىقتى. -ئىككىلىسىنى ئالىمەن دېسەڭ 1000يۈەن بەر. دېدى ئۇ ئىشىكنىڭ قۇلۇپىنى ئاچماي تۇرۇپ. رۇستەم شىڭ -دەپ، شارتلا 1000يۈەن چىقىرىپ ئۇنىڭغا تەڭلىۋىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى چايغا سالغان خام قايماقتەك پارقىراپ كەتتى. ۋە چىڭ...چىڭ..-دەپ، ئىشىكنى ئېچىپ بېرىپ، غايىپ بولدى. رۇستەم ئۆيگە كىرىپ، مەشۇقىنىڭ سۇلغۇن، تاتىراڭغۇ، مىسكىن چىرايىنى، ئۈستىبېشىدىكى چاكىنا، غىلجىڭ كېيىملىرىنى، گەدىنىدە قالدۇرۇپ، تەتەيچە كېسىپ تاشلانغان قۇندۇزدەك چاچلىرىنى كۆرۈپ، كۆزلىرى لىققىدە ياشقا تولدى. پۇت-قوللىرى تىترەپ، ئورنىدىلا ئولتۇرۇپ قالغىلى تاس-تاماس قالدى. ئۆزىگە قاراپ، يىغلامسىراپ تۇرغان مېھرىگۈلنىڭ كۆزلىرى بىلەن كۆزلىرى ئۇچراشقاندىلا ئاندىن ۋۇجۇدىغا بىرئاز ماغدۇر تاراپ، ئۆزىنى ئۇنىڭغا ئاتتى. -مېھرى!!! -رۇستەم!!! ئۈچ يىلدىن بېرى نامەھرەم، ھايا ۋە نۇمۇستىن بىر-بىرى بىلەن ئىككى قەدەم ئارلىق قالدۇرۇپ كۆرۈشىدىغان بۇ ئاشىق-مەشۇقلار مانا ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم قۇچاقلاشتى. قۇچاقلاشقاندىمۇ بىر-بىرىنى مەڭگۈ قويىۋەتمەيدىغاندەك مەھكەم قۇچاقلاشتى. بەس! ئۇلارنىڭ روھلىرى پىچىرلاشسۇن! باغرى بىر-بىرىگە قانسۇن. يۈرەكلەر ھال-مۇڭلىرىنى تۆكۈشۈپ، قانغۇچە پىچىرلاشسۇن. گەرچە ئۆتكەن ۋاقىت ئىككى يېرىم ئاي بولسىمۇ، بۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار تولىمۇ كۆپ ۋە مۇرەككەپ. غېرىپ باشلارغا چۈشكەن كۈلپەتلەر تولىمۇ ئېغىر. بۇنى مۇشۇنداق چۈشىنىدىغان قەلىبلەرلا تىڭشىيالايدۇ. بەس!!! خېلى ئۇزاققا سوزۇلغان سۈكۈتلۈك يىغا-زارىدىن كېيىن، ئۈچەيلەن، بۇ ئۆڭكۈردىن قانداق قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتىشنى مەسلىھەت قىلىشتى. ئارىدا رۇستەم سىرتقا چىقىپ، ھويلىنىڭ قورۇتاملىرىنى كۆزىتىپ كىردى. زادى قانداق قىلىش ھەققىدە خېلى ئويلانغان بولسىمۇ، داۋاملىق ئاسراش، كۆيۈنۈش، تۈزەش، ھەققىدىلا ئويلايدىغان پاك دېھقان كاللىسىغا، بۇزىدىغان، چاقىدىغان ، ئوغۇرلايدىغان بۇنداق ئويلار زادىلا كەلمەيۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ قىزلارغا نۇرغۇن تەسەللىلەرنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرغاندىن كېيىن، قايتىپ، يۈسۈپتىن مەسلىھەت ئېلىپ بېقىشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. ئۇ قىزلار بىلەن خوشلاشتى. سىرتقا چىقىپ، تەتەي خوجايىنغا يەنە مىڭ سوم بېرىپ، ئەتە ئەتىگەن يەنە بىر ئاغىنىسى بىلەن كېلىپ، "پەيزى" قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇدۇل يۈسۈپنى ئىزدەپ ئۇنىڭ ياتىقىغا كەلدى. ئەمما يۈسۈپ يوق ئىدى. خېلى مەھەل ساقلىغاندىن كېيىنلا مەست-ئەلەس بولۇپ قايتىپ كەلگەن يۈسۈپ، رۇستەمنى كۆرۈپ، خىجىللىقتىن قىزىرىپ كەتكەنىدى. -نېمە؟!! يۈسۈپ رۇستەمىنڭ پىلانىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى. -سەن ئۇلارنى قانداق ئېلىپ قاچىسەن؟ -بۇنى سەندىن ئۆگىنەي دەپ كەلدىم شۇ... -مەندىن.....-يۈسۈپنىڭ مەستلىكىمۇ نەلەردىدۇر قالغانىدى. -مەن قانداق ياردەم قىلارمەن.... -پەقەت ئەتە ئەتىگەندە مەن بىلەن بىللە بېرىپ، قىزلارنى شۇ قورودىن ئېلىپ چىقىشىمغا ياردەملەشسەڭلا بولدى. -ئۇيەردىن ئېلىپ چىققان بىلەنلا ئىش پۈتەمدۇ؟ -يۈسۈپ ئويلىنىپ سورىدى. -ئۇيەردىن چىققاندىن كېيىن دەرھال بۇ ناھىيىدىن، ھەتتا بۇ ئۆلكىدىنمۇ يوقىلىشىڭ كېرەك. كېچىكتۈرۈشكە زادى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ جادى بىلىپ قالسا، ھەممىمىزنىڭ ئۆلگىنى شۇ. -شۇڭا سېنىڭ يېنىڭغا كەلدىم ئاداش. خۇدا يولىدا ماڭا ياردەم قىل. -مەن خۇدا يولىدا، يەنە بىرنېمە.... دېگەنلىرىڭنى بىلمەيمەن. تۇغۇلۇپ ھازىرغىچە خۇدانىڭ بىچارىنى يۆلىگىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. بوپتۇ. نېمىلا بولمىسۇن، يۇرتىمىزنىڭ قىزلىرى ئۈچۈن، بىر تەۋەككۈل قىلىپ باقاي. مېنىڭچە يانچۇقچىلىق قىلغاندىن تەس ئەمەس. ئىككەيلەن يېرىم كېچىدىن ئاشقىچە بىرمۇنچە مەسلىھەتلەرنى قىلىشىپ، ئاخىرى گېپىنى توختىتىشتى. ئاندىن كېچىلىك بازارغا بېرىپ، پىچاق، تانا، دېگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ قويۇشتى. ئەتىسى ئەتىگەن ئۇلار بىرتاكسىنى كىراقىلىپ، بەزمىخانىغاكەلدى. ھەمدە تاكسى شوپۇرىغا ، كېتىپ قالماسلىقىنى تاپىلاپ، كىرىپ كېتىشتى. تەتەي خوتۇن رۇستەمنى كۆرۈپ ئالدىراپ كەتتى. ھەمدە ئۇلارنى ھېلىقى ئۆيگە باشلاپ كېلىشتى. تەتەي خوتۇن غايىپ بولغاندىن كېيىن، رۇستەم كۆينىكىنى ئۆرۈپلا، بېلىگە باغلىۋالغان تانىنى ئالدى. ئانغىچە يۈسۈپ، قول سومكىسىدىن كېيىم كېچەكلەرنى ئېلىپ، قىزلارغا تەڭدى. ئۇلار ناھايىتى تىزلا تەييارلىقنى پۈتتۈرۈشتى. قىزلارمۇ تەتەيلەردەك ياسىنىپ تەق بولۇشتى. يۈسۈپ ھويلىغا چىقىپ، تانىنى تامنىپ پەس بىر يېرىدىن ئارتىلدۇرۇپ سىرتقا تاشلىدى، ئانغىچە رۇستەم، بۇلۇڭدىكى بىرتال تاختاينى ئەكىلىپ، تامغا يانتۇ قويدى ۋە يۈسۈپكە، دەسسەپ تۇر! -دەپ ئۆزى تاختايغا سەرەپلا تامغايامىشىۋالدى، ئاندىن بىرئاماللاپ تامنىڭ ئۈستىگە چىقتى. تانىنى نېرىدىكى سىتولبىغا مەھكەم چىگكەندىن كېيىن، بىر ئۇچىنى ھويلىغا تاشلىدى. باشتا رىسالەت چىقتى، ئاندىن مېھرىگۈل چىقتى. يۈسۈپ ئەڭ ئاخىرىدا چىقىتى. ئۇلار پەسكە سەكرەپ، چۈشۈپ، قايرىلىپ، ئاغرىپ كەتكەن پۇتلىرىنىمۇ ئۇنتۇشۇپ، چوڭ يولغا چىقىشتى. ئاندىن ھېلىقى تاكسى توختاپ قالغان يەرگە قارىۋىدى، ۋەدىگە ۋاپا قىلماي كېتىپ قالغانىدى. ئۇلار چوڭ يولدىن كېسىپ ئۆتۈپ، مىڭ تەستە تاكسىدىن بىرنى توسىۋالدى. يۈسۈپ شوپۇرغا بىرنېمە دەپ بۇيرىۋىدى، شوپۇر غۇيۇلداپ چېپىپ كەتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ قاچقىنىدىن خەۋەر تاپقان تەتەي، چاپارمەنلىرىنى يۈگۈرتۈپ، ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئۇلار تېخى بىلمەيتتى. ئۇلار شۇماڭغانچە پويىز ئىستانزىسسىغا كېلىپ، تاكسىدىن چۈشتى. ئاندىن بېلەت ئېلىش ئۆيىدىن شىنجاڭغا بارىدىغان بېلەتتىن 3نى سېتىۋېلىپ چىقىشتى. ئەمما بېلەت ئەتە ئەتىگەننىڭ ئىدى. ئەمدى ئۇلار بۈگۈننى ۋە بىركېچىنى ئارامخۇدا ئۆتكۈزىۋالسا، خۇدايىم بۇيرىسا يۇرتقا ئامان-ئېسەن كېتەلەيتتى. ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇزۇن بىركۈنمۇ كەچكە ئۇلاشتى. ئۇلار پوۇىز ئىستانزىسىنىڭ تاشلاندۇق نەرسىلەر دۆۋىلەپ قويۇلغان بىر بۇلۇڭىدىكى، ئەسكى يۈك ساندۇقىغا كىرىۋېلىشقانىدى. ئەمدى بۈگۈن كېچىنى مۇشۇ يەردە تۈنەشكە توغرا كېلەتتى. ئۇلار ساندۇقتىن چىقسىلا بىرى تۇتىۋالىدىغاندەك، دەككۈ-دۈككىدە كېچىنىمۇ يېرىم قىلدى. توساتتىن سىرتتىن نەچچەيلەننىڭ جىددىي بىرنېمىلەرنى دېيىشىپ، بىر-بىرىگە بىرنېمىلەرنى بۇيرۇشۇپ، سۆزلىگەن ئاۋازى ھەممەيلەننىڭ قۇلىقىنى دىڭ قىلدى. يۈرەكلەر دۈپۈلدەپ، ئاغزىغا تىقىلايلا دەپ قالغانىدى. ھەممەيلەن ئۈنلۈكرەك تىنىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، نەپىسىنى ئىچىگە يۇتىۋېتەتتى. بىرەيلەننىڭ ئاياق تىۋىشى بارغانچە يېقىنلاپ كېلىپ،يۈك ساندۇقىنىڭ ئالدىدىلا توختىدى. ئاندىن بىرسىنى چاقىردى بولغاي، بىردەمدىلا يەنەبىرەيلەننىڭ يېتىپ كەلگىنى مەلۇم بولدى. رۇستەم بېلىدىكى پىچاقنى ئاستا سىلاپ قويدى. تۇيۇقسىزلا يۈك ساندۇقىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، قولچىراق تۇتقان ئىككەيلەن ئۇلارنى كۆرۈپ قالدى. مېھرىگۈل ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئېگىزرەك بىرسىنىڭ ئۆزىنى نەچچەكۈندىن بېرى ئايلاندۇرۇپ، بازارغا سېلىپ يۈرگەن دانىخورەك ئىكەنلىكىنى بتۇنىۋالدى. ۋە رۇستەمگە : ئۇلارنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ئوخشايمىز...-دېدى پەس ئاۋازدا... رۇستەم مېھرىگۈلنىڭ، يۈسۈپ رىسالەتنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتتى. ئۇلار قاچماقچى ئىدى. بىراق قول چىراق تۇتقان پاكار، ئورۇق توڭگۇز بىرلا ۋارقىرىۋىدى، تەرەپ-تەرەپتىن يېتىپ كەلگەن سەككىز-ئون ئادەم يۈك ساندۇقى ئىشىكىنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇشتى. ئەمدى قېچىپ كېتىشكە كۆزى يەتمىگەن رۇستەم، ئېلىشىش نىيىتىدىنمۇ ئاستا ياندى، چۈنكى بۇنچە كۆپ ئادەم بىلەن ئېلىشقان تەقدىردىمۇ ئۇلارغا ھەرگىز تەڭ كېلەلمەيدۇ. ئەمسە قانداق قىلسۇن؟ مەشۇقىنى مۇشۇ قاۋانلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، غىڭ قىلماي كەتسۇنمۇ؟ ئاھ خۇدا!!! قۇتقازساڭچۇ، بەندەڭنى؟!!! غالچىلار تەرەپ-تەرەپتىن يۈك ساندۇقى ئىچىگە يامراپ كىرىشتى، ۋە يىگىتلەر بىلەن قىزلارنى ئايرىپ، ئايرىم-ئايرىم باغلاشتى. ئېغىزلىرىنى ئېتىپ، ماشىنىغا سېلىپ ئېلىپ كېتىشتى. ئەتىسى ئەتىگەندە غالچىلار ئىككى ماشىنا بىلەن شەھەر سىرتىدىكى ئەخلەت تۆكۈش مەيدانىغا كەلدى-دە، قارا سۇلىياۋ بىلەن ئورالغان ئىككى جەسەتنى چوڭقۇر ئازگالغا تاشلىۋېتىشىپ، قايتىشتى. كەينىدىنلا بىر توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى كېلىپ، جەسەتلەرنىڭ ئۈستىنى سېسىق ھىد گۈپۈلدەپ تۇرىدىغان ئەخلەتلەر بىلەن كۆمۈۋەتتى. شۇنداق قىلىپ، 23 ياشلىق رۇستەم بىلەن، 22ياشلىق يۈسۈپ بۇدۇنيا بىلەن جىممىدە خوشلاشتى. ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىدىن ئاشۇ ناتۇنۇش بىرنەچچە كىشىدىن بۆلەك مېھرىگۈل ۋە رىسالەتلەرنىڭمۇ خەۋىرى يوق ئىدى. چۈنكى ئۇلارمۇ كېچىچە تاياق يەپ، چالا ئۆلۈك بولۇپ قېلىشقاندىن كېيىن، تەتەي خوجايىن جاپاتارتقان غالچىلىرىغا ئۇلارنى ئىككى كۈنلۈك "سوۋغات" قىلىپ بېرىۋەتكەنىدى. ۋاقىت تولىمۇ تىز ئۆتىدۇ. مانا، مېھرىگۈل كەتكىلى سەككىز ئاي، رۇستەم كەتكىلى يەتتە ئاي بولدى. ئەمما ھېچكىمدىن خەت-خەۋەر يوق. پەقەت ئايقىزدىن ئىككى پارچە خەت كەلدى. ئەمما باشقىلارنىڭ ھېچقايسىسىدىن خەۋەر يوق. ئەختەم شۇ ياتقانچە يېتىۋەردى. ئۇزۇن قىشمۇ چىقىپ، ئەتياز كىرىپ قالاي دېدى، لېكىن ئەختەم بىرخىللا ياتىدۇ. بىچارە روزاخۇن بىر پۇتىنى سۆرەپ ماڭىدىغان بولۇپ قالدى. ئاھ خۇدا !!! جان قاچان چىقار؟!! بۇجاننى بۇنداق قىينىغىچە ئالساڭ بولمامدۇ ئامانىتىڭنى.!!! ئەختەم ئۆزىگە ئۆلۈم تىلىسە، گۇناھ بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە شۇنداق قىلىۋاتاتتى. نېمە ئامال؟ يىگىتلىك قانلىرى تومۇرلىرىغا پاتماي ئېقىۋاتقان بەردەم بىر يىگىت ھېچنىمىدىن ھېچنىمە يوق، يا ئۆلەلمەيدىغان، يا تىرىكتەك ياشىيالمايدىغان بىر ھالغا چۈشۈپ قالسا، بۇ زادى نېمە كۈن؟!!! ئارىدىن يەنە ئىككى ئاي ئۆتۈپ كەتتى. كوچا-كويدا ھەرخىل مىش-مىش پاراڭلار تارقاشقا باشلىدى. -ھەي بىچارە روزاخۇن ھەركۈنى شەھەرگە كىرىپ، تىلەمچىلىك قىلىۋېتىپتۇ، دەيدۇ... -ۋاي ماڭە نېرى، يوق گەپنى تاپماي. -نەدە يوق گەپ؟!! كۆرگەن ئادەم بار جۇمۇ؟ -ئىشىڭنى قىلىشساڭچۇ ھەي....تىلىسە سەندىن تىلىمىگەندىن كېيىن... -شۇ... تىلىمەي نېمە قىلىدۇ؟ ئەختەم گەپمۇ قىلماي ياتسا، ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا، دورىلىرىغا پۇل كېتەر ھەقاچان... - پلەچ كېسىلىنىڭ دورىلىرى بەك قىممەت دەيدۇ... -خۇدايىم ئەجەپ ئۇنتۇپ قالدى مۇشۇ بەندىسىنى... -ھەي.. نېمە قىلغۇلۇق.... دادىسى بىچارىنىڭ 3500سەر ئالتۇنىنى تارتىۋېلىپ، ئاق تىكەنگە بېسىپ ئۆلتۈرىۋەتكەندە، بۇ بىچارە ئاران 8~9ياشتا ئىدى. مانا ، ئەمدى نېمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتىدۇ... -ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قىلىپ سالغىنى بار ئوخشايدۇ. بولمىسا بۇنچە دىشۋارچىلىققا سالىدىغانغا خۇدانىڭمۇ غەزىپى ئالدىرىماي... دەيدىغان گەپ بار... .... بۇ تىمىدىكى پاراڭلار كوچا-كويلاردا لىق ئىدى. بەزىلىرى ئىچ ئاغرىتسا، بەزىلىرى ئىچىدە خوپ بولدى ! -دەيتتى. ئىشقىلىپ نېمە بولسا بولدى، بۇ ئائىلىگە كۆز تەگدى. بالىلارنىڭ ئانىسى قاچان كۆز يۇمدى، شۇنىڭدىن باشلاپ مانا ھازىرغىچە كۆڭۈلسىزلىك ئۈستىگە كۆڭۈلسىزلىك! ھەي.. بىچارە بوۋاي. ھەر كۈنى شەھەرگە بېرىپ، تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرگىنىگىمۇ تۆت ئايدىن ئاشتى. كىشىلەرنىڭ خەيىر-ئېھسانلىرى ھېچ بولمىسا كۈندىن-كۈنگە ئورۇقلاپ كېتىۋاتقان ئەختەمنىڭ دورىسىغا، ۋە قورساققا پايدا قىلىۋاتىدۇ. ساتىدىغان ھېچ نەرسە قالمىدى. ئۆينى ساتسا بەش~ئالتە مىڭغا ئاران يارايدۇ. ئۇ پۇلمۇ تۈگەر نەچچە كۈندە. خەيىر.... بۇ كۈنلەرنىڭمۇ چېكى باردۇ؟ بۈگۈن بامدات نامىزىدىن كېيىن جامائەت ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، بىئەجەل ئۆلۈپ كەتكەن ئەختەمنىڭ مېيىت نامىزىغا تۇرۇشتى. نامازدىن كېيىن روزاخۇن جىنازىنىڭ ئالدىدا ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئەزگۈدەك ئاچچىق-ئاچچىق يىغلاپ ماڭدى. جىنازىنىڭ كەينىدىلا بېلىگە ئاق باغلاپ كېلىۋاتقان ھېۋزۇللا ئىچىدە: -توۋا!!! "خۇدايىم جاجىسىنى بېرىدۇ!" -دەپ قاغىۋەتكەنىدىم. قارغىشىم تۇتقانمىدۇ بۇ يالاڭ تۆشلەرنى، ئەممازە... خۇدامۇ جاجىسىنى بەك ئاشۇرۇپ بەردىمۇ نېمە بۇ داڭگاللارنىڭ؟ توۋا!!! خۇدايىم... توۋا!!! -دەپ، نېمىلەرنىدۇر پىچىرلاپ، كەلمەكتە ئىدى. جامائەت قايتىشتى. روزاخۇنمۇ يىغلاپ، پۈتۈپ كەتكەن ئۈنلىرىنى چىقىرىشقىمۇ ئامالسىز ھالدا قەبرە ئالدىدا تىزلانغىنىچە ئۇزاق ئولتۇرۇپ قايتىپ كەتتى. گۆرۈستانلىق جىمجىت قېپ قالدى. ئەمما ئەختەمنىڭ قەبرىسىدىن، پۈتۈن كەنىتكە، ئاندىن پۈتۈن يېزىغا، ھەتتا پۈتۈن جاھانغا ۋەزىنلىك! ئېچىنىشقا تولغان، پۇشايمانلىق بىر نىدا توختىماي ئاڭلىنىپ تۇرغاندەك ئىدى. ئۇ بولسىمۇ " -سىڭلىم مېنى كەچۈرگىن! سىڭلىم! ئاكاڭنى كەچۈرگىن!!! خاتىمە قىزلار كېتىپ، دەل 13 ئاي بولغاندا، 23قىزدىن 16سى قايتىپ كەلدى. ئۇلار قايتىپ كېلىپ، بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ج خ نازاراتىنىڭ مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى كەنىتكە كېلىپ، بارلىق ئەھۋالنى ئېگەللەپ، قايتىپ كەتتى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ھېۋزۇللا، يرزىلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى ئاسىم(ئا سوجاڭ)، ۋە ئەختەمنى ئۇرۇشقا قاتناشقان ئىككى غالچا، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى قولغا ئېلىنىپ، ئۈرۈمچىگە يالاپ ئېلىپ كېلىندى. ھەمدە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يۇقىرى خەلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ سۈرلۈك ، يوغان سوتخانىسىدا جىنايەت گۇماندارلىرىغا كېڭەشمە سوت ئېچىلدى. ھېۋزۇللا، ئا سوجاڭ قاتارلىقلارغا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى، ئىككى غالچىغا 10يىللىق قاماق جازاسى، يېزا باشلىقى، يېزىلىق پارتىكومنىڭ شۇجىسى ، مۇئاۋېن يېزا باشلىقى قاتارلىقلارغا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئۈچ يىللىق قاماق جازاى بېرىلدى. روزاخۇن بوۋايغا ۋە ئەختەمگە ھەرخىل تۆلەملەر بولۇپ 322475.96يۈەن تۆلەم بېرىش، بۇ تۆلەمنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسى بىلەن، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئېلىش بۇيرۇلدى. ئەمما روزاخۇن بوۋاي، سوت مەيدانىدا يىغلاپ تۇرۇپ: -ماڭا ئۇنچە كۆپ پۇل كېرەك ئەمەس. ماڭا قىزىم مېھرىگۈلنى قايتۇرۇپ بەرسەڭلارلا بولدى. دەپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. قانۇن خادىملىرى ئۇنىڭغاتەسەللى بېرىپ، سوتتىن مېھرىگۈلنىڭ دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن كېسىم قىلىپ بېرىشنى ئۆتۈندى. سوت ئويلىشىپ، بۇ ۋەزىپىنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ج خ نازارىتىگە تاپشۇردى. روزاخۇن تۆلەم پۇلىنى ئېلىپ، يۇرتقاي قايتىپ كەلدى. ئۇ كېلىپ، ئۈچ ئايدىن كېيىن ئىككى ساقچى ئورۇق، يۈز-كۆزلىرى ھەرخىل تاتۇقلار بىلەن تولۇپ كەتكەن، كالتەچاچ، بىر پۇتى قىسقىمۇ نېمە، ئىشقىلىپ دىڭگوسلاپقىنا ماڭىدىغان بىرەيلەننى قولتۇقىدىن يۆلەشتۈرۈپ، كىرىپ كەلدى. بۇ مېھرىگۈل ئىدى. بۇجەرياندا ئۇنىڭ تارتقان كۈلپەتلىرىنى بىر-بىرلەپ سۆكۈپ ئولتۇرمىساقمۇ، ئەقىللىق كىتاپخان ئۇنىڭ تەققى-تۇرقىدىنلا نېمە كۈلپەتلەرنى كۆرگەنلىكىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولدى. دادا-بالا ئىككەيلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. ئاندىن مېھرىگۈلنىڭ تەلىپى بويىچە روزاخۇن ئۇنى يۆلەپ ئەختەمنىڭ قەبرىسىگە ئېلىپ كەلدى. مېھرىگۈل ئۆزىنى تۇتالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ تاشلىدى. چۈنكى ئۇنىڭ قۇلىقىغا قەبرىدىن: " سىڭلىم مېنى كەچۇرگىن!!!" دېگەن سادا توختىماي ئاڭلىنىۋاتقاندەك بىلىنگەنىدى. تامام 2009-يىلى2-ئاينىڭ12-كۈنى خوتەندە تاماملاندى. مەنبە: قاشتېشى مۇنبىرى. ئۇرخۇن ئوغلى يوللانمىسى. 2009-يىلى2-ئاينىڭ12-كۈنى يوللانغان.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

كةچۈرۈڭ، ئايالصڭصز...
كةچۈرۈڭ، ئايالصڭصز...
كةچۈرۈڭ، ئايالصڭصز...
كةچۈرۈڭ، ئايالصڭصز...
كةچۈرۈڭ، ئايالصڭصز...
كةچۈرۈڭ، ئايالصڭصز...
كةچۈرۈڭ، ئايالصڭصز...
كةچۈرۈڭ، ئايالصڭصز...
كةچۈرۈڭ، ئايالصڭصز...
كةچۈرۈڭ، ئايالصڭصز...
سىڭلىم مېنى كەچۈرگ...
ئەرلەر تۇرۇشقا بول...
21 قىزغا باسقۇنچىلى...
ئۇچالايدىغان ئادەم
80ياشلىق بوۋايغا مۆ...
تىلەمچىلەر تورى تا...
كىنو تەرجىمە سېپىد...
مەختۇمسۇلا دىگەن ئ...
ئېلانغا ھۆ بولۇپ كە...
10 كويلۇق قــــــىـ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

كةچۈرۈڭ، ئايالصڭصزغا چې...
كةچۈرۈڭ، ئايالصڭصزغا چې...
كةچۈرۈڭ، ئايالصڭصزغا چې...
كةچۈرۈڭ، ئايالصڭصزغا چې...
كةچۈرۈڭ، ئايالصڭصزغا چې...
كةچۈرۈڭ، ئايالصڭصزغا چې...
كةچۈرۈڭ، ئايالصڭصزغا چې...
كةچۈرۈڭ، ئايالصڭصزغا چې...
كةچۈرۈڭ، ئايالصڭصزغا چې...
كةچۈرۈڭ، ئايالصڭصزغا چې...
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316