ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنىڭ كۆپ يەرلىرىدە ئىشتان ئىچىدىكى ناشايان بايانلار كۆپرەك، بۇ تۈردىكى مەزمۇنلارنى ياقتۇرمايدىغان تورداشلار ئەسكەرتىشنى كۆرۈپلا داۋامىنى ئوقۇمايلا چىقىپ كىتىشىنى سورايمەن. ئوقۇيدىغاننى ئوقۇپ بولۇپ،ئاندىن قوپاپ «نۇمۇسسىزلار، ئۇ بۇ... مىللىتىمىز مۇشۇنداق بولۇپ كىتىۋاتىدۇ ئاھ...پاھ....» دىگەندەك تۇزسىز گەپلەرنى قىلىپ يۈرسەڭلەر نامەرتلىك بولىدۇ.
ھوجۇر ئۆيگە كىردىم، يولۋاس دىققەت بىلەن سەپسىلىپ مالنى تەكشۈردى.«ھىم،خېلى جايىدا....» دەپ يەكۈن چىقاردى.مەن دەرھاللا دىققەت ھالىتىدە تىك تۇرۇپ،«ھەركەتنى باشلايلى ، يوليورۇق بېرىڭ» دىدىم جىددىلىك بىلەن.
«تومۇچۇغۇم، كېلىڭە....» دەپ يوليورۇق بەردى يولۋاس. قول بېغىشىمنى مىدىرلىتىپ،ئون بارمىغىمنى بىر-بىردىن قاراسلىتىپ ئاۋاز چىقىرىپ ،بەلنى ئۈچ قېتىم ئىگىپ،بوينۇمنى ئۇچ قېتىم بۇراپ،ئاندىن بىلەكلىرىمنى كەڭ .ئېچىپ يۇلۋاسقا قاراپ تۇرۇپ «باشلاي ئەمسە...» دەپ كۈكۈم تالقان بۇلۇپ كەتسەممۇ مەيلى دىگەننى خىيال قىلغان ھالدا ئېتىلدىم. يولۋاس ماڭغا قاراپ تۇرۇپ بېشىنى چايقاپ :
«بەدەن ئىسىتىشىڭ مۇكەممەل بولماپتۇ»
ھىم،قارغاندا تېخېمۇ كۈچەيتىشىم كېرەككەن. پالاق قىلىپ يەرگە دۇم چۈشتۈمدە 48 فۇۋوسېڭ نى ئىشلىۋېتىپ، ئاندىن پۇتلىرىمنى ئۇزۇن قىلىپ پەيلىرىمنى سوزۇپ، تىزىمنى ئىگىپ ئۇلتۇراپ قۇپۇپ ، بېشىمنى تۆۋەنگە پۇتۇمنى ئاسمانغا قىلىپ تىك تۇرۇش دىگەندەك بىر يۈرۈش ھەركەتلەرنى قىلىۋەتتىم. يولۋاس مەمنۇنلىق بىلەن بېشىنى لېڭشىتىپ «good» دەۋەتتىغۇ. بىزنىڭ جەڭ رەسمى باشلاندى.
يولۋاس بىلەن ھەپىلىشىش جەرياننىڭ ۋاقتىنى بۇرۇنقىدەك ئۇزۇن زورلمايدىغان بولۇپ قالدىم. ئاساسلىق سەۋەبى ئىشخانامدىكى زولفىرە، بۇ قىزغا بولغان غۇۋا ئامراقلىق پەيدا بولغاندىن ياقى، ھەپىلىشىش ۋاقتىنى كونتۇرۇل قىلالمايدىغان بولۇپ قالدىم. ئالدىنقى قېتىم يولۋاس ئىككىمىز تازا بولىشۋاتقاندا كاللامغا تۇيۇقسىز زولفېرەنىڭ يۇمران،ئىلاستىكىلىك كۆكسى ۋە ئوت چاقناپ تۇرغان كۆز نۇرى كۆز ئالدىنغا كېلىۋېلىپ، ئۆزەمنى كونتۇرۇل قىلالماي تاسقالدى ئوق چىقىپ كەتكىلى. بۇ جىددى پەيىتتە دەرھال مەخپى ئەڭگۈشتەرىمنى چىقاردىم. قولامنى ئۇزۇتۇپ كارۋات قېشىدىكى ئۈستەلدىن پورتىمالىمنى ئالدىمدە بىر قولۇم بىلەن ئاچتىم. پورتىمال ئىچىدىكى رەسىمدە ئا مۇدىرنىڭ ئۆلۈكتەك ئاق، سۇغا چىلاپ قويۇپ كۆپۈپ كەتكەن مانتىدەك خام سېمىز چىرايى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى، شۇ ھامان ئېقىپ كەتكىلى تاس قالغان ھىسىياتىم كەينىگە يېنىپ پەسەيدى. ئۇنىڭ دۆتلۈك، مەنسىتمەسلىك ئىپادىلىنىپ تۇرغان چىرايى كۆز ئالدىمدا ئىككى سىكونىت كۆرۈنگەنتى پورتىمالنى يېپىۋەتتىم، ھەممە ئىشلار جايىدا ھەركەتلەر داۋاملاشتى.رەسىمنى كۆرۈشنىڭ ۋاقتى بەك ئۇزاق بۇلۇپ كەتمەسلىگى كېرەك، بەك ئۇزاق قارۋەتسەم ئوت بىلەن كۆيدۈرسەممۇ ھېسىياتىم قېچىپ كىتىدۇ،يولۋاس بۇنى سىزىپ قالسا كارۋاتتىن تىپىپ چۈشۈرۋېتىدۇ.مېنىڭ مەخپى ئەڭگۈشتەرىم شۇ پورتىمال ئىچىدىكى ئا كوجاڭنىڭ چۈشكەن يالغۇز كىشلىك رەسىمى. بۇ رەسىمنى مەن كوجاڭنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ بارغاندا سوراپ ئېلىۋالغان،باشقىلار مېنى تەخسىكەشلىكنى ۋايىغا يەتكۈزدۈڭ دىيىشتى، ئەمىلىيەتتە ئۇلار مېنىڭ رەسىمنى نىمىگە ئىشلىتىشىمنى چۈشەنمەيدۇ، بۇ رەسىمنىڭ ماڭغا بولغان رولى بەكلا چوڭ، كارۋاتتىكى ئىشلاردا ھىسىياتىمنى كونتۇرول قىلغۇچ بولۇپلا قالماستىن،كۆپ ئېچىۋالغاندا قۇستۇرۇش كاتالىز رولىنى ئوينايدۇ.بەزەندە رەھبەرلەر بىلەن ھاراق ئىچكەندە رەھبەرلەر ئىچىپ تېخى تەڭشەلمىگەن، مېنىڭ قۇلاقلىرىم مىدىرلاپ كەتكەندە قەتئى نىيەتكە كىلىپ پورتىمالنى سېلىپ ئوبىرنىغا يۈگۈرەيمەن، ئىشىكتى تاقاپ رەسىمنى ئېچىپ ھېسىپ دەك ئاغزىغا قاراپ فىرانسوسچە بىرنى سۈيۈپ قويمەندە ئەتىگەن ئىچكەن چايدىن تارتىپ ھەممىنى قۇسۇپ چىقىرۋېتىمەن.
ئەمما زولفىرە نى كۆرگەن ۋاقىدىن بېرى بۇ مەخپى ئەڭگۈشتەرنى ئىشلىتىش قېتىم سانى جىقلاپ كەتتى، بۇنى بايقىغان يولۋاس مېنىڭ بۇ يولداشقا نىسبەتەن باشقىچىراق ھىسىياتتا بولۇپ يۇرگىنىمنى گۇمانلاپ يۈردى، چۈشەندۈرەي دەپ تەمشىلسەم قۇلىنى شىلتىپ«ھىچقىسى يوق، رەسىمدىكى ئايال بولمىسىلا بولدى، ئىشقىلىپ ئۆيۈمنى بۇزىۋەتمىسە مەن بۇنىڭغا چىدايمەن» كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ دىمەمدا~~~ۋاي قانداق قىلاي،چۈشەندۈرۈشكىمۇ ئېرىندىم.
بۇ يىل بەكلا تىز ئۆتۈپ كەتتى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يىل ئاخىرى بولۇپ قاپتۇ. مەن زۇلفېرە بىلەن بىللە ئىشلىگىلىمۇ بىريىلدىن ئېشىپتۇ، ئىككىمىز بەكلا ماسلىشىدىغان بولۇپ كەتتۇق. ئىچىمىزدىكى ھەرقانداق گەپلەرنى ئوزئارا دىيىشىىز، خۇددى مەن ئۇنىڭ ئاكىسىدەك، ئۇ ئۆز سىڭلىمدەك. ئەمما ئۇنىڭ قولى، بىلىكى، چاچلىرى ئىختىيارسىز ماڭغا تىگىپ كەتكەندە بۇ چاقماقتەك قىسقا مۇددەت تىگىشىش يۈرەك تارىلىرىمنى تىتىرتېۋېتىدۇ. چىرايىمدا چاندۇرمىساممۇ ئىكچى دۇنيارىم بۇ سەۋەبىدىن ئاللىقاچان ۋولقانلىق دەريا بولۇپ كەتكەن. شۇنداق ۋاقىتلاردا ئوغۇرلۇقچە ئۇنىڭغا قاراپ قويمەن ،قارسام ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولمىغانداكلا،ھەي......بولدى ئۆزەمنى تۇتىۋالاي، گەرچە ئۆيدىكى يۆلۋاس مېنى ياراتمىسىمۇ،نىمە دىگەن بىلەن ئون نەچچە يىل ئوي تۇتتۇق،گەرچە ماڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىسىمۇ،يەنىلا مېنىڭ تۈنجى سۆيۈشكەن،تۇنجى مۇھەببىتىم تۇنجى ھېسىياتىم. بۇ ئۆمۈرۈمدە،پەقەت شۇنىڭ بىلەنلا مۇھەببەتلىشىپتىمەن،شۇنىڭ بىلەنلا ھەپىلىشىپ كەپتىمەن،يەنە ئون نەچچە يىل چىدىۋەتسەم پېنسىيەگە چىقىمەن،ئۇ چاغدا بېشىمدىكى،ئىشتان ئىچىدىكى تۈكلەر ئاقىرىپ كەتكەندە، يەنە نىمە خىيال ئۇ، ھەي، زۇلفېرە،سىز مېنىڭ دۇنيارىمغا مەنسۈپ ئەمەس.....
تورمۇشۇمنىڭ مۇشۇ خىلدا خاتىرجەم ئۆتۈپ كىتىدۇ دەپ يۈرگەنتىم،ئەمما تەقدىر بۇنداق خاتىرجەم ئۆتۈشۈمگە يول قويمىدى.
يىل ئاخىر بولغاندا ھەر تۈرلۈك خۇلاسە يىغىنلىرى كۆپلەپ كىتىدۇ. بۇ يىلقى خۇلاسە يىغىننىڭ ئاساسى تېمىسى «يىغىن سانىنى ۋە ۋاقتىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىش».يىغىن دائىرسى بىزنىڭ بۆلۈم،يىغىن ئېچىلىش ئورنى ئىدارە بېقىندىكى «كۆكلە رېستۇرانى، ئالغا ئايرىمخانىسى.» بۇ رېستۇران ئۈرۈمچىدىكى باشقا رېستۇراللارغا سېلىشتۇرغاندا ھېچ ئالاھىدىلىگى يوق، ئىسمى بەك ماس كەلگەن خالاس، ئا كوجاڭ بۇ ئىشلارغا بەك دىققەت قىلدۇ. ئىدارىلەردىكى بۇ خىلدىكى زىياپەتلەر ئاساسى جەھەتتىن ئوخشىش، ھاراق تۇتماق،رەھبەرلەرنىڭ ياكى ئايال يولداشلارنىڭ ھارىقىنى ئىچىپ بېرىش، ھاراققا زورلاش، تەخسىكەشلىك قىلىش، سېرىق يۇمۇرلار،ئۈستەل ئاستىدىكى يۇشۇرۇن سوزۇلۇپ يۇرگەن قوللار ۋاھاكازالار. ئاخىردا باشلىقنىڭ ئىشتىياقىغا ئاساسەن نktv ناخشا توۋلاش، ھور مۇنچا ۋە باشقىلار دىگەندەك بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئۇرۇنلاشتۇرۇلدۇ.ئەمما تاماقتىن كېيىنكى بۇ پائالىيەتلەر ھەممە ئەزالارنىڭ قاتنىشىشى ناتايىن، بۇ خىل پائالىيەتلەر ئادەتتىكى چۈشۈنۈشلەرگە ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن بەدەن ئۇۋلاپ قۇيۇشنى دىسەك،باشتا باشقىلار باشلىقنىڭ بەدىنىنى ئوۋلاپ قۇيسا، ئاخىرغا كەلگەندە باشلىق باشقىلارنى ئۇۋلاپ قۇيدۇ دىگەندەك، بۇلارنى بىردىن بىردىن سۆزلەپ يۇرمەيلى، كۆپچىلىك ئاساسى روھىنى چۈشەنسەكلا خالاس.
يېقىندا بۇلۈمدىكى ھەرقايسى باشلىقلار زۇلفېرەگە بولغان ھېسىياتى ئەڭ دەسلەپكى ئالتۇن تېپىۋالغاندەك ئامراق ھېسىياتىدىن ھازىرقى «يىسە تىكىنى بار،تاشلىۋەتسە گۆشى بار» دىگەندەك ھىسىياتقا كىلىپ قالدى.ئەمما ئا كوجاڭ بۇنداق ئويلىمايدۇ«مۇشۇنداق بۇلسا يىگەننىڭ تەمى بۇلدۇ،كاپلا قىلىپ بىر يۇتۇمدا يۇتىۋەتسەك نىمە تەمى بولدۇ،تىرىك قىينايمىز بۇ بېلىقنى»دەيتتى بىزگە ئۇنىڭ زولفېرەگە ئېلىپ بارغان ھەركىتى باشقىلارغا قارغاندا تېخىمۇ يۇشۇرۇن ۋە تېخنىكىلىك. بىر مەزگىللەردە،بىرقانچە رەھبەرلەرنىڭ كەينى - كەينىدىن قوللىرىنى تېڭىۋالغانلىغىنى بايقىدىم،ئەلىۋەتتە بۇ زۇلفېرەنىڭ ئۇلارغا بەرگەن يالدامىسى!تېخې توپ تەپكەندە يىقىلدىم دىيىشىدۇ نۇمۇس قىلىشماي. قاچان تەنھەركەت بىلەن شۇغۇللۇنۇپ باققان بۇ ھاراملىقلار،كارۋاتتىكى تەنھەركەتتىمۇ ئاياللارنىڭ ئۈستىدە بۇلۇشنى خالايدۇ بۇ شاپاقچىلار. توپ تىپەلەمىش تېخى،100 كېلۇغا يېقىن بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن 160 كىلىدىغان بۇيى بىلەن؟ بېشىنى تۈۋەن قىلىپ قارسىمۇ ئۇزىنىڭ بۇرادىرىنى كۆرەلمەيدۇ بۇ بەدەن ئىسكەتى بىلەن، بۇرادىرى تىرىشىپ - تىرمىشىپ تۇرۋالسىمۇ كۆرەلمەيدۇ،قورسىقى يۇغان بولغانكىن توسىۋالدۇدە.
تاماق جەريانىدا ئا مۇدىر ناھايىتى خوشال كۆرۈنەتتى،سېرىق يۇمۇرلارنى كەينى-كەينىدىن سۆزلەپ كەتتى، ھەمدە بىز بۇرۇن ئاڭلىمىغان يېڭى يۇمۇرلاردە بۇ. ئۇ بۇرۇنمۇ سېرىق يۇمۇر سوزلەرشكە بەكلا ئىشتىياقى بار، ئەمما بىر نەچچە ئاي كونا يۇمۇرىنى قايتا - قايتا سۆزلەۋېرەتتى.مەسىلەن : تېپىپ بېقىڭلار...قاتتىق، بىر بېشىدا تۈك بار،يەنە بىر بېشىدا يۇق،ئۇ نىمە؟ كۆپچىلىك بۇرۇنقىدەك غەيرى كۈلۈشۈپ تاپالمىغانلىغىنى بىلدۈرۈشىدۇ. ئۇ بۇ ھالنى كۆرۈپ بولىشىغا كۈلۈپ،ئالاھىتەن بىر ئايال يولداشنى بۇ تېپىشماقنى تېپىشقا دەۋەت قىلدۇ، گەرچە ئايال يولداش بۇ تېپىشماقنى تولا ئاڭلاپ قۇلاقلىرغا قېلىن قاداقلار چىقىپ كەتسىمۇ، ئا كوجاڭغا ماسلىشىپ يۈزلىرىنى قىزارتىپ،نايناقشىپ تۇرۇپ«بەك ئەسكى كەنسىز باشلىق»دەيتتى، بۇنى ئاڭلىغان ئا كوجاڭ دەھشەتلىك كۈلۈپ،بەدەنلىرىدىكى بولجۇڭ گوشلىرى تەڭ تىتىرەپ،ئەمبەل گە تاشلاپ قويغان بىر پارچە لەختە گوشكە ئوخشاپ قالاتتى. كۈلۈپ بۇلغاندىن كېيىن تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى دەپ «ۋا خا خا خا، سەنلەرنىڭ ئىدىيەرىڭلەر بەكلا بۇزۇقكەن،نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭلار، بۇ دىگەن چىش چوتكىسى ئەمەسمۇ!»بىزمۇ دەرھاللا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كۈلۈشۈپ كىتىمىز.
بۇ قېتىم ئۇنىڭ سېرىق يۇمىرى رەڭدار،يېڭى،بىزنى كۈلدۈرمەكتىن سىرت سېرىق مەزمۇنلىرى يوشۇرۇن،كۈلۈپ بولۇپ قۇلاق تۈۋىگىچە قىزىرىپ كەتتۇق، ئۇنىڭ بۇ سەۋىيەسىنىڭ بۇنداق تېزدىن ئۈسۈپ ئىلگىرلىگىنىگە ھەيران قېلىپ يۈرگىنىمدە،مۇئاۋىن كوجاڭ قۇلاق تۈۋۈمدە پىچىرلاپ سەۋەبىنى دەپ بەردى.«ئالىم بۇرۇنقى ئاشنىسىنى تاشلىۋەتتى، بۇرۇنقى سېرىق يۇمۇرلارنى ئالىمغا شۇ ئاشنىسى تەمىنلەپ بېرەتتى، ئۇنىڭ كەسىپ ساپاسى تۈۋەن، بۇ تۈردىكى بىلىمىنى داۋاملىق تولۇقلىماي،خىزمەتتىن بۇشۇتۇش تۇرغانلا گەپ » ئا كوجاڭ ھەقىقەتەن باشقىچىكەن،ئاشنىسىنىڭ مەتولىغىنى سېزىپ دەرھاللا تاشلىۋېتىپتۇ.«ھە، 8 شەرەپ.8 نۇمۇس نىڭ روھىنى ياخشى ئىگەللەپ بۇ ئىشلىرىنى تاشلاپدۇ دە»دىدىم مەن.«نەدىكىنى، كوجاڭ ھازىر ئاشنا تۇتماي پاھىشە بىلەنلا ھەپىلىشىدۇ،چىقىمنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ،كۆپ تەرەپتىن تورمۇشقا سېڭىپ،تورمۇش كەچۈرمۈشلىرىنى كۆپەيتىش دەيدۇ.» «ئاناڭنى،جىنسى تورمۇش كەچۈرمىشلىرىنى كۆپەيتىشتۇ ھەقاچان»ئىچىمدە تىللىدىم مەن.
ئا مۇدىر خېلى ھازاغىچە مۇشۇنداق يېڭى-يېڭى يۇمۇرلارنى سۆزلەپ،ئاخىرى دەيدىغىنى قالماي ھېلىقى لاۋزا تېپىشمىقىنى سۆرەپ چىقتى. بۇ قېتىم ئۇ زولفېرەنى بۇ تېپىشماقنى تېپىشقا ئۈندىدى.زولفېرە بۈگۈن ئانچە خوشال ئەمەستەك كۆرۈندى.چۈشتىن كېيىنكى يېغىندا ئا كوجاڭ ئاچقۇچنى ئۇنىڭغا بېرىپ ئىشخانىسىدىن ماتىريال ئەكىلىشكە بۇيرىغان،قايتىپ كەلگەندە خېلى ياخشى ئىدى،يانفۇنىغا قىسقا ئۇچۇردىن بىرسى كەلگەن،شۇنى كۆرۈپلا چىرايى ئۆزگىرەپ كەتتى. ئا كوجاڭ ئەلىۋەتتە بۇ ئوزگۈرۈشلەرگە دىققەت قىلمىدى،كۆزلىرىنى قىسىپ زولفىرەگە قاراپ تۇرۇپ «دەڭە،دەڭە،تىز دەڭ،ئۇ نىمە؟»ياندىكىلەر بۇلۇشۇپ چوقان كۈتۈرۈشتى،زولفېرە تېنىچلىق تەلەپپۇزدا «چىش چوتكىسى»دەپ جاۋاب بەردى، ئا كوجاڭ ئاڭقىرالماي تۇرۇپ قالدىيۇ،دەرھاللا ئەسلىگە كىلىپ «تالانتلىق خىزمەتچى! 21-ئەسىردە نىمە ھەممىدىن قىممەت؟ تالانت ئىگىسى!»ئەتىراپتىكىلەر بايام خېلى جىددىلەشكەنتى،بۇ گىپىنى ئاڭلاپ يەنە بىر چاڭ كۈلۈشتى. ئا كوجاڭ بېشىنى پۇلاڭشىتىپ «يەنە بىرنى سوراي ئەمسە .بەدىنىڭىزدىكى نىمە نەرسە ئورنىڭىزدىن تۇرسىڭىز ئېتىلىدۇ،زوڭزۇيۇپ ئولتۇرسىىڭىز ئېچىلىدۇ؟ بۇنىمۇ تېپىۋالسىڭىز ئالدىمدىكى بۇ رومكا ھاراقنى قويماي ئىچىۋېتىمەن!»دىدى مۇدىر رومكىنى قۇلىغا تۇتىۋاپ. بۇنىمۇ دەۋەتمىسۇن دەپ خۇدۇك بۇلۇپ جوزا ئاستىدىن زولفېرەنى تازا تەپتىم،مەقسىدىمنى چۈشەندى بولغاي ،زولفېرە يۇزلىرىنى تەستە قىزارتىپ تۇرۇپ «ھەجەپ ئەسكى كەنسىز،تاپالمايمەن بۇنى»دىدى ئارانلا...ھا ھا ھا ھا ھا ھا ،ئا كوجاڭ كۈلۈپ بۇلۇپ ئوھ تارتىۋاتتىغۇ ئۇزۇنلا. باياملا جۇملاڭما چۇققىسىغا مېڭىپ چىققاندەك، دولەتنىڭ پۇتۈن ئۈمىد قۇرۇلۇشىنى ئوزى بىر قوللۇق قىلىۋەتكەندەك خوشال ئىدى «ئۈستىڭىزدىكى كىيمىڭىزغۇ! نەلەرگە ئويلاپ كەتتىڭىز سىز،دەڭە، نىمىلەرنى ئويلىدىڭىز؟ دىمىسىڭىز ئالدىڭىزدىكى بىر رۇمكا ھاراقنى ئىچىۋېتىسىز!»سورۇن ئىچى يەنە بىرچاڭ قىيا - چىيا، زولفېرە نۇرغۇنلىغان سالالار ئارىسىدا ئارانلا ئېچىۋېتتى.
زولفېرەنىڭ بۇگۈن ھەقىقەتەن باشقىچە ئىكەنلىگىنى سەزدىم.
ئادەتتە ھاراق ئىچكەندە زۇلفېرە نازلىنىپ كۈلۈپ تۇرۇپ ئون رومكنىڭ ئىچىدە بىرنى ئىچسە چوڭ گەپ. ئەمما بۈگۈن كەچ ئۇ ھېچقايسىنى ياندۇرمىدى،تەڭلەنگەن رۇمكىلرنىڭ ھەممىنى ئىچىۋەتتى.ئا كوجاڭ بەكلا خوشال بولۇپ كەتتى، بۇ قىزنىڭ بۈگۈن شۇنچە يۇز قىلغىنىدىن مەمنۇن بولۇپ، بۇ يولداشنىڭ ئادەم بولۇش پەزىلىتى ياخشىكەن،تەربىلەشكە ئەرزىيدىكەن دەپ ئويلىدى. ئىدارىلەردە بىر ھەقىقەت مەۋجۈت ئۇ بولسىمۇ ھاراق ئىچىش ئىقتىدارى ئادەم بولۇش پەزىلىتى دىگەنلىك، بىزنىڭ باشلىقلارغا نىسپەتەن تېىخىمۇ شۇنداق، چۇنكى ئۇلارنىڭ ھاراق ئىقدىدارىدىن باشقا ماختىنىپ تۇرغىدەك باشقا پەزىلىتى يوق، پەزىلەت دىگەن بۇ سۆزگە ئۇلار ئەسلا مۇناسىپ ئەمەس، شۇڭا پەقەت ۋە پەقەت ھاراق ئىچىش ئىقدىدارىنى ئىقدىساس ئىگىلىرىنى بەلگىلەشنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋالغان، ئەلۋەتتە ئوزلىرىنىڭ ھاراق ئىچىش ئىقدىدارى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ سورۇن تاللايدۇ، ئۆزلىرىدىن دەرىجىسى يۇقىرى رەھبەرلەرنىڭ ئالدىدا تالىشىپ يۈرۈپ ئىچىدۇ،بىز بىلەن بولغان سورۇنلاردا كۆڭۈل ھالىتىگە ئاساسەن ئىچىدۇ. زولفېرە ئازراق ئىچىپ قويغۇچىلىغى بار بولسىمۇ، بۈگۈنكىدەك ئىچكىلى تۇرسا ھېلىللا مەس بولۇپ قېلىش تۇرغانلا گەپ. زولفېرە دەلدەڭشىپ ئورنىدىن دەس توردىدە : «باشلىق مەن ئاۋال مېڭىپ تۇراي»دىدى غاراڭ-غۇروڭ ئاۋازدا. دەرھاللا 4،5 كىشى تىزدىن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ«مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي،مېنىڭ ماشىنامغا ئولتۇرۇپ قايتىڭ»دىيىشتى. زولفېرە كۈلۈپ تۇرۇپ:
«بولدى قىلۋېلىڭلار،دولقۇنكام ئاپىرىپ قويسۇن مېنى»دەپ ھەممسىنى رەت قىلدى.ئا مۇدىر جوزىغا بىر شاپىلاق ئۇرۇپ:
«بولىدۇ،دولقۇن ئاپىرىپ قۇيسۇن،ئۇ سىز بىلەن ياخشى ئاچا-سېڭىل،ئۇ سىزنى ئاپىرىپ قويسا مەن خاتىرجەم».
«ئاچا -سېڭىل مۇ بۇنىسى ئېنىق ئەمەس، خاتىرجەم بولۇشىمىز ئېنىق»دىدى مۇئاۋىن كوجاڭ قوشۇق سېلىپ. نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشىمنى بىلمەي ،كۈلگۈنۈمچە بېرىپ زۇلفېرەنى يۆلىدىم. رەت قلىشقا ئۇچۇرغان يەنە بىر مۇئاۋېن كوجاڭمۇ گەپ قۇشۇپ:
«شۇ شۇ،دولقۇن، يىتىشمىسەڭ قانداقلا ياردەم لازىم بۇلسا تېلفۇن قىل،تەييار بىز ھە.......ۋەەەەەەەەەتتتتتتتتتتتتتتت »، چىشىم غۇجۇرلاپ كەتتى،لېكىن گەپ قايتۇرالمىدىم،ئۇنىڭ ئاتا بوۋىسىدىن تارتىپ ئۇرۇق ئەۋلادىنى بىر قۇردىن ئەسلەپ تېللاپ بولۇپ ،ئاكاڭ نوچى،ياردەمگە لازىم ئەمەس،ئىشەنمىسەڭلار ئاچاڭ،كىچىڭ ئاپاڭ دىگەنلەرنى چاقىرىپ كەل،خوشال قىلىپ يۇلغا سالمەن دىدىم ئىچىمدە ، كۈلۈپ تۇرۇپ ئاغزىمدا «سېلىنى تەۋرەتكىلى بولامدۇ~~~~~~ باشلىق»دىگىنىمچە زولفېرەنى يۈلەپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. بۇ گەپنى دىگەن باشلىقنىڭ يېنىدىن ئوتكەندە زولفېرە بېشى چۈشۈپ ،ئاغزى ئېچىلىپ،بىر تۈركۆم ئەبچەش ھەزىم بولمىغان يىمەكلىكلەرنى 52 گىرادۇسلۇق ھاراقنىڭ سۇيۇقلىغى بىلەن قوشۇپ ئۈستى بېشىغا قۇسۇۋەتتى. ئىڭەكلىرىدىن ئېقىپ پاچاقلىرىغا چۈشتى.
«ۋا خا خا خا خا،تېز،تېزدىن بۇنى يۈلەپ ئەكەت» دەپ ۋاقىردى ئا مۇدىر جاراڭلىك كۈلكە ئاۋازى بىلەن. دەرھال يۈلەشتۈرۈپ ئالغا ئايرىمخانىسىدىن يېنېپ چىقتۇق، قۇسۇق ئىچكەن باشلىق ھاڭ - تاڭ بىلەن ئولتۇراپ قالدى جايىدا.،خې خې، ئۇ باشلىق ئارزۇ قىلغاندەك بۇ گۈزەل بىلەن يېقىنلىشۋالدى، يېقىنلىشىپ گۈزەل قۇرسىقىغا نەچچە پارچە شا ياۋالغانلىغىنىمۇ سانىۋالدى..تويە،لاۋزا!
رېستۇراندىن چىققاندا يەنە بىر قېتىم قۇسىۋەتتى،دۇمبىسىنى ئۇرۇپ بۇلۇپ،تاكسى چاقىرتاي دىسەم زولفېرە مېنى توسىۋالدى «دولقۇنكا،توختاڭ،مەن ئىشخانىغا بىر بارمىسام بولمايدۇ، ماتىريال ئالغان چاغدا ئاچقۇچومنى كوجاڭنىڭ ئىشخانىسىدا ئۇنتۇپ قاپتىمەن».ئاستا يۇلەشتۈرۈپ ئىدارە تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق،دەرۋازىنى ئېچىپ لېفىتكە كىردۇق.بۇ كىچىك ئۇرۇندا ئۇ ماڭغا چىڭ يۆلۈنىۋالدى،كۆزى يېرىم يۇمۇق،يۈزى ھاراق نىڭ ھارارىتى بىلەن قىپ قىزىل بۇلۇپ كەتكەن،كالپۈكلىرى يېرىم ئوچۇق،پاقىراق ئاپپاق پىشانىسىدا ئىچ ئېلىشىش دەردىدىن ئانچە - مۇنچە قۇرۇق بەيدا بوپقاپتۇ،كۆزىدە بايام قۇسقان ۋاقتىدا چىققان كىچىككىنە بىر تامچە ياش، ياخشى يۆلەلمىگەنلىگىمدىن ئۇنىڭ كېيمى سەل قالايماقانلىشىپ كەتكەن،شۇ تاپتا ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىن كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان گۈزەللىك چىقىپ تۇرۇپتۇ، شۇ تاپنىڭ ئۇزىدىلا باسقۇنچىلىق قېلىش نېيىتى پەيدا قىلىدۇ ئادەمنىڭ خىيالىغا. ھىم، ھېلىمۇ مېنى ئاپىرىپ قويۇشقا ئەۋەتىپتۇ، باشقا شاپاقچىلارغا تۇتقۇزۇپ قويسا نىمە ئىشلار بۇلۇپ كېتەر.مەن ئەزەلدىنلا خىيالىمدا يېڭىلىقلارنى ياراتقان ناشايان ئىشلارنى ئويلاپ يۈرمەن، ھەقىقى قىل دىسە مەن ئەھلى ئەمەس. زولفېرە مېنىڭ بۇ ئەبجەش خىياللىرىمدىن بىخەۋەر بولغاچقا خاتىرجەم ھالدا بەدەن ئېغىرلىغىنى بىلىگىمگە يۆلىۋالدى. قولۇم كەينى - كەينىدىن مەيدىسىنىڭ ئىلاستىگىلىگى ۋە ھارارىتىنى سېزىپ تۇردى.قارغاندا ئۇ ماڭغا ھەقىقەتەن ئىشىنىدىكەن، يۈزۈم قىزىرىپ كەتتى، خىجىللىقتىنمۇ ياكى ئۇنىڭ ھارارىتىنمۇ بۇنىسى ئېنىق ئەمەس.
بۇ قىز ماڭغا ئىشىنىپ، شۇ سورۇندىكى 15،16 ئادەمنىڭ ئىچىدىن ئالاھىتەن مېنى تاللاپ ئاپىرىپ قويۇش تەلىپىنى دىگەندىكىن،يەنە مۇشۇنداق ئەسكى خىياللارنى قىلسام خەلىق ئاممىسىغا يۈز كېلەلمىگۈدەكمەن.چىشىمنى چىشلەپ،شالۋاقلىرىمنى يىغىپ،سەل تۈزلەپ يۆلىۋالدىم، بۇنداق قىلغاندا قولۇم ھوشۇمنى ئۇجۇقتۇرۋەتكەن مىنا رايۇندىن 1000 mm يىراقلىدى.نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇنى ساق سالامەت ئا كوجاڭنىڭ ئىشخانىسىغا ئېلىپ كەلدىم. كىرگەندىن كېيىن، ئۇ مۇدىر ئىشخانىسىنىڭ ئاچقۇچىنى ماڭغا بېرىپ « بۇ مۇشۇ ئىشخاننىڭ ئاچقۇچى،ئەتە ئۇنىڭغا بېرىپ قويسىڭىز،مەن ئەتە سەل كىچىكىپ كىلىشىم مۇمكىن،ئىشىغا دەخىل بولۇپ قالمىسۇن يەنە» دىگىنىچە سومكىسىنى كىرىسلوۋغا تاشلاپ، دەلدەڭشىپ ئىشخاننىڭ ئىچىدىكى ياتاق ئويگە كىرىپ كەتتى، مەن ئاستا كىرىسلوۋدا ئولتۇرۇپ ئەتىراپقا نەزەر سالدىم.ئاناڭنى،ئىشخانا دىگەن مۇشۇنداق بولسا ھە،ئىشخاندىكى ئۆي جازىلار ھەممىسى ئىتالىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك كىرگۈزۈلگەن ماللار،قارماققا ئاددى كۆرۈنسىمۇ ئەمما سۈپىتى ئالامەت.مۇدىرنىڭ ئىشخانىسى بىزنىكىگە ئوخشىمايدۇ،ھوجۇرلۇق بىر ئېغىز كىچىك ئۆيى بار، كىچىك ئويدە يۇيۇنغىلى بۇلدىغان تازلىق خانىسى بار تېخى. مۇدىر دەرىجىلىك كادىرلار ھەممىسى مۇشۇنۇڭدەك ئىشخانا، باشلىقلارنىڭ بىمالال دىجۇرنىلىق قىلىشكە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈنكەن. ھەق،ھەق، ياخشى دەم ئېلىش بولمىسا خىزمەتنى ئوبدان قىلغىلى بولمايدۇ شۇ، كىم دىگەن ئىدى بۇ ھېكىمەتلىك سوزنى،ئۇنتۇپ قاپتىمەن. مۇشۇنداق تاقا -تۇقا خىيال قىلىپ يۈرگىنىمدە زولفېرە ئىچىدە تۇرۇپ چاقىردى «دولقۇلكا~~~~ بۇ يەرگە كىرىڭە»!
ئاۋاز سەل كىچىك، جەزىملەشتۈرمەنكى مېنى چاقىرۋاتىدۇ.....