بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> فىزىكا >> ئۇلترا ئۆتكۈزۈش دۇنياسىنىڭ سىرى

ئۇلترا ئۆتكۈزۈش دۇنياسىنىڭ سىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-22 18:12:47    كۆرۈلۈش سانى : 92  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى ئۇزىتىش جەريانىدا، ئۆتكۈزگۈچ سىم قارشىلىقى تۈپەيلىدىن ئىسسىقلىق ئېففېكتى ھاسىل بولۇپ، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى بىكاردىن - بىكار سەرپ بولىدۇ، يەنە ماشىنا - ئۈسكۈنىلەرگە زىيان يېتىدۇ، ئالىملار بۇنىڭ ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ، قارشىلىقى ناھايىتى كىچىك، ھەتتا نۆل بولغان ئۆتكۈزگۈچ ئارقىلىق ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى ئۇزىتىش ھەققىدە ئامالىنىڭ بارىچە ئىزدىنىپ كەلدى. ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئەمگىكى ئارقىلىق ئەزەلدىن كىرىپ باقمىغان تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ئاجايىپ دۇنياغا قەدەم تاشلىغاندا،1911  - يىلى ئالىملار 4.2k ئەتراپىدا سىمابنىڭ قارشىلىقىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان، مانا بۇ ئادەتتە ئېيتىلىۋاتقان ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچانلىق (ئالاھىدە ئۆتكۈزۈشچانلىق) ھادىسىسىدىن ئىبارەت. بۇ چاغدا سىماب يېڭى بىر خىل ھالەتكە ئۆتۈپ، قارشىلىقى نۆل بولىدۇ، ئالاھىدە توك ئۆتكۈزۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بۇنداق ماددا ھالىتىنى ئالىملار ئۇلترا ئۆتكۈزۈش (ئالاھىدە ئۆتكۈزۈش) ھالىتى دەپ ئاتىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچانلىقنى تەتقىق قىلىشنىڭ تۇنجى بېتى ئېچىلدى. ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچانلىق ھادىسىسىدىن ئىبارەت بۇ بىر ئۇلۇغ بايقاش كىشىلەرنىڭ ماددىي دۇنيادىكى ئۇلترا توك ئۆتكۈزۈشچانلىقتا ساقلىنىپ ياتقان ئەڭ سىرلىق گۆھەرنى قېزىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۇلترا توك ئۆتكۈزۈشچانلىققا ئىگە ماددا ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچنىڭ قارشىلىقى توساتتىن نۆلگە ئايلىنىش تېمپېراتۇرىسى ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچانلىق كرىتىك تېمپېراتۇرىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىرغا قەدەر28  خىل ئېلېمېنت، نەچچە مىڭ خىل قېتىشما ۋە بىرىكمىلەرنىڭ ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ئىكەنلىكى بايقالدى. ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ئۇلترا ئۆتكۈزۈش ھالىتىگە كىرگەندە، ئۇنىڭ ئىچكى قارشىلىقى نۆل بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭدىكى ماگنىت مەيدانىمۇ نۆل بولۇپ، دىئاماگنىتلىق (ماگنىتقا تاقابىلچانلىق) نى ئىپادىلەيدۇ. ئەمدى قىزىقارلىق بىر تەجرىبىگە قاراپ باقايلى: ئۈچ تال مىس پۇتلۇق بىر قوغۇشۇن قاچىنى سۇيۇق ھالەتتىكى گېلىيغا چۆكتۈرگەندە، بۇ چاغدىكى تېمپېراتۇرا 4k بولسا، قوغۇشۇن ئۇلترا ئۆتكۈزۈش ھالىتىگە كىرىدۇ، تۇراقلىق ماگنىت تاياقچىنى قوغۇشۇن قاچىنىڭ سىرتقى يۈزىگە يېقىنلاشتۇرغاندا، ماگنىت تاياقچە قاچىنىڭ ئۈستىدە لەيلەشتىن ئىبارەت غەلىتە ھادىسە يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى قوغۇشۇن قاچىنىڭ تولۇق دىئاماگنىتلىق خۇسۇسىيىتىنىڭ يېتەرلىك چوڭلۇقتىكى ئىتتىرىش كۈچى ھاسىل قىلىپ، ماگنىت تاياقچە ئۇچرىغان ئېغىرلىق كۈچىنى تەڭپۇڭ قىلغانلىقىدا. ئۇزاقتىن بۇيان، كىشىلەر ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلەرنىڭ پەقەت تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق سۇيۇق ھالەتتىكى گېلىي رايونى (4kئەتراپى) دا ئىشلەيدىغانلىقىنى بايقىدى، بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئۈسكۈنىلىرى ۋە تېخنىكا لازىم بولىدۇ، راسخوتى يۇقىرى ھەم قۇلاي ئەمەس، شۇ سەۋەبتىن ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلەرنىڭ قوللىنىلىشى چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلدى.60  - يىللاردىن باشلاپ، كىشىلەر ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچانلىق كرىتىك تېمپېراتۇرىسىنى سۇيۇق ھالەتتىكى ئازوت تېمپېراتۇرا رايونى (77k) دىن يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۇسۇلى ھەققىدە ئۇدا ئىزدەنمەكتە. مانا بۇ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچانلىقنى تەتقىق قىلىشتۇر.1986  - يىلى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچانلىق تەتقىقاتى بۆسۈش خاراكتېرلىك تەرەققىياتقا ئېرىشكەچكە، ئالىملار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نۇرغۇن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ماددىلارنى بايقىدى. ھازىر يۇقىرى تېمپۇراتۇرىلىق ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچنىڭ كرىتىك تېمپېراتۇرىسى K130 ئەتراپىغا يېتىپ، ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ سۇيۇق ھالەتتىكى گېلىينىڭ سايىسىدىن چىقىرىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچانلىقتا يوشۇرۇنۇپ ياتقان گۆھەرنى كولاپ چىقىرىشى ئۈچۈن كەڭ ئىستىقبال يارىتىلدى. ھازىر ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچانلىقنىڭ قوللىنىلىشى نۇرغۇن مۇھىم ساھەلەرگە بۆسۈپ كىردى، مەسىلەن، ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچان ماگنىت، ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچان تېزلەتكۈچ، ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچان ئېلېكتر ماتور قاتارلىقلار. ئەمما، ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچانلىقنى كەڭ قوللىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن توسالغۇلارنى يېڭىش كېرەك. ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچانلىق دۇنياسىنىڭ سىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېچىشنى كۈتمەكتە. ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچانلىق مۇتەخەسسىسى مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئادەتتىكى تېمپېراتۇرا مەسىلەن، 300k ئەتراپىدا ئۇلترا توك ئۆتكۈزۈشچانلىق ھادىسىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولسا، ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ بارلىق تېخنىكىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ.» ئالىملار ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچانلىق دۇنياسىدىكى ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىياللار ھەققىدە ئىزدىنىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچانلىقنىڭ تېخنىكىدا قوللىنىلىشىنى تەتقىق قىلماقتا. شۇنى ئالدىن پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچانلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى، ئالاقىلىشىش، كومپيۇتېر (ھېسابلاش ماشىنىسى)، تېببىي داۋالاش ۋە قاتناش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەتكە بەخت ئېلىپ كەلگۈسى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئۇلترا ئۆتكۈزۈش دۇ...
●  كۈچنىڭ سىرى ھەققىد...
●  يورۇقلۇق تېزلىكىدى...
●  يادرو ئېنېرگىيىسى
●  گالىلېينىڭ چوڭ كېم...
●  يۇقىرى سۈرئەتلىك د...
●  ياشلىق باھارى بۇلى...
●  ماسسىنىڭ خورىشى ۋە ...
●  ئاساس بولمىغان ئاس...
●  رادىي
●  «زەمبىرەك»
●  «قارا بۇلۇت»
●  X نۇرىنىڭ بايقىلىشى
●  ئاتوم دۇنياسىغا كى...
●  لازېر نۇرى
●  ئىنفرا قىزىل نۇر
●  كۆزەينەك ھەققىدىكى...
●  مىكروسكوپ
●  تېلېسكوپ ۋە لىنزا
●  ئالاھىدە ئادەم ئىز...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئۇلترا ئۆتكۈزۈش دۇنياسى...
●  كۈچنىڭ سىرى ھەققىدە ئىز...
●  يورۇقلۇق تېزلىكىدىن ئېش...
●  يادرو ئېنېرگىيىسى
●  گالىلېينىڭ چوڭ كېمىسى ۋ...
●  يۇقىرى سۈرئەتلىك دۇنيان...
●  ياشلىق باھارى بۇلىقى ۋە ...
●  ماسسىنىڭ خورىشى ۋە ئاتو...
●  ئاساس بولمىغان ئاساسىي ...
●  رادىي

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى